elan orni : 13999092457elan roni : 13999092457
كۆرۈش: 3553|ئىنكاس: 27

315 مىنۇت . باردىس * رىئال مادىرىد *

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                   

     ئەسىر جىڭىدىن بۇرۇنقى '' ئىغىز ئۇرۇشى '' دىگەن تىمدىن ، بارسىلۇنا ۋارىتارى باردېسنىڭ دىگەن سۆزىنى كۆرۈپ ،بارسىلۇنا ‹‹ دەرۋازىسى ›› نىڭ ئەڭ ئاخىرقى قىتىم مادرىت توپچىلىرى تەرپىدىن ‹‹ چېكىلگەن ›› ۋاقتىنى ئەسلەپ قالدىم .08/09 - مۇسابىقە پەسلى ، ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 34 - ئايلانمىسىدا  مادرىت ساھىپخان ھالەتتە ، بارسىلۇنانى بوناۋۇ توپ مەيدانىدا كۈتىۋالغان .  ( 235 - قىتىملىق دۆلەت دىربىيسى )  مۇسابىقە داۋاملىشىپ 55 مىنۇت 40 سىكۇنت ئۆتكەن ۋاقىتتا ، رامۇس چەكلەنگەن رايۇننىڭ سىرتىدىكى جازا توپنى چىقارغان روبىننىڭ توپىنى باردېس قاراپ تۇرغان ۋارىتارغا كىرگۈزۈپ ، شۇ ۋاقىتتىكى نەتىجىنى ‹‹ ئۈچ  ››  كە قارشى ‹‹ ئىككى ›› گە ئۆزگەرىتكەن ئىدى . ئىككى پەسىل ئۆتۈپ كەتتى . شۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ‹‹ قۇبۇل قىلالمىغۇدەك ›› نەتىجە بىزنىڭ ئېسىمىزدە مەڭگۈ ساقلىنىپ قالغىنىغا ئوخشاش ، رامۇسنىڭ بارسىلۇنا ۋارىتارىغا ئۈسسۈپ كىرگۈزگەن توپى بىزنىڭ بۈگۈنگىچە  ئەڭ ئاخىرقى قىتىملىق بارسىلۇنا دەرۋازىسىنى ‹‹ قېقىش ›› مىز بولۇپ ، ئېسىمىزدە قالدى . 
  ----------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------
  يەنە بەش  سائەتتىن كىيىن 239 - قىتىملىق ‹‹ دۆلەت دىربىيسى ›› ئوينالماقچى  . مادىرىت ساھىپخان ھالەتتە بارسىلۇنانى كۈتۋالدۇ  . بارسىلۇنانىڭ دىربىيدا تەخمىنەن 317 مىنۇتتەك ‹‹ خاتىرجەم ›› تۇرغان ۋارىتارى باردېس يەنە مۇتلەق ئاساسى ئەزا . شۇ قىتىملىق مۇسابىقىگە شاھىت بولغۇچىلاردىن بارسىلۇنا تەرەپتە ئانچە كۆپ ئۆزگىرىش يوق . ئەڭ كۆرىنەرلىكى ئىككى مۇسابىقە پەسلى ئالدىدىكى بارسىلۇنانىڭ  ئۈنۈملۈك بولغان  ‹‹ ئۈچ قىلىچۋازى ››  ‹‹ ھىنرى - مىسسى - ئىيتۇ ›› گۇرۇپپىسى ‹‹ پىدىرۇ - مىسسى - ۋىللا ›› گۇرۇپپىسىغا  غا ئۆزگەردى . مادىرىت تەرەپتىن ئۆزگىرىش كۆپرەك . ھىگۇايىن ، رامۇس ، كاسىيالاستىن باشقا لاس ھازىر ئۇ چاغدىكىدەك  مۇقىم ئەزا ئەمەس . گاگۇنىڭ  ئاساسلىق سەپ شەكلى بىلەن خوشلاشقىنىغىمۇ خېلى زامان بولدى . كەچتىكى مۇسابىقە باشلىنىش پۈشتىكىنىڭ چېلىنىشى ، بۇ  ‹‹ بىر تاغدا پىتىشالمايدىغان  ئىككى يولۋاس ›› نىڭ مەستانلەرگە  ‹‹ تاق يىلدىكى ئەڭ كۆپ كىلاسسىكۇ›› نى ئاتا قىلغانلىقىنىڭ  باشلىنىش سىگىنالى !
                                                                  كىم ئاخىرغىچە كۈلەلەيدۇ ؟
 ھەر ئىككىلا تەرەپ تېرنىرنى چىقىرۋىتىپ تۇرۇپ بۇ مۇسابىقىنى ئويلاشقاندا ،  مادرىتنىڭ  مۇسابىقىدىكى ئەڭ پايدىلىق تەرپى مېنىڭچە ئەزالارنىڭ ئوتتۇچە يېشى بىلەن بوناۋۇ  . لىكىن ياۋرۇپا بويىچە  ‹‹ ئىككىنچى كىچىك ياشتىكلەر ›› كوماندىسنىڭ  ياش - تەجىربىسىزلىك  تۈپەيلى كىلدىغان '' باش ئاغرىقى '' ئۇنىڭ ئەۋزەللىكىنى چۈشەپ قويۇشقا يىتىدۇ . ئۇنىڭ ئۈستىگە قارشى تەرەپنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كۈچلۈك مەزگىلى - ئۇلارنى ئۇتۇپ باقمىغىنىغا توپتۇغرا بەش مەيدان بولغان ،  باردىسنىڭ دۆلەت دىربىيسىدىكى ‹‹ رىكۇتى ›› نەچچە يۈز مىنۇتتىن ئىشىپ كەتكەن ...بۇ مادرىتتىكى بىشدىن  ''ئىسسىق - سوغۇق '' تېخى كۆپ ئۆتمىگەن ( توغرىسى دىربىي تەجىربىسى يوق )  ياشلار ئۈچۈن تەبىيلام  بىر ئىغىر بىسىم  .
  مادىرىت ئاساسى سەپ شەكلىدىكى ئەزالارغا قارايدىغان بولساق ، ۋارىتار كاسىيالاس ، بىك پىپى  بىلەن رامۇس ، مارسىلۇ ئارقا بەل ئالىنسۇدىن باشقا ھەممىسى بارسىلۇنا  ياكى ئىسپانىيە كوماندىسى  بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى ناھايتى ئاز بولغان ئەزالاردۇر . بىك كارۋالۆ چىلسىدىكى ۋاقتىدا بارسىلۇنا بىلەن ئۇچرىشىپ تۇراتتى . ئارقا بەل ھىدىرا  دۇنيا لوڭقىسىدا ئىسپان كوماندىسى بىلەن ئالدىنقى دىربىيدا بارسىلۇنا بىلەن ئۇچراشتى . ئۆزىل بۇنىڭ دىربىيدىسدىكى ئىپادىسى دۇنيا لوڭىقسىدا ئىسپان بىلەن ئۇچراشقان ھالەتتىكىدىنمۇ ناچار بولدى . دىمارىيا - بۇمۇ ئالدىنقى قىتىم  . رونالدۇ  - ھازىرغىچە بارسىلۇنا بىلەن كۆرۈشۈش قىتىم سانى بەش ، ئۇرغان توپى نۆل . ھەتتا ئىچىدە بىر نوقتا توپ بار .  بۇ مەيداندىكى بىسمى ئەڭ يوقرى  توپچى . ھۇجۇمچى ئادىبايۇر - بىن زىما  .بۇ ئىككىسنىڭ بارسا بىلەن بولغان تارىخىنى ئاختۇرمىساقمۇ بولدۇ . ( ھىگۇايىننىڭ ئالدىدا ) 
      بارسىلۇنانىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىدە ، توپ كونتىرىل قىلىش نىسبىتىنى قارشى  تەرەپنىڭ بىر ھەسسىسگە يىقىن  نىسبەتتە ساقلىشى ھازىر ھىچكىمگە  ئەجەپلىنەرلىك تۇيۇلمايدىغان بولدى  . مەن  بارسىلۇنانىڭ پوتبۇل پەلسەپىسىنى مۇنداق چۈشىنىمەن  ‹‹ مۇسابىقە باشلانغانغان بىرىنچى مىنۇتتىن  باشلاپ توختماي پاسلىشىش  -  مەيداننى كونتىرىل قىلىش  -  قارشى تەرەپنى مەجبۇرى ئۆز ئۇسلۇبىغا  دەسسىتىش ››  . ئەمىليەتتە مادرىت توپچىلىرنىڭ ھىچ قايسىسىنىڭ تىخنىكا سەۋىيەسى بارسا توپچىلىردىن تۆۋەن ئەمەس .  لىكىن بارسىلۇنا  توپچىلىردىكى ئومۇمى ئالاھىدىلىك  ‹‹ مۇداپىئە ئىڭى ›› نى  ھەممە مادىرىت توپچىلىردىن تىپىش سەل تەسىرەك  . نوكاپمۇ شاھى مىسسىدىن تارتىپ ئارقا بەل بوسكىسقىچە ھەممىسىنىڭ  توپ تارتقۇزۇپ قويغان ھامان ، قارشى تەرەپنىڭ  ‹‹ كىيىنكى قەدىمى  ›› گە توسقۇنلۇق قىلۋاتقانلىقىنى  كۆرگىلى بولىدۇ .  
بۈگۈن مۇرىنخۇ  يەنىلا بۇ پەسىلدىكى ئاساسلىق سەپ شەكلى  4231 نى ئىشلىتىشى مۇمكىن . ئۆزگەردى دىيىلسە  ئەڭ چوڭ ئۆزگىرىش مىنىڭچە ئارقا بەلدە كۆرۈلىدۇ . ئۈچ ئارقا بەلمۇ ياكى ئىككى ؟ ئۈچ ئارقا بەل بولسا لاس چىقىدۇ . ئۇنداقتا دىمارىيا بىلەن ئۆزىلنىڭ بىرسى ئارام ئالدۇ . ھۇجۇمغا بىنزىما چىقىشى كىيىنكى مەيدان ھىگۇايىن بىلەن ئالمىشىشى مۇمكىن  .
 بارسىلۇنا تەرەپتىن بۇگۈنكى ئەڭ يوچۇق كوماندا باشلىقى پۇيىلنىڭ ئورنىغا چۈشكەن ئەزادىن كۆرۈلۈشى مۇمكىن . 
 بۇ مەيدان مۇسابىقىدە تېرنىرنىڭ تاكتىكا ئورۇنلاشتۇرىشى بىزنىڭ پەرىزىمىزدىكىدىن خېلىلا يوقىرى بولۇشى ئىھتىمال ، مۇرىنخۇغا كەلسەك ئۇنىڭ ئوتتۇرا مەيدانغا ئادەم تاللىشى بۈگۈن مادرىتنىڭ غەلبە قىلىشىدىكى ئاچقۇچى . زادى كىم ئەڭ مۇۋاپىق  ؟ ئالدىنقى دىربىيدىكى ئىپادىسدىنى چىقىرۋەتكەندە بىر پەسىل بىزنى رازى قىلغان ئۆزىلمۇ ياكى تەجىربىلىك كاكامۇ ؟  گۇدىياۋلانىڭ ئالدىدا بىرلا سوئال بار ‹‹ كىم پۇيىلنىڭ يوقلىقىنى توقسەن مىنۇت چاندۇرمايدۇ ؟ ››  
                                                            ئەگەر  مەن بولغان بولسام .
 ئەگەر مەن بولغان بولسام ، بۈگۈن كاكانى ئاساسى ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چۈشۈرگەن بولاتتىم . لاس ۋە  ھىدىرانىڭ ‹‹ قوپال ›› لىقىدىن پايدىنلىپ خاۋى بىلەن مىسسىنىڭ ئوتتۇرسىدىكى ‹‹ راۋان ئالاقە ››  گە توسقۇنلۇق قىلغۇزغان ، بىنزىما ئارقىلىق پۇيىلنىڭ ئورنىغا چۈشكەن ''باسىلۇنالىق '' قا بىسىم چۈشۈرگۈزگەن ،  كاكانىڭ بۆسۈپ كىرىشىدىن پايدىلنىپ - ياندا ھەركەت قىلۋاتقان رونالدۇغا مەلۇم بوشلۇق ھازىرلاپ بەرگەن بولاتتىم . 
   ئالدىنقى قىتىملىق دىربىيدا گەرچە مىسسى  توپ ئۇرمىغان بولسىمۇ ، مۇۋاپىقىيەتلىك ھالدا بىك پىپى بىلەن كارۋالۆنى ئۆز '' قاپقىنىغا دەسسەتتى ''  . بۈگۈن مۇرىنخۇ كىمنى مىسسىنى قانداق چەكلەشنى ئويلاشتىكىن  ؟ مېنىڭچە مىسسىغا مۇقىم قىلىپ بىر ئادەمنى قويۇش ھاجەتسىز ، ھامىنى ھۆددىسىدىن چىقالىشى ناتايىن . ( ئوڭايلا جازالىنىپ مەيداندىن ھەيدىلىش مۇمكىن ) . شۇڭا مىسسى چەكلەنگەن رايۇنى سىزىقىنىڭ ئالدىغا پەيدا بولغاندىلا - ئۇنىڭ ئالدىغا بىرسىنى چىقىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ چەكلەنگەن رايۇننىڭ ئىچىگە بىسىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش كېرەك . ''بارسىلۇنانىڭ سەنئەتلىك پوتبۇلى ''  نىڭ ئازراق كەم  يىرى بار  - يىراقتىن  ئۇرۇلغان توپ   - كاللا توپ .ئۇلار  كۆپرەك چەكلەنگەن رايۇننىڭ ئىچىگىمۇ پاسلىشىپ ‹‹ كىرىش ›› كە ئادەتلەنگەن . شۇڭلاشقا چەكلەنگەن رايۇننىڭ سىرتىدا بارسا ھۇجۇمچىسى پەيدا بولغان ۋاقىتتا ، بىرىنچى بولۇپ ئالدىغا چىققىنى مادرىت بىكلىرى بولسىلا ، بارسانىڭ خالىغان ئوتتۇرا - ئالدى مەيدانى ئەزاسى بۇ بوشلۇقتىن پايدىلىنىپ كېتەلەيدۇ . ئالدىنقى دىربىيدا مىسسىنىڭ چۈشىكگە ئالدانغان پىپى بىلەن كارۋالۇنىڭ بوشلىقىدىن ئەڭ ئۈنۈملۈك پايدىلانغىنى پىدىرۇ بولغان ئىدى . . .
---------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------
  مۇنبەردىكى ئىنتىر مەستانىسى vieri نىڭ ئىنكاسى
  بارېسلونانى قانداق يېڭىش كېرەك ؟ مەنچە بۇنى دۇنيادا مورىنىئودىن ياخشىراق بىلىدىغان بىرسى يوق بولسا كېرەك. ئەمەلىيەتتە بارېسلونانى يېڭىش ئۈچۈن پەقەت 3 لا شەرتنى ھازىرلىسا كۇپايە :خاۋىنى يالغۇز قالدۇرۇش، پېكنى ھۇجۇم تەشكىللەشكە قاتناشتۇرماسلىق،سول قانات بوشلۇقنى تاقاش.....ئەمما بۇ 3 تەلەپنى ئورۇنداش باشقا كوماندىلار ئۈچۈن ئېيتقاندا ئىنتايىن تەس بىر ۋەزىپە.
   ئالدى بىلەن خاۋىينى يالغۇز قالدۇرۇش. خاۋىينى زامانىمىزدىكى ئەڭ ياخشى ئوتتۇرا مەيدان دېسەك ئارتۇق كەتمەس، ئۇنى شۇنچە تەڭداشسىز قىلغىنى ئۇنىڭ ئاجايىپ پاسلىشىش ماھارىتىلا بولۇپلا قالماستىن يەنە ئۇنىڭ مەيدانىغا 11 كېلومىتېر يۈگۈرەلەيدىغان ئورۇن يۈگۈرەشچانلىقى.خاۋىينى تاقمۇ-تاق تۇرۇپ مىخلىۋېتىش مۇمكىن ئەمەس،پەقەتلا خاۋىي توپ ئالغان ھامان ئالدى بەل  توپچى دەرھال ئاۋارىچىلىق سېلىپ ،قالغان توپچىلار پاس يولىنى توساپ ئۇنىڭ بىرىنچى دەقىقىدە ئەجەللىك پاس بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،كەينىگە ياكى يېنىغا پاس بېرىشقا مەجبۇرلىغاندىلا ئاندىن ئۇنىڭ رولىنى ئاجىزلاشتۇرغىلى بولىدۇ. بۇ خىل تاكتىكا مۇداپىئە تەرەپنىڭ ئالدى بەل توپچىسىغا نىسبەتەن تەلەپ ئىنتايىن يۇقىرى، چۈنكى ئۇ ھۇجۇمدا تەشكىللەش رولىنى ئۆتەپلا قالماستىن،مۇداپىئەدە ھەر ۋاقىت خاۋىينى بېقىپ مۇداپىئە قىلىشى لازىم.مۇرىنىئونىڭ بۇرۇنقى كوماندىلىرىدا لامپارد بىلەن سىيەندېر دەل مۇشۇنداق ھۇجۇمدىمۇ بار،مۇداپىئەدىمۇ قاتتىق توپچىلار،شۇڭا مۇرىنىئونىڭ بۇرۇنقى كوماندىلىرى بارېسلونا بىلەن مۇسابىقىلەشكەندە خاۋىيگە بولغان مۇداپىئە يامان ئەمەس بولۇپ كەلگەن. 
پېكنى ھۇجۇمغا قاتناشتۇرماسلىق.بارېسلونانىڭ 4-1-2-3 سەپ شەكلىدە پېك بىلەن بۇسكېتسنىڭ ئورنى بەك مۇھىم. ھۇجۇمدا پېك ئالدىغا سىلجىپ ھۇجۇم تەشكىللەشكە قاتنىشىپ سەپنى 3-2-2-3 گە ئايلاندۇرىدۇ،مۇداپىئەدە بولسا بۇسكېتىس كەينىگە قايتىپ سەپنى 5-2-3 گە ئالماشتۇرىدۇ.شۇڭا بارېسلونانىڭ ھۇجۇمىنى بۆشۈكتىلا ئۇجۇقتۇرۇش ئۈچۈن پېك بىلەن ئوتتۇرا مەيداننىڭ ئالاقىسىىنى ئۈزۈۋېتىش كېرەك.
    سول قانات مۇداپىئەسى. مېسسىنى جاھاندا كىم روبىرو تۇرۇپ توسىيالايدۇ ؟ جاۋابى ھېچكىم. مېسسىنى توسىغىلى بولامدۇ؟ ئەلۋەتتە بولىدۇ،مېسسىنىڭ ئالاھىدىلىكى شەخسىي تېخنىكىسى يۈكسەك ئۈستۈن،ئەمما بەدەن سۈپىتى ئادەتتىكىچە.شۇڭا مېسسىنى توسىغاندا سول بېك مەڭگۈ ئۇنىڭ بىلەن 2 مېتىر ئارىلىق قالدۇرۇش ، پۇرسەت 100% بولمىسا ھەرگىز پۇت چىقارماسلىق، ئارقىغا چېكىنگەچ ياردەم كۈتۈش كېرەك.يەنە بىر تەرەپتىن سول قانات ئوتتۇرا مەيدانمۇ ھەر ۋاقىت مېسسىنىڭ ئوتتۇرىغا كېسىپ كىرىشىدىن ئېھتيىات قىلغاچ ئورۇن ئىگىلەش،ئارىلىق ساقلاپ تۇرۇپ پۇرسەت كۈتۈش كېرەك. مېسسى ئىچىگە كېسىپ كىرگەن ھامان قىسىپ توساپ توپنى ئۈزىۋېلىش كېرەك.
-------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------
   قىسقىسى بۈگۈندىن باشلىنىدىغان  تۆت مەيدان ‹‹ئەسىر جېڭى ››  يۈرەكنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئىيتقاندا ‹‹ ھەر ئىككىلا كوماندا ئۈچۈن تىپىلغۇسىز پۇرسەت ››  بارسىلۇنا ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەڭ كۈچلۈك مەزگىلىدىكى مادىرىتقا ‹‹ قارا تارىخ ›› پۈتۈشنىڭ تازا پەيتى . مادىرىت ئۈچۈن ئون سەككىز كۈن ئىچىدە تۆت مەيدان '' دۆلەت دىربىيسى '' نىڭ  غەلبە قىممىتى بارسانىڭ ئۆزىنى ئۇدا بەش قىتىم يەڭگەندىكى قىممىتى بىلەن ئوپمۇ ئوخشاش . نىملا دىگەن بىلەن  بۈگۈنكى دىربىيدىن باشقا ئۈچ مەيدان دىربىيى يا مادىرىت يا بارسىلۇنا مەستانلىرنى ''ساراڭ '' قىلىشقا يىتىپ ئاشىدۇ . نىتىرال مەستانىلەر ئۈچۈن تىپىلغۇسىز ئەلۋەتتە ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-4-16 23:39:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە بولسا خاۋى بىلەن ئىنىستانى غەلبىلىك باقالىسا، مادىرىت غەلبە قىلالايدۇ،،،،
لېكىن،،،مادىرىت ئۈچۈن بۈگۈنكى غەلبە بەك مۇھىم،،،،قانداق بولمىسۇن قەتتي غەلبە قىلىشى كېرەك.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-4-16 23:39:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەھلىل  دىگەننى   قىپ  قۇيۇپسىلە  جۇمۇ   ما  تېماڭلىدا       

كاكانى   ئاساسلىق   ئەزا  قىلىپ  مەيدانغا  چىقىرىشىنى  ئۈمۈد  قىلىمەن  !!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-4-16 23:43:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن پۇيول مۇسابىقىگە چۈشىدۇ !!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-4-16 23:43:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس  راس........زۇكاندىتىپ قويىشى مۇمكىن ،لىكىن باسا مەستانىلىرى كۆرۈمەيدىيا ...يوشۇرۇن مىسسى مەستانىلىرىمۇ جوق....   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-4-16 23:44:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ يولداش لاس دىيالا چىقمامدىغاندۇ راس ...تىزىملىك كۆگەنلەر بولسا چىقارمامسىلەر ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-4-16 23:53:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاساسلىق چىقىدىغانلار  : Casillas; Ramos, Albiol, Carvalho, Arbeloa; Pepe, Xabi Alonso, Khedira; Cristiano, Di María y Benzema。
پىپىغا دىققەت قىلىڭلار !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-4-16 23:55:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لاسانو دىئالا چوڭ تىزلمىلكىتە يوق .... ئىككى ئارقا بەل ئشلتىشى مۇمكىن .. خاۋى بىلەن ئىنستانى بقۋالىغان ھامان بارسلونانىڭ ئوتتۇردىن بۆسۇپ كىرىش تاكتىكسى  ئىككى يان يول ۋە مسسى بىلەن ئارسدىكى  ئالاقە ئارقلىق ھۇجۇم قىلىشقا ئۆتىدۇ     بولۇپىمۇ ئارۋىس بىلەن مىسسى  تەرەپدىىكى ھۇجۇم ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-4-17 00:00:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈ ن  كاكانىڭ ئاساسى  ئەزا  بولشىنى بەك بەك ئۆمۈت  قىلىمەن جىما  مۇشىنى ئارزۇلىمىسام  ما «باۋيىنى» قىلمايتىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-4-17 00:01:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىغاندا مادرىد 3 ئارقا بەل ئىشلىتىدىغان ئوخشايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-4-17 00:05:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى قىزىلدە2011-04-16 23:53يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئاساسلىق چىقىدىغانلار  : Casillas; Ramos, Albiol, Carvalho, Arbeloa; Pepe, Xabi Alonso, Khedira; Cristiano, Di María y Benzema。
پىپىغا دىققەت قىلىڭلار !

ئالدىنقى قىتىم ئۇششۇق دىگەندەك بولۇپ قالامدۇ نىمە ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-4-17 00:08:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 10قەۋەتتىكى tagderemدە2011-04-17 00:05يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :

ئالدىنقى قىتىم ئۇششۇق دىگەندەك بولۇپ قالامدۇ نىمە ؟

قانداق ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-3-18 16:53

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش