ئىنگىلاند بىرلەشمىسى ھازىرقى زامان پۇتبولچىلىقىدىكى مۇتلەق 1- بىرلەشمە ، 1- دەرجىلىك توپچىلار ، تېرنىر ۋە 1- دەرجىلىك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى بولغان غايەت زور جەلىپ قىلىش كۈچىگە ئىگە بولغان بىرلەشمىدۇر. لېكىن بىز ئىنگلاند دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئوسال ئەھۋلغا چۈشۈپ قالغان ۋاقىتتا .كاللىمىزغا < ئىنگىلاند بىرلەشمىسى> زادى كىمنىڭ بىرلەشمىسى دىگەن سۇئال كالىسىدىن كەچتى ...

بۇ قېتىملىق ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى 8 كۈچلۈك چەك ئايرىمىسىدا ، ئىنگىلاند بىرلەشمىسى مۇتلەق ئۈچ ئورۇننى ئىگەللەپ ، پەقەت ۋە پەقەت دۇنيانى سوراۋاتقان ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەنئەنۋى ئىككى كوماندا بارسىلونا ، خان جەمەتى مادىرىد ئىگەللىدى بارسىلونا ۋە خانلىق مادىرىد كوماندىسى ئىسپانىيە بىرلەشمىسنىڭ گۈللەنگەن بىرلەشمە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بىرەلمىدى .. چۈنكى باشقا ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى كوماندىلارنىڭ ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى بىرلەشمىسى ۋە باشقا بىرلەشمىلەردىكى نەتىجىسى كۆزگە كۆرنەرلىك بولمىدى ...
بىز پەقەتلا كوماندىلارنى ئۆزىمىزدىكى تەسەۋۇرۇمىزدىكى دەرىجە بويىچە ئانالىز قىلساق ، شۇنداقلا تېخىمۇ ئىچكىرلىگەن ھالدا ئانالىز قىلساق ئىنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ ھەقەتەن كۈچلۈك ئىكەنكىنى بايقىيالايمىز ... ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق لوڭقسى بۇ قېتىملىق چەك تارتىشىنىڭ پىرىنسىپى بولسا كولۇب مەستانىلىرى ئەڭ كۆپ بولغان كوماندىلارنى تېخمۇ يىراق مەنزىلگە يىتىشكە كاپەلەتلىك قىلىدۇرۇش . بىرلەشمىدىكى كوماندىلارنىڭ ئەھۋالىغا قارايدىغان بولساق ئىنگىلاند بىرلەشمىسى بىلەن ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ مەستانىلرى ئەڭ كۆپ ... ( ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى مەستانىلەرنىڭ كۆپ بولۇشى دۆلىتىمىزنىڭ تارقىتىش ھۇقۇقى بىر قەدەر بۇرۇن بولغاچقا ئىتالىيە كولۇب مەستانىلىرى دۆلىتىمىزدە بىر قەدەر كۆپتۇر ) بارسىلونا ، خانلىق مادىرىد ، مانچىستىر بىرلەشمىسنىڭ مەستانىلىرى دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇننى ئىگەنلەيدىكەن ... يىقىنقى زاماندىن بويان ئىنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونلۇق بىرلەشمسىدىكى ئىپاىدىسى دۇنيانىمۇ ھەيران قالدۇرماقتا ... شۇنداقلا بۇ ئۈچ كوماندىنىڭ مۇسابىقىلىرىنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى بەك يۇقىرى بولغان ...
بىرلەشمە يادىروسى
ھەممەيلەنگە ئايان بىر بىرلەشمىنىڭ ساغلام تەرەققى قىلىشى ۋە كۈچلۈك بولۇشىنىڭ ئاساسى تەلىۋى بولسا شۇ بىرلەشمىدىكى ئەڭ كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ يۇقرى دەرجىدى ئىپادىسىنىڭ ئىپادىلىنپ چىقىشى ، ئىنگىلاند بىرلەشمىسى بولسا دەل مانا مۇشۇنداق بىرلەشمىدۇر ...تارىختىن بويان ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى كۈچلۈك كوماندىلار بولسا مانچىستىر بىرلەشمىسى ۋە لىۋىرپول كولۇبى ، ئەڭ يۇقرى پەللىسىدىكى كوماندا ئارسىنال كوماندىسى ، ۋە يىڭدىن زەردارلارغا خىرىس قىلىۋاتقان چېلسى كولۇبى ، ۋە ھازىر ئۈزلۈكىسز تەرەققى قىپ ئەنئەنىۋى كوماندىلارنى قىيىن كۈنگە قويۋاتقان توتىنخام ۋە مانچىستىر شەھەر كوماندىسى ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى ھەر قانداق بىر كوماندا بىرلەشمىدىن ئاتلىسا ياۋرۇپادىكى ئىزچىل كۈچلۈك كوماندىلارنىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ ياۋرۇپاغا تەسىر كۆرسەتمەكتە ، بۇ بولسا ئىنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ كۈچلۈك جەلىبكارلىقىنى ئاشۇرماىتا ...
ۋاھەلنكى يۇقارقىلارنىڭ ھەممىنى ئىنگىلاند بىرلەشمىسى كەلتۈرۈپ چىقاردى... ئىنگىلاند بىرلەشمىسى دۇنيادىكى بىرنىجى كۈچلۈك كوماندا بولۇش سۈپىتى بىلەن دۇنيانىڭ ھەر قانداق بۇلۇڭ پۇچقاقلىرىدا ئۆزىنىڭ مەستانىلىرى بار ، مەيلى شىمالى لوندوندىكى سادىق مەستانىلەر بولسۇن ياكى تىنىچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرىنىڭ كوچىلىرىدكى ئايىغى يوق يالىڭاچ بالا مەستانىلەر بولسۇن . ۋە ياكى بىزگە ئوخشاش كىچىنى كىچە دىمەي دەرسىنى دەرىس دىمەي مۇسابىقە كۆرۈدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى بولسۇن ھەممىسى ئىنگىلاند بىرلەشمىنىڭ مۇسابىقىسىنى شۇنچە سۆيۈپ كۆرىدۇ ...
بىز ئىنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ مەيلى مەستانىلىرىنى سانىغا قارايدىغان بولساق ياكى كوماندىلارنىڭ كۈچىنى سېلىشتۇردىغان بولساق ۋە ياكى تەرەققى قىلىش ئەھۋالىنى كۈزىتىدىغان بولساق بۇنىڭ ھەممىسى ئىنگىلاند بىرلەشمىسى مۇتلەق ئۈستۈلۈكنى ئىگەنلىدى ... بىز شۇنى قۇبۇل قىلىشىمىز كىرەككى مەيلى سىز چېلسىنىڭ مەستانىسى بولۇڭ ياكى مادىرىد بارسانىڭ مەستانىسى بولۇڭ ئىنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ كۈچلۈكلىكىنى ئىتىراپ قىلماي تۇرالمايسىز ... تەسەۋۇر قىلدىغان بولساق ئىلگىرى شۇنداق ئارقىدا قالغان بىرلەشمىنىڭ ھازىر نىمە ئۈچۈن دۇنيادىكى بىرىنجى دەرجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە بولالايدۇ ...

ئالدى بىلەن ماكىرولۇق نۇقتىسىدىن تەھلىل قىلساق ، ياۋرۇپادىكى 4 چوڭ بىرلەشمىنىڭ باشقۇرۇش ئۇسلۇبىنى سېلىشتۇرساق ، ھەر بىر بىرلەشمە ئوخشىمايدىغان باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىگە ئىگە ، مەسىلەن :ئىتالىيە بىرلەشمىسى بولسا پۇتۇنلەي ئائىلە- جەمەت شەكىلىدىكى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ، مەسىلەن : ئېنتىر كوماندىسىنىڭ موراتى جەمەتى ، مىلان كوماندىسى بولسا بېلرۇسكىنى جەمەتى ، يۇۋۇنتۇس بولسا فىياتې گوروھى ھۆكمىرانلىقى . گىرمانىيە بىرلەشمىسى بولسا پۈتۈنلەي ھازىرقى زامان شىركەتلىرىنىڭ پايدا مەنپەتى تۈزۈلمىسى ، ( دىمەكچى بولغىنىم ، شۇ شىركەتلەرنىڭ پايدىسىغا قاراپ سېتىش سېتىۋىلش ئىشلىرى يۈرگىزىلىدۇ ) مەسىلەن بايرىن مىيۇنخېن كولۇبى ئۆزىنىڭ يىڭى مەيدانىنى ئۆزىنىڭ ئايلانما پۇلى بىلەن ئالغان ئۆسۈملۈك قەرىزنى قايتۇرۇپ ئومۇمىي ئوبروتنىڭ ئايلىنىشى كوماندىنىڭ ئىقتىسادى مەنبەسى بولغان . ..ئىسپانىيە بىرلەشمىسى بولسا ئەنئەنىۋى ئەزالىق باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ، مادىرىدنىڭ سامان يولى 1 ۋە سامان يولى 2 نى قۇرغانىغا ئوخشاش .... ( دىمەكچى چۈشۈپ كەتكەن رەيىس قايتا چىقانغا ئوخشاش ) ... بىراق ئىنگىلاند بىرلەشمىسى بولسا پۇتۈنلەي ھازىرقى زامان خەلقارالىق پايچىك تۈزىمىدىكى باشقۇرلۇش تۈزىمىگە ئىگە بولغان بىرلەشمە .. بۇ بىرلەشمىنىڭ مەبىلىغى بولسا ئاساسەن تاشقى دۆلەتلەرنىڭ سالغان مەبىلىدىن كەلگەچكە .. نۇرغۇن كۈچلۈك كوماندىلارنى خەلقارىلىق چوڭ شىركەتلەر سېتىۋالدى ... مەسىلەن مانچىستىر بىرلەشمىسى ، ئارسىنال ، چېلسى ، لىۋىرپول ، مانچىسىتىر شەھەر كوماندىلىرى . بۇ خىل مەبلەغ بىۋاستە كوماندىنىڭ كولۇبنىڭ باشقۇرۇش ئۇسلۇبىغا تەسىر كۆرسەتكەن ،
ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە پۈتۈنلەي كولۇب ئىگىسىنىڭ دىگىنى ھىساب ، كوماندىغا ئالىدىغان ئادەمنىمۇ كولۇبنىڭ ئىگىسى بىۋاستە قارار قىلالايدۇ ... شۇنداقلا كوماندىنىڭ سەپ شەكلىگىمۇ ئارلىشىدۇ . مەسىلەن بىلېۇسكىنى ئەنچىلودىنى 4 ئوتترا مەيدان سېپى قىلىسەن دەپ مەجبۇرلىغانغا ئوخشاش ۋە موراتىنىڭ مورىنىخوغا بالاتولىنى مەيدانغا چۈشۈرۈش بېسىمىنى ئشلەتكەنگە ئوخشاش . ئىسپانىيە بىرلەشمىسننىڭ ئەزالىق تۈزۈلمىسى بولسا ھەتىدىن زىيادە بوش بولۇپ كوماندىنىڭ رەيىسىنىڭ دىگىنى ھىساب بولسىمۇ لېكىن سودا ئوبروتىنىڭ ئايلىنىشى بۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ مەسىلىسى ھىسابلىنىدۇ ..
گىرمانىيە بىرلەشمىسى بولسا ھەتىدىن زىيادە شىركەتلەشكەن بىرلەشمە بولۇب ... كولۇب مەبلىغىنىڭ يىتىشمەسلىكىنى كەلتۈرۈب چىقىېرىدۇ ، شۇڭلاشقا شىركەتنىڭ پايدىسى ۋە زىيىنى توپچىلارنى ئېلىپ سېتىشقا تەسىر كۆرسەتكەچكە ، گىرمانىيە بىرلەشمىسىدە نامى چىقىۋاتقان پۇتبولچىلار شىركەت ئۈچۈن ئادەمنى ساتىدۇ شۇڭا ھازىر گىرمانىيە بىرلەشمىسىدە داڭلىق پۇتبولچىلارنىڭ چىقماسلىقى شۇنىڭ سەۋەبىدىندۇر ، بىراق ئىنگىلاند بىرلەشمىسى بولسا پۈتۈنلەي كاپىتاللاشقان بولغاچقا كولۇبنى يىتەرلىك مەبلەغ بىلەن تەمىلىيەلەيدۇ ... شۇنىڭ بىلەن بىرگە باش تېرنىر بازارنى باشقۇرۇدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرگە كوماندا تېرنىردا ceo ئالاھىدىلىكى بولغاچقا بازاردا ئۆزىنىڭ رولىنى ئەركىن جارى قىلدۇرالايدۇ ... شۇنداقلا ئۆزىنىڭ سەپ شەكلىگە ئۆزى ئىھتىياجلىق بولغان ھالەتكە ئەركىن ھالەتتە كەلتۈرەلەيدۇ ...

كەلگۈندىلەرنىڭ ھاكىمىيتى
ھاكىمىيەت جەھەتتە ئىنگىلاند بىرلەشىمىسىنى بۇرۇندىن تارتىپلا چەتئەللىكنىڭ دۇنياسى دەپ ئاتايدۇ ، ئەمىلىيەتتە سىرتىن قارايدىغان بولساق شۇنداق مۇكەممەل بىرلەشمە لېكىن ئىچىدە بولسا غايەت زور ئۆڭكۈر بولۇپ ، ئىنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ باشلىرى پۈتۈنلەي چەتئەللىك ئونسۇرلار
بولۇبمۇ چېلسى كولۇبىنىڭ باشلىقى ئابلاشىموۋىچ ، ۋە مانچىستىر شەھەر كوماندىسىنىڭ باشلىقى ئارفاشىم ، 2003- يىلى روسىيە نىفىت سودىگىرى ئابلاشىموۋىچ چېلسى كولۇبىنى سېتىۋالدى .. 2008 – يىلى ئەرەپ بىرلەشمە خەلپىلىكىنىڭ شاھزادىسى مانچىسىتىر شەھەر كولۇبىنى سېتىۋالدى شۇنىڭ بىلەن ئىنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ بازار كۈچىنى مونۇپۇل قېلىپ ئۆزىنىڭ يامانلىقىنى كۆرسىتىپ قويدى ئۇلار ئۆز كوماندىسنىڭ سەپ شەكلى ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ پۇل سەرىپ قېلىپ ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى بازارنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇپ ، ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدە پۇل پاخالىىقنى كەلتۇرۇپ چىقاردى ... ... شۇنداق كىسىپ ئېيتالايمىز ئابلاشىموۋىچ دۇنيا پۇتبولچىلىقىغا بۆسۈپ كىرىپ پۇلنىڭ سانىغا قارىماي چېلسىنى چىمپىيون قېلىشقا كۈچىدى .. لېكىن ئۇنىڭ بەدىلىگە ئالدىنقى يىلى كوماندا رەيىسى زور ئىقتىسادى بورانغا ئۇچرىغاندا ئىنگىلاند كولۇبلىرىدەك پۇتۈن چەتئەللىكلەرنىڭ قولىدىكى كولۇبلار بولسا ئاستا ئاستا ۋەيران بولۇشقا باشلىدى ... دىمەك ئوغلانكام دىگەندەك ئالىدىغاننى ئېلىپ ئاخىرىدا كۈدە كۆرپىسىنى يۈدۈپ كەتسە بىر مۇنەۋەر كولۇب ۋەيران بولىدۇ ...دىگەن ئۇقۇم ھەقىقەتەندە ھازىر ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدە زور بىر مەسىلىنىڭ بارلىقىنى ئاشكارلاپ بەردى ... مەسىلەن مانچىستىر شەھەر كولۇبى ... بۇ يىلقى لىۋىرپول كولۇبى ، قاتارلىقلار مىسال بولالايدۇ ... شۇنىڭ بىلەن ئارفاشىم كەلگەندىن كىيىن ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدە غايەت زور دولقۇن كۆتۈرلۈپ پۇل دىگەننىڭ ئەتىۋارى قالمىغىدەك دەرجىدە باھادە ئادەم سېتىۋالدى ..
ئابلاشىموۋىچ ۋە ئارفاشىمنىڭ يۇقارقى ھەركەتلىرى بولسا ... سېبىريە رايونىدىكى نىفىت شىركىتى يوكىس شىركىتى بىلەن بىرلىشىشدىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار غايىسىدىن ۋاز كىچىپ چېلسى كولۇبىنى ؛ئېلىشى بولسا < سىياسەتكە ئارلاشماي ، لاتارىيەنىڭ ھۇزۇرۇنى سۈرۈش > شۇنداقلا ئارفاشىمنىڭ مانچىسىتىر شەھەرنى ئ.ېلىشى بولسا ئەرەپ بىررلەشمە خەلپىلىكىنىڭ پايتەختى بولغان ئابۇزابى شەھرىنىڭ جەلىپكارلىقىنى ، سىز بىز ئويلاپمۇ يىتەمەيدىغان دۇبەي شەرىگە تەڭ قىلىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئاشكارلىدى ، چۈنكى دۇنيادىكى بىرىنجى بىرلەشمىنىڭ چىمپىيونى ۋە ياۋرۇپا لوڭقىسىنى ئالغاندىن كىيىن ئارفاشىمنىڭ ئويلىغان مەقسىتىگە كۈنسايىن يىقانلاشقانلىقىنى ھىس قىلىسىز ... بۇنىڭ قېلىۋاتقان ئىشىنىڭ سەۋەبى دەل مۇشۇ ... ئىككى چوڭ يولۋاسنىڭ ئويلىغىنى دەل مۇشۇ بولسا كىرەك ...
ئامرىكىلىقلانىڭ ئۆتكۈر كاللىسى
سوا ئوبروتى ۋە پۇل خەجلەشكە ئۇستا ئەرەپ روس بايلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئامرىكىلق كولۇب باشلىقلىرىنىڭ كاللىسى دەششەت ئىشلىگەن ، ئۇلارنىڭ بۇ ئىككەيلەنگە ئوخشاش يۇقىرى تەلىۋى يوق ، ئۇلار لاتارىيە ئويناش ئۈچۈن ياكى ئۆزىنىڭ شەرىنى تۇنۇتۇش ئۈچۈن ئەمەس ، پەقەتلا پۇل تېپىش ئۈچۈن ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بولسا پۇتبول پەقەتلا بىر سودا ، ئامرىكا ۋاسكىتبول بىرلەشمىسىنىڭ ناھايتى چوڭ غەلبە قىلىشى بۇ ئامرىكىلىقلارنىڭ كاللىسىنى دەشەت ئىشلىتىشكە مەجبۇر قىلدى دۆلەت ئىچىدىكى پۇتبولى تەسىر كۈچىنىڭ ئارقىدا قېلىش سەۋەبىدىن ئۇلار پەقەتلا ئۆزىنىڭ سوا ئوبىكتىنى دۇنيادىكى ئەڭ ئىستىقباللىق ئىنگىلاند بىرلەشمىسىگە تاشلىدى ..

ھازىرقى ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى 5 كوماندىنىڭ باشلىقى ئامرىكىلىق بولۇپ ، گىېراف جەمەتى قولىدىكى مانچىسىتىر بىرلەشمىسى ، جوخان ھىنرىنىڭ لىۋىرپول كوماندىسى كىراكنىڭ ئارسىنال كولۇبى سەينانىڭ ئاستۇنۋىللا كوماندىسى ۋە شوتنىڭ ساندىرلان كوماندىسى ، ئامرىكىلىقلار شۇنچە جىق كولۇبىنى ئىگەلىۋالغان بولسىمۇ لېكىن ئۇلارغا ئۇنچە كۆپ مەبلەغ سالمىدى ، ئۇلار بولسا ئارقا ئارقىدىن كۈرۈش پۇلى ۋە بىلەت باھاسىنى ھەدەپ ئۆستۈرۈپ ئاردىدن كۆپ پۇل تېپىشنى ئۆزىگە مەقسەت قىلدى ... ( ئاتۇشلۇقكەن بۇ خەق ) .. مانچىسىتىر بىرلەشمىسى گىراف جەمەتىنىڭ قولىغا ئۆتكەندىن كىيىن بولسا ئالغان ئادەم ئاز ساتقىنى جىق ، شۇنداقلا مەيداننىڭ بىلەت باھاسىنى ھارغۇچە ئۆستۈرۈپ مانچىسىتېر بىرلەشمىسىنى ئۆزىنىڭ سودا قۇرالىغا ئايلاندۇرۇپ مانچىستىر مەستانىلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى ، مەيدانلاردا لوزۇنكىلارنى ئېسىپ قارشىلىق بىلدۇردى ... مانچىستىرنىڭ باشلىقى 500 مىلىيون فوتىسرلىڭلىق زايوم تارقاتقاندىن كىيىن كالىتون مەشىق مەيدانى ۋە تىرافورد مەيداننى داۋاملىق سېتىۋىتىش خەۋپى بولماقتا ...ئاخىرىدا ئەنگىلىيە قۇياش گىزىتى گىراف جەمەتىنى توختىاي تېرنىر بىلەن توپچىلارغا خوشامەت قىلىشتىن باشقىنى بىلمەيدۇ دەپ ئەيىبلىدى ... بۇ ئىش ھەمىمىزنى گاڭگىرتىپ قويدى ، ھەمىدىن مانچىسىتىر مەستانىلىرىنىڭ ئاچخغىنى كەلتۈرۈپ قويدى ... لېكىن ئۇنىمۇ ئىتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز ، ئامىرىكا خوجايىنى مانچىستىر كوماندىسىنىڭ نەتىجىسىنى تۆۋەنلەتكىنى يوق ئەكىسچە ناھايىتى ياخشى قەدەم بىلەن ئىلگىرلىمەكتە .. باشقا پۇتبول كوماندىلىرىغا ئامىرىكىلىق خوجايىنلار يىڭىچە بولغان باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنىڭ شۇنداقلا نەتىجىسىنىڭ تېخى سىناق باسقۇچتا ئىكەنلىكى ۋە ھازىرلا ئۇنىڭ نەتىجىسىنى چىقىرىشنىڭ بالدۇرلۇق قىلدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى ...
خۇلاسە
يۇقاردا دىمەكچى بولغىنىم ئىنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ ئەمىلىي ھالىتى ھەققىدە ئازىراق ماتىريال تېپىپ ئازىراق ئۆزۈمنىڭ ھىس تۇيغۇسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ مۇنبەرگە يوللىدىم ... بىلىمىمنىڭ ئېغىر كەمتۈكلىكى تۈپەيلى تىمامىنى ئۇنچە بەك ياخشى چىقىرالمىدىم ... لېكىن ھەممەيلەننىڭ ئورتاق مۇلاھىزە قىلىشىغا ئەرزىيدۇ دەپ قاراپ يازدىم شۇڭا مۇنبەر ئۇستىلىرىمىزنىڭ تەلىمىگە تەشنامەن ...
( مۇنبەر مۇكاپاتلىق ئەسەر تىمىسى ) |