akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 4415|ئىنكاس: 25

مەسئۇلىيەتسىز مۆلچەرىم (ئاكاش)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مۇنبىرىمىزنىڭ بىريىلدەك تاقىلىپ قېلىپ يەنە قايتىدىن گۈللىنىشكە باشلىغانلىقىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولدۇم . مۇنبەرنىڭ بۇندىن كىيىن تېخىمۇ گۈللەپ ، تېخىمۇ تەرەققى قىلىپ ،ئۇيغۇر تورچىلىقىدا تېخىمۇ چاقىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
بۇ تىمامنى مۇنبەرنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكى شۇنداقلا كونا يىڭى ئەزا دوستلارنىڭ مۇنبىرىمىزنىڭ شۇنداقلا ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمۈد قىلىپ كەڭ پۇتبول سۆيەر دوستلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىمەن. ھەرقايسى بىرلەشمىلەر يىڭى پەسىللىك مۇسابىقىلىرى باشلىنىشقا باشلىدى ، شۇ ۋەجىدىن مەن يىڭى بىر پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدە يۈز بىرىدىغان 10 چوڭ ۋەقىنى پەرەز قىلىپ باقماقچىمەن. ئەمىسە كەتتۇق!

2010\2011 پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسىدىكى 10چوڭ ۋەقە


10. 10-ئايدا مادىرىت خانلىق لوڭقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانمىسدا تۆۋەن دەرىجىلىك كۇلۇپ تەرىپىدىن شاللىنىپ كەتكەچكە مۇرىنخونىڭ تېرنىرلىق ئورنى تەۋرەشكە باشلايدۇ.11-ئايدا بۇ پورتۇگالىيەلىك تېرنىر مېھمان كوماندا مەستانىلىرىنىڭ دوستانە بولمىغان مۇئامىلىسىگە ئۇچراپ ئېستىپا بىرىدۇ .

9.ئارسىنالنىڭ ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى نەتىجىسى ياخشى بولمىغانلىقتىن ،11-ئايدىلا چىمپىيونلوۇقنى تالىشىدىغانلار قاتارىدىن چىكىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن قىشلىق يۆتكىلىشتە فابىرىگاس بارسىلوناغا يۆتكىلىدۇ.

8.سېۋىللىيا تۇنجى قېتىملىق «ئارقىمۇ-ئارقا 10 مەيدان » غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەندىن كىيىن ، كۇلۇبىمىز بۇ يىللىق چىمپىيونلۇقنىڭ ئەڭ چوڭ ساھىبى دەپ داۋراڭ سالىدۇ ، مۇسابىقە پەسلى ئاياغلاشقاندىن كىيىن بولسا يىڭى تىرنىر ئالماشقان بۇ كوماندا 6-ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ.

7.ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىغا ئېرىشكەن مادىرىت رىقابەت كوماندىسى ئۆزىنى بۇ پەسىللىك لوڭقىنىڭ ئەڭ چوڭ رىقابەتچىسى دەپ ئىلان قىلىدۇ . لىكىن يىڭى تىرنىر ئالماشقان بۇ «كارۋات يۇپىقى قوشۇنى» مۇ دەرىجە چۈشۈپ كەتكەن كوماندىلاردىن پەقەت بىر نۇمۇر ئۈستۈنلۈك بىلەن بىر پەسىلنى ئاياغلاشتۇرىدۇ.

6.ئىسپانىيەلىك داڭلىق تىنىس توپ ماھىرى نادال ماروكا كوماندىسىغا مەدەت بىرىش ئۈچۈن ئوڭ قولى بىلەن تىنىس توپ ئوينايدۇ. ماروكا ئاخىردا 4- بولۇشتەك ياخشى نەتىجىگە ئىرىشىدۇ. لىكىن يەنىلا شۇ مالىيە مەسىلىسى تۈپەيلىدىن ياۋرپا پۇتبول بىرلەشمىسى تەرىپىدىن جازالىنىپ ياروپا مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشالمايدۇ.

5. بىر رىپىر مادىرىت ياكى بارسىلونا قاتناشقان مەلۇم بىر مەيدان مۇسابىقىنىڭ تەڭگە تاشلاش باسقۇچىدا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ پۈتۈن ئىسپانىيەنىڭ غەزىبىگە ئۇچرايدۇ .مەستانىلەر ئۇ ئىككى كاتتىۋاشنىڭ نەتىجىسىنى مۇلاھىزە قىلىشقا باشلايدۇ. ئىپانىيەنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بولسا باش بەتكە شۇ تەڭگىنىڭ يەرگە چۈشۈۋاتقان رەسىمىنى چوڭايتىپ باسىدۇ.

4.ۋالۇنسىيە ۋىللا بىلەن سىرۋا نى قايتىدىن سېتىۋىلىپ بارسىلونا بىلەن مانچىستىر شەھرىنىڭ مالىيە قەرىزىنى يىنىكلىتىشكە ياردەم بىرىدۇ.

3.مادىرىت بىرىنجى ئايدا ئوزىل، خېدىلا ، ۋە دىمارىيالارنى بىراقلا مەڭگۈ ئۆزگەرمەيدىغان بىر كوماندا يەنى- خېتاف قا ئىجارىگە بىرىدۇ، ھەمدە يەنە 200 مىلىيون ياۋرپا چىقىم قىلىپ يىڭى « دەرىجىدىن تاشقىرى چولپان » دىن ئۈچ نەپەر سېتىۋالىدۇ.

2.مۇسابىقە ئوينىغىدەك ئادەم چىقمىغانلىقتىن گۇئادىئولا بارسىلونا B كوماندىسىنىڭ تېرنىرى - رۇيس . ئېنلىك نى بىرىنجى كوماندىغا ئېلىپ تمۇسابىقە ئوينىتىدۇ.

1. كاكا نىڭ يارىسى ساقايمىغانلىقتىن پۈتۈن بىر پەسىللىك مۇسابىقىدىن قالىدۇ.





بۇ ۋەقەلەردە مىنىڭ ھېچقانداق مەسئۇلىيىتىم يوق جۇمۇ ! مىنى ئىزدەپ يۇرمەڭلار .....

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +20 يىغىش سەۋەبى
ئاتېللا + 20

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-8-21 16:04:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېنىڭمۇ پەرىزىم بۇيىل ئېنتىر مورىنئونى كەتكۈزىۋەتكەنلىكىدىن ئۆلگىدەك پۇشايمان قىلىدۇ..

acمىلەننىڭ يىڭى تېرىنىرى مانا مىلەنگە يىڭىچە تۈس بېخشلاپ ئاخېرى ئۈزىنىڭ بۇرۇنقى ئورنىغا يىتىشەيلا دەپ قالدى.

فۇرگۇسۇن بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدىن كىيىن ئىستىپا بەردى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-8-21 16:04:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلارنىڭ ئېچىدىن چققان پاۋېل ....... ئەگەر پەرزىڭىز خاتا بولسا بىزمۇ ئېكلەنمەستىن سىزنى دۇملەپ يەۋېتمىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-8-21 16:11:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
11- مادىرىد ئۆزىنىڭ يەنە يېڭىلاش تەس بولغان يېڭى بىر رىكورتىنى بارسلوناغا تاشلاپ قويۇپ ئۇزغۇنلۇقنى ئالىدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-8-21 16:22:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدو بىرلەشمە مەرگىنى بولىدۇ،،،،لېكىن بۇ مۆلچەرلىك مەسئۇلىيەت...چوقۇم .....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-8-21 16:37:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىشلىق يۇتكىلىشتە  ئىسپانىيە  كۇلۇپلىرى  ئېنگىلان  كۇلۇپلىرىغا  تۇركۇملەپ  ئادەم  ساتىدۇ   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-8-21 16:49:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى گىلادىئاتوردە2010-08-21 16:22يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
رونالدو بىرلەشمە مەرگىنى بولىدۇ،،،،لېكىن بۇ مۆلچەرلىك مەسئۇلىيەت...چوقۇم .....
بەك ئۈمىدۋارمۇ يا؟!ئېرپانجان
مەنمۇ شۇنداق بولسا دەيمەن ئەمدى،  لېكىن  مېنىڭچە ھېگۇائىن بوپ قالارمىكى، ئىشقىلىپ ياتنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتمىسە بولاتتىغۇ؟!

ئاران بىرىنجىگىچە يازدىڭلىما،  0-سىمۇ بار
0. ئۇدا ئىككى يىل مادىردنى ئۇتۇپ كېلىۋاتقان بارسېلونا، بۇ يىل خاۋىي يارىلانغانلىقتىن، ھۇجۇم بۇرۇنقىدەك تەشكىللەنمەي، مۇرنىخونىڭ مادىرىدقا كېلىشتىن بۇرۇنقى ئاتقان ‹پو› سى بويىچە 5:0 يېڭىلىپ، يېڭىلىش رېكورتى مادىرىدنىڭلا ئەمەس، ئىسپان پۇتبولچىلىقىدا بىزكاتالونىيەلىكلەرنىڭمۇ ھەققى بار، دەپ توۋلايدۇ.
1-. يېڭى پەسىل باشلىنىپلا ئىبراھىم پەي سوزۇلۇپ، مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ، كىم بىلسۇن بۇ پەسىلدە، ئىبراھىم 水货بوپو قالىدۇ.
2-. پۇيۇل 2012 توختام ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، كوماندا باشلىقلىقىنى بىۋاستە مېسسىغا بېرىلسىكەن، دېگەن قارار ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىدۇ، شۇنىڭ بىلەن مېسسى بولۇپ، دىققىتى چېچىلىدۇ، پۈتۈن ئەس-يادى كوماندا باشلىقلىق يەڭ بەلگىسىدە قالىدۇ، ئىپادىسى بىراقلا ناچارلىشىدۇ،ئاخرىدا مارادونانىڭ ئىز باسارى ‹بوپ بولىدۇ›.
بۇمۇ مەسئۇلىيەتسىز قاراش، سىز كۆرگەن ۋاقىتتىن ئىتىبارەن ئىناۋەتسىز!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-8-21 16:51:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى ripirدە2010-08-21 16:37يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
قىشلىق يۇتكىلىشتە  ئىسپانىيە  كۇلۇپلىرى  ئېنگىلان  كۇلۇپلىرىغا  تۇركۇملەپ  ئادەم  ساتىدۇ  
ئىنگلاندتا توپ ئوينىغۇدەك ئادەم قالمامدىكەن ئۇ چاغدا؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-8-21 17:29:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
11-قىزىل ئالۋاستى ئۆزىنىڭ ئاجايىپ پەرەز قىلىش تالانتى بىلەن داڭق چىقىرىپ، مانچېستىر شەھىرى كوماندىسىغا تېرىنىر بولىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-8-21 17:31:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
10-قارشىڭلىنى مىنىڭچە مەسئۇليەتسىز قاراش دىگىلى بولمىغۇدەك
لىكىن بىرىنجىسى

مەنمۇ دەپ باقاي
ئىنتىرنىڭ لوڭقا سەپىرى ئەمدى ئاخىرلىشىدۇ. ئالتە لوڭقا ئەمەس ئىتالىيە لوڭقىسىنىمۇ چۈشىدىلا چۈشەيدۇ

مىلاننىڭ ھالىتى بارا بارا ئەسلىگە كىلىدۇ.بىرىنجى يىلدا ئىككى لوڭقا(ئەلۋەتتە بىرلەشمە بىلەن ئۇزغۇنلۇقنىڭ) ئىككىنجى يىلى تۆت لوڭقا،ئۈچۈنچى يىلى ئالتە لوڭقا ،يەنە ئالىدىغان چوڭ كىچىك لوڭقىلانىڭ ھەممىسىنى يىغىۋالدۇ،يېڭى تارىخ يازىدۇ.
پاتو بىرلەشمە ۋە ئۇزغۇنلۇقتىكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئىپادىسى بىلەن مەرگەنلىكنى ئالىدۇ ھەمدە دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى بۇلىدۇ
   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-8-21 17:37:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى iloveinterدە2010-08-21 17:29يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
11-قىزىل ئالۋاستى ئۆزىنىڭ ئاجايىپ پەرەز قىلىش تالانتى بىلەن داڭق چىقىرىپ، مانچېستىر شەھىرى كوماندىسىغا تېرىنىر بولىدۇ
ئا ئىمزايىڭلىدا ئىشلەتكەن مەيدان بىزنىڭ بوناۋۇ كەن ھە!؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-8-21 17:44:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 10قەۋەتتىكى تۇنجاردە2010-08-21 17:37يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :

ئا ئىمزايىڭلىدا ئىشلەتكەن مەيدان بىزنىڭ بوناۋۇ كەن ھە!؟
دۈشمىنىڭلىنىڭ نوكەنپۇسى مىىكىن دەيمىنا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 07:56

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش