ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 641 |
تۆھپىسى: سەر |
|
مەملىكەتلىك ياش ئۆسمۈرلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسى ياشلار بۆلىكى (17ياشتىن تۆۋەن) چېڭدۇ مۇسابىقە رايونى بۈگۈن بىكارچىلىق قىلىدىغان ئىش يوق مەكتەپتىكى بىر قانچە بالا بىلەن سائەت بىر يېرىمدىكى خاڭجۇ لۈ چېڭ بىلەن شاڭخەي پۇدوڭ نىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ كېلەيلى دەپ كۆرگىلى باردۇق .بۇ خاڭجۇ لۈچېڭنىڭ ئاجايىپ ئوينايدىكەن .پۈتۈن مەيدان شاڭخەينى بېسىپلا ئوينىدى ،لېكىن بۇ شاڭخەينىڭ ۋارتارى ئاجايىپ شاشكەن،كىرىش ئېھتىماللىقى ئاجايىپ يۇقىرى توپلارنىمۇ چىقىرىۋېتىپ ھەممىسىنىڭ قايىللىقىغا ئېرىشتى.نەتىجە 2:1بولۇپ خاڭجۇ يەڭدى .بۇلارنىڭ مۇسابىقىسى تۈگشىگە بىزنىڭ بالىلارمۇ كەپ بولغان ئىدى ،ئۇلار بەدەن قىزىتىشقا باشلىدى،بىز بېرىپ ناسىر تېرىنېر بىلەن كۆرۈشۈپ بولۇپ تۇرىشىمىزغا مۇسابىقە باشلاش پۇشتىكى چېلىندى.ئالدى بىلەن مەيدانغا چىققان ماھىرلار ۋارىتار بىلال ، خەمىت‹ كاپىتان›،ۋەلى ئوتتۇرا بېك ئوينىدى ،23 بەدەنلىك بالا ئوڭ بېك ،18 نۇمۇر سول بېك،ئالدىنى 10-نۇمۇرلۇق ئابدۇكېرىمجان بىلەن 9-نۇمۇرلۇق مىرئادىل ئوينىدى ئوتتۇرا مەيدان ئالدى كەينىنى،7 -نۇمۇر نەبى،8-نۇمۇر سەمەت،2-نۇمۇر ئارسلان،13نۇمۇر سابىت ئوينىدى ،بۈگۈن ئوتتۇرا بېك 5-نۇمۇرلۇق ئۆزبىك بالا 2سېرىق كارتا بولۇپ كېتىپ بىر مەيدان توختاپتۇ.ئۇنىڭ ئورنىنى كاپىتان خەمىت ئويناپ ئاجايىپ چىرايلىق ئوينىۋەتتى.لېكىن بۇ كاپىتان ئوتتۇرا مەيدان ئوينايدىكەندۇق.
كىشىنى يەنە بىر سۈيۈندۈردىغىنى بىزنىڭ بالىلار نىڭ كوماندىسى ئاساسىي جەھەتتىن ..... ئىكەن،بىر ياردەمچى تېرىنىر قازاق تېرېىنىر،5-نۇمۇرلۇق ئۆزبىك بالا ،يەنە بىر خەنزۇدىن زاپاس ئەزا بىرى قالغانلىرى ساپ ئۇيغۇر بالىلار ئىكەن.شۇنداق بولغاچقىمۇ
ئوڭ قولىنى كۆكسىگە قويۇپ "ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم " دەپ تېرىنىر،رېپىر ھەممىمىزگە ئېگىلىپ سالام بەردى. بىز مۇ " ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام " دەپ توۋلاپ جاۋاپ قايتۇردۇق.مۇسۇلمان كۈندە قىلىدىغان بەش ۋەزىپىنىمۇ تاشلىمايدىكەن....قارشى تەرەپمۇ بوش ئەمەسكەن دەپ ئاڭلىغان .گۇاڭدۇڭنى 3:0،يەنە بىر يەرنى مانچىدە نۆل دەپ ئاڭلىغاندۇق ئىشقىلىپ ،ئۇتۇپ كېلىۋاتقان كوماندا ئىكەندۇق.توپ دىگەن تەلەيگىمۇ باقامدىمۇنىمە دەپ قالدىم بۈگۈن، بالىلار ئۇرسا ھېلى تۆمۈرگە تېگىپ يانغان دېگەندەك. 10-نۇمۇر ئابدۇكېرىمجان دىگەن بالا ساراڭ قىلىۋەتتىغۇ زادى ئۇلارنىڭ بېكلىرىنى...ئامال قىلالماي تۇلا سەنچۇر سەپ دۈشمەننىڭ بېكلىرى سېرىق كارتا يەپ، بىرسى تاس قالدى قىزىل كارتا يەپ مەيداندىن چۈشۈپ كەتكىلى.ئىككى تەرەپ ئاجايىپ كەسكىن ئويناپ بۇ توقسەن مىنۇتنىمۇ توشقىزىۋەتتى.نۇقتا توپ باشلىنىپ كەتتى.مېنىڭ يۈرىكىم دەھشەت سوقۇپ كەتتى بۈگۈن جىدىيلىشىپ ئىشقىلىپ،ئاۋازىم چىقماس بولۇپ قاپتۇ تولا ۋارقىراپ،بىرىنچىسىنى خەمىت تېپىپتىكەن چوقۇم سولايدۇ دەپ ئانچە جىدىلەشمىدىم،دىگەندەكلا مېسسىدەك سولىۋەتتى،ئىككىنچىسىنى 13-نۇمۇر تەپتى بۇنىڭدىمۇ جىدىيلەشمىدىم.خاۋېدەك سولىۋەتتى ،ئۈچىنچىسى مىرئادىل تەپتى ،بۇنىڭدا ئازراق جىدىلەشتۇق،بۇ بالا ياخشى ئوينايدىكەن ،لېكىن بەدەن سەل ئورۇق ئىكەن،لېكىن بەك چىرايلىق سولىدى ئۇ توپنى ،ئارقىدىن چېڭدۇنىڭ تېپىپتىكەن بىلال ئوغان بالىدەك ئېتىللىپ چىقىپ توساپ قۇيدى ئۈچىنچى توپنى ،سول بېك تېپىپ 4-توپنى سولىدى ،ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ توپنى ئابدۇكېرىمجان تەپتى،بۇمۇ ۋارىتانىڭ قولىغا تېگىپ كىرىپ كەتتى ،شۇنىڭ بىلەن 5:4 نەتىجە بىلەن بىزنىڭ ئوغلانلىرىمىز غەلىبە قىلدى.چېڭدۇمۇ ئەمەلىي كۈچى خېلى باركەن.بۈگۈن ھەر يەرلەردىن كەلگەن مەدەت بەرگۈچىلەر كۆپ ،بىزنىڭ بالىلارغىمۇ خېلى پايدىسى بولدى دەپ قارىدىم.بىز ۋارقىراپ -جارقىراپ مەيداننىڭ كەيپىياتىنى خېلى كۆتۈرۈپ بەردۇق .لېكىن ئۇيغۇر ئۈچۈن ۋارقىراپ كانايلا ......... كەتسىمۇ ...... ،كېيىنكى مەيدان مۇسابىقە يەكشەنبە چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:30دا شاڭخەي پۇدۇڭ كوماندىسى بىلەن ئوينايدىكەن.لېكىن شاڭخەي پۇدۇڭ بەك كۈچلۈك ئەمەس بولسىمۇ ،دۈشمەنگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. نىجاسەتتەك چاپلىشىپ ئوينايدىغان خەق ئىكەن بۇ. ئۈمىدىمىز بەش توپ ئۇرسىكەن دەيمىز....گۈللە ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقى........ خاتالىق بولسا ئەپۇ قىلاسىلەر....... |
|