akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 9086|ئىنكاس: 52

ئۈچ پادىشاھلىق ھەققىدە قىسسە[ARDA]

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arda تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-15 14:01  

مەن تۈركىيىنىڭ ئىستانبول شەھىرىگە جايلاشقان بۇ 3 زەردار  كوماندىسىنى  ئۈچ  پادىشاھلىققا ئوخشىتىشنى لايىق كۆردۈم.پوتبولدىن ئىبارەت بۇ تەنھەركەتكە ئىقتىسادنىڭ نەچچىلىك مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بۇ 3 تۈرك زەردارىنىڭ 1شەھەرگە توپلانغىنىدىن كۆرۈۋالغىلى بولۇشى مۇمكىن . [ئەلۋەتتە باشقا سەۋەبلەرمۇبار]
1.بۆلۈم     گالاتاساراي كۇلۇب بەلگىسى

كۇلۇب نامى -گالاتاساراي
ئىنگىلىزچە نامى-Galatasaray
خەنزۇچە نامى-加拉塔萨雷足球俱乐部  
قۇرۇلغان ۋاقتى-1905.يىلى
تۇرۇشلۇق شەھەر -ئىستانبول
دۆلەت تەۋەلىكى-تۈركىيە
باش تېرنىر-رىجكارد
بىرلەشمە تەۋەلىكى-تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى  بىرلەشمىسى
كۇلۇب ناخشىسى

كوماندىنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلىشى
گالاتاساراي كوماندىسى تۈركىيىنىڭ ئىستانبول شەھىرىگە جايلاشقانتەنتەربىيە كۇلۇبى بولۇپ، پۇتبول ساھەسىدە دۇنياغا تونۇلغان.1905-يىلى ئەلى سەمى يەڭ ۋە ئۇنىڭ دوسلىرى بىرلىشىپ گالاتاساراي مەكتىپى ئاساسىدا  قۇرۇلغان. ئۆز تارىخى مابەينىدە 15 قىتىملىق تۈركىيە لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسدە چىمپىيون بولغان،ئالدى-كەينى2000-يىلى ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقسى ۋە  ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىدا چىمپىيون بولغان بولۇپ ئۇ تۈركىيىنىڭ ياۋروپا ۋە دۇنياغا داڭلىق ،ياشلارقارشى ئالىىدىغان كۇلۇبلارىنىڭ بىرى.
ئۇ يەنە  2.بولۇپ بىر يىل ئىچىدە ياۋروپا لەۋھە تالىشىش مۇسابىقىسى ۋە ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسىدا چىمپىيونلۇققا ئىرىشكەن كوماندا.ئۇيەنە بىردىنبىر بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە ئۇدا 24 مەيدان غەلىبە قىلىشتەك دۇنيا رىكورتىنى ياراتقان ۋە ساقلاپ كىلىۋاتقان كوماندا.[گالاتاساراي كوماندىسى2001-5-ئاينىڭ13.كۈنىدىن2002.يىلى12.ئاينىڭ8.كۈنىگىچە بىرلەشمىدە ئۇدا24مەيدان غەلىبە قىلىش رىكورتى ياراتقان.]



كولۇب مەيدانى يەنى ئەلى سەمى مەيدانى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە :

كۇلۇب مەيدانى ئىسىمى:ئەلى سەمى يەڭ تەنتەربىيە مەيدانى'
ئىنگىلىزچە يىزىلىشى:Ali Sami Yen Stadium
ئەلى سەمى يەڭ تەنتەربىيە مەيدانى تۈركىيىنىڭ ئىستانبول شەھىرى مەركىزىگە جايلاشقان تەنتەربىيە مەيدانى بولۇپ،گالاتاساراي كوماندىسىنىڭ ساھىبخان بولۇپ ئىشلىتىدىغان مەيدانى،بۇ مەيدانغا بۇ كۇلۇبنى قۇرغۇچى ئەلى سەمى يەڭ ئەپەندىنى خاتىرلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ نامى بىرىلگەن.25000تاماشىبىن سىغىدۇ.
1940-يىللاردا،ئىستانبولغا جايلاشقان تاكسىم رايونىدىكى چوڭ  تەنتەربىيە مەيدانى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان،ئەسلىدە بۇ مەيداننى ئىشلىتىۋاتقان كوماندا [گالاتاساراينىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ] يىڭى بىر مەيدانىغا ئىھتىياجلىق بولۇپ قالغان،شۇنىڭ بىلەن گالاتاساراي تەرەپ ھازىرقى زامانغا ماس چوڭ بىر پۇتبول مەيدانى ياساشنى قارار قىلغان ۋە 1943-يىلى قۇرۇلۇش باشلانغان،ئۇچاغ 2-دۇنيا ئۇرۇشى بولۇۋاتقان قىيىن مەزگىللەر بولغانلىقى ئۈچۈن،گالاتاساراي تەرەپ ۋاقتىنچە مەيداننى كىچىكرەك ياساشقا مەجبۇر بولغان ۋە 1945-يىلى ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلغان، ۋە ئۇرۇشتىن كىيىن مەيداننى كىڭەيتىپ ياساش خىزمىتى داۋاملاشقان،1964-يىلى ياساش خىزمىتى پۈتۈنلەي تاماملانغان.
1964-يىلى 12-ئاينىڭ14-كۈنى ،بۇ يىڭى پۈتكەن مەيداندا تۇنجى قىتىملىق مۇسابىقە ئۇيۇشتۇرۇلۇپ،تۈركىيە كوماندىسى بىلەن بۇلغارىيە كوماندىسى ئارىسىدا دوسلۇق مۇسابىقسى ئېلىپ بىرىلغان.1965-يىلىدىن باشلاپ كەچلىك مۇسابقە ئىلىپ بىرىش باشلانغان .
تارىختا ئەلى سەمى  مەيدانىغا 40000دىن ئارتۇق ئادەم سىغاتتى،ۋە گالاتاساراي مەستانىلىرى تەرىپىدىن جەھەننەم دەپ نام ئالغان.ئەلۋەتتە بۇ نام قىزغىن كەيپىيات تۈرتكىسىدە بىرىلگەن.بۇ مەيدانغا مىھمان كوماندا بولۇپ  كەلگەن كوماندىلار  بۇ [ جەھەننەم]كەلسىلا  بىر خىل بىسىم ۋە جىددىيلىك قاپلاپ تۇرىدۇ...............شۇڭا كەڭ مەستانىلەر ۋە  كوماندىلار گالاتاساراينىڭ بۇ ئەلى سەمى يەڭ تەنتەربىيە مەيدانىغا [جەھەننەم] دەپ نام بەرگەن.
يىقىنقى نەتىجىلىرى
تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە16قىتىم چىمپىيون بولغان.1962年, 1963年, 1969年, 1971年, 1972年,1973年, 1987年, 1988年, 1993年, 1994年,1997年, 1998年, 1999年, 2000年, 2002年,2006年
تۈركىيە لۇڭقىسى مۇسابىقىسىدە15قىتىم چىمپىيون بولغان1963年, 1964年, 1965年, 1966年, 1973年,1976年, 1982年, 1985年, 1991年, 1993年,1994年, 1995年, 1999年, 2000年, 2005年
ياۋروپا بىرلەشمىە مۇسابىقىسىدە يەنى بۇرۇنقى ئىتتىپاقلىق لوڭقىسىدا2000يىلى ئارسىنال كوماندىسىنى ئۇتۇپ چىمپىيون بولغان.
ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى2000يىلى خان جەمەتى مادىرىتنى2-1نەتىجە بىلەن ئۇتۇپ چىمپىيون بولغان.

2.بۆلۈم    
كۇلۇب بەلگىسى-
كۇلۇب نامى -فەنەر باغچە
ئىنگىلىزچە نامى-Fenerbahce
خەنزۇچە  نامى-费内巴切
قۇرۇلغان ۋاقتى-1907-يىلى
دۆلەت تەۋەلىكى-تۈركىيە
تۇرۇشلۇق ئورۇن-ئىستانبول
باش تىرنىر -كىرىستوف دام
مەيدانى-شۇكرۈ ساراجئوغلۇ تەنتەربىيە مەيدانى
بىرلەشمە تەۋەلىكى-تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى  بىرلەشمىسى

كۇلۇبنىڭ قىسقىچە تونۇشتۇرۇلىشى
19-ئەسىردە تۈركىيە قويۇق ئىسلام تەربىيەسىگە ئىگە بىر دۆلەت ئىدى،ئۇ چاغلاردا ئوسمانلى تۈرك ئىمپىريەسى ئىستانبولنى مەركەز قىلغان ھالدا ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزۈۋاتقان مەزگىىللەر ئىدى.ئەمما بۇ ئوسمان دۆلىتىىدە ئۆزىنىڭ پوتبول كوماندىلىرى يوق ئىدى.1899يىلىغا كەلگەندە،ئىستانبولدا كىچىك كۆلەمدە ۋەكىل خارەكتىرلىك بىر Black Stockingsدىگەن پوتبول كوماندىسى قۇرۇلىدۇ ،بۇ كوماندا 1907 يىلى رەسمىي كۆلەملىشىپ  قۇرۇلغان فەنەر باغچە كۇلۇبىنىڭ ئاساسى بولۇپ قالىدۇ.
1918-يىلى 1-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كىيىن،ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيەنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىلگىرىكى ئوسمانلى ۋاقتىدىكى زىمىنلىرىدا تۇرۇۋاتقان[ھازىرقى تۈركىيە چىگراسى سىرتىدىكى زىمىن] ئەسكەرلىرىنىڭ ۋەكىل كوماندىلىرى  بىلەن 1918-1923-يىلغىچە،جەمئىي 50مەيدان مۇسابىقە ئويناپ،41مەيدان ئۇتۇش،5تەڭلىشىش ،4ئۇتتۇرۇشتەك  مەغرۇرانە نەتىجىلەرگە ئېرىشكەن.
فەنەر باغچە كوماندىسى ھازىر تۈركىيەدىكى ئەڭ باي كۇلۇب ،ۋە دۇنيادىكى داڭلىق  كۇلۇبلارنىڭ بىرى بولۇپ ئىستانبولغا جايلاشقان.
مەيداننىڭ قىسقىچە  تونۇشتۇرلىشى
ئىسمى؛ شۇكرۈ ساراجئوغلۇ تەنتەربىيە مەيدانى
ئادەم سىغىمى:50530
مەيدان ياساشقا كەتكەن پۇل:71مىليون ياۋرو
ئۆزگەرتىپ ياسالغان ۋاقتى:1999-2006

كوماندىنىڭ يىقىنقى نەتىجىلىرى
تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە21قىتىم چىمپىيون بولغان1937, 1940, 1943, 1944, 1945, 1946, 1950, 1959, 1961, 1964, 1965, 1968, 1970, 1974, 1975, 1978, 1983, 1985, 1989, 2010،2001  
تۈركىيە لوڭقىسى4قىتىم چىمپىيون بولغان.1968, 1974, 1979, 1983  
تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىسى 6قىتىم چىمپىيون بولغان
بالقان لوڭقىسىدا بىر قىتىم چىمپىيون بولغان.
كۇلۇب ناخشىسى

3.بۆلۈم
كۇلۇب نامى:بىشىكتاش
ئىنگىلىزچە نامى:Besiktas JK
كۇلۇب بەلگىسى:

دۆلەت تەۋەلىكى: تۈركىيە
تۇرۇشلۇق شەھەر:ئستانبول
باش تىرنىر :لوچىسكو
قۇرۇلغان ۋاقتى :1903-يىلى3.3كۈنى
مەيدانى :ئەرەنو تەنتەربىيە مەيدانى
كۇلۇب ناخشىسى


كوماندىنىڭ قىسىقىچە تونۇشتۇرۇلىشى

بىشىكتاش كۇلۇبى1903 -يىلى ئىستانبولدا قۇرۇلغان بولۇپ،تۈركىيىدىكى داڭلىق زەردار كۇلۇبلارنىڭ بىرى .ئاساسلىق رەقىبلىرى :گالاتاساراي ،فەنەر باغچە ،تىرابزون،بۇرسا............بىرلەشمىدە بولسۇن  ،تۈركىيە لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە بولسۇن ،بىشىكتاش باسمىسا بولمايدىغان مۇھىم 4چوققا بۇ تۆت رەقىب.
ئەرەنو تەنتەربىيە مەيدانى تۈركىيەدىكى داڭلىق فەنەر باغچە قاتارلىق بىر قانچە كۇلۇبنىڭ مەيدانىدىن قالسىلا چوڭ مەيدانلارنىڭ بىرى بولۇپ ،سىغىدىغان ئومۇمىي ئادەم سانى33750ئادەم،بولۇپ بىشىكتاش كوماندىسى ساھىبخان مەيدان سۈپىتىدە ئىشلىتىدۇ.

يىقىنادىن بۇيان بىشىكتاش كوماندىسى نىھات،گۇتى ،قاتارلىق ياۋروپادىكى كۈچلۈك بىرلەشنىلەردە توپ تەپكەن چولپانلارنى سىتىۋىلىپ كوماندىنىڭ ئومۇمىي ئۇنۋىرسال كۈچىنى كۈچەيتىۋالدى.بەلكىم ئۇلار بۇيىل تۇنجى قىتىملىق ياۋروپا بىرلەشمىسى لوڭقىسىنى ئىلىشنى نىشان قىلغان بولسا كىرەك ................بىشىكتاشنىڭ ياۋروپا بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدىكى ئىپادىسى ئۇدا ياخشى بولماقتا.
يىقىنقى نەتىجىلىرى
تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە لوڭقىسى 13قىتىم ئالغان1941, 1944, 1947, 1951, 1960, 1966, 1967, 1982, 1986, 1990, 1991, 1992, 1995
تۈركىيە لوڭقىسىنى5قىتىم ئالغان.1975, 1989, 1990, 1994, 1998
تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىنى7قىتىم ئالغان1967, 1974, 1986, 1989, 1992, 1994, 1998


ئاپتوردىن؛

   مانا بۇ ئۈچ كوماندا ھەقىقەتەن تۈركىيەدىكى ئۈچ پادىشاھلىق دەپ سۈپەتلەشكە مۇناسىپ كىلىدىغان زەردار كوماندىلاردۇر.ھەممىسى100يىلدىن ئارتۇق بوران چاپقۇن ۋە 2قىتىملىق دۇنيا چوڭ ئۇرۇشىغا شاھىت بولغانۋە تەسىرىگە ئۇچرىغان.ئەسلى بۇلارنىڭ تونۇشتۇرۇلىشى 100يىلغا لايىق ئۇزۇنراق بولۇشى كىرەك ئىدى،تولىمۇ ئەپسۇس تور بىكەتلەرنىڭ ھەممىسى تولۇق ئۇلانمىغانلىقى سەۋەبلىك ،ئۆزۈمنىڭ تاپقانلىرى ۋە بىلىدىغانلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ بۇ تىمىنى يىزىپ ئولتۇرۇپتىمەن...............خاتالىقلاردىن خالىي بولىدىغىنى بىر تەك ئاللاھ! تۈزىتىش بىرەرسىلەر!
   بىزنىڭمۇ كۇلۇبلار قۇرۇلۇپ ،قاچانمۇ 100يىل بولار ،ئۇنداق بولغىچە ،،،،،،،،،،،بىز نەدە ،ئۇ قۇرۇلغان كۇلۇبلار نەدە؟
  بىر  مۇئەللىمىم بولىدىغان ، بىر چاغدا ئۇنىڭ مۇنداق بىر  سۆزلىگىنى يادىمدا:ئۇ دوسكىغا 1-10،10-20،20-30،30-40،40-50،50-60،60-70،70-80،80-90،90-100گىچى سانلارنى يىزىپ تۇرۇپ ،بەلكىم ئاراڭلاردا بەزىڭلارنىڭ 1-90گىچە ھاياتىڭلار تۈپتۈز داۋاملىشىشى مۇمكىن ،بەزىڭلار ئۇنىڭدىن ئۇزۇن ،بەزىڭلار ئۇنىڭدىن قىسقا ياشاسىلەر بەلكىم،[ئۇ چاغ بىز تىخى10-20گىچە قەدەمنى باسقان چاغلار ئىدى]ئەمما سىلەر بۇ  دۇنيادىن خوشلىشىپ 10ئىچىدە قەبرەڭلەرمۇ تۈپتۈز بولۇپ ............سىلەردىن ھىچ ئىزنا مۇ  قالمايدۇ دەپ .
مەنمۇ ئەنە شۇ ۋاقىتلار كەلگۈچە  بۇ  زىمىندا بىر ياكى ئۇنڭدىمۇ كۆپ  كەسپىي كۇلۇبلارنىڭ قۇرۇلۇپ ،ياشلىرىمىزنىڭ نابۇت بوپ كەتمەسلىكىىنى ئاللادىن تىلەيمەن..................

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +10 يىغىش سەۋەبى
سىرداش + 10 جاپا چەكتىڭىز، نادىر يازما،

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-8-26 17:16:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۈ پادىشالىقىنى بىشىكتاشقا ،گالاتا ساراينى ۋېي پادىشاھلىقىغا فەنەر باغچىنى يۈۋەن پادىشاھلىقىغا ئوخشىتىش مۇمكىن .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-8-26 17:21:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسسەرىڭىزنىڭ  داۋامىنى تېزراق ھە !~!~
تۈركىيە بىرلەشمىسى توغۇرلۇق خەۋەرلىرىڭىزدىن بۇ بىرلەشمىنىمۇ خېلى چۈشۈنۈپ قالدىغان بولدۇق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-8-26 17:23:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

回 1楼(red devil) 的帖子

سىزنىڭچە ۋېي پادىشاھلىقى يېڭەرمۇ ؟؟؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-8-26 17:42:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خۇدايىم بۇيرىسا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-8-26 17:45:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياق ياق مىنىڭچە سۈن يېڭىپ قالارمىكىن ........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-8-26 17:54:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىشىكتاس بۇ يىل تازا كۈچىيىپ كەتتى...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-8-26 18:04:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى red devilدە2010-08-26 17:45يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
ياق ياق مىنىڭچە سۈن يېڭىپ قالارمىكىن ........
سىز سۈن سې نى دەۋاتامسىز؟!
دادىسى سۈن چۈەن ئۆلەپ كېتىپ بولغاندۇ‹؟!
داۋامىنى تېزراق يوللاڭ، ئالتۇن ۋاقىتتا كۆرىمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-8-26 18:26:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياق !!!!!!چوقۇم ۋېى يىڭىدۇ!!!!!!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-8-26 18:58:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ  مانا  ئارداجان   نادىر  تېمىدىن بىرنى يوللاپسىزدە...  داۋامىنى ساقلايمىز ئەمسە....

قولىڭىزغا دەت بەرمىسۇن.   20 شۆھرەت  


ئىجادىي يازما    30 پۇل


داۋاملىق تىرىشىڭ  25 تۆھپە        
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-8-26 20:01:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنچە بۇ ئۇرۇشتا شۇ پادىشالىقى ،يەنى بېشىكتاش غەلىبە قىلىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-8-26 20:11:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3- بۆلۈمىگە يەنە ساقلايمىز ما؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-24 23:31

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش