akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 7060|ئىنكاس: 35

رىمنى قانچىلىك چۈشىنىسىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
            



  رىم كوماندىسى 1927-يىلى رىم شەھىرىدىكى ئۈچ كوماندىنىڭ بىرىكىشىدىن 1927-يىلى قۇرۇلغان،ئەينى ۋاقىتتا ھازىرنى رىم شەھىرىدىكى يەنە بىر كومانداــ لازىئو كوماندىسىنىمۇ ئۉزىگە قېتىۋېلىش پىلانلانغان بولسىمۇ ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئىشقا ئاشماي كەلگەن،بۇ سەۋەبلەرمۇ كېيىنكى نەچچە ئون يىللىق دېربى جېڭىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبىنىڭ بىرى بوپ قالغان.رىم كوماندىسىنىڭ تولۇق ئاتىلىشى   the Associazione Sportiva Roma بولۇپ ئادەتتە بىز كۆپ ئۇچرىتىدىغان ASROMA قىسقارتىپ يېزىلىشى بولىدۇ.كۇلۇب رىم شەھىرىنىڭ تاشقى رېڭىنى ئۆزىنىڭ كۇلۇب سىمۋولى قىلغان بولۇپ Giallorossi نىڭ مەنىسى قىزغۇچ سېرىق دېگەن مەنىدە.رىۋايەت قىلىنىشىچە  رومۇ ئاكا -ئۇكىلار شاھزادە بولۇپ بۇپادىشاھنىڭ ئىككىنچى خوتۇنىدىن بولغان  باللار شۇڭا بىرىنچى خانىش رومو ئاكا - ئۇكىلارنى سېۋەتكە سېلىپ دەرياغا تاشلىۋەتكەن بىر بۇ ئاكا - ئۇكىلارنى  بۆرە بۇلارنى ئۇچرىتىپ قېلىپ ئىمىتىپ باققان . كېيىنچە ئۇلار قۇرامىغا يېتىپ تەخىت ۋارىسى بولغان ھەمدە ئاكىسى ئۇكىسىنى ئۆلتىۋېتىپ رىم شەھرىنى سالغان ھەمدە بۆرىنى ئەتىۋارلىغان .كېيىنچە رىملىقلارمۇ بۆرىنى ئەتىۋارلاپ رىم كوماندىسىنىڭ بەلگىسىگە چۈشۈرگەن .

  رىم شەھىرى ئۇزاق تارىخقا ۋە پارلاق مەدىنىيەتكە ئىگە شەھەر، ئەينى ۋاقىتتا گۈللەنگەن رىم ئېمپىرىيەسىنىڭ مەركىزى ھېسابلىنىدۇ،ھەمدە ھازىر ئىتالىيەنىڭ پايتەختى، ئىتالىيەنىڭ ۋەزىيىتىنى چۈشەنمىگەنلىك سەۋەبىدىن رىم شەھىرىدە شۇنداق ياخشى شارائىت تۇرۇپ نېمە ئۈچۈن رىم كوماندىسىنىڭ نەتىجىسى مىلان،يۇۋىنتىس،ئىنتېرلاردەك ياخشى ئەمەس دەپ ئويلاپ قېلىشىمىز مۇمكىن.رىمنىڭ ئىتالىيەدىكى باشقا ئۈچ زەردارلاردەك نەتىجە قازىنالماسلىقتىكى ئاساسلىق سەۋەب رىم شەھىرى ئىتالىيەنىڭ ئەڭ نامرات رايونى ھېسابلىنىدىغان جەنۇپ تەرىپىگە جايلاشقان،يەنە كېلىپ ئىتالىيەنىڭ پايتەختى بولغانلىقى ئۈچۈن ئىخدىسادى كىرىزىس يۈز بەرسىلا ئەڭ ئاۋال رىم شەھىرىگە بولىدۇ،ئىقدىسادنىڭ ياخشى ۋە تۇراقلىق بولماسلىقى رىم كوماندىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ.كۇلۇب قۇرۇلغاندىن بۇيان ھازىرغا قەدەر ئۈچ قېتىم ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئۇزغانى بولىدۇ.يەتتە قېتىم ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى كۆتۈرىدۇ،24قېتىم ياۋروپادىكى ئۈچ چوڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ، بۇ ئىتالىيە كۇلۇبلىرىنىڭ ئارىسىدا ياۋروپا دەرىجىلىك مۇسابىقىگە ئەڭ كۆپ قاتناشقان كوماندا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئەمما ياۋروپادىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىسى بىر قېتىم ئىتتىپاقلىق لوڭقىسىنىڭ ئۇزغانى بولىدۇ.(1961-يىلى).كۇلۇبنىڭ نەتىجىسى خېلىلا تۇراقلىق، قۇرۇلغاندىن بۇيان بىر قېتىملا ب دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىگە چۈشۈپ كەتكەن ۋە شۇ يىلىلا دەرىجە ئاتلاپ ئا دەرىجىلىكلەرگە ئۆرلىگەن.

   رىم كوماندىسى ئىتالىيەنىڭ جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان كوماندىلارنىڭ ئارىسىدا ئەڭ كۈچلۈكى ھېسابلىنىدۇ،ھەمدە قەددى بوي سۇنماس ئىرادە بىلەن شىمالدىكى كۈچلۈك كوماندىلار بىلەن ئۈزەڭگە سوقۇشتۇرىدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن ئىتالىيەنىڭ جەنۇبىدىكى نۇرغۇن ئادەملەر رىم كوماندىسىنى ئۆزىنىڭ كوماندىسى دەپ بىلىدۇ.رىم كوماندىسى بىلەن شىمال كوماندىلىرىنىڭ مۇسابىقىسىنى ئىززەت-ھۆرمىتىنى قوغدايدىغان مۇسابىقە دەپ بىلىدۇ. (بۇنىڭغا ئەينى ۋاقىتلاردىكى ئىتالىيە جەنۇب شىمال ئۇرۇشىمۇ مۇناسىۋەتلىك،ماتىريال كەمچىل بولغاچقا تەپسىلى توختالمىدىم).بۇمۇ دەل ھەر يىلى رىم كوماندىسى بىلەن يۇۋىنتىس،قوش-كېزەك مىلانلارنىڭ تۈكۈرۈك ئۇرۇشى قىلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب.

  رىم كوماندىسىدىن چىققان ۋە كۇلۇب ئۈچۈن تۆھپە قوشقان گىگانت چولپانلار ھېچقانداق بىر زەرداردىن كەم قالمايدۇ،بىز ئەڭ پىششىق بىلىدىغان چولپان ــرىم شاھزادىسى توتتى.1993-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى 17ياشلىق توتتى بىرىنجى قېتىم رىم كوماندىسىغا ۋاكالىتەن مەيدانغا چۈشىدۇ.شۇنىڭدىن تارتىپ رىم كوماندىسىدىن ئايرىلىپ باقمايدۇ،رىم كوماندىسىغا ئىنتايىن سادىق بولۇپ ھەقىقى رىم شاھزادىسى بولۇشقا مۇناسىپ.00-01مۇسابىقە پەسلى رىم كوماندىسى ھۇجۇم سېپى توتتى ،مونتېرو،باتىستۇتا قاتارلىقلارنى مەركەز قىلىپ بىرلەشمە لوڭقىسىنى كۆتۈرىدۇ،ھەمدە 2000-يىلى ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە توتتى ناھايىتى چىرايلىق نۇقتا توپتىن بىرنى ئۇرۇپ ئۆزىنىڭ دۇنيا پۇتبول ساھەسىدىكى ئورنىنى تىكلەيدۇ.







  ئىتالىيەدە ئەزەلدىن تەلۋە مەستانىلەر كەم بوپ باققان ئەمەس،رىم كوماندىسىنىڭ مەستانىلىرىنى ئەڭ قىزغىن ،ئەڭ ئەشەددى مەستانە دېيىشكە بولىدۇ، ئۇلارمۇ رىم كوماندىسىنىڭ بىر قىسمى،رىم كوماندىسى 1973-يىلىدىن تارتىپ لازىئو كوماندىسى بىلەن ئولىمپىك تەنتەربىيە سارىيىنى بىرگە ئىشلىتىدۇ،1974-يىلى رىمدىكى ئەڭ مۇھىم بولغان مەستانىلەر توپى ــ ‹‹جەنۇبى كۆرۈش سۇپىسى مەستانىلىرى››شەكىللىنىدۇ، رىم مەستانىلىرى لازىئو مەستانىلىرىنىڭ جەنۇبى كۆرۈش سۇپىسىدا مۇسابىقە كۆرۈشىنى قارشى ئالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ،ھەمدە ئۇلارنى دوستانىلارچە مەيداننىڭ باشقا تەرەپلىرىدە مۇسابىقە كۆرۈشكە دەۋەت قىلىدۇ،بىر نەچچە قېتىملىق رىم دېربىيسىدا توپ توپ رىم كوماندىسى مەستانىلىرى بىردىن بىردىن مەستانىلەرنى تەكشۈرۈپ لازىئو كوماندىسى مەستانىلىرىنىڭ جەنۇب تەرەپكە ئۆتۈشىنى توسىيدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن لازىئو مەستانىلىرى ئامالسىز شىمال تەرەپتىكى كۆرۈش سۇپىسىدا مۇسابىقە كۆرىدۇ ھەمدە ئۇ يەرنى لازىئو مەستانىلىرىنىڭ يىغىلىدىغان ئورنىغا ئايلاندۇرىۋالىدۇ.




             چىمپىيونلۇق ئەسلىمىلىرى

                   1941-1942                          

1941-1942-يىللىق مۇسابىقە پەسلى رىم كوماندىسى ئۈچۈن ئۇنتۇلغىسىز بىر مۇسابىقە پەسلى،كۇلۇب قۇرۇلۇپ 15يىلدىن كېيىن ئۇلار ئىتالىيەدىكى تۇنجى بىرلەشمە لوڭقىسىنى ئىگىز كۆتۈرىدۇ،(30-31،35-36يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە ئىككىنجى بولىدۇ).ئاۋىستىرىيەلىك تېرىنىر سىكافور بىلەن رىمنىڭ ئەڭ ياخشى مەرگىنى ئامادې  شۇ يىللىق  بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئەڭ كۆپ ئاساس سالغۇچى تۆھپىكار،ھەمدە رىم كوماندىسى ئىتالىيە تارىخىدىكى تۇنجى قېتىم بىرلەشمە لوڭقىسىغا ئىرىشكەن شىمال تەرەپتىن بولمىغان كوماندا ھېسابلىنىدۇ.


              
                 1982-1983

1982-1983يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە رىم كوماندىسى 41يىلدىن كېيىن يەنە بىر قېتىم بىرلەشمە ئۇزغانى بولىدۇ، 80-يىلنىڭ باشلىرى رىم كوماندىسىنىڭ تارىختىن بۇيان ئەڭ گۈللەنگەن مەزگىلى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.بىر قېتىملىق بىرلەشمە ئۇزغانىدىن باشقا 79-يىلدىن 86-يىلگىچە 3قېتىم بىرلەشمىنىڭ ئىككىنجىلىكىگە ۋە بىر قېتىم ئۈچىنجىلىككە ئېرىشىدۇ،بۇنىڭدىن باشقا رىم كوماندىسى 79-80、80-81、83-84、85-86مۇسابىقە پەسلى تۆت قېتىم ئىتالىيە لوڭقىسىنى كۆتۈرىدۇ،1984-يىلى ياۋروپا ئۇزغانلىقى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە نۇقتا توپ جېڭىدە رەقىبىگە ئۇتتۇرۇپ قويىدۇ.شىۋىتسىيەلىك لىدخورىم رىم كوماندىسىنىڭ 80-يىللاردىكى شانلىق تارىخىنى بەرپا قىلغۇچى.بۇلۇنو.كونتى، ئەنچىلوتى قاتارلىق گىگانت توپچىلارمۇ دەل مۇشۇ شىۋىتسىيەلىك تېرىنىرنىڭ قولىدا يېتىشىپ چىقىدۇ.

لىدىرخوم



       2000-2001

2000-2001-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە رىم كوماندىسى تارىخىدىكى ئۈچىنجى قېتىملىق بىرلەشمە ئۇزغانلىقى يەنى يېڭى ئەسىردىكى 1-قېتىملىق بىرلەشمە ئۇزغانىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.داڭلىق تېرىنىر كاپىرونىڭ كېلىشى، جەڭ ئىلاھى باتىستۇتا،مونتېرا،ئېمىرسون، ساموئېرنىڭ قېتىلىشى ۋە توتتى باشلىق بىر تۈركۈم ياشلارنىڭ پىشىپ يېتىلىشى نەتىجىسىدە توسقىلى بولمايدىغان ھەيۋە بىلەن رەقىبلىرىنى بىر-بىرلەپ سۈپۈرۈپ تاشلايدۇ ھەمدە ئاخىرىدا ئولىمپىك مەيدانىدا پارما كوماندىسىنى 3-1نەتىجە بىلەن ئۇتۇپ بىرلەشمە لوڭقىسىنى ئېگىز كۆتۈرىدۇ.






         رىم كوماندىسى______ داڭلىقلار سارىيى

                                  فىلارىس

فىلارىس رىم كوماندىسىنىڭ 30-يىللىرىدىكى مۇداپىئەچىسى،كوماندا باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن،رىم مەستانىلىرى ئۇنى ‹‹ مۇسابىقە مەيدانىدا ھەتتا بىر تامچە سۇنىمۇ ئۆتكۈزىۋەتمەيدۇ›› دەپ تەرىپلىشىدۇ .رىم كوماندىسى ئۈچۈن209مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان.گەرچە فىلارىس مۇسابىقە مەيدانىدا تىز پۈكمەس ئىرادىسى بىلەن نام چىقارغان بولسىمۇ ئۇنىڭ مەيدان سىرتىدا ئاياللارغا پوخۇرلۇق قىلىش ۋە ھاراق خۇمارى تېخىمۇ داڭدار قىلىۋەتكەن.كېين كۇلۇب يۇقۇرى قاتلاملىرى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن لازىئو كوماندىسىغا يۆتكىلىپ كەتكەن.(فىلارىس بىرىنجى بولۇپ رىم ۋە لازىئو كوماندىسىدا توپ تەپكەن توپچى ھېسابلىنىدۇ،) گەرچە ئۇ تونۇش دۈشمەنلەر كوماندىسىغا يۆتكەلگەن بولسىمۇ ئەينى ۋاقىتتىكى رىم مەستانىلىرى ئۇنى چوڭقۇر ھۆرمەتلەيتى ھەمدە ئەسلەيتى.



             بېناردىنى

  بېناردىنى رىم مەستانىلىرىنىڭ ئەڭ ئالقىشىغا ۋە ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشكەن كوماندا باشلىقى،1928-يىلىدىن 1939-يىلغىچە بولغان 11يىل مابەينىدە رىم كوماندىسى ئۈچۈن 285مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان ھەمدە 49توپ ئۇرغان.پىنسىيەگە چىققاندىن كېيىن 50-يىللىرى رىم كوماندىسىغا تېرىنىر بولۇپ رىم كوماندىسىنى خەتەرلىك ۋەزىيەتتىن ساقلىماقچى بولغان ، ئەمما ئۇنىڭ رىمدىكى تېرىنىرلىق ھاياتى ئانچە ئوڭۇشلۇق بولمىغان،كېيىن فىلورىنسا ۋە بولوگنىيە كوماندىلىرىنى تۇتۇپ 2قېتىم بىرلەشمە ئۇزغانلىقىغا ئېرىشكەن.



             ماسەيدى

  ماسەيدى ئەينى ۋاقىتلاردىكى ئەڭ داڭلىق ۋاراتارلارنىڭ بىرى،نۇقتا توپ توراش بىلەن نام چىقارغان.1930-يىلدىن 1943يىلغىچە رىمدا توپ تەپكەن، رىم كوماندىسى ئۈچۈن 339مەيدان مۇسابىقىگە قاتناشقان،رىم تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىققان توپچىنىڭ بىرى،ھەمدە ئىتالىيە كوماندىسىنىڭ 34-يىلى ۋە 38-يىلى چىمپىيون بولىشىغا ئاساس سالغان توپچىلارنىڭ بىرى.چىكىنگەندىن كېيىن رىم كوماندىسىغا تېرىنىر بولۇپ نەچچە قېتىم دەرىجە چۈپ كېتىش خەۋپىگە بېرىپ قالغان رىمنى قۇتقۇزىۋالغان.




                ئامادې

رىم كوماندىسى تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى مەرگەنلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدىغان ئامادې 1940-1950يىللىرىغىچە رىم كوماندىسىدا توپ تەپكەن.234مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 125توپ كىرگۈزگەن.41-42يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە بىرلەشمە ئۇزغانى بولۇشقا ئەڭ چوڭ تۆھپە كۆرسەتكەنلەرنىڭ بىرى.



                 فەندو

  ئارگىنتىنالىق مەرگەن.1936-يىلى رىم كوماندىسىغا كىرگەن.ئامادې بىلەن ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ كۈچلۈك ھۇجۇم سېپىنى قۇرغان،مەيداندا بۇ ئىككىسىنىڭ ھەمكارلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ.

          

                        
                                   دا . كوستا

رىم تارىخىدىكى تۇنجى بىرازىلىيەلىك توپچى،50-يىللاردىكى رىمنىڭ ۋەكىللىك شەخسلىرىدىن بىرى.1956-1957يىللىق ئىتالىيە مەرگىنى، رىم ئۈچۈن كىرگۈزگەن توپى ئىنتايىن كۆپ،رىم دېربىيسىدا جەمى 13توپ كىرگۈزۈپ ‹‹دېربى شاھى››دەپ نام ئالغان. توپ مەستانىلىرىنىڭ ياقتۇرىشىغا ئېرىشكەن.




                                 فابىئو.كۇدىچىنى

      60-يىللاردىكى ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق قاپقاۋۇلى بولۇپ ئىتالىيە تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى قاپقاۋۇللارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.بويى ئېگىز،ئىنكاسى تىز،ھەركىتى چاققان بولۇپ رىمنىڭ 61-يىلى ئىتتىپاقلىق لوڭقىسىنى ئېلىشىدا تۆھپىسى زور، ھازىرقى چىلسىنىڭ ئالدىنقى قاپقاۋۇلى كالىئو . كۇدىچىنى دەل فابىئو . كۇدىچىنىنىڭ ئوغلى .

  


                                  كاپىرو

  60-يىللارنىڭ ئاخىرىدىن70-يىللارنىڭ باشلىرىغىچە رىم كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇمچىسى، كۇلۇبتىكى نۇمۇرى 10-نۇمۇر، دۆلەت كوماندىسىدىمۇ ئىپادىسى ئىنتايىن ياخشى بولغان، رىمدىكى پۇتبولچىلىق ھاياتى بەكمۇ كۆڭۈللۈك دېگۈدەك ئۆتمىگەن،ئەمما تېرىنىر بولغان ۋاقىتتىكى ئىپادىسى پۇتبولچى بولغان ۋاقىتتىكى ئىپادىسىدىن ياخشى بولغان. ھازىر ئىنگىلاند كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى.




                           ئەنچىلودى

ھازىرقى چىلسى كوماندىسىنىڭ باش تېرىنىرى. ھازىرقى زامان پۇتبولچىلىقىدىكى ئەڭ ئۇتۇق قازانغان تېرىنىرلارنىڭ بىرى. ئەينى ۋاقىتتا پارما كوماندىسىدا توپ تەپكەن،پارما كوماندىسى دەرىجە چۈپ كېتىش خەۋپىدە تۇرغاندا رىم كوماندىسىنىڭ تېرىنىرى فىلدىخوم ئۇنىڭ يوشۇرۇن تالانتىنى بايقاپ رىم كوماندىسىغا ئەكەلگەن،ھەمدە ھۇجۇمچىدىن ئوتتۇرا مەيدان توپچىسىغا ئۆزگەرتكەن، مۇداپىئە قىلىشتا ئاكتىپ،پەرەز قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك ۋە كاللىسى سەگەك بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىدىمۇ ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن. ئەينى ۋاقىتتىكى رىمنىڭ بىرلەشمە ئۇزغانلىقى ۋە 1982-يىلىدىكى دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيونلىقىدا تۆھپىسى چوڭ، ئەينى ۋاقىتلاردىكى دۇنياۋى ئوتتۇرا مەيدانلارنىڭ بىرى.



                              پۇلۇزو

   رىم تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى مەرگەن ، 80-يىللاردىكى ئىتالىيە تارىخىدىكى داڭدار شەخس،رىم ئۈچۈن 315مەيدان مۇسابىقىگە قاتنىشىپ 140توپ ئۇرغان.80-يىلدىن تارتىپ 86-يىلغىچە رىم كوماندىسىنىڭ كوماندا ئىچىدىكى ئەڭ ياخشى مەرگىنى بولغان.ئۈچ قېتىم ئىتالىيە بىرلەشمە مەرگىنى بولغان.ھەر يىلى رىم ئۈچۈن بىرلەشمىدە ئۇرغان توپى ئىككى خانىلىق سان بولغان،گەرچە رىمدىكى پۇتبول ھاياتى ناھايىتى كۆڭۈللۈك ئۆتكەن بولسىمۇ دۆلەت كوماندىسىدا ئىپادىسىنى تاپالمايدىغانلارنىڭ ۋەكىلى، ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسىدا بىرمۇ توپ ئۇرالمىغان، بۇ بىر دۇنياۋى مەرگەن ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق ئىش.




                            فاركاۋ

  بىرازىلىيەلىك گىگانت چولپان فاركاۋ بىر مۇنەۋۋەر ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى.ئەينى ۋاقىتلاردا ياۋروپا پۇتبول سەھنىسىدە چاقنىغا بىر نەچچە بىرازىلىيەلىك چولپانلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ھېسابلىنىدۇ. رىم مەستانىلىرى ئۇنى ‹‹رىمنىڭ سەككىزىنجى ئەۋلات شاھى ››دەپ ئاتايدۇ. توپنى نىشانغا يەتكۈزۈشكە ماھىر ھەمدە كۈچلۈك ئالداش تېخنىكىسىغا ئىگە. رىم ئۈچۈن بىر قېتىملىق بىرلەشمە لوڭقىسى ۋە ياۋروپا ئۇزغانلىق لوڭقىسىنىڭ 2-لىكىگە ئېرىشكەن.ئەينى ۋاقىتلاردا دۆلەت كوماندىسىدا چىكو،سۇگلادى قاتارلىقلاربىلەن بىرازىلىيەنىڭ ئالتۇن دەۋرىدىكى ئوتتۇرا مەيدانىنى بەرپا قىلغان. ئەمما شۇنداق ياخشى توپچىلاردىن تۈزۈلگەن بىرازىلىيە دۆلەت كوماندىسىنىڭ چوڭ مۇسابىقىلەردە ئىپادىسى ئانچە ياخشى بولمىغان. فاركاۋ ئۆزىنىڭ تالانتىغا تايىنىپ 82-،86-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا ئۆزىنىڭ ئېسىل پۇت ئاستى ماھارىتى بىلەن دۇنيا پۇتبول سەھنىسىدىكى ئورنىنى مۇستەھكەملىگەن .


                            بۇلۇنو . كونتى

    رىم تارىخىدىكى ئەڭ داڭلىق پۇتبولچى.فاركاۋ بىلەن بىللە رىم كوماندىسى ئۈچۈن ئىتالىيەدىكى ئەڭ ياخشى ئوتتۇرا مەيداننى تەشكىللىگەن.تېخنىكىسى مۇكەممەل، پاسلىرى توغرا ،مۇداپىئە قىلىشتا ئاكتىپ ،بەدەن قۇۋىتى ياخشى. 1982-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىپ ئىتالىيەنىڭ چىمپىيون بولىشىغا زور كۈچ چىقارغان.80-يىللاردىكى ئىتالىيە پۇتبول سەھنىسىدىكى ئەڭ ياخشى ئوتتۇرا مەيدان.




                          كانىجىيا

          كىشىلەر تەرىپىدىن ‹‹قۇيۇن››دەپ نام ئالغان كانىجىيا رىم كوماندىسىدا ئاران بىرلا پەسىل توپ تەپكەن، رىمدىكى نەتىجىسىمۇ ئانچە كۆرۈنەرلىك ئەمەس،سۈرئىتى ئىنتايىن تىز توپچى بولۇپ رىم مەستانىلىرىغا ئىنتايىن كۆپ خۇشاللىقلارنى ئېپ كەلگەن ۋە ئۈمىد ئاتا قىلغان، رىم مەستانىلىرى شامالدەك يۈگۈرىدىغان بۇ توپچىنى مەڭگۈ ئەستە ساقلايدۇ .






                              ناكاتا

     ئاسىيادىكى ياۋروپا سەھنىسىدە ئەڭ بالدۇر چاقنىغان پۇتبولچى.گەرچە رىم ئۈچۈن بىر يېرىم پەسىل مۇسابىقە ئوينىغان بولسىمۇ كوماندا ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان.





                     باتىستۇتا

    ‹‹جەڭ ئىلاھى››دەپ نام ئالغان باتىستۇتا ھۇجۇم ئىستىكىنىڭ كۈچلۈكلىكى، تېخنىكىسىنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە كەسپى ئەخلاقى بىلەن مەستانىلەرنىڭ ،تېرىنىرنىڭ ھەتتا رەقىبلىرىنىڭ مەدھىيلىشىگە ئېرىشكەن. باتىستۇتا ئەسلى فىلورىنسادا نام چىقارغان، ئەمما كوماندىسىنىڭ ئەمىلى كۈچى چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى كۆتۈرۈشكە ئاجىز كەپ قالغان سەۋەبلىك رىمغا يۆتكەلگەن.ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان چەتئەللىك توپچى.00-01مۇسابىقە پەسلى رىم ئۈچۈن 20توپ ئۇرۇپ رىملىقلارنىڭ 18يىللىق چىمپىيونلۇق چۈشى ۋە ئۆزىنىڭ 10يىللىق چىمپىيونلۇق چۈشىنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغان.




                    كافۇ

   بىرازىلىيەنىڭ داڭلىق يان بېكى،رىم ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز تۆھپىلەرنى قوشقان،2002-يىلى بىرازىلىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسىنى ئېگىز كۆتۈرىشىدە تۆھپىسى چوڭ.


                

                  ئېمىرسون


          بىرازىلىيەلىك ئارقا بەل توپچى،توپ كونتىرول قىلىش ،مۇداپىئە ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك


            

                     ساموئېر

          ئارگىنتىنا پۇتبولچىلىق تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى بېك.رىم كوماندىسىدا تۆت يىل توپ تېپىش جەريانىدا كوماندا ئۈچۈن ئۇنتۇلغۇسىز تۆھپىلەرنى قوشقان،ئەمما ئەينى ۋاقىتتا ئىقدىسادى كىرىزىسنىڭ خەۋپىگە ئېغىر دەرىجىدە دۇچ كەلگەن رىم كوماندىسى ئامالسىز ئۇنى مادىرىت كوماندىسىغا سېتىپ بەرگەن.ئۆزىنىڭمۇ رىمغا ئالاھىدە مۇھەببىتى بولۇپ كوماندىدىن ئايرىلىدىغان چاغدا قىيالماي كۆز يېشى قىلغان ،گەرچە ھازىر رىمنىڭ رەقىبى بولغان ئىنتېر كوماندىسىدا توپ تېپىۋاتقان بولسىمۇ رىم مەستانىلىرى ئالاھىدە ھۆرمەتلەيدۇ.







يەنە ئازراق مەزمۇن قالدى، ۋاقىت چىققاندا يېزىۋىتىمەن!~~!خاتالىق ياكى كەمتۈكلۈك بولسا كۆرسىتىپ بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

تېمنى پەقەت شەخسى قىزىقىش بىلەن يازدىم، ھېچقانداق باشقىچە غەرەز يوق!~~!

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +40 يىغىش سەۋەبى
totti + 20 ئىسىل تىما !
سىرداش + 20 ئىسىل يازما

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-9-21 17:22:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىم كوماندىسى 1927 -يىلدىن بۇيان 3 قىتىم بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ چىمپىيونلىقىغا ، 7 قىتىم ئىتالىيە لوڭقىسى چىمپىيونلىقىغا ،ياۋرۇپا بىرلەشمە لوڭقىسنى تالىشش مۇسابىقىسىدە 1 قىتىم چىمپىيونلىققا ئىرىشكەن. 24 قىتىم ياۋرۇپادىكى 3 چوڭ لوڭقا( ياۋرۇپا چىمپىيونلىقنى تالىشش ۋە باشقىلار) تالىشش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان . ئىتالىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى كوماندىلار ئىچىدىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان قىتىم سانى ئەڭ كۆپ كوماندا !!

رىۋايەت قىلىنىشچە رومۇ ئاكا -ئۇكىلار شاھزادە بولۇپ بۇپادىشاھنىڭ ئىككىنچى خوتۇنىدىن بولغان  باللار شۇڭا بىرىنچى خانىش رومو ئاكا - ئۇكىلارنى سېۋەتكە سېلىپ دەرياغا تاشلىۋەتكەن بىر بۇ ئاكا - ئۇكىلارنى  بۆرە بۇلارنى ئۇچرىتىپ قېلىپ ئىمىتىپ باققان . كېيىنچە ئۇلار قۇرامىغا يېتىپ تەخىت ۋارىسى بولغان ھەمدە ئاكىسى ئۇكىسىنى ئۆلتىۋېتىپ رىم شەھرىنى سالغان ھەمدە بۆرىنى ئەتىۋارلىغان .كېيىنچە رىملىقلارمۇ بۆرىنى ئەتىۋارلاپ رىم كوماندىسىنىڭ بەلگىسىگە چۈشۈرگەن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-9-21 17:26:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما كۆرمىگىلى خېلى كۈنلەر بوپتىكەن ،ئولتۇرۇپ قانغۇدەك بىر ئوقۋالاي  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-9-21 17:28:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كانىجىيا رىمدا توپ تەپكەن .....    قاچاندىكى ئىشلار ئۇ    
بىر بىلىملىك بولىۋالدىمدە مانا  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-9-21 17:40:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى tottiدە2010-09-21 17:22يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
رىم كوماندىسى 1927 -يىلدىن بۇيان 3 قىتىم بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ چىمپىيونلىقىغا ، 7 قىتىم ئىتالىيە لوڭقىسى چىمپىيونلىقىغا ،ياۋرۇپا بىرلەشمە لوڭقىسنى تالىشش مۇسابىقىسىدە 1 قىتىم چىمپىيونلىققا ئىرىشكەن. 24 قىتىم ياۋرۇپادىكى 3 چوڭ لوڭقا( ياۋرۇپا چىمپىيونلىقنى تالىشش ۋە باشقىلار) تالىشش مۇسابىقىسىگە قاتناشقان . ئىتالىيە بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى كوماندىلار ئىچىدىكى مۇسابىقىگە قاتناشقان قىتىم سانى ئەڭ كۆپ كوماندا !!

رىۋايەت قىلىنىشچە رومۇ ئاكا -ئۇكىلار شاھزادە بولۇپ بۇپادىشاھنىڭ ئىككىنچى خوتۇنىدىن بولغان  باللار شۇڭا بىرىنچى خانىش رومو ئاكا - ئۇكىلارنى سېۋەتكە سېلىپ دەرياغا تاشلىۋەتكەن بىر بۇ ئاكا - ئۇكىلارنى  بۆرە بۇلارنى ئۇچرىتىپ قېلىپ ئىمىتىپ باققان . كېيىنچە ئۇلار قۇرامىغا يېتىپ تەخىت ۋارىسى بولغان ھەمدە ئاكىسى ئۇكىسىنى ئۆلتىۋېتىپ رىم شەھرىنى سالغان ھەمدە بۆرىنى ئەتىۋارلىغان .كېيىنچە رىملىقلارمۇ بۆرىنى ئەتىۋارلاپ رىم كوماندىسىنىڭ بەلگىسىگە چۈشۈرگەن .
رەھمەت، ئۆزگەرتىدىغاننى ئۆزگەرتىپ، تولۇقلايدىغاننى تولۇقلاپ قويدۇم!~~!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-9-21 17:44:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



  ئا   نارىسىدىلەر  رىملىقلارغا  ۋەكىللىك  قىلامدىغاندۇ   ____________________________________________
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-9-21 18:01:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما بوپتۇ،مەن پەقەت كافۇ بىلەن توتتىنىڭلا رېمدا توپ ئوينىغىنىنى بىلىدىكەنمەن.(ھازىرقىلاردىن)،توتتىنىڭ توپ كىرگۈزگەندىن كېيىنكى تەبرىكلەش ھەرىكىتى ئۆزگىچە ھە!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-9-21 18:31:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى يىلىمۇ ئاز قالغانتى بىرلەشمە لۇڭقىسنى ئالغىلى رىمغا ئۇدا بىر نەچچە پەسىل بولدى بىرلەشمە بىشىدا ياخشى ماڭالماي ئاخىرىدا پۈتۈن ھەيۋىسنى ئىشقا سىلىپ بىرىنجىگە خىرىس قىلىپ ماڭغىلى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-9-21 18:36:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئىۋۇ بۆرىنى پەقەت بۆرىگە ئوخشىتالمايۋاتىمەن... تۇمشۇقى چوچقىنىڭ تۇمشۇقىغىلا ئوخشايدىكەن.
ئەمدى ئۇر چاشقان قىلىۋەتمەڭلار رىملىقلار، كۆڭۈلدىكى گەپنى قىلدىم باشقا مەقسىتىم يوق

مۇكاپات ئالماقچى بولساقا، رىمنى يازساق توتتى، مانچىستىرنى يازساق ئاكاش، چىلسىنى يازساق ئامرىكا، ئارسىنالنى يازساق فابرىكاس، ئىنتىرنى يازساق شەمشاد، مىلاننى يازساق ئابلىكىم ،تارىم قاتارلىقلار مۇكاپاتلايدىكەن ھە
چۇقۇم شۇنداق بولىشى كىرەكتە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-9-21 18:40:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى sansiz0903دە2010-09-21 18:36يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :


مۇكاپات ئالماقچى بولساقا، رىمنى يازساق توتتى، مانچىستىرنى يازساق ئاكاش، چىلسىنى يازساق ئامرىكا، ئارسىنالنى يازساق فابرىكاس، ئىنتىرنى يازساق شەمشاد، مىلاننى يازساق ئابلىكىم ،تارىم قاتارلىقلار مۇكاپاتلايدىكەن ھە
چۇقۇم شۇنداق بولىشى كىرەكتە

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-9-21 18:56:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنچىلدۇدىنىڭ سۈرىتى تۇرسا  رىمدا  تىنرى بۇلدىمىكىن دەپتىمەن رىمدا  تۇپ ئۇينىغانما بۇ  
يەنە كاپىرۇمۇ  باركەن تىخى ...بىلىۋالدۇق مانا ئاڭلىمىغان گەپتىن بىرنى ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-9-21 19:11:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەرسان مەن بىلەن ئوقۇغاندا بۇنچىلىك بىلىمىڭ يوقتى ئەجەپ يامان بوپ كىتىپسا ؟؟؟؟؟؟؟.ئېسىل تىما ....نما ماسەيدى دىگەن گۇي رىمدا ئويناپتىكەنما ؟   فورلولىنسا بولغۇيتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-28 20:10

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش