akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 4746|ئىنكاس: 20

جەنۇبىي ئامېرىكا پۇتبولچىلىقى ( ئىنزاگى )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2010-12-12 15:15:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
داڭلىق دېڭىزچى كىرىستوپىر. كولۇمبو ئۆزىنى ئامىرىكا قىتئەسىنى بايقىغان بىرىنچى كىشى دەپ قارايدۇ. بىراق ئۇ ئامىرىكا قىتئەسىنى تاپقان بىرىنچى ئادەم بولىشى ناتايىن. كولۇمبودىن بۇرۇن نۇرغۇن ئادەملەر ئامىرىكا قىتئەسىگە بارغان ھەمدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان.كولۇمبۇ بېرىشتىن ئىلگىرىلا ئامىرىكا قىتئەسىنىڭ يەرلىك ئاھالىسى ياشىغىلى نەچچە يۈز يىل بولغان. بۇنىڭدىن سىرت يەنە بەزى پاكتىلار باشقا مەدەنىيەتلەرنىڭمۇ ئامىرىكا قىتئەسىگە يېتىپ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئامىرىكا ۋە مېكسىكا چىگراسىدا نۇرغۇن قەدىمقى يۇنان ۋە رىمنىڭ تەڭگىلىرى ۋە ساپال بۇيۇملىرى بايقالدى. ئامىرىكدىكى چوڭ جىلغىدا يەنە نۇرغۇن قەدىمقى مىسىرنىڭ مەدەنىيەت بۇيۇملىرى بايقالدى. بۇ يادىكارلىقلارنىڭ تارىخى كولۇمبۇنىڭ ئامىرىكا قۇرۇقلىقىغا چىقىشىدىن بۇرۇن ئىكەن. مەن ئىز تورىغا بەك ئامراق
بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئامىرىكا قۇرۇقلىقىدا ئىبرايلارنىڭ ۋە قەدىمقى ئاسىيالىقلار ياسىغان قاچىلار بايقالغان. ئامىرىكا قىتئەسىدىكى يەرلىك رىۋايەتلەردە يىراق قۇرۇقلۇقتىن كەلگەنلەرنىڭ ئاجايىپ- غارايىپ سەرگۈزەشتىلىرى تەسۋىرلەنگەن مەزمۇنلارمۇ بار.





ئامېرىكا قىتئەسى ھاياتىي كۈچكە تولغان بىر قۇرۇقلۇق بۇلۇپ ، ئۇ يەرنىڭ چىملىق جەڭگاھىدىن ئىلگىرى - كىيىن بۇلۇپ ، مارادونا پىلى ، باتىستۇتا ، زىكو ( ساناپ كەلسەم بەك جىق ) قاتارلىق دۇنياغا مەشھۇر پۇتبول چولپانلىرى چىققان .
ئۇلارنىڭ مەيداندا كۆرسەتكەن ئۇيۇنلىرى ، زوق - شوخ مىجەزى ، يۇقىرى ماھارەتلىك شەخسىي تېخنىكىسى مەيداندا توپ كۆرىۋاتقان بارلىق تاماشىبىننى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدۇ .
شۇڭا ، يىلىغا زور تۈركۈملەپ ياشلار ، ئۆسمۈرلەر ئۇلارنىڭ ھەۋەسكارلىرى بۇلۇپ كۆپەيمەكتە ...




ئېلىمىز پۇتبول ھەۋەسكارلىرىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى تېلۋىزوردىن كۆرۈشكە مۇيەسسەر بۇلالىشى تېخى يىقىنقى يىللاردىكى 1982 - يىلدىكى ئىش .
شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ مارادونا ، پىلى ۋە ئۇنىڭغا زامانداش برازىليە ، ئارگىنتىنا ، ئۇرگۇۋاي ، پاراگۋاي ، مېكسىكا ، چىلى قاتارلىق دۆلەتلەردىكى پۇتبول چولپانلىرىنىڭ ئىش - ئىزلىرى بىزگە يازما ماتىريال ۋە بىر قەدەر ئىپتىدائىي بولغان تېلېۋىزىيە كۆرۈنىشلىرىدىنلا تۇنۇشلۇق .
خوشاللىنارلىقى ، ئىسلاھەت ئىلىپ بېرىش ئىشىكىنى ئېچىۋىتىش ستراتېگىيىلىك فاڭجىڭىنىڭ يولغا قويۇلىشى ( دىڭ تاغىمىزنىڭ كۈچ چىقىرىشى )بىلەن 13 - نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىن باشلاپ خەلقئارالىق زور مۇسابىقىلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك ئېلىمىز تېلۋېزور ئىستانسىلىرى تەرىپىدىن ئىمكانقەدەر نەق مەيداندىن ، پەقەت بولمىغاندا سىنئالغۇ لىنتېلىرىدىن قايتا - قايتا كۆرسىتىلىشكە باشلىدى .


شۇنىڭدىن ئېتىبارەن دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ پۇتبولچىلىق ساھەسىدىكى ئۇتۇقلىرى ، جۇملىدىن ، جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى برازىليە ، ئارگىنتىنا ، ئۇرگۇۋاي قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ پۇتبول ساھەسىدىكى غايەت زور تەرەقىياتى ئېلىمىز پۇتبول ھەۋەسكارلىرىغا شۇنداقلا رايونىمىزدىكى پۇتبول ھەۋەسكارلىرىغا خۇددى يېقىن ئارىدىكى پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولغاندەك تۇنۇشلۇق بۇلۇپ كەلمەكتە . ئارگىنتىنانىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى پۇتبول چولپىنى مارادونانى بىلمەيدىغان قېرى - ياشلار يوق دىيەرلىكى مانا بۇنىڭ تىپىك مىسالى ...





1930 - يىلى 1 - نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى جەنۇبىي ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلگەندىن باشلاپ ، برازىلىيە ، ئارگىنتىنا ، ۋە ئۇرۇگۋاي كوماندىلىرى بىر - بىرىگە يول بەرمەيدىغان كۈچلۈك رەقىپ كوماندىلاردىن بۇلۇپ كەلدى .
بۇلۇپمۇ بىرازىلىيە بىلەن ئارگىنتىنا كوماندىلىرىنىڭ كۈچ سىلىشتۇرمىسى يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن بارغانسىرى كىچىكلەپ ، بۇلارنىڭ ئولتۇرسىدىكى كىم يىڭىش ، كىم يىڭىلىش مەسىلىسى قىززىق نوقتىغا ئايلاندى .
شۇڭا دۇنيا جامائەتچىلىكى بۇ ئىككى كوماندىنىڭ ھەرقايسىنىڭ ھەر قانداق بىر چوڭ مۇسابىقىدە چىمپىيون بۇلۇش مۇقەرەرلىكى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ ، دەپ قارىشىدۇ . بۇ ئىككى كوماندىنىڭ ترېنىرىمۇ ئۆز ۋەتىنىنىڭ ، خەلىقنىڭ شان - شۆھرىتى شۇنداقلا غايەت زور ئىقدىسادىي مەنپەئەتنى چىقىش نوقتىسى قىلىپ ، پۇتبولچىلىرىنى يۇقىرى تەلەپ ، يۈكسەك غايە ئاساسىدا تەربىيلەپ ، كوماندا قۇرۇلىشىنى ئەتراپلىق مۇلازىمەت ، يىڭى ئۇچۇر ، قەتئىي مەخپىيەت ئاساسىغاقۇرۇشقا تىرىشتى .
مەلۇم مەنىدىن ئىلىپ ئېيىتقاندا بۇ ترېنىرلار شۇ دۆلەت خەلىقلىرىنىڭ پەخرىي داھىسىغا ئايلىنىپ مىسلىسىز شۆھرەت بىلەن تىنىمسىز جىدئىيلىك ئىچىدە پائالىيەت ئىلىپ بارماقتا ... بۇ ترېنىرلارنىڭ بەزىلىرى ھازىر شۆھرەتكە ئىگە ترېنىرلاردىن بولسا ، بۇرۇن شۇ دۆلەتنىڭ داڭلىق پۇتبول چولپانلىرىدىن ئىدى ....





20 - ئەسىرنىڭ 90 - يىللىرى جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ھەر قانداق دۆلەتلەرنىڭ پۇتبول سەھنىسىدىكى كۈچ سىلىشتۇرمىسىدا پەۋقۇلادە جىددىيچىلىك كۆرۈلۈپ ، دۇنيا پۇتبول مەستانىلىرى ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان قىززىق نوقتىغا ئايلاندى .
فرانسىيىدە ئۆتكۈزۈلگەن 16 - نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ قىتئەلەر ئارا تاللىنىش مۇسابىقىسىنىڭ جەنۇبىي ئامېرىكا مەيدانىدا بولىۋىيە بىلەن كولومبىيە « ئاكاڭ قارغاي » لىق سالاھىتى بىلەن مەيداننى ئىگەللەپ ، ئارگىنتىنا بىلەن ئۇرگۇۋاينى پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى .
بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن جەنۇبىي ئامېرىكىغا بىرىلگەن سان 4 بۇلۇپ ، پۈتكۈل جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ چىملىق مەيدانىدا مانا مۇشۇ 4 ساننىڭ ئىچىگە كىرىش كۆرىشى قانات يايدى .
نەتىجىدە ئويلىمىغان يەردىن خېلى يىللاردىن بويان دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تاماشىبىنلار قاتارىدا توپ كۆرۈپ ھەسرىتىنى ئىچىدە يۈتۈپ كەلگەن پاراگۋاي كوماندىسى قەتئىي نىيەت ۋە ئاجايىپ ماھارىتى بىلەن دۇنيا پۇتبول سەھنىسىنى زىلزىلىگە سالدى .
ئۇلار گۇرۇپپىدىن تاللىنىپ چىقىشى بىلەنلا كۇپايە قىلماي ، تاللانغانلار ئارا ئېلىپ بېرىلغان رەسمىي مۇسابىقىدىمۇ ئاجايىپ ماھارەت كۆرسىتىپ ، دۇنيادىكى نەچچە 100 مىليون پۇتبول تاماشىبىنلىرى ۋە مەستانىلىرىنى ھەيران قالدۇرۇپ ، نەچچە يۈزلىگەن كۇلۇب ۋە كوماندىلارنىڭ ھېسداشلىقىنى قوزغىدى . دىمەك پۇتبولچىلىق شۇنداق بىر جەزبىلىك ساھەكى ، دۇنيادىكى ھىچقانداق بىر كىچىك دۆلەتكىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ ( ئېلىمىز جوڭگودىن باشقا ) .





دۇنيا پۇتبول ھەركىتىدە جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى -- ياۋرۇپا قىتئەسى بىلەن پۇتبول ھەركىتىدە تىركىشەلەيدىغان ، پۇتبول ھەركىتى تەرەقىي قىلغان رايوندۇر . جەنۇبىي ئامىرىكىغا پۇتبول ھەركىتى 19 - ئەسىرنىڭ ئولتۇرلىرىدا تارقالغان .
جەنۇبىي ئامېرىكا پۇتبول بىرلەشمىسى 1916 - يىلى قۇرۇلغان ۋە ئۇنىڭ رەھبەرلىكى ۋە تۈرلۈك رول ئوينىشى بىلەن پۇتبول ھەركىتىدە يىڭى - يىڭى ئىسلاھاتلار ئېلىپ بېرىلىپ ، غايەت زور نەتىجىگە ئېرىشكەن .
ئۇلارنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىلىرى ئولتۇرا ئامىرىكىدىكى نۇر غۇن ئەللەرمۇ ئۆزىگە ئۆرنەك قىلىپ ياخشى نەتىجىلەرنى ھاسىل قىلغان . مىكسىكىنىڭ پۇتبول ھەركىتىدىكى زور نەتىجىلەر بۇنىڭ مىسالى . تىلغا ئىلىپ ئۆتۈشكە ئەرزىيدىغىنى شۇكى ، دۇنيادىكى ئەڭ باي ، ئەڭ زومىگەر دۇنيا ساقچىسى بولغان ئامېرىكىمۇ يىقىنقى 20 يىللاردىن بويان جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى دۆلەتلەرنىڭ پۇتبول ھەركىتىدە قولغا كەلتۈرگەن شانلىق نەتىجىلىرىدىن ئىلھاملىنىپ ، پۇتبول ھەركىتىگە ئەھمىيەت بېرىشكە ۋە ئۇنى تەرەقىي قىلدۇرۇشقا باشلىدى . بېخھام قاتارلىق چولپانلارنىڭ ئامېركىغا بېرىپ توپ ئوينىشى مىسال بولالايدۇ .
ئامېرىكىدا ئەسلىدە زەيتۇن توپ بىلەن ۋاسكىتبول ئەۋجى ئالغان بۇلۇپ ، پۇتبول ھەركىتىدە تىلغا ئىلىپ ئۆتكەندىمۇ نەتىجىسى يوق ئىدى .


1994 - يىلى 15 نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئامېرىكا ساھىپخانا بولدى . ئەلۋەتتە بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ داند تەببىرى بۇلۇپ ، كۆزدە تۇتقىنى ناھايىتى ئېنىقكى ، بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلەت ، خەلقئارا سىياسىي سەھنىسى ۋە ئىقتىسادىي سەھنىلەردە زور رول ئويناتقان بۇ دۆلەتنى پۇتبول ھەركىتىگە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلدۇرۇش ئارقىلىق پۇتبول ھەركىتىنىڭ تەرەقىياتىنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرمەكچى ۋە ئىقتىسادىي ئاساسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن يول ئىزدىمەكتە .



ئامېرىكا قىتئەسى لوڭقىسى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى

بۇ تۈردىكى مۇسابىقە 1916 - يىلى باشلانغان بۇلۇپ ، دۇنيادىكى تۇنجى قېتىم يولغا قويۇلغان قىتئە كۆلەملىك مۇسابىقىدۇر . دىمەك ئۇ ياۋرۇپا قىتئەسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىنمۇ 40 يىل ئىلگىرى بارلىققا كەلگەن . ئەڭ دەسلەپتە بۇ مۇسابىقىنىڭ نەچچە يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلدىغانلىقى ئېنىق بەلگىلەنمىگەن . كۆپىنچە ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن . 1970 - يىللاردىن باشلاپ تۆت يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلدىغان بۇلۇپ يولغا قويۇلغان . لېكىن 1987 -يىلدىن كىيىن يەنە ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلدىغان بولغان .





ئامېرىكا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ بۇنداق قەرەرسىز ، ئىككى يىلدا بىر نۆۋەت ، 4 يىلدا بىر نۆۋەت ئۆزگىرىپ تۇرۇشنىڭ سەۋەبى بولسا ، ئامېرىكا قىتئەسى خەلقلىرى پۇتبول ھەركىتىنى سەۋدايىلەرچە ياخشى كۆرىدۇ . جەنۇبىي ئامېرىكا پۇتبولچىلىرىنىڭ مەيداندىكى ماھارىتى بولسا پۇتۈن دۇنيا پۇتبول تاماشىبىنلىرى ۋە ھەۋەسكارلىرىنى ئۆزىگە مەھلىيا قىلىدۇ . چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆرسىتىدىغان ماھارىتى سەنئەتلىك پۇتبول بۇلۇپ ، ئۇلار ماھارەت كۆرسىتىدىغانغا باشلىغاندا ئادەم بىلەن توپ گەۋدىلىشىپ كىتىدۇ .
رەسمىي مۇسابىقىدە بىرەر قېتىم شۇنچىلىك سەۋەنلىك ئۆتكۈزگەن پۇتبولچىلارنى جەنۇبىي ئامېرىكا خەلقى << رەپىتىس قىلماي سەھنىگە چىققان ئەرتىس ، مەشىق قىلماي كۆك ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن ئۇچقۇچى >> دەپ مەسخىرە قىلىشىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ جەنۇبىي ئامېرىكىدا ھەرخىل لوڭقىلارغا ئېرىشكەن كوماندىلارنى ئاۋام خەلق << ئىنساب روھىنىڭ مۇكەممەل گەۋدىسى >> دەپ تەرىپلەپ ، ئۇلارنى جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكى مەشھۇر زاتكاردىنمۇ بەكرەك ھۆرمەتلەيدۇ . مۇشۇ سەۋەبتىن پۇتبول تاماشىبىنلىرى پۇتبول مۇسابىقىسىگە زارىققان ۋاقىتلاردا ئومۇمىي خەلقنىڭ تەلىپى بويىچە بۇ مۇسابىقە 2 يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلدىغان بۇلۇپ كەلدى . كىيىنچە مۇسابىقە تۈرلىرىنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ، بىر مۇسابىقە ۋاقتىنىڭ يەنە بىر مۇسابىقە بىلەن ئۇدۇل كېلىپ قىلىشى سەۋەپلىك ، بۇ مۇسابىقىنى 4 يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلدىغان بولغان . لىكىن پۇتبول بىرلەشمىسى ، پۇتبول جەمئىيەتلىرى باش ئاپرات مۇكەممەللىشى ، بىر تۈردىكى مۇسابىقە ئىككىنچى تۈردىكى مۇسابىقىلەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش تەلىپىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ ، مۇسابىقە تەرتىپلىرىنى يۈرۈشتۈرۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن ، ئاۋام خەلقنىڭ تەلىپى ۋە پۇتبول ھەركىتىنى تاۋارلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ، يېقىنقى 10 نەچچە يىلدىن بويان بۇ مۇسابىقە يەنە 2 يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتىدۇ . مۇشۇ ئەمەلىيەتتىنلا جەنۇبىي ئامېرىكا خەلقنىڭ پۇتبول ھەركىتىگە نەقەدەر تەشنا ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ .


جەنۇبىي ئامېرىكا ئازادلىق لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى


بۇ نامدىكى مۇسابىقە 1960 - يىلى باشلانغان بۇلۇپ ، يىلدا بىر قېتىم ئۆكۈزىلىدۇ . جەنۇبىي ئامېرىكا پۇتبول بىرلەشمىسى بۇ مۇسابىقىنى جەنۇبىي ئامېرىكا تارىخىدىكى ئىسپانىيە مۇستەملىىكىچىلىرىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى تۇرۇپ ، جەنۇبىي ئامېرىكا قۇرۇقلىقىنىڭ مۇستەقىللىق ، ئازاد ئىشلىرىدا ئاۋانگىراتلىق رول ئوينىغان سىمون ، بولىۋارنى خاتىرلەش يۈزسىدىن تەسسىس قىلغان .





بۇ نامدىكى مۇسابىقىنىڭ خاراكتىرى ۋە دەرىجىسى ياۋرۇپا كۇلۇپلىرىنىڭ چىمپىيونلۇقنى تالىشىش مۇسابىقىسى بىلەن باراۋەر ئورۇندا تۇرىدۇ . مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلار ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ مەملىكەت ئىچىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىدە چىمپىيون ۋە 2 - لىككە ئېرىشكەن كوماندىلار قاتنىشىدۇ . ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ بىرلەشمە مۇسابىقىسى تۈزۈلمىسىدە ئازدۇر كۆپتۇر پەرىقلەر بولغانلىقى ئۈچۈن ، مۇسابىقىگە چۈشىدىغان كوماندىلارنىڭ سالاھىتىنى جەنۇبىي ئامېرىكا پۇتبول بىرلەشمىسى تەكشۈرۈپ ، ئېنىقلاپ بېكىتىدۇ . گەرچە جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ سانائەت تەرەقىياتى ۋە خەلقنىڭ ئولتۇرچە تورمۇش سەۋىيىسى ياۋرۇپانىڭكىدەك يۇقىرى بولمىغانلىقى سەۋەبلىك ، جەنۇبىي ئامېرىكا ئازادلىق لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە ياۋرۇپا چىمپىيونلىقىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسىگە سالغاندەك زور مەبلەغ سېلىنمىسىمۇ ، لىكىن برازىلىيىنىڭ 200 مىڭ ئادەم سىغىدىغان ماراكانا مەيدانى بۇ خىل مۇسابىقىنى كۆرۈشكە كەلگەن تاماشىبىنلار ئادەم دېڭىزىغا ئايلىنىدۇ.



گىگانتلار لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى


بۇ خىل مۇسابىقە يەنە << خاۋىلەنجى لوڭقىسى مۇسابىقىسى >> دەپمۇ ئاتىلىدۇ . بۇ نامدىكى مۇسابىقە 1988 - يىلى تەسسىس قىلىنغان بۇلۇپ ، جەنۇبىي ئامېرىكا ئازادلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان كوماندىلار قاتنىشىدۇ . ساھىپخانا ۋە مىھمان كوماندا بۇلۇپ مەيدان ئالماشتۇرۇپ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈش تۈزۈلمىسى قوللىنىدۇ .






بۇ نامدىكى مۇسابىقە كىيىنرەك تەسسىس قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ، ئۇنىڭ جەنۇبىي ئامېرىكا پۇتبول ھەركىتىدىكى ئورنى ۋە تەسىرى باشقا تۈردىكى مۇسابىقىلەرگە ئوخشاش ئۇنچە زور ئەمەس . شۇنداقتىمۇ ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن بۇ خىل مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلار بارغانسىرى كۆپەيمەكتە .. جەنۇبىي ئامېرىكا ئەللىرى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى كۆتىرىلىشى ۋە خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ ، بۇ خىل مۇسابىقە ھەركىتىنىڭ كەلگۈسى داغ دۇغىلىق بولىدۇ . چۈنكى بۇ خىلدىكى مۇسابىقە ھەقىقىي ھالدا جەنۇبىي ئامېرىكا پۇتبول ھەركىتىنىڭ سەۋىيىسىگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان .، ئەڭ كۈچلۈك كوماندىلار ئولتۇرسىدىكى كۈچلۈك رىقابەتتۇر



جەنۇبىي ئامېرىكا بىرلەشمە لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى


1992 - يىلى جەنۇبىي ئامېرىكا پۇتبول بىرلەشمىسى ئىجرائىيە كومىتىتى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كۇلۇبلىرى ئولتۇرسىدا ئېلىپ بېرىلدىغان بۇ مۇسابىقىنى تەسسىس قىلىپ ، ئۇنى جەنۇبىي ئامېرىكا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى دەپ ئاتىدى . بۇ نىڭغا قاتنىشىدىغان كوماندىلار جەنۇبىي ئامېرىكا پۇتبول بىرلەشمىسىگە ئەزا 10 دۆلەتنىڭ ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسى ياكى باشقا شەكىلدىكى مۇسابىقىلەر تاماملانغاندىن كىيىن تاللىنىدۇ





بۇ مۇسابىقە ھەر يىلى 8 - 9 - ئايلاردا ئۆتكۈزىلىدۇ . 16 كوماندا جۇغراپىيىلىك ئورنىغا قاراپ 8 ئورۇندا مۇسابىقە ئۆتكۈزىدۇ . ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ساھىپخانا ۋە مېھمان كوماندا بۇلۇپ مەيدان ئالماشتۇرۇپ ئېلىپ بېرىلدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-12-12 15:38:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىيىشىمنى بىلمىدىم. ئىشقىلىپ نادىرلىقىدا گەپ يوق. كاتتا تىما...............
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-12-12 15:43:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوقۇنغۇچى   _____  مۇشۇ  سۆزنىڭ  ئورىغا     باشقا  مۇۋاق   سۇز  ئىشلىتىلسە   ...  مەسىلەن    قىزىققۇچى  ، ھەۋەسكار  .....

ئىنسان  ئىنسانغا  چوقۇنمايدۇ   .................   سەمىمى  تەكلىپ   .....

لىكىن  تىمىڭىزغا  كۆپ تەشەككۇر
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-12-12 15:46:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى ripirدە2010-12-12 15:43يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
چوقۇنغۇچى   _____  مۇشۇ  سۆزنىڭ  ئورىغا     باشقا  مۇۋاق   سۇز  ئىشلىتىلسە   ...  مەسىلەن    قىزىققۇچى  ، ھەۋەسكار  .....

ئىنسان  ئىنسانغا  چوقۇنمايدۇ   .................   سەمىمى  تەكلىپ   .....

لىكىن  تىمىڭىزغا  كۆپ تەشەككۇر  
توغرا ئېيتىڭىز ، مەن بۇ سۆزنى ئىشلىتىشتە بەك ئويلىشىشپ كەتمەپتىمەن . ئۆزگەرتىپ قويدۇم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-12-12 16:43:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:جەنۇبىيپۇتبولچىلىقى ( ئىنزاگى )

ھەقىقەتەن نادىر تىما    
جەنۇبىي ئامېرىكا پۇتبولچىلىقىنى يەنە  بىرازىلىيە بىلەن ئارگىنتىنا قىززىتىدۇ شۇ
دۇنيانىڭ قاتىل پۇتبولچىىلىرى (پىلى ،مارادونا، رونالدو،)قاتارلىقلار جەنۇبى ئامېرىكىدىن دۇنياغا تونۇلغاندە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-12-12 16:44:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لاتىن ئامرىكىسىدىكى ئەركەكلەر ياشاڭلار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-12-12 17:08:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لاتىن ئامېرىكىسىنىڭ توپ ئويناش سەنئىتىگە مەن بەك قايىل ، ئۇلارنىڭ شەخسىي تېخنىكىسىغا بەك قايىلمەن -
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-12-12 17:21:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنزاگى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-12-12 19:32:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى ، نادىر تىما ئىكەن ، رەھىمەت سىزگە  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-12-12 20:17:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما ئىنزاگىدىن ئايلانسۇن  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-12-12 20:27:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت !!!!!ۋاقتىڭىز يەتسە مانچىستىر توغرىسىدا ياكى گىراف توغرىسىدا تىما يوللاسىڭىز بوپتىكەن ۋاقىپ بولۇپ قالىلى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-12-12 21:06:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ  بىلىمىڭزگە  ھەقىقەتەن  قول  قويدۇم  جۇمۇ  !!     
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 02:51

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش