akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 6793|ئىنكاس: 34

ئىتالىيە بىرلەشمىسىدىكى كۇلۇبلار.(كاكا'22)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]


تۆۋەندىكىسى ئېتالىيە بىرلەشمىسىدىكى زەردار كۇلۇپلار:


AC مىلەن



ئاتىلىشى : ACمىلەن كوماندىسى.
كوماندا لەقىمى: قىزىل قارا قوشۇن.
قۇرۇلغان ۋاقتى:1899-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى.
تەنتەربىيە تۈرى : پۇتبول.

ساھېپخان مەيدانى: acمىلەن شەھېرىنىڭ سان سېرو مەيدانى.

مەيدانىغا؛ 85700سىخېدۇ.

كۇلۇپ رەئىسى ؛ بىرلۇسكونى

كۇلۇبنىڭ ساھېپخان ۋە مېھمان كىيىمى





ئېرشكەن شەرەپلىرى:
1.ياۋروپا چىمپىيونلوق لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى : 7قىتىم.
ئېرشكەن ۋاقىتلىرى: (1962-1963、1968-1969、1988-1989、1989-1990、1993-1994、2002-2003、2006-2007) يىللىرى .
2.ئىتالىيە Aدەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى : 17قىتىم ئېرىشكەن.
ئېرىشكەن ۋاقىتلىرى:(1901、1906、1907、1950-51、1954-1955、1956-1957、1958-1959、1961-1962、67-68、78-79、87-88、91-92、92-93、93-94、95-96、98-99 、03-04) يىللىرى
3.ئىتالىيە Bدەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى:2قىتىم
ئېرىشكەن يىللىرى:(1981、1983)يىللىرى.
4.ئىتالىيە پۇتبول ھەمكارلىقى مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى :5قىتىم.
ئېرىشكەن يىللىرى:(1966-1967、1971-1972、1972-1973、1976-1977、2002-2003) يىللىرى .
5.ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى:5قىتىم
ئېرشكەن يىللىرى:(1989、1992、1993、1994、2004) يىللىرى.
6.ئىتالىيە خۇبوت ئالتۇن دەرىجە مۇكاپاتى لوڭقىسى چېمپىيونى:3قىتىم
ئىرىشكەن يىللىرى:1900、1901、1902 -يىللىرى.
7.ئىتالىيە بىرلەشمە مۇسابىقە چېمپىيونى:1قىتىم
ئېرشكەن يىللىرى:1915 -يىلى .
8.لاتىن لوڭقىسى چېمپىيونى: 2قىتىم
ئېرشكەن يىللىرى ؛1951、1956 -يىللىرى.
9.ئوتتورا ياۋروپا لوڭقىسى چېمپىيونى:2قىتىم
ئېرېشكەن يىللىرى:1982-يىلى
10.تويوتا لوڭقىسى ئۆلكە دەرىجە مۇسابىقە چېمپىيونى:3قىتىم
ئېرىشكەن يىللىرى:(1969、1989、1990 ) -يىللىرى.
11.ياۋروپا ئېلغارلوڭقىسى چېمپىيونى:2قىتىم
ئېرىشكەن يىللىرى:(1967-68、72-73) -يىللىرى.
12.ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونى:5قىتىم
ئېرىشكەن يىللىرى:(1989、1990、1994、2003、2007)-يىللىرى
13.بېلوروسكونى لوڭقىسى:10قىتىم
ئېرىشكەن يىللىرى:)(1992、1993、1994、1996、1997、2002、2005、2006、2007、2009)-يىللىرى
14.دۇنيا لوڭقىسى،(مەملىكەتلىك كۇلۇپلار بىرلەشمە دۇنيا لوڭقىسى):1قىتىم
ئېرىشكەن يىللىرى:2007-يىلى

ACمىلەن كۇلۇبىنىڭ ئەڭ چاقنىغان يۇلتۇزلىرى.1986-يىللىرىدىكى  ئۈچ قىلىچۋاز.




كۇلۇبنىڭ شەخسى توربىكىتى:   http://www.acmilan.com/


ئېنتىر مىلەن




ئاتىلىشى: خەلىقئارا مىلەن.
كوماندا لەقىمى؛ كۆك قارا قوشۇن.
قۇرۇلغان ۋاقتى:1908-يىلى3-ئاينىڭ9-كۈنى.
تەنتەربىيە تۈرى :پۇتبول

ساھېپخان مەيدانى:مىلەن شەھېرىدىكى مىئازا مەيدانى
مەيدانىغا:85700ئادەم سېخىدۇ.
كۇلۇپ رەئىسى: مۇراتىتى


كۇلۇبنىڭ ساھېپخان ۋە مېھمان كىيىمى :



ئېرىشكەن شەرەپلىرى:
1.ياۋروپا چېمپىيونلوق لوڭقىسى تالىشىش مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى ؛ 3قىتىم

2.ئىتالىيە Aدەرىجلىكلەر لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى:18قىتىم

3.ئىتالىيە پۇتبول ھەمكارلىقى لوڭقىسى  مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى:6قىتىم

4.ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى:4قىتىم

خەلىقئارا مىلەننىڭ يىقىنقى بىر قانچە يىلدىكى تېرېنىرلىرى:

2004-يىلىدىن 2008-يىلىغىچە لوپاتو مەنچىنى خەلىقئارا مىلەننىڭ تېرىنىرى بولغان .

2008-يىلىدىن 2010-يىلىغىچە مورىنىئو تېرىنىرلىق قىلغان.

2010-يىلى يەنى بۇيىلدىن باشلاپ خەلىقئارا مىلەنگە لېۋېرپولنىڭ بۇرۇنقى سادىق تېرىنىرى بېنتىز تېرىنىر بولوپ سايلاندى.

خەلىقئارا مىلەننىڭ چاقنىغان يۇلتۇزلىرى:1989-ۋە 1991-يللىرىدىكى ئۈچ ھارۋىكەش.


كۇلۇبنىڭ شەخسى توربىكىتى:   http://www.inter.it/aas/hp?L=it


يۇۋۇنتۇس



ئاتىلىشى: يۇۋىنتۇس كوماندىسى
كوماندا لەقىمى: تاغېل ئات قوشۇنى.
كوماندىنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى:1897-يىلى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى
تەنتەربىيە تۈرى : پۇتبول.
ساھېپخان مەيدانى : دېل ئالبى پۇتبول مەيدانى.

مەيدانىغا ؛69041ئادەم سىخېدۇ.

كۇلۇب رەئىسى: جون ئەركان.

تېرىنىرى: دېرنىللى

كۇلۇبتا كۆزگە كۆرۆنگەن چولپانلىرى بولسا : دېل پېئېرلو . نىدېۋىد ( بۇ شەخسى قارىشىم)


كۇلۇبتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى:
1.ياۋروپا چىمپىيونلوق لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى:2قىتىم

2.ئىتالىيە Aدەرىجىلىكلەر بىرلەشمە لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى:27قىتىم

3.ياۋروپا ئېلغار لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى:1قىتىم

4.تويوتا لوڭقىسى ئۆلكە دەرىجە مۇسابىقە چېمپىيونى:2قىتىم

5.ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى:4قىتىم

كۇلۇبنىڭ شەخسى توربىكىتى:   http://cn.juventus.com


كۇلۇبنىڭ ساھېپخان ۋە مېھمان كىيىمى:




رېـــــم



ئاتىلىشى ؛ رېم ( يەنى ئۈزتېلىدا لوما دەيدىغۇ دەيمەن.)
كۇلۇب لەقىمى : قىزىل بورە.
كۇلۇبنىڭ قۇرۇلغان ۋاقىتى:1927-يىلى 7-ئاينىڭ 22-كۈنى.
تەنتەربىيە تۈرى :پۇتبول.

ساھېپخان مەيدانى مەيدانى:  رېـــم ئولىمپىك مەيدانى
مەيدانىغا:82922ئادەم سېخېدۇ.


كۇلۇپ رەئىسى: لوسىللا سېنسى


كوماندا ئۈچۈن ئەڭ كۆپ تۇپ ئۇرغانلار: توتتى.  ئىتالىيە رېــم كوماندىسى ئۈچۈن 168 توپ ئۇرغان.



كوماندا ئۈچۈن ئەڭ كۆپ مەيدانغا چققانلىرىدىن : يەنە شۇ توتتى . 387مەيدان مەيدانغا چىقىىقان . ( تېخې لومادىن ئايرىلمىدى.)

ئېرىشكەن نەتىجىلىرى:
1. ئىتالىيەبىرلەشمە لوڭقىسى چېمپىيونى : 3قىتىم
ئېرشكەن يىللىرى:(1941-1942、1982-1983、2000-2001
2.ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونى:2قىتىم
ئېرىشكەن يىللىرى:2001-يىلى 2007-يىلى .

سامپودورىيا


ئاتىلىشى؛ سامپودورېيا
قۇرۇلغان ۋاقتى: 1964-يىلى قۇرۇلغان.
ساھېپخان مەيدانى : سەيلالىس تەنتەربىيە مەيدانى.
مەيداننىڭ رەسىمىنى تاپالمىدىم. بۇ مەيدانغا 40122ئادەم سېخېدىكەن.

ئېرىشكەن نەتىجىلىرى:
1.ئىتالىيە Aدەرىجىلىكلەر بىرلەشمە لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى: 1قىتىم .ۋاقتى:1990-1991-يىلى
2.ئىتالىيە bدەرىجىلىكلەر بىرلەشمە لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيونى 2قىتىم . ۋاقتى:1933-1934、1966-1967 -يىللىرى.
3.ئىتالىيە مۇسابىقىسى چېمپىيونى : 4قىتىم.   ۋاقتى: 1984-1985、1987-1988、1988-1989、1993-1994 يىللىرى.
4.ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى چېمپىيونى: 1قىتىم.   ۋاقتى :  1991 يىلى
5.ياۋروپا چېمپىيونلوق تالىشىش مۇسابىقىسىدە 1قىتىم ئىككىنجىلىكنى قولغا كەلتۈرگەن .  ۋاقتى؛ 1991-1992 -يىلى
6.ياۋروپا ئېلغار لوڭقىسى چېمپىيونى : 1قىتىم .   ۋاقتى : 1989-1990يىللىرى. مۇشۇ مۇسابىقىدە 1988-1989-يىلى 2-بولغان.

كوماندىنىڭ ساھېپخان ۋە مېھمان كىيىملىرى :



فىلورىنسىيە


ئاتىلىشى: فىلورىنسىيە
قۇرۇلغان ۋاقتى؛ 1926-يىلى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى.
دۆلەت تەۋەلىكى ئىتالىيە.
كۇلۇپ رەئىسى: سىنىسا . مېخايلوۋىچ
كۇلۇبنىڭ ساھېبخان مەيدانى: فۇلانىچ مەيدانى.
بۇ مەيدانغا : 47200 ئادەم سخېدۇ.

كۇلۇبنىڭ ئېرىشكەن نەتىجىلىرى : 1968-1969-يىلى بىرلەشمە لوڭقىسىنى ئالغان. 4قىتم ئىتالىيە پۇتبول ھەمكارلىقىنىڭ چېمپىيونى بولغان. 1قىتىم ياۋروپا ئېلغار لوڭقىسى چېمپىيونى بولغان.

كۇلۇبنىڭ ساھېپخان مېھمان مەيدان كىيىملىرى.




لازىــــئو  


ئاتىلىشى: لازېئىو.
ئورنى : لوما يەنى رېـــمغا جايلاشقان.
لازىئومو قوش مىلانگە ئوخشاش رېم بىلەن بىر مەيداننى ئىشلىتىدىكەن.
كۇلۇبنىڭ تېرېنىرى: ئېددۇ رېجا



ئېرىشكەن نەتىجىلىرى:
1.بىرلەشمىدە 2قىتىم (1973-74、1999-2000-يىلىلىرى) ئۇزغۇن بولغان.
2.ئىتالىيە ھەمكارلىق لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ 5قىتىم چېمپىيونى بولغان.(يەنى 1957-58、1997-98、1999-2000、2003-04、2008-09-يىلىىرى)
3.ئىتالىيە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 3قىتىم 1-بولغان (1998-99、2000-2001、2009-10-يىللىرى)
4.ياۋروپا ئىلغار لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 1قىتىم چېمپىيون بولغان ( 1999-1998-يىلى )
ياۋروپا دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە 1قىتىم چېمپىيون بولغان .(1999-2000)
بۇ كۇلۇبنىڭ يىقىنقى يىللارنىڭ ياقى نەتىجىسى خېلى كۆرىنەرلىك.



كۇلۇبنىڭ شەخسى توبىكىتى:http://www.sslazio.it

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +10 يىغىش سەۋەبى
intezar11 + 10 جاپا چەكتىڭىز

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-8-20 11:30:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامىنى تىزراق يۇللاڭ،   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-8-20 12:23:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ بىلىشىمچە ئىككى كوماندىنىڭ مەيدانى بىر مەيدانغۇ دەيمەن لىكىن سىغىدىغان ئادەم سانى ئوخشىمايدىكىنا بىرسىگە 85000 يەنە بىرسىگە 82900 ئادەم قايسىسى راس .....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-8-20 12:24:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىلان بىلەن ئېنتىرنىڭ مەيدانى بىر تۇرۇپ سىغىدىغان ئادەم سانىدا پەرق بار ئىكەن ھە؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-8-20 12:42:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرىنىڭ  مىئاززا...بىرىنىڭ سانسىرو  تۇرسا....قانداقسىگە  مەيدانى  بىر  بۇلىدۇ.......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-8-20 12:47:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېئاززاغا جىق سىغىدۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-8-20 12:50:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي كاكاجان تىزراق  داۋامىنى يوللاڭ  بىكا  مەن   يىزىۋالماي  يەنە[s:21
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-8-20 13:04:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى ئوغلانىدە2010-08-20 12:42يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
بىرىنىڭ  مىئاززا...بىرىنىڭ سانسىرو  تۇرسا....قانداقسىگە  مەيدانى  بىر  بۇلىدۇ.......
قوشماقلار ھازىرغىچە بىر مەيداننى تەڭ ئىشلىتىدۇ ، كۆك كىيىملىكلەر ساھىبخان بولسا مەيداننىڭ ئىسمى مىئاززا بولىدۇ ، قىزىل كىيىملىكلەر ساھىبخان بولسا سان سىرو بولىدۇ ، مىلان ئىشلەتكەندە پاتىدىغان ئادەم سانى سەل ئازلاپ كىتىدىغان چېغىۋا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-8-20 13:10:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاقماس پاراڭلاغا قارىغاندا سان-سىرودا ئىنتىرلىقلار نەتىجىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىپ ئانچە بېرىپ كەتمەيدىكەن،شۇڭا ئازراق سىغىدۇ دېگەن يەرمىكى !~~!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-8-20 13:42:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى ritimدە2010-08-20 13:10يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :
ئاقماس پاراڭلاغا قارىغاندا سان-سىرودا ئىنتىرلىقلار نەتىجىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىپ ئانچە بېرىپ كەتمەيدىكەن،شۇڭا ئازراق سىغىدۇ دېگەن يەرمىكى !~~!
توغرا دەيسىز ، مۇشۇ بىرەر يىلدىن بېرى سان سىرودا نەتىجىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىش بۇرۇنقىدىن ئاسان بولۇپ كەتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-8-20 13:54:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى nijatدە2010-08-20 13:04يوللىغان يازمىسىغا نەقىل  :

قوشماقلار ھازىرغىچە بىر مەيداننى تەڭ ئىشلىتىدۇ ، كۆك كىيىملىكلەر ساھىبخان بولسا مەيداننىڭ ئىسمى مىئاززا بولىدۇ ، قىزىل كىيىملىكلەر ساھىبخان بولسا سان سىرو بولىدۇ ، مىلان ئىشلەتكەندە پاتىدىغان ئادەم سانى سەل ئازلاپ كىتىدىغان چېغىۋا
مەن  بۇرۇن  ئىككىسى  بىر  مەيدان ئىشلىتىدۇ   دەپ ئاڭلىغان ....لىكىن  ھازىر  مىئاززا  بىلەن  سانسىرو  ئىككى  مەيدان  دەپ  ئويلاپ يۇرۇپتىمەن.....توۋا  ...ھازىرمۇ  بىر  مەيداننى  ئىشلىتىدىغنىنى  ئويلىماپتىمەن....بۇلار قانداقمۇ  بىر  مەيداننى  تەڭ  ئىشلىتەلىگەندۇ  دەيمەن...  ئىككىسى  تەڭلا  ساھىبخان  بوپ  قالسا،  مۇسابىقىسى  بىرلا  ۋاقىتتا  بوپ  قالسا كۆرۇڭ...مەيدان  تالىشىپ، مۇشلىشىپ.........دىگەندەك....ھى  ھى....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2010-8-20 13:56:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇشۇ  توغرىلىق  بىر  تىما يازىدىغان  يەرگە كەلدى  زادى.......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-10 08:46

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش