akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 6521|ئىنكاس: 29

ئارسىنال تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان ھۇجۇمچىلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئەسسالامۇئەلەيكۇم تورداشلار:
  ئالدىمىزدىكى شەنبەكۈنى(يەنى16-چېسلا ئەتە) مانچىستىر ئۆزىنىڭ مەيدانىدا ئارسىننال كوماندىسىنى كۈتۈۋالىدۇ، ئەگەرمۇشۇمەيدان مۇسابىقىدە مانچىستىربىرنۇمۇر ئالسىلام 2008\2009پەسسىللىك ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسنىڭ بىرنى تاماملىغان بۇلىدۇ...شۇنداقلا ئۆزىنىڭ مەيدانىدا چىمپىيونلۇق غەلبىسىنى تەبرىكلەيدۇ.
  بۇقېتىملىق مۇسابىقىنىڭ يەنە بىر مۇھىم تەرىپى شۇكى،ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى ئايلانما مۇسابىقىسىدىكى ئىككى چوڭ زەرداركۇلۇپنىڭ تېرنىرى گىراف فورگىسىن بىلەن ۋىنگىرنىڭ يەنەبىرقېتىم ئۇچۇرشىشى،ھەممىمىز بىلىمىز ئۇلارئۆزئارا ئىنتايىن كۆپ ئۇچىراشقان،شۇنداقلاھەرئىككىلىسى14ئۇتۇش8ئۇتتۇرۇشتەك تەڭ نەتىجىنى قولغاكەلتۈردى. بۇقېتىملىق ئۇچۇرشۇش بۇئىككى قېرىنىڭ بىرىنىڭ بولسىمۇ ئۇزۇن يىللىق ئۆزئارا تىركىشىش جېڭىدىكى  ۋاقىتلىق بولسىمۇ، ئۈستۈنلىكنى قولغاكەلتۈرۈشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم مۇسابىقە بوپ قېلىشى مۇمكىن،قېنى ۋىنىگىر قىزىل ئالۋاستىنىڭ چىمپىيونلۇق يولىنى ئۇزارتىپ قويامدۇ-يوق؟ گىراف فورگىسىن قورال-ياراق زاۋۇتىنى مەغلۇپ قىلالامدۇ-يوق؟... بۇنىڭ جاۋابىنى شۇكۈندىكى مۇسابىقىدىن كۆرىلى...
  تېمامغا كەلسەك، بۇتېمىدا ئارسىننال تارىخىدىكى ئەڭ جىق توپ كىرگۈزگەن 10 چوڭ پۇتبولچىنى تۇنۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچى...بۇئارقىلىق بۇ،كونا، تۇنۇش دۈشمەنلەرگە مۇسابىقىنىڭ ئالدىدا ئازراق بولسىمۇ بىر روھى ئىشەنچ بوپ قالسا ئەجەپ ئەمەس(بۇنداق دىسەم ماۋۇ مانچىستىرنىڭ مەستانىلىرى خاتاچۈشۈنۈپ قالماڭلار،مەقسەت دۈشمەننى ئالدىن ئاۋال روھى جەھەتتىن تەسسەللىي بېرىپ قۇيۇش،بۇلار ئېننىق ئۇتتۇردىغۇئەمدى......چاقچاق)

  ئۇنداق بولسا قاراپ بېقىڭ قېنى كىملەر بۇ، ھەربىي زاۋۇت تارىخىدىكى ئەڭ كۆپ توپ ئۇرغان ھۇجۇمچىلار؟!(پەقەت بىرلەشمىدىكى كىرگۈزگەن توپىنىلا ئۆزئىچىگە ئالىدۇ)

  10-جېك لامبېرد(Jack Lambert)

جېك لامبېرد ئارسىنال ئۈچۈن143مەيداندا98توپ كىرگۈزگەن:
جېك لامبېرد 1902-يىلى5-ئاينىڭ25-كۈنى ئېنگىلاندنىڭGreasboroughدىگەن يېرىدەتۇغۇلغان بۇلۇپ،1926-يىلى6-ئاينىڭ1-كۈنى ئارسىننال 2000فونىستىرلىڭ خەجلەپ بۇ پۇتبولچىنى كوماندىغائېلىپ كېلىدۇ.بۇ باھائەينى ۋاقىتتاھەرگىزمۇتۆۋەن باھاھېساپلانمايتى.1930-يىلى لامبېردمۇسابىقىدە توپكىرگۈزۈپ ئارسىننال ئۈچۈن تۇنجى ئىنگىلاند ئومۇمىي لوڭقىسىنى ئېلىشىغاياردەم قىلىدۇ.
1933-يىلى10-ئايدا جېك لامبېرد ئارسىننال كوماندىسىنى8 يىل يىتەكلىگەندىن كېيىن،143مەيداندا98توپ كىرگۈزۈپ ئاخىرى بۇھەربىي زاۋۇتتىن ئايرىلدۇ. 1940-يىلى ئۇئارسىننال كوماندىسىنىڭ تېرنىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەش ئۈچۈن تەييارلىق قىلىۋاتقاندا تۇيۇقسىزماشىن ۋەقەسى تۈپەيلى ئالەمدىن ئۆتىدۇ. بۇۋاقىتتا ئۇئارانلا38ياش ئىدى.

  9-جوي خولمې(Joe Hulme)

جوي خولمې ئارسىنال ئۈچۈن333مەيداندا107توپ كىرگۈزگەن:
جوي خولمې ئۇئىنتايىن ئەقىللىق،يۈگرەش يۆلىنىشى ياخشى،ئەتىرپلىق يىتىلگەن پۇتبولچى. ئۇ ۋە جېك لامبېرد،بۇرايئىن قاتارلىقلارھەربىي زاۋۇتنىڭ ئۈچ ھۇجۇمچىسى بۇلۇپ بۇلارئۆزۋاقتىداياۋرۇپادىكى ئەڭ خەتەرلىك ھۇجۇم سېپى ھېساپلىناتى،ئالدىنقى ئەسىرنىڭ20~30-يىللىرى ئۇلارپۈتۈن ياۋرۇپامۇسابىقەمەيدانىنى تىترەتكەن ئىدى.خولمې1928-يىلى ئارسىنال كوماندىسىغاقاتنىشىپ1934-يىلى كوماندىدىن ئايرىلغان.1938-يىلى كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرغان.

8-روھان رادفورد(John Radford)

روھان رادفورد ئارسىنال ئۈچۈن379مەيداندا111توپ كىرگۈزگەن:
روھان رادفورد1947-يىلى2-ئاينىڭ22-كۈنىHemsworth,Yorkshire دىگەن يەردە تۇغۇلغان بۇلۇپ.1962-يىلى ئارسىننال كوماندىسىغاقاتناشقان.پەقەت14پەسسلىك مۇسابىقەجەريانىدا روھان ئارسىننال ئۈچۈن482مەيداندا149توپ كىرگۈزگەن.ئۇھەربىي زرۋۇت تارىخىدىكى ئەڭ جىق توپ كىرگۈزگەن پۇتبولچىلار قاتارىدا9-ئورۇنداتۇرىدۇ،ئۇنىڭ ئېنگىلاندئايلانما مۇسابىقىسىدەكىرگۈزگەن توپى بولسا،379مەيداندا111توپ .

7-داۋېد جېك(David Jack)

داۋېد جېك ئارسىنال ئۈچۈن181مەيداندا113توپ كىرگۈزگەن:
داۋېد جېك1899-يىلى4-ئاينىڭ3-كۈنى ئېنگىلانداتۇغۇلغان.ئۇھەربىي زاۋۇتقاقېتىلماسنىڭ ئالدىدىلائېنگىلاند دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئاساسلىق ئەزاسى ئىدى.1928-يىلى داۋېد جېك تۇنجى بۇلۇپ باھاسى ئون مىڭ فونىستىرلىڭدىن ئاشقان پۇتبولچى ئىدى. شۇيىلى ئۇئارسىننال كوماندىسىغا10750فونىستىرلىڭلىق باھابىلەن بولتون كوماندىسىدىن يۆتكەپ كېلىنگەن.ئۇ ھەربىي زرۋۇت نىڭ تۇنجى بىرلەشمە لوڭقىسىنى ئېلىشىداكۈچ چىقارغان مۇھىم ئادەملەرنىڭ بىرى.
ھەربىي زاۋۇتنى6يىل يىتەكلەش جەريانىدا181مەيدابدا113توپ ئۇرغان .جېك 1958-يىلى59يېشىدالوندوندا ئالەمدىن ئۆتتى.

6-تېد دىراك(Ted Drake )

تېد دىراك ئارسىنال ئۈچۈن168مەيداندا124توپ كىرگۈزگەن:
تېد دىراك1912-يىلى ئېنگىلاندىنىڭ جەنۇبىي ئاپتوندا تۇغۇلغان.1931-يىلىجەنۇبىي ئاپتون كوماندىسىغاكىرىدۇ.3يىلدىن كېيىن ئارسىننالغا قېتىلدۇ.1935-يىلى12-ئاينىڭ14-كۈنى ئارسىننال بىلەن ئاستونۋىلا كوماندىسىدىكى مۇسابىقىدە،ئارسىننال7گەقارىشى1نەتىجەبىلەن ئاستونۋىلاكوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىدۇ، شۇقېتىملىق مۇسابىقىدە تېد دىراك ئۆزىلا 7 توپنىڭ ھەممىنى كىرگۈزدۇ. بۇنەتىجە تابۈگۈنكى قەدەربىرقېتىملىق مۇسابىقىدەئۆزى يالغۇزئەڭ جىق توپ كىرگۈزگەن پۇتبولچى بۇلۇش سۈپۈتى بىلەن رىكوت بۇلۇپ ساقلىنىپ كېلىۋاتماقتا...1935~1936-پەسىللىك مۇسابىقىدە41مەيداندا42توپ كىرگۈزۈشتەك يەنەبىررىۋايەتنى بارلىققاكەلتۈردۇ.1945-يىلدىكى ئۇرۇش ۋاقىتلىرىدا بىرقېتىملىق مۇسابىقىدە ياردار بۇلۇپ كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

5-دوگ لىشمان(Doug Lishman)

دوگ لىشمان ئارسىنال ئۈچۈن226مەيداندا125توپ كىرگۈزگەن:
دوگ لىشمان ئەڭ ئاۋال ئېنگىلادتۆۋەن دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسدىكىWalsallدىگەن كوماندىداھۇجۇمچى بۇلۇپ ئوينىغان بۇلۇپ،كېيىن لوندون كوماندىسىدا8يىل تۇرغان.1948-يىلى ئارسىننال كوماندىسىغايۆتكىلىپ كېلىدۇ.ئۇھەرخىل مۇسابىقەبۇلۇپ244مەيداندا137توپ كىرگۈزىدۇ،بىرلەشمىدەبولسا226مەيداندا125توپ كىرگۈزدۇ.1950-يىلى ئۇئارسىىنال كوماندىسىغائېنگىلاند ئومۇمىي لوڭقىسنى ئېلىپ بېرىدۇ.1951-يىلى ئۇ،ئۇدا3مەيدانداقالپاق ئۇيىنى ئوينايدۇ.

  4-جىممىي بىرائىن(Jimmy Brain)

جىممىي بىرائىن ئارسىنال ئۈچۈن204مەيداندا125توپ كىرگۈزگەن:
جىممىي بىرائىن1924-يىلى ھەربىي قوشۇنغا قېتىلدۇ.توتىنخام كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدە تۇنجى بۇلۇپ مەيدانغا چىقىدۇ،ھەم مۇشۇقېتىملىق مۇسابىقىدە ئەڭ ھالقىلىق بىرتوپنى كىرگۈزۈپ،ئۆزىنىڭ تۇنجى مەيدانىنى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك باشلايدۇ.
1931-يىلى9-ئاينىڭ10-كۈنى،ھەربىي زاۋۇتنى يىتەكلەپ204مەيداندا125توپ كىرگۈزۈپ ئېنگىلاند ئومۇمىي لوڭقىسىنى ئالغاندىن كېيىن مەرگەنلىك ۋاقىتلىرى بىلەن خوشلىشىدۇ،1935-يىلىغاكەلگەندەيېشىل مەيدان بىلەن خوشلىشىدۇ.

3-ئىئان ۋارگېت(Ian Wright)

ئىئان ۋارگېت ئارسىنال ئۈچۈن204مەيداندا125توپ كىرگۈزگەن:
ئىئان ۋارگېت1963-يىلى11-ئاينىڭ3-كۈنى ئېنگىلاندداتۇغۇلغان بۇلۇپ.ئۇھەربىي زاۋۇت تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋەرھۇجۇمچى بۇلۇپلا قالماي يەنە ھەربىي قوشۇن تارىخىدىكى پۇتبولچىلار ئىچىدە خارەكتىرئەڭ كۆرىنەرلىك پۇتبولچىدۇر.
1998-يىلى ۋارگېت ھەربىي زاۋۇت ئۈچۈن ئېنگىلاند بىرلەشمە لوڭقىسنى ئېلىپ بېرىدۇ.ئۇباستىننىڭ توپ كىرگۈزۈش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلايدۇ.ئۇنىڭ توپ كىرگۈزۈش ئۇسۇلى ئىنتايىن ئۆزگىچە، كىشىنى ئىنيايىن ھاياجانلاندۇرىدۇ.كۆپىنچى كىشىلەر ئۇنى ھېنرىي كىلىشنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ ھۇجۇمچى دەپ قارايتى.

  2-كىلىف باستىن(Cliff Bastin)

كىلىف باستىن ئارسىنال ئۈچۈن350مەيداندا150توپ كىرگۈزگەن:
كىلىف باستىن 1912-يىلى3-ئاينىڭ14-كۈنىExeter دىگەن يەرگەيېقىن بولغانHeavitreeناملىق جايداتۇغۇلغان.باستىننىڭ توپ ئويناش قابىلىيتى ئۆسمۈر ۋاقىتلىرىدىلا تونۇلغان بۇلۇپ،1929-يىلى4-ئايدا2000فونىستىرلىڭلىق باھابىلەن ھەربىي زاۋۇتقا قېتىلىدۇ.ئۇئارسىننالغا ياردەملىشىپ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ30-يىللىرىدىكى شانلىق،قۇدىرەتلىك دەۋرىنى يارتىدۇ.ئۇ ئارسىننال ئۈچۈن395مەيداندا178توپ كىرگۈزدۇ،بۇنىڭ ئىچىدە بىرلەشمىدىكى توپى350مەيداندا150توپ بۇلۇپ بىرلەشمىدە بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدۇ.
1931~1932يىللىرى42مەيداندا28توپ كىرگۈزىدۇ.ئۇ ھەربىي قوشۇن ئۈچۈن 2 ئېنگىلاند ئومۇمىي لوڭقىسىنى،5بىرلەشمەلوڭقىسىنى ئېلىپ بېرىدۇ.دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن21قېتىم مەيدانغا چىقىدۇ.
1947-يىلى1-ئايدائۇ كەسپىي ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.1991-يىلى12-ئاينىڭ4-كۈنى ئالەمدىن ئۆتىدۇ.ئۇ ئۆزيۇرتى ئۈچۈن شان-شەرەپ ئەپ كېلىدۇ.

  1-تېررېي ھېنرى(Thierry Henry)

تېررېي ھېنرى ئارسىنال ئۈچۈن254مەيداندا174توپ كىرگۈزگەن:
تېررېي ھېنرى1977-يىلى8-ئاينىڭ17-كۈنى فىرانسىيەنىڭLes Ulisدىگەن يېرىدە تۇغۇلغان.1994~1999-يىللىرى ئۇ فىرانسىيەنىڭ مۇناگوكوماندىسىنى يىتەكلەپ119مەياداندا32توپ كىرگۈزىدۇ ھەم1997-يىلى كۇلۇپ بىلەن بىرلىكتە فىرانسىيە بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلىقىنى قولغا كەلتۈرىدۇ.1998-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىدە جەنۇبىي ئافرىقا بىلەن مۇسابىقىدىن كېيىن نام چىقىرىدۇ ۋە دۆلەت كوماندىسىنىڭ چېمپىيون بۇلۇشىغاكۈچ چىقىرىدۇ،شۇنىڭ بىلەن1999-يىلى1-ئايدايۇۋۇنتۇس كوماندىسىغا يۆتكىلىدۇ.ئارىدىن7ئاي ئۆتۈپ1050تۈمەن فونىستىرلىڭلىق باھا بىلەن ئارسىننال كوماندىسىغايۆتكىلىدۇ.بۇيۆتكۈلۈش ئېنگىلاند تارىخىدىكى 50غەلبىلىك يۆتكىلىشنىڭ بىرى بۇلۇپ ھېساپلىندۇ،شۇنداقلا ھەربىي زاۋۇت تارىخىدىكى ئەڭ مۇنەۋرمەرگەنلەرنىڭ بىرى بۇلۇپ كېيىنكى بىر ئەۋلاد پۇتبول مەرگەنلىرى ئۈچۈن بىر ئۈلگەنىشانىي بوپ قالغۇسى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +35 يىغىش سەۋەبى
بەخىت + 20
pakzat + 15 ئەجىرلىك تېم ..

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-15 20:11:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئىسىمگە كىلىپ مۇسابىجە ئويناپ يۈرگەندە ھىنرى ئارسىنالدا ئىكەنتۇق !  كىيىن بارسىلوناغا يۆتكەلدى ! ھۇجۇمچىلاردىن رونالدو بىلەن ھىنرىغا قەۋەتلا قىزقىدىغان ئىدىم ! ھازىرمۇ قىزقىمەن ئەمدى  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-15 20:12:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتە،،،،بۇيرىسا مانچىستىر ئۆز مەيدانىدا لوڭقىنى كۆتەرسە ئۇزغۇنلۇق ئۈچۈن بولاتتى..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-15 20:14:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ھېنرىدىن باشقا ئاڭلاپ  باققىنىممۇ  يوقكەن دېسە  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-15 20:15:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇلارنىڭ ئىچىدىكى  ھىنرىنى لا  بىلىدىكەنمەن  !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-15 20:16:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېنرى ھەي ھېنرى.....................

ئارسىنالنىڭ ھېلىقى ئالدىدا ئوكسىگىننىڭ بەلگىسى بار كۆك  ھەم سېرىق كىيمى قەۋەتلا يارىشاتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2009-5-15 20:24:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3 - قەۋەتتىكى ئاخىرلاشتۇرغۇچى نىڭ 2009-05-15 20:14 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى  :
   ھېنرىدىن باشقا ئاڭلاپ  باققىنىممۇ  يوقكەن دېسە    

ئامال يوق~~~~
ھەممىمىز ئۆزدەۋرىمىزنىڭ پۇتبولچىلىرىنى تونۇيدىكەنمىز........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-15 20:25:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارسىنالدائەمدى ھىنرىدەك   بىرسى  يىتىشىىپ   چىقىشى  تەس  جۇمۇ؟؟؟
بارساغا  نىمە ئۈچۈن   كەلگەن  بىلىدىغانلار بارمۇ؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-15 20:45:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىرپاننىڭ ئىمزاسى دەششەتقۇ  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-15 20:56:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېنرىي دېگەن خائىن ئارسىنالدا ئويناۋەرمەي  ھەي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-15 20:56:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7 - قەۋەتتىكى بارسېلونا شاھى نىڭ 2009-05-15 20:25 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى  :
ئارسىنالدائەمدى ھىنرىدەك   بىرسى  يىتىشىىپ   چىقىشى  تەس  جۇمۇ؟؟؟
بارساغا  نىمە ئۈچۈن   كەلگەن  بىلىدىغانلار بارمۇ؟؟

چىمپىيونلۇق لۇڭقسى مۇسابىقىسسدە چىمپىيون بولۇش ئۈچۈن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-15 21:00:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشلىقلا باھالاپ قوياڭلا ما تېمىنى ئانچە مۇنچە..............شۆھرەت بولسىمۇ بېرىپ...
ئابدىرھېم خوش بولۇپ قالسۇن.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-10 01:11

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش