«تەقلىدى پۇتبول ئويۇنى 8»گە ياماق قاچىلاشنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلگەن ئۇسۇلى
ياماق قاچىلاش ئۇسۇلى ئىككى خىل ئۇسۇلدا چۈشەندۈرۈلدى:
1.رەسىم + يېزىق (ئۇلۇغ يېزىقىمىز ئارقىلىق تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلدى).
2.فىلىملىك(مەشغۇلات جەريانى ئوچۇق كۆرۈنۈشتىكى فىلىم ئارقىلىق چۈشەندۈرۈلدى).
بۇ قېتىم قاچىلىماقچى بولغان ياماقنىڭ ئىسمى ياماق 5.5 ، ئۇنىڭ ئىچىدە ياماق قاچىلاشتا ئىشلىتىدىغان دېتال، ئىككى خىل ياماق ھەم ياماق قاچىلاش ئۇسۇلىنىڭ فىلىملىك كۆرۈنۈشى بولۇپ جەمئىي تۆت بالا ھۈججەت بار.ئالدىنقى ئۈچىسى ھۈججەت خالتىسى شەكلىدە،ياماق قاچىلاش ئۇسۇلىنىڭ فىلىمى ئاق سېرىق رەڭلىق بىر خىل ھۈججەت، ئۇنى كۆرۈدىغان ۋاقتىدا ئىسمىنىڭ چوقۇم 5.5yamak.exe بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىڭ،تورغا بىر نېمە دەپ بولغىلى بولمايدۇ،بەزىدە ئىسمى تۇرۇپلا ئۆزگىرىپ قالىدىكەن،ئەگەر باشقىچە بولۇپ قالسا چوقۇم 5.5yamak.exe دەپ ئۆزگەرتىڭ.
فىلىمنى كۆرگەندە سول تەرەپ ئەڭ ئاستىدا« 1 : 1 »دېگەن تاللاش تۈرى بار،شۇنى بېسىپ كۆرسىڭىز ئەڭ سۈزۈك دەرىجىدە كۆرگىلى بولىدۇ.
ياماقنىڭ ئالاھىدىلىگى:پەقەت 2011-يىللىغىچە بولغان يۆتكىلىش(يازلىق يۆتكىلىش بۇنىڭ سىرتىدا)،ھەمدە توپچىلارنىڭ خاسلىقى ئۆزگەرتىلگەن.
چىراي، كىيىم دېگەندەكلەردە ئۆزگىرىش بولمايدۇ.
تۆۋەندە ياماق قاچىلاشنىڭ بىرىنچى خىل ئۇسۇلى چۈشەندۈرۈلىدۇ(چۈشەندۈرۈش ئۈستىدە،رەسىم ئاستىدا):
1.ئالدى بىلەن ياماقنى ئېكران يۈزىگە چۈشۈرىۋېلىپ باغلاقتىن يېشىڭ.ئاندىن GGS导入工具 دېگەن ھۈججەت خالتىسىنى ئېچىپ،ئىچىدىكى Game Graphic Studio دېگەن دېتالنى قوزغىتىڭ.
2.Game Graphic Studio نىڭ سول تەرەپ ئەڭ ئۈستىدىكى 文件 دېگەننى بېسىپ 打开 دېگەن بۇيرۇق ئارقىلىق كومپىيوتۇرىڭىزدىكى تەقلىدى پۇتبول ئويۇنى بار ھۈججەت خالتىسىنى تېپىڭ.ئويۇن بار ھۈججەت خالتىسى ئىچىدە dat دېگەن ھۈججەت خالتىسى بار، شۇنىڭ ئىچىدىكى o_text،afs دېگەن ھۈججەتنى بىرنى بېسىپ 打开 يەنى ئېچىش دېگەننى بېسىڭ .(o_text،afs دېگەنگە ئىسمى ئوخشىشىپ كېتىدىغان يەنە باشقا بىر ھۈججەت بار،دىققەت قىلىپ تاللاڭ) .
3.yes ياكى no دەپ ئىككى خىل تاللاش بۇيرۇقى چىقىدۇ،ھەرگىزمۇ كونا ئادىتىڭىز بويىچە yes نى تاللىماڭ، ئەكسىچە no ياق دېگەننى تاللاڭ.
4. ئاندىن Game Graphic Studio دېگەن دېتالنىڭ سول تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى كۆزنەك ئىچىگە(从AFS中查找文件دېگەن خەت بار كۆزنەك ئىچىگە) ئېنگلىزچە ھەرپ بويىچە para دېگەن خەتنى كىرگۈزۈپ، Enter كۇنۇپكىسىنى بېسىڭ.
شۇ كۆزنەك ئاستىدىكى para we8.bin دېگەن ھۈججەت ئۈستىگە مائۇسنىڭ ئوڭ تەرىپىنى بېسىپ 导入文件 دېگەننى بېسىڭ.
ئاندىن ئېكران يۈزىدىكى 联机数据5.5 ھۈججەت خالتىسى ئىچىدىكى para we8 دېگەن ھۈججەتنى تاللاڭ.
5.ئاندىن 文件导入成功 دېگەن خەت چىقىدۇ،ئەگەر چىقماي قالسا يۇقارقى قىزىل رەڭدە يېزىلغان تۆتىنچى باسقۇچنى يەنە بىر قېتىم قايتىلاڭ.(يەنە چىقماي قالسا ھەممە باسقۇچنى قايتىدىن بىر قېتىم قىلىڭ.)
6.Game Graphic Studio دېگەن دېتالنى ئۆچۈرىۋېتىپ،ئېكران يۈزىدىكى 单机数据 5.5 دېگەن ھۈججەت خالتىسى ئىچىدىكىKONAMI-WIN32WE8UOPT دېگەن ھۈججەتنى ئويۇن بار ھۈججەت خالتىسى ئىچىدىكى save ، saveنىڭ ئىچىدىكى folder1 دېگەن ھۈججەت خالتىسى ئىچىگە كۆچۈرۈپ چاپلاڭ. 是 ياكى 否 دېگەن تاللاش چىقسا 是 yes دېگەننى تاللاڭ.
دوستانىلارچە ئەسكەرتىش:
ياماق قاچىلاش ئۇسۇلىنىڭ ئىككىلا خىلىنى تولۇق كۆرۈپ چىقىڭ،بىر قېتىمدا چۈشەنمىسىڭىز ئىككى قېتىم ئوقۇڭ،يەنە داۋاملىق قايتىلاڭ،چۈشەنمەسلىكىڭىزگە ئىشەنمەيمەن،چۈنكى يۇقارقى يېزىق بىر قانچە خەتتىن باشقا ھەممىسى ئۇيغۇر يېزىقىمىزدا يېزىلغان.
بىر تەرەپتىن خەتنى ئوقۇپ بىر تەرەپتىن ئالدىرىماي مەشغۇلات قىلىڭ، ھېچكىم سىزنى ئالدىراتقىنى يوق.
يەنىلا ئۇسۇلنى قەتئىي چۈشەنمىدىم دەپ تۇرۇۋالسىڭىز ئىنكاس ئارقىلىق مەسىلىنى ئېنىق چۈشەندۈرۈپ يېزىڭ،مەن تېمىنىڭ ئاستىدىكى بىرىنچى قەۋەتتە بارلىق سوئاللارغا جاۋاب بېرىمەن.
5.5ياماقنى نىجات مۇمكىن بولسا مۇنبەرنىڭ بوشلۇقىغا يوللاپ قويسا،كۆپچىلىكنىڭ چۈشۈرۈشىگە قولايلىق بولاتتى.
ۋاقتىنچە چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://u.115.com/file/bh0nd69w
ئېكران يۈزىدىن 电信下载 دېگەن خەنچە خەتنى تېپىپ باسسىڭىز چۈشۈرگىلى بولىدۇ.
ئاخىرىدا بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتناشقان بارلىق ئەزالارنىڭ مۇسابىقىنى خۇشاللىنارلىق ھالدا تۈگىتىشىگە تىلەكداشمەن.
ئېسىمىزدە بولسۇنكى:
دوستلۇق بىرىنچى، مۇسابىقە ئىككىنچى. |