akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 4873|ئىنكاس: 27

«دېھقانلار قوزغىلىڭى!»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2010-10-30 17:04:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى

« دېھقانلار قوزغىلىڭى»    بۇ ئاتالغۇ    تارىخ  كىتاپ ۋە  دەرسلىكلەردە  ناھايتى  كۆپ  ئۈچرايدۇ. بىزنىڭ  بۇ  يەردە كۆزدە  تۇتىۋاتقىنىمىز  بولسا، پۇتبول  ساھەسىدىكى  « دىخانلار  قوزغىلىڭى»  يەنى  گېرمانىيە  بىرلەشمىسىدىكى ئاز ئۇچرايدىغان«  دېھقانلار  قوزغىلىڭى».
ھەممىگە  مەلۇم، گېرمانىيە  بىرلەشمىدە بايرىن مىيونخېننىڭ ئورنى  بىرقەدەر  مۇقىم، ئۇنىڭغا خىرىس  قىلىدىغان  كوماندىلاردىن  بېرىمىن، شارىك04 ، شىتۇتگارت،ھامبورگ  بۆرە قەلئەسى  دورتموند  قاتارلىق ئەنئەنىۋى  كوماندىلار   بار، بۇنىڭ ئىچىدە بايرىن مىيونخېننىڭ ئەشەددىي  رەقىبى  يەنىلا  بېرىمىن. كۆپىنچە يىللاردا  مۇشۇ  كوماندىلار گېرمانىيە  بىرلەشمىسى  لوڭقىسىنى  كۆتۇرۇشكە  نائىل بۇلۇپ  كەلگەن ، يەنە ئاندا-ساندا  باشقا  كوماندىلارمۇ  بۇنىڭغا  مۇۋەپپەق  بولغان. مېنشىن گىلادباخ  كوماندىسىمۇ  بېرىمىنغا  ئوخشاشلا  نۇرغۇن مەستانىسى بار  بىر  يۇلتۇزلۇق  كونا كۇچلۇك كوماندا ئىدى. مۇشۇ  يىللاردا  كوماندا باشقۇرۇشتىكى قالايمىقانچىلىق ، رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرمەسلىك  قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ئۇنىڭمۇ  يىلى  بوشاپ  قالدى.

        بۇ يىل گېرمانىيە  بىرلەشمسىدە  ئەنئەنىۋى ئاتالغان كوماندىلار  ئاساسىي  جەھەتتىن  كەينىدە  بۇلۇپ، مېينىز، ھاننوۋېر ، كوپىنھام  دەك گېرمانىيەنىڭ  چەت -ياقىلىرىدىكى  «سەھرالىقلار»  چېپىپ  ئالدىغا  چىقىپ كەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە مېنىز  9 مەيدان مۇسابىقىدە 8 مەيدان غەلبە  قىلىپ  ئۇلارنىڭ  نەمۇنىسىغا  ئايلاندى.كوپىنھام كوماندىسىمۇ  9مەيدان مۇسابىقىدە 2 مەيدانلا  ئۇتتۇرۇپ ئالدىدا،ھاننوۋېر بەشمەيدان غەلبە 3ئۇتتۇرۇق،بىر مەيدان تەڭلشىپ قالغان مۇسابىقىلەردە   غەلبە قىلىپ ئالدىدا  ماڭماقتا.دورتموند مۇ بىر مەيدانلا ئۇتتاردى.بۇنىڭدىن قارىغاندا ، گېرمانىيە بىرلەشمىسىدە ئۇمۇميۇزلۇك بىرمەيدان« دېھانلار قوزغىلىڭى» پارتىلاپ، ئەنئەنىۋى كوماندىلارغا قارشى بىر مەيدان ئىنقىلاپ قوزغىدى  دىيىشكە  بولىدۇ.
      ھازىرقى بۇ كوماندىلارنى«  دېھقانلار كوماندىسى» دەپ ئاتاشتىكى سەۋەپ، بۇ كوماندىلاردا  تىلغا ئالغۇدەك داڭلىق چولپانلاردىن  بىرىمۇ يوق، ھەممىسى  ئادەتتىكى توپچىلاردىن  تەشكىللەنگەن  بۇلۇپ، بۇلار يۇكسەك ئىتتىپاقلىق  شۇئارىنى  توۋلاپ كۈچلۈكلەرگە جەڭ ئېلان قىلدى، مىينىز  نىڭ  تېرىنىرىمۇ   بىرلەشمىدىكى  يېشى ئەڭ كىچىك تېرىنىر  بۇلۇپ ھىچقانچە  تەجرىبىسى  يوق ئادەتتىكى بىر تېرنىر، توپچىلىرىمۇ چولپانلىق  دەرىجىسىگە  بارمىغان كىچىك ئەزالار، ئەڭ قىممەت  توپچىسىمۇ 2مىليۇن 500مىڭ  ياۋرۇلۇق خولتبىي. مانا  مۇشۇ  كىشىلەر گېرمانىيە بىرلەشمىسى  تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى  باشلىنىش  رىكورتىنى  ياراتتى.

    خولتىبىي  بولسا كوماندىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك  ئەزا  بۇلۇپ، مېينىز كوماندىسى بۇيىل ئۇنى  شارىك04 كوماندىسىدىن ئىجارىگە  ئېلىپ ئەپكەلگەن، شارىك كۇلۇبى  ئۇنى ب دەرىجىلىك كۇلۇپتىن 2 مىليۇن ياۋرۇغا  سېتىۋېلىپ مېينىزغا ئىجارىگە بەرگەن ئىدى، ھازىر ئۇ 2توپ ئۇرۇپ 5 ياردەمچى پاس  بىرىپ كوماندىنىڭ  يادروسىغا ئايلاندى. ماجات  ھازىر  بارغانسىرى بۇنىڭ  ئۈچۈن  پۇشايمان  قىلىشقا  باشلىدى.

         مېينىزنىڭ  تېرنىرى  توخىر  گېرمانىيە   بىرلەشمسىدىكى ئەڭ ياش  تېرىنىر   بۇلۇپ، دورتموند  تېرىنىرىدىن 2 ياش  كىچىك، ئۇ  ئالدىنقى  پەسىلدىكى  دەرىجە  ساقلاش  ۋەزىپىسىنى  ئاشۇرۇپ  ئۇرۇنداپ كوماندىنى 9- ئۇرۇنغا  چىقارغان ئىدى، بۇيىل  باشلىنىشتىلا  ئالاھىدە  كۈچەپ  كوماندىنى  گېرمانىيە  بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ئەڭ  ياخشى  نەتىجە  رىكورتىغا ئىرىشتى  ۋە  داۋاملىق ئالدىغا  قاراپ  چاپماقتا.

       تارىختىكى « دىھقانلار  قوزغىلىڭى»  لىرىنىڭ  ئۇتۇقلۇق  بولغانلىرى ئىنتايىن  ئاز  بۇلۇپ ، مەلۇم  ۋاقىتتىن  كىيىن  ئېچىنىشلىق  مەغلۇبىيەتكە  دۇچار   بولغان.   بۇ  قېتىملىق « گېرمانىيە  بىرلەشمىسى دېھقانلار  قوزغىلىڭى»  نىڭ ئاقىۋىتى  زادى  قانداق  بۇلىدۇ؟  داۋاملىق  زەپەر  قازىنىشىمۇ  مۇمكىن  ۋە  ياكى يېرىم  يولدا مەغلۇبىيەت  بىلەن ئاياقلىشىشىمۇ مۇمكىن. ھازىرقى ئەھۋالدىن  قارىغاندا، ئەنئەنىۋى كوماندىلارنىڭ  ھالىتى  بارا-بارا  ياخشىلىنىشقا    قاراپ  يۇزلەندى. بايرىن مىيونخېن كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزالىرى بىر-بىرلەپ  مەيدانغا قايتىشقا  باشلىدى. شارىك04  مۇ  سەپ شەكلىنى  رەتلەپ  غەلبىگە  قاراپ  مېڭىۋاتىدۇ، سىتۇگرادمۇ  تېرىنىر  ئالماشتۇرۇپ  مۇسابىقىلەردە  غەلبە  قىلىشقا  باشلىدى.. بۇ يېرىم  پەسىل  ئاياقلىشىشقا  خېلى  بار. ھەقىقى  قانلىق  ھەل  قىلغۇچ  جەڭلەر  تېخى كىيىنكى پەسىلدە.  بۇ « دېھقانلار»  داۋاملىق ئىتتىپاقلىشىپ  زەردارلاغا  خىرىس قىلالامدۇ-يوق بۇنى  ئالدىرىماي ھە قاسىلىرى  بىلەن  بىللە  كۆرىمىز.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +35 يىغىش سەۋەبى
مۇئەللىم + 10 ئىجادى يازما
dilhux + 25 ياخشى ...

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-10-30 18:32:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ ھازىرقى مېيىنىز  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-10-30 18:40:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە دىگەن ئوبرازلىق تەھلىل     تارىخنى ياخشى ئۆگۈنۈپتىكەنسىزھە .....
زەردارلار ئەمدى ئۆزىنى كۆرسىتەر......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-10-30 18:50:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت تېما بوپتۇ نىمە بىلەن مۇكاپاتلىسام بولا    مۇنبەر پۇلى بىلەن مۇكاپاتلىسام قانداق بولا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-10-30 18:51:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«دېھقانلار قوزغىلىڭى!»دىسىڭىز مەن تىخى....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-10-30 18:56:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۈگۈن كەچ مىيىنىز بىلەن دورتموندنىڭ مۇسابىقىسى رەسمى قىززىيدۇ...   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-10-30 18:59:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازما سانى  20000000بولدى!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-10-30 19:05:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەرھەق............كىيىنكى  پەسىلدە  سىنايمىز  بۇ «قوزغىلاڭنىڭ» ھۇلى  چىڭمۇ  بوشمۇ...........
مۇكاپات   20  مىليۇن كەتتى ئەمىسە............
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-10-30 19:11:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دېھقانلار قوزغىلىڭى مىلتارىسىت ۋە ئەكسيەتچىل كۈچلەر تەرىپىدىن ھامان باستۇرىلىدۇ ، قاراپ تۇرۇڭلار ( بۇ يەردىكى مىلتارىسىت ، ئەكسىيەتچىل كۈچلەر بەيرىن ، دورتىمۇنىد ، لېۋىركۇسېىن ، سىتۇگارت ، بۆرەقەلئەسى قاتارلىق كوماندىلارنى كۆرسىتىدۇ . )          بۇ ھەقىقەتەن بىر تارىخ بولۇپ قالغۇسى !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-10-30 19:16:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىختا نۇرغۇنلىغان دېھقانلار قوزغىلىڭى باستۇرۇلغان!!
لىكىن غەلبە قازىنىپ سەلتەنىتىنى تىكلىيەلىگەنلىرىمۇ بار

ما دېھقانلا قاندا بولا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-10-30 19:16:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادى تېىما  .. مۇنبەر مۇشۇنىداق ئىجادى تېىمىغا  مۇھىتاج ....!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-10-30 19:22:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ ما تېمىنى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-10 12:14

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش