مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭ يۈرەك سۆزى
ئىزاھات: دوستۇم شۇنداقلا خوشنام بولغان مۇنبەر ئەزاسى sewdaئىلگىرى يوللىغان «مۇنبەردىكى ئەزالارنىڭ يۈرەك سۆزى»ناملىق تېمىسىغا ئاساسەن بۇ تېمىنى بوش ۋاقىتلىرىمدا يېزىپ ھوزۇرۇڭلارغا سۇندۇم ، كۆرۈپ بېقىڭلار !
ئىسمى چىققان تورداشلىرىمنى يېقىن كۆرۈپ چاقچاق قىلدىم . چاقچاق كۆتىرەسىلەر-ھە !
نىجات: كىم مېنى مانچىستىر مەستانىللىرىگە يان باسىدۇ دەيدۇ ؟ مەن ھەممىگە باراۋەر !
نېمە دېدىڭ ؟ لۈكچەك قىلىپ قويۇڭ ... ؟ ۋاي خۇدايىم ! ئۆيۈڭدىن چىقىپ كوچىدا كىتىۋاتقان بىرىنىڭ قۇلىقىنى كاسسىدە چىشلەپ ئۈزىۋال ئاندىن بولىسەن . ھە ... گەپ قىلە ... سەن نېمە دەيسەن ئەمدى ؟ نېم نېمە ؟ مىدال ؟ ماڭە نېرى تولا بېشىمنى ئاغرىتماي ... بەك ئالغۇڭ بولسا ئاۋۇ پۇتبولئاخۇندەك قىلىۋال ! ھې ھې
باگىيو : يەنە دېسەم يەنە شۇ ! ئىتالىيە قاچان چىدىماسلىق قىپتۇ ؟ مۇشۇ ئىتالىيە قارشى تەرەپدارلىرىنى چايناپ پۈركىۋىتەيمىكى ...
soccer : ھەجەپ تولا چاقىرىشتىڭ ! مەن ئالدىراش دېدىمغۇ !؟ ساڭا قانداق ياردەم قىلىمەن ؟ ماڭە بېرىپ ئۆچرەتتە تۇر !
مۇئەللىم : ما پۇتبول مېنى دو تۇتتۇرۇپ قويدى . ئەمدى ماڭا تۈركىيە كوماندىسىنىڭ مىدالىنى بېرىڭلار بولمىسا مۇنبەرگە تېما يازمايمەن .
بۇغرا : نېمە دېدىڭ پۇتبول ؟ ئىتالىيە كوماندىسىنى جۇڭگو ئاياللار پۇتبول كوماندىسىغا ئوخشاتتىڭما ؟ ئەمسە ئاشۇ بىر توپ ئاياللارغا ئۇتتۇرۋەتكەن گېرمانىيەنى نېمە دەيمىز ئەمدى ؟
ئاتېللا : ئىسمىمنى توغرا ئاتاش !! كىم ئايتىللاكەن ؟
دىلخۇش : نېمە ئەمدى بۇ ؟ بۇ سۆز سېستىمىدا چەكلەنگەن سۆز ؟ مـاز دېگىلىمۇ بولمامدۇ ئەمدى ... خەپ ..خەپ !
گلادىئاتور :ھې ئاداش قارا ! پالانى سېنىڭ شەخسىيىتىڭنى مۇنبەرگە سۆرەپ كىردى ، پۇستانى ئۆيەڭدىكىلەرنى چىشلەپ تارتىپ ئىنكاس يېزىۋاتىدۇ ... بېرىپ ئۆزۈڭنى كۆرسۈتۈپ قويۇپ كەلمەمسەن ؟!!!
قىزىل ئالۋاستى : كىم مېنى نىجاتنىڭ دادىسى دەيدۇ ؟ ھـــە ... بولىدۇ . باش سۈرىتىمنى ھازىرلا ئۆزگەرتىۋىتەي ...
پورلى : پورلى يۇۋاش دەۋەرمەڭلار مېنى! يۇۋاشنىڭ مۈڭگۈزى ئىچىدە جۇمۇ ! نېمە ؟ ئىنكاسلىرىم تېمىللىرىمدەك نادىر ئەمەسمىكەن ؟
cool: ما مۇنبەردە we8مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزگەندە ئاندىن كېلىپ ئىنكاس يازاي جۇمۇ ...
قاپلانچاق : ئىنكاس دېگەننى مانا مەندەك يازمامدۇ مەندەك ! ئىملايىم بىلەن نېمە كارىڭلار ؟!
توتتى : ئۇچامدا مىلاننىڭ كىيىمى بولغان بىلەن يۈرۈكۈم رىم دەپ سوقىدۇ جۇمۇ (ئەمەلىيەتتە رىمنىڭ كىيىمى بازاردا يوق)
مىلان : ئالتۇن ھامان پارقىرايدۇ خۇددى ماڭا ئوخشاش ھې ھې
بەخت : مېنى يەنە ھاشىرغا ئىنكاس يازىدۇ دېمەڭ جۇمۇ پۇتبول ! سەۋىيە خېلى ئۆسەپ قالدى دەيمەن ...
رۇسلان007: پۇتبول مېنى قايتىپ كېلىڭ ، مۇنبەردە ھەق سۆزلەيدىغانلار تۈگەپ كەتتى دەمسىز ؟ ئۇنداقتا ئالدىمغا تەختىراۋان ھازىرلاڭ ...
شەمشاد :شەنبە مۇسابىقە ئوينايمىز جۇمۇ شەنبە ! ھەرشەنبە ! ئىسىڭلاردا بولسۇن شەنبە ھەرگىز يەكشەنبىگە ئوينايدىغىنىم ھەرگىز ۋاسكىتبولغا ئۆزگۈرۈپ قالمايدۇ .
شوۋچىنكو : شۇنچە تىرىشىپمۇ ھەجەپ قايتىپ كىلەلمىدىم ما مۇنبەرگە !
شاپۇر : نېمە بوپتۇ يول كۆرسەتمىسەكمۇ بالا مەستانە دېگەن مانا مۇشۇنداق جۆلۈپ ، بىلجىرلاپ ماڭا ئوخشاش پىشىدىغان گەپ
ئوكو : ئاز قالدىم پىشقان مەستانە بولۇشقا ...
سەركە : ھەجەپ تولا سوراشتىڭ يېشىمنى !!! دېدىمغۇ ... 51 ياش دەپ ! (ئىككى سان ئالمىشىپ قالغان)
ۋېئىرى : كىم بىلەن بالوتېلى مۇسابقە مەيدانىدا بۇرنىنى قانچە قېتىم كوچىلايدۇ ؟ شۇنىڭغا تىكىشىدۇ .
تۈركىيە : نېمە ؟ بىرازىليە بىلەن جۇڭگونىڭ مۇسابىقىسى بارمىكەن ؟ تىكىشىدىغانلار تېز تېز ... مەن بىرازىليەگە تىكتىم . جۇڭگوغا تىكىدىغانلار ماڭا 1دىن كۆپ توپ بېرىشىڭلار كېرەك . بولمىسا تىكىشمەيمەن .
سەركەردە : ھېچكىم قىمارنى مەندەك قارام ئوينىمامدۇ نېمە ؟
قىزىل : مۇنبەرنىڭ خەتنى چوڭايتىدىغان ئىقتىدارىغا مىڭ تەشەككۈر !
ئوغلان: يەنە بىر ئۇششاق بالا بىلەن مۇنازىرلىشىپ قالدىم مەن ...
ئەردا : باشقا مۇنبەردىن تېما كۆچۈرشۈم . مۇنبەرگە تېما يوللاشتىكى پىراكتىكا مەزگىلىم خالاس!
سىرداش : پۇتبول تارىخىغا تەسىر كۆرسەتكەن 100مەشھۇر شەخس 101- سىرداش ھې ھې
كاكا22: نىجات مەن قاچانغىچە مۇنەۋۋەر ھۇجۇمچىلىقتا تۇرىۋېرىمەن ؟ نىجات : ئەمسە ناچار ھۇجۇمچى بولغۇڭ بارمىدى ؟
تۇنجار : بەزىللىرىڭلارنىڭ ئاشۇ پۇتبولچىلار ئۇرۇق - تۇققىنىڭلارمىكىن دەپ قالدىم .
زۇلال : مۇنبەرگە كىرمەيمەن بولدى . ھەقىچان مەندەك شىنجاڭ كوماندىسىنىڭ مەستانىسى يوق . شۇڭا پاتماي قالىمەن ....
سۇلتان : مۇنبەرلەر ئارا سەرگەردانچىلىقىم ئاخىرلاشتى ...
لام16: مەن مۇنبەردىكى تۇنجى بايرىن مەستانىسى جۇمۇ ... ئەمدى مېنى بالا مەستانە دېمەڭلار
red devil: باش سۈرۈتۈمدىكى قايسى پۇتبولچىنىڭ بالىسى دېدىڭما ؟ ماڭەۋا ! ئۇ دېگەن مېنىڭ بالام ! بىرەر چولپانغا ئوخشىسىلا شۇنىڭ بالىسى بوپ قالمايدۇ ...
ئامېرىكا : ئىنگىلاد بىرلەشمىسىدىن باشقا بىرلەشمىلەرنى يەرشارىدىن يوق قىلىۋىتىدۇ ...
سەۋدا : ئەجەبا مېنى ئىتالىيە بىرلەشمىسىنىڭ مۇسابىقىللىرى ئۇخلۇتۇپ قويىدىغىنى راست تۇرسا ...
خاقان : مەن ئامېرىكىغا ئەگەشتىم .
باللاك16: ئەينى ۋاقىتتا بىكخام بىر توپ بىلەن نام چىقارغان ئوخشاش مەنمۇ بىر ئىنكاس بىلەن نام چىقارغان ئىدىم . (قايسى ئىنكاس ئىكەنلىكى ئىسىڭىزدە بارمۇ؟)
ئابلىكىم0814: دوختۇر !! كاكا خەتەرلىك باسقۇچتىن ئۆتۈپ كەتتىمۇ ؟
مەرگەن : ھەممە تېمىنى مېنىڭ خۇلاسىلىشىمگە تاشلاپ قويىدىكەنغۇ بۇلار ...
رېپىر : ھې رۇسلان ! ھېلىقى ئىختىيارى توپنى ئۇنتۇپ قالمىدىم جۇمۇ !
ئىبراھىموۋىچ: ھەمىشە ئارقىدا قالامدىمەن ؟
سەنسىز0903: سەنسىز ! ما مۇنبەرنى دېمىدىم جۇما !
ئاتۇش ئوغلى : ما مۇنبەرنى ماندا رىمۇنت قىلساق قانداق ؟ ئاندىن ئەزالار ئۆزئارا ئۇرۇشمامدىكىن دەيمەن ...
رېتىم : يەنە كۆرەلمەيۋاتىسەن ھە ؟ يەنە ئۇششاق مەستانە دەيدىغان بولساڭ !! راستىنلا ھېمىنى كۆرەلمەي قالىسەن جۇمۇ !
تۇلپارمىسسى : ما خەنزۇچە خەتنى بىلمىسەڭ ئاستا بېرىپ ئۆلىۋال جۇما !
سەردار77: كىم مېنى كىچىك دېدى ؟ يېشىمنى دەپ بېرەيمۇ؟
تۈتۈن بېگى : مۇنبەر ئازاد بولدى . يەنە پىدايىلىق قىلىپ مۇنبەرگە كىرمىسەممۇ بولا ؟
ئىلمىيار : يوقاپ كەتكەنلەرنى ئۆزۈم يىغىمەن
رىۋايەت88: «تەلەي يۇلتۇزى»نىڭ ئىسمىنى سەل ئۆزگەرتىپ «پۇتبول يۇلتۇزى»دەپ قويامدۇق يا ؟
زەپەر : پۇتبول سەن مەندىن قېيداپ چىكەتكەن ... سەن قاچان مۇنبەرگە كىرسەڭ مەنمۇ شۇ ۋاقىتتا كىرىمەن .
delpiero: مەنمۇ بىر يىگانە مەستانە ئوخشايمەن .
eliborisi : يۇمىلاق تاۋۇز ئەمەس جۇمۇ مەن
22كاكا22: مىلاننىڭ ئۆلىمالىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدىممۇ يا؟
مىلان مەرگىنى : ئەجەپ ئاستا ئىنكاس يازىدىكەنسىلە ...
پاتو : جۇڭگودا مىلان مەستانىللىرى ئەڭ كۆپ دەپ ئاڭلىغان ئىدىم . قارىغاندا ئۇلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى مۇشۇ مۇنبەر ئوخشايدۇ.
چىمەلتەك : ۋېلسىپىتكە مېنىپ بىرنى ! شىپاڭدىن بويانداپ قالاپ بىژنى ! ئىشەككە تەتۈر مىنىپ بىژنى ! ئەمدى ئارقىڭغا ئۆرۈل ...
فىفا: ھې ! باشقىلار كىتاب كۆرىۋاتىدۇ دەيمەن . سەنلەر بۇ يەردە نېمىش قىلىشىۋاتىسەن ؟ نېمە ،ئۆزۈڭچۇ دەمسەن ؟... مەن .. مەن ...
زۇلال : ھەسرەت كىرسە كىرىمەن ... (ئىككى قېتىم بولۇپ كەتتى)
ھەسرەت : زۇلال كىرمىسە مەنمۇ كىرمەيمەن
بالۇن : ھې سەن ئۇيغۇرچە گەپ قىل دەۋاتىمەن ... بىكا ھېلى !!
باللاك13: ھەجەپ ئايرىيالمىدىڭ ... مەن باللاك13 ... باللاك16 ئەمەس !
پۇتبول ئۈچۈن : كىم ھاشىرغا ئىنكاس يېزىپتۇ ؟ سەن ! (كوللىكتىپ ئاۋاز)
ئىنتىزار11: مەن پۇتبول مۇنبىرىدە چوڭ بولدۇم .
سۈيقەستچى : بىر نۇقتىغىلا ئېسلىۋالماي مەندەك ھەرتەرەپلىمە پىكىر قىلىڭلار دەيمەن ...
باتىستوتا : ئۇف ! ئەمدىغۇ مېنى پاتىگۈل دىيىشەلمەسسەن ؟
كۆكلەم : مۇنبەر كۆپ ئۆزگۈرۈپ كىتىپتۇ . بارلار بار ، يوقلار يوق ...
بارسلونا شاھى : مىسسى مەستانىسى بولسىلا مىسسىغا ئوخشاش بالا مەستانە بولامدىكەن ؟
m-united : نىجات مەن مانچىستىر مەستانىسى دەۋاتىمەن . شۇڭا دەرىجەمنى ...
باھادىر : مەنمۇ مۇنبەر ئىسسىق سوغۇق ھەممە كۈنىدە مۇنبەر بار جۇمۇ
مۇزتاغ : پۇتبول ، گېرمانىيە مەستانىسى يالغۇز مەنلا دەپ قالماڭ ... !!
german88: مەنمۇ قېلىپ قالماي مەنمۇ گېرمانىيە مەستانىسى ....
زىندانى18: زىدانى قەلبىمدە تېخى پۇتبول ساھاسىدىن چىكىنمىدى ...
تەكلىماكان : بىر قىز بولۇپ قالغىنىمغا ھەجەپ بوزەك قىلىپ كەتتىڭلار ... خەپ ...
ئىسمى چىقمىغان بىر قىسىم ئەزالار : مېنى ئۇنتۇپ قاپسەن ! خەپ جۇمۇ ... كۆرىشىپ قالىمىز ...
ئىسمى چىققان بىر قىسىم ئەزالار : ماندا چاقچاق كۆتۈرمەيمەن جۇما |