ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2183 |
تۆھپىسى: سەر |
|
تۆۋەندىكىسى ئىتالىيە بىرلەشمىسى قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە چىمپىيون كوماندىلارنىڭ ئورتاقلىقى ئاساسىدا تىزىپ چىقىلغان «پاكىتلار» ، كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى مىلاننىڭ بۇ يىلقى چىمپىيون بولۇش مۇمكىنچىلىكى 99.99%. !~~!
1-پەسىللىك ئۇتۇش ئۇتتۇرۇش نەزىرىيەسى
50نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە چىمپىيون بولغان كوماندىلارنىڭ بىر پەسىلدە ئۇتتۇرغان مەيدان سانى 5مەيداندىن ئاشمىغان،ئۇتتۇرغان مەيدانى 5تىن ئېشىپ كەتسىلا چىمپىيونلۇقتىن خوشلىشىدۇ، شۇنداق بولغاندا بۇيىلى تۇلپارلاردىن لازىئو. ناپىروس،ۋە يۇۋىنتۇس چىمپىيونلۇقتىن ئۈمۈدىنى ئۈزدى، پەقەت رىم بىلەن ئىنتېرلا 5مەيدان ئۇتتارغان، شۇنداق بولغاندا مىلاندىن چىمپىيونلۇقنى تالىشالايدىغان كوماندا پەقەت ئىنتېر بىلەن رىم (ئەلۋەتتە ئەمدى بىرمۇ مەيدان ئۇتتۇرماسلىقى كېرەك).
2-ساپ توپ نەزىرىيەسى
ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە ئۇرغان توپ سانى ئەڭ كۆپ ۋە كەتكۈزگەن توپ سانى ئەڭ ئاز بولغان كوماندا شەك-شۈبىسىز چىمپىيون، (ھازىرغىچە مىلاننىڭ ئىپادىسىلا مۇشۇ نەزىرىيەگە ياتىدۇ .
3-نۇمۇر تەرتىۋى نەزىرىيەسى
ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە چىمپىيون بولۇش ئۈچۈن 80نۇمۇر ھازىرلىشى كېرەك، مىلان بۇ نەتىجىگە يېتىشى ئۈچۈن 15مەيداندا 32نۇمۇر ئېلىشى كېرەك ،(ھەر بىر مەيداندا 2.1نۇمۇر)، ھازىرغىچە 23مەيداندا 48نۇمۇر ئالغان مىلان ئۈچۈن كوماندا ئىچىدە قالايمىقانچىلىق چىقمىسىلا تەس ئىش ئەمەس!~~!
4-يېرىم پەسىللىك چىمپىيونلۇق نەزىرىيەسى
ئىتالىيە بىرلەشمىسىدە ئالدىنقى يېرىم پەسىللىك چىمپىيوننىڭ پۈتۈن پەسىللىك چىمپىيونلۇققا ئېرىشىشى 75%، يېرىم پەسىللىك چىمپىيون بولۇپ يەنە نۇمۇر تەرتىپىدە 1-ئورۇنلۇقنى 2ئاي ئىچىدە تارتقۇزۇپ قويمىسا پۈتۈن پەسىللىك چىمپىيون بولۇشى 90%.
5-يېڭى تېرىنىر نەزىرىيەسى
مىلان كوماندىسى يېڭى بىر تېرىنىرنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلەتسە ھەمدە خوجايىننىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلىسە ئۇنداقتا بۇ تېرىنىر مىلاننى تۇتقان 1-يىلى چوقۇم ئەڭ ئاز دېگەندە بىر لوڭقا كۆتۈرىدۇ.(يېرىم يولدا كەلگەنلەر بۇنىڭ سىرتىدا )!~~! |
|