ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 1912 |
تۆھپىسى: سەر |
|
ئوتكەن يىلى مۇشۇ ۋاقىتلاردا چىمپيۇنلۇق لوڭقىسى يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابقىسى تۇغۇرسىدا بىر تىما يوللىغان ئىدىم ، ئىختيارسىز ئوتكەن يىلىدىكى يىرىم ھەل قىلغۇچقا كىرگەن كوماندىلارنى ئەسلەپ قالدىم ۋە شۇ تىمىنى ئىچىپ كورۇپ يەنە ئىلھام كىپ قالدى ،
http://www.putbol.cn/read.php?tid-8471.html مۇشۇ تىما شۇ ،
دۇسلارنىڭ ما تىمغا ئىنكاس يىزىشتىن بۇرۇن ئوتكەن يىلى يوللىغان تىمامنى بىر قىتىم ئۇقۇپ كۇرۇپ بىقىشىنى تەۋسىيە قىلمەن ،
يەنە بۇيىلمۇ ئوخشاشلا ئىنگلاندنىڭ ئۇچ كوماندىسى +بارسلونا يىرىم ھەل قىلغۇچقا كىردى ، پەقەت شۇ لىۋرپولنڭ ئۇرنىغا ئارسنال ئالماشتى ،
ئىنگلاندنىڭ زەردارلىرى بارغانسىرى ھەددىن ئىشىپ چىمپيۇنلۇق لوڭقسى مۇسابىقىسىنى ئۇيۇشما لوڭقسى مۇسابىقىسگە ئوخشتپ قويۋاتىدۇ ،
ئۇدا ئۇچ يىل ئىنگلاندنىڭ زەردارلىرى چىمپيۇنلۇق مۇسابقىسدە تۇت كوچلۇكنىڭ ئۇچنى ئىگەللىدى ، ئۇدا ئىككى يىل ئىنگلاندنىڭ كوماندىلىرى ئىتاليە بىلەن ئىسپانيە كوماندىلىرىنىڭ شاملىنى يىغىپ ئۇزنىڭ <<دۇنيادىكى بىرىنچى بىرىنچى بىرلەشمە >> ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى ،
ئەمدى نۇۋەتتكى ئۇچرىشىدىغان رەقىبلەرگە نەزەر سالايلى
ئارسىنال VS مانچىستر بىرلەشمسى
چىسلى VS بارسلونا
دىمەك بۇ مۇسابىقلەرنى كورمىگەن توپ مەستانلىرىنىڭ ئوزى ئەخمەق
------------------------------------------
ئارسىنال VS مانچىستربىرلەشمىسى
بۇلار تۇغىرىسدا تەھىلل قىلىش ئارتۇقچە ، چۇنكى بۇلار ئىنگلاندتىكى كونا رەقىبلەر ، ۋىنگى VS فۇرگىسىن دىگەننىڭ ئۇزىمۇ بۇ مۇسابىقىنىڭ كۇرۇش قىزىق نۇقتىسىنى يەنە بىر بالداق يۇقىرى كۇتۇرىدۇ
http://www.putbol.cn/read.php?tid-8504.html
بۇئىككى كوماندىنىڭ ئومۇمى تۇتۇشقان قتىم ساننى دەپ ئولتۇرمىساممۇ بۇلار ، بۇلار ھەر بىر مۇسابىقىدە پەسىلدە ئەڭ ئاز دىگەندە ئىككى قىتمىدىن تۇتۇشۇپ كىلۋاتىدۇ ، بۇيىلىقى ئىككى مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككىلىسى بىر مەيداندىن ئۇتتى ،
ھەر ئىككىلىسى چىمپيۇنلۇق لوڭقسى مۇسابىقىسدە ئەڭ ياخشى ھالىتنى ساقلاپ كىلۋاتىدۇ ، بۇلۇپمۇ ئالاھىدە تىلغان ئىلشقا ئەرزىيدىغنى شۇكى ئارسىنال كوماندىسدىكى ئۇششاق شۇملار بۇيىل پىشپ يىتلىگەندەك قىلىدۇ ، بۇلۇپمۇ كىچك يولۋاس ۋۇركىت، ئادىبايۇ فابىرىگاس ۋان پىرىس قاتارلىقلار ،
مانچىستر بىرلەشمسنڭ يىقىنقى ئىككى يىلىدىكى ئىپادىسىگە گەپ تۇغرا كەلمەيدۇ ، يىڭى ئەسىردىكى ئەڭ ياخشى ھالىتدە تۇرىۋاتىدۇ دىسەكمۇ بولىدۇ ،
تاكىتكا جەھەتتكى مۇنازىرىلەرنى بورە يىغىسى ئىرپان ئاخىرلاشتۇرغۇچى ۋە فابىرىگاس قاتارلىق بۇرادەرلەرگە قالدۇردۇم
بارسلونا VS چىسلى
بۇ ئىككى ئۇتتۇرسىدىكى شاپائەت ۋە ئاداۋەتنىڭ ئۇرقى يەنە باشلندىغان بولدى ، مۇرىنئۇ دەۋرىدە ئىككى كوماندا ئوتتۇرسىدىكى ئاداۋەت خىلى يۇقىرى دەرىجگە كۇتۇرلگەن،مۇرىنئۇ دەۋرىدە بارسلونا بىلەن چىسلى بىرىسى بىرىسىگە دائىملىق مىھمان ئىدى (قىزىق يىرى مۇرىنئۇ كەتكەندىن كيىنلا بۇ ئىككى كوماندا مۇسابىقىلىشپ باقىمدى )
بۇئىككسى تارىختا ئۇن بىر مەيدان تۇتۇشقان بۇلۇپ بارسلونا بەش مەيدان ئۇتۇپ ئىككى مەيدان تەڭلىشپ توت مەيدان ئۇتتۇرغان،
2005-يىلى ۋە 2006-يىلى بۇ ئىككى كوماندا جەمئى ئالتە قىتىم ئۇچراشقان ، بارسلونا ئىككى مەيدان ئۇتۇپ ئىككى مەيدان تەڭلىشپ ئىككى مەيدان ئۇتتۇرغان ، دىمەك ھەر ئىككىلىسى ئوتتۇرىسدا بۇ جەھەتتە ھىچقانداق ئارتۇقچىلق يۇق ، ئەلۋەتتە بۇ سىلشتۇرۇش پەقەت تارىخقا بىرىلگەن باھا بۇلۇپ ھىچنىمىنى چۇشەندۇرۇپ بىرىلمەيدۇ ( بۇنىڭغا ئاخشامقى پۇرتۇ بىلەن مانچىستر ئۇتتۇرسىدىكى مۇسابىقە ئسپات )
بۇ پەسلىدىكى بارسانىڭ ئىپادىسىگە گەپ كەتمەيدۇ ، ياۋرۇپادىكى ھۇجۇم نسىبىتى ئەڭ يۇقىرى كوماندا بۇلۇپ قالدى ، ئۇچ قىلچۋازنىڭ شەمشەرلىرىمۇ داتلاشماس پۇلاتىن ئىشلەنگەن ئوخشايدۇ بۇ پەسل ، ئەيتۇ دىگەن چاتاقچى ئىش چىقارمىغان بولسا ، مادىرىد تىن شۇستر كەتمىگەن بولسا ئوتكەن يىلى بىرنابۇدا كۇرۇلگەن مەنزىرە يەنەكۇرلۇپ قالاتىى بۇيىل پەقەت قارشى ئالغۇچى بىلەن ئىلنغۇچى ئالمىشپ ،
چىسىلىنىڭ ئىپادىسى بۇيىل بەكلا تۇراقسىز بولدى ، سىكلارى كىلىپ خەقنىڭ مەيدانىدا بەك چىللاپ ئۇزىنىڭ مەيدانىدا شۇمشىيپ ياۋاشنى كورسە بەك چۇقۇپ يامانغا يۇلۇقسا قۇنداققا چىقىۋىلىپ دىگەندەك تازا ئىپاسىنى تاپالماي تۇرىۋاتقاندا ئابلاخۇن بىر ئەقلىنى ئىشقا سىلىپ سىكلارىغا داۋاي دەپ ھىدىنك نى ئەكەلدى ، بۇ تىرنىرنى تۇنۇشتۇرمىساممۇ ھەممىز تۇنۇيمىز
http://www.putbol.cn/read.php?tid-3540.html
شۇنىڭ بىلەن چىسىلىمۇ ئۇزىنى تۇزەشتۇرىۋالىدى ، لىۋرپول بىلەن ئوينغان مۇسابىقسى ھازىرمۇ ئىسىمدىن چىقمايۋاتىدۇ تىخى
تاكىتكا جەھەتتكى مۇنازىرلەرنى يەنىلا ئامىرىكاجان ئاتۇش ئۇغلى vsپۇرلى مىسكىن زەرپشان قاتارلىق بۇرادەرلەگە قالدۇردۇم ،
بۇ تىما ئىلمى مۇنازىرە قىلىدىغانلارنى قارىشى ئالىدۇ ، ئۇرۇش جىدەل چىقىرىدىغانلار بولسا چىرايىلىقچە داۋاي
تىرنىرلارنىڭ تاكىتكا جەھەتتكى ئۇرۇنلاشتۇرشنى تۇغرا تاپالىغان مۇنبەرداشلارغا يۇز مىڭ دوللار مۇكاپات بىرىلىدۇ (ئەلۋەتتە چىقدىغان ئاساسلىق ئەزانى دەپ قويغانلىق تاكتىكا ئۇرنلاشتۇرشىنى تاپقانلىق بولمايدىغانلىقنى مۇنبەرداشلار مەندىن ئىنق بىلىدۇ ) |
|