akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 7001|ئىنكاس: 40

قەيسەر ئەتىرگۈللەر ( ئىنزاگى )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
           
             مۇشۇ كۈنلەردە ئافغانىستاندا پۇتبول مەيدانىدا پەيدا بولىدىغان ئاياللار كۆپىيىشكە باشلىدى ، ئەمما ئۇلارنىڭ مەبلەغ كەمچىللىكى ، پۇتبول مەيدانى بولماسلىق ۋە چۈشەنمەسلىك قىيىنچىلىقى ئۇلارنى قىيناۋاتىدۇ .
گەرچە ئۇلار ئافغانىستان دۆلەتلىك ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى بولمىسىمۇ ، يەنىلا ئافغانىستاندىكى ش ئا ئە ت قىسمىنىڭ تىك ئۇچار ئايرۇپىلان توختۇتۇش مەيدانىنى ئىجارىگە ئىلىپ مەشىق قىلىشقا مەجبۇر . ش ئا ئە ت نىڭ تىك ئۇچار ئايرۇپىلانلىرى ۋەزىپە ئۈتەپ قايتىپ كەلگەن ھامان ، ئۇلار مەيداننى بىكار قىلىدۇ . بىراق ھەر قانچە مۈشكۈلات بۇ « قەيسەر ئەتىرگۈل » لەرنى غازاڭ قىلالمىدى .


                                         



             دىكابىرنىڭ بىشىدا ئافغانىستان ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى بىر ئۇچۇقچىلىقتا ۋارتاغا توپ ئۇرۇش ، جازا توپ تىپىش ۋە توپ ئىلىپ مىڭىشنى مەشىق قىلىۋاتقاندا ، تۇلۇق قۇراللانغان بىر توپ ئەسكەر مەيدان ئىچىگە كىرىپ ئۇلاردىن مەيداننىڭ يەنە بىر تەرەپكە ئۈتۈپ كىتىشنى ئۈتۈندى ، ئارقىدىنلا يىراقتىن گۈلدۈرلىگەن ھالدا تىك ئۇچار ئايرۇپىلانلار ئۇچۇپ كىلىپ ، مەيداندىن بوران چىققاندەك بىر ھالەتنى شەكىللەندۈردى .
كىشىلەر كۆزىنىمۇ ئاچالماي قالدى ، ئەسلىدە بۇ مەيدان باسقۇنچى قىسىملارنىڭ تىك ئۇچار ئايرۇپىلان توختىتۇش مەيدانى ئىكەن . ئافغانىستان ئاياللار پۇتبول كوماندىسىدىكى قىزلارغا نىسپەتەن ئېيىتقاندا ، بۇ يەر پۈتۈن كابول شەھرىدىكى ئەڭ بىخەتەر جاي . ئۇلار ش ئا ئە ت قىسمى بىلەن كىلىشىم ئىمزالىغان ، تىك ئۇچار ئايرۇپىلانلار ۋەزىپىدىكى چاغدا توپ ئوينايدۇ ، قايتىپ كەلگەندە مەيداننى بوشىتىپ بېرىدۇ .


            مەن تىك ئۇچار ئايرۇپىلانغا ئۆچ ، بىراق بۇ يەردە مۇشۇنىڭدىن باشقا يەردە توپ تەپكىدەك مەيدان يوق ، باشقا يەردە مەشىق قىلساق بىز چوقۇم ھۇجۇمغا ئۇچرايمىز دېدى خالىدە . خالىدە بۇ كوماندىنىڭ بېكى ، ئەمما دائىم چارچىغىنىغا پەرۋا قىلماي ھۇجۇمغا ئۈتۈپ تۇرىدۇ . تېخى خالىدە ئافغانىستان پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەمەلدارى .
- - بۇ مېنىڭ مۇسابىقىگە چۈشۈشتىكى بىر خىل ئۇسۇلۇم - دېدى خالىدە يەنە ، - بىزنىڭ توپ تىپىشتىكى مۇددايىمىز پۈتۈن دۇنيا خەلقىگە مۇنداق بىر ئۇچۇرنى يەتكۈزۈش : ئافغانىستان ئاياللىرىمۇ توپ تىپەلەيدۇ ، ئوقۇيالايدۇ ۋە خىزمەت قىلالايدۇ .


                                             

        تالىبان ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان دەۋىردە ئاياللار تەنتەربىيە ساھەسىنىڭ سىرتىغا چىقىرىپ تاشلاندى ، تالىبان موللاق ئاتقاندىن كىيىن ئاياللارنىڭ تەنتەربىيە ساھەسىگە قاتنىشىشى بەلگىلىك ياخشىلىنىش بولغان بولسىمۇ ، ئەمما دائىم مەبلەغ يىتىشمەسلىك ۋە ۋەزىيەت مۇقىمسىزلىقى پەيدا قىلغان تەھدىتلەرگە ئۇچراپ تۇردى .
خالىدە مۇخبىرغا ئىچىدىكى دەرتلەرنى يۇشۇرماي :
-- بىز نەگە بارايلى ، كىشلەر بىزگە مۇنداق دەيدۇ : سىلەر نىمىشقا توپ تېپىپ يۈرىسىلەر ، بۇ خىل ھەركەتنىڭ ئاياللارغا ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بىلمەمسىلەر ؟


               ئافغانىستاندا ئاياللار پۇتبول ھەركىتى 2005 - يىلى باشلانغان ، ھازىر بۇ دۆلەتتە ئاياللار پۇتبول كوماندىسىدىن 21 سى بار ، ئەمما بۇ قەيسەر ئاياللار ئاشكارا سورۇنلاردا توپ ئوينىيالمايدۇ .
بەلگىلىمىگە ئاساسەن ئەرلەر بىلەن مەشىق قىلالمايدۇ . شۇنداقلا كابولدىكى دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ مەيدانىغا كىرىش ھوقوقى يوق ، كۆپ ھاللاردا ئۇلار خارابىلىككە ئوخشايدىغان ئىگىز پەس سەينادا ، ئاساسەن ئادەملەر بارمايدىغان سايلاردا توپ ئوينايدۇ .
ئىلگىرى ئافغانىستان ئاياللار پۇتبول كوماندىسىغا ترېنىرلىك قىلغان گېرمانىيىلىك كراس ئاشكارلاپ مۇنداق دېدى :
-- مەن كوماندا ئەزالىرىغا ئىنتايىن ئاددىي ماھارەتنىلا ئۆگىتەلىدىم ، تاكتىكا مەشىقىنى ئويلاشقىمۇ پىتىنالمىدىم ، چۈنكى مەشىققە مۇۋاپىق مەيدان تاپالمىدىم .  ش ئا ئە ت قىسمىنىڭ تىك ئۇچار ئايرۇپىلان مەيدانى ئۇلارغا دەرۋازىنى تاقىۋالمىغان بولسىمۇ ، لىكىن ئۇلارنىڭ ھەپتىدە ئەڭ كۆپ بولغاندا ئاران ئۈچ قېتىم پايدىلىنالايدۇ . تېخى بۇ ھۇجۇققا زوڭتۇڭ كارزائىنىڭ ياردىمىدە ئىگە بولغان . شۇ چاغلاردا ئۇلار پاكىستان ئاياللار پۇتبول كوماندىسى بىلەن دوستلۇق مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەندە كارامەت كۆرسەتكەن ئىدى . ئافغانىستان ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ باشلىقى 16 ياشلىق ئولتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى زەينۇر . مەيداندا ھۇجۇمچى بولىدىغان بۇ قىز مۇنداق دېدى :
-- ھەر كۈنى چۈش كۆرىمەن ، چۈشۈمدە ياپيىشىل مەيداندا توپ تىپىپ مەشىق قىلىمەن ، بىراق بۇنداق پۇرسەت بىزگە يوق !



            ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈش نەتىجىسىدە ، بۈگۈنكى كۈندە ئافغانىستان جەمئىيىتىنىڭ نۇرغۇن ئەزالىرى ئۇلارنى قوللاش تەرىپىگە ئۆتتى . ئەمما ئۇلار توپ تەپكەندە يەنىلا ئىسلام ئاياللىرىنىڭ كىيىنىش ئادىتىگە قاتتىق رىئايە قىلىدۇ .
كوماندا ئەزالىرىنىڭ كىيمىنى دانىيىدىكى تەنھەركەت كىيىملىرى زاۋۇتلىرى سوۋغا قىلغان ، بۇلۇپمۇ « تېفور - نىكو » گوروھىنىڭ باش مۇدىرى كىرشىن شادىل مۇنداق دەيدۇ :

-- كۆپ يىللاردىن بويان بۇ دۆلەتتىكى ئاياللارنىڭ قىزغىن ھىسياتىنى ئىپادىلىنىشى چەكلىنىپ كەلدى . ئەمما سىز ئادەمنىڭ ئەقلىنى لال قىلىدىغان بۇ قىزلارنى كۆرگىنىڭىزدە ، تەنتەربىيە قۇدرىتىنىڭ بارلىق سىياسىي ، دىنئىي مەدەنىيەت توسالغۇسىنى يېرىپ تاشلايدىغانلىقىنى چۈشىنىسىز .

         23 ياشلىق پەرىدە بىناكارلىق ئىلمىي ئىنىستوتىنىڭ ئوقوغۇچىسى ، ئىنتايىن كونسىرۋاتىپ پۇشتۇ جەمەتىنىڭ ئەۋلادى . ئولتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدىلا تەنھەركەتكە كۈچلۈك مۇھەببەت ئويغانغان . بىراق ئۇنىڭ دادىسى بىلەن ئاكىسى ئۇنىڭ پۇتبول كۇلۇبىغا كىرىشىگە جان جەھلى بىلەن قارشى تۇرغاچقا ، مۇرادىغا يىتەلمىگەن ئىدى .

--- مەندە پۇتبولغا بولغان مۇھەببەت ئىنتايىن كۈچلۈك ، شۇڭا ئائىلەمدكىلەر قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ ، مەن بۇ نىيىتىمدىن يىنىشنى ئويلاپ باقمىدىم . ئاخىرى ئۇلارنى قايىل قىلدىم ، ئۇلار ئارزۇيۇمغا ھۆرمەت قىلىشنى لايىق تاپتى . دېدى پەرىدە .
بىراق ئۇ بەش يىل بۇرۇنقى ئىشلار ، ھازىر ئۇلار مىنىڭ بىخەتەرلىكىمدىن ئەنسىرەپلا تۇرىدۇ .


                بۇ يىل 30 - ئۆكتەبىر ئافغانىستان ئاياللار پۇتبول كوماندىسى ئافغانىستاندىكى ش ئا ئە ت قىسمىنىڭ ئاياللار پۇتبول كوماندىسى بىلەن بىر مەيدان پۇتبول مۇسابىقىسى ئوينىدى ، نەتىجىدە بۇ قەيسەر ئەتىرگۈللەر غەلبە قىلدى .

--- بىز ئۇلارغا ئافغانىستان خەلقىنىڭ دوستلۇقنى قەدىرلەيدىغان خەلق ئىكەنلىكىمىزنى بىلدۈرۈپ قويغۇمىز بار ، بىز ئۇلارغا قارشى جەڭ قىلىۋاتقان كىشلەرگە زادىلا ئوخشىمايمىز ، - دېدى .
ش ئا ئە ت قىسمىنىڭ نۇرغۇن ئوففىسىر - ئەسكەرلىرى بۇ مۇسابىقىنى كۆردى ، تېخى بىر قىسىم ئەسكەرلەر مۇسابىقە جەريانىدا « كەينىگە تىغ ئۇرۇپ » ئافغانىستان ئاياللار كوماندىسىغا جىنىنىڭ بارىچە مەدەت بەردى .


                                       



ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ ئوففىسىرى گرۇي مارتىنىس مۇخبىرغا مۇنداق دېدى :

--- قىلىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن جىددىي خىزمىتىم بولسىمۇ ، ئەمما مەن يەنە ۋاقىتنىڭ ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ بۇ مۇسابىقىنى كۆردۈم . سىزگە يەنە بىر ئىچكى ئەھۋالنى ئېيتىپ بەرگۈم كىلىپ قالدى ؛
مۇسابىقىدىن بۇرۇن خەۋىپسىزلىك ۋەزيىتى جىددىيلىشىپ قالغاچقا ، زوڭتوڭ كارزائى بۇ مەيدان مۇسابىقىنى بىكار قىلماقچىمۇ بولغان ، بىراق كۆپچىلىك تەلەپ قىلىپ تۇرۋالغاچقا ، مۇسابىقە يەنىلا قەرەرىدە ئۆتكۈزۈلدى .
بىر نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا مۇنداق مۇسابىقىنى كۆرۈشنى ئويلاشقىمۇ پىتىنالمايتۇق ، چۈنكى تالىبان ئاياللارنىڭ توپ تىپىشىگە رۇخسەت قىلمايتى .
ئافغانىستان پۇتبول كوماندىسىدىكى قىزلاردا مىللىي پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بار ، ئۇلار پۇتبول ئويناش ئارقىلىق بۇ تۇيغۇسىنى باشقىلارغا يەتكۈزىدۇ . بۇ تالىبان مەڭگۈ تارتىۋالالمايدىغان نەرسە ...

         
            بەزى ئافغانىستانلىقلارنىڭ نەزىرىدە ئاياللارنىڭ توپ تىپىشى ئەسلىدىنلا دىننىي - ئەھكاملارغا ، ئەخلاقىي - پەزىلەت نىزاملىرىغا يات قىلمىش ئىدى . تېخى ئىشخالىيەتچى ئارمىيە بىلەن توپ ئويناش ئۇلارنىڭ « ئورتاق دۈشمەن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەتتى » .
شۇ سەۋەبتىن ئافغانىستان ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى ھۇجۇم نىشانىغا ئايلىنىپ قالدى . بىراق كىشلەر بۇ خىيىم خەتەرنى مۇھىم ئورۇنغا قۇيۇۋىلىشنى خالىمىدى .


                                    

                                       
ئافغانىستان ئاياللار پۇتبول كوماندىسىنىڭ 20 ياشلىق ئەزاسى زۆھرە بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى :

--- ش ئا ئە ت قىسمىنىڭ بازىسىغا بېرىپ توپ ئويناشنىڭ خەتىرى بارلىقى ماڭا بەك ئايان ، بىراق مەن پۇتبولنى سۆيىمەن ! ياخشى كۆرىمەن ! شۇڭا مەن ئۇ يەرگە باردىم . بۇ خىل ھەركەت ئافغانىستان خەلقىنىڭ ، بۇلۇپمۇ ئافغانىستان ئاياللىرىنىڭ تىنىچلىققا بولغان ئىنتىزارلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-7 21:37:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ئۇرۇش تالىبانلار نىمىشقا مۇنداق قىلىدىغاندا؟
ئەڭ ئاخىردا زۆھرەنىڭ دىگەن گىپى ھەقىقەتەن ئورۇنلۇق....
مانا بۇ پۇتبولنىڭ سىھرى كۈچى!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-1-7 21:42:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز ئانچە ئاغرىنىپ كەتمىسەكمۇ بولغۇدەك ، بىزدىنمۇ قىيىنچىلىقتىكى كىشلەرمۇ باركەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-7 21:43:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي  ئۇرۇش!!!!!!!!!!!!1
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-7 21:43:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ جايدىكى شارائىت ئاياللارنىڭلائەمەس ئەرلەرنىڭمۇ توپ تىشىگە تەسىر كۆرسەتتى ............ لىكىن بۇئاياللاردىكى قىزغىنلىقنى كۆرۈپ     ...........  ئوقۇپ تۈگىتىشىم بىلەنلا مۇزىكىمۇ تۈگىدى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-7 21:46:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شارائىت نەقەدەر ناچار بولسىمۇ ئۇلار قىلچە باش ئەگمەپتۇ
ش ئا ئە ت دىكلەر خېلى ئىنساپلىقكەن جۇمۇ ، ئايرۇپىلان توختىدىغان مەيداننى بىرىپ تۇرغاندىكىن، «مەن» ئۇلارنىڭ ئورنىدا بولغان بولسام ئۇلارنى مەيداندا توپ ئويناشقا يول قويۇش ئەمەس، يېقىن يولاشقىمۇ يول قويمايتتىم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-7 22:03:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى ئىنزاگىدە2011-01-07 21:42يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
بىز ئانچە ئاغرىنىپ كەتمىسەكمۇ بولغۇدەك ، بىزدىنمۇ قىيىنچىلىقتىكى كىشلەرمۇ باركەن

ئۇنداق ئويلايدېغان بولساق بىزدىن ناچار ھالەتتىكى ئادەملەر كۆپقۇ دەيمەن ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-7 22:08:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى ئىنزاگىدە2011-01-07 21:42يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
بىز ئانچە ئاغرىنىپ كەتمىسەكمۇ بولغۇدەك ، بىزدىنمۇ قىيىنچىلىقتىكى كىشلەرمۇ باركەن

توغرا!
لېكىن بىزدىنمۇ ناچار شارائىتتىكى كىشلىەر باركەنغۇ دەپ  كەينىمىزگە قارىساق كېيىنچە شۇ كۈنگە بىزمۇ چۈشۈپ قالىمىز.
بىز نېمىشقا شۇلاردىن ئازراقلا ئۈستۈن شارائىتتا تۇرىمىز؟ نېمىشقا كۆپ ئۈستۈن تۇرمايمىز دىگەننى بەكرەك ئويلىساق بولامدىكىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-7 22:09:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
70-يىللاردا....سابىق سوۋىت ئىتتىپاقى تاجاۋۇز قىلىپ كىرىشتىن  بۇرۇن، ئافغانىستان  بىر ئوبدان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ئىدى.تەنتەربىيە ئىشلىرىمۇ خېلى راۋاجلانغان....شۇ كېچىدىكى  تۇيۇقسىز ھۇجۇمدىن  كىيىن زادى تىنجىپ باقمىدى...
            بۇ ئاياللار قاتتىق ئاياق  بىلەن قانداقمۇ مەشىق قىلىۋاتقاندۇ.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-7 23:46:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە شۇ ئۇرۇش    لىكىن بۇيەردىكى ئاياللارنىڭ پۇتبول قىزغىنلىقىغا گەپ كەتمەيدىكىن  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-1-7 23:58:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەينى چاغدا سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىمۇ ئافغانىستان ئۇرۇشىغا پىتىپ قىلىپ ھىچقانداق پايدا ئالالمىدى ، ئەكىسچە ئۆزلىرىنىڭ پارچىلىنىشىغا يول ئاچقان . ئەمدىلىكتە ئاتالمىش دۇنيا ساقچىسى دەپ نام ئالغان ئامېرىكا مۇتەھەملىرى بۇ يەرنى ئىشخال قىلدى . لىكىن ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرىۋاتىدۇ ئۇ يەردە ، ئۇلارنىڭمۇ تەقدىرى سوۋىت ئىتتىپاقىدىن قىلىشمايدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-8 00:06:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 10قەۋەتتىكى ئىنزاگىدە2011-01-07 23:58يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەينى چاغدا سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىمۇ ئافغانىستان ئۇرۇشىغا پىتىپ قىلىپ ھىچقانداق پايدا ئالالمىدى ، ئەكىسچە ئۆزلىرىنىڭ پارچىلىنىشىغا يول ئاچقان . ئەمدىلىكتە ئاتالمىش دۇنيا ساقچىسى دەپ نام ئالغان ئامېرىكا مۇتەھەملىرى بۇ يەرنى ئىشخال قىلدى . لىكىن ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرىۋاتىدۇ ئۇ يەردە ، ئۇلارنىڭمۇ تەقدىرى سوۋىت ئىتتىپاقىدىن قىلىشمايدۇ .

ياخشىلىق  قىلساڭمۇ ئۆزەڭگە ،   يامانلىق قىلساڭمۇ ئۆزەڭگە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 01:02

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش