- تىزىملاتقان
- 2010-10-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-2-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 167
- نادىر
- 1
- يازما
- 71
|
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك پۇتبول خۇمار دوسلار، يېڭى ئەزا رانىيەدىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام، پۇتبول مۇنبىرىگە بۈگۈن بىر تېما يوللاپ باقاي دېسەم كاللام قۇپقۇرۇق، يوللىغىدەك نەرسە تاپالمايۋاتىمەن، شۇنداق بولسىمۇ تۈنۈگۈنكى مۇسابىقە توغرىلىق ئازراق سۆزلەپ باققۇم كەلدى، كەمچىلىك ۋە خاتالىق بولسا ياردەم قىلىشىڭلارنى سورايمەن.
تۈنۈگۈنكى مۇسابىقىدە كىلوزنىڭ ئىككى توپى ۋە ئوزىلنىڭ بىر توپى بىلەن گىرمانىيە كوماندىسى ئۆزمەيدانىدا غەلبىنى قولغا كەلتۈردى، گەرچە تۈركىيەنىڭ ئۇتتۇرۇش نىسبىتى يۇقىرىراق بولسىمۇ بۇنداق پاجىئەلىك ئۇتتۇرىشى ھەقىقەتەن كاللىمىزدىن ئۆتمەيدۇ،2008-يىلى گىرمانىيە بىلەن ئوينىغان چاغدا ئاۋال ئۈستۈنلۈككە ئۆتۈپ گىرمانىيەنى خېلىلا تەمتىرىتىپ قويغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى تېرىنىرلارنىڭ بىرى دەپ قارىلىۋاتقان ھىدنىكنىڭ قولىدا بۇ نەتىجە بىلەن قايتىشى مەستانىلەرنى خېلىلا ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويدى.

مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇنقى قىزغىن تۈرك مەستانىلىرى

گىرمانىيە زۇڭلىسى بىلەن ئەردوغان
بۇ رەسىملەردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى تۈركىيە مەستانىلىرىنىڭ ئۈمىدى ئىنتايىن زور ئىدى. بۇ قېتىمقى مەسئۇلىيەت زادى كىمدە ؟؟
مۇسابىقىگە مۇناسىۋەتلىك سانلىق مەلۇماتلارغا قارىساق گىرمانىيە ھەر قايسى جەۋەتتىن ئۈستۈنلۈككە ئىگە، توپ كونتىرول قىلىشى 56%، ۋاراتاغا ئۇرۇشى 18-9، ۋاراتاغا ئۇدۇل تەپكىنى 4-3، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈركىيە كوماندىسىدا پاس بېرىشتىكى خاتالىق بەك كۆپ. مېنىڭچە بۈگۈنكى مەسئۇلىيەتنى ھىدنىك ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك،بۇنداق دېيىشىم ھەرگىز بىر مەيدان ئۇتتۇرسىلا خاتالىقنىڭ ھەممىنى تېرىنىردىن كۆرگەنلىكىم ئەمەس، ئەزالارنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا ھەقىقەتەن خاتالىق بار. گەرچە تۈركىيە كوماندىسىدا ئاغرىقلار بەك كۆپ بولسىمۇ يەنىلا ھەممە ئورۇننىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدىغان توپچىلار يوق ئەمەس، 25-مىنۇتتىكى ئادەم ئالماشتۇرۇش بىلەن تۈركىيە ئاكتىپلىقنى گىرمانىيەگە تارتقۇزۇپ قويدى، مەيداندىكى ئەزالارنىڭ ماسلىشىشى پەقەتلا ياخشى ئەمەس،ئوڭغا پاس بەرسە سولدىن چىقىدۇ،تۇنجاينىڭ مەيدانغا چىققىنىدىن كېيىن پاس بەرگىنىنىمۇ كۆرگىلى بولمىدى.كىچىك ئالتىنتوپنىڭمۇ ئىپادىسى ياخشى ئەمەس. ئەڭ مۇھىمى تۈركلەر جاسارىتىنى نامايان قىلالمىدى، ئەمما ھازىر گۇرۇپپىدا گىرمانىيەدىن باشقا بىلگىيە تۈركىيە بىلەن تەڭ سەۋىيەلىك كوماندا، كېلەر قېتىمقى مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن ھىدنىك چوقۇم ئەزالارنىڭ ماسلىشىشى، ئورۇن جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى كېرەك.
گەرچە گىرمانىيە چوڭ نۇمۇر پەرقى بىلەن يېڭىگەن بولسىمۇ بۇلاردىمۇ ئاجىزلىق مەۋجۇت، ئۇلارنى ئۇرغان توپىغا قارىساق كىلوزې نىڭ 2توپىدا تەلەي ئامىلى مەۋجۇد، پەقەت ئوچىىر بىلەن ئوتتۇرا بېكلارنىڭلا ئىپادىسى ئادەمنى قايىل قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پودورىسكى دېگەن توپچى بەك كۆپ توپلارنى زايا قىلىۋەتتى،(ئەلۋەتتە بۇ مەيداندىلا ئەمەس). پەقەت بىر شىۋىنستايگېر بىلەن ئوزېلغىلا تايىنىۋالسا تۈركىيەنى ئۇتىۋالغان بىلەن ئىسپانىيە،پورتۇگالىيە،گوللاندىيە قاتارلىق كوماندىلار بىلەن تۇتۇشۇپ قالسا ئاقىۋىتىنى تەسەۋۇر قىلىش تەس، شۇنىڭ ئۈچۈن لىۋ ھۇجۇمچى مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. قايىل بولغىنىم دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىن تارتىپ ھازىرگىچە ئورۇن خاتالىقىنىڭ قارشىسىدىن چىقىش(反越位)تاكتىكىسىنى بەك چىرايلق ئورۇنداۋاتىدۇ. ئاخىرىدا ھەر ئىككى كوماندىغا ئامەت تىلەيمەن.
قىسقا خەۋەر
لازىئو كوماندىسى 7-چىسىلا ۋېئېرىنىڭ يەنە لازىئو كوماندىسىدا توپ تىپىدىغانلىقىنى بىلدۈردى، بۇ ئۇنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغىنىنى ئېلان قىلىپ بولۇپ 2-قېتىم قايتىپ كېلىشى ھېسابلىنىدۇ.
لازىئو تەرەپ مىلان كوماندىسىنىڭ ئوتتۇرا بېكى نېستا بىلەن سۆزلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن، مىلاندا توختام مۇددىتى توشاي دەپقالغان بۇ توپچى بىلەن توختان ئۇزارتىدىغان خەۋەر يوق، قىشلىق يۆتكىلىشكىچە يەنىلا توختام ئۇزارتمىسا ئەركىن ھالدا باشقا كۇلۇبلار بىلەن توختام تۈزەلەيدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە لازىئو نېستانىڭ نامىنى چىقارغان كۇلۇب بولغانلىقى ئۈچۈن مىلان ئۇنىڭ بىلەن توختام ئۇزارتمىسا لازىئو كوماندىسىغا قايتىپ كېلىش ئىھتىمالى يۇقۇرى. |
|