akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 8591|ئىنكاس: 46

زەردار كۇلۇبلار ۋە ئۇنىڭ ئېنىقلىمىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2010-12-20 16:39:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
دائىم زەرىدار كۇلۇب - ئىتالىيەزەردارى، ئېنگىلاد زەردارى، ئىسپانىيە زەردارى دەپ تىلغا ئېلىپ تۇرىمىز، ئۇنداقتا زەرىدار كۇلۇب بولۇشنىڭ ئېنىق ئۆلچىمى نىمە؟ زادى قانداق كۇلۇبنى زەرىدار كۇلۇب دەيمىز؟

زەرىدار كۇلۇب :

1. ئالدى بىلەن شانلىق تارىخ ياراتقان بولۇشى كېرەك. بىر كوماندىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتىنىڭ بۇرۇنلىقى، شۇنچە ئۇزۇن جەرىياندا توختىماي شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان بولىشى، شۇنداقلا ئۆزىگە تەۋە بولغان بىر شانلىق دەۋرىنىڭ بولىشى زەردار كۇلۇبنىڭ ئالدىنقى ئۆلچىمى بولىشى كېرەك. مەيلى مانچىستىر بولسۇن، مادرىت ياكى ئىنتېر ۋەياكى بەيرېنلەر بولسۇن مانا مۇشۇ شانلىق تارىخنىڭ ياراتقۇچىلىرىدىن.

2. كۆرىنەرلىك نەتىجىلىرىنىڭ بولىشى : ئۇزۇن تارىخقا تەۋە كۇلۇبلار نۇرغۇن، مانا شۇلارنىڭ ئىچىدىن ھازىرغىچە ئۇزۇلمەي ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرەلىگەنلەر زەردارلاردۇر، ئۇيغۇردا :« ياخشى ئات ئۇزۇنغا چىدايدۇ» دېگەن گەپ بار ئەمەسمۇ؟ يېرىم يولدا سەپتىن قالغانلارنى زەردار ساناشقا ئەلۋەتتە بولمايدۇدە.

3.كوماندىنىڭ جەلىپ قىلىش كۈچى : ئەلۋەتتە شانلىق نەتىجە ۋە ئۇزۇلمەس تارىخنىڭ ئالدىدا چۇقۇم ئىسىل دەۋىر ياراتقۇچى قەھرىمانلار بولىشى كېرەك، شۇلار مەستانىلەرنىڭ قەلبىدىكى ئوبرازلاردۇر، مانا شۇلار تارىخنى يارىتىدۇ، ئىسىل نەتىجىلەرنىڭ كاپالىتى، شۇنداقلا ئۇزۇن يىللىق بىر كۇلۇبنىڭ يېڭى چولپانلارنى جەلىپ قىلىشتىكى چاقىرىق كۈچى.

4. ئىلغار باشقۇرۇش تۈزۇلمىسى : بىر تارىخنى يەنە بىر تارىخقا ئۇلايدىغان يەنە بىر مۇھىم ھالقا ياشلاردا، مەيلى ياشلارنى تەربىيلەش ياكى يېڭى چولپانلارنى قۇشۇۋېلىش - ۋاياكى يېڭى بىر بازار ئېچىش، تارقىتىش ھۇقۇقى.... قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىر زەردار كۇلۇبنىڭ مۇھىم بەلگىسى ۋە ئۇنىڭ داۋاملىق توختىماي چېپىشىدىكى ھەركەتلەندۇرگۇچى كۈچ.

ئۇنداقتا يۇقارقى شەرىتلەر بىلەن مەن ساناپ چىققان ياۋرۇپادىكى زەردار كۇلۇبلار تۆۋەندىكىچە :
1. مىلان :

مىلان - شۆھبىسىزكى زەردارلارنىڭ ئەڭ ئالدى بولۇشقا مۇناسىپ، دۆلەت ئىچىدىكى 17 قېتىملىق بىرلەشمە چىمپىيونلۇقى ۋە ياۋرۇپادىكى يەتتە چىمپىيونلۇق بۇ 1899- يىلى قۇرۇلغان ئۇزۇن يىللىق كۇلۇبنى زەردارلار كۇلۇبلار ئىچىدىكى بىر مەرۋايىتقا ئايلاندۇرغان، 80 - يىللاردىن كىيىنكى مىلاننىڭ ياۋرۇپادىكى نەتىجىسى ھەر قانداق كۇلۇبنىڭ نەتىجىسىدىن ياخشى دېسەك ئاشۇرغانلىق بولماس. ۋەكىللىك چولپانلاردىن ئالدى بىلەن شانلىق مىلان دەۋرىدىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەزالىرىنى ساناپ ئۆتىمىز:
مالدىنى – دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋەر بىكلەرنىڭ بىرسى. دۇنيادا شۇنداق بېكلارمۇ باركىن 40 يېشىدىن ھالقىغاندىمۇ ئەڭ زەردار كۇلۇبدا ئاساسلىق ئەزالىق ئورنىدا ئولتۇرالايدۇ، بۇنداق رىۋايەتنى پەقەت گىلادىياتۇرلاردىن ئاڭلاش مۇمكىن.

باستېن – رىۋايەتلەردە دائىم دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ شىددەتلىك ھۇجۇمىنى ئاڭلىغان بولساق، چىملىقتا ھەقىقىي گوللاندىيە دېڭىز قاراقچىسىنىڭ ئۆزىنى كۆرۇشنى نىسىپ قىلدى، باستىن شەھشۆھبىسىز 90- يىللاردا توپ كۆرۇشنى باشلىغانلارنىڭ نەزىرىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچى.

فىرانىك.بارېسسى –دۇنيادىكى بېكلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇستەھكەم ھالقا. ئۇنى پەقەت بىرلا سۆز بىلەن سۇپەتلەش توغرا كەلسە ئۇ – مۇقەددەس شەھەرنىڭ مۇۋاپىزەت قورغىنى.

2. رىئال مادرىت :

مادرىت – 2000- يىلى 20- ئەسىردىكى ئەڭ مۇۋاپىقىيەت قازانغان كوماندا بولۇپ باھالىنىشىنىڭ ئۆزىلا ياۋرۇپادىكى بۇ زومىگەر كوماندىنىڭ زەردارلارنىڭ زەردارى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتۇ. ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى 31 قېتىملىق چىمپىيونلۇق ۋە ئۇزغۇنلۇقتىكى 9 قېتىملىق چىمپىيونلۇق بۇ كوماندىنىڭ شانلىق تارىخنىڭ شاھىدى بولسا، تۆۋەندە سانىماقچى بولغان چولپانلار ئۇنىڭ جەلىپكارلىقىنىڭ يەنە بىر تەرىپى :

رائۇل  - ئۈزۇك شاھنىڭ ھېكايىسى ھېلى ھەم داۋاملاشماقتا. ئۇ مەڭگۇلۇك مادرىت ئەركىسى.

كاشىلىياس – 19 يېشىدا سامانيولى كېمىسىنىڭ مۇھىم ئەزالىرىدىن بىرسى سۇپتىدە مەيدانغا چۇشكەن، ئىسپانىيە رىۋايىتىنىڭ باش سەركەردىسىدىن بولۇش سۇپتىدە دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر قاپقاۋۇل.

كارلوس – يولۋاسنىڭ گەرچە كالتە پۇت بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ئەڭ مۇنەۋۋەر ئوۋچى بولۇش سۇپتىدە دۇنيا تارىخىدا ئۆزىنىڭ ئاياق ئىزىنى، ئىز بولغاندىمۇ مەڭگۇ ئۆچمەس ئىزىنى قالدۇردى.


3.لىۋېرپول

لىۋېرپول – ئەنگىلىيىدە ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان ۋە ئەنگىلىيىچە ئويناش ئۇسۇلىنىڭ ئىجادچىسى، ئېنگىلاد بىرلەشمىسىدىكى تىزلىكنىڭ بايراقدارى بولۇش سۇپتىدە – تىز پۇكمەسلىكنىڭ سىمۋولى رىۋلپولنىڭ 18 قېتىملىق ئېنگىلاد ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونلۇقى بىلەن بىرگە 5 قېتىملىق ئۇزغۇنلۇق ۋە 3 قېتىملىق ئىتتىپاق لوڭقىسىنى ھېسابلىمىغاندىمۇ ئىستامبولدىكى بىر كېچىلا ئۇنىڭ پۇتۇن شۆھرىتىنىڭ سىمۋولى. داڭلىق چولپانلاردىن :
جېرراد –داڭلىق كاپىتاننىڭ ھاياتىنى سۇپەتلەيدىغان سۆز – ماياك. ئۇ ھامان كوماندا ئەڭ ھالقىلىق ۋاقىتتا، ئەڭ لازىملىق ۋاقتىدا قېلىچىنى ئىگىز كۆتۇرۇپ ۋارقىرايدۇ ۋە شۇ مەيداندىكى ئەڭ كۈچلۇك ئادەمگە ئايلىنىدۇ.

مايكېل ئوۋېن – 80- يىللارنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا تۇغۇلغانلار ئۈچۈن مايكېل بىر شانلىق تارىخنى ياراتقان ئەڭ مۇھىم قەھرىمان، ھەر قانداق بىر ئېنگىلاد مەستانىسى ياكى  دۇنيا لوڭقىسىنىلا كۆرىدىغان مەستانە ئۈچۈن ئۇ بىر رىۋايەت، يىغىلىشلاردا ئولتۇرغان يىگىتلەر توپ توغرىسىدىلا پاراڭ بولسا تىلغا چىقىدىغان بىرىنچى چولپان.

4.بەيرېن –

بەيرېن – شۇ چاغلاردا تېلۋۇزۇردا پەقەت گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىلا تارقىتاتتى، كۆرەلەيدىغان پۇتبول مۇسابىقىسى شۇ زومىگەردىن باشلانغان، ئۇ گېرمانىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ ياۋرۇپادىكى نامايەندىسى، ياۋرۇپا پۇتبولچىلىقىدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان قەيسىرانە روھنىڭ نامايەندىسى. دۆلەت ئىچىدىكى بىرلەشمىنىڭ بىردىن بىر زومىگىرى، ھەتتا كىشىگە گېرمانىيە بىرلەشمىسىدە بەيرېندىن باشقا كوماندا چىمپىيون بولسا بىر خىل قاملاشمىغان بىلىنىدۇ. تۆت قېتىملىق ياۋرۇپا ئۇزغانلىق چىمپىيونلۇقى بىلەن گېرمانىيە بىرلەشمىسىنىڭ شۆھرىتىنى نامايەن قىلىدۇ.
كائىن – شىر ئوتلاق شاھى، ياۋرۇپا چىملىقىنىڭ مۇۋاپىزەتچىسى- چىملىق قوغدۇغۇچىسى سېرىق شىر توغرىسىدا ئارتۇق سۆزلەش ھاجەتسىز، شۆھبىسىزكى دۇنيادىكى ئەڭ مۇۋاپىقىيەت قازانغان قاپقىچى.

بېكىنباۋۇر – دۇنيادا خان ئاتالغان پۇتبولچىلار ئانچە كۆپ ئەمەس. پۇتبول قاغانى بېكىنباۋۇرنىڭ شۆھرىتىنى ئاڭلىمىغان كىشى بولمىسا كېرەك. ئۇ يەنە داڭلىق تېرىنىر. پۇتبول دۇنياسىدا ئۇنىڭ تىرىشىچانلىقى، مەيداندىكى سالاپىتى ۋە گېرمانلارغا خاس ئەستائىدىل روھى –قەيسەرلىكى گېرمانىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ ئەڭ مۇھىم روھى بولۇپ قالدى.

5. ئاجاكىس:

گوللاندىيە رىۋايىتىنىڭ داۋاملاشتۇرغۇچىسى، ئومۇميۇزلۇك ھۇجۇم، ئۇمۇميۇزلۇك مۇداپىيە ئويناش ئۇسۇلىنىڭ ئىجادچىسى، ياۋرۇپادىكى داڭلىق توپچىلارنىڭ يېتىشىپ چىقىدىغان بازىسى. پۇتبول بىلەن مۇناسىۋەتلىك پاراڭلار دائىم باغلىنىدىغان توپچىلار چۇقۇمكى ئاجاكىس بىلەن باغلىنىشلىق. بۇ يەردىن كېرۇيۇف، روبىن، باستېنلار ... قاتارلىقلار يېتىشىپ چىققان. 1894- يىلى قۇرۇلغان بۇ كۇلۇپ ياۋرۇپادىكى ئەڭ بۇرۇن قۇرۇلغان كۇلۇبلارنىڭ بىرسى. 29 قېتىم گوللاندىيە بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونى، ياۋرۇپا ئۇزغانلىق چىمپىيونى 4 قېتىم قاتارلىق شەرەپلەرلا بۇ بەش ئاساسلىق بىرلەشمىدىن سىرتىدىن كەلگەن كۇلۇبنىڭ شۆھرىتىنى نامايەن قىلالايدۇ.  چولپانلاردىن تىلغا ئالىدىغانلىرىمىز :

مۇز شاھزادە – بوكېكامپو، توماس ۋېرمالون، كېرۇيېف بۇلاردىن باشقا يەنە نۇرغۇن، ئۇنتۇپ قېلىشقا بولمايدىغان ئەڭ مۇھىم كىشىلەردىن بىرسى دەيۋېس – كۆز ئەينەكلىك بۇ قارىۋاينىڭ مەيداندىكى مەستانىلەرنى جەلىپ قىلىش كۈچى يۇقارىقى ھەر قانداق چولپانلاردىن قېلىشمايدۇ.

6. مانچىستىر بىرلەشمىسى –

1902 – يىلى قۇرۇلغان بۇ كوماندا ئېنگىلاد كوماندىلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم كوماندىلاردىن بىرىسى، ئېنگىلاد ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىدە 18 قېتىم چىمپىيون بولغان، ئۇزغۇنلۇقتا 3 قېتىم چىمپىيون بولغان بۇ كوماندا ھازىر ئېنگىلاد بىرلەشمىسىنىڭ بايرىقىدۇر، بۇ يەردە فۇگېسىنغا ئوخشاش دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق تېرىنىر، گېگسىقا ئوخشاش ئۇچقۇر قانات، بوب.چارلىتونغا ئوخشاش كېنەزلەر بار.  تۆۋەندە تىلغا ئالىدىغانلىرىمىز :
1. بوبى چارلىتون – ئېنگىلاددىن چىققان ئەڭ داڭلىق ھۇجۇم، بىزگە گىلادىياتورلارنىڭ قولىدىكى ئۆتكۇر قېلىچنى ئەسلىتىدۇ.

2. گېگىس – كىم ھازىر ئۇنى قېرىدى دەيدۇ؟ ھەر كۇنى بىر قېتىم تارىخ يازىدىغان بۇنداق توپچىلار ئانچە جىق بولمىسا كېرەك. ئۇچقۇر قانات، ئۇن تۇنسىز تىرىشىش مانا بۇ ئۇنىڭ پۇتبول ھاياتى.

3. سېكورىس- يىراقتىن قايرىلىپ چىرايلىق چىققان بىر توپ ۋاراتارنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۆلۇك بۇلۇڭغا چۇشكەن بولسا بىر ئۇزۇن يىللىق مەستانە ئەڭ بۇرۇن كۆز ئالدىغا كەلتۇرىدىغان كىشى، سېرىق چاچلىق سېكورىستۇر.،

7. بارسېلونا –

ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە شۇنداق بىر كوماندا بار، دائىم دۇنيادىكى ئەڭ زەردار كۇلۇب دەپ ئاتالغان كۇلۇبنىڭ كۆزىگە قادىلىدۇ، ئۇ ھامان بىر سۆز – سەنئەت بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن، يېقىنقى يىللاردىن نەتىجىسى ئەڭ كۆرىنەرلىك بولغان كوماندا، توپ كونتىرول قىلىش، 11 ئادەم بىر گەۋدىگە ئايلىنىش، دۇشمەنگە ھۇجۇم قىلىدىغان پۇرسەت بەرمەسلىك مانا بۇ بارسالونا كوماندىسىدۇر.20 قېتىملىق بىرلەشمە چىمپىيونلۇقى ۋە 3 قېتىملىق ئۇزغۇنلۇق چىمپىيونلۇقى شۇنداقلا يېقىندىن بۇيانقى بىرلىككە كەلگەن ئويناش ئۇسۇلى بۇ كوماندىنى ياۋرۇپادىكى زەردارلارنىڭ ئالدىغا ئۆتكۇزدى. بۇ كوماندىدىن سەنئەتلىك پۇتبولنىڭ ۋەكىللىرى چىققان :
1.كېرۇيېف – دۇنيا پۇتبولچىلىقىدىكى سەركەردە، داڭلىق تېرىنىر 1947- يىلى 4 –ئايدا گوللاندىيەدە دۇنياغا كەلگەن، كىيىنكى چاغلاردىكى سەنئەتلىك پۇتبول مانا مۇشۇ كىشى بىلەن باغلاندى، ئاجاكىس كوماندىسىدىكى مەڭگۈلۇك 14 –نومۇر ۋە بارسالونا كوماندىسىنىڭ پەخرىي رەئىسى دۇنيا پۇتبولچىلىقىغا يېڭى ھاياتى كۈچ قوشقان.

2.مارادونا – دۇنيا پۇتبول پادىشاھىنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاش بىر پۇتبول مەستانىسى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بىلىمدۇر، «ئۇنىڭ سول پۇتىنى چەكلىۋېتىپتۇ « دېگەننى ھەممەيلەن ئاڭلىغان بولىشىمىز مۇمكىن.

3.رومارىئو – تەنھا بۆرە پۇتبول مەيدانىدا ئەڭ قورقۇنۇشلۇق كىشى، بۆرىلەرنىڭ ئەقىل پارىسىتىنى مۇجەسسەملىگەن ھۇجۇمچىنىڭ ھۇجۇم ئۇنىمىدىن گۇمان قىلىش ئەخمىقانىلىق خالاس.

8.ئىنتېر مىلان :

ئىنتېر مىلان – ئىتالىيىدە يەنە بىر مۇھىم كوماندا بار، بۇ كوماندىنىڭ قۇرۇلىشى بىلەن ئىتالىيىە پۇتبولچىلىقىدا تىرىشچانلىق بىلەن توختىماي ئىلگىرلەش روھى بارلىققا كەلدى، ئالتۇن دەۋىر – شانلىق نەتىجىلەر بىر بىرلەپ بارلىققا كېلىشكە باشلىدى، نۇرغۇن قەيسىرانە چولپانلار بارلىققا كەلدى، مۇداپىيە بىلەن تاكتىكىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان ئويناش ئۇسۇلى شەكىللىنىشكە بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەن بۇ كۇلۇب خۇددى يىلاندەك ئوتلاق ئارىسىغا يۇشۇرۇنۇپ، ئوتلاق پادىشاھلىرى ئاتالغان شىر – يولۋاسلارنى يېقىتتى، ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ كېلىۋاتقان بۇ كۇلۇب بىرلەشمىدە 18 قېتىم چىمپىيون ۋە ئۇزغۇنلۇقتا 3 قېتىم چىمپىيون بولغان، يېقىندىلا ئالغان دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسى بىلەن بەش چىمپىيونلۇقنى بىراقلا ئېلىپ، ئىتالىيە بىرلەشمىسى چېكىندى دېگەنلەرگە ئەمىلىي ھەركىتى بىلەن جاۋاب بەردى.
1. زاننىتى :  پامپاس يايلىقىدىن كەلگەن بۇركۇتنىڭ كەسپىي ئەخلاقى، مەيداندىكى قوماندانلىق قىلىش ئىقتىدارى ۋە مەيداندىكى كۆپ خىل ئورۇننىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدىغان ئالاھىدە ماھارىتى، شۇنداقلا كىشىلىك ئەخلاقى بىلەن كۆك قارا جەڭ ساۋۇتىغا يېڭى ھۆسۇن قوشۇپ كەلدى، ئۇ ھۇجۇم ۋە مۇداپىيەدە دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدە.

2. مىئاززا :
- ئۇ بار مۇسابىقىنى بىز بىر توپ كىرگەندىن باشلاپ ھېسابلىساق بولىدۇ – مانا بۇ شۇ ۋاقىتتىكى رىقابەتچىلەرنىڭ دەيدىغان سۆزى، مىلان شەھىرىدىن چىققان ئەڭ داڭلىق پۇتبول چولپىنى، ئىتالىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ بايرىقى. 1979-يىلى ئۇ ئالەمدىن ئۆتكەندە مىلان شەھەرلىك پارلامىنىت سان سېرو مەيدانىنىڭ ئىسمىنى ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن خاتىرلەشنى قارار قىلدى. بۇنداق شەرەپ ھەرقانداق توپچىغا بېرىلىۋەرمەيدۇ ئەلۋەتتە.

3.فاچچېتتى –
ئىنتېرنىڭ ئەڭ سىمۋوللۇق توپچىسى، مەڭگۈلۇك 3 – نومۇر، مەيداندىكى كاپىتان، مەيدان سىرتىدىكى مۆتىۋەر، چىملىقنىڭ سول تەرىپىدىكى مەڭگۈلۇك بەلگە – ئەڭ مۇستەھكەم بېكلەرنىڭ بىرسى بولۇش سۇپتىدە پۇتۇن ئىتالىيە بىرلەشمىسى مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىكى مەڭگۈلۇك چولپان.

9. يۇۋېنتۇس –

تاغىل ئات ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى غوجىدار، بىرلەشمىدىكى ئەڭ جىق چىمپىيون بولغان كوماندا، قېرى خۇتۇننىڭ شانلىق بىرلەشمە ھاياتى ئۇنىڭ ياۋرۇپا مەيدانىدىكى ئۇمۇتسىز يېنىشى كىشىنى بىر خىل ئەپسۇسلاندۇرسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ زەردارلاردىن ئىكەنلىكى ئېنىق. 2 قېتىملىق ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى بىلەن 29 قېتىملىق بىرلەشمە لوڭقىسى قۇشۇلسا كىمۇ ئۇنى ئىنكار قىلالىسۇن ؟

زوف – پولات ئىستاھكام مانا بۇ ئۇنىڭغا بېرىلگەن بارلىق مەدھىيە.

پۇلاتىنى – مەيداندىكى ھەقىقىي مەنىدىكى 10 – نومۇر.

باگگىئو – قوش ئەپەندى، مەيداندىكى شاھزادە، شۇ قېتىمقى نۇقتا توپ، كۆز ياش ...

پىئىيرو – مەيداندىكى تەمكىنلىك، توختىماي تىرىشىش، قوماندانلىق قىلىشىتىكى زېرەكلىك...


[ئىتالىيە مەستانىلەر بىرلەشمىسى]

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +6 يىغىش سەۋەبى
dilhux + 1 ئەتىراپلىق بوپتۇ ...
سەزگۈ + 5 نادىر تېما

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-12-20 18:11:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باگگىيو........  ئەستا مۇشۇ رىمدا بىر ئوينىۋاتقان بولسا  4 زەردار كۇلۇپنى مونوپۇل قىلىۋالاركەن. ئىسىل تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز. نادىر نادىر   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-12-20 18:12:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تېما..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-12-20 18:15:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچىمۇ بۇ تىمىنى نادىرلاش زۈرۈر !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-12-20 18:18:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر  تېما          يېزىپسىز......
دىمىسىمۇ  زەردارلارنىڭ  تارىخىنى سۈرۈشتۈرسە   مىلانغا  يىتىدىغىنى  يوق جۇمۇ.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-12-20 18:19:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما ئارقىلىق بىر بىلىمگە ئىگە بولۇۋالدۇق ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-12-20 18:20:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زانېتتى ،  مىئاززا   ،  فاچېتتى  قاتارلىقلار ئىنتېر تارىخىدىكى    ئۈلگىلەر...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-12-20 18:21:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە بىلمىگەننى بىلىۋالدىم دەيمە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-12-20 18:23:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەڭگۈلۈك6-نۇمۇر: بارېسسى.  دەششەت توپچىتى بۇ  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-12-20 18:28:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما ئىكەن ، ياخشى يىزىپىسىز ،  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-12-20 18:31:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
/read.php?tid-16422.html
   مانا مەڭگۈلۈك 6- نومۇر. نادىر نادىر  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-12-20 18:36:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى يىزىپسىز ، نادىر تىما  
رىئال مادرىد زەردارلارنىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتى بىلەن داۋاملىق ئالغا  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-28 20:55

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش