akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 4859|ئىنكاس: 29

تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك ! -ۋان دېسار  (ئاكاش)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2010-10-29 19:20:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
40 ياشقا كىرگەن قۇتلۇق كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن!

   قاپقىچى ئىلاھى- ۋان دېسار





بۈگۈن مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ داڭلىق قاپقىچىسى ، دۇنيا پۇتبولچىلىقىدىكى ئەڭ ياخشى قاپقىچىلارنىڭ بىرى  ، گوللاندىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ پەخىرلىك تۆھپىكارى ۋان دېسار نىڭ 40 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى !  بىر مانچىستىر بىرلەشمىسى مەستانىسى بولۇش سۈپۈتۈم بىلەن ۋان دېسارنىڭ بۇندىنكىن تىنىنىڭ سالامەت، ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق، ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن ،ئەڭ مۇھىمى بۇ پەسىلدىكى ئىپادىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن !  


بەلكىم بۇ قېتىملىق تۇغۇلغان كۈنى ، ئۇنىڭ چۈش مەيدانىدا ئۆتكۈزگەن ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىملىق تۇغۇلغان كۈنى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. 1993- يىلدىن ھازىرغىچە بولغان 17يىلدا  ئۇ مەيلى ئاجاكوستا بولسۇن ، مەيلى يۇۋىنتۇس ياكى فولھام دا بولسۇن ۋە ياكى مانچىستردا بولسۇن ئۇ داۋاملىق باش ۋارتارلىق رولىنى ئويناپ كەلدى . بۇ 17 يىلدا ئۆزىنىڭ رىۋايىتىنى ياراتتى !


ۋان دېسار 1970 -يىلى 10- ئاينىڭ 29 -كۈنى گوللاندىيەنىڭ ۋورخات دىگەن يىرىدە تۇغۇلغان . كەسپى ھاياتىنىڭ يۇرتىدىكى فولخورت دىگەن كىچىك كۇلۇپتا باشلىغان . كىين ۋانجارغا يېقىپ كىلىپ ئاجاكوس كوماندىسىغا يۆتكىلىدۇ. ھەمدە ئاجاكوس كوماندىسىغا ئۆزىنىڭ تۆھپىسىنى قوشۇپ 91-92 يىلىق ياۋروپا ئىتىىپاقى لوڭقىسى ۋە 94-95 يىللىق ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا ئىرىشىدۇ. ھەمدە 95 -يىلى ياۋروپادىكى ئەڭ ياخشى قاپقىچى دىگەن نامغا ئىرىشدۇ. ۋاندېسار ئاجاكوس ئۈچۈن 226 مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان.
1999-يىلى ۋان دېسار ئاجاكوستىن ئىتالىيە زەردارى يۇۋىنتۇسقا يۆتكىلىپ ئىككى پەسىلدا يۇۋىنتۇس ئۈچۈن 66 مەيدان مۇسابىقە ئوينايدۇ.
ۋاندىېسار يۇۋىنتۇس تارىخىدىكى تۇنجى ئىتالىيەلىك بولمىغان ۋارتار ھىساپلىنىدۇ. 2001- يىلى يازدا بۇففىن 46 مىلىيون ئامىركا دوللىرىلىق باھا بىلەن يۇۋىنتۇسقا قوشۇلغاندىن كىيىن ۋاندىېسار زاپاس ئەزا بولۇشنى رەت قىلىپ ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى فولھامغا 7 مىلىيون فونىستىرلىڭ لىق باھا بىلەن يۆتكىلىدۇ . فولھام ئۈچۈن 4 پەسىلدە 127 مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.




2005-يىلى 6- ئايدا ۋان دېسار 2 مىلىيون فونىستىرلىڭ لىق تۆۋەن باھادا مانچىستىر بىرلەشمىسىگە يۆتكىلىدۇ. ھەمدە ئۆزىنىڭ  قاپقىچىلىق ھاياتىدىكى يەنە بىر باھار پەسلىگە قەدەم قويىدۇ. گەرچە مانچىستىر غا يۆتكىلىپ كەلگەندە ۋان دېسار ئاللىقاچان 34 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ لىكىن ئۆزىنىڭ ئىپادىسى بىلەن ناھايىتى تىزلا فوگورسېننىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىدۇ. ھەمدە شۇمىچىر دىن كىيىنكى مانچىسىتىر تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى قاپقىچى دەپ تەرىپلىنىدۇ.
07-08 مۇسابىقە پەسلى بەلكى ۋان دېسارنىڭ ھازىرغىچە بولغان قاپقىچىلىق ھاياتىدىكى  ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان بىر پەسىل بولۇشى مۇمكىن. گەرچە ئۇ پەسىلدە ۋن دېسار كىسەل ئازابىنى جېق تارتقان بولسىمۇ ،لىكىن يەنىلا مانچىستىر بىلەن ئاخىرغىچە بىرگە مېڭىپ بىرلەشمە لوڭقىسىنى قولغا كۆلتۈرىدۇ. ھەمدە ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ئانىركانىڭ نۇقتا توپىنى توسىۋىلىپ مانچىستىرنى تارىختىكى 3- قېتىم ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشتىرىدۇ.




2009- يىلى -ئاينىڭ 27 -كۈنى ۋاندېسار  مانچىستىر ۋە ئېنگىلاند بىرلەشمىسى تارىخىدىكى ئەڭ ئۇزۇن توپ كەتكۈزمەسلىك رىكورتىنى يارىتىدۇ . يەنى ، 11 مەيدان مۇسابىقىدە 1032 مىنۇت توپ كەتكۈزمەيدۇ. ھەمدە چېخ نىڭ 04-05 پەسىلدىكى 1025 مىنۇت توپ كەتكۈزمەسلىك رىكورتىنى بۇزىۋىتىدۇ. ئەڭ ئاخىردا ۋان دېسارنىڭ توپ كەتكۈزمەسلىك رىكورتى 1311 مىنۇتتا توختايدۇ. لىكىن بۇ رىكورت ئاللىقاچان دۇنيا رىكورتى بوپ قالدى.



دۆلەت كوماندىسى تەرەپتىن توختالساق :

ۋاندېسار گوللاندىيە كوماندىسىغا ئەگىشىپ 1994- يىلدىكى ئامىركىدا ئۆتكۈزۈلگەن دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىدۇ . لىكىن مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمەيدۇ . 1995-6-ئاينىڭ 7- كۈنى روسىيە بىلەن بولغان مۇسابقىدە ئۇ ئاندىن ئۆزىنىڭ دۆلەت كوماندىسىدىكى تۇنجى مۇسابىقىسىنى  كۈتۈۋالىدۇ.  ئۇنىڭدىن كىيىنكى دۆلەت كوماندىسىدا تەلىيى ئوڭغا تارتمايدۇ ، يەنى ، 96-يىلدىكى ياۋروپا لوڭقىسى ،98 دىكى دۇنيا لوڭقىسى ۋە 2000- يىلدىكى ياۋروپا لوڭقىسىدا گوللاندىيە  ھەر قېتىم نۇقتا توپ جېڭىدە شاللىنىپ كىتىدۇ. ۋان دېسار بولسا ئۈچ قېتىمنىڭ ھەممىسىدە ئاساسلىق قاپقىچى.
  2006- يىللىق دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپ مۇسابىقىسى كوتودىۋور بىلەن بولغان مۇسابىقىگىچە ۋاندېسار 9 مەيدان توپ كەتكۈزمەسلىكتەك رىكورت يارىتىدۇ. ھەمدە گوللاندىيە كوماندىسىنىڭ كاپىتانى بولۇش سۈپىتى بىلەن  فىرانكا .دىبور ساقلاپ كەلگەن دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن مەيدانغا چىقىش رىكورتىنى يىڭىلايدۇ . يەنە ھازىرغىچە 130 مەيدان دۆلەت كوماندىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.




شان شەرەپلەر


ۋاندېسارنىڭ كوللىكتىپ شان-شەرەپلىرى:

ئاجاكوس:

بىر قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى، بىر قېتىم ياۋروپا ئىتىپاقلىق لوڭقىسى، تۆت قېتىم گوللاندىيە بىرلەشمىسى چىمپىيونى، ئۈچ قېتىم گوللاندىيە لوڭقىسى ، ئۈچ قېتىم گوللاندىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى، بىې قېتىم ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى،  بىې قېتىم تويوتا لوڭقىسى.

يۇۋىنتۇس:

بىر قېتىم توتو لوڭقىسى

فولھام :

بىر قېتىم توتو  لوڭقىسى


مانچىسىتىر بىرلەشمىسى:

بىر قېتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى، ئۈچ قېتىم بىرلەشمە چىمپىيونى ،  بىر قېتىم كۇلۇپلار لوڭقىسى ، بىر قېتىم بىرلەشمە لوڭقىسى ، ئۈچ قېتىم رايۇنلار لوڭقىسى (社区盾杯)  

شەخسى شان شەرەپلىرى :





ئىككى قېتىم ياۋروپا دىكى ئەڭ ياخشى قاپقىچى (95،2002) ، ئىككى قېتىم ئېنگىلاند كەسپى پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ يىللىق ئەڭ ياخشى سەپ شەكلى  (06\07)(08\09) ، 2008- يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى ئەڭ ياخشى سەپ شەكلى ،  ئېنگىلاند ئەڭ ئۇزۇن توپ كەتكۈزمەسلىك رىكورتى (08\09)  ئېنگىلاند ئالتۇن پەلىيى (08\09) ، ئىككى قېتىم ياۋروپا كۇلۇپلىرىدىكى ئەڭ ياخشى قاپقىچى (1995،2009) ، تۆت قېتىم گوللاندىيە بىرلەشمىسى ئەڭ ياخشى ۋارتار ۋە بىې قېتىم گوللاندىيە ئالتۇن پەلىيى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +10 يىغىش سەۋەبى
مۇئەللىم + 10

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-10-29 19:24:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاندىسار يىراقتىكى مەستانىلىرىنىڭ ئۆزىگە ئاتاپ مۇشۇنچىلىك تىما يازغانلىقىنى بىلسە قانچىلىك خۇش بوپ كىتەر دەپ ئويلاپ قالدىم.
خېلى-خېلى ۋاراتارلارغا ئۈلگە بولغۇدەك ۋاراتار... تىنىڭ سالامەت، كەسپى ھاياتىڭ ئۇتۇق بىلەن ئاخىرلاشسۇن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-10-29 19:26:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك ! -ۋان دېسار  (ئاكاش)

شان شەرەپلىرى بەك جىقكەن ھە
بىې قېتىم  (خوتەنچىمۇ ما گەپ)   
مۇبارەك بولسۇن .............!!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-10-29 19:27:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك ! -ۋان دېسار  (ئاكاش)

تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن.........

ئاجاكوس دىمەي ئاجاكىس دىسىڭىز قانداق،قۇلاققا غەلىتە ئاڭلىنىدىكەن

710مىلىيون فونىستىرلىڭ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-10-29 19:28:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مارەك بولسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-10-29 19:28:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك ! -ۋان دېسار  (ئاكاش)

ھە راس، يۇۋىنتۇستىن فۇلھامغا يۆتكەلگەندىكى باھادا زور خاتالىق بار ئىكەن. تەھرىرلەپ قويساڭلار
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-10-29 19:29:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:Re:تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك ! -ۋان دېسار  (ئاكاش)

بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى سان-سىرودە2010-10-29 19:27يوللىغان يازمىسىغا نەقىل Re:تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك ! -ۋان دېسار  (ئاكاش) :
تۇغۇلغان كۈنۈڭگە مۇبارەك بولسۇن.........

ئاجاكوس دىمەي ئاجاكىس دىسىڭىز قانداق،قۇلاققا غەلىتە ئاڭلىنىدىكەن

710مىلىيون فونىستىرلىڭ
راس مۇشۇ ئۇچۇر خاتا بوپ قالدىمۇ؟710مىليۇن فوندسىتىرلىڭدىن 2 مىليۇنغا بىراقلا چۈشۈپ كېتىپتا؟!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-10-29 19:30:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ قىرى قاسماق بولمىغان بولسا بىزنىڭ چېلسى     ئانېلكا دىگەن زەڭگى تېرى دىگەن لاتا غىلاپ ياغاچ پىچاق  

تۇغۇلغان كۇنىڭگە مۇباراك         مەن بىلدىغان ۋارتالار ئېچىدە كائېن بىلەن مۇشۇ  ئەڭ ئېسلى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-10-29 19:31:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشلىق جاناپ ،بولسا ئۆزىڭىز بىر كۆز يۈگۈرتىۋەتسىڭىز بوپتىكەن ئىملاسىغا دېگەندەك...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-10-29 19:31:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىخنىڭ رىكورتىنى بۇزىۋەتكىنىگە بەك ئاچچىقىم كىلىدۇ...چۈنكى بۇ ئاداش ئانچە خوشام يوق...98-يىلى چىدىماسلىق قىلىپ ئورتىگانىڭ قىزىل كارتا يىيىشىگە سەۋەبچى بولغان...
شۇنداقتىمۇ مارەك بولسۇن!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-10-29 19:32:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى ئەتتىگەندىلا يېزىش پىلانىم باتتى، لىكىن ئىشخانىدا ئىش جېق بوپ قالغاچقا ۋاقىت چىقىرالمىدىم ، چۈشتىن كىيىن ۋاقىت بەك قىس بوپ قېلىپ بەزى يەرلەردە خاتالىق كۆرەلگەن بولۇشى مۇمكىن . توغرا چۈشۈنىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .
ئەسلى زور ھەجىملىك تىمىدىن بىر نى يازىدىغانغا تەييارلىق قىلغان ، لىكىن ۋاقىت يىتىشمىدى، كىيىن تۇلۇقلايمەن.

مىنىڭ كومپىيوتىرىمدا چاتاق چىقىپ خەت لەرنىڭ رەڭگىنى ۋە  باشقا نۇرغۇن جايلارنى تەھرىرلىگىلى بولمىدى . ھەمدە ناخشا چىقارغىلى بولمىدى. بۇ جەھەتتە ماڭا كۆپ ياردەم قىلغام دوستۇم رونالدو (ئاتېللا) غا كۆپتىن كۆپ رەھمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-10-29 19:36:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇرۇڭقاش ئەتكى مانچېستېر بىلەن تۇتېنھامنىڭ مۇسابىقسىگە تېكشەمدۇق  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 09:00

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش