akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 5898|ئىنكاس: 24

باللاك ، قايتىپ كەل (تانكىچاق)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2010-11-27 05:34:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئالدى بىلەن بۇ تېمامنى يېزىشتىكى ئاساسىي مەقسىتىمنى دەپ كەلسەم ....
دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىن مۇھىم ئۇرۇل ئالغان ، گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ روھى تۈۋرۈكى بولغان ، ھەقىقىي ئەركەك پۇتبولچىلارنىڭ ۋەكىلى بولغان گېرمانىيە پۇتبول چولپىنى باللاك مۇشۇ يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ ئالدىدا چىلسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ئېغىر يارلانغان پېتى تاكى ھازىرغىچە مۇكەممەل ھالدا پۇتبول مەيدانىغا قايتىپ كىلىپ بولالمىدى ،، كۆڭلىمدىكىنى دىسەم ئۇنىڭغا بۇرۇندىن ناھايتى ئامراق ئىدىم ، شۇ ۋەجىدىن ئۇنى ناھايتى سېغىندىم ، ئىشىنىمەنكى بۇنداق پۇتبولچىنى سېغىنغان يالغۇز مەن بىرلا ئادەم ئەمەس ... شۇڭا ئۇنىڭ تېزرەك قايتىپ كېلىشىنى تىلەپ مۇنۇ تېمىنى يازدىم ........
ئالدى بىلەن باللاكنى قىسقىچە تۇنۇشتىرىۋىتەي !!!



ئىسىمى : مايكىل . باللاك

دۆلەت تەۋەلىكى : گېرمانىيە

تۇغۇلغان ۋاقتى :1976-يىلى9-ئاينىڭ 26-كۈنى بوي ئېگزلىكى :1.89m

ھازىرقى توپ تىپىۋاتقان كۇلۇبى : لېۋېركۇسىن

بۇرۇن توپ تەپكەن كوماندىلىرى : 开姆尼茨__ 凯撒斯劳滕__ لىۋېركۇسىن __بەيرىن __چىلسى

كىيىم نۇمۇرى :13 (كۇلۇب ، دۆلەت كوماندىسى )

ھەممىمىزگە تۇنۇشلۇق بولغان بۇ چولپان پۇتبول ھاياتىدا نۇرغۇنلىغان جاپا مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بۇلۇپ ، ئۆزىنىڭ چىدامچانلىقى ، تىز پۈكمەس روھى بىلەن بېشىغا كەلگەن قىيىنچىلىقلارنى بىر بىرلەپ يېڭىپ ئاخىرى بىزگە تۇنۇشلۇق بولغان پۇتبول چولپىنىغا ئايلاندى .......



ئۇنىڭ پۇتبول ھاياتىنىڭ ئەڭ گۈزەل چاغلىرى ئۇنىڭ سەل ھازىرقى توپ تىپىۋاتقان كوماندىسى لىۋېركۇسىن كوماندىسىدىكى چاغلىرىدىن باشلانغان . بۇ كوماندىغا كەلگەندىن كېيىن ئۇ بارا بارا ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا مەيداندىكى تەۋرەنمەس ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۋالغان ، كېيىن يەنە بۇ كوماندىنىڭ يادىروسىغا ئايلانغان ..... ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى ، ئۇ بۇ كوماندىغا كىلىپ كىيىنىكى يىلى يەنى 01\02 مۇسابىقە پەسىلىدە گېرمانىيە لوڭقىسى ۋە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىدا ناھايتى ئەجەللىك ھالدا لوڭقىنى قولدىن بىرىپ قۇيۇپ ، ئىككىنجى بۇلۇپ قالغان ،، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ‹كۈمۈش شاھلىق › ھاياتى باشلىنىپ كەتتى . تاكى 2008 -يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى تۈگگچە بۇ كۈمۈش شاھ دەل ئۆزىنىڭ نۇمۇرىدىكى 13-قېتىملىق ئىككىنجىلىكنى قولغا كەلتۈرگەن ...........





2002-يىلى ئۇ لىۋېركۇسىن كوماندىسىدىن بەيرىن كوماندىسىغا يۆتكىلىپ كەلگەن . بۇ يېڭى جايغا دەسلەپتە كۈنەلمەي نۇرغۇنلىغان توپ مەستانىلىرىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئىرىشەلمەي ، ئاخىرى ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ ئەسلىي تالانتىنى بەيرىندىمۇ ناھايتى ياخشى جارى قىلدۇرغان . كېيىن 2006 يىلى ئۇ بەيرىندىن چىلسىغا يۆتكىلىپ كەلگەن ... ئۇ بۇ يەرگە ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنى دەپ كەلگەن ئىدى ،، بىراق ئەڭ ئاخىرقى ھالقىلىق پەيىتلەردە تېررىنىڭ نۇقتا توپنى كەتكۈزۈپ قۇيىشى بىلەن بۇ كۈمۈش شاھ يەنىلا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا ئىرىشەلمىگەن .. ئۇنىڭ ئۈستىگە چىلسىدا ئۇنىڭ بىلەن لەمپاردنىڭ ئورنى ئوخشاش بولغاچقا رولىنى تازا ياخشى جارى قىلدۇرالمىدى ................. ئەڭ ئېچىنىشلىق يېرى شۇكى ، بۇ يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا نۇرغۇنلىغان ئىستەكلەرنى كۆڭلىگە پۈككەن بۇ چولپان ئۆزىنىڭ چىلسى كوماندىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇسابىقىسىدە يەنى ئېنگىلانىد ئۇيۇشما لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئېغىر يارلىنىپ بۇ يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدىن بالدۇرلا خوشلاشتى ...

بۇنىڭ بىلەن ئۇنىىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى ھاياتى غۇۋالىشىشقا باشلىدى .. چىلسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن قايتا توختام تۈزمىدى ، بۇ چولپان ئاخىرى ئۆزىنىڭ ئېنگىلانىدكى ھاياتىنى ئاخرلاشتۇرۇپ ، ئەركىن پۇتبولچى سالاھىتىدە بۇ يىل يازدا ئۆزىنىڭ گۈللەنگەن كوماندىسى لىۋېركۇسىن كوماندىسىغا قۇشۇلدى ..( شەخسى پىكىرىم : ما چىلسىنىڭ خوجايىنى ئابلاباي زادى ئۇنى ئېلىپ قېلىشقا ئۇنىمىدى ، چىلسىنىڭ تېرنىرى ئەنچىلودى ئۇنىڭغا سېنى ناھايتى ئېلىپ قالغىم بار ، بىراق بۇ ئىشغا مەن ئامال قىلالمايمەن دىگەنىكەن ... ئۇ ئادەم كوماندىنىڭ ھەممە ئىشىغا ئارلىشىۋالىدىكەن ،، چىلسىدا تېرنىرنىڭ پەقەپ كوماندىنى مۇسابىقە ئوينىتىدىغانلا ۋەزىپىسى باركەن ، قالغىنىنىڭ ھەممىسى ئابلاباينىڭ كونتىروللىغىدا بۇلىدىكەن .. باللاكنى ئېلىپ قالغان بولسا بۇلاتتى !!) ..........



قاراڭلار ، ئۇ چىلسىغا نىمىدگەن سادىق . ئۇنىڭ مۇشۇ كۈرۈنىشى زادى ئېسىمدىن چىقمايدۇ !!!

ئەمدى دۆلەت كوماندىسىغا كەلسەك ، ئۇ تۇنجى قېتىم 1999-يىلى 4- ئايدا گېرمانىيە كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مۇسابىقىگە قاتناشقان .. 2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا ئۇنىڭ ئاجايىپ ئېسىل بولغان ئىپادىسى بىلەن گېرمانىيە كوماندىسىن ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە ئېلىپ كىرگەن . بىراق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە ئۇ ‹يىغىندى سېرىق كارتا › جازاسى بىلەن قاتنىشالمىغان ، ئاخىرىدا گېرمانىيە كوماندىسى بىرازىلىيە كومەندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قۇيۇپ لوڭقىنى قولدىن بىرىپ قويغان !!!
2004-يىلى كىلىنسىمان دۆلەت كوماندىسىغا تېرنىر بۇلۇپ ، باللاك گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى بولغان ..ھەم شۇ يىللىق ياۋروپا لوڭىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىغا قاتناشقان ،، بىراق گېرمانىيە كوماندىسى بۇ مۇسابىقىدە نەتىجە ئالالمىغان ..
2006-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە گېرمانىيە كوماندىسى باللاكنىڭ يىتەكچىلىكىدە 4 كۈچلۈككە كىرىپ ، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئىتالىيە كوماندىسى تەرىپىدىن شاللىنىپ كەتكەن ... بۇ ۋاقىتتىكى باللاكنىڭ ياش تۆككىنى ھىچكىمنىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ ،، چۈنكى ئۇ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى تۈپەيلىدىن كوماندىدىكى ھىچقانداق بىر ئەزا تۆكمىگەن ياشنى تۆكتى . ئۇ ھەقىقى كوماندا باشلىقى ئىدى ........



2008-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسىدە گېرمانىيە كوماندىسى يەنە باللاكنىڭ ياخشى ئىپادىسىدە ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى ،،بىراق يەنە بىر قېتىم لوڭىقىنى سىلاپ قۇيۇپ ئۈتۈپ كەتتى ، ئىسپانىيە كوماندىسى لوڭقا كۈتەردى ..



ئۇ يەنە بىر قېتىم ئازاپلىنىپ ، ياش تۆكتى !!

2010 -يىلى دۇنيا لوڭقىسىنى تالىشش مۇسابىقىسىگە ساناقلىقلا كۈن قالغاندا بۇ چولپان بۇ مۇسابىقىدىن بالدۇرلا خوشلاشتى ، چىلسىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى بىر مەيدان مۇدابىقىسىگە قاتنىشىپ ، ئېغىر يارلىنىپ دۇنيا لوڭقىسىدىن خوشلاشتى . بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ دۆلەت كوماندىسىدكى ھاياتىدا بۇرمىلىنىش بولدى !!!!!!!!!




ئۇ گېرمانىيە كوماندىسىغا مەدەت بىرىش ئۈچۈن جەنۇبىي ئافرىقىغا باردى ،، گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ نەتىجىسىمۇ ئۇ كۈتكەندەك ياخشى بولدى . ئۇ كوماندىدىكى ياش پۇتبولچىلارغا قاراپ خوش بولدى ...



بىراق يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ ئالدىدا شۇ ۋاقىتلىق كومەندا باشلىقى لام ئۆزىنىڭ كومەندا باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ھەرگىزمۇ ئاسانلىقچە بالاكقا ئۆتكۈزۈپ بەرمەيدىغىنىنى بىلدۈردى .. ئەلۋەتتە بۇ سادىق كوماندا باشلىقىغا قانچىلىك ھاقارەت ئىكەنلىكىنى سىز بىلەن بىز ھېس قىلىپ بولالمايمىز ... بۇنىڭ بىلەن يۈرىكى ئازاپقا تولغان بۇ كوماندا باشلىقى شۇ كۈنىلا جەنۇبىي ئافرىقىدىن ئايرىلدى ... تا بۈگۈنگە قەدەر ئۇ قايتا بىر قېتىم كوماندا باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈتەش ئەمەس ، ھەتتا دۆلەت كوماندىسىغىمۇ قايتا كىرىپ باقمقدى..
گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ باش تېرنىر لىف كۆپ قېتىم باللاكنىڭ يەنىلا دۆلەت كوماندىسىنىڭ باشلىقى ئىكەنلىگىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ ، بىراق ئۇنىڭغا قويغان شەرتى چۇقۇم دۆلەت كوماندىسىغا قايتىپ كېلىشى ، يەنى ئىپادىسى چۇقۇم ياخشى بۇلشى كېرەك ...مانا شۇ سەۋەپتىن بۇ كاپىتان تىزرەك دۆلەت كومادىسىغا قايتىش ۋە كاپىتانلىق ۋەزىپىسىنى تارتىۋېلىش ئۈچۈن ياردار ھالەتتە مەشىق قىلىپ ، يارىسى تېخىمۇ ئېغەرلىشىپ كېتىپ ، ساقىيىش ۋاقتى كىلەر يىلى 1-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىغا سۈرۈلۈپ كەتتى .


لىف يېقىندا باللاكنىڭ يەنىلا كومانىدىنىڭ كاپىتانى ئىكەنلىكىنى ، ئۇنىڭ كىلەر يىلى ساقايغاندا كوماندىغا قايتىپ كېلىدىغىنىنى ، يەنى 2-ئايدىكى ئىتالىيە كوماندىسى بىلەن بىلەن بولغان دوستلۇق مۇسابىقىسىدە چۇقۇم مەيدانغا چىقىدىغىنىنى بىلدۈردى ... بىراق بۇ يەنە قانچىلىك شەرىت ئاستىدا ئەمەلگە ئاشىدۇ بۇنىسى تېخى نامەلۇم .... ئىشقىلىپ لىف گېپىدە تۇرۇپ ئۇنى كوماندىغا قايتا ئېلىپ كىرسە بۇلاتتى !!!!!!!!!!!


لام كوماندا باشلىقى ؟؟؟؟
ئۇ بۇ يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا ۋەزىپىنى ياخشى ئۇرۇندىدى ،، بىراق ئۇ مەڭگۈ باللاكتەك قىلىپ بۇلالمايدۇ ... باللاكتىكى ئېغىر بېسىقلىق ، سالماقلىق ئۇنىڭدا قەتتى يوق ، بولمىغان بولسا باللاكتىن ، بۇلۇپمۇ پۇتبول ھاياتى ئاخىرقى باسقۇچقا بېرىپ قالغان ، گېرمانىيە كوماندىسى ئۈچۈن بارلىغىنى بېغىشلىغان بىر ئۇلۇغ كاپىتاندىن ھەرگىزمۇ كاپىتانلىقىنى تالىشىپ يۈرمەيتى ، چۈنىكى بۇ كوماندا باشلىقلىق ھامان ئۇنىڭغا قالاتتى !!!


لام چىمپىيۇنلۇقنى ئۇزۇتۇپ قويدى !!

لام ، سەن ئەجىبا باللاكنىڭ گېرمانىيە كوماندىسىدىكى رولىنى چۈشىنىپ يىتەلمەمسەن ؟ سەن قايسى نەتىجەڭگە ئاساسلىنىپ ئۇنىڭدىن كاپىتانلىقنى تالىشىسەن ؟؟ سەن ئۆزەڭنىڭ 2006-يىلى گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ تۇنجى توپنى ئۇرغىنىڭغىىمۇ ياكى ، 2008 -يىلى تۈركىيە كوماندىسىغا ھەل قىلغۇچ توپتىن بىرنى ئۇرغىنىڭغىمۇ ؟؟ سىنىڭ بۇ نەتىجىلىرىڭمۇ ناھايتى مۇھىم بىراق ئۇنتۇپ قالما ، 2002-يىلى گېرمانىيە كوماندىسىنى كىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە ئېلىپ كىردى ؟ 2006-يىلى كىم بۇ كوماندىنى يەنە 4 كۈچلۈككە ئېلىپ كىردى ؟ 2008 -يىلى كىم يەنە بۇ كوماندىنى گۇرۇپپىنىڭ ئەڭ ھەل قىلغۇچ ۋاقىتلىرىدا گۇرۇپپىدىن ئېلىپ چىقىپ ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچقا ئېلىپ كىردى ؟؟ يەنە ئۇنتۇپ قالما ، 2008 -يىلى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە كىمنىڭ سەۋەبىدىن توررېس بىر توپ ئۇرۇپ گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ چىمپىيۇن بۇلۇش ئارزۇسىنى كۈپۈككە ئايلاندۇردى ؟ يەنە كىم 2010 -يىلى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ ئالدىدا كوماندىغا رەسمى كاپىتان بۇلۇش ئۈچۈن ئالدىراپ ، قالايمىقان جۆيلۈپ ، كوماندىنىڭ جەڭ روھىغا تەسىر يەتكۈزدى ، ۋە كوماندىغا مەدەت بىرىۋاتقان كوماندىنىڭ روھى تۈۋرۈكى بولغان باللاكنى جەنۇبىي ئافرىقىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلدى ؟؟؟
ئەڭ مۇھىمى ، ۋىجدانىڭ بىلەن ئويلاپ باق ، نەچچە يىلدىن بۇيان ساڭا دۆلەت كوماندىسىدا كىم خۇددى ئۆز ئاكاڭدەك ھېسداشلىق قىلىپ ، ياردەم قىلدى ................. ئەجىبا باللاك گېرمانىيە كوماندىسىدا نىمىنى خاتا قىلدى ؟؟ ئەگەر خاتا قىلدى دىسەك ئۇنىڭ بىردىنبىر خاتالىقى دەل مۇشۇ قېتىملىق يارلىنىش سەۋەبىدىن دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشالمىغانلىقى (ئەلۋەتتە بۇ خاتالىق ھىسابلانمايدىغاندۇ ) . سېنىڭ ئۇنىڭدىن كاپىتانىلىقنى تالىشىدىغانغا ئەمەلىيەتتىن ئېيتقاندا تېخ ھازىرچە سالاھىتىڭ توشمايدۇ !!


ئۇ بىزدىن ئايرىلغىلى ناھايتى ئۇزۇن بولغاندەك بىلىنىپ كەتتى ،، گەرچە لىف ئۇنى يەنىلا كوماندا باشلىقى دەپ ئىتىراپ قىلسىمۇ ، بىراق ئۇ خۇددى قايتا كوماندا باشلىقى بۇلالمايدىغاندەك ، ئۇ كۈندىن كۈنگە بىزدىن يىراقلىشىپ كېتىۋاتقاندەك بىلىنىۋاتىدۇ .......................
قايتىپ كەل باللاك ، قايتىپ كەل كۈمۈش شاھ !! سېنى بەك سېغىندۇق !!!!!!!! [s:68] [s:68]


بەزى گەپلىرىم سەل قوپال چىقىپ كەتكەندۇ ، كەچۈرۈڭلار !!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +15 يىغىش سەۋەبى
ablikim0814 + 5 ياخشى
totti + 10 نادىر يازما!

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-11-27 12:02:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا ئەمدى بۇنىڭ دەردىدە ئابلا باي پۇشمان ئالدىغان قاچا تاپالمايۋاتىدۇ ئۇرنىغا كەلگەن رامرېسنىمۇ كۇرۋاتمىز   بىچارە ۋېرگنسمۇ مۇشنى دەپ ئابلا تاز بىلەن چجىدەللىشىپ چېلسىدىكى 40 يېللىق خېزمىتىدېن ئېستىپا بىرېپ ئۇنتۇنسىز يۇقاپ كەتتى    چېلسىنىڭ ئېشى بەكلا چاتاق جىمۇ  قېشلىق يۇتكىلىشتە باللاكنى قايتېدېن ئېجارە ئالماقچىمىش
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-11-27 12:08:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باللاك ياخشى توپچى    لېكىن زە  تەلىيى سەل كەلمەيۋاتىدۇ  بولمىسا باللاكنىڭ چۇقۇم
قايتىپ كىلىشىگە ئىشىنىمەن  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-11-27 12:18:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈمۇش شاھىنى دەپلا بىر مەزگىل چىسلى ئۈچۈن قاتتىق توۋلىغان مەن ، قاپىقى يىرىق ھالدا مۇسابىقە ئوينىغان كۆرۈنىشى ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدا  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-11-27 12:22:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىرلاشقا تېگىشلىك تېما ئىكەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-11-27 12:43:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇنداق تېما يازاي دەپ تۇرغان مەنمۇ .... كاكا قايتىپ كەل    
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-11-27 12:44:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى tottiدە2010-11-27 12:18يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
كۈمۇش شاھىنى دەپلا بىر مەزگىل چىسلى ئۈچۈن قاتتىق توۋلىغان مەن ، قاپىقى يىرىق ھالدا مۇسابىقە ئوينىغان كۆرۈنىشى ھازىرغىچە كۆز ئالدىمدا  
پۇتى يارلانغان ھالدا مۇسابىقە ئوينشى 120 مىنۇت بەرداشلىق بىرىپ نۇقتا تۇپ تىپ كىرگۇزىشى چۇ تىخى ، ھەقىقەتەن ھۇرمەتلەشكە تىگىشلىك جەڭچى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-11-27 12:45:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇزۇن بوپتىكەن بىرەر تىمىنى بۇنداق تەپسىلى ئوقۇپ باقمىغىلى   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-11-27 12:46:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر تەرپلىمە يىتشكەن ئىسىل توپچى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-11-27 13:49:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ كوماندىغا بولغان سادىقلىقىغا ھەقىقەتەنمۇ قول قويماي بولمايدۇدە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-11-27 14:16:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن سادىق توپچى بۇ،تېزراق ئەسلىگە كېلىپ ،يېشىل مەيداندا چاقنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-11-27 15:10:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىرلاڭلا ما تېمىنى باللا.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-11 02:47

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش