akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 5400|ئىنكاس: 31

بىزنىڭ چولپانلىرىمىز  (stars_gmg)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                    مانچېستىر تارىخىدىكى 10 چوڭ پۇتبول چولپىنى
مانچېستىر تارىخىدىكى 10 چوڭ پۇتبول چولپىنى باھالاپ چىقىلدى، بىرىنچىسى بېسىت، ئونىنچىسى C رونالدو.
1878- يىلى قۇرۇلغان مانچېستىر كۇلۇبى شۈبھىسىزكى دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى كۇلۇبلارنىڭ سەردارى، كۇلۇبنىڭ 130 يىللىق تارىخى مابەينىدە نۇرغۇن مۇنەۋۋەر پۇتبول چولپانلىرى مەيدانغا كەلدى، بۇ مانچېستېرنىڭ سېھرىي كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپلا قالماي، مانچېستېرنى تولۇپ تاشقان كۈچ قۇدرەتكە ئىگە قىلدى. 4- ئاينىڭ 24- كۈنى مانچېستېر تارىخىدىكى 50 چولپان باھالاپ چىقىلدى، بەلكىم سىز ۋە مېنىڭ كۆز قارىشىمىزنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلى بۇ 50 چولپانغا قارىتا ئۇنداق- مۇنداق پىكىرلەردە بولۇشىمىز مۇمكىن (ئۇ كام قاپتۇ، بۇ كام قاپتۇ دەيدىغان گەپلەرنىڭ چىقىشى ئېنىق) لېكىن شۇنداقتىمۇ بىر مۇھىم نۇقتىنى ئۇنتۇماڭكى، قانداقلا بولمىسۇن بۇلار تارىخ بېتىگە يېزىلغان چولپانلار، مانچېستېر روھىنى ئۆز پۇتبولىدا نامايەن قىلالىغان پۇتبول قەھرىمانلىرى!
1. جورج. بېسىت (1974- 1963)

  مانچېستېر ياشلار مەشىق بازىسىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن بېسىت 1963- يىلىدىن 1974- يىلىغىچە مانچېستېر ئۈچۈن كۈچ قوشۇپ كەلگەن، ئۇ ئۆزىنىڭ مانچېستېر ھاياتىدا 361 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 138 توپ كىرگۈزگەن. 1965- يىلى ۋە 1967- يىلى ئىككى قېتىم بىرلەشمە مۇسابىقىدا چىمپىيون بولغان، 1968- يىلىدىكى ياۋروپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدىكى چىمپىيونلۇقتىمۇ ئۇنىڭ تۆھپىسى بار بولۇپلا قالماستىن يەنە 1968- يىلىدىكى ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. 7- نومۇرلۇق بۇ پۇتبول ماھىرى مانچېستېر تارىخىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز جەزبىدار قەھرىمان!
2. بوبى. چارلىتون (1973- 1954)

  يەنە بىر مانچېستېر ياشلار مەشىق بازىسىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن چولپان، ئۇ چېكىنگەندىن كېيىن 1984- يىلىدىن تاكى 2008- يىلىغىچە مانچېستېر مۇدىرىيەت ئەزالىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ، داۋاملىق ھالدا مانچېستېر ئۈچۈن كۈچ قوشۇپ كەلگەن. ئۇ مانچېستېرنىڭ ئۈچ قېتىملىق بىرلەشمە مۇسابىقىدە چىمپىيون بولۇشىغا زور كۈچ چىقارغان، بۇ چولپىنىمىزمۇ 1968- يىلىدىكى ياۋروپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسىدا مۇھىم كۈچ قوشقۇچى زەربىداردۇر، ئەڭ مۇھىمى شۇكى، ئۇ 1966- يىلىدىكى ئىنگىلاند دۇنيا لوڭقىسى چىمپىيونلىقىنىڭمۇ مۇھىم كۈچ قوشقۇچى سەركەردىسى!
3. كانتوننا (1997- 1992)

  گەرچە مانچېستېر ئۈچۈن كۈچ چىقارغان ۋاقتى ئۇزۇن بولمىسىمۇ، مانچېستېر مەستانىلىرى قەلبىدىكى “King Eric”.  ئۇ مانچېستېردا تۇرغان بەش مۇسابىقە پەسلىدە ئۆز ماھارىتى ۋە كۈچىنى نامايەن قىلىپ، كىشىلەردە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرلەرنى قالدۇردى، ئۇمۇ مانچېستېر تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن پۇتبول جەزبىدارىدۇر!
4. دەننىس. لاۋ (1973- 1962)

  بۇ چولپىنىمىز 1962- يىلى تورىنودىن مانچېستېرغا كەلگەن بولۇپ، 115 مىڭ فوندستېرلىڭلىق يۆتكىلىش ھەققى ئەينى ۋاقىتتىكى ئىنگىلاند پۇتبولچىلىرىنىڭ ئەڭ يۇقىرى باھا رېكورتىنى ياراتتى. چولپىنىمىز كانتونناغا ئوخشاش ئۇنىڭمۇ “The King”,دېگەن جەلپ قىلارلىق نامى بار. ئۇ ئۆزىنىڭ مانچېستېر ھاياتىدا 409 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ 237 توپ كىرگۈزگەن، مانچېستېرنىڭ سېھرىي كۈچىمۇ دەل مۇشۇ!
5. گىگىس (1987- يىلىدىن ھازىرغىچە)

   تا بۈگۈنگە قەدەر ئۇ 799 قېتىم مانچېستېر ئۈچۈن مۇسابىقىگە چۈشتى، خۇدايىم بۇيرىسا بۇ ھەپتە تېخى 800- مەيدان مۇسابىقىنىمۇ ئوينايدۇ (ھەممىمىز توختىماي مەدەت تىلەيمىز)، ئۇمۇ ئۆزىنىڭ مانچېستېر ھاياتىدا چوڭ- كىچىك بولۇپ جەمئىي 29 چىمپىيونلۇقنى ئېلىشقا خېلىلا تۆھپە قوشقان، شۇنىسى ئېنىقكى، گىگسمۇ مانچېستېر تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن، مانچېستېر تارىخىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز چولپاندۇر!
6. روي. كىئېن (2005- 1993)

  بۇ ماھىرىمىز 1993- يىلى نوتتىنگھامدىن مانچىېستىرغا يۆتكىلىپ كېلىپ، ئىپسىۋىچنىڭ ئىز باسارلىق ئورنىنى ئىگىلىگەن، 98- 1997 يىلىدىكى مۇسابىقە پەسلىدە بەختكە يارىشا تۇيۇقسىز چېكىنىشنى قارار قىلغان كانتوننانىڭ كوماندا باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ، مانچېستېر ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقاردى. شۇنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىزكى: 92- يىلى مانچېستېر تەڭداشسىز قوشۇنى دەل كىئېننىڭ باشلامچىلىقىدا ئاجايىپ مۆجىزىلەرنى يارىتىپ، پۈتۈن دۇنيانى يەنە بىر قېتىم قايىل قىلدى.
7. دانكېن. ئېدۋاردس (1958- 1952)

  يەنە بىر مانچېستېر ياشلار مەشىق بازىسىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن سەركەردە. ئەپسۇسلىنارلىقى شۇكى،
بۇ توپچىمىز 1958- يىلىدىكى مىيۇنخېن ئاۋارىيىسىدە مەستانىلەر ۋە دۇنيا بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى، گەرچە ئۇ مانچېستېردىكى چېغىدا ئوتتۇرا مەيدان مۇداپىئەچىسى بولسىمۇ. لېكىن كىشىنى قايىل قىلارلىق ئاجايىپ ھۇجۇم ماھارىتىگىمۇ ئىگە ئىدى، سىتانلىي. ماسسۇزىنىڭ «ئۇ دەھشەتلىك دېڭىز دولقۇنلىرى ئارىسىدىكى مەزمۇت قورام تاشقا ئوخشايدۇ»دېگەن سۆزى ھەممىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.
8. شۇمېچىل (1999- 1991)

  1991- يىلى بىلونددېربىدىن مانچېستېرغا يۆتكىلىپ كەلگەن بۇ چولپان ئۆزىنىڭ مانچىستېر ھاياتىدا 292 مەيدان مۇسابىقە ئويناپ، %42 مۇسابىقىدە توپ تارتقۇزۇپ قويماسلىقتەك
سالماق ھالەتنى ساقلاپ كەلگەن. ئۇ فۇگسىن بوۋىمىز ئەڭ پەخىرلىنىدىغان، مانچېستېرنىڭ ئەڭ پەخىرلىك ۋارتارى، تا ھازىرغىچە ھېچكىممۇ ئۇ ياراتقان سالماق ھالەتنى بۇزۇپ باقمىدى.
9. بىرىيان. روبسون (1994- 1981)

  1981 - يىلى 1 مىليون 500 مىڭ فوندسىتېرلىڭلىق يۆتكىلىش رېكورتى بىلەن غەربىي بىرومۋىچتىن مانچېستېرغا كەلگەن بولۇپ، مانچېستېرنىڭ ئىككى قېتىملىق چىمپىيونلۇقنى ئېلىشىدا زور تۆھپىسى بار، مانچېستېر تەربىيىلەپ يېتىشتۈرگەن بۇ چولپان ھازىرمۇ مانچېستېر دىپلوماتىيە ئەلچىسى بولۇپ، يەنە داۋاملىق تۈردە مانچېستېر ئۈچۈن كۈچ چىقارماقتا!
  10. C رونالدو (2003- يىلىدىن تاھازىرغىچە)

2003 - يىلىدىكى لىسبون رىقابەت مۇسابىقىسىدە بايقالغان بۇ توپچىمىز ھازىرمۇ پۈتۈن
دۇنيانىڭ دېققىتىنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرىۋاتىدۇ، ئۇ بەلكىم مانچېستېر تارىخىدىكى ئەڭ تالانتلىق پۇتبولچى بولۇشقا مۇناسىپتۇ، ئۆتكەن پەسىللىك 49 مەيدان مۇسابىقىدە ئۇ 42 توپ كىرگۈزۈپ، مانچىستېرنىڭ بىرلەشمە مۇسابىقە ۋە چىمپىيونلۇق لوڭقىسىدىن ئىبارەت قوش غەلىبىنى قولغا كەلتۈرىشىگە راۋۇرۇس كۈچ چىقىرىپلا قالماي يەنە ئالتۇن توپ مۇكاپاتى ۋە دۇنيا پۇتبول ئەپەندىسى شەرىپىگىمۇ ئېرىشىپ، پۈتۈن دۇنيانى يەنە بىر قېتىم ئۆزىگە قاراتتى، شۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ئۇنىڭ كەينىدىن چىقىدىغان ئۆسەك سۆزلەر بەك جىق، بەك جىق. بەلكىم كەلگۈسىدە ئۇنىڭ يۆتكىلىش ھەققى داۋاملىق تۈردە يۈز مىليون ياۋروغا ئۆرلىشى مۇمكىن.
باشقا چولپانلىرىمىز:
11.            روگىر. پەيرىن (1958- 1949)
12.     سىكولىس (1994- يىلىدىن ھازىرغىچە)
13.     مارتىن. بۇكان (1983- 1972)
14.     بېكىنھام (2003- 1993)
15.     سىتام (2001- 1998)
16.     ۋەننىستېلروي(2006- 2001)
17.     رۇنىي (2004- يىلىدىن ھازىرغىچە)
18.     سىتېۋىن. كوپپىل (1983- 1975)
19.     بىللى. ۋىلان (1958- 1953)
20.     تومى. تايلور (1958- 1953)
21.     سىتېۋىن. بىروس (1958- 1953)
22.     نورمان. ۋاتسېد (1989- 1982)
23.     نوربى. سىتىلېس (1971- 1960)
24.     پاردى. كىرلاند ( 1972- 1963)
25.     بىللى. مېردىس (1921- 1906)
26.     گارى. پالىسېت ( 1998- 1989)
27.     بېل. فوكىس (1970- 1952)
28.     دەننىس. ئېلۋان ( 2002- 1990)
29.     دەننىس. ۋويلېت (1962- 1950)
30.     رىيو. فېردىناد (2002- يىلىدىن ھازىرغىچە)
31.     جوننى. كار ( 1953- 1936)
32.     ماك. خۇگېس (1986- 1980، 1995- 1988)
33.     سورسكىيا (2007- 1996)
34.     بېرىئان. كېد (1974- 1963)
35.     گارى. نېۋىل (1992- يىلىدىن ھازىرغىچە)
36.     سىتېۋىننى (1978- 1966)
37.     رو. ماركال (1984- 1973)
38.     ئېددى. كېرمان (1958- 1953)
39.     توننىي. دۇننى (1973- 1960)
40.     ج. جوردان (1981- 1978)
41.     كېۋىن. مائۇرىن (1988- 1978)
42.     پائۇل. ئىنىس (1995- 1989)
43.     پائۇل. مەگرىگولاس (1989- 1982)
44.     يورك (2002- 1998)
45.     بىرىيان. ماكىرونى (1998- 1987)
46.     ئاربىستون (1988- 1974)
47.     ئاندى. كول (2001- 1995)
48.     سام. مەكىرونى (1982- 1971)
49.     شېرىنھام (2001- 1997)
50.     ۋىدىچ (2006- يىلىدىن ھازىرغىچە)

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +88 يىغىش سەۋەبى
wolfcry + 30 ئوماق تېما
shevchenko + 28 ياخشى يىزىپس ..
شەمشاد + 30 ئوماق تېما

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-4-24 19:52:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا تارتىپسىز ، ئوماق تېمىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-4-24 19:57:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوماق  تېما        باھايىڭلا  ئېسىل بوپ  كېتىپ  بارىدۇ ياق  ئوماق بوپ  كېتىپ  بارىدۇ  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-4-24 20:02:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2 - قەۋەتتىكى ئاخىرلاشتۇرغۇچى نىڭ 2009-04-24 19:57 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى  :
ئوماق  تېما        باھايىڭلا  ئېسىل بوپ  كېتىپ  بارىدۇ ياق  ئوماق بوپ  كېتىپ  بارىدۇ    
قىزلارنى كۆرسە ھەممە ئادەم ئۇماقلىشىپ كىتدۇ
بەك ئىسىل تىما بوپ تۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-4-24 20:12:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنداق مانچىستىرنىڭ تارىخىدىكى مۇنەۋۋەر چولپانلار بەك كۆپ يوللاندى، لېكىن ماۋۇ بەك «ئوماق تېما» بوپتۇ .....  

   تېخىمۇ تىرىشىپ «ئوماق» قىلىپ ئېنتىر تارىخىدىكىلەرنى يىزىپ قويسىڭىز بەك پەيزى بولاتتى ...  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-4-24 20:13:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-4-24 20:15:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رونالدونىڭ چىرايلىق چىقىپتۇ.....   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-4-24 20:15:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىشىنىمەنكى روننىي مانچىستىردىن تەۋرەنمەي ھازىرقىدەكلام كۈچ چىقىرىدىغان بولسا مۇشۇ قاتارنىڭ بىرىنجىسىگە تىزىلىدۇ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-4-24 20:24:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوماق بولار مۇشۇندا بولار ھەممىسى شۇكەن مۇشۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-4-24 20:37:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جىگس غا ئامراق جۇمۇ مەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-4-24 20:39:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:بىزنىڭ چولپانلىرىمىز  (stars_gmg)

فەننىستىرلوي    كىرمەپتۇ  10  نىڭ  ئىچىگە  ھە؟؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-4-24 21:03:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:بىزنىڭ چولپانلىرىمىز  (stars_gmg)

9 - قەۋەتتىكى بەختىيار نىڭ 2009-04-24 20:37 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى  :
جىگس غا ئامراق جۇمۇ مەن
ئى باش سۈرەتتىكى غوجامدىنمۇ ئامراقمۇ ھاجىم؟!  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-7 18:28

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش