ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 2534 |
تۆھپىسى: سەر |
|
شىنجاڭ كوماندىسى 2 - بولدى !!!
ئىزھات : بۇ مۇسابىقە ئاياغلاشقىنىغا نەچچە كۈن بولغان بولسىمۇ تېخىچە يوللانماپتىكەن ، بۈگۈن تور ئارلاۋىتىپ 11 ئادەم پوتبۇل مۇنبىردە ئۇچرىتىپ قېلىپ يوللاپ قويۇشنى لايىق تاپتىم ، شىنجاڭ پوتبۇلچىلىقى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ تۆلىگەن بەدەللىرى ، ئۇچرىغان ناھەقچىلىقلىرى ھەممىمىزگە سىر ئەمەس ، مانا بۈگۈن ئالتۇنغا تىگىشكۈسىز نەتىجە ئىلىپ كەپتۇ ، يارايسىلەر يىگىتلەر دىيىشتىن باشقا ئىش قولۇمدىن كەلمگۈدەك ، مۇشۇ رەخمىتىمنى مۇنبەردە بولسىمۇ دەۋالاي : يارايسىلەر يىگىتلەر سىلەرنى تاپقان ئاتا - ئاناڭلارغا رەخمەت !!!
ئەسلى ئاپتۇرى قاپلانچاق .
9ئاينىڭ 10-كۇنى چۇشتىن كىيىن مەملىكەتلىك 17ياشتىن كىچىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدا شىنجاڭ كوماندىسى چىكىت توپ تىپىشتا 4:2نەتىجە شەندۇڭ لۇنىڭ كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ ئىككىنجى بولدى.
ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدا لۇنىڭ كوماندىسى 2:0نەتىجە بىلەن جىياڭسۇ كوماندىسى يەڭگەن ، شىنجاڭ كوماندىسى چىكىت توپ تىپىشىشتە 7:6نەتىجە بىلەن خاڭجۇ كوماندىسىنى يەڭگەن. بۇ شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىغا كىرىشى.
مۇسابىقە جەريانىدا شىنجاڭ كوماندىسى مۇداپىئەدە تۇرۇپ قايتۇرما ھوجۇمغا ئۆتۇش تاكتىكىسىنى قوللاندى. لۇنىڭ كوماندىسى بۇنىڭغا ھېچقانداق ئامال قىلالمىدى. ئىككى كوماندا 0:0 بولۇپ تەڭلىشىپ ،چىكىت توپ ئارقىلىق چىمپىيونلىقنى بىكتشكە مەجبۇر بولدى.
شىنجاڭ كوماندىسى بىرىنجى ۋە ئۇچىنجى ئايلانمىدا توپنى كىرگۇزەلمىدى.لۇنىڭ كوماندىسى تۆت توپنىڭ ھەممىسىنى كىرگۇزدى.
ئاخىرىدا لۇنىڭ كومانسىسى 4؛2 نەتىجە بىلەن ئۇزغۇن بولدى.


قوشۇمچە : باش سۈرتىمدىكى يىگىت ، بۇ سۈرەت ماڭا بەكلا يېقىپ قالغان بولغاچقا ، روخسىتىڭىزسىزلا ئشلتۋالدىم ، كۈنلەرنىڭ بىردە ئاللا نىسىپ قىلىپ مۇنبەردە بولسىمۇ ئۇچرشىپ قالساق توغرا چۈشنەرسىز ! |
|