akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 4300|ئىنكاس: 21

ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىغا نەزەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇيغۇرپۇتبولچىلىقىغانەزەر

بىزشىنجاڭ ئوغۇل-قىزلىرى،بىزئۇمىديۇلتۇزلىرى،
كۈرەش قاينىمىدائۆسكەن،كىرسىز-پاك قۇندۇزلىرى.
بىزئۇمىديۇلتۇزلىرى،
كەلگۇسنى كۆزلەيمىزھامان.
ئالى بىزنىڭ تىلەكلەر،ئىشچان باتۇر بىلەكلەر،
دائىم ئالغائىنتىلىدۇ،دولقۇنلاپ ياش يۇرەكلەر.
ئالى بىزنىڭ تىلەكلەر،
ئالغائاتلايمىزتىنماي ھەرزامان.

پۇتبول ھەرىكىتى ئىنتايىن تەرەققى قىلىۋاتقان بۇگۇنكى كۈندە،پۇتۇن دۇنيادىكى ئادەملەرنىڭ پۇتبول ھەركىتىگە تۇتقان پوزىتىسىيەسى ۋەئاكتىپچانلىقى تىزسۇرئەتتەئۆرلەۋاتىدۇ.ئىلگىرى پۇتبولنى بىرتەنھەركەت سۈپىتىدە قوللىنىپ پۇتبول ئويۇنىنى مەلۇم تۈرگە قاراتقان بولسا،بۇئويۇننىڭ خاراكتىرى ھازىر شۇ ئويۇن ئويناۋاتقان ئادەملەرتوپىنىڭ بىۋاستە ھەر ساھە خاراكتىرنى ئىپادىلەيدىغان،ئۇنىڭدىن ھەممە پۇراق چىقىپ تۇردىغان ئۇنۋىرسال خۇسۇسىيەت ئىپادىلگەن،غورۇرئىپادىلىندىغان بىرخىل ئۇنۋىرسال تەنھەركەتكەئايلاندى.
شۇنداقكەن بىز پۇتبول ھەركىتىنى سەل چاغلىغىلى بولمايدىغان بىر تەنتەربىيە تۇرىكەن دىسەكمۇ ھەرگىز ئاشۇرۋەتكەن بولمايمىز.



ھەمىمىز ئويلاپ كوردىغان بولساق بىزنىڭ پوتبۇل ئويۇنىنى ناھايىتى چوڭ بىلدىغانلىقىمىزۋەئۇنىڭغا بولغان قىزىقىش ئېڭىمىزق انداقتۇرئەمدىلەتىن يىتىلگەن ئىش بولماستىن،ئاللىبۇرۇن قىنىمىزغا سىڭگەن جۇشقۇنلۇق ۋە يىڭىلمەس روھ بىلەن بۇرۇندىن تارتىپ مەۋجۇد بولۇپ كىلىۋاتقان تەبىئى ئامىل ئىكەنلىكىنى پۇتۇن ئۇيغۇر قىرنداشلىرىمىزغا بەش قولدەك ئايان خالاس.


مۇشۇنداق قىن_قىنىمزغا سىڭىپ كەتكەن پۇتبولچىلىقىمىز نىمە ئۇچۇن بۇگۇنكى كۇنگە كەلگەندە سۇسلىشىپ كىتىدۇ؟ نىمە ئۇچۇن بىزنىڭ ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىمىز تەرەققى قىلمايدۇ؟ نىمە ئۇچۇن مەملىكىتىمىزنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇسابىقىلىرىگە كىرەلمەيدۇ دىگەن سۇئاللار بىزلەرنى ئويلاندۇرىدۇ.



بىز ئۇيغۇرلارنىڭ بەدەن ساپاسىغا پۇتبول ئويناش ئەڭ مۇۋاپىق دەپ قارايمەن،لىكىن بىزنىڭ مەكتەپلىرىمىزدە بولۇپمۇ باشلانغۇچ مەكتەپلىرىمىزدە ھازىر تەنتەربىيە دەرسلىكىدە پۇتبول دەرسلىكى بارمۇ؟مەكتەپلىرىمىزدە پۇتبولىنىڭ تەشۋىق قىلىنىشى قانچىلىك،ئاتا_ئانىلارنىڭ قوللىشىچۇ دىگەن مەسىلىلەرمۇ مەۋجۇت.
مەن كىچىك ۋاقىتلىرىمنى ئەسلىسەم 2000-يىلاردىن بۇرۇنقى قەشقەرنى ئىلىپ ئىيتسام نەگە قارساق پۇتبول كوتۇرۇپ يۇرگەن بالىلارنى ماڭدامدا بىردىن ئۇچۇرتۇپ تۇراتتىم ھازىرچۇ،ھازىر قەشقەرگە شۇنداق قارسام پۇتبول كوتۇرۇپ يۇرگەن باللاردىن ۋاسكىتبول كوتۇرۇپ يۇرگەن بالىلارنى كۆپرەك ئۇچرىتىمەن.بۇنڭدىكى ئاساسلىق ئامىل بۇرۇن نەگە بارساق مەيدان تەييار ئوينىغىلى بولاتتى ،ھازىر مەيدان مەسلىسمۇ بىر مەسلە بولۇپ قالدى.(لىكىن ۋاسكىتبۇلغا قەشقەردەمەيدان كوپ)مۇشۇنداق بولغانلىقى ئۇچۇنلا بىزنىڭ كوپىنچە ياشلىرىمىز ۋە باللىىرىمىز ۋاسكىتبولغا قىزىقىپ كەتتى دەپ قارايمەن(شەخسى قاراش) ئۇنڭىدىن باشقا بىزنىڭ بەزەن سىتودىنت ياشلىرىمىزنىڭ پۇتبولغا بولغان كوز قاراشلىرى سۇس.
تەرەقىقى قىلغان دۆلەتلەرگە قارايدىغان بولساق بولۇپمۇ پۇتبول ھەركىتى تەرەقىقى قىلغان دۆلەتلەرگە قارايدىغان بولساق بىر مەيدان مۇسابىقىدە قانچىلىك سىتودىنت بارلىقىنى ھەم قانچىلىك ئادەمنىڭ شۇ بىر مەيدان مۇسابىقىنى كورۈۋاتقانلىقىدىن ئۇلارنىڭ پۇتبولغا بولغان ھىرسمەنلىكىنى ۋە پۇتبول ھەركىتنىڭ شۇ دۆلەتلەردە نىمە ئۇچۇن شۇنداق تەرەققى قىلغىنغا جاۋاپ تاپاللايمىز خالاس،لىكىن بىزنىڭ شىنجاڭدىچۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
بۇگەپنى كورگەن مۇنبەردىكى نۇرغۇن سىتودىنتلىرىمىز چوقۇم ئۇلاردىكى تەرەققىيات ۋە ئىقتىساد بىزدە يوق دىيشى مۇمكىن،دىمىسمۇ ئۇلاردىكى تەرەققىيات ۋە ئىقتىساد بىزدە يوق ۋە بۇجەھەتتىكى پەرقلەرگە سوز ئىچىشمۇ قىيىن، لىكىن پۇل كەتمەيدىغان مەنىۋى پەرىققە قارايدىغان بولساق ، ياۋروپادىكى دۆلەتلەردە پۇتبۇل ھەركىتىنى تەنھەركەت قاتاردا ئەمەس ئوزنىڭ غۇرۇرى قاتاردا كۆرىدۇ،لېكىن بىزچۇ؟؟؟؟؟؟؟ بىز پوتبۇلنى ھازىرغىچە11ئادەم بىلەن11ئادەم بىر توپنى قوغلىشىپ ئوينايدىغان بىر تەنھەركەت دەپ قارايمىز،بىزنىڭ خەنلىرىمىزنىڭ (دۇنيادىن سوز ئاچقىلى بولمايدۇ) ئاسىيادىكى نەتىجىلىرىمۇ كوڭۇلدىكىدەك بولمىسمۇ لىكىن ئۇلاردا پۇتبولغا بولغان تەشۋىقات ۋە مەبلەغ خىلىلا يۇقىرى سالماقنى ئىگەللەيدۇ ۋە ئۇلارنى قوللايدۇ.پۇتبول سىياسىغا چىتلىدىغان بىر ھەركەت بولمىغاندىن كىيىن بىزمۇ شىنجاڭ پۇتبولچىلىقىغا(ئۇيغۇرپۇتبولچىلىقىغىمزغا)مەدەت بەرسەك ، قوللاپ قۇۋەتلىسەك پۇتبولدىكى سىھرى كۇچنى ۋە ساغلاملىقىنى مەنىۋىيتىمىزگە ئوزۇق قىلىپ،تەشۋىقى پائالىيەتلىرىنى كوپەيتسەك ئاۋۋال خەلق ئىچىدە پۇتبول تۇرنىڭ ناھايىتى مۇھىم بىر تۇر ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتسە ياش ئۆسمۇرلىرىمىزدىمۇ پۇتبولغا بولغان قىزىقىش شەكىللەنسە ئۇيغۇر پوتبۇلچىلىقىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كىينىكى تەرەققىياتىغا پايدىسى بولۇشى مۇمكىن.


ئەمدى بىز پوتبۇل ھەركىتىنىڭ بىخ سۇردىغان باشلانغۇچ مەكتەپلىرىمىزگە قارايدىغان بولساق 6يىل مەكتەپتە ئوقۇپمۇ پۇتبول ھەركىتنىڭ قانداق ھەركەتلىكىنى بىلمەي چىقىپ كېتىدىغان بالىلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس.
بۇنداق ئەھۋاللارنىڭ يۇز بىرىشىدە كىمنىڭ سەۋەنلىكى بار؟بىزنىڭ تەرەققىياتمىزنىڭ سەۋەبىمۇ،ياكى مەكتەپلىرىمىزدە پوتبۇل كەمچىلىمۇ،ياكى مەكتەپلىرىمىزدە مەيدان كەمچىلمۇ،ۋە ياكى ئاتا_ئانلىرىمىزدىكى سەۋەنلىكمۇ؟؟؟؟؟؟؟
مەن بۇنىڭىدىكى بىردىن-بىر ئەڭ مۇھىم ئامىل يەنىلا مەكتەپ ۋە ئاتا-ئانىلاردىكى كوز قاراش دەپ بىلىمەن خالاس.
مەكتەپلىرىمىزدە ھازىر قوش تىل چىڭ تۇتۇلۇپ تەنتەربىيەنىڭ ئەھمىيتى قالمىدىغۇ دەپ قارايمەن مۇشۇنداق بولغاندىن كىيىن بالىلارغا توپ ئويناش پۇرستى كۇندىن -كۇنگە ئازىيىپ كىتىپ بارىدۇ.
ئاتا-ئانىلاردا بولسا توپ ئويناش بىر ئەخمىقانە ئىش سەن توپ ئويناپ چولپان بولالمايسەن،ئوقۇشۇڭنى ياخشى ئوقۇپ بازارلىق كەسىپ ئىگەللە دەپ باللارنى توپ ئويناشتىن توسدىغان ئەھۋاللارمۇ ۋە بالىلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سۇ سىپدىغان ئەھۋاللارمۇ مەۋجۇت.





بىزدىكى پۇتبول ھەركىتىمىزگە توسقۇنلۇق قىلدىغان ئەڭ چوڭ بىر مەسلە مەبلەغ مەسلىسى
پوتبۇل ھەركىتىنى تەرەقىقى قىلدۇرۇش ئۇچۇن زور مەبلەغ ۋە شارائىت ھازىرلىشمىزغا توغرا كىلدۇ،لىكىن بۇنچىلىك مەبلەغنى دولەت بىزگە سىلىپ بىرىشى ناتايىن.
بىزدىمۇ شۇنداق پۇل تاپقان ئىقتىسادى شۇنداق جىق بايلىرىمىزمۇ يوق ئەمەس بار .ئۇلارنىڭ پوتبۇلغا بولغان قىزقىشى ۋە پۇتبولنى چۇشۇنىشى ۋەپوتبۇلنىڭ قەدىر قىممىتىنى تونۇپ يىتىشى شۇ بايلىرىمىزدا كەمچىل دەپ قارايمەن. قوللاش بولمىغانلىقى شىنجاڭ پوتبۇلچىلقىنى(ئۇيغۇر پۇتبۇلچىلىقىمىزنىڭ)تەرەققىياتنى چۇشەپ قوياۋاتىدۇ دەپ ھىس قىلمەن.
يەنە بىر مۇھىم ئامىل پوتبۇل ھەرىكىتىمىز تىخى بىز ئۇيغۇرلاردا كەسىپلەشمىگەنلىلىك ئامىلى.

بىزنىڭ شىنجاڭدا16ۋىلايەت(ئوبلاست)بار مۇشۇ16ۋىلايەت(ئوبلاستلار)دابىردىن كۇلۇب قۇرۇپ يىلدا شىنجاڭدىمۇ بىرلەشمە ئويۇشتۇرۇشىقا بولمايدىغانلىقىغا مەن ئىشەنمەيمەن،مۇشۇنداق كۇلۇپ قۇرۇپ بىرلەشمە مۇسابىقىلەرنى ئويۇشتۇرۇپ تۇرسا بىزنىڭ ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىمىزنىڭ تەرەققى قىلماسلىقىغا سىز ئىشنىەمسىز؟
قەشقەردە غىنى ھاجىممۇ مەخسۇس بالىلارنى يىغىپ پوتبۇلنى ئاساس قىلغان ئوقۇتۇشنىمۇ ئىلىپ بىرىپ باققان لىكىن بۇ ئىشنىڭ نىمە ئۇچۇن توختاپ قالغانلىقى ماڭا نامەلۇم،مۇشۇنداق نامى بار بايلىرىمىز مۇشۇنداق تەربىيلەشلەرنى بوشاشتۇرماي مەبلەغ سالسا مەبلىغنى قايتۇرۋالالماسمۇ؟؟؟؟؟؟؟
ئەلۋەتتە قايتۇرۋالالايدۇ، لىكىن بۇنىڭغا ئۇزۇن جەريان كىتىدۇ،مۇشۇ جەرياننى ئۇلار كۇتۈپ بولالمايدىغان ئوخشايدۇ.
پۇتبول ھەرىكىتى تەرەققى قىلغان دولەتلەرگە قارايدىغان بولساق ئۇلاردىكى پۇتبول ھەركىتنىڭ تەرەقىياتىنى كەسىپلىشىش ۋە كۇلۇبلىشىشتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
شۇنىڭ ئۇچۇن مەن پۇتۇن شىنجاڭدىكى پوتبۇل سويەر ئۇيغۇرلىرمىزدىن ئوتۇنىدىغىنىم ئۇيغۇرلارنىڭ كەلگۇسى پۇتبۇل تەرەققياتى ئۇچۇن بىر كىشلىك تۆھپىسنى ئايماسلىقنى قولنى-قولغا تۇتۇشۇپ كەلگۇسى پۇتبولچىلىقىمىزنىڭ گۇزەل ئەتىسىنى ئورتاق يارىتىشمىزنى ئۇمىد قىلىمەن.

دىگەندەك ياخشى چىقمىغان بولسىمۇ ئوزۇمنىڭ شەخسى كوز قارىشىمنى بەزەن ماتىرىياللارغا بىغىشلاپ يىزىپ باقتىم  مۇنبەرداشلارنىڭ تەنقىدى پىكىرلىرنى ئايماسلىقىنى ئۇمىد قىلىمەن

پايدىلانغان ماتىرياللار:http://bbs.salkin.cn/read.php?tid-74066.html

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +20 يىغىش سەۋەبى
milan + 20 ئەھمىيەتلىك ..

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-2 09:19:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ھازىر پۇتبول ھەركىتى----دۇنيانىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسمى بولۇپ كەتتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-2 09:21:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىملەر  ،،   بالىلار    ،،،    بوۋايلار     ،،،         ؟؟؟؟؟؟؟؟


  قېنە  ئوتتۇرا  ياشلار  ؟؟؟       قېنە   قىنى  قىززىپ  تۇرغانلار    ؟؟؟

                   بۇ  سەركەردىگە  قويۇلغان سۇئال  ئەمەس  ،،،  بەلكى  ئۇيغۇر  جەمئىيتىگە  قويۇلغان  سۇئال  .  

            نېمىشقا جەمئىيەتنىڭ تۈۋرۈك كۈچلىرى بولغان  ئاشۇ  كۆپ ساندىكى ياش بالىلار ،  پۇتبول مەيدانلىرىدا يوق ؟

  ھاراق-تاماكا ،  كەيىپ-ساپا، قۇشقاچ ئويۇنى ،،،،،،   ۋەھاكازالار  ....

             نۇرغۇن ياشلىرىمىزدىكى چۈشكۈنلىشىش   ۋە  ياكى  تۇرمۇشنىڭ قاتتىق ھەم ئېغىر بولغان بېسىملىرى   ئۇلاردىن  پۇتبولنى تارتىۋىلىپ  بارىدۇ  ،،،

               كىچىك ۋاقىتلىرىدا  توپنى  جان  دەپ   ئوينايدىغان   بەزى    بالىلار    چوڭ  بولىشىغا  ئەگىشىپ   توپنى  ئوينىمايدىغان بولۇشتى   ،،  نېمىشقا دەپ  سورالساا؟  


             ،،،،  چوڭ بولاپ  قالدۇق   ،  يانا كىچىك  بالىدەك توپ  ئويناپ  يۇرەمدۇق   ،،،
              ،،،توپ  ئوينىساق  نىمە  چىقىدۇ  ؟؟  يا    شىنجاڭدا  توپ  ئويناپ  تەرەققى  قىلغىلى  بولمىسا  ؟!
             ،،،،، ئادەم  توپ  ئوينىسا  تەر  بۇراپ  قالىدىكەن ،،  قاچان  قارىسا  سىسىق   بۇراپ     ،،
               ،،،،، ئاداش  ،،   قىز  دوست  تاپتىم  ،،   ئەمدى  شۇنىڭ  بىلەن  ئويناي   ،،،    يۆخۈي  باتى   ،،،


                    ھەقىقەتەن  يەنە  بىر  رىئالنى  مەسىلە  بىزدىكى  كەسىپلىشىش دەرىجىسى  ،،     بىزدە  توپ  ئوينايدىغانلار  ئارىسىدا  سىسىتىمىلىق  تەربىيلەنگەەنلەر    بەك  ئاز  ،،    خەلىقنىڭ  بۇ  كەسىپتىن  ئۈمۈدى  ئۈزۈلگەن  ،،  


                    سەركەردە  دىگەندەك  شىنجاڭدا  ئۆزىمىز  بىر  كەسپى  بىرلەشمە  قۇرساق  بولامدا  نىمە  ؟     

مۇشۇ  ھەققىدە  ئىزدىنىپ  باقساق  بولغۇدەك  !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-2 09:36:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:ئۇيغۇرپۇتبولچىلىقىغانەزەر

پۇتبولنى مەنمۇ بەك ياخشى كۆرىمەن،بىراق .......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-2 09:47:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنىڭ ئەڭ ئاساسلىق بولغان سەۋەپلىرى، چەتكە قېقىلىش، ۋە بىر- بىرىمىزنى كۈرەلمەسلىك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-2 10:59:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ ئاتۇشلۇق مويسىپىتلىرىمىزغۇ ئاۋۇ،،،،،،،بەكلا تىمەن جۇمۇ.......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-2 11:10:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلارغا مەبلەخمۇ بار بولدى لىكىن كۆرەلمەسلىك بەك ئىغىر....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-2 11:11:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزمۇ باشلانغۇچ،تولۇقسىزدىكى ۋاقىتلىرىمزدا شۇنداق قىزىقاتتۇق پۇتبۇلغا...ئەمما مەيدان مەسىلىسى شۇنچىلىك قىينىغان ئىدى.مەھەللىدە توپ تەپسەك خوشنىلار تىللاۋاتقان..بۇنى دەپ ئاتا-ئانىمىزبىلەن خوشنىلار ئۇرۇشۇپ كېتىۋاتقان..مەكتەپلەرگە بارساق توپ ئويناتمايتى..خۇددى بىر مەيدانى ئۇپراپ كېتىدىغاندەك..شۇنداق بولسىمۇ ئاز راق پۇرسەت بولسىلا توپلىشىپ توپ ئويناپ يۈرەتتۇق.ئەمما تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن نېمە سەۋەپ بولدى بىردىنلا سۇسلىشىپ كەتتى.ھازىر يۇرتلارغا بېرىپ قارسىاق پۇتبۇل ئوينايدىغان بالىلارنى كۆرۈش تەس..كىچىك بالىلارمۇ تورخانا دەپ يۈگرەيدىغان بولۇپ قاپتۇ...دېمىسىمۇ ھېچكىم بۇ تۈرنى قوللىمىسا،ئۇنىڭ ئۈستىگە توپ ئوينىغان بالىلارنى قوغلاپ ،تىللاپ يۈرسە.كىمنىڭمۇ يەنە توپ تەپكىسى كېلىدۇ..دەيسىلەر؟ مېنىىڭ ئاشۇ ۋاقىتلاردىكى ئارزۇيۇم..بىر توپ مەيدانى قۇرۇپ،مەھەللىدىكى بالىلار بىلەن بىللە كۈندە توپ ئويناش ئىدى..ھېي..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-2 11:15:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى كۆز قاراشلارنى ئۇتتۇرىغا قويۇپسىز.قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن.
سىز دىگەندەك بولسا ئۇيغۇر پۇتبۇلچىلىقى چوقۇم تەرەققى قىلغان بولاتتى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-2 11:22:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر پۇتبولچىلىقىنىڭ داۋاملىق تەرەقىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-2 12:20:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي      مەبلەغ  ۋە باشقا ئىجتمائىي ئامىل چەكلەپ كويدى بىزنىڭ پۇتبولنى .................

        بولمىغان بولسا ئەڭ چوڭ بىرلەشمە 6بولغان بولاتتى ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-5-2 12:21:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبولغا بىز ئۇيغۇر خەلقنىڭ ئالاھىدە ئىشتىياقى بار
ھەمىسى دىگەندەك ياخشى كۆردۇ بۇ مۇنبەرلا ئۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئىسپاتى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 23:12

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش