akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 4975|ئىنكاس: 27

بوسمان ۋە بوسمان قانۇنى (يۇرۇڭقاش)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2010-10-11 19:28:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بۇ تىمىنى بۇرۇن «شابان» دىگەن ئەزا يوللىغان ، لىكىن نىمىشقىكىن تاڭ ،تور قايتا ئېچىلغاندىن كىيىن ،ئۇ ئەزا ھەم ئۇنىڭ تىمىلىرى مۇنبەردىن ئۆچۈرلۈپ باشقا بىر شابان پەيدا بولدى. شۇڭۇلاشقا مەن ھازىر بۇ تىمىنى تۇلۇقلاپ، مەزمۇنىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ يوللىماقچى بولۇپ تۇرىمەن.

خوش، ئەمىسە ئاۋال بوسمان نى بىر تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتەي.
ئىسمى: جان.مارك.بوسمان (Jean-Marc Bosman)
تۇغۇلغان ۋاقتى 1964-يىلى 10- ئاينىڭ 31 كۈنى
كەسپى: كەسپىي پۇتبولچى
دۆلەت تەۋەلىكى: بىلگىيە
ئاساسلىق نەتىجىسى: بوسمان قانۇنىنىڭ بارلىققا كىلىشىگە ئاساس سالغان، ھەم زور كۈچ چىقارغان.



بوسمان 1964-يىلى 10-ئاينىڭ 30 كۈنى بىلگىيەدە تۇغۇلغان .1974- يىلى بىلگىيەنىڭ داڭلىق كۇلۇبى Standard Liège 标准烈日نىڭ ئۆسمۈرلەر كوماندىسىغا كىرگەن. ئۇنىڭدىن كىيىن بىلگىيە دۆلەتلىك ياشلار كوماندىسىغا كىرگەن ،ھەمدە كىيىن كاپىتانلىق ۋەزىپىسىدە بولغان . 1986- يىلىStandard Liège كوماندىسى بىلەن رەسمىي توختام ئىمزالاپ ھەقىقى كەسپى پۇتبولچىلىق ھاياتىنى باشلىغان.
1988-يىلى 5- ئايدا بوسمان 100 مىڭ ئامىركا دوللىرى باھا بىلەن بىلگىيەنىڭ RFC لېگ كوماندىسىغا يۆتكەلگەن ھەمدە ئىككى يىللىق توختام تۈزگەن ، مۇئاشى 2500 ئامىركا دوللىرى بولغان ، 1990 -يىلى 4- ئايدا يەنى توختام مۇددىتى توشاي دىگەندە ، لېگ كوماندىسى بىلگىيە پۇتبول بىرلەشمىسى چىقارغان ئەڭ تۈۋەن مۇئاش ئۆلچىمى 1000 ئامىركا دوللىرىلىق مۇئاش بىلەن ئۇنىڭ بىلەن توختامنى بىر يىل ئۇزارتىشنى تەلەپ قىلغان. بۇنىڭغا بوسمان ئەلۋەتتە قوشۇلماي رەت قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن لېگ كوماندىسى بوسمان نى فىرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ ب دەرىجىلىك كۇلۇبى بولغان دۇن كورك كوماندىسىغا سېتىۋەتمەكچى بولىدۇ. ئارىدىن 3 ئاي ئۆتكەن دىن كىيىن ئۇ ئىككى كوماندا توختام ئىمزالايدۇ . توختامدا ؛ دۇن كورك كوماندىسى ئاۋال لېگ كوماندىسىغا بوسماننىڭ بىر يىللىق ئىجارە پۇلى 40 مىڭ ئامىركا دوللىرى تۆلەيدىغان، ئەگەر بىر يىلدىن كىيىن رەسمىي سېتىۋىلىپ قالسا يەنە 160 مىڭ ئامىركا دوللىرى تۆلەيدىغان بولىدۇ. كىيىن لېگ كوماندىسى توختام مەزمۇنىنى ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتىپ يۆتكىلىش سوممىسىنى بىر مىلىيون ئامىركا دوللىرى قىلىپ بىكىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ توختاممۇ بۇزۇلىدۇ. شۇ يىلى 7- ئايدا ،لېگ كوماندىسى بىلەن توختامنى ئۇزارتقىلى ئۇنىمىغان بوسمان كوماندا تەرىپىدىن « مۇئاشسىز، يەنى بىكارلىق ھەمدە لېگ كوماندىسىدىن باشقا ھېچقانداق بىلگىيە كوماندىسى ئۈچۈن توپ تەپسە بولمايدۇ» دىگەن جازا غا ئۇچرايدۇ. شۇنداق قىلىپ بوسمان بىلگىيە دە توپ ئوينىيالنايدىغان بوپ قالىدۇ، چۈنكى لېگ كوماندىسىدا ئۇنىڭ يەنە ئوينىغىسى يوق، لىكىن باشقا كوماندىدا ئويناي دىسە لېگ كوماندىسى يول قويمايدۇ.
لېگ كوماندىسىنىڭ بۇنداق چەكلىشىگە ئۇچرىغان بوسمان قانۇن ئارقىلىق ئۆز مەنپەتىنى قوغدىماقچى بولىدۇ.
1990-يىلى 8-ئايدا بولسمان بىلگىيە پۇتبول جەميىتى ۋە ياۋروپا پۇتبول جەميىتى ئۈستىدىن ئەرىز قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ يۆتكىلىشنى چەكلەپ ئۆزىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى توپ تىپەلمەي ئۆتكىزىشىگە سەۋەپچى بولغان دەپ 10 مىلىيون ئامىركا دوللىرى تۆلەم تەلەپ قىلىدۇ.
سوتقا ئەرىز سۇنۇش بىلەن بىرگە بوسمان ئاكتىپ ھالدا ئۆزىگە دۆلەت سىرتىدىكى كۇلۇپلارنى ئىزدەيدۇ ھەمدە ئاخىرى فىرانسىيەنىڭ يەنە بىر ب دەرجىلىك كۇلۇبى سان كادەن كۇلۇبى بىلەن توختام تۈزمەكچى بولىدۇ. لىكىن سان .كەدەن كۇلۇبىنىڭ شەرتى بوسمان چوقۇم بۇ سوتتا ئۇتۇپ چىقىشى كىرەك ئىدى. شۇنىڭ بىلەن لېگ كوماندىسى سان. كادەن كوماندىسىغا ئاستىرتتىن بېسىم ئىشلىتىپ بوسماننىڭ يۆتكىلىشىگە يەنە توسالغۇ بولىدۇ. 1990-يىلى 11- ئايدا لېگ بىرىنجى يەرلىك سوت مەھكىمىسى بوسماننىڭ سوتتا ئۇتۇپ چىققانلىقىنى جاكارلايدۇ . بوسمان ئاخىرى 12 ئايدىن كىلەركى يىلى 5- ئايغىچە سان.كادەن كوماندىسىدا توپ تىپىش پۇرسىتىگە ئىگە بولىدۇ. لىكىن لېگ كوماندىسى سوتنىڭ ھۆكۈمىگە قايىل بولماي يەنە نارازىلىق ئەرىزى سۇنىدۇ. لىكىن سوت ئۆزىنىڭ ئەسلىدىكى بىرىنجى سوتنىڭ ھۆكۈمىنى كۈچكە ئىگە دەپ جاكارلايدۇ. مۇشۇ چاغدا سوت مەھكىمى يەنە ياۋروپا يۇقۇرى سوتىغا ياۋروپا ئىتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پۇتبولچىلى ئەركىن يۆتكىلىش توغۇرلۇق تۇنجى تەكلىپ بىرىدۇ.
1991- يىلى 6-ئايدا توختام مۇددىتى توشقان بوسمان ، قىلىدىغان باشقا ئىشى بولمىغاچقا قۇتقۇزۇش پۇلىغا تايىنىپ جان باقىدىغان كۈنگە قالىدۇ.شۇنىڭ بىلەن يەنە لېگ كۇلۇبى ئۈستىدىن ئۆزىگە تۆلەم بىرىشنى تەلەپ قىلىپ ئەرىز سۇنىدۇ. لېگ يەرلىك سوت مەھكىمىسى ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ بەزى يۆتكىلىش تۈزۈملىرى قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس دەيدۇ. ھەمدە بۇ ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان ئويۇن رەسمى باشلىنىدۇ.
ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى. بىلگىيە پۇتبولچىلار جەميىتى ھەمدە لېگ كۇلۇبى بىرلىشىپ نارازىل ئەرىز سۇنىدۇ.
1992-يىلى 6- ئايدا لېگ يەرلىك سوتى لېگ كۇلۇبىنى بوسماننىڭ دۇن كورك كوماندىسىغا يۆتكىلىش ئىشىدە قانۇنغا خىلاپ ۋاستە قوللانغان دەپ ئەيىپلايدۇ ھەمدە بۇ دىلونىڭ بۇندىن كىيىنكى ئىشلىرىنى ياۋروپا ئىتىپاقىنىڭ لىيۇك سونبىروگدىكى ئالى خەلىق سوت مەھكىمىسگە ھاۋالە قىلىدۇ.
1993- يىلى 5- ئايدا بوسمان بېلگىيەنىڭ بىر 3- دەرىجىلىك كوماندىسىدا توپ تىپىدىغان بولىدۇ .ھەمدە بىر تەرەپتىن توپ تەپسە بىر تەرەپتىن پۈتۈن كۈچى بىلەن سوتقا چاپىدۇ. 1994- يىلى 5- ئايدا بېلگىيەنىڭ 4-دەرىجىلىك بىر كۇلۇبى يۆتكىلىدۇ. ئۇنىڭ پۈتۈن زىھنى لېگ كوماندىسى بىلەن بولغان دەۋادا بولغاچقا توپ مەيدانىدىكى ئىپادىسى بارغانسىرى چىكىنىدۇ.
1995-يىلى 3-ئايدا بىلگىيە ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىمۇ يۇقۇرقى ئۈچ ئورۇن ئۈستىدىن ياۋروپا ئىتىپاقى ئالى سوتىغا ئەرىز سۇنىدۇ. ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسى بۇنىڭغا قايىل بولماي . ياۋروپا ئىتىپاقى مۇدىريىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ پۇتبولچىلارنى باشقۇرىشىدىكى قائىدە-تۈزۈملىرىنى قوغداپ قېلىشنى تەلەپ قىلىدۇ ، يەنە بىر تەرەپتىن بوسمانغا ئاغزاكى چۈشەندۈرۈش بىرىپ ئۇنىڭغا 8 مىلىيون دوللار تۆلەم بەرمەكچى بولىدۇ. لىكىن بوسمان بۇ دەۋانى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىشقا بەل باغلايدۇ.شۇنىڭ بىلەن بوسمان پۈتۈن دۇنيا ئاخبارات ۋاستىلىرنىڭ ئەڭ قىززىق نۇقتىسىغا ئايلىنىدۇ.
1995-يىلى 6- ئايدا بوسمان دەۋاسى يەنە قايتىدىن يۇقۇرى پەللىگە چىقىدۇ. ياۋروپا ئالى سوتى بوسماننىڭ لېگ كوماندىسىنىڭ قانۇننى كۆزگە ئىلماي ئۆز ئالدىغا بوسماننىڭ باشقا كۇلۇپقا يۆتكلىشىگە توسالغۇ بولغانلىقى، ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ يۆتكىلىش تۈزۈملىرىنىڭ قانۇنغا ماس ئەمەسلىكىنى توغرىسىدىكى داۋاسىنى قۇبۇل قىلىدۇ.9- ئايدا بوسماننىڭ باش ئادۇكاتى ، ياۋروپا سوتىنىڭ باش مەسلەھەتچىسى كا.ئاۋ. لۇنىس ياۋروپا سوتىغا ياۋروپا پۇتبول بىرلەشمىسىنىڭ يۆتكىلىش تۈزۈملىرىنىڭ ۋە باشقا دۆلەت پۇتبولچىلىغا بولغان غان چەكلىمىسىنىڭ قانۇنسىز ئىكەنلىكى توغرىسىدا تەكلىپ بىرىدۇ. لۇنىس مۇنداق دەيدۇ:
- توختام مۇددىتى توشقان پۇتبولچىلار ئۆزى باشقا يىڭى كۇلۇپلار بىلەن ئالاقىلاشسا بولىدۇ ، بۇنىڭ ئۈچۈن بۇرۇنقى كۇلۇبىغا تۆلەم تۆلەش بىھاجەت.
لۇنىس نىڭ بۇ بىر ئېغىز گىپى پۈتۈن ياۋروپا پۇتبول ساھەسىنى تەۋرىتىۋىتىدۇ. ھەرقەيسى دۆلەت پۇتبول بىرلەشمىلىرى ياۋروپا سوتىنىڭ ئاخىرقى ھۆكۈمىگە تەقەززا بولىدۇ.
11- ئايدا ياۋرپا پۇتبول بىرلەشمىسى يەنە ياۋروپا سوتىغا بېسىم قىلىش ئۈچۈن 49 ئەزا دۆلەت پۇتبول بىرلەشمە رەئىسلىرىنىڭ ئىمزاسىنى قويغان تەكلىپنى ياۋروپا سوتىغا سۇنۇپ ، سوتنىڭ ئۇلارنى قوللىشىنى تەلەپ قىلىدۇ. چۈنكى،بوسمان سوتتا يىڭىپ چىقسا ياۋروپا ئىتىپاقىغا ئەزا 15 دۆلەتتىكى 18 پۇتبول بىرلەشمىسى نى باشقۇرۇش ۋە باشقا ھەرتۈرلىك ئىشلاردا قالايمىغانچىلىق چىقىدۇ دەپ ئويلايدۇ.
شۇنداق قىلىپ نۇرغۇنلىغان ئەگىر توقايلارنى بېسېپ ئۆتكەن بوسمان ئاخىرى غەلبە قىلىدۇ .12-ئاينىڭ 15- كۈنى ياۋروپا سوتى ھۆكۈم چىقىرىپ ، ھازىر يۈرگۈزۈلىۋاتقان پۇتبولچىلارنىڭ يۆتكىلىش ۋە باشقا دۆلەت توپچىلىرىغا سان چەكلىمىسى قويۇش قانۇنغا خىلاپ قىلمىش دەپ ئىلان قىلىدۇ.ھەمدە بۇ ھۆكۈمنىڭ ئاڭ ئاخىرقى ھۆكۈم ئىكەنلىكىنى ،ئەمدى قايتا نارازىلىق ئەرزى قۇبۇل قىلىنمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلىدۇ.

 بوسمان قانۇنى
1995-يىلى 12-ئاينىڭ 15 كۈنى دۇنيا پۇتبولچىلىقىدى ئەڭ مۇھىم تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈن بولۇپ قالىدۇ .ھەمدە ياۋروپا پۇتبولچىلىقىدىكى ئۆچمەس تارخقا ئىگە بىر كۈن بولۇپ قالىدۇ.
3-تۆۋەن دەرىجىلىك پۇتبولچى دەپ قارىلىپ كەلگەن بوسمان ئۆزىنىڭ تىرىشىشى ، تىز پۈكمەس ئىرادىسى ئارقىلىق،لېگ كوماندىسى ، بېلگىيە پۇتبول جەميىتى، ۋە ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئۈچ كۈچلۈك رەقىبىنى يىڭىپ بۇ سوتتا غەلبە قىلىپ. يۈرگۈزۈلىۋاتقانغا نەچچە ئون يىل بولغان پۇتبولچىلار يۆتكىلىش تۈزۈمى ۋە باشقا دۆلەت توپچىلىرنىڭ سانىغا چەك قويۇشقا خاتىمە بىرىدۇ.
ئەڭ ئاخىرقى ھۆكۈم ئىلان قىلىنغان دىن كىيىن ، ياۋروپا ئىتىپاقى بۇ دەۋاغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بىرىدۇ. ھەمدە ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ بۇ ھۆكمنى تىزراق قۇبۇل قىلىپ ئىجرا قىلىشنى تەكىتلەيدۇ.1996-يىلى 2-ئاينىڭ 19-كۈنى ياۋروپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بۇرۇنقى يۆتكىلىش تۈزۈملىرى ۋە باشقا دۆلەت پۇتبولچىلىرىغا چەك قويۇشنى بىكار قىلىدۇ.

بوسمان قانۇنىنىڭ مەزمۇنى

بىر قىسىم مۇھىم مەزمۇنى :
كۇلۇپ بىلەن پۇتبولچىلارنىڭ ئەڭ ئۇزۇن توختام مۇددىتى 5 يىل بولىدۇ.
28 ياشتىن تۆۋەن بولغان پۇتبولچىلار (28 نى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) توختام تۈزۈلگەن كۈندىن باشلاپ 3 يىلغىچە توختام مۇتلەق قوغدىلىنىپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ. كىينكى ئىككى يىلدا باشقا كۇلۇپلارغا يۆتكەلسە بولىدۇ .
28 ياشتىن چوڭ پۇتبولچىلارنىڭ توختىمى 2 يىلغاچە قوغدىلىنىدۇ. ھەمدە توختامنىڭ ئاڭ ئاخىرقى يېر يىلىدا باشقا كوماندىنىڭ توختامىنى قۇبۇل قىلسا بولىدۇ . يەنى ئەركىن يۆتكەلسە بولىدۇ . يىڭى توختام ئىمزالىماقچى بولغان كۇلۇپ بۇرۇنقى كۇلۇپقا ھېچقانداق ھەق تۆلۈمىسىمۇ بولىدۇ.
16 ياشتىن تۆۋەن پۇتبولچىلارنىڭ توختام مۇددىتى بىر يىل بولىدۇ ، بىر يىل توشقاندا ئاشۇ كوماندا بىلەن يەنە توختام ئۇزارتسا ياكى باشقا كوماندىغا بارسا بولىدۇ . يىڭى كوماندا كونا كوماندىغا مۇۋاپىق ھەق بىرىدۇ.(ئۆسمۈرلەرنى تەربىيلىگەن ئاجرى ئۈچۈن).

بوسمان قانۇنىنىڭ تەسىرى

بوسمان قانۇنى كۇلۇپلار ئوتتۇرىسىدىكى پۇتبولچى ئالماشتۇرۇشنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى دەپ قارىلىپ كەلدى. پۇتبولچىلارنىڭ شەخسى مەنپەئەتى زور دەرىجىدە كاپالەتكە ئىگە قىلىندى. توختام مۇددىتى توشقاندىن كىيىن ئەركىن ھالدا باشقا كۇلۇپلارنى تاللىيالايدىغان بولدى. بۇنىڭ بىلەن كىچىك كۇلۇپلاردىكى ياخشى پۇتبولچىلارنىڭ ھەممىسى داڭلىق چوڭ كۇلۇپلارغا يۆتكىلىدىغان بولدى . چوڭ كۇلۇپلارمۇ ئۆزىنىڭ نەتىجىسى ۋە كۈچىگە تايىنىپ نۇرغۇن كىچىك كۇلۇپلاردىكى داڭلىق پۇتبولچىلارنى ئۆزىگە قوشۇۋالدى. شۇندا قىلىپ زەردار چوڭ كۇلۇپلار بىلەن كىچىك كۇلۇپلار ئارىسىدىكى پەرىق بارغانسىرى چوڭىيىپ كەتتى .ھەمدە زەردار كۇلۇپلاردىكى باشقا دۆلەت توچىلىرنىڭ سانى بارغانسىرى كۆپەيدى. ھازىر خېلى كۆپ زەردار كۇلۇپلارنىڭ چەتئەللىك توپچىلىرى نىڭ سانى كوماندىدىكى يېرىمدىن كۆپ ساننى ئىگەللەيدۇ. نۇرغۇنلىغان دۆلەتنىڭ پۇتبول جەميەتلىرى بۇ قانۇننىڭ يەرلىك توپچىلارنى تەربىيلەشكە توسالغۇ بولىدىغانلىقىنى ئەيىپلىمەكتە .مەسىلان ئېنگىلاند، گىرمانىيە ...... ئۇنىڭدىن كىيىن ياۋروپا ئىتىپاقى يەنە تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ ياۋروپا ئىتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر توپچىلىرىغا چەكلىمە قويۇلمايدىغانلىقىنى ، باشقا دۆلەت ۋە قىتئەلەرنىڭ توپچىلىرىغا يەنە مەلۇم دەرىجىدە چەكلىمە قويۇلىدىغانلىقىنى ئىلان قىلدى.
بوسماننىڭ ئەڭ چوڭ تۆپىسى شۇكى ، پۇتبولچىلارنىڭ توختام مۇددىتى توشقاندىن كىيىن باشقا كۇلۇپلارغا ئەركىن يۆتكىلەلەيدىغان بولدى.



خىزمەت ۋاقتىدا يازغان ئىدىم ،ئاخىرغا كەلگەن دە بەك تومتاق ، گەپ سۆزلىرى قاملاشماي قالدى . ئۇنىڭدىن سىرت يەنە ئىملايىمدا جېق خاتالىقلار بولۇشى مۇمكىن . توغرا چۈشۈنىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن .


2010-يىلى 10-ئاينىڭ 11-كۈنى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +55 يىغىش سەۋەبى
dilhux + 15 بىلىم ...
ronaldo + 25 ئاداش ................
مۇئەللىم + 15

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-10-11 19:35:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككىڭلار باش سۈرەتنىمۇ ، «ئوغرى»نۇمۇرنىمۇ تەڭ ئىشلىتىۋاتىسىلە ھە @

ئوقۇتقۇچۇممۇ باكەندە ئەسلى @ تىمىنى باھالاپ ئۈلگۈرۈپتۇ  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-10-11 19:38:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر ئادەمنىڭ بۇنچىلىك ئىشلارنى قىلىشى ھەقىقەتەن تەس جۇمۇ
ئىرادىسىگە قول قويدۇم... نادىرلاشقا تىگىشلىك تىما ئىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-10-11 19:58:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فرانسىيەنىڭ «ب»دەرىجىلىك دۆڭكۆۋرۈك كوماندىسى دەپ قۇيۇڭلا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-10-11 20:02:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى بەخىتدە2010-10-11 19:35يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
ئىككىڭلار باش سۈرەتنىمۇ ، «ئوغرى»نۇمۇرنىمۇ تەڭ ئىشلىتىۋاتىسىلە ھە @

ئوقۇتقۇچۇممۇ باكەندە ئەسلى @ تىمىنى باھالاپ ئۈلگۈرۈپتۇ  
نەچچە ۋاقتتىن بىرىمۇ باتتىم يا مەن ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-10-11 20:03:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باش سۈرەتتىن بىرنى سوۋغا قىلايما مالىم
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-10-11 20:25:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىيمەننىڭكىدە چىقىدىغان ئىسكىلىت شاھنىڭ بىر قول چۇماقچىسى بولىدىغان ،ئىسمى بوسمان غۇ دەيمەن،رەسىمنىڭ سول تەرەپ بىرىنچىسى.

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-10-11 20:30:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى بەخىتدە2010-10-11 20:03يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
باش سۈرەتتىن بىرنى سوۋغا قىلايما مالىم
چاتاق يۇق دوسلار سۇۋغا قىلغان زەھەر بولسىمۇ ئچىمىز
مۇت بولسا يۇت دپتىكەن قىنى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-10-11 20:30:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوسمان  دىيىلسە   ھېلىقى  كارتۇن  فېلىم  (خېمەن ۋە ئالەمنىڭ قوغدۇغۇچىللىرى )  فىلىمىدىكى  ئىسكىلىت شاھ نىڭ  چوماقچىسى   بوسمان مېكى دەپ   ئويلاپتىمەن   ______________________________________
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-10-11 21:36:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمداق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-10-11 21:46:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياۋرۇپا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنى تازا قەلەيمىقان قىلىپ ئاخىرى بىرقوللۇق تەرتىپكە سېلىپ قويۇپتىكەندە بۇ بوسمانجان .......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-10-11 22:11:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى ripirدە2010-10-11 20:30يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
بوسمان  دىيىلسە   ھېلىقى  كارتۇن  فېلىم  (خېمەن ۋە ئالەمنىڭ قوغدۇغۇچىللىرى )  فىلىمىدىكى  ئىسكىلىت شاھ نىڭ  چوماقچىسى   بوسمان مېكى دەپ   ئويلاپتىمەن   ______________________________________
باللا ئۇ خىمەننىڭكىدە چىقىدىغىنى بوسمان ئەمەس گوسماندۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 14:18

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش