akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 7370|ئىنكاس: 33

ئېنگىلاندتىكى سادىق چولپانلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                   ئىنگىلاندتىكى 10 مەشھۇر سادىق پۇتبولچىلار
  ئۇزۇن بولدى مۇنبەرگىمۇ كىرەلمىگىلى، بۈگۈن ۋاقىت چىقىرىپ مۇنبەرگە كىرگەندە قۇرۇق كىرىشتىن خىجىل بولۇپ، ئاز بولسىمۇ ماۋۇ تېمامنى ئالغاچ كەلدىم، كۆپچىلىكنىڭ ئاۋۇ قاپتۇ، ماۋۇ قاپتۇ دەپ تالاشماي كۆرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
  پۇلنىڭ ئاساسى ئورنى كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان ھازىرقى زامان پۇتبولچىلىقىدا بىر پۇتبولچىنىڭ ئۆز پۇتبول ھاياتىدا پەقەت بىرلا كۇلۇب ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشى ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ھەم قايىل قىلارلىق بىر ئىش بولۇپ قالدى، بۇ ئىشلار پۇتبول چولپانلىرىغا نىسبەتەن تېخىمۇ تەسىرلەندۈرۈش ھەم قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە بولۇپ كەلدى، چۈنكى دائىم باشقا كۇلۇبلار بىز ھەتتا بىر ئۆمۈرمۇ كۆرۈپ، تۇتۇپ ساناپ بېقىشقا نائىل بولالماسلىقىمىز مۇمكىن بولغان كىشىنى ئارىسالدىلىققا سالىدىغان شۇنداق يۇقىرى ھەقلەر بىلەن ئۇلارنى قىزىقتۇرىدۇ. ھازىر يۆتكىلىش سوممىسى بارغانسېرى يۇقىرىغا قاراپ ئۆرلەۋاتقان ئىنگىلاند كۇلۇبلىرىدىمۇ يەنىلا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۆز كۇلۇبىنىڭ غەلىبىسى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان، بارلىق تېخنىكىسى، كۈچى، كەسپى ھاياتى ئەڭ مۇھىمى ساداقىتىنى ئۆز كۇلۇبلىرىغا بېغىشلىۋەتكەن ساداقەتمەن پۇتبول چولپانلىرى ھېلىھەم مەۋجۈت.
  ئەمدى گەپنىڭ نېگىزىگە كەلسەك، يېقىندا ئەنگىلىيە《قۇياش گېزىتى》پۇتبولچىلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسى، كۇلۇب ئۈچۈن كۈچ چىقارغان ۋاقتىنىڭ ئۇزن- قىسقىلىقى قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم ئامىللارغا ئاساسلىنىپ، ئىنگىلاندتىكى 10 چوڭ《سادىق قەھرىمان》نى باھالاپ چىقتى، بۇنىڭ ئىچىدە بىز ھەممىمىز چىن دىلىمىزدىن ھۆرمەتلەپ كېلىۋاتقان، 14 يېشىدىلا مانچېستىرغا كېلىپ مۆجىزە يارىتىشقا تۆھپە قوشىۋاتقان قەھرىمانىمىز گىگىس 1- ئورۇنغا تىزىلدى.
1.گىگىس (مانچېستىر)

  گىگىس كىچىك ۋاقىتلىرىدا مانچېستىر رەقىبى مانچېستىر شەھىرى كۇلۇبىغا قاتناشقان، لېكىن ئۇنىڭ كېيىنكى بىر قارارى دەل ھاياتىنىڭ بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالغان. ئەينى يىللىرى بىزنىڭ سالاپەتلىك فۇگسىن بوۋىمىز (ياش ۋاقىتلىرى) گىگىسنى چاقىرغىلى ئاتايىن ئۆزى بېرىپ، ئۇنى كونا تىرانفوردقا ياندۇرۇپ كەلگەن، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن 1991- يىلىدىكى 17 ياشلىق گىگىسنىڭ 1- مەيدان قىزىل ئالۋاستى مۇسابىقىسىنى ئوينىشىدىن باشلاپ، تا ھازىرغىچە 802 مەيدان مۇسابىقە ئوينىدى (تەخمىنەن ھەر 8 كۈندە بىر مەيدان مۇسابىقدىن توغرا كېلىدۇ)، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى غەلىبە- 9 قېتىملىق بىرلەشمە مۇسابىقە چىمپىيونلۇقى شۇنداقلا 1999- يىلىدىكى تارىخىي خاراكتېرلىك غەلىبە- 3 چىمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرۈشتە مۇھىم كۈچ چىقاردى.

2.بىللىي. رۇئايىت (بۆرە كوماندىسى)

  بىللىي. رۇايىت (Billy Wright) دەل《بۆرە كوماندا ئەپەندىسى》، ئۇ 10 يېشىدىن باشلاپلا چىملىق باشقۇرغۇچىسى سالاھىيىتى بىلەن بۆرە كوماندىسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنى باشلىۋەتكەن، ئارقىدىنلا ئۇ كەسپى پۇتبولچىغا ئايلىنىپ، بلاك ماگىستىراتىغا تەۋە بۇ كوماندا ئۈچۈن 500 مەيدانغا يېقىن مۇسابىقە ئويناپلا قالماي يەنە ئىنگىلاند دۆلەت كوماندىسى تارىخىدىكى مۆجىزىلىك كوماندا باشلىقىمۇ بولغان. ئۇ كوماندا مۇدىرىيەت ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھازىرمۇ بۆرە كوماندىسى ئۈچۈن قىلىۋاتقان خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ.

3.ئادامىس (ئارسېنال)

(ھەجەپ سەت چۈشۈپتۇ ما رەسىمگە، شىر پادىشاھتەك)
تونىي. ئادامىس ئارسېنال مۇۋەپپىقىيەتلىك يېتىشتۈرۈپ چىققان غوللۇق ئەزا، ئۇ خېگبىرىد مەيدانىدا 18 يىل كۇلۇب ئۈچۈن توختاۋسىز كۈچ چىقىرىپ كەلگەن، ئۇ ئۆزىنىڭ سەزگۈرلۈكى ۋە ماھارىتى بىلەن مانچېستىرنىڭ نىشانى بولۇپ كەلدى، لېكىن ئۇ ھەرخىل قىزىقتۇرۇشلار ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ، كوماندىسىدىن ئايرىلىشنى رەت قىلىدى. ھازىر ئۇ پورتسىمۇتتا ياردەمچى تېرىنېرلىق ۋەزىپىسىدە، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ مەرگەنلەرگە بىر قوللۇق تېرىنېرلىق قىلىش- ئادامىسنىڭ ئەڭ چوڭ ئارزۇسىدۇر.

4.جېك. چارلىتون (لىز بىرلەشمىسى)

  گەرچە جېك. چارلىتوننىڭ ئاكىسى بوب. چارلىتوندەك نامى بولمىسىمۇ لېكىن ئۇ ئۆزىنىڭ پۈتكۈل كەسپى ھاياتىنى ئېللاند يولى مەيدانىغا بېغىشلاش ئارقىلىق مەستانىلارنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە ئېرىشپ كەلدى. ئۇ كوماندا ئۈچۈن 20 يىلدىن ئارتۇق كۈچ چىقىرىپ، 773 قېتىم مۇسابىقە ئوينىدى، بۇ ئاكىسى بوب. چارلىتوننىڭ مانچېستىردا ئوينىغان مۇسابىقىسىدىن خېلىلا كۆپ ھېسابلىنىدۇ.

5.فىننې (پرېستون)

  تام. فىننې (Tom Finney)ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن خىزمەت قىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇنىڭغا《پرېستون سۇ تۇرۇبىسى ئىشچىسى》دېگەن لەقەم قويۇلۇپ قالغان، ئەمما پۇتبولچىلار دەۋرىدە ئۇ نۇرغۇن كۇلۇبلارنىڭ يۇقىرى ھەقلىك تەكلىپلىرىنى سالماقلىق بىلەن رەت قىلغان، ئۇ ھەتتا 1952- يىلىدىكى ئىتالىيە پالېرمو كۇلۇبىنىڭ 10 مىڭ فوندسىتېلىڭلىق ئەينى ۋاقىتتىكى ئالاھىدە يۇقىرى يۆتكىلىش ھەققىنىمۇ رەت قىلغان. شۇنداق قىلىپ پرېستوننىڭ ئاساسى مەيدانى چوڭقۇر جىلغا مەيدانى ئەتراپىدا تۇغۇلغان بۇ پۇتبول چولپىنى ئۆز ساداقىتى بىلەن كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 400 دىن ئارتۇق مۇسابىقىگە قاتناشقان.

6.لوفىتخوس (بولتون)

  نات. لوفىتخوس ئۇرۇشتىن ئىلگىرى ھەممە بىلىدىغان داڭلىق پۇتبول چولپىنى، مەيلى ئىنگىلاندتا بولسۇن ياكى بولتوندا بولسۇن، ئۇ ھەممىنى جەلپ قىلىدىغان قالتىس مەرگەن ئىدى، ئۇ كوماندىغا ۋاكالىتەن 400 دىن ئارتۇق مۇسابىقىغا قاتناشقان، بۇ سان ئەينى دەۋرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ھەيران قالارلىق دەرىجىدە ئىدى، ئۇ ئۆزىنىڭ جەلپكارلىقى بىلەن مەستانىلەر قەلبىدە چوڭقۇر سېغىنىش ئىچىدە ياد ئېتىلىپ كەلمەكتە. ھازىر بولتۇندىكى رىب مەيدانىنىڭ شەرقىي كۆرۈش سۇپىسى بۇ مەرگەننىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلمەكتە.

7.لېتىشىر (جەنۇبى ئامپتون)

  جەنۇبى ئامپتون مەستانىلىرى لېتىشىرنى چەكسىز ھۆرمەت بىلەن《لې ئەۋلىيا》دەپ ئاتايدۇ، ئۇ ئۆز كوماندىسى ئۈچۈن 16 يىلغا يېقىن كۈچ چىقىرىپ، كەسپى ھاياتىنى كوماندىسى ئۈچۈن بېغىشلىغان، شۇ مەزگىللەردە چىلسى، توتېنھام ھەتتا مانچېستىرمۇ ئۇنى تەكلىپ قىلغان، لېكىن ئۇمۇ قەتئىي ئۆز كۇلۇبى مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، باشقا ئازدۇرۇشلارغا سالماقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلغان، ئەپسۇس بۇ تۆھپىكار چولپان ئۆزىنىڭ ئىنگىلاندتىكى مۇقىم دۆلەت دەرىجىلىك پۇتبول ماھىرىلىق ئورنىنى تىكلىيەلمەي ئۆتۈپ كەتكەن.

8.جېرراد (لىۋېرپۇل)

(ئۇماقلىقىنى )
  سىتىۋىن. جېررادنىڭ لىۋېرپۇلغا بولغان مۇھەببىتى ھەممىدىن قايناق ھەم چوڭقۇر، مېرسىسېد ماگىستىراتىدا تۇغۇلغان يەرلىك لىۋېرپۇللۇق چولپان مورىنئونىڭ يۇقىرى باھالىق تەكلىپى ئالدىدا تەمكىنلىك بىلەن چىلسىغا بېرىشنى رەت قىلغان. جېررادنىڭ لىۋېرپۇلنى يېتەكلەپ چىمپىيونلۇققا ئېرىشىش ئارزۇسى- كىشىنىڭ بۇ چولپانغا بولغان يۈكسەك ھۆرمىتىنى قوزغايدۇ.

9.بروكىڭ (غەربى ھام)

  تىرېۋور. بروكىڭ جېررادقا ئوخشاش غەربى ھامدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، بارلىقىنى غربىي ھامغا بېغىشلىغان چولپان، ئېرىپتون باغچىسى تارىخىدىكى ئەڭ تالانتلىق پۇتبولچىلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، ئۇ 1967- يىلىدىن 1984- يىلىغىچە كوماندا ئۈچۈن سەردارلارچە كۈچ چىقىرىپ كەلگەن، 1980- يىلىدىكى ئۇيۇشما لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە ھالقىلىق بىر توپنى كىرگۈزىدۇ، بۇ نەتىجە ئەينى ۋاقىتتا تېخى ئىنگىلاند B  دەرىجىلىكلەر گۇرۇپپىسىدا تۇرۇۋاتقان غەربي ھام كوماندىسى ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم ھەم ھالقىلىق نەتىجە ھېسابلىناتتى، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ غەربىي ھام مەستانىلىرى تاھازىرغىچە بروكىڭنى تولىمۇ ئىپتىخارلىق بىلەن تىلغا ئالىدۇ.

10.تېررى (چىلسى)

  تېررى كىچىك ۋاقتىدا مانچېستىر مەستانىسى ئىدى، ھەتتا ئۇ ئىلگىرى چىلسىدىن كېتىشنىمۇ ئويلاشقان، ئەمما مورىنئۇنىڭ ئۆتكۈر كۆزلىرى ئۇنىڭدىكى ئاجايىپ يوشۇرۇن قابىلىيەتنى بايقاپ، ئۇنىڭ تېخنىكىسى ۋە رولىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىشەنچ بىلەن كوماندا باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۇنىڭغا تاپشۇردى، شۇ ۋاقىتلاردىن باشلاپ ئۇنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىمۇ ئېشىش بىلەن بىللە كوماندىنىڭ ئىككى قېتىملىق ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسى چىمپىيونلۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە زور كۈچ چىقاردى، بۇنىڭدىن سىرت ئۇ يەنە ئۆز تالانتى ۋە ئىشەنچىسى بىلەن ئىنگىلاند كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقلىق ۋەزىپىسىنىمۇ ئۆز زىممىسىگە ئالدى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +54 يىغىش سەۋەبى
22kaka22 + 10 ???????? ??? ..
بەخىت + 44 ئوماق تىما

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-13 20:10:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالامەت  تىما  يىزۋىتىپسزغۇ .....
جىرراد. تىرررى. گىگىس .ھەقىقتەن تۈھپىكار  پۇتبۇلچىلار بۇلار  پۇل  نام ئابرۇي  قۇغلاشمايدىغان يىرى ھەمىمىزنى قايىل  قىلىدۇ ....قالغانلىرى  بىز  تۇغۇلمىغان ۋاقتىمىزدىكى چۇلپانلاركەن .....شۇنداق بۇلىسمۇ ئۇلارنىڭ ئۈز  كۇلۇبىغا  سادىقلىقى ئادەمنى قايىل قىلدىكەن ... ئىنگلانىدتا  يەنە داۋاملىق مۇشۇنداق سادىق پۇۇتبۇلچىلارنىڭ  چقىشىنى ئۈمۈت  قىلىمەن ....
لەمپاردمۇ  باتتى ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-13 20:16:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېررى  مانچېستېر مەستانىسىمىكەن     ئۇنى ئەكىلىۋالىدىغان ئىشمۇ نېمە     يامان يېرى ئۇ  فېردىناند بىلەن ئانچە بەك  ماسلىشالمايدۇ ،ۋىدىچتەك      
گىگىس نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ ياقتۇرشىغا ئېرىشكەن .ئۇنىڭدىكى ئەخلاق ھەم سادىقلىق ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى تېخىمۇ بەك ئاشۇرىدۇ .مانچېستېردىكى مەيدانغا چىقىش رېكورتىنى پەقەت ئۇ ئۆزىلا يېڭىلاپ ماڭىدۇ     مانچېستېرنىڭ مەڭگۈلۈك 11-نومۇرى شۇنداقلا مەڭگۈلۈك سول قانات پەرىشتىسى بۇنىڭدىن كېيىنكى ئشلىرىڭ ئۇتۇقلۇق بولغاي .
جېررادمۇ  لىۋېرپولدىن ھەرگىز كەتمەيدۇ ،بولمىسا بۇ  چاغقا مانچېستېرغا كەپ بولاتتى (قانچە خەجلەپ بولسىمۇ فورگىسىن  ئەكىلەتتى ئۇنى )
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-13 20:17:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى دەھشەت يېزىۋتىبسىز شائېر...

رەھمەت بىلىۋالدۇق
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-13 20:20:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1 - قەۋەتتىكى ئامېرىكا نىڭ 2009-05-13 20:10 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى  :
ئالامەت  تىما  يىزۋىتىپسزغۇ .....
جىرراد. تىرررى. گىگىس .ھەقىقتەن تۈھپىكار  پۇتبۇلچىلار بۇلار  پۇل  نام ئابرۇي  قۇغلاشمايدىغان يىرى ھەمىمىزنى قايىل  قىلىدۇ ....قالغانلىرى  بىز  تۇغۇلمىغان ۋاقتىمىزدىكى چۇلپانلاركەن .....شۇنداق بۇلىسمۇ ئۇلارنىڭ ئۈز  كۇلۇبىغا  سادىقلىقى ئادەمنى قايىل قىلدىكەن ... ئىنگلانىدتا  يەنە داۋاملىق مۇشۇنداق سادىق پۇۇتبۇلچىلارنىڭ  چقىشىنى ئۈمۈت  قىلىمەن ....
لەمپاردمۇ  باتتى ...
لامپارد
چىلسىدىكى 1دىن بىر چىلسىنىڭ پۇتبولچىسى تېررى،قالغان پۇتبولچىلار باشقا كۇلۇپتىن يۇتكەپ كەلگەنلەر.(ئۇنداق ئەمەسمۇيا)
          كىم قىپ قالدى؟ دىسە كاراگىرنى دىسە بولدۇ.ئەمما خائىن توپ ئۇرۇپ سادىقلىقىنى ئىسپاتلاتىدۇ تاسادىبىيلىققۇ ئەمدى

ئەمما ماۋۇ شائىر رومان دىگەننى يىزۋىتىپتىغۇ.
ياخشى يىزىپسىز خان. 1-جەۋھەر تىمىڭىزمۇ پۇتىپتۇ.  باشلىق بوغان بوسام ھازىرلام جەۋھەرلەپ شۇھرەتتىن قېتىۋىتىتىم.لىكىن ئالىي ئەزالىقتا ئۇنداق ھۇقۇق يوقكەن ئەمەسما.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-13 20:27:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4 - قەۋەتتىكى ئاتۇش نىڭ 2009-05-13 20:20 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى  :

لامپارد
چىلسىدىكى 1دىن بىر چىلسىنىڭ پۇتبولچىسى تېررى،قالغان پۇتبولچىلار باشقا كۇلۇپتىن يۇتكەپ كەلگەنلەر.(ئۇنداق ئەمەسمۇيا)
          كىم قىپ قالدى؟ دىسە كاراگىرنى دىسە بولدۇ.ئەمما خائىن توپ ئۇرۇپ سادىقلىقىنى ئىسپاتلاتىدۇ تاسادىبىيلىققۇ ئەمدى

.......
جىننىڭ قەستى شاپتۇلدا  بۇلاۋاتامدۇ  نىمە ....كۈڭلۈڭدە  جەۋھەرلەپ  قۇيساڭ بۇلدىغۇ ....ھۇقۇقۇڭ يەتمىسە..
راسلام جەۋھەرلەشكە تىگىشلىك تىمتىكەن ....بۇ ئەتىۋالىق مۇنبەر ئەزارىمىزنى  تاماشبىن قىلۋەمەي بىرە ئىلھاملاندۇردىغان نام ئاتاق بەرسەڭلەر  بۇلىدۇ ...لۇكچەك  قىلىپ   قۇيۇڭلار  بۇلمىسا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-13 20:31:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۆرە كوماندىسى ئەينى چاغلاردا راۋۇس دەۋىر سۈرگەن كوماندا ئىكەنتۇق.  ئورنىنى باشقىلار ئاسانلا تارتىۋاپتۇ.  ئۇ كوماندىمۇ تىزراق دەرقىدىن تاشقىرى بىرلەشمىگە قايتپ كەلسە بولاتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-13 20:31:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4 - قەۋەتتىكى ئاتۇش نىڭ 2009-05-13 20:20 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى  :

لامپارد
چىلسىدىكى 1دىن بىر چىلسىنىڭ پۇتبولچىسى تېررى،قالغان پۇتبولچىلار باشقا كۇلۇپتىن يۇتكەپ كەلگەنلەر.(ئۇنداق ئەمەسمۇيا)
          كىم قىپ قالدى؟ دىسە كاراگىرنى دىسە بولدۇ.ئەمما خائىن توپ ئۇرۇپ سادىقلىقىنى ئىسپاتلاتىدۇ تاسادىبىيلىققۇ ئەمدى

.......
جېرراتنى يېزىپ قويسا چىشلىرىڭ چىكتىپتۇدە ،ئۇنىڭ سادىقلىقنى كۆرمىز تېخى بىزنىڭ كاكا كىتىپ قالسا ئورنىغا ئۇنمىسمۇ ئەكىلۋالمىز ،ئۇنىڭ سۈرتىمۇ ئىتالىيەگە ئاران ماس كىلدۇ كۆندىرۋالنىڭ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-13 21:24:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك  ياخشى  يېزىپسىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-13 21:47:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7 - قەۋەتتىكى جاھانگېر نىڭ 2009-05-13 20:31 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى  :

جېرراتنى يېزىپ قويسا چىشلىرىڭ چىكتىپتۇدە ،ئۇنىڭ سادىقلىقنى كۆرمىز تېخى بىزنىڭ كاكا كىتىپ قالسا ئورنىغا ئۇنمىسمۇ ئەكىلۋالمىز ،ئۇنىڭ سۈرتىمۇ ئىتالىيەگە ئاران ماس كىلدۇ كۆندىرۋالنىڭ
ئۇ يەرگە بارماسمىكى كىتىپ قىلشدىن لىۋرىپولدا قىلىشى چوڭراق!!!!!!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-13 23:58:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7 - قەۋەتتىكى جاھانگېر نىڭ 2009-05-13 20:31 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى  :

جېرراتنى يېزىپ قويسا چىشلىرىڭ چىكتىپتۇدە ،ئۇنىڭ سادىقلىقنى كۆرمىز تېخى بىزنىڭ كاكا كىتىپ قالسا ئورنىغا ئۇنمىسمۇ ئەكىلۋالمىز ،ئۇنىڭ سۈرتىمۇ ئىتالىيەگە ئاران ماس كىلدۇ كۆندىرۋالنىڭ
ۋاي كاكانىڭ كىتىشىگە،جېررادنىڭ كىلىشىگە خوش بولاپ كىتىپ بارامسە نىمە
      جېررادنى مادرىد،مانچېستېر،ئىنتېر ئالالمايۋاتسا مىلان ئالالامدا؟توۋا دە ۋوي!
ئىتالىيە بىرلەشمىسى جېررادنىڭ ئويناش سۈرتىگە ماسلىشالامدۇ شۇنى ئويلىيە. جېرراد مىڭىپ ئوينىسا بىرلەشمەڭ ئاران ماسلىشامىكىن.
شان- شەرەپ،لوڭقا دىسە لىۋېرپولدىن ئالىقاچان كەتسە بولتتى،سادىقلىقىنى مۇشۇ يەردىن بىلسە.
نىمدىگەن بىلەن ئۆزنىڭ يۇرتتى،ئۆزنىڭ ئۇسۇپ يىتىلگەن يىرى.
كاكانىڭ سادىقلىقىنى كۇرمىز بىزمۇ؟ئۆزەڭگىمۇ ئايانكەن بولمىسا كىتىشى.
ساڭا سۆزلىگەننىڭغۇ چوتلام پايدىسى يوق . ئۆزەڭنىڭكىنى دىگىنىڭ دىگەن؟ سەرگەردان سەرسان
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-14 00:19:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گىگىس ھەقىقەتەن ھورمەتلەشكە لايىق مانچىستىر توھپىكار~~~~~~~~~~~
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-7 18:28

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش