akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 22412|ئىنكاس: 192

«مۇقەددەس ئىتتىپاق» ۋە 10 يىللىق ئار -نومۇس

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2010-11-23 16:13:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
گەپنى ئېنتىر مەستانىلىرىنىڭ قەلبىدىكى جاراھەتتىن باشلاشنى مۇۋاپىق تاپتۇق، ئىنتىر 80- يىللاردىكى كۈچلۇك ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى رىقابەت كۈچى ئەڭ كۈچلۇك كوماندىلارنىڭ بىرسى، مەشھۇر چولپانلار ۋە داڭلىق تېرىنىرلارنىڭ يىتەكچىلىكى، 70 – يىللاردىكى شانلىق نەتىجىنىڭ تۇرۇتكىسى بىلەن بىرلەشمىدە دائىم كۈچ كۆرسىتىپ كەلگەن ئىدى، بىر قانچە قېتىم 3. بولۇش، ئىككى قېتىم چىمپىيون بولۇشدەك نەتىجىلەر ھەر ھالدا 90 – يىللاردىكى 15 پەسلى چىمپىيون بولالماسلىقتىن كۆپ ياخشى، ئەلۋەتتە. مانا بۇگۇنكى تېمىمىزدا دەل شۇ 15 پەسىل توغرىسىدا گەپ باشلىماقچىمىز.
1995 – يىلدىن بۇرۇنقى بەش يىل ئىتالىيە بىرلەشمىسى ئەڭ گۇنللەنگەن دەۋىر بولسا كېرەك، دەل مۇشۇ بەش يىل ئىچىدە مىلان – يۇۋۇنتۇس – سامپۇدولىيا قاتارلىق كوماندىلار ئۆزىنىڭ ئەمەلىي كۈچى بىلەن بىرلەشمىنىڭ چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۇردى، ئەلۋەتتە نابۇلېس مارادونا باشچىلىقىدا  89 – 90 – مۇسابىقە پەسلىنىڭ چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۇرگەن ئىدى. ئىش دەل 95 – يىلقى باگگىئونىڭ يۆتكىلىش ئىشىدىن باشلاندى. يۇۋۇنتۇستىن تۇيۇقسىز مىلانغا يۆتكەلگەن باگگىئو ‹‹ مۇقەددەس ›› ئىتتىپاق›› نىڭ شەكىللەنگەنلىكىنىڭ – ئىككى كۈچنىڭ بىرلەشمە چىمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن بىرلەشكەنلىكىنىڭ بەلگىسى بولدى.
مۇقەددەس ئىتتىپاق بولسا- ئۈچ تەرەپنىڭ كۈچ ئېلىشىشدا بالدۇر كۈچلەنگەن ئىككى تەرەپنىڭ يېڭىدىن باش كۆتۇرگەنلەرنى توقماقلىشىدىن ئىبارەت، 3 قېتىم بىرلەشمە چىمپىيونى ۋە بىر قېتىم ئۇزغۇنلۇق چىمپىيونى بولغان مىلان بىلەن بىر قېتىم بىرلەشمە چىمپىيونى ۋە بىر قېتىم ئۇزغۇنلۇق چىمپىيونى بولغان يۇۋۇنتۇس، ئېنتىرغا يېڭىدىن خوجايىن بولغان مۇراددىينىڭ قۇشۇلىشى، رىم قوشكېزەكلىرىنىڭ كۈچلىنىشى بىلەن ئۆزلىرىگە – ئۆزلىرىنىڭ چىمپىيونلۇق ئورنىغا خىرس ئېلىپ كەلگەنلىكىنى تۇنۇپ يەتتى، مانا مۇشۇنداق يېڭى كۈچلەر باش كۆتۇرگەن، كونىلار خىرسقا قانداق تاقابىل تۇرۇشقا باش قۇتۇرغان ئارقا كۆرۇنۇشتە مىلان خوجايىنى سىياسى سەھنىدە باش كۆتۇردى، يۇۋۇنتۇس خوجايىنى موجى بولسا ئىتالىيە ئىقتىسادى كۈچلەرنىڭ ئالدى ئىدى، مانا مۇشۇنداق ئەھۋال بۇ ئىككى كۈچنىڭ بىرلىشىپ يېڭىلارنى توقماقلىشىغا شەرىت ھازىرلاپ بەردى. بەلكىم كۆپ قىسىم مىلان ياكى يۇۋۇنتۇس مەستانىلىرى مىلان بىلەن يۇۋۇنتۇس رىقابەت شەكلىدە تۇرسا بىرلىشىش قانداق مۇمكىن بولسۇن دەپ رەت قىلىدۇ، مانا مۇنداق مىساللارنى كەلتۇرىمىز : كوكا كولا بىلەن پېپسى كولا دۇنيادىكى ئىككى داڭلىق كولا – بۇلار دۇنيا كولا بازىرىنى مونوپول قىلىدۇ، يېڭىدىن باش كۆتۇرۇپ بۇ بازارغا كىرمەكچى بولغانلارنى بىرلىشىپ ۋەيران قىلىدۇ، مانا مۇشۇنداق ‹‹سېنىڭدە مەن، مېنىڭدە سەن ›› دېگەندەك رىقابەت ئىچىدىكى بىرلىشىشتۇر.
بەلكىم قايىل بولماسلىقىڭلار مۇمكىن يەنە بىر مىسال، ھامبۇرۇك بولكىسى ۋە كىنتاكى تۇخۇسى دۇنيادىكى ئىككى چوڭ يىمەك ئىچمەك سودىسى قىلىدىغان زەنجىرسىمان دۇكان، ھامبورۇك بولكىسى بار جايغا يېقىن جايدىلا كىنتاكى تۇخۇسى بار، لېكىن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش شەكىلدىكى يەنە بىر دۇكان بۇ جايدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرالمايدۇ. مىسالەن دېكىس قاتارلىق شىركەتلەر بۇ ئىككىسى بار جايدا ئەمەس، بىر قەدەر يىراق جايلاردىلا ئاندىن پۇت تىرەپ تۇرالايدۇ. مۇنداق مىساللار ئالساق يەنە كۆپ.

5 – يىلقى يۇۋۇنتۇس شۆھبىسزكى ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ كۈچلۇكتۇر، مىلانمۇ ئوخشاش رىقابەت كۇچىگە ئىگە، مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا مۇقەددەس ئىتتىپاق رەسمىي شەكىللەندى، بۇ تۆۋەندىكى شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ.




1. توپچىلارنىڭ يۆتكىلىشى ۋە باشقا كوماندىلارنىڭ قان تۇلۇقلىشى.يۇۋۇنتۇس - مىلاننىڭ ئۇ ۋاقىتلىرى زومىگەرلىككە تولغان بولۇپ، ئۆزىنى يېڭىش ئىمكانىيىتى بولغان توپچىلارنىڭ بىلرۇسكىنىينىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىنى كونتىرول قىلىشى ياكى ئىتتىپاقداش كوماندىنىڭ يۆتكىلىش بازىرىدىكى ئۆز ئارا ھەمكارلىقى بىلەن چۇقۇم سېتىۋېلىپ ئۆزىگە يۆتكىۋالاتتى، بۇ ئاددىي لېكىن ئۈنۈملۇك ئۇسۇل بولۇپ، باشقا كوماندىنىڭ قان تۇلۇقلىشىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتەتتى، نىستانىڭ يۆتكىلىش ئىشىنى مىسال قىلىش بىلەن قانائەتلىنىمىز، ئۆز ۋاقتىدىكى مىلاننىڭ زاپاس ئەزالىرىمۇ داڭلىقلارغا تولغان، موجى بولسا يېڭى چولپانلارنى يىققان ئىدى، ئۇلار بىر تەرەپتىن ۋاستىچىلارنى كونتىرول قىلسا، بىر تەرەپتىن ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق يېڭى خەۋەرلەرنى ئويدۇرۇپ چىقاتتى ياكى باشقا ئۇسۇل بىلەن يېڭى ياكى كۈچلۇك چولپانلارنىڭ ئىنتېر ۋە رىم قوش كېزەكلەرگە يۆتكىلىشىنى جېنىنىڭ بارىچە توستى. بۇنىڭ تىپىك مىسالىغا ئۇلارنىڭ زىداننى ۋە دۇجالنى قولغا كىردۇرىشى بىلەن قانائەتلەنسەك بولىدۇ. شۇڭا يۇۋۇنتۇس ۋە مىلاننىڭ يۆتكىلىش بازىرىدا ئىتالىيىك توپچىلارغا ئېرىشىشى باشتىن ئاخىر ياخشى بولۇپ كەلدى، مىسالەن : دىۋايو ۋە نىستانىڭ ئېنتىرغا قۇشۇلغۇسى بار لېكىن قۇشۇلالىدىمۇ؟ بۇففۇن، نىدىۋېد، تۇرام، ئەيموسېن قاتارلىقلارنىڭ يۆتكىلىش ئىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بىزگە يۇقارقى تەھلىلىمىزنى چۇشەندۇرۇپ بېرىدۇ.

2. بىرلەشمە نەتىجىسىگە كاپالەتلىك قىلىش، بۇ بىر قاراشتىن يالغان توپ ئويناشقا بېرىپ تاقىلىدۇ، مېنىڭچە بۇ ئىتتىپاقنىڭ ئەڭ مۇھىم تەرىپىدۇر، چۇشەندۇرۇپ كەلسەك، ئىككى ئىتتىپاقداشنىڭ بىرسىنىڭ چىمپىيونلۇقتىن ئۇمۇدى قالمىغان بولسا، چۇقۇم يەنە بىر ئىتتىپاقدىشى ئۈچۈن ئۆزىنى قۇربان قىلىدۇ، يەنى ئىتتىپاقدىشىنىڭ ئۆزىدىن 3 نومۇر ئېلىشى ۋە ئىتتىپاقدىشىنىڭ رىقابەتچىسىنى يېقىتىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، مىسالەن ئېيىتساق 99 – يىلدىكى مىلاننىڭ چىمپىيونلۇقىدۇر، رىم ۋە لازىئو بىلەن تەڭلىشىپ قالغان ئەھۋال ئاستىدا رىقابەتچىسىدىن ئېشىپ كىتىش ئۈچۈن، چۇقۇمكى يۇۋۇنتۇستىن 3 نومۇر ئېلىشى كېرەك ئىدى، ئەينى چاغدا مىئاززادا ئۆزىنىڭ مەيدانىدا ئۇتتۇرغان مىلاننىڭ، يۇۋۇنتۇسنىڭ مەيدانىدا مىھمان ئىنتايىن ئاسانلا ئۇتۇشى بىلەن چىمپىيونلۇق يولىدا بۇرۇلۇش ھاسىل قىلدى.
00 – يىللارغا قەدەم قويغاندا ئىتتىپاق تېخمۇ مۇستەھكەملەندى، دەشلەپتە ئۇلار تېخى رىقابەتچىگە ئۇچىرىمىغان ئىدى شۇڭا ئىككىلىسى 3 تىن نومۇر ئالغان، لېكىن كىيىنكى قەدەمدە لازىئو چاتاق چىقىرىپ سالدى، ئەگەر بالدۇر شۇنى قىياس قىلىشقان بولسا ئىدى، مىلان ساھىبخان ئۇتتۇرۇپ بېرەتتىدە لازئونىڭ چىمپىيون بولىشى مۇمكىن بولمىغان بولاتتى.
01 – يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە بۇ ئىتتىپاقداشلار ئالدىنقى ساۋاقلارنى يەكۇنلىگەندىن كىيىن، ئالدىدا تەڭلىشىپ بىردىن نومۇر ئالدى، كىيىنكى مۇسابىقە پەسلىدە يۇۋۇنتۇس رىمدىن ئېشىپ كېتىشى لازىم بولغاندا مىلانننىڭ ماسلىشى بىلەن 3:0 غەلبە بىلەن تۇلۇق 3 نومۇر ئالدى ۋە رىمدىن ئېشىپ كەتتى، ئەپسۇس يەنىلا رىمنىڭ قەدىمىنى بۇغۇپ قويۇشقا ئامالسىز قالدى.

02 – يىلىقى مۇسابىقە پەسلى، لىپى يۇۋۇنتۇسنى يىتەكلەۋاتقان، ئەن دوكتۇرنىڭ مىلانسى بىلەن بىرلىشىپ، كۇبو باشچىلىقىدىكى ئىنتېر ۋە كاپىيلو باشچىلىقىدىكى رىمنى يېڭىشنى كۆڭلىگە پۇككەن ئىدى، مۇسابىقە پەسلىدە رىقابەت ئورنىدا تۇرىۋاتقان ئىنتېر ۋە رىمنىڭ يۇۋۇنتۇسنىڭ مىلاندىن كىيىنكى پەسىلدە ئالغان 3 نومۇرى بىلەن ئاھ ئۇرۇپ قالدى.
03 – يىللىق مۇسابىقە پەسلى مىلان ۋە يۇۋۇنتۇسنىڭ شانلىق ئىتتىپاقى ئەڭ ئاخىرىقى باسقۇچقا قەدەم قويدى، نۇرغۇن كوماندىلار مانا مۇشۇنداق ئىككى كوماندىنىڭ تەنتەربىيە ئەخلاقىنى چەتكە تاشلاپ قويىشى ۋە بىر بىرنى مۇسابىقە مەيدانىدا ئۇن تىنسىز قوللىشى بىلەن ئاخىرىقى ئۇمۇدىدىن ۋاز كېچىشكە باشلىدى، لازىئونىڭ شانلىق تارىخى، سانپۇنىڭ تىرشچانلىقى، فىرولىنسانىڭ ۋاز كەچمەسلىكى، رىمنىڭ كۇرەش ئىقتىدارى، ئىنتېرنىڭ قەيسىرانە روھى ... مانا بۇلار مۇشۇ مۇقەددەس ئىتتىپاقنىڭ ئاز كەم 10 يىلغا يېقىن ئۆز ئارا ھەمكارلىشىشى بىلەن نەتىجىسىز قېلىۋەردى، ئىتالىيە بىرلەشمىسى مانا مۇشۇنداق ئەھۋال ئاستىدا ئاستا – ئاستا چېكىنىشكە باشلىدى، چۇشنىش تەس ئەمەسكى ئىتتىپاقنىڭ كونتىرول قىلىشى بىلەن نەتىجىسىز قېلىۋەرگەن كوماندا خوجايىنلىرى بىرلەشمىدە چىمپىيون بولىشىدىن ئۇمۇد كۈتمەيدىغان ئەھۋال ئاستىدا نابۇلىستەك كىچىك كوماندىلار خوجايىنى ھەرگىز يەنە بىر قېتىم مارادونادەك چولپاننى يۆتكىلىش بازىرىدا يۇقىرى باھا بىلەن ئەكەلمەيدۇ، ئەكىلىشنى قارار قىلغاندىمۇ ئەكىلەلىشى ناتايىن، ۋاسىتىچىلار، رىپىرلار، ئاخبارات ۋاستىلىرى ھەتتا ئىتالىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگىچە بولغان مۇناسىۋەت تورىنىڭ شەكىللىنىپ مەيداننى كونتىرول قىلىشى، ئاخىرى بېرىپ ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېكىنىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى بولۇپ قالدى.

ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى ‹‹ تېلغۇن ۋەقەسى ››
2006 – يىلى 5 ئاينىڭ 4- كۇنى ‹‹ مىلان تەنتەربىيىسى ›› تۇيۇقسىز يۇۋۇنتۇس خوجايىنى موجىنىڭ رىپىرلار بىلەن بولغان بىر قانچە يىللىق تېلغۇن ئالاقە خاتىرىسىنى ئاشكارلىدى، تېلغۇن ئالاقە مەزمۇنى ئاساسلىقى 04 – يىلى موجى بىلەن 6 يىللىق ئىتالىيە بىرلەشمىسى رىپىر بېكىتىش مەسئۇلى پايلېتو ئوتتۇرىسىدىكى پاراڭ.
5- ئاينىڭ 8- كۇنى ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى كالالو ئىستىپا بەردى، ماچچىنى ئورنىغا چىقتى، ئارقىدىن ھەر قايسى كۇلۇبلار تەكشۇرۇلۇشكە باشلىدى.
5- ئاينىڭ 12- كۇنى دانساس قاتارلىق بىر قانچە رېپىرنىڭ دۇنيا لوڭقىسىغا پۇشتەك چېلىش ۋەزىپىسىنى ئېلىپ تاشلىدى ۋە رەسمىي ئۇمۇميۇزلۇك تەكشۇرۇشكە باشلىدى. مىلان كۇلۇبى قۇشۇلۇپ رەسمىي تەكشۇرۇلدى.
5- ئاينىڭ 14 –كۇنى بىرلەشمە ئاخىرلاشتى، يۇۋۇنتۇس چىمپىيون بولدى، موجى پۇتبول ساھاسىدىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىدى، ئۇزاق ئۆتمەي كۆپ يىللىق ئىتالىيە رىپىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى راموسەي يۇشۇرۇن تەخىتتىن چۇشتى.
5- ئاينىڭ 16 – كۇنى ئىتالىيە ئولىمپىك كومتىتىنىڭ رەئىسى لوس ۋاقىتلىق ئىتالىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە رەئىس بولدى.
5- ئاينىڭ 19- كۇنى مىلان ۋە يۇۋۇنتۇسنىڭ پاي چېكى 10.5% چۇشكەندىن كىيىن توختىدى ۋە شۇنىڭ بىرگە ۋاقىتتا ئىتالىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدىن ئىشخانا مۇدىرى پاپا ۋە ئۇنىڭ ياردەمچىسى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.
6- ئاينىڭ 8- كۇنى رەسمىي ھالدا تەپتىش ئورگانلىرىغا ئىتالىيە پۇتبولچىلار ئۇيۇشمىسى ۋە رىپىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئۇزۇنغا سۇزۇلغان 7 – 8يىللىق سەتچىلىك ماتىرىياللىرى تاپشۇرۇپ بېرىلدى.
6- ئاينىڭ 14- كۇنى يۇۋۇنتۇس كۇلۇبىغا جىلى رەئىس بولدى،
6- ئاينىڭ 20 – كۇنى ئىتالىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تەكشۇرۇش كومتىتىنىڭ مەسئۇلى بۇ قېتىمقى سەتچىلىككە يۇۋۇنتۇس ۋە مىلاننىڭ ئاساسلىق مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
6- ئاينىڭ 22 – كۇنى تۇنجى تەكشۇرۇشكە سوت ئېلان قىلىندى، يۇۋۇنتۇسنىڭ ناتوغرا رىقابەت بىلەن ئېرىشكەن يېقىنقى ئىككى قېتىملىق بىرلەشمە چىمپىيونلۇقى ئېلىپ تاشلاندى. ئىنتېرنىڭ تىرىشچانلىق بىلەن ئېرىشىشكە تىگىشلىك بىرلەشمە چىمپىيونلۇقى قايتۇرۋېلىندى.
مىلان تەرەپتىن مۇئاۋىن رەئىس گالىيانى ئەسلى تىگىشلىك بولغان ئالدامچىلىق جازاسىدىن قۇتۇلۇپ قالغان بولسىمۇ لېكىن يەنىلا ناتوغرا رىقابەت جىنايىتىدىن قۇتۇلالمىدى، شۇنداق قىلىپ مىلاننىڭ كىيىنكى مۇسابىقە پەسلىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلانمىغان بولسىمۇ لېكىن يېڭى مۇسابىقە پەسلىدە 8 نۇمۇر ۋە ئالدىنقى پەسىلدىكى نومۇرىدىن 30 نومۇر تارتىلدى، شۇڭا يېڭى نەتىجە بويىچە ئۇزغۇنلۇققا قاتنىشىش سالاھىيگە يەنىلا ئىگە بولغاچقا قاتنىشىشقا رۇخسەت قىلىندى، گالىيانىنىڭ بىر يىل پۇتبولغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەر بىلەن شۇغۇللانماسلىق جازاسى بېرلدى ۋە مىلان ئەمەلدارى مىيانغا ئۈچ يىل پۇتبولغا مۇناسىىۋەتلىك خىزمەتكە قاتناشماسلىق جازاسى بېرىلدى، 10 مىڭ ياۋرۇ جېرىمانە قۇيۇلدى ۋە بىر مەيدان ساھىبخانلىق سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلاندى.
مانا شۇنىڭدىن كىيىن ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئىنتايىن ناچار تەسىرلەرنى كۆرسىتىپ كەلگەن، رىپرى ۋە بىرلەشمە مەسئۇل خادىم، پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ ئەمەلدارى، ۋاستىچىلەر ۋە بىر قىسىم ئاخبارات خادىملىرى، تەپتىش ئەمەلدارى قاتارلىقلارغا، بۇ مۇقەددەس ئىتتىپاقنىڭ باشقا ئەزالىرىغا تىگىشلىك جازاسىنى بەردى.
ئاخىرى بۇلۇت تارقاپ كۇن قايتىدىن چىقتى، بىرلەشمىدىكى ساناقسىز ئۇۋالچىلىقلار، ناھەقچىلىكلەر ئۇنتۇلمايدۇ، مانا مۇشۇنداق ناتوغرا رىقابەت، ئەخلاقسىزلىقلار بىر شانلىق بىرلەشمىنىڭ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرغان بولسا، ئەمدىلەتىن قايتىدىن باش كۆتىرىۋاتقان تىرىشچان ئارسىلانلارنىڭ كۇرەش قىلىشى بىلەن ئاپىنىن ئارىلىدىكى پۇتبولنىڭ قايتىدىن گۇللىنىشىگە چىن دىلىمدىن ئىشىنىمەن، ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ تېخىمۇ گۇللىنىشىنى ئۇمۇد قىلىمەن. ئەخلاقسىزلىق بىلەن پۇتبول ئىشلىرىنى قالايمىقانلاشتۇردىغان كۇلۇبلارنىڭ ئەمدى قايتىدىن قالايمىقانچىلىق چىقارماسلىقىنى تىلەيمەن.
مىلاننىڭ يالغان ھىسابات ياساش، يۇۋۇنتۇسنىڭ چەكلەنگەن دورا سەتچىلىك ئىشلىرى ۋە يۇقارىقى ‹‹ تېلغۇن ›› ۋەقەسىدىن ئىبرەت ئېلىشىنى، تەنتەربىيە ساھەسىدىكى ھەقىقىي زەردار كۇلۇبلاردەك مۆتىۋەر سالاپىتىنى ساقلىشىنى چىن دىلىمدىن ئۇمۇد قىلىمەن ۋە ئۇلارنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى بىرلەشمە ئۇزغۇنلۇقتا ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرىشگە تىلەكداشمەن.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +40 يىغىش سەۋەبى
يۇرۇڭقاش + 15
ronaldo + 25 جايىدا ئانالىز

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-11-23 16:24:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى چىشلەشكە  ئۆتۈپسىلەردە.....................
ئاخىردىكى گەپلەرنىڭ  چىرايلىقلىقى تېخى....
بۇندىن بۇرۇن چىقماي ئىنتېر مۇشۇ  كۈنگەقالغاندا بۇ گەپلەرنىڭ چىقىشىنى توغرا چۈشىنىشكە بۇلىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-11-23 16:29:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈلەيمۇ يىغلايمۇ ما تېمىغا ، بىر نەچچە مەيدان ئۇتتۇرۇپ چىدىماي ئاخىرى خەنلەرنىڭ نېمىسىنى ئۇدۇللا تەرجىمە قىپ ئەكەلگىنىنى
گەرچە بەزىلىرى راس بولسىمۇ بەزىلىرى قوڭىغا ئۇرۇپلا تاپقان گەپكەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-11-23 16:31:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى سان-سىرودە2010-11-23 16:24يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
ئەمدى چىشلەشكە  ئۆتۈپسىلەردە.....................
ئاخىردىكى گەپلەرنىڭ  چىرايلىقلىقى تېخى....
بۇندىن بۇرۇن چىقماي ئىنتېر مۇشۇ  كۈنگەقالغاندا بۇ گەپلەرنىڭ چىقىشىنى توغرا چۈشىنىشكە بۇلىدۇ.


مەن مۇنبەرگە ئەزا بولغىلى ئۇزۇن بولمىدى، بۇنىڭدىن بۇرۇن يېزىلغانمۇ بىلمىدىم، بەلكىم چىشلەپ سالغاندىمەن. بەلكىم ۋاقتىدا ئېيىتمىغاندۇرمەن، لېكىن ئاخىردىكىسى چىن دىلىمدىن چىققان سۆز، مەن ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ قايتىدىن گۇللىنىشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-11-23 16:36:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى سەرساندە2010-11-23 16:29يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
كۈلەيمۇ يىغلايمۇ ما تېمىغا ، بىر نەچچە مەيدان ئۇتتۇرۇپ چىدىماي ئاخىرى خەنلەرنىڭ نېمىسىنى ئۇدۇللا تەرجىمە قىپ ئەكەلگىنىنى
گەرچە بەزىلىرى راس بولسىمۇ بەزىلىرى قوڭىغا ئۇرۇپلا تاپقان گەپكەن .

بەزى ئاز ساندىكى مىساللار خەنچە مۇنبەردىن پايدىلىندى مەسىلەن كوكا كولا ۋە پېپسى توغرىسىدىكى مىسال، لېكىن ئۇددۇل تەرجىمە قىلىنىپ ئەكىلىنگىنى يوق. قوڭامغا ئۇرۇپلا تاپقاندىمەن، بىر قانچە مەيدان ئۇتتۇرۇش بىلەن ھەقىقەتەن ئالاقىسى بار، كۆڭلۇم يېرىم، بەلكىم شۇنداق بىر نەرسىلەرنى يېزىش بىلەن كوڭلۇمنى ئاۋۇندۇرۇپ تۇرغاندىمەن. بۇ ماڭىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئويدۇرۇلغان يەر يوق، لېكىن پەرەز قىلىنغان يەر بار.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-11-23 16:36:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باللار... ئۇر-توقماق قىلىشماي ئىلمى مۇنازىرە قىلىلى
لېكىن بىر خۇش بولغان يىرىم، ما تېما يوقاپ كەتكەن سەرساننى قايتۇرۇپ ئەكەپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-11-23 16:40:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3ئاي بۇرۇن مۇشۇنداق دىگەن بولغان بولسىڭىز ،بىر شەھەردىكى ھەمراھىمىز دەپ كۆڭلىڭىزگە تەسەللى بېرىپ قويار ئىدۇق .
ئەمدىلىكتە بولسا ئىچىڭلارغا قان كەتكەندە يازغاندەك ئىش بوپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-11-23 16:42:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 6قەۋەتتىكى جاھانگېردە2010-11-23 16:40يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
3ئاي بۇرۇن مۇشۇنداق دىگەن بولغان بولسىڭىز ،بىر شەھەردىكى ھەمراھىمىز دەپ كۆڭلىڭىزگە تەسەللى بېرىپ قويار ئىدۇق .
ئەمدىلىكتە بولسا ئىچىڭلارغا قان كەتكەندە يازغاندەك ئىش بوپتۇ.
ئۈچ ئاي بۇرۇن مۇنبەرگە تىزىملاتمىغان ئىدىم تېخى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-11-23 16:48:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى tunuxدە2010-11-23 16:36يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :


بەزى ئاز ساندىكى مىساللار خەنچە مۇنبەردىن پايدىلىندى مەسىلەن كوكا كولا ۋە پېپسى توغرىسىدىكى مىسال، لېكىن ئۇددۇل تەرجىمە قىلىنىپ ئەكىلىنگىنى يوق. قوڭامغا ئۇرۇپلا تاپقاندىمەن، بىر قانچە مەيدان ئۇتتۇرۇش بىلەن ھەقىقەتەن ئالاقىسى بار، كۆڭلۇم يېرىم، بەلكىم شۇنداق بىر نەرسىلەرنى يېزىش بىلەن كوڭلۇمنى ئاۋۇندۇرۇپ تۇرغاندىمەن. بۇ ماڭىلا ۋەكىللىك قىلىدۇ، ئويدۇرۇلغان يەر يوق، لېكىن پەرەز قىلىنغان يەر بار.
تېمىنى كۆرۈپلا ئەرۋايىم ئۆرلەپ ئالدىراپ ئىنكاس يازغىنىمغا ئىقرار ، ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ ساختا توپ ئويناشقا چېتىلىپ قېلىشى، يالغان ھېساۋات،تېلىفۇن ۋەقەسى ،مۇجىنىڭ پۇتبولچىلارغا تەھدىت سېلىشى دېگەنلەر ھەممە ئادەم بىلىدىغان مەخپىيەتلىك ، ئەمما تېمىنىڭ بېشىدا يۇۋىنتىس بىلەن مىلان بىرلىشىپ ئىنتېر ،رىملارنىڭ پۇتىغا پالتا چاپتى دېگەنلەر ھېچقانداق ئىسپاتى يوق ، ئاچچىقتىن دېيىلگەن گەپلەر ،ئىتالىيە بىرلەشمىسى ،جۈملىدىن مىلانغا چىش تىرنىقىغا ئۆچلەر مۇنبەردە ئاز ئەمەس ، بۇنداق گەپلەر چىقسا بولۇپ بەرگىنى شۇ، ئەمدى شۇ گەپلەر ئۈچۈن يەنە جېدەل قىلىشىمىزمۇ ؟ ئۆتكەندە بىرىنىڭ مىلان مەستانىلىرى ياۋاشلاپ قاپتۇ دېگىنى ئېسىمدە ، گەپ ياۋاشلىغاندا ئەمەس، زېرىككەندە ، دائىملا مىلان، ئىتالىيەنى چىشلەپ تارتىشىدۇ، بىز گەپ قىلساق ئۇششۇق ساپاسىز بولىمىز، باشقىلار ئۈچۈن ئۆز قېرىندىشىمىز بىلەن سوقۇشقان بولىمىز، گەرچە ئۇلار بىزدىن يىراق يەردىكى ئادەملەر بولسىمۇ ھەممىمىزنىڭ ئوخشىمىغان قىزىقىشى ، ياقتۇرىدىغىنى بولىدۇ ،ياقتۇرىدىغان كوماندىلارنى سۆرەپ چىقىپ زىتىغا تېگىدىغان گەپلەرنى قىلسا ئادەمنىڭ زىتىغا تېگىدىكەن!~~!
يېقىندىن بۇيان مۇنبەر دېگەن نەرسىدىن راسلا زېرىكىپ قالدىم !~~!
ئارتۇق سۆزلەپ قويغان بولۇشۇم مۇمكىن !~~!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-11-23 16:55:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنىڭ يېزىلىشىغا «سان سېرو» نىڭ بىر ئىنكاسى سەۋەب بولدى:

« يېقىنقى 15 يىلدىن بۇيان ئىنتېر لوڭقا تۇتۇپ باقماپتىكەن » دېگەن ئىنكاس كۆڭلۇمگە بەك ئېغىر تەككەن ئىدى.

كىمدۇر بىرسىنىڭ :
بۇنىڭدىن باشقا « يەنە بىر قېتىم تېلغۇن ۋەقەسى بولمىسا ئىنتېرنىڭ ئىشى چاتاق» دېگەن دېگەن ئىنكاسنىمۇ ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايمەن.  

مانا مۇشۇ ئىككى ئىنكاس ماڭا تېلغۇن ۋەقەسىنىڭ ئالدى كەينىدىكى 15 يىلنى يەنى ئىنتېر لوڭقا تۇتۇپ باقمىغان شۇ يىللارنى يېزىپ چىقىشقا مەجبۇر قىلدى دېسەممۇ بولىدۇ.
توغرا ھازىر ئىنتېر ئارقىدا قالدى، 9 نومۇر - ئارقىدا قالدى دېگەنلىك ئۈچ مەيدان ئارقىدا دېگەنلىكتۇر، لېكىن بۇ ھەرگىزمۇ ئىنتېرنىڭ مەغلۇب بولغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، پەسىل تېخى ئاخىرلاشمىدى. كىم ئاخىرقى ئىشلارنى بىلىدۇ؟

« قاچانغىچە ئېنتىر مەستانىلىرىنى مۇنبەردە كۆرمەسمەن ؟ » دېگەن ئىنكاسنى كۆرگەن چېغىمدا - ئىنتېر مەستانىلىرىنىڭ 45 يىل ئۇزغۇنلۇقنى كۆتۇرۇپ باقمىغاندىمۇ تاشلاپ كەتمىگەنلىكىنى تىلغا ئالاي دېگەن.  

يۇقارىقى ئىنكاسلارنى يازغان ۋاقتىڭلاردا ماڭا ئوخشاش تاۋى نازۇك مەستانىلەرنىڭ بارلىقىنى ئويلىمىغان ئىدىڭلار، بەلكىم مەن بۇ تېما ئارقىلىق شۇ ئىنكاسنى يازغانلارغا نارازىلىقىمنى بىلدۇرمەكچى بولغاندىمەن، چىشلەپ سالغاندىمەن، ئۆزۇممۇ بىلمەيمەن، ئىشقىلىپ ... نىمە دېيىشىنى بىلمىدىم، خاتا قىلدى دېسەڭلار : « كىچىكلىك قىلىپ ساپتۇ » دەپ كەچۇرۋېتەرسىلەر.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-11-23 16:59:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى سەرساندە2010-11-23 16:48يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :

تېمىنى كۆرۈپلا ئەرۋايىم ئۆرلەپ ئالدىراپ ئىنكاس يازغىنىمغا ئىقرار ، ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ ساختا توپ ئويناشقا چېتىلىپ قېلىشى، يالغان ھېساۋات،تېلىفۇن ۋەقەسى ،مۇجىنىڭ پۇتبولچىلارغا تەھدىت سېلىشى دېگەنلەر ھەممە ئادەم بىلىدىغان مەخپىيەتلىك ، ئەمما تېمىنىڭ بېشىدا يۇۋىنتىس بىلەن مىلان بىرلىشىپ ئىنتېر ،رىملارنىڭ پۇتىغا پالتا چاپتى دېگەنلەر ھېچقانداق ئىسپاتى يوق ، ئاچچىقتىن دېيىلگەن گەپلەر ،ئىتالىيە بىرلەشمىسى ،جۈملىدىن مىلانغا چىش تىرنىقىغا ئۆچلەر مۇنبەردە ئاز ئەمەس ، بۇنداق گەپلەر چىقسا بولۇپ بەرگىنى شۇ، ئەمدى شۇ گەپلەر ئۈچۈن يەنە جېدەل قىلىشىمىزمۇ ؟ ئۆتكەندە بىرىنىڭ مىلان مەستانىلىرى ياۋاشلاپ قاپتۇ دېگىنى ئېسىمدە ، گەپ ياۋاشلىغاندا ئەمەس، زېرىككەندە ، دائىملا مىلان، ئىتالىيەنى چىشلەپ تارتىشىدۇ، بىز گەپ قىلساق ئۇششۇق ساپاسىز بولىمىز، باشقىلار ئۈچۈن ئۆز قېرىندىشىمىز بىلەن سوقۇشقان بولىمىز، گەرچە ئۇلار بىزدىن يىراق يەردىكى ئادەملەر بولسىمۇ ھەممىمىزنىڭ ئوخشىمىغان قىزىقىشى ، ياقتۇرىدىغىنى بولىدۇ ،ياقتۇرىدىغان كوماندىلارنى سۆرەپ چىقىپ زىتىغا تېگىدىغان گەپلەرنى قىلسا ئادەمنىڭ زىتىغا تېگىدىكەن!~~!
يېقىندىن بۇيان مۇنبەر دېگەن نەرسىدىن راسلا زېرىكىپ قالدىم !~~!
ئارتۇق سۆزلەپ قويغان بولۇشۇم مۇمكىن !~~!

يۇقىرىدىكى ئىنكاسىمدا دېيىلگەندەك خاتا كۆڭلىڭىزگە كەلگەن سۆزلەر بولسا : « كىچىك بالا يېزىپ ساپتۇ » دەپ ئەپۇ قىلارسىز، يۇقارقى يۇۋۇنتىس ۋە مىلاننىڭ بىرلىشىپ ئىنتېر ۋە رىمنىڭ پۇتىغا پالتا چاپتى دېگەندەك سۆزلەر توغرىسىدا ئالدىرىماي، سىلىق تەلەپپۇزدا تەھلىل قىلىپ باقايلى دېسىڭىز قولۇم كۆكسۇمدە.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-11-23 17:38:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 9قەۋەتتىكى tunuxدە2010-11-23 16:55يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
بۇ تېمىنىڭ يېزىلىشىغا «سان سېرو» نىڭ بىر ئىنكاسى سەۋەب بولدى:

« يېقىنقى 15 يىلدىن بۇيان ئىنتېر لوڭقا تۇتۇپ باقماپتىكەن » دېگەن ئىنكاس كۆڭلۇمگە بەك ئېغىر تەككەن ئىدى.

كىمدۇر بىرسىنىڭ :
.......


توغرا ئۇ ئىنكاسنى مەن تارىمنىڭ يوللىغان سانلىق مەلۇماتلىرىنى كۆرگەندىن كىيىن قىلغان.

مىلان 6يىلدىن بۇيان 2007-يىلى باشقىلار دىگەندەك تەلەي ياكى ئارقا تىرەككە تايىنىپ  ئوزۇنلۇقنى ئالغاندىن باشقا  لوڭقا تۇتۇپ باقمىدى.
مۇشۇ مەزگىللەردىكى مۇنبەردىكى مەسخىرلىك گەپلەر،ئىتىپاقلىق ئويناۋاتقاندىكى ئاچچىق تەنىلەر.....ئىشقىلىپ مىلان مەستانىلىرى شۇ مەزگىللەردىمۇ مىلاننى تاشلاپ ،مۇنبەرنى تاشلاپ چىقىپ كەتمىدۇق....ئۈمىدۋارلىق بىلەن چىشىمىزنى چىشلەپ چىدىدۇق..بىرگە بىر دىيىشتۇق..

ئىنتېر ئۈچ شاھ بولغاندىن كىيىن «سىلەرنىڭ ئۈچ شاھ بولغان ۋاقىتتىكى رەسىمىڭلار بارمۇ؟ دىبىنى بولسىمۇ مەيلى»،«سىلەر ئۈچ لوڭقىنى چۈشۈڭلاردىمۇ كۆرەلمەيسىلەر»دىگەندەك ئىنكاسلارمۇ كۆڭلىمىزگەبەك تەگكەن...بىز چىدىدۇق...ئىنتېرنىڭ تۆتىنجى لوڭقا،بەشىنجى لوڭقا....لارنى ئالالماسلىقىنى «ئالتە شاھ »بولالماسلىقىنى ئۈمىد قىلدۇق..چۈنكى ئىنتېر ئالتە شاھ بولسا بىزدىن يەنە رەسىم دىبەن تەلەپ قىلىنىشتىن قورقتۇق...«ئۈچ شاھ »لىقنىڭ رەسىمىنى كۆرسىتىش قىيىنغا توختىماسلىقى مۇمكىن،لىكىن «ئالتە شاھ »لىقنىڭ دىبىنىنى كۆرسەتمەك ھەر قانداق بىر كوماندا ئۈچۈن بەسى مۈشكۈل بىر ئىش..
ھازىرقىدەك شارائىتتا مىنىڭ ئۇ گەپنى دىيىشىم تەبئى بىر ئىش...يەنە بىرسى مەن بۇ مەزگىللەردە ئىنتېرنىڭ بىرمۇ لوڭقا ئالامىغىنىنى تارىمنىڭ شۇ ئىنكاسىدىن بىلدىم.شۇڭا شۇ گەپنى قىلدىم...
ئاشۇ ئىنكاسىم مۇشۇ« يالغان»لارغاسەۋەب بولغان بولسا دىمەسكەنمەن...بۇنچىۋالا يالغاننىڭ باشقىلارغا قانچىلىك تەسىر بىرىدىغانلىقىنى ئويلىمىدىڭىزغۇ دەيمەن ...

ئەمدى تېمىڭىزغا كەلسەك..ئىنتېرنىڭ  نەچچە مەيدان مەغلۇبىيىتىنى كۆرۈپلا چىدىمىغاندەكلا يېزىپسىز...ھەتتا مەنمۇ  ئىنتېرنىڭ  يەنىلا  تەھدىت ئىكەنلىكىدىن گۇمانلانمايمەن،مىنىڭ كۆڭلۈمدىكى بۇ يىللىق چىمپىيونلۇق نامزاتىدا ئىنتېر يەنىلا مىلاندىن ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-28 22:40

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش