akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 7391|ئىنكاس: 37

ئىنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى20 نادىر مۇسابىقە [ئامىرىكا]

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئالدى بىلەن تىمىنى يىزىشقا  ھەمكارلاشقان ھەم مېنى قىممەتلىك ماتېرىياللار بىلەن تەمىنلىگەن ئوماق ئوكوجانغا چىن  كۈڭلۈمدىن رەھمەت ئىيىتمەن


ئېنگىلاد بىرلەشمىسنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بېرى كۇنسېرى ئەۋجىگە چىقىشىغا ئەگشىپ نۇرغۇن نادىر مۇسابىقىلەر مەيدانغا كەلدى،بەلكىم نۇرغۇن ئىنگىلاد مەستانىلىرى بىر مۇسابىقە پەسلىدە پۇتۇن ئىنگىلادتا زادى قانچە مەيدان مۇسابىقە بولىدىغانلىقىنى بىلمەسلكى مۇمكىن ، لېكىن بۇلار ئىچىدىكى ئېسىل مۇسابىقىلەرنى،مەيلى ئۇيۇشما لوڭقىسىدا شەكىللەنگەن بولسۇن ، ياكى ئۇزغۇنلۇقتا بولسۇن ياكى بىرلەشمىدە بولسۇن،ئاسان ئۇنتۇپ كىتەلمەيدۇ. ئۇنداقتا بىر مۇسابىقە پەسلىدە ئىنگىلادتا زادى قانچە مەيدان مۇسابىقە ئوينايدۇ ـــ 100 مەيدان . يەنى ئىنگىلاتتا بىر مۇسابىقە پەسلىدە 100 مەيدان مۇسابىقە ئوينىلىدۇ <دەرىجىدىن تاشقىرى مۇسابىقىگە قاتنىشدىغان كوماندىلار ئارىسىدا دىمەكچى >
بۇ مۇسابىقىلەر بەزىلىرى كۇچلۇكلەر بىلەن كۇچلۇكلەر ئۇچرىشىشى ، بەزىلىرى ئاجىزلار بىلەن ئاجىزلار ئۇچرىشىشى ،چېمپىيۇنلۇق تالىشىش ئۇرۇشى ، دەرىجە ساقلاپ قېلىش ئۇرۇشى ، دېربىي ئۇرۇشى ، ئۆچ ئېلىش ئۇرۇشى بولۇپ تۇرىدۇ ،دەل مۇشۇ سەۋەپلىك نۇرغۇن قىزىقارلىق ئىشلار، نۇرغۇن نادىر مۇسابىقىلەر مەيدانىغا كىلىدۇ ، ئىس-تۇتەكسىز جەڭنىڭ ھەقىقي ماھيىتى ئېچىپ بېرىلىدۇ . ئۇنداقتا بىزنىڭ بۇ ھىكايىمىزنى 50-يىللاردىن باشلانغانمۇ ياكى بىر مۇسابىقە پەسلىدە بارلىققا كەلگەن مۇسابىقە ئارىسدىن تاللاپ چىقىلغانمۇ ؟ NO . بىزنىڭ بۇ ھېكايىمىز 90-يىللاردىن كىيىن رەسمى يۇسۇندا شەكىللەنگەن ئېنگىلاد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمسىنىڭ 20 يىللىق تارىخىنى ۋاراقلاش ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن ،ئەلۋەتتە 90-يىللاردىن بۇرۇن بۇنىڭدىنمۇ نادىر مۇسابىقىلەر ئوينالغان بولىشى مۇمكىن ، لېكىن بۈگۈنكى كۇندىكى ئېنگىلاد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ ھەقىقى نامايەندىسى بولغان قىزغىن ،جىددى كەيپىياتلىق مۇسابىقىنىڭ ئۇلى دەل 90-يىللاردىن باشلانغان دەپ ئېيتالايمىز.
ئۇنداقتا بىز 90-يىللاردىن كېيىنكى ئېنگىلاد دەرىجدىن تاشقىرى بىرلەشمىدە بارلىققا كەلگەن 20 مەيدان نادىـــــــر مۇسابىقىگە نەزەر سېلىپ باقايلى!
ئەسكەرتىش: رەت نۇمۇرى ھېچنېمىگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ ، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئىناۋەتسىز>


1. 1992-1993 مۇسابىقە پەسىلى مانچستىر بىرلەشمىسى1 VS شىفىرد بىرلەشمىسى2


ئىنگىلاد دەرىجدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ بارلىققا كېلىشگە ئۈلگۈرۈپلا مانچىستىرمۇ قان ئالماشتۇرىدىغان ،ھەم خاندانلىق ئالماشتۇرىدىغان دەۋىرگە بىرىپ قالغان ئىدى . مانچستىر شۇ قېتىملىق قان ئالماشتۇرغاندىن كېيىن ھېچكىممۇ ھازىرقىدەك ئېنگىلادنىڭ غوجا ئاكىسىغا ئايلىنىشنى خىيالىغا كەلتۇرۇپ باقمىغانىدى . لىكىن بۇ ئىنگلادنىڭ غوجىسى ئىنگىلاد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى يولغا قويۇلغان تۇنجى يىلى ،ھەم تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە تۇنجى توپىنى كىرگۇزۇشكە مۇيەسسەر بولالمىغاننىڭ ئۈستىگە تۇنجى مۇسابىقىسىنى مەغلۇبىيەت بىلەن كۇتىۋالىدى . 1992-يىلى 8-ئايىنىڭ 15-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئېنگىلاد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى مانچستىر بىلەن شىفىرد بىرلەشمىسى ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بېرىلدى ، بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ تارىخى ئەھمىيىتى ئىنتايىن چوڭقۇر بولۇپ كىم بىرىنچى بولۇپ توپ ئۇرسا ، كىم يەڭسە تارىخنىڭ ئالتۇن ۋاراقلىرىغا ئىسمى يېزىلاتتى ، لىكىن مانچىستىر بۇ« تۇنجى » لارنىڭ ھېچقايسىغا مۇيەسسەر بولالمىدى ، مۇسابىقە باشلاپ 5 مىنۇت بولغاندا بۇران.دىيىن شفىرد بىرلەشمىسى ئۇچۇن ھەم ئىنگىلاد بىرلەشمىسنىڭ تۇنجى توپىنى ئۇرىدى ، مانا شۇنداق قىلىپ ئىنگىلاد دەرىجدىن تاشقىرى بىرلەشمىسنىڭ تۇنجى توپى مەيدانغا كەلدى ، 50 مىنۇتتا يەنە نۇقتا توپقا ئېرىشىپ شىفىرد بىرلەشمىسى پۇتۇنلەي ئۈستۈنلۇككە ئېرىشتى، قىزىل ئالۋاستىلار گەرچە مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا شۇس نىڭ بىر توپىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ بۇ تارىخى خاراكتىرلىك يېڭىلشكە تەن بەرمەي ئامالى بولمىدى.
لېكىن شۇنى دەپ ئۆتۈپ كېتىش مۇھىمكى بۇ تارىخى خاراكتېرلىك داڭلىق شەخس بۇران.دىيىن ئىنگىلاد دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن پەقەت 3 قېتىملا مەيدانغا چىقىش پۇرستىگە ئېرىشكەن.
بۇ مەيدان مۇسابىقىگە يىغىنچاقلانغان ھالقىلىق سۆز: ـــــــ تارىخى خاراكتېرلىك نەتىجە. ــــــــــــ
2. 1992-1993 مۇسابىقە پەسلى مانچستىر3 vs شىفىرد چارشەنبە 3

ھەر يىلى 12-ئايىنىڭ 26 -كۈنى روژدىستىۋا بايرىمى بولىدۇ ،1992-يىلى دەل مۇشۇ كۈنى شىفىرد چارشەنبە كوماندىسى ساھپىخان مەيداندا مانچستىرنى كۈتىۋالىدۇ . شۇ ۋاقىتتا ئېنگلاندتىكى بارلىق ئاخپارات ۋاستىلىرى بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئەھمىيتىنى ئېغىزغا تەگمەي ئۇچۇرۇپ بۇ مەيدان مۇسابىقىنى بىر جەڭگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ . مۇسابىقە باشلاپ شىفىرد چارشەنبە كوماندىسدىكى خېست يىراقتىن بىر توپ ، بىر نۇقتا توپ ئۇرۇپ كوماندىغا زور خوشاللىق ئىلىپ كىلىدۇ .كىيىنكى مەيدان باشلاپ ئۇزاق ئۆتمەي يەنە شۇ شىفىرد چارشەنبە كوماندىسىدىن شىللىر بىر توپ ئۇرۇپ نومۇر پەرقىنى 0:3 قىلىپ ئۆزگەرتىدۇ ، ھەم مانچستىرنى تەسلىم ئۇلتىماتى تاپشۇرشقا قىستايدۇ ، لېكىن فۇگسىننىڭ لۇغىتىدە «مەغلۇبىيەت»دىگەن بۇ سۆز يوق ئىدى ، شۇڭا ئۇ دەرھال كەنچىرس بىلەن گىگسىنى ئالماشتۇرىۋېتىدۇ،دەرۋەقە مۇسابقە تەتۈرسىگە ئۆرىلىدۇ ،ئەڭ ئاخىرقى مىنۇتتا مەيكىلان 2 توپ ، كانتونا 1 توپ ئۇرۇپ مەغلۇبىيەتنى خۇشاللىققا ئايلاندۇرىدۇ. بۇ مۇسابىقە بولسا روژدىستىۋا بايرىمى جەريانىدا شەكىللەنگەن ئەڭ يۇقىرى نۇمۇر پەرىق بىلەن تەڭلىشىپ قىلىش بولۇپ ھېساپلىنىدۇ، بۇ رىكورت تاكى 2007-2008 مۇسابىقە پەسلىدە ئاندىن بۇزۇلىدۇ .
بۇ مەيدان مۇسابىقىگە يىغنچاقلانغان ھالقىلىق سۆز:ـــــــــــــــــ بايرام مۇبارەك ـــــــــــــــــــ

3. 1992-1993 مۇسابىقە پەسلى مانچىستىر2 vs شىفىرد چارشەنبە 1

ئەگەر 99-يىلى نوكانپو مەيدانىدا مانچستىر دۇنياغا ئۆزىنى تونۇتقانلىقىنىڭ بەلگىسى دىسەك ، بۇ مەيدان مۇسابىقە بولسا مانچىستىرنىڭ ئېنگىلادتا ئاتامان بولغانلىقىنىڭ بەلگىسى دىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ . 1993-يىلى 4-ئاينىڭ 10-كۈنى شىئردىن تۇنجى توپىنى ئۇرىدۇ ، مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا مانچستىر يەنە مۇسابىقىنىڭ ئاكتىپچانلق ئورنىدىن مەھرۇم قالىدۇ ، لىكىن بۇ ئەھۋالنى كوماندا باشلىقى ئۆزگەرتىدۇ <روبنىسن يارلانغانلىقى سەۋەپ> بىرلۇس كاللا توپ بىلەن نۇمۇر پەرقىنى تەڭلەشتۈرىدۇ،كىيىن يەنە بۇ ئوتتۇرا بىك قوشۇلغان مۇسابىقە ۋاقتىدىن پايدىلىنىپ بىر توپ ئۇرۇپ مانچستىرنىڭ مۇتلەق ئۇتىشىغا ئاساس سالىدۇ ،شۇ يىلى 5-ئايىنىڭ 3-كۈنى مانچستىر يەنە بىلەكبۇرن بىلەن بولغان مۇسابىقىدە يەنە بىرلۇس ۋە روبنىسوننىڭ بىردىن ئۇرغان توپىغا تايىنىپ نەچچە ئون يىلدىن بۇيانقى ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ ، ئالۋاستىلار ئاخىرى لوڭقىنى كۆتۇرۇش شەرىپىگە مۇيەسسەر بولىدۇ ،شۇنىڭدىن بۇيان ئىنگلادنىڭ پاسبانىغا ئايلىنىدۇ .
بۇ مەيدان مۇسابىقىگە يىغىنچاقلانغان ھالقىلىق سۆز: ــــــــــــــ تارىخى خاراكتىرلىك بۆسۇش ــــــــــــــ


4. 1994-1995 يىلى مۇسابىقە پەسلى مانچستىر9 vs يسپىۋىچ0

1995-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى ئېنگىلاد تارىخىدىكى ساراڭلارچە ئۇتقان بىر مەيدان مۇسابىقە باشلاندى . مۇسابىقىدىن كېيىن فۇگسىن بۇ مەيدان مۇسابىقىگە باھا بىرىپ ؛« بۇنداق بىر مەيدان نادىر ئويۇننى بۇ ئۆمرۈمدە پەقەت بىر قېتىمىلا كۆرىشىم مۇمكىن» دىگەن ....
نىمە ئۇچۇن فۇ بوۋاي بۇنداق دەيدۇ ؟ ھەم بۇ مەيدان مۇسابىقىنى مەڭگۈ ئۇنۇتمايدۇ ؟ تىرافۇتقا تېخى يېڭى كەلگەن يورك بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۆزى  يالغۇز 5 توپ ئۇرۇپ ئېنگىلاد دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى تارىخىدا يالغۇز ئەڭ كۆپ توپ ئۇرۇش رېكورتى يارىتىدۇ.
ماك شۇس ئىككى توپ ، روي كىئېن بىر توپ ۋە يسىگى بىر توپ ئۇرۇپ مۇسابىقە نەتىجىسىنى 9:0 قىلىپ ئۆزگەرتىدۇ . بۇ مەيدان مۇسابىقە يەنە نۇرغۇنلىغان تۇرلەردە رېكورىت يارىتىدۇ :يەنى ئېنگىلاد بىرلەشمە تارىخىدىكى ئەڭ يۇقىرى نۇمۇر پەرىق بىلەن ئۇتۇش، ساھىپخانا ئەڭ يۇقىرى نۇمۇر توپ كىرگۈزۈش ، بۇ ئىككى رىكورتنى تا ھازىرغىچە بىرەر كوماندا مىدىرلىتالمىدى، مېھمان مەيدان كۆپ توپ ئۇرۇش رېكورتىنىمۇ قىزىل ئالۋاستىلار ياراتقان،يەنى 99-يىلى 2-ئاينىڭ 6-كۇنى 8:1 نودىنھام ئورمانلىقىنى يۇقىرى نەتىجە بىلەن مىھمان مەيداندا ئۇتقان ئىدى .
بۇ مەيدان مۇسابىقىگە يىغىنچاقلانغان ھالقىلىق سۆز:ــــــــــــــــــــــــ شەپقەتسىز ـــــــــــــــــــــ

5. 2007-2008 مۇسابىقە پەسلى پورتىسماۋز7 vs لىدىڭ 4

95-يىلى مانچستىر 9:0 يىسپۋچ،98-يىلى بۇلەكبۇرن 8:2 چارشەنبە شاتلىقى، بۇ ئىككى مەيدان مۇسابقە ئىنگىلاد بىرلەشمىسى تارىخدىكى تاق مەيدان مۇسابقىدە كۆپ توپ كىرگۈزۈش رىكورتىنى ياراتقان ئىدى، لېكىن ئالدىنقى مۇسابىقە پەسلىدە بۇ رىكورت يېڭىلاندى . 2007-يىلى 9-ئاينىڭ 20-كۈنى ئېنگىلاد بىرلەشمىسىى 8-ئايلانمىدا تاق مەيدان مۇسابىقىدە 9 توپ كىرگۈزۈش رىكورتى يېڭىلىق بولمايدىغان بوپ قالدى ، چۈنكى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە پورتىسماۋز ساھىپخانا ھالەتتە 4:7 لىدىڭنى مەغلۇپ قىلدى ، ئىككىلا كومانىدا كۈچلۈك ئەمەس ، لېكىن بۇلار ئوتتۇرىسدىكى مۇسابىقە سەندىن مەن قالامدىم <يەنى ئېشەك ئېشەكتىن قالسا قۇلىقىنى كەس> دىگەن رېتىمدا داۋاملاشتى ، ئالدىنقى يېرىم مەيدان ئاخىرلاشقاندا تېخى 1:2 نەتىجە بىلەن پورتىسماۋز ئاكتىپ ئورۇندا ئىدى ، لېكىن كېينكى مەيدان باشلاپ توپ ئۇرۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلۈپ كەتتى . كېيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلاپ لىدىڭ كوماندىسىدىن گېتسىن بىر توپ ئۇرۇپ نۇمۇر پەرقىنى تەڭلەشتۈردى ، لېكىن پورتىسماۋز كەينى كەينىدىن 3 توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 2:5 قىلىپ ئۆزگەرتتى ، گەرچە لىدىڭدىن شاۋىن بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 3؛5 قىلىپ ئۆزگەتكەن بولسىمۇ مونتىلا ۋە دەيۋىس لىدىڭ ۋارتاسىدىن يەنە ئىككى تۆشۇك ئېچىپ نومۇر پەرقىنى 3؛7 قىلىپ ئۆزگەرتتى، مۇسابىقە تۈگەي دىگەندە شاۋىن يەنە بىر توپ ئۇرۇپ نۇمۇر پەرقىنى 4:7 قىلىپ ئۆزگەرتتى، شۇنداق قىلىپ تاق مەيدان مۇسابىقىدە ئەڭ كۆپ توپ كىرىش رېكورتى يارىتىلدى .
بۇ مەيدان مۇسابىقىگە يىغىنچاقلانغان ھالقىلىق سۆز: ـــــــ تاق مەيدانىدا ئەڭ كۆپ توپ ئۇرۇش رېكورتى ـــــــــــــ

6. 1994 -1995 يىلى مۇسابىقە پەسلى لىۋېرپول2 vs بۇلەكبۇرن1

مانچستىر ئۇدا 3 قېتىم بىرلەشمىنىڭ چېمپىيۇنلىقىنى ئالالامدۇ يوق ؟ بۇنى پەقەت بىرلەشمىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مۇسابىقسىدىكى ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا ئاندىن بىلگىلى بولاتتى . ئەينى ۋاقىتتا بۇلاكبۇرن مېھمان ھالەتتە لىۋىرپولغا جەڭ ئىلان قىلغان ئىدى،مانچىستىر بولسا مىھمان ھالەتتە غەربىي ھام بىرلەشمىسگە جەڭ ئېلان قىلغانىدى . ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىدىن بۇرۇن بۇلەكىبۇرن مانچستىردىن 2 نۇمۇر يۇقىرى بولۇپ ئەگەر مانچستىر چېمپيۇن بولىمەن دەيدىكەن، بۇ مەيداندا ئۇتۇشتىن باشقا يەنە بۇلەكبۇرن ئۇتتۇرىشى كېرەك ئىدى، يەنى لىۋىرپول ئادىللىق بىلەن بۇلەكىبۇرن بىلەن مۇسابىقىلىشىشى ھەم ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىشى كىرەك ئىدى .
لىكىن لىۋىرپول ئادىل ھەم بارلىق كۈچىنى يىغىپ بۇلەكبۇرندەك ئەينى ۋاقىتتا ئېنگىلاد بىرلەشمىسىنى سوراۋاتقان كوماندىنى 1:2 بىلەن يىڭىپ مانچستىرنىڭ بىرلەشمىنىڭ لوڭقىسىنى ئېلىشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بەردى ، لىكىن بۇنى قىزىل ئالۋاستىلاربىلمىدى؟ مانچىستىر غەربى ھام بىلەن بولغان مۇسابىقىدە ھەددىدىن زىيادە دىلغۇلا بولۇش، تەمتىرەش، جىددىيلىشپ باشتا بىر توپ كەتكۈزۈپ قويۇپلا جېنى چىقىپ كەتكەن ئەرۋاھتەك بولۇپ قالدى، لېكىن تېزلا مۇسابىقە رېتىمغا قايتىپ كېلىپ پۈتۈن سەپ بويىچە ھۇجۇمغا ئۆتتى،لېكىن غەربى ھام دەرىجدىن تاشقىرى مۇداپىيە سېپىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ مانچستىرغا توپ ئۇرۇش پۇرستى بەرمىدى، گەرچە مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا بىر توپ ئۇرۇپ تەڭلەشكەن بولسىمۇ ئۇدا چېمپىيۇن بولۇش چۈشى بەربات بولدى ، بۇلەكبۇرن چېمپيون بولۇپ لوڭقا كۆتۈردى . شۇ مۇسابىقىدىن كىيىن فۇ بوۋاي غەربى ھامغا نادىر سۆزدىن بىرنى ئىنئام قىلدى « غەربى ھاملىقلار ھەمجىنىس».....
ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىدا ئۇتتۇرۇپ قويۇپمۇ چېمپيون بولۇش ئېنگلاد بىرلەشمىسدە شۇ بىر قېتىمىلا يۈز بەردى ..
بۇ مەيدان مۇسابىقىگە يىغىنچاقلانغان ھالقىلىق سۆز: ــــــــــــــــــ ئۇتتۇرۇپمۇ ئۇزغۇن بولۇش..ـــــــــــــــ

7. 2001-2002 يىلى مۇسابىقە پەسلى 3 رىس vs 5مانچىستىر
رىسنىڭ بېكى پيلى مۇسابىقىدىن كېيىن مۇخپىرلارغا سۆز قىلىپ:مانچىستىر بۇرۇن نۇرغۇنلىغان مەغلۇبىيەتلەرنى تېتىپ باقتى، لېكىن بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كىيىن مەن شۇنى ھىس قىلدىم مانچىستىر ـــــــــ يەڭگلى بولمايدىغان كۇلۇپكەن.
پيلىنىڭ دىگەن يۇقارقى سۆزى خاتا ئېيتىلغان سۆز ئەمەس. ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە 15-،25- ۋە 45- مىنۇتلاردا رىچارد، فىردنەندو، چىگى قاتارلىقىلارنىڭ بىردىن توپ ئۇرۇشى بىلەن قىزىل ئالۋاستىلارنى دوزاققا ئۇزاتقان بولسا ، كېيىنكى مەيدان مۇسابىقە باشلىنىپ كىردنىڭ بىر توپ ئۇرۇپ قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتۇش سىگنالىنى چېلىشى بىلەن مانچىستىر ھۇجۇمغا ئۆتتى ، بۇلەنكى، ۋەنستىرلوي، ۋېرون قاتارلىقلارنىڭ بىردىن توپ ئۇرۇشى بىلەن نۇمۇر پەرقى 3:4 بولۇپ ئۆزگەردى، مۇسابىقىنىڭ 89-مىنۇتىدا بىكخام رىسقا يەنە بانان توپتىن بىرنى سوۋغا قىلدى. رىسىنىڭ ماسلشىشى ،مانچىستىرلىقلارنىڭ غەزەپكە كېلىشى بىلەن بىر مەيدان نادىر ئويۇن مەيدانغا كەلدى،مۇسابىقىدىن كېيىن فۇگىسىن:گەرچە بىز ئۇتقان بولساقمۇ لېكىن منىڭ كۆڭلۈم بەك ئازار يېدى -دەپ رىسقا بولغان غەزەپ نەپرىتىنى ئىپادىلىگەن ...
بۇ مەيدان مۇسابىقىگە يىغىنچاقلانغان ھالقىلىق سۆز: ــــــــــــــــ مۇسابىقىنى تەتۈرگە ياندۇرۇش ــــــــــــــــــ

8. 1995-1996 يىلى مۇسابقىە پەسلى نىيۇكاستىل0 vs مانچستىر 1

1995-يىلى روجستىۋا بايرىمدىن بۇرۇن نىيۇكاستىل مانچستىردىن ئومومى نۇمۇرىدا 12 نۇمۇر يۇقىرى ئورۇنىدا ئىدى .1927-يىلىدىن بۇيان بۇ قەلئەلكىلەر بۇنىداق يۇقىرى دەرجلىك مۇسابقىنىڭ ئاكىتىپ ئورۇندىكى تەمىنى تىتىپ باقمىغان ئىدى . لىكىن بۇرۇن چىققان مۆڭگۇزدىن كىيىن چىققان قۇلاق ئىشىپ كىتىپتۇ دىگەنىدەك ئۇلارنىڭ كىيىنكى يىرىم مۇسابقە پەسلىدىكى كۇچنىڭ خوراپ كىتىشى سەۋەپ ئاخرىقا نۇقىتىغا يىتىپ بارالمىدى.96-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۇىنى ساھپخانا مانچستىرنى كۇتىۋالىدى بۇ مەيىدان مۇسابقە كىممنىڭ چىمپيۇنلۇق لوڭقىسنى كۆتۇرشىگە بىۋاستتە تەسىر كۆرستىدىغان بىر مەيىدان ئالدىن ئوينالىغان ھەل قىلغۇچ مۇسابقە ئىدى . ئەيىنى ۋاقتا نىيۇكاستلىدا بىرسلى ،ليىس بىردىنەندو، جىنولا قاتارلىق داڭلقىلار بار ئىدى ، ھەم كۇچى مانچستىر بىلەن تەڭ دەرىجىدە دىيشىكە بولاتتى . بۇ مەيىدان مۇسابقىدە مانچستىر پەقەت شۇمچىرنىڭ نادىر توپ قۇتقۇزۇشلىرغا ھەم مانچستىر شاھى كانتوڭنانىڭ بىر توپ ئۇرۇشى بىلەن نىيۇكاستىلىنىڭ بۇ ئۆتكۇلدىن ئۆتۇپ كەتتى ، شۇ مەيىدان مۇسابقىدە شىۇمچىرنىڭ ئىپادىسى ئىتاھن ياخشى بولۇپ نىيۇكاستلقىلارنىڭ پۇتۇن سەپ بويىچە قىلغان ھۇجۇملىرنى تارمار قىلىدى ، كانتوڭنامۇ 90 مىنۇتتا چىققان بىر قىتىملىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ نىيۇكاستلىنىڭ يۇركىگە ئۇقدىن بىرنى ئاتتى ،شۇنىڭ بىلەن بۇ يىڭى قەلئەنىڭ ئۇزغۇن چۇشى قاياقلارغىدۇر ئۇچۇپ كەتتى..
بۇ مەيىدان مۇسابقىگە يىغىنچاقىلانغان ھالقىلىق سۆز: ــــــــــــ ھەل قىلغۇچ جەڭ . ـــــــــــــــــ

9. 95-96 مۇسابىقە پەسىلى لىۋىرپول vs نىىيۇكاستىل 3
ئىنگىلاد بىرلەشمىسى تارخدىكى ئەڭ نادىر مۇسابىقە قايسى ؟ ئەيىنى ۋاقىتتا ئىنگىلاد بىرلەشمىنىڭ 10 يىللق تۇغۇلغان كۇنىدە قايسى مۇسابقە ئىنگىلاد بىرلەشمىسى تارخدىكى ئەڭ نادىر مۇسابقە دەپ توردا بىلەت تاشىلاش ئىلىپ بارغانىدا ئۇشبۇ مۇسابقىدە 49% يۇقىرى ئاۋاز بىلەن مۇتلەق بىرنجى بولۇپ باھالانىغان ھەم تا ھازىرغىچە شۇ ۋاقتىلادىكى نەق مەيىدان خاترىسى ئالاھىدە ساقىلانىغان ھەم بۇ مەيىدان مۇسابقىنى ھازىرمۇ يەنىلا ئىنگىلاد بىرلەشمىسى تارخدىكى ئەڭ نادىر مۇسابقە دەپ قارالىغان . سىز بۇ مەيىدان مۇسابقىدە شۇنى ھىس قىلىسزكى سىز رىپىر مۇشابقە باشىلاش پۇشتكدىن تارتىپ تاكى مۇسابىقە تۇگىگچە بولغان ۋاقىتتا سىز بىر مىنۇتىنى ئىسراپ قىلۋەتىمگەن تۇيغۇغا كىلىسىز..!
مۇسابقە باشىلاپ پەقەت ئىككى مىنۇت بولغانىدا لىۋىرپولدىن فۇلى بىر توپ ئۇرۇپ ، ئاكىتىپ ئورۇنىغا چىقىدۇ ،نىيۇكاستىلىدىن فىردنەندو، ۋە جىنولا پەقەت 4 مىنۇت ئىچىدە ئىككى توپ كىرگۇزۇپ مۇسابقىنى تخىمۇ كەسكىنلەشتۇرۋتىدۇ . بۇ مەيىدان مۇسابىقە نىيۇكاستىلىنىڭ شۇ يللق چىمپيۇن بولشغا ئىتاھىن زىچ باغلنىشلىق بولغان بىر قىتىملىق قانلىق جەڭ ئىدى ، ئالدىنقى مەيىدان نىيۇكاستىل 1:2 نۇمۇر پەرىق جەھەتتە لىۋىرپولدىن يۇقىرى ئورۇنىدا تۇرىدۇ ، كىينكى مەيىدان مۇسابىقە باشىلاپ 10 مىنۇتدىن كىيىن يەنە شۇ فۇلى بىر توپ ئۇرۇپ نۇمۇر پەرىقىنى 2:2 قىلىپ ئۆزگەرتىدۇ . مۇسابقە مۇشۇ تەرىقىدە داۋاملىشىدۇ ، كىيىن نىيۇكاستىلىدىن سىلاپۇ بىر توپ ئۇرۇپ نىيۇكاستىلىغا زور خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ .. لىكىن بۇلار پۇتۇن ئىنگىلاد بويچە ئەڭ قىممەت پۇتبولچىنى سەل چاغىلاپ قالغان ئىدى . ئۇ دەل سىتان . كىلمور ئىدى ، ئۇ مۇسابقىنىڭ ئەڭ ئاخرىقى مىنۇتلىىردا ئىككى توپ ئۇرۇپ ئۆزىنىڭ شۇ پۇلغا لايىق ئىكەنلكىنى ئىسپاتىلايدۇ ،ھەم شۇنىڭدىن كىين لىۋىرپولغا كىلمور ئاتا قىلغان بۇ نام يەنى قەستلەپ ئۆلتۇرۇشنى بىر خىل ئۇسۇل قىلىپ تا ھازىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ كىلۋاتىدۇ ..
بۇ مەيىدان مۇسابقىگە يىغنچاقلانغان ھالقلىق سۆز: ـــــــــــــ نادىر ئىچدىكى نادىر..ـــــــــــــــــ

10. 1996-1997 مۇسابقە پەسىلى نىيۇكاستىل 5 vs مانچستىر بىرلەشمىسى 0

دائىم دەريا قىرغاقلىرىدىن ماڭغا ۋاقتىمىزدا ئايغىمىز ھۆل بولۇپ قالدۇ. مانچستىرمۇ دائىم رەقبنى بوزەك قىلىپ چىمپيۇن بولالمايىدۇ ، مانچستىرنىڭمۇ باشقىلار تەرپدىن بوزەك قىلىنغان ۋاقتىلىرى بولغان . 1996-يىلى 10-ئايىدا مانچستىر مەستانلىرى قەلبىدىكى «قارا 10-ئاي» بۇنىڭ ئىچىدە 10-ئايىنىڭ 20-كۇندىكى نىيۇكاستىل بىلەن بولغان جەڭىمۇ بار ئەلۋەتتە . بۇ قىتىم نىيۇكاستىل ئالدىنقى مۇسابقە پەسلىدىكى ئۆچىنى ئالدىغان پۇرسەتىنىڭ كەلگىننى تونۇپ يەتتى ، مانچستر بولسا نىيۇكاستىلنىڭ بىر نەچچە قىتىملىق چىمپيۇنلۇق لوڭقىسدىكى ئالدىنى توسۇغۇچى قاراقچى بوپ قالغان ئىدى ، ئۇلارنى بۇ قىتىم بوش قويۋتشىكە بولمايىتى. بۇ مەيىدان مۇسابقىدە راسىلا نىيۇكاستىل كونا-يىڭى ھىساپىنى بىراقىلا ئالدى 5:0 ! بۇ نەتجىنى ھازىرمۇ بەزى قىزىل ئالۋاستى مەستانلىرى قوبۇل قىلالمايىدۇ . پىكىك، جىلاپو، فىردنەندى ،شئىرىرى ۋە ئاربىيتا بىر توپ كىرگۇزىدۇ بۇلارنىڭ كۆپنچسى مانچستىرنىڭ بوزەك قىلىشغا ئۇچۇرغان ئەزالار ئىدى . بۇ مۇسابقىدىن كىيىن يەنى 6 كۇندىن كىيىن مانچستىر يەنە مىھمان ھالەتتە نەنپۇدىن بىلەن بىر مەيىدان نۇمۇسلۇق جەڭگە چۇشىدۇ ، نەتجىدە ئۇدا 3 يىل چىمپيۇن بولغان مانچستىر 3:6 ئۇتتۇرۋتىدۇ ھەم كۇلۇپ تارخدىكى ئەڭ نۇمۇسلۇق تارخىنى يارتىدۇ ، ئۇدا ئىككى مەيىدان غورور دەپسەنىدە قىلىنىش ، نۇمۇسلۇق ۋاقتىلاردىن كىيىن شۇ مۇسابقە پەسلىدە يەنىلا 6 نۇمۇر پەرىق بىلەن چىمپيۇن بولدۇ ..
بۇ مەيىدان مۇسابقىگە يىغنچاقلانغان ھالقلىق سۆز: ـــــــــــــ نۇمۇس ـــــــــــــــــــــــ

11. 1997-1998 يىلى مۇسابقە پەسلى لىسئەن4 vs دىربچۇن3

ئىككى كوماندنىڭ تارخى ئۇچىرشلىرى بەك كۆزگە چىلققدەك بولمىسىمۇ ، لىكىن بۇ بىر مەيىدان مۇسابىقە ئۇچۇن ئىيتقانىدا بۇ مەيىدان مۇسابقىنى ئىنگىلاد بىرلەشمىسى تارخدىكى ئەڭ نادىر قايتار ھۇجۇم دەپ كىسىپ ئىيتالايىمىز..
مۇسابقىنىڭ ئالدىنقى 11 مىنۇتىدا سىتلىچ ئىككى توپ ئۇرىدۇ ، ئۇنىڭدىن كىيىن ئاسانوۋىچ بىر نۇقىتا توپ ئۇرۇپ 0:3 نەتجە بىلەن مۇتلەت ئۇستۇنلۇككە ئىگە بولغان دىربىيچۇن بىر ياخشى باشلىنىش ئىدى . ئارقا -ئارقدىن 3 توپ كەتكۇزۇپ قويغاندىن كىيىن ئىسلىيەن قايتارما ھۇجۇمىغا ئۆتىدۇ .خلەيشى ، كىۋىرنىڭ ئىككى توپ بىلەن نۇمۇر پەرىقى 3:2 قىلىپ ئۆزگەرتىلىدۇ ، بۇ ۋاقىتت دىريبچۇن قاتتىق تەۋرنىپ قالغان ئىدى ، خائىرنىڭ 82 مىنۇتتا ئۇرغان نۇقىتا توپ ۋە 90 مىنۇتتا ئۇرغان توپى بىلەن غەلىبە قىلىدۇ .
بۇ مەيىدان مۇسابقىگە يىغنچاقلانغان ھالقلىق سۆز: ـــــــــــــ قايتارما ھۇجۇم ـــــــــــــــــــــ

12. 1997-1998 يىلى مۇسابىقە پەسىلى مانچستىر 0 vs ئارسنال1

ئەينى ۋاقىتتا ئارسىنال ۋىنگىنىڭ يىتەكچلكىدە كۇندىن -كۇنىگە كۇچيىپ بارا-بارا مانچستىر بىلەن كۇچ ئىلشالايدىغان ئورۇنىغا چىقىدۇ ، مانچستىرمۇ ئىنگىلاد بىرلەشمىدەك سەھنىدە يالغۇز ئويۇن قويدىغان كۇنلىرى ئاياغىلىشىپ بسىم ئاستىدا قالىدۇ . بۇ قىتىملىق مۇسابقەدىن بۇرۇن مانچستىر ئارسىنالدىن ئومومى نۇمۇرىدا 6نۇمۇر يۇقىرى ئىدى ، لىكىن ئارسىنالنىڭ 3 مەيىدان مۇسابقىسى كەم ئوينالىغان ئىدى ، شۇڭا بۇ مەيىدان مۇسابقىنىڭ نەقەدەر مۇھملقىنى ھىس قىلغان بولشىڭز مۇمكىن. مۇھىملقىغا ئشەمسىڭز ئۇنىداقىتا ئارسىنالىنىڭ سەپ شەكلىگە قاراپ بىقىڭ، ئارقا سەپىتە شىمەندىن باشىقا ئاساسلىق ئەزالارنىڭ ھەممسى مەيىدانىغا چىققان ئوتتۇرا مەيدانىلارمۇ بىر-بىرسدىن ھەشەمەت بولۇپ مانچستىرنىڭ يۇرۇكىنى مۇسابىقە ئوينىماي تۇرۇپ موجىۋەتىكەن ئىدى ، ھۇجۇمىدىمۇ ئەيىنى ۋاقىتتا نامى پۇتۇن دۇنىياغا پۇر كەتىكەن بورگكامپو بولۇپ ئۇنىڭغا ماسىلاشتۇرۇلىغان ئانلكامۇ ئۇ ۋاقتلىردا خلى شاش ئىدى گەرچە مۇسابىقە جىددى كەيپىياتتا ئۆتكۇزلىدى دىسەكىمۇ مانچستىرنىڭ زور كۇچ چىقىرىپ مۇداپىيە قىلىش نەتجىسدە ئاران بىر توپ يەپ ئۇتتۇرۋتىدۇ ، مۇشۇ يىللق بىرلەشمدىن كىين ئارسنال مانچستىردىن پەقەت 1 نۇمۇر يۇقىرى پەرىق بىلەن بىرلەشمىنىڭ چىمپيۇنلۇقىنى ئالدى ،ئەمىدە ئويىلاپ بىىقڭ بۇ مەيىدان مۇسابقىنىڭ مۇھملقىنى ..؟!!

بۇ مەيىدان مۇسابقگە يغنچاقلانىغان ھالقىلىق سۆز: ـــــــــــــــ ھايات ماماتلىق جەڭ ..ـــــــــــــــــــ


13. 1998-1999 يىلى مۇسابىقە پەسىلى مانچستىر 2 vs رىس 1

بۇ پەسللىك بىرلەشمىنىڭ ئەڭ ئاخردىن سانغانىدىكى ئىككنچى مەيىدان مۇسابقىسى بۇلۇپ ئارسىنال بىلەن نۇمۇر پەرىقى ئوخشاش بولۇپ مانچستىر بۇ ئايىلانمىدا ئۇتىمىسا بولمايتى ، گەرچە رىس ئانچە بەك كۇچلۇك بولمىسۇ سەل قاراشىقا بولمايىتى ، ئارسىنالنىڭ ئىسليەنگە ئۇتتۇرۋتىشى بىلەن مانچستىرلقىلار بايىرام خۇشاللقىغا چۆمىدى ، لىكىن رىس بىلەن بولغان مۇسابىقە باشلاپ رىسدىن لەيس فىردنەدنىڭ بىر توپ ئۇرۇشى بىلەن ئارسىنالقلارنى كۇلدۇرسە مانچستىرلقىلارنىڭ پۇتۇن بەدىندىن سوغۇق تەر چىقاردى ، لىكىن مانچستىر چىمپيۇنلارغا خاش قەيسەرلكىنى ئشىقا سىلىپ بىكخام ۋە كىرنىڭ بىردىن توپ ئۇرشىغا تاينپ 3 نۇمۇرنى تولۇق ئالدى ھەم شۇيىلى ياۋرۇپا چىمپيۇنلۇق لوڭقىسىنى ئىلىپ مانچسترلىقلار ھازىر ئىپتخارلىق بىلەن تلىغا ئالدىغان 3 لوڭقىغا چىمپيۇنلۇقىنى ياراتتى ، ئەگەر شۇ مەيىدان مۇسابىقدە ئۇتتۇرۋەتىكەن بولسا مانچستىرنىڭ 3 چىمپيۇنلۇقى نەدە تۇرۇپتۇ ..
بۇ مەيىدان مۇسابقگە يغنچاقلانىغان ھالقىلىق سۆز: ـــــــــــ ئىغىر يۇك ئارتىپ مۇسابىقە ئويناش..ــــــــــــــــ

14. 2000-2001 يىلى مۇسابىقە پەسىلى مانچستىر 6 vs ئارسىنال 1

ئارسىنال ئۇچۇن ئىيتقاندا بۇ مەيىدان مۇسابىقە كۇلۇپ تارخدىكى بىر قىتىملىق مۆجىزە خاراكترلىك نۇمۇس. لىكىن مانچستىر ئۇچۇن ئىيتقانىدا بۇ بىر ئىسىل مۇسابىقە ، لىكىن سىرتدىكى كۆرۇرمەنىلەر ئۇچۇن بۇ بىر مەيىدان نادىر نۇمۇسلۇق مۇسابىقە . 2001 -يىلى 2-ئايىنىڭ 25-كۇىنى 67535 تاماشبىن تىررافۇتىقا كىرىپ كەلدى ، ئۇلارنىڭ ئارزۇ قىلىغنى بىر مەيىدان نادىر مۇسابقەمۇ ياكى بىر مەيىدان غورۇنى يوقاتىقان بىر مەيىدان نۇمۇسلۇق تارخى خاراكتىرلىك مۇسابقىمۇ .؟ مەيىلى قايسى بولسۇن بىز ئاۋال ئۇلارنى تەبىركىلەيىمىز ، مەيىلى قايسى بولسۇن ھاياتىدىكى بەلكىم ئىككجى يۇز بەرمەسلكى مۇمكىن بولغان بىر مەيىدان ئىسىل كۆرۇنشىلەر . يوكىنىڭ 3-مىنۇتتا ئۇرغان توپى بىلەن پۇتۇن مۇسابقىنىڭ رتىمى ئۆزگىرپ كەتتى ، گەرچە ھىنىرى بىر توپ ئۇرۇپ نۇمۇر پەرىقىنى تەڭلەشتۇرگەن بولسىمۇ ،لىكىن مانچستىرنىڭ كۇچلۇك ھۇجۇمىغا بەرداشلىق بىرەلمىگەن ئارسىنال بىردىنىلا ئۆزىنى يوقاتتى . يوكى ئارقا-ئارقىدىن ئىككى توپ ئۇرۇپ «قالپاق ئويۇنى»ئوينىدى ، روي كىن ۋە سورسكىياسنىڭ بىر توپى بىلەن 6:1 ئارسىنالىنى تەسلىم قىلدۇردى . بۇ پۇتۇن بىر مەيىدان مۇسابقىدە ئارسىنال ئەزالرى خۇددى ئۆزنى چۇش كۆرۋاتىقان ھىس قىلدى .
بۇ مەيىدان مۇسابقىگە يىغنچاقىلانغان ھالقلىق سۆز: ـــــــــــ قاباھاتلىك چۇش كۆرۇش.ـــــــــــــــــ

15. 2008-2009 يىلى مۇسابقە پەسلى ئارسىنال 4 vs رىس 4

ئارسىنال بىلەن رىسنىڭ مۇسابقىسى «جەنۇبى لوندۇن دىربىيسى »دەپ ئاتىلىدۇ ،چۇنكى تارخى خاراكتلرىك ئۆچ -ئاداۋىتى بۇلارنىڭ ھەر بىر مەيىدان مۇسابقىسىدە ئۆق-دورا پۇرىقى ئىنتاھيىن كۇچلۇك بولىدۇ ، شۇڭا بۇنىداق مۇسابقىگە ھەر ئىككى تەرەپ سەل قارىمايىدۇ . بۇ يىللق مۇسابىقە پەسلىدە رىسنىڭ مەشقاۋۇلى ئالمشىپ ئۇزۇن ئۆتىمەيىلا بۇ دىربىينى كۇتۋالىدى ، يىڭى مەشقاۋۇل رىس توپ ماستانلىرنى ئۈمىدتسز قالدۇرمىدى ، ئۇدا ئوتتۇرۇش بىلەن غەزپى تولۇپ تاشىقا رىس مەستانلىرغا مىھمان مەيىدانىدا تەڭلىشش نەتجىسنى سوۋغا قىلىدى ، بۇنى يامان ئەمەس نەتجە دىيشىكە بولاتتى ، لىكىن بۇ ئارسىنال ئۇچۇن بىر ئەلەم بولدى ، سەپ شەكلى شۇنىداق ھەشەمەت تۇرۇپىمۇ ساھپخانا تۇرۇپ تەڭلىشش بۇلارنىڭ ئىدىيسدىن ئۆتىمەسلكى ئىنىق ئىدى . بۇمەيىدان مۇسابقىدىن كىيىن ئاخپارات ۋاستلىر بۇلار ئوتتۇرسدىكى 5 مەيدان نادىر مۇسابقىنى تاللاپ چىقىتى ئۇ بەش مەيىدان مۇسابىقە بولسا: 2004 يىلى رىس 4: ئارسنال5 ، 71-يىلى رىس 0 ئارسىنال 1، 2004-يىلى 2رىس :ئارسىنال 2 ،91-يىلى رىس1: ئارسىنال 3 ۋە 95 -يىلى ئارسىنال 1: رىس1
يۇقارىقى مۇسابقىلەر يالغۇز بۇ ئىككى كۇلۇپ ئەمەس پۇتۇن ئىنگىلادلىقلارنىڭ ئالقىشغا ئىرشىكەن نادىر مۇسابقىلەردۇر..!
بۇ مەيىدان مۇسابىقگە يىغنچاقلانغان ھالقلىق سۆز: ــــــــــــــ جەنۇبى لوندون دىربىيسى ــــــــــــــــــــ

16. 2007-2008-يىلى مۇسابىقە پەسلى چىلسى 2 vs مانچستىر 1

ئالدىنقى پەسللىك مۇسابقلەر بەلكىم نۇرغۇن مەستانلىەرنىڭ ئسدىن چىقمىغان بولشى مۇمكىن ، ئۇنداقىتا چىلسى بىلەن مانچستىر ئوتتۇرسىدا ئىلىپ بىرلغان 36-ئايلانىمىغا نەزەر تاشىلاپ باقايلى ، بۇ مەيىدان مۇسابقىنىڭ نەقەدەر مۇھملقىنى دىمسەممۇ بىلسىلە ، مانچستىر بۇ مۇسابقىدىن بۇرۇن 3 نۇمۇر ئالىددا ئەگەر چىلسى ئۇتىسا ئۇلار بىلەن تەڭلىشىدۇ ،ھەم چىمپيۇنلۇقىنى ئىلىش مۇمكنچلكى چوڭ بولدى .چىلسى بۇنى قىلالمدىمۇ ؟ بۇنى ئەسلىسەكىلا بىلەلەيىمىز، بۇ مەيىدان مۇسابقىدە باللاك چىلسنىڭ قۇتقازغۇچسى بوپ قالدى ئۇنىڭ بىر كاللا توپى مانچستىرلقىلارغا ئەلەم بولدى ، لىكىن پۇتۇن سىتانفۇرد كۆۋرۇكى شاتلىققا چۆمىدى ، كىيىنكى مەيىدانىدا رۇنى بىر توپ ئۇرۇپ نۇمۇر پەرىقىنى تەڭلەشتۇرىدى ، لىكىن چىلىسدا يەنلا باللاك باردە ، قەتئى تىز پۇكىمەس گىرمانلقلارغا خاس جاسارەت بىلەن يەنە بىر توپ ئۇرۇپ مانچستىرنىڭ قولدىن 3 نۇمۇرىنى تارتىۋالىدى مۇسابىقدىن كىيىن نۇمۇر پەرىقى ئوخشاشىلا 81 بولدى ، بۇنىسى كۆپچلىككە ئايان ، لىكن ئاخرىقى 2 مەيدان مۇسابقىدە چىلسى بىر تەڭلىشىپ چىمپيۇنلۇقىنى قولدىن بىرىپ قويىدى ، گەرچە بۇ مەيىدان مۇسابىقە ئۆتۇپ كەتىكەن تارخى بولسىمۇ نۇرغۇن مەستانىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى .
بۇ مەيىدان مۇسابىقگە يىغنچاقلانغان ھالقلىق سۆز: ـــــــــــــــ ئاخرغىچە بەرداشلىق بىرىش .ـــــــــــــــ

17. 93-94 مۇسابىقە پەسىلى لىۋىرپول 3 vs مانچستىر 3

2005-يىلىدىكى مۆجىزلەرگە تولغان ئىستانبول كىچسىنى كىم بىلمەيىدۇ ؟ لىكىن كىممۇ بۇ قىتملىق مۇسابقىنى لىۋىرپولىنىڭ ھىچقانىداق كۇلۇپقا ئوخشىمايدىىغان مۇسابقىنىڭ ئاخىرىقى مىنۇتلىرىدا مۆجىزە كۆرستىدىغان بۇنىداق مىجەزنىڭ بىر قىتملىق «دەرس تولۇقىلاش»دەپ ئىيتالايىدۇ ،
93-94 مۇسابىقە پەسلى مانچستىر ئومومى نۇمۇرىدا يۇقىرى ئورۇنىدا ئىدى ، بەلكى لىۋىرپول بولسا بىر قىتملىق ئىنقىلاپ دەۋىرنى ئەمدىلا بىشدىن ئۆتۇزۇپ تۇرغاب ۋاقتىلىرى ئىدى .
1994-يىلى 1-ئايىنىڭ 4-كۇىنى بىر يىڭى خانىدانلىق يەنى ھاياتى كۇچى ئۇرغۇن تۇرغان يەنە بىر چۇشكۇنلۇشىكەن زاۋالىققا يۇزلەنىگەن ئاق سۆڭەككە ئۇچىردى . ئەيىنى ۋاقىتتا مانچستىر تەرەپىتە تۇرۇپ توۋلايدىغانىلار ئىنتاھىن كۆپ ئىدى ، مانچستىر ھۇجۇم سىپدىكى جىگس، بىرلۇس، ئەيۋىن قاتارلق ھۇجۇمچىلارنىڭ ھەيۋىسدىن ھەممە چۆچىگەن ئىدى ، نۇرغۇن ئادەم لىۋىرپول بۇ مەيىدان مۇسابقىنى بىر تارخى خاراكترلىك نۇمۇسلۇق مۇسابىقە قىلىپ قويدۇ دەپ ئويىلاشىقا ئدى . مۇسابىقە باشىلانىدى ھەقىقەتەن شۇنىداق بولدى ، يۇقارىقى 3 پىچاقچى بىر قالايمقانچلىق تۇغدۇرپىلا 3 توپ ئۇرۇپ لىۋىرپولغا ھەيۋا قىلدى ، لىكىن ئەنفىرد مەيىدانى ئاق بايىراق چىقارمىدى ،كىلاف يىراقدىن ئىككى توپ ئۇرۇپ سىردىكى كىشىلەرنىڭ ئويلغنىغا مىڭ پۇشىمان قىلغۇزۋەتتى . يەنىلا مۇسابقىنىڭ ئەڭ ئاخرىقى مىنۇتلىرى يىتىپ كەلدى ، مانچستىرلقىلارنىڭ پۇتى سىرقىراپ سائەتىكە قاراشىقا باشىلىدى ، چۇنكى بۇلاردا ھەققى غالپلارغا خاس تنمسز ئالدىغا ئىنتلدىغان ، تىز پۇكمەيدىغان روھ كەمچلىك ئىدى . بۇ روھ قانىداق روھ ، بۇ روھ قانىداقلارغا مەنسۇپ ، بۇ روھ يەنە لىۋىرپوللۇقىلارنى قۇتقۇزۇپ قالدى ، مۇسابقە تۇگەشىكە پەقەت بىر مىنۇتىلا ۋاقىت قالغانىدا لىۋىرپول ئوتتۇرا بىكى بىر كاللا توپ ئۇرۇپ بۇ روھىنىڭ نىملكىنى مانچسترلقىلارغا كۆرستىپ قويىدى . قارغانىدا بۇ روھ پەقەت لىۋىرپولقىلارنىڭ قىنىدا شەكللنىدغان ئوخشايىدۇ .
بۇ مەيىدان مۇسابقىگە يغىنچاقىلانغان ھالقلىق سۆز:ــــــــــــــ دەرس تولۇقىلاش. ـــــــــــــــــ

18. 2001-02 يىلى مۇسابقە پەسىلى مانچستىر 0 vs ئارسىنال 1

ئالدىنقى پەسىل مانچستىر تەرپدىن قاتتىق خورلۇققا ،ئاياغ -ئاستى قىلنشقا ئۇچۇرغان ئارسىنال ئۇچۇن بۇ بىر قىتملىق ئۆچ ئىلىش پۇرستى ، جاھاندارچلىقتا ئەزىمەتىنىڭ ئۆچ ئىلىشغا 10 ۋاقىت كىتىدۇ دىگەن گەپ بار ، لىكىن ئارسىنال ئۇچۇن بۇ ۋاقىت بەك ئۇزۇن بوپ كەتىكەن ئىدى ، ھەم ئۇلارمۇ ناھايىتى تىز سۇرئەتتە يەنى پەقەت بىر يىلدىن كىيىن ئۆچ ئالىدغان پۇرسەت كەلدى .ئەلۋەتتە بۇلارمۇ بۇ پۇرسەتىنى چىڭ تۇتتى ، مانچستىرنى ئۇتتى ، نۇمۇر پەرىقى جەتتىمۇ مانچستىردىن ئىشىپ ئاكىتىپ ئورۇنىغا ئۆتتى ، بۇنىدنمۇ ئارتۇق ئۆچ ئىلىش ھەرىكىتى بارمىدۇ .؟ مۇسابقە باشىلاپ 56 مىنۇتتا يوڭبىلىنىڭ بىر كاللا توپىنى بارتس چىقرۋەتتى ، لىكىن قايتقان توپىنى سالىغۇچى ۋىرتورد ئۇرۇپ بىر توپ ئۇستۇنلۇك بىلەن مانچسىتىرنى يەڭدى ،ھەم پۇتۇن تىررافۇتكىلەرنىڭ قايللقىنى قوزغىدى . سىز بىلەمىسز تىررافوتتدىكى بىردىن بىر مانچستىر مەنستانلىرى تەرپدىن ئورندىن تۇرۇپ چاۋاك چىلىپ ئۇلارغا بولغان ھۆرمەتتە بولغان زادى قايسى كۇلۇپ بۇ دەل ئارسىنال..
بۇ مەيىدان مۇسابقىگە يغىنچاقىلانغان ھالقلىق سۆز: ـــــــــــــ ئۆچ ئىلىش ــــــــــــــــــ

19. 1999- 2000 يىلى مۇسابىقە پەسىلى چىلسى 5 vs مانچستىر 0

قوش چىمپيۇندىن ئىشىپ 3 چىمپيۇن بولغاننىڭ يامان تەرپى بار ئوخشايىدۇ ، 99-يىلى 3 لوڭقىا ئالغان ،مانچستىر كىيىنكى مۇسابقلىرنى ئىپتخارلىق بىلەن ئوينىشى كىرەك ھەم 3 چىمپيۇنغا لايىق ئش قلىشى كىرەك ئىدى . 99-2000 مۇسابقە پەسلىدە ئۇلار ئەمىدىلا ئىرشكەن بۇ شان-شەرەپىلەرنى كۆتۇرۇپ سىتانفۇردقا كەلدى ، لىكىن بۇلارنى ساقىلاپ تۇرغنى بىر قىتىملىق ساۋاق بىرىش بىلەن قىممەتلىك ئۇتتۇرش ئىدى . توپ باشىلاپ پەقەت 1 مىنۇتدىن كىيىن پيتى بىر توپ ئۇرۇپ بۇ چىمپيۇنلارنىڭ يۇزگە تۇكۇرۇپ قويدى . ئۇلار تخچە چىمپيۇنلۇق چۇشنىڭ شىرىن قايناملىرىدا مەستخۇش بولۇپ ئۇيغنىدىغاندەك ئەمەس ئىدى ، 16- مىنۇتتا ساندۇننىڭ ئۇرغان توپىمۇ بۇلارغا كار قىلمىدى .23-مىنۇتتا باتى يەنە بىر توپ ئۇرۇپ ئۇلارنىڭ چۇش كۆرۋەيمەتۋاتقانلقىنى ئەسكەرتتى ، كىيىنكى يىرىم مەيىدان مۇسابقىدە پىيىتى يەنە بىر توپ ئۇرۇپ بۇلارغا بۇنىڭ رىئاللق ئىكەنلكىنى چۇشۇندۇرۇپ ئوتتى . لىكىن مىڭ ئەپسۇس، مۇسابقىنىڭ ئاخرىقى مىنۇتلىرىدا مانچستىردىن بوگى ئۆزنىڭ ۋاتارسغا توپ ئۇرۇپ ئۇلارنىڭ تخچە شىرن ئۇيىقىدا ئىكەنلكىنى پۇتۇن سىتانفورتدىكىلەرگە كۆرسەتتى .
بۇ مەيدان مۇسابقىگە يىغنچاقىلانغان ھالقلىق سۆز : ــــــــــــــ 3لوڭقا ئىگسىنى موللاق ئاتقۇزۇش.ــــــــــــــــــ

20. 2003-2004 يىلى مۇسابقە پەسلى ئارسىنال 4 vs لىۋىرپول 2

2003-2004 مۇسابىقە پەسلىدە ئارسىنال بىر مەيىدانمۇ يڭلمەي بىرلەشمىنىڭ چىمپيۇنى بولدى ، بۇ بىر ئۇلۇغ نەتجە . لىكىن بۇ مۇسابقىلەرنىڭ ئارسدىكى لىۋىرپول بىلەن بولغان مۇسابىقە ئەڭ ئىسىل ئەڭ نادىر مۇسابقىلەرنىڭ بىرىسى بولۇپ ھساپلىنىدۇ . بۇ مەيىدان مۇسابقىنىڭ خاراكتىرى بولسا لىۋىرپول ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسىنىڭ سالاھتىگە ئىرىشش ئۇچۇن ئوينايىدۇ ، ئارسىنال بولسا يىڭلمەسلىك رىكورتىنى ساقىلاپ قىلىش ئۇچۇن ئوينايدۇ . ئالدىنقى مەيدانىدا ھىنىرى بىر توپ ئۇردۇ ، لىكىن خەيفىيا ۋە ئوېۋىن بىر توپ ئۇرۇپ ئارسنالىنىڭ يڭلمەسلىك رىىكورتىنىڭ بۇزۇلىشغا تەھتىد سالىدۇ . لىكىن بۇ مەيىدان مۇسابقە يەنىلا ھىنىرغا مەنسۇپ بولدۇ ، پىلىسغا بىر توپ ياردەمچى پاس بىرپ نۇمۇر پەرقىنى تەڭلەشتۇرگەننىڭ سىرتىدا بۇ فىرانسيلىك ئىككى توپ ئۇرۇپ «قالپان ئويۇنى »ئوينايىدۇ .
بۇ مەيدان مۇسابقىگە يىغنچاقىلانغان ھالقلىق سۆز : ـــــــــــــــــ يىڭلمەسلىك ـــــــــــــــــــ

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 4مۇنبەر پۇلى +49 يىغىش سەۋەبى
soccer + 10 ئېسىل تېما
ablikim0814 + 8 جاپا چەككەن ..
مىلان مەرگىنى + 20 جاپا تارتىپس ..
شەمشاد + 11 سەنمۇ بۇ ؟

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-4-5 21:51:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا نادىركەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2009-4-5 21:57:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما تىمىغا  20 كۈن ئەجىر سىڭدۈرۈپتىمەن دىسەم ئىشىنەمسىلەر
تىمىنىڭ بىشنى ئاخسالىق قىلىپ باشلاپ  قۇيۇپ ئاخىرىغا ماتىريال يىتىشمەي كاللام ساراڭ بۇپ  كەتتى
چۇقۇم يازىمەن دەپتىكەنمەن ...ئاخىرى پۈتتى  ئۇف.........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-4-5 21:58:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاتىل تىما يىزىپ سەن ئاغىنە...............
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-4-5 22:02:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبدان تىما ئىكەن !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-4-5 22:05:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1مىليۇن مۇكاپات كەتىتى ئەمسە تاپشۇرۇپ ئالدىڭمۇ؟
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-4-5 22:05:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا نادىر تىما  بوپتۇ.  كۇلۇبىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى سىزلا ئىلگىرى سۈرۈۋاتىسىزغۇ زادى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-4-5 22:10:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن نادىر تېمىكەن . ھارمىغايسىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-4-5 22:12:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئازپاز كۇرۇنۇشلىرىنمۇ يوللىغان بولساڭ تىخىمۇ بەك چانايدىغان بولىدىكەنتۇق.
لىكىن تىماڭ پەيزى چىقىپتۇ.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-4-5 22:13:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئۆزىڭىز ئېيتقاندەك نادىر تىما بوپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-4-5 22:18:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋزۇنى تۈزۈك قويساڭ نادىرلايمەن  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-4-5 22:29:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن كۆپ ئەجىر سىڭدۈرۈپسەن (چېلسىلىق)
لېكىن ئاۋۇ باللاكنىڭ مانچېستېرغا 2 توپ ئۇرغان مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن.(ئۆزەم باللاك مەستانىسى تۇرۇپمۇ...
كۆرۈنىشىنى بىر يوللاپ قويە....         
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-10 01:31

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش