ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 374 |
تۆھپىسى: سەر |
|
مۇنبەردىكى ھەر بىر كوماندا ئەزالىرىغا نىسبەتەن ئۆزى ياقتۇرىدىغان كۇلۇب، ئويناش ئۇسۇلى بولغان بولىدۇ، ھەر بىر كىشىنىڭ نەزىرىدە پۇتبول بىر ساھىبجامال لېكىن ئۇنىڭ ھەر بىر كىشىگە زوق ئاتا قىلىدىغان يېرى ئوخشىمايدۇ، مۇنداق بىر ئىنكاس مېنى مۇشۇ تېمىنى يېزىشقا مەجبۇر قىلدى :« بارسالونا پۇتبولىنى ياخشى كۆرمەيدىغان كىشى پۇتبولنى چۇشەنمەيدۇ » دېيىلدى، مەن بارسالونا ئويناش ئۇسۇلىنى ياختۇرمايمەن، مېنىڭ نەزىرىمدىكى ماڭا زوق ئاتا قىلالايدىغان پۇتبول - ئىتالىيىچە ئويناش.
پۇتبول - تاكتىكا بىلەن قاراملىق بىرلەشكەن ئويۇن بولغاچقا، ئۇنىڭ جەرىيانىدا خىلمۇ خىل ئۆزگىرىشلەر، ئويناش ئۇسۇللىرى بار، مىسالەن ئالايلۇق دائىم ئاڭلايدىغان ساپ ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىقلار ۋە ھەر بىر سەپنىڭ مۇسابىقە جەرىيانىدىكى ئۆزگىرىشى قاتارلىقلار، مۇشۇنداق بولغاچقا ھەر بىر كوماندا شۇ ئۆزى تۇرۇشلۇق بىرلەشمىنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۆزىگە خاس ئويناش ئۇسۇلىنى ھاسىل قىلدى، جۇملىدىن بارسالونامۇ شۇنىڭ ئىچىدە، كىيىنكى مەزگىللەردىكى ھەر بىر زەردار كۇلۇبنىڭ ئۆزىگە خاس ياراتقان ئويناش ئۇسۇللىرى بار بولدى، ئالايلۇق بارسالونا ئويناۋاتقان « توپ كونتىرول قىلىش» بىلەن مىلەن ئوينىغان « تۆت 10 - نومۇر» بولسۇن، مانچېستىر ئوينىغان « ئالۋاستىنىڭ ئىككى قانىتى » بولسۇن ياكى چېلسىنىڭ « ئەڭ ياخشى بەدەن سۇپەت » بولسۇن ھەممىسى شۇ كۇلۇب ياراتقان بىر خىل خاسلىقتۇر، ئوخشاش بىر ئويۇننىڭ ئوخىشىمىغان ئويناش ئۇسۇلىنىڭ بولىشىلا بۇ خىل پۇتبولدىن ئىبارەت تەنتەربىيە تۇرىنى باشقا تۇرلەردىن تېخىمۇ مول بولغان جەزبىدارلىققا ئىگە قىلدى.
دىمەك ھەر بىر مەستانىنىڭ قەلبىدە ئوخشىمىغان ئويناش ئۇسۇلىغا بولغان ھەۋەس ۋە قىززىقىش بار، مېنىڭدىمۇ ھەم شۇنداق مېنىڭ نەزىرىمدە گۈزەل پۇتبول - مۇداپىيە، مۇداپىيە ۋە ئەجەللىك ھۇجۇمدىن ئىبارەت.
مەن پۇتبولنى ياخشى كۆرىمەن، پۇتبول ھەم ماڭا نۇرغۇن پەلسىپىۋى تەربىيلەرگە ئىگە قىلدى، جۇملىدىن ئېيىتماقچى بولغان مۇداپىيە مۇداپىيە ۋە ئەجەللىك قايتۇرما ھۇجۇم ھەر بىر كىشى ھاياتىدا ئۆگىنىۋېلىشقا تىگىشلىك تاكتىكىدۇر، چۇنكى ھايات نۇرغۇن ئەگرى توقايلىقلارغا، يېڭى يېڭىلىقلارغا تولغان بولىدۇ، ھاياتتا كىشى تۇيۇقىسىز ئۆزىنى يوقىتىپ قويىدىغان، ئېغىر قىيىنچىلىققا دۇچار بولىدىغان كۇنلەر نۇرغۇن نۇرغۇن، ھالبۇكى كىشى مانا مۇشۇنداق كۇنلەردە - ئالدى بىلەن ئۆزىنى ساقلاپ قېلىپ، قايتىدىن تىرىشسا ئۆزگەرمەيدىغان رىئاللىق يوق، دىمەك بۇ ئىتالىيە پۇتبولچىلىقىدىكى ئالدى بىلەن مۇداپىيىنى چىڭ قىلىپ، ئۆزىنى چىڭ ساقلاپ، دۇشمەن بىخۇدلاشقاندا تۇيۇقسىز قىلىنغان بىر زەربە بىلەن نەقەدەر ئوخشاش ھە؟!
بىر تىپىك ئىتالىيە مەستانىسىغا نىسبەتەن ئېيىتقاندا - مۇداپىيە ئەڭ گۈزەل، مەن پۇتبولنىڭ مۇداپىيەسىنى ياخشى كۆرسەم، ھۇجۇم ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان بىرسى ماڭا سىز پۇتبولنى چۇشەنمەيسىز دېسە مەن قايىل بولمايمەن، مېنىڭچە : « بارسالونا پۇتبولچىلىقىنى ياختۇرمىغانلار پۇتبولنى چۇشەنمەيدىغانلار » دېسە بۇ پەقەت پۇتبول ئىدىيىسىنى باشقىلارغا مەجبۇرى تېڭىش، بۇنى ئېغىر تىل بىلەن ئېيىتقاندا ئىدىيە فاشىسىزىمى خالاس. |
|