akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 3629|ئىنكاس: 17

مىلان سىلەرنى ئۇنۇتمايدۇ !~~!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەر ئەھلى!~~! كوچا-كويلاردا سەرسان بولاپ يۈرگەن «سەرسان»دىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام ،  گەرچە مۇنبەرگە ئانچە مۇنچە كىرىپ تۇرساممۇ تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن ئۇزۇن بوپتىكەن بىرەر نەرسە يېزىپ باقمىغىلى. بۈگۈن ھەممە ئىشنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ ئۇۋىسىغا قايتىپ ئازراق جۆيلۈپ باققۇم كەلدى، ياقتۇرۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.


پۇتبول دېگەن نەرسىگە قىزىقىپ چولپانلار بىلەن تونۇشقىلىمۇ خېلى ئۇزۇن بوپقالدى، نەچچىسى بىلەن ئاغىنە بولۇپ قالدۇق،ئەمما قېرىلىق دېگەن ئادەمنىڭ ئارزۇسىغا باقمايدىكەن، ئىلگىرى ھەممىمىزنى پۇتبول دۇنياسىغا سۆرەپ ئەكىرگەن نۇرغۇن چولپانلار ھازىر قەھرىمانغا ئايلاندى. ..


ماڭا چوقۇنماڭلار، مەن تېخى ھېچقانداق نەتىجە قازانمىدىم!~~!


چەتئەلنىڭ پۇتبول تەرەققىياتى نېمە ئۈچۈن دۆلىتىمىزنىڭكىدىن تېز تەرەققى قىلىدۇ؟؟؟ چۈنكى باشقا يەردە پۇتبولغا ئالاھىدە ئېتىۋار بېرىلىدۇ، مەبلەغ كۈچى تولۇق، ئارقا تېرىكى ياكى پۇلى بارلارنى ئەمەس ھەقىقى ئەمىلى كۈچى بارلارنى ئىشلىتىدۇ. شېپاكاۋ دەل كىپ دىنامو كوماندىسىنىڭ مۇشۇنداق ئىخدىساسلىقلارنى تاللايدىغان ئىخدىساس ئېگىسى ئىدى. بىر تىككۈچى ئائىلىسىدىك كېلىپ چىققان ئەسلى پەي توپ ماھىرىنىڭ پۇتبول ساھەسىنى تىترىتەلىشىنى ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىم ئويلاپ يېتەلمىگەن . ئەمىسە ئۇ قېزىپ چىققان بۇ سېھىرلىك پۇتبولچى كىم؟؟ ________________________ئاندىرى شېۋچېنكو


كىچىككىنە بىر دۆلەتتىن كېلىپ چىققان 9 يېشىدا پۇتبول ساھەسىگە قەدەم قويۇپ 14يېشىدا كەسپى پۇتبولچىلىق ھاياتىغا قەدەم باسقان پۇتبولچىنىڭ ياۋروپا پۇتبول ئەپەندىسى بولۇشى ئۇكرائىنا خەلقى ۋە مىلان مەستانىلىرى ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز شەرەپ .

1999-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى يادرو ئوق بېشى 26مىلىيونلۇق باھا بىلەن مىلانغا قېتىلدى.مىلان ئەزەلدىن يۇقۇرى باھا بىلەن ئالدىراپ پۇتبولچى كىرگۈزمەيدىغانلىقى ئۈچۈن ھەممىنىڭ كۆزى بۇ ئۇكرائىنالىققا تىكىلدى، شېۋچېنكومۇ كۇلۇپ رەھبەرلىكى ۋە مەستانىلەرنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىدى.مىلان ئۈچۈن توپ تەپكەن يەتتە مۇسابىقە پەسلىدە 173توپ كىرگۈزۈپ مىلان تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ توپ كىرگۈزگۈچىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى،2003-يىلى مىلاننىڭ ياۋروپانىڭ چوققۇسىغا چىقىشىغا زور ئاساس سالدى.2004-يىلى ياۋروپا پۇتبول ئەپەندىسى بولدى.2006-يىلى دۆلەت كوماندىسىنى يېتەكلەپ دۇنيا لوڭقىسىغا ئەكىردى ۋە 8كۈچلۈككە كىرىپ قارا تۇلپار كوماندا بولدى . ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى تەرىپىدىن «ئۇكرائىنا قەھرىمانى»دېگەن نامغا ئېرىشتى.ئاينىڭ 15يورۇق بولسا 15قاراڭغۇ بولىدۇ دېگەندەك خۇشاللىق كۈنلەر ئوق بېشىغا ئاخىرىغىچە نىسىپ بولمىدى. 2005-يىلى ئۇزغانلىقنىڭ ھەل قىلغۇچىدا لىۋىرپول كوماندىسىغا ئالدىنقى مەيداندىلا ئۈچ توپ ئۇرۇپ بولغان ئەھۋال ئاستىدا كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدە مالدىنى بىلەن گەپ تالىشىپ قالدى. بىرى مىلاننىڭ ۋەكىللىك بايراقدارى يەنە بىرى ئەڭ ئاساسلىق نۇمۇر ئالغۇچى. مۇشۇنداق مۇھىم ئادەملەرنىڭ ئىچىدە زىددىيەت تۇغۇلىشى باشقا پۇتبولچىلارنىڭ كۆڭلىدە ۋەسۋەسە تۇغدۇردى ھەمدە كەيپىياتىنى بۇزىۋەتتى. لىۋىرپول تەرەپ جېررادنىڭ يېتەكچىلىكى بىلەن بۇ قالايمىقانچىلىقتىن پايدىلىنىپ قىسقىغىنە 10نەچچە مىنۇتنىڭ ئارىسىدا 3توپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى تەڭلەشتۇرىۋالدى، مىلانلىقلار ئويغانغان چاغدا ئاللا بۇرۇن كېچىككەنىدى. شۇنداق قىلىپ مىلانلىقلارنى بىر ئۆمۈر ئازاپلىسا لىۋىرپوللۇقلارنى بىر ئۆمۈر مەغرۇرلاندۇرىدىغان «ئىستانبول مۆجىزىسى»بارلىققا كەلدى. مانا شۇنىڭدىن بۇيان ئوق بېشى دەل جايىغا تەگمەس بولۇپ قالدى. نۇرغۇنلىغان مىلان مەستانىلىرىنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ قالدى.2006-يىلى ئاخىرى مىلاندىن ئايرىلدى. ئىنگىلاندتا ئىككى پەسىللىك كۆڭۈلسىز ھاياتنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن يەنە مىلانغا قايتىپ كەلدى، ئەمما ... ئەمما بۇ ئىلگىرىكى يادرو ئوق بېشى ئەمەس ئىدى. 18مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە بىرمۇ توپ كىرگۈزەلمىگەن پۇتبولچىنى مىلان نېمە قىلسۇن؟؟؟ئاخىرى كىپدىنامو كوماندىسىغا يولغا سالدى، شۇنىڭ بىلەن رادىئولاردا ئۇنىڭ خەۋىرىنى ئازدىن ئاز ئاڭلايدىغان بولدۇق. ئاڭلىشىمچە پات ئارىدا پۇتبول ساھەسىدىن چېكىنىمىش. مەيلى شېۋا كېتىۋەرگىن. سېنىڭ شۇ ئەجەللىك خاتالىقىڭ سېنىڭ مىلان ئۈچۈن تۆككەن تەرلىرىڭنى كۆمۈۋېتەلمەيدۇ. مىلان ئۇنۇتسىمۇ مىلانچىلار سېنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايدۇ.



مەن قېرىدىم ،ئەمما يۈرۈگۈم قېرىمايدۇ !~~!
كىم پۇتبولچىلىق ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى پەيىتلىرىدىمۇ قىران ياشلاردەك توپ ئۇرۇش ئۈنۈمىنى ساقلىيالايدۇ؟؟ كىم مەستانىلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئىسمىنى تولىسا ئۆزىنى ئۇنۇتقىدەك ھاياجانلىنىدۇ. كىم غەلبە قىلسا ئەڭ تەلۋىلىشىدۇ؟؟ مورىنخو ؟؟. ياق ، ئۇ دەل ئىنزاگى.



تېرىزىگوت كەلگەندىن كېيىن ئۆزىنىڭ ئاساسلىق ئورنىنى يوقىتىپ مىلانغا قېتىلغان بۇ تەلۋە ھەربىر مەيداندا ئىزچىل ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى سەۋىيەسىنى نامايان قىلىدۇ.ئەمما قېرىلىق... ياش ۋاقىتلىرىدا 90مىنۇت توختىماي يۈگۈرەلەيدىغان بۇ پۇتبولچىمۇ ياش سەۋەبى بىلەن كېيىنكى يېرىم مەيدانغا ئاران بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ھالەتكە كېپ قالىدۇ. ئەمما مەيلى بىر مەيدان مۇسابىقىنى تولۇق ئوينىسۇن ياكى بىر نەچچە مىنۇتلا ئوينىسۇن پۈتكۈل ۋۇجۇدى بىلەن ئوينايدىغان پۇتبولچىلارنىڭ سەركىسى. ئۇ مەيدانغا چىقسىلا قارشى تەرەپ بېكىنىڭ چوقۇم مىخلىۋېلىشىغا نائىل بولىدۇ. ئوچۇق ۋاراتارغا ئوڭشاپ توپ ئۇرالمايدىغان بۇ پۇتبولچى كىشىلەرنىڭ ئەقلىگە كەلمەيدىغان ئورۇن ئېلىش،ۋە ئاجايىپ غارايىپ توپ ئۇرۇش ئۇسۇلى بىلەن داڭلىق.2007-يىلىدىكى ئۇزغانلىق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدا رەقىبى لىۋىرپول كوماندىسىغا 2توپ ئۇرۇپ «ئىستانبول مۆجىزىسى»نىڭ ئۆچىنى ئالىدۇ2006-يىلى دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىپ ئەڭ ئېگىز چوققىغا چىقىدۇ ھەمدە چېخ بىلەن ئوينىغان مۇسابىقىدە ئالاھىدىلىكىنى تولۇق نامايان قىلىپ دۇنيا لوڭقىسى ھاياتىدىكى بىردىنبىر توپىنى ئۇرىدۇ.ئەمما تولا يارلىنىش بۇ پۇتبولچىنىڭ يولىغا ئەڭ چوڭ توسالغۇ.مانا ھازىرمۇ ئېغىر يارلىنىپ توختامنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى بىر يىلىدىكى مۇسابىقىلەرگىمۇ قاتنىشالمايدىغان بولۇپ قالدى.«چىملىق تۈلكىسى»نى يەنە يېشىل چىملىقتا كۆرەلەمدۇق كۆرەلمەمدۇق بۇ نامەلۇم . ئەمما شۇنىسى ئېنىقكى مىلان سېنىمۇ ئۇنۇتمايدۇ.چۈنكى مىلان تارىخىدا ئۇنىڭدەك ئەسقاتىدىغان ھۇجۇمچى ساناقلىق.



ھەقىقى سەنئەتلىك پۇتبولچى
مەن ئەڭ ئۆچ كۆرىدىغان پۇتبولچى، چۈنكى ئەڭ ئېسىل ، ئەڭ قىران دەۋرىنى باشقا كۇلۇبتا ئۆتكۈزگەن، ئۇزغانلىقتا مىلاننى يەر چىشلەتكەن.2004-يىلى شېۋچېنكونى قالدۇرۇپ قويۇپ دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بولغان.ئۇ كاللىسى شۇنداق ئوچۇق، شۇنداق تالانتلىقكى ھەرقانداق بىر رەقىبى ئەڭ ئاۋال مۇشۇنىڭغا كۆز تىكىدۇ، ئەمما پايدىسى يوق ئىدى. كىشى ئويلاپمۇ يېتەلمەيدىغان پاس بېرىش يوللىرى، كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان ھەرىكەتلىرى. ..  ئەپسۇس، بارسىلونادىن ئايرىلغان ۋاقىتتا گەرچە يېشى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ بويتاقلىق غالىپ كەلدى. كېچىلىك بەزمىخانا، ناتوغرا كۆڭۈل ئېچىش ،يالغان كېسەل بولىۋېلىپ مەشىق ۋە مۇسابىقىلەرگە قاتناشماسلىق تالانتىغا پالتا چاپتى.شۇنداق قىلىپ 2008-يىلى زامبىروتا بىلەن بىرگە ئىتالىيەگە كەلدى. گەرچە مىلان بۇ بىر نەچچە يىلدا ئېغىزغا ئالغۇدەك بىرەر نەتىجە قازىنالمىغان بولسىمۇ بۇ سەنئەت ئىگىسى ئۆزىنىڭ تالانتى بىلەن مەستانىلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى. ھازىر ئۇنىڭدا بۇرۇنقىدەك سۈرئەت يوق، ئەمما ئوچۇق كاللىسى بار. ئۇنىڭدا كىشىنى سۆيۈندۈرىدىغان ئالداش ھەركىتى يوق ، ئەمما ياردەمچى پاس بېرىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ قالغان ئەمەس.
ھەي...نېمىسىنى دەي. يەنىلا شۇ بويتاقلىق... شاللاقلىق ... قېرىغىنىغا تەن بەرمەي ئۆزىدىن چوڭ بولسۇن كىچىك بولسۇن قىزلارنىڭ كەينىدىن كېتەلمىسە، كېچە كېچە بەزمىخانىلاردا قاتراپ يۈرسە... مەشىققە ئېتىۋار بەرمىسە نېمە قىلىدۇ مىلان جان دىلى بىلەن پۇتبول تەپمەيدىغان ئادەمنى؟؟؟
شۇنداق قىلىپ ئۇمۇ ئەمدى بىز كۆرەلمەيدىغان بىرازىلىيە بىرلەشمىسىگە كەتتى. كەتكىنىمۇ بىر ھېسابتا ياخشى بولدى. بەلكىم ئۇ يەردە كاللىسىنى سىلكىۋېتىشى، ئىپادىسىنى ياخشىلاپ دۇنيا لوڭقىسىدا بىز بىلەن ئۇچرىشالىشى مۇمكىن. گەرچە مىلاننى بىرەر قېتىم يۇقۇرى پەللىگە ئېلىپ چىقالمىغان بولسىمۇ مىلان ئۈچۈن 1نۇمۇرغا ئېرىشىش ئۈچۈن كۈچ قوشقانىكەن مىلان قەھرىمانى (پەقەت يودا بولمىسىلا)،قەھرىمانلارنى ھېچكىم ئۇنۇتمايدۇ.


خەير،ئىلگىرىكى چولپان ھازىرقى قەھرىمانلار. ھەممىڭلارغا ئاق يول، ئامەت تىلەيمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-19 10:54:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقارقىلاردىن شوۋچىنكوغا ئامراق بولغاچقا شۇنىڭكىنىلا ئوقۇپ چىقتىم . مالدىنى بىلەن گەپ تالىشىپ قالغانلىقى راستمۇ يا ئۇتتۇرۇپ قويغانغا تاپقان باھانىمۇ ؟(چاقچاق)
مىلان بىلەن مادىرىدنىڭ بىر مۇسابىقىسى بولىدىغان . 2003-يىللىرىغۇ دەيمەن ، تازا ئىسىمدە يوق . شوۋچىنكو بىر توپ كىرگۈزۈپ مىلان غەلبە قىلىدۇ . مادىرىد تەرەپتىن زىدانى كىرگۈزگەن توپ ھېسابقا ئېلانمايدۇ . ھە مۇشۇ قايسى مۇسابىقە قانچىنچى يىلى ئېلىپ بېرىلغان بىلىدىغانلار بارمۇ ؟ ئىسىمدە قېلىشىچە ئەشۇ مۇسابىقە مەن تۇنجى كۆرگەن كۇلۇب مۇسابىقىسى ئىكەن . ئەينى ۋاقىتتا مىلان مەستانىسى بولۇپ كەتكىلىمۇ تاس قاپتىكەنمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-19 11:17:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىۋىچىنكو بىلەن مالدىنى گەپ تالىشىپ قالغان   شۇنىڭ بىلەن شىۋىچىنكو 5 ئادەمنى، مالدىنى 6 ئادەمنى ئۆز يېنىغا تارتىپ، ئەسلىدىكى ئىككى رەقىپ 3 رەقىپكە ئايلىنىپ قاپتىكەندە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-19 11:17:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچكىمدىن تارتىپ ئەڭ ياخشى كۆردىغان چولپىنىم شىۋچىنكو ،شۇ سەۋەبلىكمۇ چىلسىنىڭ سادىق مەستانىسى بولۇپ كەتتىم  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-19 11:21:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2012-يىلى ئوكرائىنا-پولشا ياۋروپا لوڭقىسىنى تالشىش پۇتپۇل مۇسابىقىسىدىن كىيىن رەسمى چىكندىغانلىقىنى جاكارلىغان ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-19 11:22:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسىت مىلانلىقلار ھەقىقەتەن ئۇلارنى ئۇنۇتمايدۇ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-19 11:35:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېۋچېنكو شۇۋاقىتلاردا ھەجەپ قول قوياتتىم بۇنىڭغا !!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-19 13:05:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېمىنھاجى بىلەن شوۋ قارىم  مىلاننىڭ ھەققى مەرگەنلىرى،  رونالدىنخو ئەمدى خو  بۇلالماي قالدىدە ھەي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-19 13:33:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى قامچادە2011-01-19 10:54يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
يۇقارقىلاردىن شوۋچىنكوغا ئامراق بولغاچقا شۇنىڭكىنىلا ئوقۇپ چىقتىم . مالدىنى بىلەن گەپ تالىشىپ قالغانلىقى راستمۇ يا ئۇتتۇرۇپ قويغانغا تاپقان باھانىمۇ ؟(چاقچاق)
مىلان بىلەن مادىرىدنىڭ بىر مۇسابىقىسى بولىدىغان . 2003-يىللىرىغۇ دەيمەن ، تازا ئىسىمدە يوق . شوۋچىنكو بىر توپ كىرگۈزۈپ مىلان غەلبە قىلىدۇ . مادىرىد تەرەپتىن زىدانى كىرگۈزگەن توپ ھېسابقا ئېلانمايدۇ . ھە مۇشۇ قايسى مۇسابىقە قانچىنچى يىلى ئېلىپ بېرىلغان بىلىدىغانلار بارمۇ ؟ ئىسىمدە قېلىشىچە ئەشۇ مۇسابىقە مەن تۇنجى كۆرگەن كۇلۇب مۇسابىقىسى ئىكەن . ئەينى ۋاقىتتا مىلان مەستانىسى بولۇپ كەتكىلىمۇ تاس قاپتىكەنمەن.
2002-2003-يىللىق ئۇزغۇنلۇق گۇرۇپ مۇسابىقىسى ئىككىنجى ئايلانما ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-19 15:02:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىلانلقلار ئۇنچلك نامەرىت ئەمەس ....     ئەسىلەپ تۇرىدۇ ...  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-19 15:33:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنتۇلماس يادرو ئوق بېشى، سېنى ئەسلەپ تۇرىمىز  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-19 16:36:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلارنى ئۇنۇتۇپ قىلىشىقا بولىمايىدۇ ، بىزدەك توپ مەستانىلىرىغا نۇرغۇن گۈزەل ئەسىلىملەرنى قالىدۇرۇپ كەتتى ئەمەسىمۇ ، ئۇلارغا قىرىلىق يەتىكەن بولىسىمۇ لىكىن ئۇلارنىڭ مەستانىلىرىگە تىخى قىرىلىق يەتىمىدى ، ۋە ھەم يەتىمەيىدۇ ئۇلارنى مەڭگۈ ئەسىلەشىكە ئەرزىيىدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-11 05:08

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش