ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 3972 |
تۆھپىسى: سەر |
|
2011-يىلى 2-ئاينىڭ 14كۈنى دۇنيا پۇتبول سەھنىسىنى زىلزىلىگە سالغان تاشقى پىلانىت ئادىمى رونالدو پۇتبول سەھنىسىدىن چېكىندى .. 
خەيىر-خوش رونالدو
34ياشلىق رونالدو 18يىل ئاۋال بىرازىليەنىڭ كىروزېيرو دېگەن كۇلۇبىدىن چىققان . ئۇ پۇتبولچىلىق ھاياتىدا ئاستا -ئاستا كۆتىرىلىش ئارقىلىق ئېيىنخۇۋېن، بارېسلونا ، ئېنتىر ، مادرېد، ۋە acمىلان كۇلۇپلىرىدا توپ تىپىپ 14يىللىق پۇتبول ھاياتىنى ياۋروپادا ئۆتكۆزدى. شۇنداقلا ياۋروپا تەۋەسىدە ئۈزىنىڭ ئۆچمەس شانلىق تارېخلىرىنى يارىتىپ كىتىپ قالدى. ئۇ جەمئىي 402مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ 273 توپ كىرگۈزگەن . دۆلەت كوماندىسىدا بولسا 4قىتىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىپ 15توپ ئۇرۇپ رىكورت قاراتقان . ھەمدە 3قىتىم دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن .

ئۇ مانا مۇشۇنداق نەتىجىلەرنى يارىتىپ چىملىقتىكى بەزى كىلىشمەسلىكلەر تۈپەيلى بالدۇرلا پۇتبول سەھنىسىدىن چىكىنىشكە مەجبور بولدى. ئۇ شۇنچىلىك تىرىشتى . شۇ چىملىق ئۈستىدە يەنە ئۈزىنى نامايەن قىلدۇرۇشقا بەك كۆپ تىرىشتى . بىراق يىللارنىڭ ئۆتىشى شۇنداقلا يارلىنىشنىڭ سەۋەبى ئۇ ئاخېرى تەغدىرگە تەن بىىرىپ پۇتبول ھاياتىنى ئاخېرلاشتۇردى .
ئۇنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى:
94-يىلى دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان.
95-يىلى گوللاندىيە پۇتبول بىرلەشمىسى لوڭقىسىدا چېمپىيون بولغان.
96-97يىلى ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان.
97 -يىلى ئامرىكا قىتئەسى لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون.
96-97-يىللىرى دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى ھەم ياۋروپا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالانغان.
98-يىلى مۇنەۋۋەر ماھىر بولۇپ باھالانغان ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقلىق لوڭقىسىدا چېمپىيون بولغان.
99-يىلى ئامرىكا قىتئەسى لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان.
02يىلى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان. ھەم شۇيىلى مۇنەۋۋەر نومۇر ئالغۇچى بولۇپ باھالانغان.
02-يىلى دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى ھەم ياۋروپا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇپ باھالانغان .
03-يىلى ئسپانىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان.
03-يىلى ئىسپانىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولغان.
06 -يىلى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر نومۇر ئالغۇچى بولۇپ باھالانغان ھەم، رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىغان.
خەيىر-خوش رونالدو . سىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىن تېرېنىرلىق سەپىرىڭنى باشلاپ بىزلەرگە يەنە ئېسىل مۇسابىقىلەرنى كۆرسىتىشىڭگە تىلەكداشمىز
« ئېتالىيە مەستانىلىرى بىرلەشمىسى» |
|