akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 2657|ئىنكاس: 16

شاھىن گىرمانىيە بىرلەشمسىنىڭ ئەڭ ياخشى پۇتبولچىسى بولۇپ تاللاندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

نۇرى شاھىن گېرمانىيە بىرىنچى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە دەسلەپكى يېرىم مۇسابىقىنىڭ ئەڭ ياخشى پۇتبولچىسى بولۇپ تاللاندى...

نۇرى ئۈچۈن مۇكاپاتنى تېخىمۇ قىممەتلىك قىلغان نەرسە رەقىبلىرىنىڭ ئۇنىڭغا يۇقىرى باھا بېرىشى بولدى. چۈنكى كىكېرنىڭ ھەر دائىم ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرىدىغان راي سىناش جەدۋىلىدە بىرلەشمە مۇسابىقىدە توپ ئوينايدىغانلارلا ئاۋاز قاتناشتۇرىدۇ.

گېرمانىيە بىرىنچى بىرلەشمە مۇسابىقىدە بورۇسىسئا دورتمۇند مۇسابىقىنىڭ بىرىنچى يېرىمىنى ئەڭ يېقىن رەقىبىدىن 10 پوئىنت يۇقىرى نەتىجە بىلەن ئاخىرلاشتۇردى.

بورۇسسىئا دورتمۇندنىڭ ئۇتۇق قازىنىشىنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى ئەڭ مۇھىم كىشى شۈبھىسىزكى مىللىي پۇتبولچىمىز نۇرى شاھىندۇر.

17 مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسىگە قاتناشقان ياش پۇتبولچى كىرگۈزگەن 4 توپى ۋە 6 ياردەم توپى بىلەن چولپانغا ئايلاندى.

نۇرىنىڭ ئۇتۇقى مەشھۇر كىكېر ژۇرنىلىنىڭ ھەر دائىم ئۆتكۈزۈپ تۇرىدىغان راي سىناش نەتىجىسىدىمۇ ئۆزىنى كۆرسەتتى.

گېرمانىيە بىرىنچى بىرلەشمە مۇسابىقەدە توپ ئوينىغان 286 پۇتبولچىنىڭ ئاۋازى ئارقىلىق مۇسابىقىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىنىڭ ئەڭ ياخشى پۇتبولچىسى بەلگىلەپ چىقىلدى.

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئومۇمىي ئاۋازنىڭ ئۈچتىن بىرىگە ئېرىشكەن مىللىي پۇتبولچىمىز نۇرى شاھىن، مۇسابىقىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىنىڭ ئەڭ ياخشى پۇتبولچىسى بولۇپ تاللاندى
فىلىمىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭhttp://www.trtuyghur.com/trtworl ... eca1&dil=uy
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-10 15:50:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

1.2.3

سىرىق ھەرىلەر توپىدىكى بۇ بالىغا مۇبارەك بولسۇن ..........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-10 16:00:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:شاھىن گىرمانىيە بىرلەشمسىنىڭ

ھېلىقى كۆرۈنۈشى ئېسىمدىن چىقمايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-10 16:50:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:شاھىن گىرمانىيە بىرلەشمسىنىڭ ئەڭ

ھېلىقى ياپۇن پاپىسىنى بولدى دەۋاتقانغۇ ؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-10 16:50:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:شاھىن گىرمانىيە بىرلەشمسىنىڭ ئەڭ ياخشى

ۋاي ئۆتكەندە يىرىم پەسىللىك ئەڭ مۇنەۋەرتوپچىنى ھىلىقى ياپۇنىيەلىك كاگاۋانى دەتىتىغۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-10 18:21:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:شاھىن

مەنمۇ شۇنداق دەپ ئاڭلىغان  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-10 22:19:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re

بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئومۇمىي ئاۋازنىڭ ئۈچتىن بىرىگە ئېرىشكەن مىللىي پۇتبولچىمىز نۇرى شاھىن، مۇسابىقىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىنىڭ ئەڭ ياخشى پۇتبولچىسى بولۇپ تاللاندى


خاخاخا...مىللى پۇتبولچىمىز دەپ قۇيۇڭلا. خەق نىمە بولسۇن ئۆز مىللىتىگە تەۋە ، بىزنىڭ ئۇنداق ھاياجان بىلەن ھەۋەس قىلىشىمىزنىڭ لازىمى يوق.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-10 22:46:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:شاھىن گىرمانىيە بىرلەشمسىنىڭ ئەڭ ياخشى

دورتىمورد   كېيىنكى  پەسىلدە  مۇشۇنداق ياخشى  ئوينىيالامۇ  ؟؟؟

مۇبارەك  بولسۇن  بۇ   بالىغا   !!     
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-1-11 09:59:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:Re

بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى ئوۋىنⅡدە2011-01-10 22:19يوللىغان يازمىسىغا نەقىل Re :
بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، ئومۇمىي ئاۋازنىڭ ئۈچتىن بىرىگە ئېرىشكەن مىللىي پۇتبولچىمىز نۇرى شاھىن، مۇسابىقىنىڭ دەسلەپكى يېرىمىنىڭ ئەڭ ياخشى پۇتبولچىسى بولۇپ تاللاندى


خاخاخا...مىللى پۇتبولچىمىز دەپ قۇيۇڭلا. خەق نىمە بولسۇن ئۆز مىللىتىگە تەۋە ، بىزنىڭ ئۇنداق ھاياجان بىلەن ھەۋەس قىلىشىمىزنىڭ لازىمى يوق.
پومزەكنىڭ كەينىدىن ئەخمىقانىلەرچە يۈگۈرەۋەرمەي ،ئەقلىڭىزنى ئىشلىتىپ ئازتولا كىتاب كۆرۈپ قويۇڭ .........بۇرادەر
ئۇلار كىم؟ بىز كىم ؟  بىزنىڭ باغلىنىشىمىز نىمە دىگەندەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-11 10:37:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

回 8楼(arda) 的帖子

باغلىنىش؟ خوش، ئۇنداقتا سىز ئۇلارنى شۇنداق كۆرگەن بىلەن ئۇلار سىزگە قانداق قارايدۇ؟  بىزبىلەن باغلىنىشى بارلار ئۇلارلا ئەمەسقۇ...كىتب كۈرۈپ تارىخ ۋاراقلاپ  يۈرگەن بىلەن ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز ئىززەتلەپ ئۆزىمىز قۇتقازمىساق «ئاتام ئېيتقان بايىقى» دىگەندەكلا بىر ئىش بۇلىدۇ. باشقىلارغا ھەۋەس قىلىش بىلەنلا ئىش تاڭ ئاتمايدۇ.
مۇنبەردىكى تۈركىيە قىزغىنلىقىغا مەستانە بۇلۇپ يۈرگەنلەردىن سوراپ باقاي؟ سىلەر نىمىشقا تۈركىيەگە شۇنچە ئامراق؟ ئۇلار بىز بىلەن قېرىنداش بولغاچقىمۇ؟ ياكى ئۇلار مۇسۇلمان دۆلىتى بولغاچقىمۇ؟ ئۇلار قانداق قىلىپ مۇشۇ كۈنگە ئىرىشىپتىكەن ،بىزچۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-11 12:58:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:شاھىن گىرمانىيە بىرلەشمسىنىڭ ئەڭ ياخشى

تالاشماڭلارەي، تۈركىيە تەرەپنىڭ خەۋىرى بولغاندىكىن مىللى پۇتبولچىمىز دەيدىغان گەپكەن ئۆزى.
بىز ئۇلارنى قىرىندىشىمىز دەپ بىلىمىز، ئۇلارمۇ ھەم بىزنى قىرىنداش دەپ بىلىدۇ . تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىنىڭ جۇڭگوغا قىلغان دۆلەت سەپىرىنىڭ تۇنجى بىكىتىنى دىيارىمىزدىن باشلىشى بۇنى ئىسپاتلايدۇ .
تۈركىيەدەك دارنىڭ ئۈستىدە كېتىپ بارغان دۆلەتكە نىسپەتەن ھازىر قىلىۋاتقانلىرىمۇ ھەم يىتەرلىك .

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-1-11 13:56:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:شاھىن گىرمانىيە بىرلەشمسىنىڭ ئەڭ ياخشى

ھى ھى ھى ما گەپنى كۆرۈڭ ئەمدى ،مەن بىر ئاللاھقىلا چوقۇنىمەن ،مەن بىر مۇسۇلمانمەن ،بەزى گەپلەرنى قىلغىلى بولمايدۇدە بولمىسا ..................
  كونىلارنىڭ بىر تەمسىلى بار :«بۆلۈنگەننى بۆرە يەر ،ئايرىلغاننى ئىيىق »دەپ ،،،،،،،،بىر تۈرك مىللىتى قەبىلىلەر بويىچە تۈركىيلەرگە ئايلىنىپ قالدى ،مانا بۆلۈنگەن ۋە ئايرىلغانلارنىڭ ھالىغا قاراڭ ،ئوتتۇرا ئاسىيا ،ئوتتۇرا شەرىق دۆلەتلىرىنىڭ ھالىغا قاراڭ ..............
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-11 05:21

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش