ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 50 |
تۆھپىسى: سەر |
|
رونالدو 99 ئەپەندى.
بۇ نېمە دېگىنىڭىز. مەنمۇ ئەمەلىيەتنى كۆزدە تۇتۇۋاتىمەن. ئۆزەم ئىچىمدىن ئويدۇرۇپ چىقىرىۋالغىنىم يوق.
بىرازىلىيە بۇ قېتىم 8-قېتىم ئامېرىكا لوڭقىسىنى تالىشىشتا چىمپىيۇن بولدى. بىراق ئارگېنىتىنا 15 قېتىمدىن كۆپرەك چىمپىيۇن بولغان. ھەممىدىن كۆپ. ئامېرىكا قىتئەسىدىكى كۇلۇبلارنىڭ ئىچىدىمۇ بوكا ياشلار كۇلۇبى ۋە دەريا قىنى كۇلۇبى ئىككىسى پۇتكۈل ئامېرىكا قىتئەسىنى سورايدۇ. بۇ ئىككى كۇلۇپ ئارگېنتىنانىڭ كۇلۇبى. بۇنىڭغا ئارتۇق گەپ كەتمەيدۇ.
بىرازىلىيەنىڭ بۇ قېتىم چىمپىيۇن بۇلۇشى ئۇنىڭ ئارگېنتىنادىن كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدۇ. توپ دېگەن يۇمىلاق نەرسە. ئەگەر سىزنىڭ دېگىنىڭىزدەك بىرازىلىيە شۇنداق يامان بولغان بولسا، 18 قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسىنى ۋە بارلىق ئامېرىكا لوڭقىسىنى بىرازىلىيە ئالسا بولاتتى. ئەپسۇس. دۇنيا لوڭقىسىدىن ئاران بەشنى، ئامېرىكا لوڭقىسىدىن ئاران 8 نى ئالدى. شۇڭا بۇنىڭغا بىر نېمە دېگىلى بولمايدۇ. |
|