akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 6626|ئىنكاس: 38

پۇتبولدىن يىراق قىتئە  ( ئىنزاگى )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
      يېقىندىن بېرى خىزمەت بەك ئالدىراش تورغا بەك تۈزۈك چىقالمىدىم ، يىل ئاخىرىدىكى خىزمەتلەرنى تۈگۈتۈپ ئەمدى بىر تورغا ئۇف دەپ چىقىشىم .  ماۋزۇغا قاراپلا بۇ تېمىنى ئوقۇغىڭىز كەلمىدى ھەقچان . راس ، ئاسىيا پۇتبولچىلىقى ياۋرۇپا ، ئامېرىكا قاتارلىق قىتئەلەرگە سىلىشتۇرغۇلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە . لىكىن يېقىندىن بېرى ئاسىيانىڭ پۇتبولچىلىقى راسلا تەرەقىي قىلىۋاتىدۇ . مۇنبەردىمۇ ئاسىيا پۇتبولچىلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ماتىرياللار ئاز ئىكەن ، شۇڭلاشقا ئۈشبۇ تېمىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇم .
ھازىرغۇ مۇنبەردە ھېلىغۇ ئاسىيا توغۇرلۇقكەن ، ياۋرۇپا توغۇرلۇق نۇرغۇنلىغان نادىر تېمىلار چۈشسىمۇ تۈزۈك ئىنكاس ، مۇلاھىزە يازىدىغان ئادەم يوق ، مىنىڭچە مۇنداق بولسا تېما يوللۇغۇچىنىڭ ھاردۇقى چىقمايدۇ .
شۇڭلاشقا بىلىدىغانلىرىمىز بولسا ئايىمايلى ، بىلمەيدىغانلىرىمىزنى تارتىنماي سورايلى ، ياخشى ئوي پىكىرلىرىمىز بولسا تارتىنماي دادىللىق بىلەن ئولتۇرغا قويايلى !


                                      


        
              1996 - يىلى 9 - ئاينىڭ 1 - كۈنى شۋېتسارىيىگە جايلاشقان خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ باش شىتابى ھىچكىم قىياس قىلىپ باقمىغان بىر قارارنى ماقۇللاپ ، 2002 - يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزىلىدىغان ئورنىنى ئاسىياغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ، ياپونىيە بىلەن كورىيە بىرلىشىپ 17 - نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى بىللە ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى . شۇنداق قىلىپ پەۋقۇلادە تالاش تارتىشتا قالغان 2002 - يىللىق دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقوقىنى تالىشىش كۈرىشى ياپونىيە بىلەن كورىيىنىڭ تەڭ بۇلۇۋىلىپ ئۆتكۈزۈش ھوقوقىغا ئېرىشىشى بىلەن تاماملاندى .


            خېلى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خەلىقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى ئاسىيا پۇتبول ھەركىتىنىڭ تەرەقىيات يۈزلىنىشىنى نەزەردە تۇتۇپ ، 21 - ئەسىردىكى تۇنجى نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئاسىيادا ئۆتكۈزۈشنى مۇقەررەرلەشتۈرۈپ كەلگەنىدى .
شۇنىڭدىن بويان ياپونىيە بىلەن كورىيە بۇ غايەت زور كۆلەملىك مۇسابىقىنى ئۆز دۆلىتىدە ئۆتكۈزۈش ھوقوقىغا ئېرىشىش كۈرۈشىنى قانات يايدۇرۋەتتى . بۇ ئىككى دۆلەت ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئولىمپىك تەنتەربىيە يىغىنىنى مۇۋاپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ باققان بۇلۇپ ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىمۇ ئۇ ئىككى دۆلەت ئۆتكۈزۈپ كېتەلەيدۇ ، چۈنكى ئۇلارنىڭ بىرى دۇنيا بويىچە ئىقتىسادىي كۈچلۈك دۆلەت بۇلۇپ ، پۇتبول ھەركىتىنىڭ سەۋىيىسىمۇ تېز ئۆتمەكتە ، يەنە بىرى ئىقتىسادى يىڭىدىن گۈللىنىۋاتقان دۆلەت بۇلۇپ ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئاسىيادىن قاتنىشىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى دۆلەت ھىسابلىنىدۇ .

                                          

          ئاسىيانىڭ خەلقئارلىق پۇتبول پائالىيىتى 1913 - يىلى 2 - ئايدا باشلانغان . ئەينى چاغدا جوڭگونىڭ بىر ئوقۇغۇچىلار كوماندىسى مانىلادا ئۆتكۈزۈلگەن يىراق شەرىق تەنھەركەت يىغىنىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ ، فىلىپىن دۆلەت كوماندىسى بىلەن ئۇچراشقان . نەتىجىدە 2 : 1 نەتىجە بىلەن فىلىپىن كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغان . شۇنىڭدىن ئېتىبارەن جۇڭگو پۇتبول تېپىشنى ئەمدىلا باشلاپ ، نۇمۇسلۇق مەغلۇبىيەتچىلىك يولىغا داغدام قەدەم تاشلايدۇ .


                                       

          1936 - يىلى جوڭگو بىلەن ياپونىيە پۇتبول كوماندىسى بېرلىندا ئۆتكۈزۈلگەن ئوللىمپىك پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان . نەتىجىدە جوڭگو كوماندىسى 0 : 2 نەتىجە بىلەن ئىنگىلاند كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قۇيۇپ ، 1 - باسقۇچتىلا گۇرۇپپىدىن شەرمەندىلەرچە شاللانغان . ياپونىيە كوماندىسىنىڭ ئەھۋالى بىرقەدەر ياخشى بۇلۇپ ، ئۇلار 1 - مەيدان مۇسابىقىدە 3 : 2 نەتىجە بىلەن شۋېتسىيە كوماندىسىنى مەغلۇب قىلغان .
لىكىن ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە تەجىربىسىنىڭ كەملىگىدىن 0 : 8 نەتىجە بىلەن ئىتالىيە كوماندىسىغا ئىچىنىشلىق ئۇتتۇرۇپ قويغان .



                                    



             ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن ئاسىيا قۇرۇقلىقىنىڭ پۇتبول ھەركىتى بىر قەدەر كۆزگە كۆرىنەرلىك تەرەقىياتقا ئېرىشكەن . ( جوڭگونى كۆزدە تۇتۇلمايدۇ ، چۈنكى ئۇچاغلاردا جوڭگو پۇتبول ئەمەس قورساقنى قانداق بېقىشنىڭ كويىدا ئىدى . ) 1948 - يىلى لوندوندا ئۆتكۈزۈلگەن ئوللىمپىك پۇتبول مۇسابىقىسىگە ئاسىيا قىتئەسىدىن 4 دۆلەت قاتناشقانلىقى بۇنىڭ ئىسپاتى بولالايدۇ . گەرچە بۇ مۇسابىقىدە جوڭگو كوماندىسىتۈركىيە كوماندىسىغا ، ئاۋغانىستان كوماندىسى ليوكسىنبورگ كوماندىسىغا ، ھېندىستان كوماندىسى فرانسىيا كوماندىسىغا ، كورىيە كوماندىسى شۋېتسارىيە كوماندىسىغا ئىچىنىشلىق ئۇتتۇرۇپ قۇيۇپ ، نەتىجە ھاسىل قىلالمىغان بولسىمۇ ، لىكىن ئاسىيا كوماندىلىرى ئۈچۈن بۇ مۇسابىقە خەلقئارالىق مۇسابىقىلەرگە چۈشۈپ چىقىشنىڭ بىر ياخشى پۇرسىتى بولدى .
1954 - يىلى 5 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئاسىيا پۇتبول بىرلەشمىسى قۇرۇلۇپ بىر يىلدىن كىيىن ، ئاسىيا پۇتبول بىرلەشمىسى ئانىڭدىن كىيىن خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشتى .


                                   


              
            1950 - يىللاردا ھېندىستاننىڭ پۇتبول ھەركىتى ئاسىيا قۇرۇقلىقىدا ئالاھىدە ئورۇن ئىگەللەيتى . 1952 - ، 1956 - ۋە 1960 - يىللىرى ئۇلار ئارقا - ئارقىدىن 3 نۆۋەت ئاسىيادىن تاللىنىپ ئوللىمپىك پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان ، 1956 - يىلى ياخشى نەتىجىگە ئېرىشكەن يەنى ئوللىمپىككە قاتناشقان شۇنچە كۆپ كوماندىلار ئىچىدە 4 - لىككە ئېرىشكەن .
1960 - يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئوللىمپىك پۇتبول مۇسابىقىسىدە 1 : 1 نەتىجە بىلەن فرانسىيە كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ ، ئاسىيا كوماندىلىرىنىڭ شۆھرىتىنى شۇ زاماندا دۇنياغا نامايەن قىلغان . 1964 - يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئۇلار 2 - لىككە ئېرىشكەن . 1951 - ۋە 1962 - يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان .
بولمىسىغۇ ، ھېندىستاندا بىزنىڭ جوڭگوغا ئوخشاش ئادەمدىن تولا نىمە يوق ، يەنىلا مۇشۇنچىۋىلا ئادەمدىن 11 ئادەم يوق توپ تىپىدىغان .



                                             


         ئومۇمەن قىلىپ ئېيىتقاندا ئاسىيا پۇتبول ھەركىتىنىڭ تەرەقىياتى باشقا قىتئەلەرنىڭ تەرەقىياتىدىن كۆپ ئارقىدا ، يەنىلا پۇتبولدىن يىراق قىتئە . مەملىكەت خارەكتىرلىك ئومۇمىيلىشىش ، كەسىپلىشىش سۈرئىتىمۇ ناھايىتى ئاستا بۇلۇپ كەلدى . تاكى يېقىنقى يىللارغىچە پۇتبول ھەركىتى تەنتەربىيىنىڭ بىر تۈرى دەپ قارىلىپ كەلگەنلىكتىن ، ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىش يۈزەەكى سەۋىيىدە توختاپ قالدى . شۇڭلاشقىمىكىن بۇ پۇتبولدىن يىراق قىتئە چىملىق جەڭگاھىدا دەسسىلىپ - چەيلىنىپ يۈرمەكتە ...


          ياۋرۇپا لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ئونلىغان دۆلەتلەر پۇتبول ھەركىتىنى كەسپىي ساھەگە ئۆزگەرتىپ بولغىلى 30 ، 40 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندە ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى ئاندىن چۈشىنىشكە باشلىدى . بۇ ساھەلەرگە مەبلەغ سىلىپ ، پۇتبولنى ئامىۋىي ئاساسقا ئىگە قىلىشقا كىرىشتى ، بىر قەدەر تېز راۋاجلاندۇرۇش چارە تەببىرلىرىنى قوللىنىپ باققان بولسىمۇ ، لىكىن يەنىلا ئۈلگىرەلمىدى . مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرگىلى بولمايدۇدە ، ئازراق مەبلەغ بىلەن چەتئەلنىڭ بىرىنچى دەرىجىلىك ترېنىر پۇتبولچىلىرىنى تەكلىپ قىلغىلى بولامدۇ كۆپ مەبلەغ بىلەن ئۇيۇشتۇرغان مۇسابىقىلەرنىڭ كىرىمى چىقىمىنى تولدۇرالماسلىق ، ھۆكىمەت سالغان مەبلەغ بىلەن بۇ ساھەنى گۈللەندۈرۈشكە سۆز ئاچقۇلى بولماسلىق قاتارلىقلار ئاسىيا پۇتبول ساھەسىنى تېز ئارىدا يۈكسەللەندۈرۈشكە بولمايۋاتقان سەۋەبلەرنىڭ بىر بۇلۇپ كەلمەكتە . بۇ ئىشلار ئىلىمىز جوڭگودا ئېغىر ، موما بىلەن بەسەينى جىق يەپ ئەقلى گەجگىسىگە چىقىپ قالغانلار جىق .


        شۇنداقتىمۇ سانائەتى بىر قەدەر تېز تەرەقىي قىلغان ياپونىيە ، كورىيە ، نېفىت سودىسى يۈرۈشۈپ كەتكەن سەئۇدى ، كۇۋەيىت ، ئېران ۋە ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپلىكى قاتارلىق دۆلەتلەر بۇ ساھەدە بىر قەدەر ياخشى ئاممىۋىي ئاساس ۋە ئىقتىسادىي ئاساس ياراتتى .
جوڭگومۇ 1979 - يىلى باشلانغان دىڭ تاغىمىزنىڭ يىتەكلىشىدىكى ئىسلاھات ئىلىپ بېرىش ، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋىتىشنىڭ تۈركىسىدە جەمىيەتنىڭ ھەممە ساھەسىنى بازارغا يۈزلەندۈردى ، بىزدەك 80 - يىلدىن كىيىن تۇغۇلغانلار ئۇ كۈنلەردىكى ئىشلارنى ئىنىق بىلمەيمىز . بىر مەزگىل ئۈزۈلۈپ قالغان پۇتبول ھەركىتىمۇ قايتا راۋاجلاندۇرۇپ ئارقا - ئارقىدىن چىم مەيدانلار بارلىققا كەلدى . شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھەر قايسى ئۆلكىلەردە پۇتبول كوماندىلىرى بارلىققا كەلدى .


             1960 - يىلى چاۋشەننىڭ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ، پۇتبول ھەركىتى مۇنتىزىم كەسىپلەشكەن نەچچە قېتىم دۇنيا چىمپىيونى بولغان ئىتالىيىنى يېرىم يولدا شاللىۋىتىپ ، ئالدىنقى 8 - لىككە ئېرىشىش ئاسىيا پۇتبولچىلىقى چۈشىگىمۇ كىرىپ باقمىغان ، ئاسىيا پۇتبولچىقىلىدىن بىخەۋەر پۇتبول زاتلىرىنىڭ ، مەستانىلىرىنىڭ كۆزىنى ئالاق - جالاق قىلىۋەتتى .
ئېران بىلەن سەئۇدى كوماندىلىرىنىڭ ئويناش ئۇسۇللىرى ، ياۋرۇپالىشىش ھادىسسىمۇ دۇنيانىڭ دېققىتىنى ئۆزىگە تارتتى .


                                       



          تۇنجى قېتىملىق ئاسىيا كوماندا ئەزالىرىنى ياۋرۇپا كۇلۇبلىرىغا قۇبۇل قىلىش ياپونىيە ، ئېران قاتارلىق دۆلەتلەردىن باشلاندى . بۈگۈنكى كۈندە ياپونىيە ، كورىيە ، ۋە ئېران پۇتبولچىلىرى ياۋرۇپانىڭ ھەر قايسى مەشھۇر پۇتبول كۇلۇبلىرىغا بىر كىشلىك تۆھپىسىنى چىقارماقتا .
بۇنىڭ ئىچىدە تىلغا بەك ئەرزىيدىغىنى ، ئاسىيادىن تۇنجى قېتىم ياۋرۇپاغا بېرىپ توپ ئويناپ ئاسىيالىقلارنى دۇنيا پۇتبول سەھنىسىگە تۇنۇتۇشقا زور كۈچ چىقارغان ، ياپونىيىنىڭ پەخىرلىك ئولتۇرا مەيدان پۇتبول چولپىنى ناكاتا .


          1974 - يىلى ئەرەپ دۆلەتلىرىنىڭ پۇتبول جەمئىيەتلىرى ئىتتىپاقى قۇرۇلدى . بۇ بىرلەشمە نىسپى ھالدا ئۆز ئالدىغا پائالىيەت ئىلىپ بارىدۇ . ۋە ئەرەپ دۆلەتلىرىنىڭ پۇتبول ھەركىتىدە ئورتاق يۈكسىلىش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ . بۇ ئىتىپاق قۇرۇلۇپلا تۇلۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولدى .
بۇ بىرلەشمىگە ھەتتا بىر قىسىم ئافرىقا دۆلەتلىرىمۇ ئەزا بۇلۇپ كىردى . بۇ ئىتىپاققا 14 دۆلەت ئەزا بۇلۇپ ، ئۇلار :
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپلىكى ، تۇنىس ، لىۋان ، ئالجىرىيە ، سەئۇدى ، سۇدان ، سۈرىيە ، ئېراق ، كۇۋەيىت ، مىسىر ، يەمەن ، پەلەستىن ۋە لىۋىيىلەردىن ئىبارەت .
سەئۇدى ئەرەبىستانى ھۆكىمىتىنىڭ تۈرۈكلۈك رول ئوينىشى بىلەن ئۇلار « ئەرەپ قولتۇقى رايونى پۇتبول مۇسابىقىسى » ، « ئەرەپ ياشلىرى لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى » ۋە « پەلەستىن لوڭقىسى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى » قاتارلىق مۇسابىقىلەرنى تەسسىس قىلغان .



                                   


           1990 - يىلىدىن كىيىن بۇ پۇتبولدىن يىراق قىتئەدە قايتىدىن پۇتبول ھەركىتى تەرەقىي قىلىشقا باشلىدى ، نېفىت سودىسى قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن نۇرغۇنلىغان پۇتبول ئەسلىۋەلىرى بارلىققا كەلدى . 2002 - يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىمۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئاسىيادا ئۆتكۈزۈلدى .
دۇنيانىڭ ئەڭ ئېغىر يۈكى دەپ تەرىپلىنىپ كىلىۋاتقان جوڭگو كوماندىسىمۇ ، دۇنيا ئەھلىنى تاڭ قالدۇرۇپ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشتى . 2002 - يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە كورىيە كوماندىسىنىڭ ئىپادىسىمۇ ئىنتايىن ياخشى بولدى . ھەم تارىختىكى ئاسىيا كوماندىلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى سەھىپىسىنى ئاچتى .


                     
                                 ئاسىيا پۇتبول ھەركىتىنىڭ كەسىپلىشىشكە يۈزلىنىشى


         پۇتبول ھەركىتىنى كەسىپلەشتۈرۈش تۈزۈلمىسى بىرخىل ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىنى ئاساس قىلىدىغان ئىجتىمائىي تەشكىلات قۇرۇلمىسى بۇلۇپ ، ئۇ جەمىيەتنىڭ مۇئەييەن تەرەقىيات باسقۇچىنىڭ مەھسۇلى .
ئۇ مۇئەييەن ئىجتىمائىي تۈزۈلمە ، ئىجتىمائىي مۇھىت ، ئىجتىمائىي ئاڭ شەكلىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش تەنتەربىيە قۇرۇلمىسىنىڭ ئىچكى قىسىمدىكى ئۇنۋىرسال ئىنكاستىن ھاسىل بولغان ماددا ، ئۇنىڭ بارلىققا كىلىشى ۋە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشى جەمىيەتنىڭ شەرت - شارائىتىگە باغلىق ...


           ھازىر پۇتبول ھەركىتىنىڭ كەسىپلىشىش مەسىلىسىگە ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ ۋە ئۆز ئالدىغا چىقىش يولى ئىزدەۋاتىدۇ .
سىنگاپور پۇتبول ھەركىتىنى كەسىپ؛ەشتۈرۈش يولىدا كۆپ يىل ئىزدىنىپ ئاخىر قوللانغان يېرىم كەسىپلەشتۈرۈش ئۇسۇلى پۇتبول تەنھەركەتچىلىرىنى ئىككى خىل خىزمەت قىلىش شارائىتىگە ئىگە قىلدى . ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خىزمەت قىلىدىغان ئىش ئورنىدىن مۇئاش ئالىدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە ھەرقايسى پۇتبول كۇلۇبلىرىغا قاتنىشىشپ ئۇ يەردىمۇ ئۇبىكتىپ ھالدا مۇئاش ئالىدۇ .
تايلاند پۇتبول جەمئىيىتىمۇ سىنگاپورنىڭ بۇ خىل تۈزۈلمىسىنى ئۆزىگە ئۆرنەك قىلىپ پۇتبول ھەركىتىنى تەرەقىي قىلدۇرۇشنىڭ يىڭى يولى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىدۇ .


                                       

         

           1990 - يىللارنىڭ دەسلىپىدە ياپونىيىدىكى مۇھىم كوماندىلارنىڭ تەنھەركەتچىلىرى ھەممىسى كارخانىلارنىڭ ئىشچىلىرى بۇلۇپ ، ئۇلارنىڭ ئاساسىي مۇئاشى ۋە مۇكاپاتى باشقىلارنىڭ بىلەن ئاساسەن ئوخشاش ئىدى .
پەقەت ئۇلارنىڭ پەرقى چۈشتىن بۇرۇن كارخانىلاردا يىنىك خىزمەتلەرنى قىلىپ ، چۈشتىن كىيىن مۇنتىزىم ھالدا پۇتبول مەشىقى بىلەن شۇغۇللىناتتى .
شۇڭا ئۇلارنىڭ ھازىرقى باشقۇرۇش ئۇسۇلى - پۇتبول ھەركىتىنى كەسىپلەشتۈرۈشنى يىتەكچى ئىدىيە قىلىپ ، دۆلەت ئەھۋالى بىلەن پۇتبول سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتىرىش ئولتۇرسىدىكى زىديەتنى ھەل قىلىدىغان بىر خىل كىلىشتۈرۈش شەكلىدۇر . مۇشۇنداق شەكىلدىكى كۇلۇبلارنىڭ تەنھەركەتچىلىرى ھەر كۈنى دىگۈدەك ياۋرۇپا كەسپىي كۇلۇبلىرىغا ئوخشاش مەشىق قىلىدۇ .
مۇسابىقە مەزگىلىنىڭ ئالدى كەينىدە ئىش توختاتقان بىلەن كۇلۇبتىن ئالىدىغان مۇكاپات پۇكى كارخانىدا كام قالغان پۇلدىن غايەت زور دەرىجىدە كۆپ بولىدۇ .  بۇ تۈزۈلمىنىڭ ئەۋزەللىكى ، ئۇلار كوماندىدىن چىكىنگەندىن كىيىن نىمە ئىش قىلىش ھەققىدە باش قاتۇرمايدۇ .


          يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئاساسلارنى ئېلىمىز ئەھۋالىغا تەببىقلاپ كۆرىدىغان بولساق ، دۆلىتىمىز مىقىياسىدا ھازىردىن پۇتبول ھەركىتىنى كەسىپلەشتۈرۈشنىڭ ئىجتىمائىي شەرت - شارائىتى ھازىرلانمىغىنىنى كۆرىۋالماق تەس ئەمەس . لىكىن ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ ھەقتە خىزمەتلەر ئىشلىنىۋىتىپتۇ . ئىلىمىز بازار ئىگىلىكى تەرەقىياتىغا ئەگىشىپ چوقۇم يىقىن كەلگۈسىدە پۇتبول ھەركىتىنى كەسىپلەشتۈرۈشنىڭ ئاساسلىق ئىجتىمائىي شارائىتىنىڭ پىشىپ يىتىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
ئىلىمىزنىڭ ھازىرقى پۇتبول ھەركىتى تۈزۈلمىسىدە پاي قوشۇش ، بەزى چوڭ كارخانىلارنىڭ بەزى كوماندىلارغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن مەلۇم دەرىجىدە ئارقا تېرەك بۇلۇش قاتارلىق پۇتبول ھەركىتىدىكى كەسىپلىشىشنىڭ تەركىبىي ئامىللىرى كۆرۈنۈشكە باشلاپ ، پۇتبول ھەركىتىنىڭ سەسىپلىشىش مۇقەددىمىسى باشلاندى .
لىكىن ماۋۇ بىز تۇرىۋاتقان يەردە بۇنداق ئىشلار تېخىچە يوق ، توپ تەپتىمۇ دەيلى پۇتبول ساھەسىدىن چىكىنگەندىن كىيىن يولى بۇلۇپ قالسا بىرەر مەكتەپكە تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى بولار ، بولمىسا جىنىنىمۇ بىقىش ئىمكانىيىتى بولمايدۇ . ترېنىر بولاي دىسە ، كوماندا يوق ، ئىچكىرى ئۆلكىلەر ياۋرۇپادىن 40 ، 50 يىل ئارقىدا بولسا ، بىز زادى قانچىلىك ئارقىدا ؟ بۇ ئويلىنىشقا تىگىشلىك سۇئال ... بىز راسلا پۇتبولدىن بەكلا يىراقلاپ كەتتۇق !


           
                                 ئاسىيا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى     




                             



            ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى - - ئاسىيا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ بىۋاستە رىياسەتچىلىكى ۋە تەشكىللىشى ئاستىدا ئۆتكۈزىلىدىغان قىتئە كۆلەملىك مۇسابىقە بۇلۇپ ، ئۇنىڭ ئاسىيادىكى ھەممە دۆلەتلەر دىگۈدەك تىزىمغا ئالدۇرىدۇ . تىزىمغا ئالدۇرىدىغان دۆلەتلەر ئەڭ كۆپ بولغاندا 40 تىن ئىشىپ كىتىدۇ .
مۇسابىقە دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئەندىزىسى بويىچە باشقا رايونلارغا بۆلۈپ گۇرۇپپىلار بويىچە تاللىنىش جىڭى ئىلىپ بارىدۇ . ئاسىيادا دۆلەتلەر زىچ بولغانلىقى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە تاللىنىش ئىستىگىدە مۇسابىقە كەسكىن رىقابەت تۈسىنى ئالغان بولىدۇ . تاللىنىپ چىققان كوماندىلار بىر دۆلەتكە يىغىلىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئىلىپ بارىدۇ .
4 يىلدا بىر نۆۋەت ئۆتكۈزۈلىدۇ . بۇ مۇسابىقە 1956 - يىلى باشلانغان بۇلۇپ ، ھازىرغىچە 14 قېتىم ئۆتكۈزۈلدى .


1956 - يىلى 1 - نۆۋەتلىك ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى شاڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلۈپ ، ئاخىرىدا كورىيە چىمپىيون ، ئىسرائىلىيە 2 - لىككە ، شاڭگاڭ 3 - لىككە ، ۋېتنام 4 جى بولىدۇ .

1960 - يىلى كورىيىدە ئۆتكۈزۈلۈپ ، كورىيە چىمپىيون بولىدۇ .
1964 - يىلى ئىسرائىلىيىدە ئۆتكۈزۈلۈپ ، ئىسرائىلىيە چىمپىيون بولىدۇ .  
1968 - يىلى ئېراندا ئۆتكۈزۈلۈپ ، ئېران چىمپىيون بولىدۇ .  
1972 - يىلى تايلاندا ئۆتكۈزۈلۈپ ، ئېران چىمپىيون بولىدۇ .
1976 - يىلى ئېراندا ئۆتكۈزۈلۈپ ، ئېران چىمپىيون بولىدۇ .
1980 - يىلى كۇۋەيىتتە ئۆتكۈزۈلۈپ ، كۇۋەيىت چىمپىيون بولىدۇ .  
1984 - يىلى سىنگاپوردا ئۆتكۈزۈلۈپ ، سەئۇدى ئەرەبىىستانى چىمپىيون بولىدۇ .     
1988 - يىلى قاتاردا ئۆتكۈزۈلۈپ ، سەئۇدى ئەرەبىستانى  چىمپىيون بولىدۇ .
1992 - يىلى ياپونىيە ئۆتكۈزۈلۈپ ، ياپونىيە چىمپىيون بولىدۇ .
1996 - يىلى ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپلىكى ئۆتكۈزۈلۈپ ، سەئۇدى ئەرەبىستانى چىمپىيون بولىدۇ .
2000 - يىلى لىۋاندا ئۆتكۈزۈلۈپ ، ياپونىيە چىمپىيون بولىدۇ .
2004 - يىلى جوڭگودا ئۆتكۈزۈلۈپ ، ياپونىيە چىمپىيون بولىدۇ .  
2007 - يىلى ھېندونوزىيە ، مالايسىيا ، تايلاند ، ۋېتناملاردا ئۆتكۈزۈلۈپ ، ئېراق چىمپىيون بولىدۇ .   

            ئەسلى 14 - نۆۋەتلىك ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ئەسلىدە 2008 - يىلى ئۆتكۈزىلەتتى ، لىكىن ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئوللىمپىك ۋە ياۋرۇپا پۇتبول لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى بىلەن توقۇنۇشۇپ قىلىشنىڭ ئالدىنى ئىلىش ئۈچۈن بىر يىل ئالدىغا سۈرۈشنى قارار قىلىپ 2007 - يىلى ئىلىپ بارغان .

                              

                                       

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +10 يىغىش سەۋەبى
سىرداش + 10 نادىر تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-7 17:52:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر نادىر ،  ئىنزاگى دېگەن خەتنى كۆرەپلام  يەنە نادىر تېمىكەن دەپ  ئويلىغانتىم، ئولتۇرۇپ باشتىن كۆرەي!
ئاسىيالىق بولغاندىكىن مىڭنى قىلسا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-7 18:01:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنزاگى مۇنبەرگە كىرمەيدۇ  ، كىرسە نادىر بىلەن كىرىدۇ ، قايىلمەن

بۇ رەسىمدە ماھىرلارنىڭ نۇمىرى ساپلا تەتۈرغۇ ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-7 18:05:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ئاسىيا پۇتبولچىلىقى بىكىنمىچىلىكتىن قوتۇلغان ۋاقىتتا ئاندىن ھەقىقى تەرەققىياتقا ئېرىشىدۇ، قارايدىغان بولساق چىمپىيۇن بولغان دۆلەتلەرنىڭ قاتارىدا بىرقىسىم تەنھەرىكەتنى ھەقىقى قوللىغان دۆلەتتىن باشقا ئىراقتەك دۆلەتلەرنىڭ ھىچقانداق ئىقتىسادى قوللاش يوق ئەھۋال ئاستىدا باشقىلارنىڭ كىيىمىنى ئارىيەتكە ئېلىپ مەيدانغا چۈشۈپ چىمپىيۇن بولدى، لىكىن كۈنىگە نەچچە يۈزمىڭلاپ پۇل خەجلىگەن بىزنىڭ مىليۇنىر چولپانلىرىمىز ۋارىتارنى ئېچىپ قويۇپ كۈرۈش سۇپىسىدا توپ ئويناپ ئاخىردا يەنە كۈرۈش سۇپىسدىمۇ تۇرالماي ئۈيىگە قايتىپ تىلۋزوردىن كۆردى. شۇنىڭدەك مىساللاردىن كۈرۈۋالالايمىز ئاسىيا پۇتبولچىلىقى تار بىكىنمىچىلىك ۋە مەنپەئەت توقۇنۇشىدىن قۇتۇلغان ۋاقىتتا ئاندىن ھەقىقى تەرەققىياتقا ئېرىشىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-1-7 18:13:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ئاسىيا پۇتبولچىلىرىدىن مەن بىر ناكاتاغىلا قىززىقىمەن جۇمۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-7 18:14:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنزاگى ئاكىمىزنىڭ مۇشۇنداق تېمىلىرىنى قانچە قېتىم ئوقۇسامماۇ پۇخادىن چىقمايمەن.
بىراق تېمىدىكى بىر قسىىم يۇمۇرلۇق سۆزلىرىڭىزگە راسا كۈلۈپتىمەن    موما بىلەن بەسەينى كۆپ يەۋېلىپ، ئەقلى گەجگىسىگە چىقىپ قالغانلار
راس بىز پۇتبولدىن يىراقلاپ كەتتۇق. تولىمۇ يىراقلاپ كەتتۇق. بەلكىم نەچچە ئەسىردىن كېيىن، بىزنىڭ نەۋرە-چەۋرىلىرىمىز، ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان، تاماشىبىنلار لىق تولغان مەيدانلاردا توپ ئويناپ يۈرۈشكە نىسىپ بولار...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-7 18:37:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر نادىر تېما !!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-7 18:42:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاسىيانىڭ پۇتبولدىكى تەرەققى قىلماسلىقىدىكى سەۋەب  مىنىڭچە كۆپ قىسىم دۆلەتلەردىكى دۆلەت كاتتىلىرىدىن تارتىپ ئائىيلە باشلىقرىغىچە كۆڭۈل بۆلۈش بەك كەمچىل  مىنىڭچە ئاتا .ئانىلارنىڭ باللارغا قايسى جەھەتتىن  كۆڭۈل بۆلۈشى جىق ئىشلارنى بەلگىلەپ قويىدىكەن ......بىزدىمۇ ھەم شۇ ...ھىندىستاننىڭ پۇتبولچىلىقىغا كەلسەك ھىندىستاندا يىلدا نەچچە مىلىيون ئادەم ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كىتىدۇ ..... چاۋشىيەننىڭ پۇتبولىغا ھەيران ئۆزۈممۇ ؟؟؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-7 18:54:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:پۇتبولدىن يىراق قىتئە  ( ئىنزاگى )

بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى ئىنزاگىدە2011-01-07 18:13يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
مۇشۇ ئاسىيا پۇتبولچىلىرىدىن مەن بىر ناكاتاغىلا قىززىقىمەن جۇمۇ
قايسى بىر يىلنىسى ناكاتا تىخى ياۋرۇپادىكى كىرىمى ئەڭ كۆپ10پۇتبولچىنىڭ قاتارىغا كىرگەن تىخى....
تىمىڭىز ناھايىتى بەلەن چىقىپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-7 18:55:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاسىيا تىخىچە پۇتبولنى كەسىپلەشتۈرەلمەي يۈرۈپتىدە ...... يېرىم كەسىپلىشىش    
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-7 19:04:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاسىيا پۇتبولچىلىقى راستىنلا غەلبىدىن يىراق ، كورىيە بىر قەدەر ئاسىيانىڭ يۈزىنى كۆتۈرۈپ تۇرۋاتىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2011-1-7 19:09:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:پۇتبولدىن يىراق قىتئە  ( ئىنزاگى )

بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى sansiz0903دە2011-01-07 18:14يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
ئىنزاگى ئاكىمىزنىڭ مۇشۇنداق تېمىلىرىنى قانچە قېتىم ئوقۇسامماۇ پۇخادىن چىقمايمەن.
بىراق تېمىدىكى بىر قسىىم يۇمۇرلۇق سۆزلىرىڭىزگە راسا كۈلۈپتىمەن    موما بىلەن بەسەينى كۆپ يەۋېلىپ، ئەقلى گەجگىسىگە چىقىپ قالغانلار
راس بىز پۇتبولدىن يىراقلاپ كەتتۇق. تولىمۇ يىراقلاپ كەتتۇق. بەلكىم نەچچە ئەسىردىن كېيىن، بىزنىڭ نەۋرە-چەۋرىلىرىمىز، ئەسلىھەلىرى تولۇق بولغان، تاماشىبىنلار لىق تولغان مەيدانلاردا توپ ئويناپ يۈرۈشكە نىسىپ بولار...


نەچچە ئەسىردىن كېيىن بىز ئۇنداق  تەرەققىياتلارغا ئېرىشكەندە بولسا  ياۋرۇپادا  توپچىلار ھېلىقىدەك ئالاھىدە ئىقتىدارلىق كۆزەينەكنى تاقاپ كارۋاتتا يېتىپ تۇرۇپ خىيالى دۇنيادىلا  مۇسابىقىنى ئويناپ تۈگىتىدىغان بولۇپ كىتەرمىكى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 01:51

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش