akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 7090|ئىنكاس: 52

چىملىق تورردىئاتورى  - گۇاردىئولا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ_ئەلەيكۇم ھەرقايسى جايلاردىكى ئاكا - ئۇكا پۇتبولغا خۇمار قېرىنداشلىرىم نۆۋەتتىكى بۇ تېمام ھازىرقى ھەمىمىىزگە تۇنۇشلۇق بولغان بارسېلونا كۇماندىسىنڭ مەشقاۋۇلى توغرىسىدا بۇلۇپ مۇشۇ ھەققىدە سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىش مەخسىتىدۇ بۇ تېمىنى يوللۇدۇم.

ئۇيغۇرچە ئاتىلىشى :جېسىپ گۇارديولا
ئېنگىلىزچە ئاتىلىشى:Josep Guardiola i Sala
خەنزۇچە ئاتىلىشى :何塞普·瓜迪奥拉
تۇغۇلغان ۋاقتى :1971-يىلى1-ئاينىڭ18-كۈنى
بوي ئېگىزلىك: 1.80 سانتېمىتىر
ئېغىرلىقى : 70 كىلوگېرام
دۆلىتى : ئېسپانىيە


گۇاردىيولانىڭ توپچىلىق ھاياتى: گۇاردىيولا1984-يىلى6-ئاينىڭ28-كۈنى بارسېلوناغا كەلگەن بۇلۇپ،ئۇ كىچېكىدىن تارتىپلا بارسېلونا ياشلار كۇماندىسى ،بارسىلونا2-كۇماندىسىىدا ئويناپ،ئەڭ ئاخىرىدا بارسېلونا 1-كۇماندىسىغا تاللانغان،1990-يىلى12-ئاينىڭ 16-كۈنى 20 يېشىدابىرىنجى قېتىم كەنپۇنوغا چىققان ھەمدو شۇنىڭدىن باشلاپ بارسېلونا كۇماندىسىنڭ كەم بولسا بولمايدىغان ئادىىمىگە ئايلانغان.
1992-يىلى 22يېشىدا ئېسپانىيە دۆلەت كۇماندىسىغا تاللانغان،ئەپسۇسلىنارلىقى يارىلىنىش ۋە تىرىنىرنىڭ سەۋەبىدىن بىر قېتىملىق ياۋۇرۇپا لوڭقىسى ۋە دۇنيا لۇڭقىسىنى تالىشش مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمىغان،پەقەت بىر قېتىملىىق ئولمپىك ئالتۇن مىدالىغا ئېرشكەن،دۆلەت كۇماندىسىغا ۋاكالىتەن47مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ جەمئىي5توپ ئۇرغان.ئۇبارسلونا تارىخىدىكى مەشھۇر شەخىس بۇلۇپ بارسېلونا
كۇماندىسغا 17 يىل كۈچ چىقارغان بۇلۇپ، مۇشۇ جەرياندا6قېتىم بىرلەشمە چىمپىيونلىقىغاۋەئايرىم-ئايرىم ھالدا1992-يىلى ۋە1997-يىلى ئۇزغۇنلۇق لۇڭقىسى ۋە غالىپلار لۇڭقىسىغا ئېرىشكەن،ھەمدە 2قېتىم ياۋۇرۇپا دەرىىجدىن تاشقىرى لۇڭقىسى ۋە 4قېتىم ئېسپانىيە دەرىىجدىن تاشقىرى لۇڭقىسىغا ئېرىشكەن،كۇماندا باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان گۇاردىيولا كوماندىدىكى كەم بولسا بولمايدىغان ئوتتۇرا مەيدان يادىروسىغا ئايلانغان،1997-يىلى يارىلىنش تۈپەيلىدىن بىر پەسىل مۇسابىقىگە چىقالمىغان،ئەڭ ئېچىنارلىقى مۇشۇ سەۋەپلىك 98-يىلىدىكى دۇنيا لۇڭقىسىغا قاتنىشالمىغان،مۇشۇنداق زەربە تۈپەيلىىدىن ئېزچىل ھالدا ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى رۇلىنى جارى قىلدۇرۇشقا مۇيەسسەر بۇلالماي،2001-يىلى4-ئاينىڭ11-كۈنى بارسېلونادىن ئايرىلىپ بۇرشىياۋە رىم كۇماندىلىردا بىر مەزگىل توپ ئوينىغاندىن كېيىن ئۆزىنىڭ شانلىق توپچىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان.

تېرىنىرلىق ھاياتى: 2007-يىلى بارسىېلونا 2-كۇماندىسىغا تېرىنىرلىق قىلغان بۇلۇپ ،2008-يىلى لىجكاردېنىڭ ئايرىلىشى بىلەن بارسىلونا بىرىنجى كۇماندىسىنى قولغا ئالغان،ئۇ ياشلار مەشىق بازىسىغا ئالاھىدە قارىغان بۇلۇپ پىچۆ،بۇسىكىس،پېدىرو قاتارلىق ياش ماھىرلارغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن،يىنېستانىڭ دائىملىق ئەزالىق ئورنىنى مۇقۇملاشتۇرۇپ بارسېلونانىڭ گۈللنىشى ئۈچۈن ئاساس سېلىپ گۈزەل ھەم قاباھەتلىك بولغان توپ ئويناش سەنئېتىنى ياراتتى،ئەمدى باشقا ئەھۋاللار ھەمىمىزگە مەلۇم بۇ توغرىسىدا جىق سۆزلىمىسەممۇ قېرنداشلارغا ئايان!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-30 21:49:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇ پەقەت بارسانىڭ ئەڭ گۈللەنگەن يەنى توپچىلىرى ئەڭ نوچى،ئەڭ شاش دەۋىرلىرىگە توغرا كېلىپ قالدى خالاس.............. شەخسى قاراش
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-30 21:50:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق..تەلەي دېسەكمۇ بولىدۇ..ئۇنى شان -شەرەپكە ئىگە قىلغىنى كوماندىنىڭ شاش ۋاقتىغا توغرىلىپ كەلگىنى(مېنىڭمۇ شەخسىي)
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-30 21:57:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقارىقلارنىڭ پىكىرنى قوللايمەن ھەم مەنمۇ شۇنداق قاراشتا  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-30 21:58:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىكىن مىنڭ نەزرىمدىكى ئەڭ نوچى تىرنىر ھىدىنك  ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-30 21:59:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداق دەپ كەتكىلىمۇ بولماس،تىرنىر بولماق ئاسان ئىش ئەمەس.
ئۇنىڭ شۇنداق ۋاقىتقا دۇچ كىلىپ قالغىنىمۇ راس!
مەنچىنىنىڭ ئىنتىردىكى ۋاختىغا ئوخشاش!
ئەگەر ئۇ بۇيەردىن كىتىپ،يۇۋۇنتۇسدەك بىرەر چوڭ كوماندىنى تۇتۇپ باقسۇن،شۇ چاغدا بىلنىشىدۇ(كىچىك كۇلۇپ لارنىغۇ دىمەي)شەخسىي قاراش جىما
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-30 22:10:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىسسىمۇ بارسىلونادىن كەتسە ئۇنىمۇ بىلىمىز   (شەخسىي)
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-30 22:11:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مىنىڭچە تەلەي ئەمەس چۈنكى رىجىكارتمۇمۇشۇ ئادەملەر بىلەن بارسىلونادىن ئايرىلىشتىن بۇرۇنقى بىر يىل ئىچىدە ھىچقانداق لوڭقا ئالالمىغان بىراق گۇدىيالا بارسىلوناغا كىلىپ بارسىلوناغا غايەت زور ئۆزگىرىش پەيدا قىلدى. گۇدىيالا كىلىپ بىىرلەشمىنىڭ  تۇنجى 2مەيدان مۇسابىقىسىنى كۆرگەنلەر بۇنى ياخشى چۈشىنىدۇ `! مەن شۇ چاغدىلا ئۇنى تالانتلىق تىرنىر ئىكەنلىكىگە قول قويغان` !!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-30 22:12:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقتە ئوشۇق گەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ...... ئەگەر ئۇنىڭ بارىسلۇنادا ئېرىشكەن شەرەپلىرىگە كۆز يۈمۈلسا ، بىر جۈملە گەپ ‹‹ ھەركىم ئۆز كۆڭلىدىكىنى ياخشى دەيدۇ . ››   بىراق ئۇ ئەمدى 40 ياش ......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-30 22:28:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇدېيولاغا جۇڭگۇ كاماندېسىنى يېتەكلەش پۇرسىتى بىرېپ  ئاندېن بىرنىمە دەي مەن  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-30 22:39:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:چىملىق تورردىئاتورى  - گۇاردىئولا

بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى تارىخدە2011-01-30 22:28يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
گۇدېيولاغا جۇڭگۇ كاماندېسىنى يېتەكلەش پۇرسىتى بىرېپ  ئاندېن بىرنىمە دەي مەن  


ئۇ پۇرسەتنى مورىنىئو،فۇرگىسىن،ئەنچىلوتتى،ۋىنگىر....لارغابەرسىڭىزمۇ ئامال قىلالمايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-30 22:45:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:چىملىق تورردىئاتورى  - گۇاردىئولا

بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى ئوسكاردە2011-01-30 22:10يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
مىسسىمۇ بارسىلونادىن كەتسە ئۇنىمۇ بىلىمىز   (شەخسىي)


مۇشۇ  مۇنبەردە« تۇلپار مېسسى » دەپ  بىرسى بولىدىغان شۇ ئەزا بولغان بولسا سىزنىڭ قەيەردە بولمىسۇن مېسسىنى چۈشۈرۈپ،قارغاپ،تىللاپ يۈرگىنىڭىزنى كۆرسە چوقۇم سىز بىلەن دېيىشىپ قالغان بولاتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-11 05:01

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش