akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 4006|ئىنكاس: 23

مەستانىلارنىڭ خوشاللىقى مېنىڭ خوشاللىقىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                   C. رونالدو:«مەستانىلار خوش بولسا مەنمۇ خوش بولىمەن»

   مەيلى قانداق چاغدا بولسۇن، پەقەت ۋاقتىم بولسىلا خەير- ساخاۋەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىپ تۇرىمەن، بۇ قانداقتۇر بىرخىل مەجبۇرىيەت ياكى باشقا سەۋەبتىن ئەمەس بەلكى مەن ئۇنى ئۆزەمدە بولۇشقا تېگىشلىك ئەخلاق سۈپىتى، دەپ قارايمەن.
  ھەممىمىز خوشاللىققا موھتاج، مەستانىلەرگە خوشاللىق ئاتا قىلىش قولىمىزدىن كەلگەندىن كېيىن نېمىشقا ئۇلارغا ئالاھىدە بىر خوشاللىق كۈن ئاتا قىلمايمىز؟ يالغۇز مەنلا ئەمەس، ھەرقانداق بىر ئادەم، بولۇپمۇ جەمئىيەتتە تەسىر دائىرىسى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق بولۇشى كېرەك دەپ ئويلايمەن، چۈنكى بۇمۇ جەمئىيەتكە قايتۇرۇلغان بىر خىل جاۋاپ، بىزنىڭ مەستانىلارغا ئاتا قىلغان خوشاللىقىمىز ئۇلارنىڭ كىچىككىنە بېسىمىنى، ئازاپلىرىنى يەڭگىللىتەلىسە بۇ ھەممىدىن مۇھىم دەپ قارايمەن، بىز ئۇلارغا ئۆزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقلارنىڭ ھامىنى ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مەدەت بېرىشىمىز كېرەك.

  مەن باشقىلارنىڭ خوشاللىققا ئېرىشىشغا ياردەم قىلىشىم كېرەك، دەپ ئويلايمەن، مەيلى كىچىككىنە بىر ئىمزا قويۇپ بېرىش ياكى بىللە سۈرەتكە چۈشۈش ھەتتا ئادەتتىكى سالاملىشىش بولسۇن، قولۇمدىن كېلىشىچە قىلىشنى ئويلايمەن. پەقەت ۋاقىت قىستاپ قالمىغان ئەھۋالدىلا مەن ئەزەلدىن ئىمزا قويۇپ بېرىش تەكلىپلىرىنى رەت قىلىپ باقمىغان، ئادەم بەك كۆپ ۋاقىتلاردا قىسقارتىپ R7 دەپلا يېزىپ بېرىمەن، ئادەم ئاز، ۋاقىت يېتەرلىك ئەھۋالدا ئۆلچەملىك ئىمزايىمنى قويۇپ بېرىمەن، لېكىن ئەزەلدىن قانداقتۇر زېرىكىش ياكى تېرىكىش ھېس قىلىپ باقمىدىم، باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلسەمكەن دەپلا ئويلايمەن، بولۇپمۇ ئاغرىق كىشىلەر، يېتىم- يېسىرلار، ياشانغانلارغا تېخىمۇ بەكرەك كۆڭۈل بۆلگۈم بار. ھازىر دۇنيادا نۇرغۇن ئادەملەر ئاچارچىلىق دەستىدىن ھاياتىدىن ئايرىلىۋاتىدۇ، بۇ دەل مېنىڭ كۆڭلۈمنى ئەڭ يېرىم قىلىدىغان ئىش، شۇڭا مەن خەير- ئېھسان پائالىيەتلىرىنىڭ بىرىنىمۇ قالدۇرماي قاتنىشىشنى بەك ئارزۇ قىلىمەن.
  مانچېستىر رودژىستوۋا بايرىمىدا بالىلار دوختۇرخانىسىدىكى بالىلارنى يوقلاشنى ئورۇنلاشتۇردى، بۇ شۇنداق ياخشى بىر ئىش، بىز ئۇلارغا ھەرخىل سوۋغىلارنى ئالغاچ باردۇق، ئۇلار بىلەن پاراڭلاشتۇق، تېخى ئۇلار بىلەن بىللە ئوينىدۇق، بىز دوختۇرخانىدا كېسەل ئازابىدىن قىينىلىۋاتقان شۇ بالىلاردا خوشاللىق ئەسلىمىلەرنى قالدۇرالىغانلىقىمىزدىن بەك خۇرسەن بولدۇق. ئىشقىلىپ مەيلى ئاز بولسۇن ياكى جىق بولسۇن، قولۇمدىن كېلىشىچە باشقىلارنى خوشال قىلسامكەن دەيمەن.
  يېقىندا 12-13 ياشلار چامىسىدىكى بىر قىز مانچېستىرنى زىيارەت قىلغىلى كەلدى، ئۇ ئۆزىنىڭ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ھەتتا ئۇزۇن ياشىيالمايدىغانلىقىنىمۇ بىلىدىكەن، ئۇنىڭ بىردىنبىر ئارزۇسى كۇلۇبىمىزدىكى پۇتبولچىلارنى كۆرۈشكەن، بارت (كۇلۇب ئەمەلدارى) مېنى ئۇ قىزغا تونۇشتۇرغان ۋاقتىدا ئۇ شۇنچىلىك خوش بولۇپ كەتتىكى، كۆزلىرى چاقناپ كەتتى، ئۇ قولىنى ماڭا ئۇزاتقاندا، قولىنى سۆيۈپ قويدۇم، ئۇنىڭ شۇ كۈلۈمسىرەشلىرى مېنى تېخىمۇ تەسىرلەندۈردى، لېكىن ئۇنىڭ ئەھۋاللىرىنى ئويلاپ كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى، ھازىرمۇ ئۇ ئەھۋاللار مېنى بەك بىئارام قىلىدۇ. شۇ ۋاقىتتا قىيالمىغان بولساممۇ، چىداپ تۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم، ئۇ شۇ چاغدىمۇ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى، نەچچە كۈندىن كېيىن مەن كۇلۇب ژۇرنىلى كۆرۈۋېتىپ«***نى خاتىرىلەش»دېگەن تېمىنى كۆرۈپ قالدىم، توۋا، مەن شۇ چاغدا ئۇ قىزنىڭ ۋاپات بولغانلىقنى ئاندىن ئۇقتۇم، ئۆزەمنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ كەتتىم، تەقدىر ئادىل بولمىدى، بۇنداق ئىشلار توختىماستىن يۈز بېرىپ تۇرىۋاتىدۇ، بۇنىڭدىن ھەقىقەتەن كۆڭلۈم بەك يېرىم، بەك يېرىم.
  گەرچە بۇ ئىشلار ئادەمنى بىئارام قىلسىمۇ، لېكىن بىزنىڭ ئۇلارغا بېرەلەيدىغان تەسەللىيلىرىمىز، خوشاللىقلىرىمىز ئۇلارغا ھاياتىدىكى قىسقىغىنە دەقىقىلەردىكى خوشاللىقنى ھېس قىلدۇرالايدۇ، گەرچە ھەممىمىز ئۇلارنىڭ پات ئارىدا بىزدىن ئايرىلىدىغانلىقىنى بىلسەكمۇ، بۇ ئىشلار ئادەمنى غەش قىلسىمۇ، لېكىن ئۇلارغا قىسقىغىنە، ئاددىي بىر خوشاللىق ئاتا قىلالىغانلىقىزدىن خۇرسەن بولىمەن، بولسا تېخىمۇ كۆپ خوشاللىق ئاتا قىلالىسامكەن دەپ بەك ئارزۇ قىلىمەن!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-22 16:59:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدومۇ  خىلى  ئاقكوڭۇلكەن  ھە   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-22 17:00:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭ ماھارىتى ھەقىقەتەن قالتىس.
لېكىن ئۇ ماڭا  بىر خىل ھاكاۋۇردەكلا  بىلىنىدۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-22 17:01:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-22 17:02:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەيداندىكى ئاخسالىقىنى تاشلىسا خىلى ياخشى بالتى بولمىسا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-22 17:04:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
bu dunya  di ki ag  hakka wur  adam  u ni kor  sam la ku yuk qeqem tik tu r du mesi  dak   mu la yim amas
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-22 17:04:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4 - قەۋەتتىكى فابرىگاس نىڭ 2009-05-22 16:02 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى  :
بۇ مەيداندىكى ئاخسالىقىنى تاشلىسا خىلى ياخشى بالتى بولمىسا
ئەسكى چاپاننىڭ ئىچىدە ئادەم بار .........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-22 17:05:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋۇ نەقىل ئەسلىدە شاھزادىنىڭ ئىنكاسىغا نەقىل قىلىنماقچى ئىدى خاتا كىتىپتۇ ......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-22 17:17:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممە  ئادەمنىڭ  ئارتۇقچىلىق كەمچىلىكى ئۆزى بىلەن بىللە.بەلكىم سىزگە مەيداندا ئىنتايىن سالاپەتلىك ئاقكۆڭۈل كۈرۈنگەنلەرنىڭ ئىنتايىن  ياخشى ئادەم بوپ  كېتىشىمۇ  ناتايىن .
رونالدو توغرىسىدا سۆزلەپ قوياي .ئۇنىڭ خەيىر ساخاۋەت ئىشىدا ئىشقىلىپ ئۆزىگە چۇشلۇق قىلىپ  كېتىۋاتقىنى راس ،ھىندونوزىيىدە يەر تەۋرىگەندە ئۇ ئۆزىنىڭ تەسىر كۈچىگە تاينىپ 3 ياشلىق يوقاپ كەتكەن بىر قىزنى قەتئىي ئىزدەشتە چىڭ تۇرغان .ئالتون ئاياق مۇكاپاتىنى ئالغاندىن كېيىن ئۆزى كىرگۈزگەن ھەر بىر توپ ئۈچۈن 31  توپنىڭ ھەر بىرىگە مىڭ فوندسىترلىڭدىن 31مىڭ فوندسىتىرلىڭنى ئىئانە شەكلىدە خەيىر ساخاۋەت ئىشلىرىغا  ئىشلىتىشكە بەرگەن.
يەنە بىر خەۋەردە ئۇنىڭ  ئەزەلدىن بىرمۇ مەستانىنىڭ خېتىنى جاۋابسىز قالدۇرۇپ باقمىغىننى ،ئىمزا قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ھەر بىر مەستانىگە خوشاللىق بىلەن ئىمزا قويۇپ بېرىدىغانلىقى توغرىسىدا خەۋەر كۆرگەن ئىدىم .دېيىشلىچە ئۇ ھەر ئايدا 2مىڭ فوندستىرلىڭ ئەتراپىدا پۇلنى مەستانىلەرگە خەت قايتۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىدىكەن ،بۇ پۇل ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەلۋەتتە جىق ئەمەس ،لېكىن ئويلاپ باقساق مۇشۇنچىلىك خەتنى قايتۇرۇشقا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ ؟ئۇ جاۋابەن :ئەلۋەتتە ماڭا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىىكى مەستانىلاردىن توختىماي خەت كېلىپ  تۇرىدۇ ،لېكىن ئۇلارنىڭ بىرىنىمۇ جاۋاپسىز قالدۇرۇشقا كۆڭلۈم ئۇنىمايدۇ ،مەن پەقەت ئۆزۈم ئۈچۈنلا توپ  تەپمەيمەن ،پەقەت شۇ مەستانىلەر بولغانلىقى ئۈچۈنلا مەن مۇشۇنداق داڭلىق بولالىغان ،شۇڭا ئۇلارغا جاۋاپ قايتۇرۇش مېنىڭ مەسئۇليىتىم دېگەن .

بۇ مەن بۇرۇن بىر خەنچە خەۋەردىن كېسىۋالغان رەسىم .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-22 17:20:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىللىرىڭىز بارغانسىرى پىچەت چىقىۋاتىدۇ جىمۇ .........   غەيرەت قىلىڭ . سەنمۇشۇ   c-r ...        
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-22 17:37:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى تېما بوپتۇ ،رەخمەت سىڭلىم    
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-22 18:13:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارا-بارا ئىسىل ئەخلاق-پەزىلەت يىتلدۈرگىلى تۇرۇپتۇدە.  مەيداندىكى ھاكاۋۇرلىقىنى يوقاتىسىلا بولاتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-7 12:30

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش