akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2289|ئىنكاس: 14

بــۆرە تـوپى ۋە پــۇتبـــول ( تۇنۇش)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۆرە - ئەجداتلىرىمىز تۇتىم قىلىپ ئۇلۇغلاپ كەلگەن مۇقەددەس ھايۋان، بۆرە يايلاق ھۆكۇمرانى، ئۇنىڭ ئوۋلاش ئۇسۇلى - بىر پادىشاھ بۆرە بىر توپ بۆرىلەرگە يىتەكچلىك قىلىپ كوللىكتىپ ئوۋ ئوۋلاشتىن ئىبارەت، بۆرىنىڭ ئوۋ ئوۋلاش جەرىيانى پاراسەت - ھۇجۇم نىشانىنى ئېنىق چۇشۇنۇش، ئەپچىل يۇشۇرۇنۇش، تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشتىن، ھۇجۇم - تىزلىك، قورقماسلىق، جەسۇرلۇق، قاراملىق، مۇداپىيە - مېھرىبانلىق، كۇيۇم ۋە ئۆز ئارا كۇيۇنۇشتىن ئىبارەت بولۇپ يۇقارقىلاردىن كۆرىۋېلىش مۇمكىنكى - پۇتبولنىڭ دۇنيادا جۇملىدىن ئۇيغۇر بولۇپ ياشاۋاتقان بىزلەردە شۇ قەدەر قارشى ئېلىنىشى ئەمىلىيەتتە - پۇتبولنىڭ 90 مىنۇت 22 ئادەمنىڭ بىر توپنى قوغلاپ، ئىككى تاياق ئارىسىغا سولاشنىلا مەقسەت قىلغانلىقىدا ئەمەس ئەلۋەتتە.
پۇتبول - يۇقىرىدا مىسال قىلغىنىمدەك مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى تاكتىكا ئۇرۇنلاشتۇرۇش، ھۇجۇم قىلىش جەھەتتە قورقماسلىق، جەسۇرلۇق، تەۋەككۈلچىلىك، ئەزالارنىڭ ماسلىشىشچانلىقى، مۇھىم بولغان كوللىكتىپچانلىقى بىلەن بۆرە توپىنىڭ ئوۋ ئوۋلاش جەرىيانىغا ئوخشايدۇ، ھەر بىر ئىنساندا بولۇپمۇ ئەر جىنىسلىق ئىنسانلاردا باشقىلارنىڭ بولۇپمۇ ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ئېتراپ قىلىشىنى ئۇمۇت قىلىدىغان ئىستەك بولىدۇ، بۇ خىل ئىستەك كۆپىنچە جىسمانى جەھەتتە بولغان كۈچلۇكلۇك بىلەن بەسلىشىتە ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ، مانا پۇتبول ئەرلەرنىڭ مەردانىلىقى، جەسۇرلۇقىنى تېخىمۇ ئەكىس ئەتتۇرىدىغان تەنتەربىيە تۇرىدۇر، شۇنداق بولغاچقا ئۇنىڭ مەستانىلەر ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىشى چۇقۇم.

يۇقارقى بىر قاتار سۆزلەر ئارقىلىق ئېيىتماقچى بولغانلىرىم، ھەربىر مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭ ئۆزىگە خاس ياخشى كۆرىدىغان كوماندىسى بار، كۆپىنچە ھالدا باشقا كوماندىلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ باشقىلارنىڭ ئاجىزلىقى ئارقىلىق كوماندىسىنىڭ كۈچلۇكلىكى بىلەن پەخىرلىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ.  بىر قاتار جەمىئەت تەكشۇرۇش دوكىلاتى ئارقىلىق جۇڭگۇلۇق ئالىملار يەكۇنلەپ چىققان يەكۇن شۇ بولدىكى جۇڭگۇ مائارىپ سېستىمىسىدا تەربىيلەنگەن ئۇقۇغۇچىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمىدا باشقىلار ئارقىلىق ئۆزىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇش قارىشى يۇقىرى بولىدىكەن، شۇنىڭغا ئوخشاش ئەتراپىمىزدىكى جۇملىدىن مۇنبەردىكى بىزلەرمۇ باشقىلار ئارقىلىق ئۆزىمىزنى مۇئەييەنلەشتۇرمەكچى بولىمىز، بۇ خىل قىممەت قارىشى بىلىپ بىلمەي بىزنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىمىزغا سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ.

ئەمىلىيەتتە بىر قەدەر مۇۋاپىق بولغان ئۇسۇل باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى بىلەن ئۆزىمىزنىڭ ئارتۇقچىلىقى ئارىسىدىكى پەرىق ئوتتۇرىسىدا بولغان پەخىرلىنىشنى قىممەت قارىشىمىزنىڭ يۆنىلىشى قىلىشمىز توغرىدۇر، ھەر بىر كوماندىنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان ئارتۇقچىلىقى بولغان بولىدۇ، ھەر قانداق بىر كوماندا چۇقۇم مۇتلەق كۈچلۇك بولغان ئارتۇقچىلىقتىن خالىيدۇر، شۇ قەدەر ئاجىز كوماندىدىمۇ ئۆگىنىشكە تىگىشلىك تەرەپلەر بولغان بولىدۇ، شۇنداق بولغانىكەن، بىر مەستانە قارغۇلارچە باشقىلارنى چۇشۇرۇش بىلەن قانائەت تاپىدىغان پسخىكىدا بولۇپ قالماسلىقى كېرەك، ھالبۇكى ئۇيغۇرلار جەمىيەتتە ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن پىسخىكىسىدا قارغۇلارچە ئۆزىنى تەبىي تۆۋەن تۇتىدىغان - ھەممە نەرسىگە نارازى بولىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتتا ياشاۋاتقان بولغاچقا ئىجتىمائىي ئورۇننىڭ ئۆزگىرىشىگە بولغان تەلەپ تەبىي ھالدا قىممەت قارىشا تەسىر كۆرستىپ، ھەر تەرەپتىن ئۆز ئۆزىگە پەخىرلىنىدىغان بىر مەنىۋىيەتلىك ئىزدەيدىغان پسىخىكا شەكىللىنىپ قالغان، شۇنداق بولغاچقا دائىم باشقىلارنى چۇشۇرۇش ياكى باشقىلار بىلەن بولغان ھەر خىل پاراڭلاردا ئۆزىنى كۆرسىتىشكە ئۇرۇنىدىغان، پاسىپ ئەھۋالغا چۇشۇپ قالغاندا باشقىلاردىن ئاغرىنىپ ئۆز قارىشىدا جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرۇۋالىدىغان ئورتاق پسىخىكا ئاسارىتىگە چۇشۇپ قالدى.

مانا مۇشۇنداق ئورتاق پىسىخىكا بېىسىمىنى يىنىكلىتىپ، ئۇنى ئوڭشايدىغان ئۇنۇملۇك ئۇسۇلنىڭ بىرسى - تەنتەربىيە، بولۇپمۇ پۇتبولدىن ئىبارەتتۇر، ھەممىگە ئايانكى ئادىل ھۇشۇردىن كىيىنكى بىر قەدەر ئۇزۇن داۋاملاشقان جىنىس رىكورىت ئارقىلىق مەنىۋىي كۈچلۇكلۇك ئىزدەش ئۇيغۇردا خېلى ئۇزۇنغىچە داۋاملاشتى، نۇرغۇن داۋازلار يېڭى يېڭى رىكورىتلارغا جەڭ ئېلان قىلىپ تۇردى. ئېتراپ قىلىش كېرەككى ئۇيغۇرنىڭ مەنىۋىيلىكىگە ئېلىپ كەلگەن ئىجابىي تەسىرى ھەقىقەتەن ئاز بولمىدى، مانا ھازىر ئۇيغۇرنىڭ مەنىۋىيلىكىگە يېڭى بىر كۈچ بارى - مىرئەخمەتجانلار قۇشۇلدى، خۇددى بىرازىلىيىنىڭ پېلى- ئارگىنتىنانىڭ مارادوناسىغا ئوخشاش نۇرغۇن يېڭى يېڭى چولپانلارنىڭ يېتىلىپ چىقىشىدىكى ئۈلگە يىتىشىپ چىققانلىقنىڭ ئۇزى بىزنىڭ مىللىي كىملىكىمىزنىڭ بىردەكلىكىنى پۇتبولنىڭ كوللىكتىپچانلىقى ئارقىلىق، مەيداندىكى جەسۇرلۇق بىلەن ئىجتىمائىيەتتىكى جەسۇرلۇق تەۋەككۈلچىلىكنى، ئىتتىپاقلىشىدىغان يېڭى بىر پىسخىكا شەكىللىنىشنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇرنىڭ زىيالىلىرى چۇقۇم ئۆزىنىڭ كىرزىس ئالدىدىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى تۇنۇپ يېتىشى كېرەك، چۇقۇم تەنتەربىيىگە بولغان قىززىقىشى بىلەن باشقىلارغا تەسىر كۆرسىتىشنى بىلىۋېلىش كېرەك. ئىككى دۇنيا ئۇرشىدىن كىيىنكى گېرمانىيىنىڭ تىز قەد كۆتىرىشى ئارقىسىدىكى زىيالىلارنىڭ تەنتەربىيىگە بولغان ئوتتەك قوللىشىنى ئايرىپ قاراش مۇمكىن بولمىغاندەك ئۇيغۇر زىيالىلارمۇ مۇشۇلارغا دىققەت قىلىشى ھەرگىزمۇ يوغان چىقىپ قالغان قورساقلىرى بىلەن پەخىرلىنىپ ئولتۇرماسلىق كېرەك.

كېچىدە يېزىلغان ماقالىدە ئېيتماقچى بولغان نۇرغۇن سۆزلەر قاملاش - ماقالىنىڭ باش ئاخىرى ماسلاشماي قالدى، ئۇمۇملاشتۇرغاندا ھەر قايسى مۇنبەرداشلارنىڭ مۇشۇ مۇنبەر ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان نىشانى ئېنىق - ئورتاق نىشاندا كېتىۋاتقان ھەرقايسىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا ھەر قايسىمىز ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان كوماندىلار ئوتتۇرىسىدا ئىنكاسلاردا دېيىشىپ قالغان بولساقمۇ، ئىشىنىمەنكى ئورتاق نىشاندا كېتىۋاتقان ئىككى كىشى يولى ئوخشىمىسىمۇ ئاخىرىدىكى مەنزىلدە ھامان ئۇچراشقاندەك، ئوتتۇرىمىزىدا ئاداۋەت شەكىللەنمەيدۇ، بۇ تېمىدا ئاساسلىق ئېيتىماقچى بولغىنىم - ئەگەر ئىنكاسلىرىم كۆڭلىڭىزگە ئازار بەرگەن بولسا مېنى ئىش ئۇقمايدۇ دەپلا ئەپۇ قىلىۋېتىڭ. سەمىمىيەت بىلەن مەندىن رەنجىگەنلەردىن ئەپۇ سورايمەن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +10 يىغىش سەۋەبى
بەخىت + 10 ياخشى تېما !!!!!!!!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-3-7 13:19:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-3-7 13:38:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى چىقىپتۇ ، ھارمىغايسىز     داۋاملىق ھە ،،،،،،،،،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-3-7 13:43:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-3-7 13:43:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يىزىپسىز....
كۆپچىلىك ئوبدان ئوقۇپ ئويلىنىپ باقساق بولغۇدەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-3-7 15:11:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-3-7 15:13:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركەك  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-3-7 15:14:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارىتىش مەنىسىدۇر ..........................
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-3-7 15:23:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېمىڭىزدىن يېزىلىش ئۇسلۇبىدىن قارىغاندا پىكرىڭىز تولىمۇ تېرەن، ئەدەبىيات جەھەتتىكى قابىلىيىتىڭىزمۇ مۇئەييەن دەرىجىدە تەرەققى قىلغان ئىكەن.
ئەجرىڭىزگە رەھمەت...  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-3-7 15:46:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈڭۈلدىكى سۆز لەر  ئىكەن  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-3-7 16:34:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنى   ئويلاندۇرغىدەك  تېمىكەن  !!!     
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-3-7 18:07:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنىلىك تىمىكەن بۇ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-10 23:33

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش