akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 7079|ئىنكاس: 28

MU نىڭ بۇ پەسلدىكى 11  قەھرىمانى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
      تېخى ئاخشاملا مانچېستېر بىرلەشمىسى كوماندىسى ئېنگىلاند بىرلەشمىسى 37-ئايلانمىدا ساھىبخان مەيداندا ئارسېنال بىلەن تەڭلىشىپ 87 نومۇر بىلەن 08/09 پەسىللىك ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونى بولدى،بۇ مانچېستېرنىڭ ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسنى 11-قېتىم ،ئېنگىلاند يۇقىرى دەرىجىلىك بىرلەشمىسى 18 -قېتىم ئېلىشى ھېسابلىنىدۇ .بۇ پەسىلدىكى چېمپىيونلۇقنى ئېلىشتىكى 11مۇھىم شەخسىنى بىلىشكە قىزىقامسىز ؟ئۇنداقتا ئاخىرىغا دىققەت قىلىڭ ..............
     بۇ پەسىل ئۆتكەن يىلىقى رونالدوغا ئوخشاش ئالاھىدە ئىپادە بىلەن چېمپىيونلۇققا ئالاھىدە تۆھپە قوشقانلار يوق ،ئاساسەن پۈتۈن سەپ بويىچە تىرىششتىن كەلگەن غەلبە .مانچېستېردىكى شۇنچە كۆپ توپچىنىڭ ئىچىدە بۇ يىلىقى ئەڭ مۇنەۋۋەر 11 ئەزا ئىچىدە ھازرىقى ئېنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ ئەڭ ياخشى مەرگىنى رونالدو ،مەيدان ۋەزىيتىنى كونتىرول قىلالايدىغان ،توپ ئۇرۇپ  نومۇر ئالالايدىغان ،شۇنداقلا سەپداشلىرىغا پۇرسەت يارىتالايدىغان رونىي ،بىر توپ بىلەنلا نام چىقارغان ياش ماچېدا ................قاتارلىق قېرى ياش توپچىلار ھەممىسى بار .مۇشۇلارنىڭ مۆجىزىسى ئاستىدا قىزىل ئالۋاستى ئۇدا ئۈچىنچى نۆۋەت ئېنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىنى ئالدى .
--------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------------
1.ئەڭ ياخشى مەرگەن -رونالدو

بۇ رونالدونىڭ ھالقىلىق توپلىرى

ئۆتكەن يىل ئۇ ھەر قانداق بىر ھۇجۇمچىنىڭمۇ ئورۇندىشى خېلى تەس بولغان تاق پەسىلدىكى 42 توپ شۇنداقلا بىرلەشمىدىكى 31 توپى بىلەن ئېنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ شۇنداقلا ياۋروپانىڭ ئالتۇن ئايىقىنى كىيگەن .رونالدونىڭ بۇ پەسىل ئۆتكەن پەسىلدىكىدەك ئالاھىدە ئىپادىسى يوق ،مەيلى مەيداندىكى ئىپادىسى بولسۇن ،ياكى توپ ئۇرۇش ئۈنۈمى جەھەتتىن بولسۇن روشەن ھالدا تۆۋەنلەش بولدى،ئۆتكەن .بىراق شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ يەنىلا ھازىر  19توپ بىلەن ئېنگىلاند بىرلەشمىسىنىڭ مەرگىنى بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ ،بۇنڭ ئىچىدە ھالىقىلىق توپلارمۇ ئاز ئەمەس ئەلۋەتتە .گەرچە پەسىل بېشىدا ئوپراتسىيە قىلىنغانلىق سەۋەبى شۇنداقلا يۆتكىلىش توغرىىسىكى قۇرۇق پاراڭلار دېگەندەكلەر سەۋەبىدىن ئۇنىڭ ھالىتى ياخشى بولماي كەلگەن بولسىمۇ مۇسابىقىنىڭ مۇھىم باسقۇچىلىرىدا ئۇ يەنىلا ئۆزىنىڭ مۇھىم شەخس ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى .ئۆزىنىڭ ئىختىيارىي توپ ،يىراقتىن توپ ئۇرۇش ،شەخسى تېخنىكا قاتارلىق قوراللىرىغا تايىنىپ دۈشمەنگە زەربە بېرىپ كەلدى .بۇ پەسىلدىكى بىرلەشمىدە 18 توپ 6 ياردەمچى پاسنى ئۇنىڭ ئالدىنقى پەسىلدىكى ئىپادىسگە سېلىشتۇرغىلى بولمىسىمۇ لېكىن ئۇنىڭ تۆھپىسگە كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ .بولۇپمۇ  بىرلەشمە ۋە ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ كەسكىن يەرلىرىگە كەلگەندە يەنى ئىنتېر ،پورتۇ ،ئارسېنال قاتارلىقلارغا ئۇرغان توپلىرى بىلەن مانچېستېرنىڭ ئۇزغۇنلۇق لوڭقىىسدا ھەل قىلغۇچقىچە يېتىپ كېلىشگە ،بىرلەشمىدە بولسا ئاستون ۋېلا ۋە توتتىنھام بىلەن بولغان ھەل قىلغۇچ خاراكتېرلىك مۇسابىقىلەردە باش رول ئېلىشى ئۇنىڭ مانچېستېردىكى ھالقىلىق ئادەم بولىشغا يېتىپ ئاشىدۇ .ئۇ يەنىلا مانچېستېرنىڭ توپ ئۇرۇپ نومۇر ئېلىشتىكى ھالقىلىق شەخس .
2.ئورۇن تاللىمايدىغان چولپان -رونىي
بۇ رونىينىڭ بۇ پەسىلدىكى ئىپادىسى
بۇرۇنقى رونىي بولسا ئاساسلىق ئوتتۇرا ھۇجۇمچلىق ياكى بولمىسا ئوتتۇرا  ھۇجۇمچىنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ھۇجۇمغا  ياردەملشىدىغان ئورۇننى ئوينايتى .بىراق بۇ پەسىل بېرباتوفىنىڭ كېلىشى بىلەن فورگىسىن رونىيغا يېڭى بىر ۋەزىپىنى يەنى سول تەرەپنى ئويناشنى تاپشۇردى ،ئۇرۇننىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن رونىينىڭ ئىپادىسى بۇرۇنقىدىن تۆۋەنلىمەستىن ئەكسىچە تېخىمۇ شاشلىشىپ قارشى تەرەپ مۇداپىيەچىلىرىگە ئارام بەرمەيدىغان بولىۋالدى.ئورۇننىڭ ئۆگىرىشى ئۇنىڭدىكى يوشۇرنۇپ تۇرغان ھۈجەيرىلەرنى قوزغىتىۋەتتىمۇ قانداق بارغانسېرى ئۆزىنىڭ ھەر تەرەپتىن يېتىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەشكە باشلىدى ،ئۇنىڭدىكى بەدەن ،سۈرەت ،بۆسۈپ كىرىش بولسا ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى .ئۇنىڭ سول تەرەپتىن بۆسۈپ كىرىپ مەيلى نومۇر ئېلىش بولسۇن مەيلى ياردەمچى پاس بېرىش بولسۇن ئۇنىڭ ئىپادىسى بارسادىكى مىسسىدىن قېلىشمايدۇ .گەرچە مېسسىدەك جىق توپ ئۇرمىغان بولسىمۇ ئوتتۇرا ھۇجۇمچىلىق ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشى ئۇنىڭ ھۇجۇم ئۈنۈمى شۇنداقلا كەيپىياتىغا تەسىر يەتكۈزەلمىدى ئەكسىچە ھەر جەھەتتىن يۇقىرى ئۆرلىمەكتە .ئۇ بۇ پەسىل بىرلەشمىدە 12 توپ كىرگۈزۈپ 7ياردەمچى پاس  بەرگەن .ئۇنىڭ مۇسابىقىنى كونتىرول قىلىشى مانچېستېرنىڭ غەلبە قىلىشنىڭ ئاساسى .ئۇزغۇنلۇقتىكى پورتۇ ،ئىنتېر،شۇنداقلا ئارسېنال بىلەن بولغان مۇسابىقە ئاساسەن رونىينىڭ تىزگىنلىشى ئاساسىدا ئېلىپ بېرىلدى .توتتىنھام بىلەن بولغان مۇسابىقىدىكى قورقۇنۇچلۇق ئىپادىسى (2 توپ بىر ياردەمچى پاس) ئالدىنقى مەيداندا 2:0 كەينىدە قالغان مانچېستېرنىڭ كېيىنكى مەيداندا 5 توپ ئۇرۇپ چوڭ بۇرۇلۇش  بىلەن غەلبە قىلىشىغا كېپىللىك قىلدى .يان تەرەپتىن رونىي بىلەن رونالدونىڭ ھۇجۇم قىلىشى بىلەن مانچېستېرنىڭ ئىككى ياندىن رەقىبلىرىگە كەلتۈردىغان بېسىمى ھەسسىلەپ ئاشتى .رونىينىڭ ئورنىنىڭ ئۆزگىرىشى رونىينى شۇنداقلا مانچېستېرنى بىراقلا قوزغىتىپ 11-قېتىملىق ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىنى ئالدى .
3-چېمپىيونلۇق يولىنىڭ ئىشىكىنى ئاچقۇچى -فىلەتچېر  

بۇ  شوتلاندىيە توپچىسى مانچېستېردىكى رونىي رونالدو ....قاتارلىقلار ئارىسىغا كىرگەندە ئۇنىڭ نامى ئانچە بەك كۆزگە چېلىقمىغانلىقتىن سەل قارالغان چولپان دېيىشكە بولىدۇ .ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى بولغانلىقتىن كىشلەرنىڭ كۆپىنچە ۋاقىتتا كۆرىدىغىنى ئۇنىڭ چىرايلىق توپلىرى بولماستىن بەلكى ھېرىپ چارچاشىنى بىلمەستىن يۈگىرىشى ئورۇن ئېلىشى مۇداپىيە قىلىشى بولىدۇ خالاس .بىراق بىرلەشمە باشلانغاندىلا مانچېستېرنىڭ بۈگۈنكى كۈندىكى چېمپىيونلۇقىنىڭ يولىنى ئاچقۇچى قەھرىمان دەل ئۇ .بىرلەشمە باشلانغاندىلا مانچېستېرنىڭ مۇسابىقە كىرىشى ئانچە ئوڭۇشلىق بولمىغان ،ئەزالارنىڭ ئىپادىسىمۇ دېگەندەك ئەمەس ،رونالدو ئوپراتسىيە قىلىنغانلىقى سەۋەبىدىن مۇسابىقىگە چۈشەلمىگەن توپ ئۇرۇپ نومۇر ئېلىش قىيىن بولغان چاغلاردا ئۇ ئەسقاتتى ،بىرىنچى ئايلانمىدا نېۋكاستىل بىلەن تىراففوردتا تەڭلەشكەندە ئۇ ئاشۇ بىر ھالقىلىق توپنى ئۇرۇپ 1 نومۇرنى ساقلاپ قالدى .پورتىسموۋىزنى ئۇتقاندىمۇ ئۇ ھالىقىلىق توپنى ئۇردى .بولتون بىلەن تەڭلىشىپ قالغاندا ئۇ يەنە شۇ مەيداندىكى مانچېستېرنىڭ بىردىبىر توپىنى ئۇردى ،ئۇ بۇ پەسىل شۇ 3 توپلا كىرگۈزگەن ،لېكىن نومۇر ئېلىشقا بىۋاستە تاقىشىدىغان ،ئىنتايىن ھالىقىلىق توپتىن 3نى كىرگۈزگەن .شۇنداقلا پەسىل بېشىدىلا مانچېستېرنىڭ ئىتايىن تۆۋەن كەيپىياتتىكى ۋاقىتىدا 11-قېتىملىق چېمپىيونلۇق ئۈچۈن ئاساس سالغان .(بىراق ئۇ ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچقا چۈشەلمەيدىغان بولدى)
4-بىر توپ بىلەن نام چىقىرىش -ماچېدا

بۇ پەسىل باشلىنىشتىن بۇرۇن بەلكىم ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشلەر ئۇنىڭ ئىسمىنى بىلىشى مۇمكىن .تاكى بۇ 17ياشلىق ئىتالىيە كىچىك توپچىسىنىڭ مانچېستېر بىلەن ئاستون ۋېلا مۇسابىقىسدە تۇنجى قېتىم مانچېستېرغا ۋاكالىتەن مەيدانغا چىقشىتىن بۇرۇن ئىنتايىن ئاز ساندىكى كىشىلەر ئۇنىڭ بىلشى ياكى كۆرۈپ باققان بولىشى مۇمكىن .بىراق ھازىر ئۇنى بىلمىسىڭىز بولمايدۇ بىراق بۇ نامى چىقمىغان 17 ياشلىق شۇمتەك پەقەت قوشۇپ بېرىلگەن 3مىنۇتلا قالغان ئەھۋال ئاسىتىدا ئىنتايىن چىرايلىق بىر توپ بىلەن شۇنداقلا مانچېستېر ئۈچۈن ئۇرغان تۇنجى توپ بىلەن رەقىبىنى چىرايلىق ئۇزىتىپ قويدى شۇنداقل «بىر توپ بىلەن نام چىقىرىش»نىمۇ تاماملىدى .فورگسىننىڭ ئىشەنچىسگە ئېرىشكەن ماچېدا كېيىنكى مەيداندا يەنە زاپاس ھالەتتە مەيدانغا چىقىپ ساندېرلاندقىمۇ بىر توپ سوۋغا قىلىپ مانچېستېر ئۈچۈن ئىنتايىن قىممەتلىك 6 نومۇرنى ئېلىشقا زور تۆھپە قوشتى .ئۇ فورگسىننىڭ يەنە بىر يېڭى ئەسكىرى .
5-ھالقىلىق ۋاقىتتا ھالىقىلىق توپ -تېۋىز

فورگسىىن ئاخىرى ئۇنى ئېلىپ قېلىش نىيىتى بارلىقىنى ئاشكارلىدى .ئارگېنتىنا توپچىسى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئۆز قىممىتىنى ئىسپاتلىدى .گەرچە ھازىر مانچېستېردا زاپاس ئەزاغا ئايلىنىپ قالغان بولسىمۇ ئۇ ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ،ئىپادىسى ،شۇنداقلا تۆھپىسى ئارقىلىق توپ مەستانىلىرى شۇنداقلا ئاخپارات ۋاستىلىرىنى تەسىرلەندۈردى ،توپ مەستانىلرى ھەتتا ئۇ مەيدانغا چىققان چاغدا گۈلدۈراس ئالقىش سادالىرى بىلەن ئۇنى قارشى ئالدى ھەم «كەتمىگەن تېۋىز ،بىز سېنى سۆيىمىز » دەپ توۋلاشتى .تېۋىزمۇ باشتىن ئاخىر مانچېستېردا قېلىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.مانچېستېر ئۈچۈن 30 مەيدان مۇسابىقىدە 5 توپ كىرگۈزۈپ 3 ياردەمچى پاس بېرىش بىر ھۇجۇمچى ئۈچۈن كۆپ ھېسابلانمايدۇ ئەلۋەتتە .بىراق ئاشۇ توپ ۋە ياردەمچى پاسلارنىڭ مۇھىملىقى ھەر قانداق ئادەمنى قايىل قىلىدۇ .ۋېگان بىلەن بولغان مۇسابىقىدە زاپاس ھالەتتى مەيدانغا چىقىپ 3 مىنۇتتىلا بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۈش ،مانچېستېر شەھەر بىلەن بولغان دېربىدا بىر توپ ئۇرۇپ غەلبىنى مۇقىملاش ،ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتلاردا توپ ئۇرۇپ 6 نومۇرنى غەلبىلىك ئېلىش -دەرىجىدىن تاشقىرى زاپاس ئەزا دېگەن نام ئۇنىڭدىن باشقا ھېچكىمگە مۇناسىپ ئەمەس .
6-ئۇدا 14 مەيدان توپ كەتكۈزمەسلىك -ۋاندېرسار

بۇ پەسىل مانچېستېرنىڭ ھەر قايسى سەپتىكى جەڭلىرى مۇۋاپىقىيەتلىك بولىۋاتىدۇ ،بىرلەشمە چېمپىيونى ئېلىش شۇنداقلا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچقا كىرىش بولسۇن ھەممىسىدە مانچېتسېرنىڭ ئىنتايىن ياخشى بولىۋاتقان مۇداپىيە سېپىنىڭ تۆھپىسى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ .بولۇپمۇ گوللاندىيىلىك ۋارتار ۋاندېرسارنىڭ ئۇدا 14 مەيدان توپ كەتكۈزمەسلىك رېكورتى ھەممىنى قايىل قىلىدۇ .2-ئايدا فۇلھامنى 3:0 مەغلۇب قىلغان شۇ مەيداندىن كېيىن مانچېستېر بىرلەشمىدە ئۇدا 14 مەيدان توپ كەتكۈزمەسلىك رېكورتىنى ياراتتى .گەرچە نېۋكاستىل بىلەن بولغان مۇسابىقىدە قولىدىن توپ چۈشۈپ كېتىش سەۋەنلىكى تۈپەيلىدىىن توپ كەتكۈزۈپ قويغان بولسىمۇ ئۇ ئاللىقاچان مادىرد رىقابەت كوماندىسنىڭ ئىلگىركى ۋارتارى ساقلاۋاتقان 1275 مىنۇت توپ كەتكۈزمەسلىك رېكورتىنى 1311 قا ئۇزارتىپ 5 چوڭ بىرلەشمىىنىڭ يېڭى رېكورتىنى ياراتتى .گەرچە 1390 مىنۇتلۇق ياۋروپا رېكورتىنى بۇزالمىغان بولسىمۇ ئۇ ئاللىقاچان قىلش ئىنتايىن تەس بولغان ئشىنى قىلىپ بولدى شۇنداقلا مانچېستېرنىڭ 3 چېمپىيونلۇققا قاراپ ئاتلىنىشتىكى مۇھىم شەخسنىڭ بىرى بولۇپ قالدى .
7-مۇداپىيىدەئەلا ،توپ كىرگۈزۈش ھۇجۇمچىنىڭلا ئىشى ئەمەس -ۋىدىك
بۇ سېرۋىيەلىك ئولد تىراففوردقا يېڭىلا كەلگەندە ھېچكىم ئۇنىڭ بۇنچە تېزلا مانچېستېرنىڭ ئارقا سېپىدىكى ھازىرقىدەك گىگانت شەخسىنى ئايلىنىشىنى ئويلاپ باقمىغان بولىشى مۇمكىن .ھازىرقى ۋىدىچ بىلەن فېردىناندتىن تۈزۈلگەن ئوتتۇرا بېكنى ياۋروپادىكى ئەڭ ياخشى ئوتتۇرا بېك سېپى دېيىشكە بولىدۇ .ئۇ ھەم فېردىناد ئىككىسى ۋاندېرسارنىڭ 14 مەيدان توپ كەتكۈزمەسلىكىگە ئەڭ چوڭ تۆھپە قوشقان ئىككى ئادەم .ۋىدىك مۇداپىيەدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى ئىپادىسى بىلەنلا ئەمەس بەلكى ھۇجۇمدىكى تۆھپىسى بىلەنمۇ مانچېستېردىكى ئەڭ مۇھىم تۆھپىكارلارنىڭ بىرى .ئۇ ھازىرغىچە بىرلەشمىدە 4 توپ كىرگۈزۈپ 1 ياردەمچى پاس بەرگەن .چېلسى بىلەن ساھىبخان ئوينىغاندىكى تۇنجى توپ ،ساندېرلاندنى بوغۇزلاش ،خۇل شەھەر بىلەن 4:3 بولغان مۇسابىقىدە ئەڭ ئاخىرقى ھالىقىلىق توپنى ئۇرۇش ھەممىسى بىر بىردىن مۇھىم توپلار .ئۇنىڭدىن باشقا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ 8گە كىرىش مۇسابىقىسدە ئىنتېرغا ئۇرغان توپى شۇنداقلا دۇنيا كۇلۇپلار لوڭقىسدا دابەن گاڭبا كوماندىسىغا ئۇرغان توپىدىن ئۇنىڭ ئادەتتىكى «ھۇجۇمچى»ئەمەسلىكىنى ھېس قىلالايسىز .مۇشۇنداق ئىپادىسى بىلەن ئۇ بۇ يىللىق ئېنگىلاند بىرلەشمىسى ئەڭ مۇنەۋۋەر 6 ماھىرنىڭ بىرى بولۇپ تاللاندى ،ئەگەر لىۋېرپول بىلەن بولغان مۇسابىقىدىكى ئاشۇ ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان خاتالىقى بولمىسىدى مۇداپىيەچىلەرنىڭ ئېرىشىشى تەس بولغان ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر ئۇ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن ئىدى (بۇ شەرەپنى گىگىس ئالدى).
8- بىر توپ ئۇرسام بىر ياردەمچى پاس بېرىمەن -بېرباتوف

بۇلغارىيىلىكنىڭ مەيداندىكى مىس مىس ھەركىتى شۇنداقلا «ھورۇنلىقى » شۇنداقلا مۇسابىقىگە بولغان پوزىتسىيىسى سىزنى قايىل قىلالماسلىقى تۇرغانلا گەپ .بىراق ئۇنىڭمۇ قىزىل ئالۋاستى ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىگە ھەرگىز سەل قارىماڭ .ئۇ بۇ پەسىل بىرلەشمىدە 30 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 9 توپ كىرگۈزۈپ 9 ياردەمچى پاس بەرگەن .ئۇنىڭ پاس ھەم نومۇر ئېلىشتىكى تەڭپۇڭلىقى يەنە كىم قىلالايدۇ   بېرباتوفنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىكى تۆھپىسگە يەنىلا سەل قاراشقا بولمايدۇ ،چېلسىنى مەغلۇب قىلىش ،نېۋكاستىل ئۈستىدىن بۇرۇلۇپ غەلبە قىلىش ،بولتون ۋە مىدلىسبۇرگنى مۇتلەق ئۆلتۈرۈش .......ئۇنىڭ توپلىرىنىڭ سانى ئاز لېكىن ساز بولغان ،ھەممىسى دېگۈدەك ھەل قىلغۇچ مۇھىم توپلار .فورگسىن  بېرباتوف مانچستېرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ چوڭ شان شەرەپلەرنى ئەكىلەلىشگە ئىشنىدۇ .
9-كېئىندىن قالغان نومۇرنى بوش ئادەم كىيەلمەيدۇ ---مايكول كاررىك
  
16-نومۇر كېئىن بار چاغدا مانچېستېر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بىر نومۇر .ھازىرچۇ ؟ئۇ يەنىلا مۇھىم خۇددى 7-نومۇردەك .بۇرۇن كاررىك ئىزچىل ئوتتۇرا مەيداندىكى يادرورۇلۇق شەخس بولماي كەلگەن .فورگسىننىڭ مانچېستېر ئەزالىرىنىڭ ئورنىنى بىر قانچە يىل مابەينىدىكى تەڭشىشى ئارقىلىق كاررىكمۇ ئۆزى ياخشى ئوينىيالايدىغان بىر ئورۇنغا ئېرىشكەندەك قىلىدۇ .ئۇ گىگىس ۋە سىكولىسنىڭ يېنىدا تۇرۇپ مانچېستېر ئۈچۈن مۇھىم ۋەزىپىنى زىممىسگە ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ .ئۇ كىرگۈزگەن 5 توپ شۇنداقلا 4 ياردەمچى پاس مانچېستېرنىڭ غەلبە قىلىش يولىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ .چېمپىيونلۇق ئۈچۈن جەڭ قىلىدىغان ئاخىرقى باسقۇچتا ئۇرغان توپلىرى ،ئاستون ۋېلا بىلەن بولغان مۇسابىقىدىكى رونالدونىڭ نومۇرنى تەڭلەشتۈرگەندىكى توپىدىكى تۆھپىسى پورتىسموۋىزنى مەغلۇب قىلغاندا زاپاس مەيدانغا چىقىپ ئەڭ ئاخىرىدا غەلبىنى مۇقىملىشى ،شۇنداقلا چىرايلىق پاس ۋە ھۇجۇم تەشكىللىشى مانچېستېرنى شاھلىق ئورنىغا ئىتتىرىپ باردى .يەنە ئۇنىڭ يىراقتىن توپ ئۇرۇشىمۇ نومۇر ئېلىشتىكى بىر قورال ،ماچېدا ساندېرلاندقا ھالىقىلىق توپنى ئۇرغان چېىغدا كاررىكقا رەھمەت ئېيتىشى كېرەك ،كاررىك يىراق ئۇرغان توپ ئۇنىڭ قەھرىمان بولىشنىڭ ئاساسى .11-قېتىملىق ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى چېمپىيوننىڭ سەپ شەكلىدە ئۇ كەم بولسا بولمايدۇ .
[10-بۇ يىللىق ئەڭ مۇنەۋۋەر شەخس .يۈرىكىم ۋە ھاياتىم قىزىل ئالۋاسىتى ئۈچۈن -گىگىس
گىگىس تىلغا ئېلنسا ئۇنىڭ ئارسېنالغا ئۇرغان دۇنياۋى توپى كۆز ئالدىڭلارغا كەلدىمۇ ؟گىگىس دېيىش بىلەنلا ھەممە ئادەم ئۇنىڭ سول تەرەپتىن چىرايلىق بۆسۈپ كىرىشنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىشى مۇمكىن .بىراق بۇ پەسىل فورگىسىن ئۇنى ئاساسەن ئالدى بەل ئورنىغا ئورۇنلاشتۇردى.سەۋەب ئۇنىڭ تەجىربىسى ھۇجۇم مۇداپىيەدىكى ئۈنۈمىنى كۆزدە تۇتقان .35 ياشلىق بىر ئادەمنىىڭ يەنىلا سول ياندىن تېز سۈرەتتە بۆسۈپ كىرىپ پۇرسەت يارىتىشى ياكى نومۇر ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىش سەل ئاخمىقانىلىكمۇ قانداق ؟گىگىس ھازىرقى ئورنىدىمۇ ئىنتايىن ياخشى ئويناۋتىدۇ،گەرچە ئۇ كۆپ مەيدان ئاساسلىق ئەزا ئورنىدا ئەمەس بەلكى زاپاس ئەزا ئورنىدا چۈشكەن بولسىمۇ بىراق يەنىلا ئۆزنىڭ باشلامچىلىق روھى بىلەن كوماندىنى يېتەكلەپ ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشتى ۋە مۇھىم توپلارنى كىرگۈزۈپ كوماندا ئېھتىياجىلىق بولغاندا پەيدا بولۇپ كوماندىنى غەلبىگە باشلىدى .مىدلىسبۇرگنى يېڭىش ،غەربى ھامنى يېڭىشتىكى ھالقىلىق توپلىرى ،چېلسنى چوڭ نومۇر پەرقى بىلەن يەڭگەندىكى مەيداننى پۈتۈنلەي كونتىرول قىلىشى ،ئاستون ۋېلا ئۈستىدىن چوڭ بۇرۇلۇش ھاسىل قىلغاندىكى 2 مۇھىم ياردەمچى پاس...گەرچە بۇ يىل گىگىس كىرگۈزگەن توپ كۆپ دېگۈدەك ئەمەس ،شۇنداقلا مەيدانغا چىققان قېتىم سانى ئاز ھەم زاپاس چىققان بولسىمۇ مەيدانغا چىققان ھەر بىر قېتىمدا ئەڭ ياخشى ھالەتتە ئويناپ كوماندىنى غەلبىگە يېتەكلىدى ،شۇ ئارقىلىق ئېنگىلاند پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى تارقاتقان «پەسىللىك ئەڭ مۇنەۋۋەر ماھىر »شەرىپىگە ئېرىشتى .بۇ ئۇنىڭ بۇ شەرەپكە تۇنجى قېتىم ئېرىشىشى شۇنداقلا بۇ ھەقىقىي مال ئىگىسىنى تاپقاندەك ئىش بولدى .گىگىس مانچېستېر ئۈچۈن ئەڭ كۆپ مەيدانغا چىققان ئەزا ،بۇ رېكورتنى پەقەت ئۆزىلا يېڭىلاپ ماڭىدۇ .غەيرەت قىل سول قانات پەرىشتە.      
11-مۇداپىيەدە ئۇ بولمىسا ھەرگىز بولمايدۇ -فېردىناند

رېئو فېردىناند سانلىق مەلۇمات جەھەتتە ۋىدىكتىن جىق كەينىدە تۇرۇشى بۇ پەسىل ئۇنىڭغا ئوخشاش دائىم كۆزگە چېلىقىپ تۇرمىغان بولىشى مۇمكىن .بىرلەشمىدە ۋىدىكقا ئوخشاش كىرگۈزگەن توپى شۇنداقلا بەرگەن ياردەمچى پاسلىرىمۇ يوق ،بىراق ھېچكىممۇ ئۇنىڭ مانچېستېرنىڭ پولاتتەك ئارقا سېپىنىڭ تۈۋرۈكى شۇنداقلا يادروسى ئىكەنلىكىنى ئىنكار قىلمايدۇ .ئۇنىڭ ئورنىنى ھېچقانداق ئادەم تولۇقلىيالمايدۇ ،ئۇ مەيدانغا چىقسىلا ئۆزىنىڭ مۇقىم ئىپادىسى بىلەن رەقىبلىرىدىن كەلگەن خەتەرنى بىر تەرەپ قىلىدۇ ،دائىم ئەڭ خەتەرلىك ۋاقىتلاردىلا ئۇ پەيدا بولۇپ مانچېستېرغا كېلىۋاتقان ئۆتكۈر نەيزىلەرگە قالقان بولىۋاتىدۇ ، ئەڭ خەتەرلىك  ۋاقىتلاردىلا ئۇنىڭ سايىسى قارشى تەرەپ ھۇجۇمچىسى ئالدىدا پەيدا بولىدۇ .ئۇ ھەم ۋىدىكتىن تەشكىللەنگەن مۇداپىىيە مانچېستېرنىڭ كۆپ لىنىيىدە جەڭ قىلىشى ئۈچۈن كاپالەت ،ئۇمۇ ۋاندېرسارنىڭ 14 مەيدان توپ يېمەسلىك رېكورتىنى يارىتىشىدىكى ئەڭ مۇھىم تۆھپىكارنىڭ بىرى ،ئارقا سەپتىكى يادرو فېردىناند بولمىغان مانچېستېرنىڭ مۇداپىىيەسى ئادەمگە خاتىرجەملىك تۇيغۇسى بېرەلمەيدۇ .

يەنە مانچېستېرنىڭ چېمپىيون بولىشى ئۈچۈن كۈچ چىقارغانلاردىن ھارماي تالماي يۈگىرەپ مۇداپىيە ھۇجۇمغا تەڭ قاتنشىۋتقان پارك .ئالتۇن ئۆسمۈر ئاندېرسون ،ۋىدىچ ياكى فېردىناد يوق چاغلاردا مۇداپىيدە ئۇلارنىڭ ئورنىنى تولۇقلىغان ئېۋىنىس ،زەمبىرەك سكولىس .....يەنە بىر مۇنچە قەھرىمانلار بار .ئۇلارنىڭ ئۈن تىنسىز مانچېستېرنىڭ چېمپىيونلۇق كۈرىشىگە تۆھپە قوشقىنىغا رەھمەت .
ئاخىردا بۇ قەھرىمانلارنىڭ ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىمۇ كۆتۈرۈپ 99-يىلدىن كېيىنكى مانچېستېرنىڭ ئەڭ شانلىق يەنە بىر يىلنى يارىتىشنى ئۈمىد قىلىمەن !!!


غەيرەت قىل قىزىل ئالۋاستى !!!غەلبە ھەم لوڭقا ساڭا مەنسۇپ!!!
            

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +45 يىغىش سەۋەبى
ئېرفان + 15 ئىجادى يازما
soccer + 5 جاپا چەكتىڭى ..
ئاتېللا + 25

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-17 15:14:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3لوڭقىنى ئېلىپ بولدۇق ،4-لوڭقىغا قاراپ ئالغا!!!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-17 15:21:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئورۇن ئەپ قوياي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-17 15:23:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:MU نىڭ بۇ پەسلدىكى 11  قەھرىمانى

فىرنەنىدچۇ
بىر  باتۇفنىڭ ئۇرنىغا  مۇشۇنى تىزمامسە .....مانچسىتردا مەن قۇل  قۇيدىغان ئىككىلا ئادەم بار  بىرسى ۋىدىچ بىرسى فىرنەنىد ...
بۇ ئىككىسى 2مەيدان مۇسابىقىدە يۇق مانچستىرنىڭ كارامىتى ئاشكارا بۇلىدىغۇ ...فىرنەنىدنى تاشلاپ  قۇيغنىڭ بۇلماپتۇ ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-17 15:29:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئورۇن ئالىدىغانلار ئەجەپ كۆپىيىپ كەتتا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-17 15:44:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىل ھەقىقەتەن ياخشى يىل بولدى!!!!!
ئالۋاستى ئالغا!!!!!ئۆزۇڭنى 28-چىسىلا بىر كۆرسىتىپ قۇي!!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-17 15:47:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بېرباتوفمۇ باركەن ھە.... ئىشقىلىپ ھورۇن پورۇن دەيدۇ ،،لىكىن بەك ئەقىللق جۇمۇ بۇ ..شۇنىڭغا فۇرگېسىن بۇرۇندىن ئامراق بۇنىڭغا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-17 15:49:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:Re:MU نىڭ بۇ پەسلدىكى 11  قەھرىمانى

3 - قەۋەتتىكى ئامېرىكا نىڭ 2009-05-16 19:23 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى Re:MU نىڭ بۇ پەسلدىكى 11  قەھرىمانى :
فىرنەنىدچۇ
بىر  باتۇفنىڭ ئۇرنىغا  مۇشۇنى تىزمامسە .....مانچسىتردا مەن قۇل  قۇيدىغان ئىككىلا ئادەم بار  بىرسى ۋىدىچ بىرسى فىرنەنىد ...
بۇ ئىككىسى 2مەيدان مۇسابىقىدە يۇق مانچستىرنىڭ كارامىتى ئاشكارا بۇلىدىغۇ ...فىرنەنىدنى تاشلاپ  قۇيغنىڭ بۇلماپتۇ ...
فېرناندمۇ باركەن .ئۇ بولمىسا بولمايدۇدە .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2009-5-17 15:53:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:Re:MU نىڭ بۇ پەسلدىكى 11  قەھرىمانى

3 - قەۋەتتىكى ئامېرىكا نىڭ 2009-05-17 15:23 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى Re:MU نىڭ بۇ پەسلدىكى 11  قەھرىمانى :
فىرنەنىدچۇ
بىر  باتۇفنىڭ ئۇرنىغا  مۇشۇنى تىزمامسە .....مانچسىتردا مەن قۇل  قۇيدىغان ئىككىلا ئادەم بار  بىرسى ۋىدىچ بىرسى فىرنەنىد ...
بۇ ئىككىسى 2مەيدان مۇسابىقىدە يۇق مانچستىرنىڭ كارامىتى ئاشكارا بۇلىدىغۇ ...فىرنەنىدنى تاشلاپ  قۇيغنىڭ بۇلماپتۇ ...
  
ھە ھە خاتىرجەم بول ئۇ بولمىسا قانداق بولىدۇ ،ئاخىرى با  دەپ  قويدۇمغۇ ياخشى ئوقۇماپسەن ھە   
ئۆزەڭچە تېخى ئۇ ئىككىسىدىن باشقىسىغا قول قويمايسەن دېگىنە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-17 16:03:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:MU نىڭ بۇ پەسلدىكى 11  قەھرىمانى

ئا   تىزىلىش دەرىجىسىنى ئۆزەڭ تىزدىڭما ؟  مىنىڭچە س،رونالدو بىرىنجى ئورۇنغا تىزىش مۇۋاپىق ئەمەس ،    ۋىدىچ،فىرنەنىد، ۋاندىسارلار  نىڭ بىرسى  ئەڭ ئالدىغا تىزىلشى كىرەك  بولۇپمۇ  ۋىدىچ،فىرنەنىد ، مۇشۇ ئىككىسى يوق مۇسابىقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ باق . ئەندىن رونالدو يوق مۇسابىقىنى كۆز ئالدىڭغا كەلتۈر .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2009-5-17 16:21:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:Re:MU نىڭ بۇ پەسلدىكى 11  قەھرىمانى

9 - قەۋەتتىكى ئىزچى نىڭ 2009-05-17 16:03 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى Re:MU نىڭ بۇ پەسلدىكى 11  قەھرىمانى :
ئا   تىزىلىش دەرىجىسىنى ئۆزەڭ تىزدىڭما ؟  مىنىڭچە س،رونالدو بىرىنجى ئورۇنغا تىزىش مۇۋاپىق ئەمەس ،    ۋىدىچ،فىرنەنىد، ۋاندىسارلار  نىڭ بىرسى  ئەڭ ئالدىغا تىزىلشى كىرەك  بولۇپمۇ  ۋىدىچ،فىرنەنىد ، مۇشۇ ئىككىسى يوق مۇسابىقىنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ باق . ئەندىن رونالدو يوق مۇسابىقىنى كۆز ئالدىڭغا كەلتۈر .
بۇنىڭ دەرىجىسى يوق خاپا بولاپ كەتمە .ھەممىسى ئوخشاش .ئاخىرنى پۈتتۈرگەندە دەرىجىسى ھېچنىمىنى بىلدۈرمەيدۇ دەپ يېزىپ قوياي دەپتىم .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-17 16:26:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:Re:Re:MU نىڭ بۇ پەسلدىكى 11  قەھرىمانى

10 - قەۋەتتىكى ئاخىرلاشتۇرغۇچى نىڭ 2009-05-17 16:21 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى Re:Re:MU نىڭ بۇ پەسلدىكى 11  قەھرىمانى :

بۇنىڭ دەرىجىسى يوق خاپا بولاپ كەتمە .ھەممىسى ئوخشاش .ئاخىرنى پۈتتۈرگەندە دەرىجىسى ھېچنىمىنى بىلدۈرمەيدۇ دەپ يېزىپ قوياي دەپتىم .

ۋاي نىم خاپولايما ...........  ئەمدە ماچىستىر مەستانىسى بولغاندىنكىيىن  سەن ئادىلراق بولسۇن دەيمە ....  س.  رونالدو  بۇيىل  بەك ۋاي دىگىچىلكى يوق ،  (ئۆتكەن يىلقى ئىپادىسىگە گەپ كەتمەيدۇ)  ماچىستىرنىڭ كولىكتىپ ماسلىشى ياۋرۇپادىكى ھەرقانداق كۇلۇلۇپتىن ئشىپ چۈشىدۇ ، مىنىڭچە  س.رونالدو بولمىغانغا كوماندىدا چوڭ ئۆزگىرىش بولمايدۇ .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-10 01:35

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش