akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 3026|ئىنكاس: 15

مىرئەخمەتجان بىلەن كۆرۈشتۇق

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2010-11-21 02:25:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
    batigoal (باتىستۇتتا)يېقىندا مىرئەخمەتجان بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتى بارلىقىنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن(تەپسىلاتى: چىكىڭ!) ئەزالار بالدۇرراق بۇ ئەزىمىتىمىز بىلەن كۆرۈشۈشكە تەقەززار بولۇشتى. ئەمما مىرئەخمەتجان ئۇزۇن ۋاقىت ياقا-يۇرتتا يۈرۈپ ئەمدىلا قەشقەرگە يىنىپ كەلگەندە ھەم ھېيىت ۋاقتىدا كۆپ ۋاقتلارنى تۇققانلار بىلەن ئۆتكۈزگەچكە،  بىز بىلەن كۆرۈشۈشكە دەماللىققا ۋاقىت ئاجىرتالماي بىرنەچچە كۈن ئۆتتى. تا بۈگۈن كەچتە مىرئەخمەتجان ئازغىنە بىكار بولغان ۋاقتىنى چىقىرىپ، كەچ بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ،  كەچ سائەت 9لەر ئەتىراپىدا نەۋرە ئاچىسىنىڭ ئۆيىدە كۆرۈشۈشنى ئاچىسى ئارقىلىق Batigoalغا ئۇقتۇرۇپتۇ.   بەك كەچ بولۇپ كەتكەچكە ھەم بىرقەدەر تۇيۇقسىز بولۇپ قالغاچقا، Batigoal توردا باشقا ئەزالارغا ئۇقتۇرۇشقا ئامالسىز «يىقىن خوشنىسى» بولغان ماڭا تىلفۇن قىلىپ بىللە بېرىشقا چاقىردى(ئۆيىمىزنىڭ بىر يەردە بولۇپ قالغىنى ماڭا پايدا بولدى   ). ئۇخلاش ۋاقتىغا يىقىن بولۇپ قالغاچقا ئىككىمىز دەسلەپتە مىرئەخمەتجان بىلەن ئاۋال بىر كۆرۈشۈپ ،كېيىنكى  ئەزالار بىلەن يۈز كۆرۈشۈش ئىشىنى ئاندىن دېيىشىشنى توغرا كۆرۈپ قەشقەردىكى باشقا ئەزالارغا ئۇقتۇرماي تۇردۇق.( كەچ بولغاندا بىر مۇنچە ئادەمنى باشلاپ كىشىنىڭ ئۆيىگە بارماق سەل بىئەپ، توغرا چۈشەنگەيسىلەر) .

يۇقارقى ئوشۇق سۆزلەر batigoalنىڭ مۇنبەر ئەزالىرى ئالدىدا «ئالدامچى» بولۇپ قالماسلىقى ھەم ئىككىلا ئادەم بېرىپ كەلگىنىگە باشقىچە كۆز-قاراشلانىڭ پەيدا بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن چۈشەنچە !


    ياش ئەزمىتىمىز بىلەن كۆرۈشتۇق، يىشىغا خاس خۇشخۇي ئىكەن. ئۆيدە ھېيىت پەتىسى ئۆتىگەچ خېلى ياخشى ئازادە پاراڭلاشتۇق. ئەلۋەتتە پاراڭلاشقاچ مىرئەخمەتجاننىڭ يېقىنقى ئەھۋالىنى سوراشنى ئۇتنىمىدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ خېنەن كوماندىسىدا ناھايىتى ياخشى ئۆتىۋاتقانلىقىنى، كوماندا ئەزالىرى بىلەنمۇ ئۆزئارا ئىناق ئىكەنلىكىنى، گەرچە يېقىندىكى ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىدا كورىيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ شاللانغان بولسىمۇ قىلچە مەيۇسلەنمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. مىرئەخمەتجان بۇنىڭدىن كېيىنكى نىشانى توغرىسىدا توختۇلۇپ، ئۆزىنىڭ دۆلەت كوماندىسىدا توپ تىپىپ، كىچىكىدىن ئارزۇ قىلىپ كەلگەن دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن تېرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى . ئۇ يەنە شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىنىڭ كىلەچىكى ياش - ئۆسمۈردە ئىكەنلىكىنى، ھازىرقى ياش-ئۆسمۈرلىرىمىزنىڭ مەشىق قىلىش شارائىتىنىڭ تۆۋەنلىكى، بولسا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ پۇتبول خۇمار ياش-ئۆسمۈرلەنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
     ئاخىرىدا مىرئەخمەتجان كەتكىچە ۋاقىت يار بەرسە قەشقەردىكى مەستانىلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كەچ ۋاقتىسى بولغاچقا مىرئەخمەتجان ۋە ئۆيدىكىلىرنىڭ ئارام ئىلىشىغا دەخلى قىلمايلى دەپ خوشلاشتۇق(بىرەر پارچىدىن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتۇق ئەلۋەتتە).

    مىرئەخمەتجان بىلەن كۆرۈشكەندە ئۇنىڭ چىرايىدىن يېقىندىن بۇيانقى مۇسابىقە ۋە سەپەر ھارغىنلىقى چىقىپ تۇرىدۇ. شۇڭا، گەرچە ئۇ ۋاقىت چىقىرىپ قەشقەردىكى ئەزالار بىلەن كۈرۈشۈشكە ماقۇل بولغان بولسىمۇ ، ئەگەرچەندە ۋاقىت يار بەرمەي قايتا كۆرۈشەلمەي قالساق، بىزمۇ مىرئەخمەتجاننى توغرا چۈشەنسەك!


سۈرەت batigoalنىڭ ئاپىراتىدا، ئۇنىڭ ئۆيىدە ھازىر تور بولمىغاچقا ئەتىگىچە يوللاپ قويىدىغان بولدى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-11-21 02:43:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت كاتتا ئىش بوپتۇ ئاغىنىلەر، ما مۇنبەرنىڭ گېپىنى چىقاردىڭلىمۇ يە؟ پۇتبول مۇنبىرى بىر مۇنبەر بار، ئانداق ياخشى، مۇنداق ياخشى، دەپ قىزىقتۇرۇڭلا ئەگەر دېمىگەن بولساڭلا كېلەركى قېتىم كۆرۈشكەندە. ئەمما كېلەر قېتىم بىللە ئولتۇرۇپ تاماق يېگەندە كەيپ ساپاغا قەتئىي زورلىماڭلا جۇمۇ، ئاران چىققان چولپانىمىزنى ئۆزىمىز تۈگەشتۈرمەيلىئ.   ئى رەسىىملەرنى ئەتىگىچە يوللىۋىتەرسىلە........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-11-21 02:46:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(مـــاز )    مۇشۇمۇ چەكلەنگەن سۆزما ئەمدى؟ چەكلىگىدەك  سۆزمۈ ئەمەسقۇ بۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-11-21 02:56:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېلىقى سېرىق كارتا «ۋەقەسى»نى سوراپ باقتىڭلىمۇ ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-11-21 08:11:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنۇگۇن بىر خەنزۇچە تور بەتتە مىرئەخمەتنىڭ گىپى چىقىپتىكەن ، ئوقۇپ باقسام ، مىرئەخمەت ئىجارە شەكىلدە خىنەنگە بېرىلىدى ، ۋاقتى بىر يىللىق ، بۇ ۋاقىتمۇ توشتى . ئەمدى ئۇ شەندۇڭغا كەلسە قاتتىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قالدىغان بولدى دىگەن گەپلەر بولۇنىپتۇ ... مۇشۇ توغرسىدا ئاز- تولا سۇراپ باققان بولساڭلار ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-11-21 08:35:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئوغلانىمىز جۇيڭگۇ بىرلەشمىسدىن باشقا بىرلەشمىلەرگە چىقىپ كەتسە ئالامچە خوش بولغان بولاتتىم .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-11-21 09:51:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى bawdunدە2010-11-21 08:11يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
تۇنۇگۇن بىر خەنزۇچە تور بەتتە مىرئەخمەتنىڭ گىپى چىقىپتىكەن ، ئوقۇپ باقسام ، مىرئەخمەت ئىجارە شەكىلدە خىنەنگە بېرىلىدى ، ۋاقتى بىر يىللىق ، بۇ ۋاقىتمۇ توشتى . ئەمدى ئۇ شەندۇڭغا كەلسە قاتتىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قالدىغان بولدى دىگەن گەپلەر بولۇنىپتۇ ... مۇشۇ توغرسىدا ئاز- تولا سۇراپ باققان بولساڭلار ...
مۇشۇئىپادىسى بىلەن قاتتىق ئۇرۇنغۇقتا ئولتۇرۇپ قالسا بولماس، ئەمما بۇلارنى بىرنىمە دەپ بولمايدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-11-21 10:28:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنىڭ ئىچىنى قىزارتىپ
بەك ياخشى بوپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-11-21 11:02:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئوبدان بوپتۇ،تەلەيلىك بۇرادەرلەر رەسىمنى تېزرەك يوللارسىلەر!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-11-21 11:15:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامەت ئوغلانىمىزنىڭ ئەتراپىدا بولسۇن  .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-11-21 11:27:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ خەۋەرسىز قاپتىمەن....
زەپەر ھاجىم ...بۇدا پۇرسەت بولسىلا ھايت دىۋىتەسىلەر ھە ...

؛donald .
دىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-11-21 13:39:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوھ..مۇزەپپەر چاققان چىقىپسىلە ھە...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 22:43

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش