akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 4152|ئىنكاس: 13

جەنۇبىي ئامېرىكا (برازىلىيە) پۇتبولچىلىقى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئاۋۋال ما مايكوننى بىر كۆرەيلى


50-نۆۋەتلىك جەنۇبىي ئامېرىكا كۇلۇبلىرى لوڭقىسى باشلىنىپ كەتتى. ھازىرغا قەدەر بۇ مۇسابىقە ئارگېنتىنانىڭ كوماندىلىرىنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىدىغان سەھنىسى بولۇپ كەلدى. ئالدىنقى 49 نۆۋەتلىك ئازادلىق لوڭقىسىدا ئۇرۇگۋاي كوماندىلىرى 8 قېتىم چېمپىيون بولدى (1988- يىلدىن كېيىن چېپىيون بوپ باقمىدى)، برازىلىيە كوماندىلىرى 13 قېتىم، ئارگېنتىنا كوماندىلىرى 21 قېتىم چېمپىيون بولدى. ھەتتا 1963- يىلدىن 1979- يىلىغىچە ئارگنتىنانىڭ كوماندىلىرى ھەر قېتىملىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتناشتى.

بىراق بىر تۈرلۈك يېڭى مۇلاھىزە ئوخشاش بولمىغان بىر ئەھۋالنى ئەكىس ئەتتۈردى. يەنى ئارگېنتىنادىكى 7 كوماندىلا ئارگېنتىنا كوماندىلىرىنىڭ 21 قېتىملىق چېمپىيۇنلۇقىنى ئالغان، بىرازىلىيە كوماندىلىرىنىڭ 8 قېتىملىق چېمپىيۇنلۇقىنى بولسا برازىلىيىنىڭ 8 كوماندىسى ئالغان. ئەگەر بۇ سانلىق مەلۇماتلار برازىلىيە بىرلەشمىسىنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىكىنى چۈشەندۈرسە، يېقىنقى يىللاردىكى ئازاد قىلغۇچىلار لوڭقىسىنىڭ تارىخى بۇنى تېخىمۇ كۈچلۈك دەلىللەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.

1996- يىلى دەريا قىنى كوماندىسى لوڭقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ چوڭ دۈشمىنى بولغان بوئېنۇس ئايرېستىكى بوكا ياشلار كوماندىسى جەنۇبىي ئامېرىكا ئازادلىق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا كىرگەن بىردىنبىر كوماندىسى بوپ قالدى (1996 دىن بۇيان)، لېكىن 1996- يىلىدىن كېيىن برازىلىيىنىڭ ئوخشاش بولمىغان 10 كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرەلىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 5 كوماندىسى چېمپىيون بولدى (كرۇسەيلو، ۋاسكو داگاما، پارمېلاس، سانپاۋلو ۋە خەلقئارا كوماندىسى)، قالغان 5 كوماندىسى ھەل قىلغۇچتا يېڭىلىپ 2- بولغان (سانئايتېنو، سانتوس، بارانا رىقاپەت، گېرىمىئو، فلامېنگو كوماندىلىرى).
يېقىنقى يىللاردىن بېرى برازىلىيە كوماندىلىرىنىڭ ئۈستۈلۈكنى ئىگەللىشى تۆۋەندىكى 2 تۈرلۈك سەۋەبتىن بولۇشى مۇمكىن.
بىرىنچى سەۋەب، ھازىرقىدەك پۇتبولچىلار تېز سۈرئەتتە تاۋارلىشىۋاتقان دەۋردە ياۋروپادىكى كوماندىلار دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلرىدىن توپچىلارنى سېتىۋالماقتا. پۇتبولچىلىرى ئارگېنتىنادىن 4.5 ھەسسە كۆپ بولغان برازىلىيە ئۈچۈن بۇ ئۆزىنىڭ پۇتبولچىلىقىنى تېخىمۇ تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ياخشى پۇرسەت.
ئىككىنچى سەۋەب، برازىلىيىنىڭ ئازادلىق لوڭقىسىغا ئەھمىيەت بېرىشى بۇرۇنقىدىن كۆپ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. يېقىنقى يىلاردىن بۇيان بۇ مۇسابىقىنىڭ چېمپىيونى بولۇش برازىلىيە كوماندىلىرىنىڭ ئاساسلىق نىشانى بوپ قالدى.
برازىلىيىنىڭ بۇ لوڭقىغا ئېرىشكەن تۇنجى كوماندىسى سانتوس كوماندىسى بولۇپ، پۇتبول پادىشاھى پېلىنىڭ يېتەكچىلىكىدە 62-63- يىلىدىكى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن. كېيىنكى 2 يىلدىمۇ ئۇلار بۇ مۇسابىقىگە قاتناشقان، ئەمما يېرىم ھەل قىلغۇچتا توختاپ قالغان، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇلار بۇ مۇسابىقىگە ئانچە بەك كۈچىمەسلىكنى قارار قىلغان. ئۇلار شۇ چاغدا ئاساسلىقى دۆلەت ئىچىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىگە ۋە خەلقئارالىق سودا خاراكتىرلىك دوسلۇق مۇسابىقىلىرىگە ئېتىبار بەرگەن. ئۇلارنىڭ بۇ ئىشى ھازىر قارىماققا بىر ئەخمىقانىلەرچە قاراردەك كۆرۈنىدۇ. ئەمما شۇ دەۋردە توغرا چۈشىنىشكە ئېرىشكەن. برازىلىيە بىر چوڭ دۆلەت بولۇپ بىر پۈتۈن قۇرۇقلۇق دېيىشكە بولىدۇ، ھەم ئۇلار ئەتراپىدىكى ئىسپان تىلى ئىشلىتىدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئارىسىغا جايلاشقان بىردىنبىر پورتۇگال تىلى ئىشلىتىدىغان دۆلەت بولغاچقا يات مەدەنىيەتنىڭ تەسىرىگە ئۇچراشتىن ساقلىنىش تەس. جەنۇبىي ئامېرىكا ئىنتايىن كەڭ بولۇپ، بەزى يەرلەرنىڭ ئارىلىقى ھەتتا ياۋروپا دۆلەتلىرىگىچە بولغان ئارىلىقتىنمۇ ئۇزۇن، شۇڭا بۇ قۇرۇقلۇقتا يۈرۈشمۇ بىر خىل ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىدىغان ئىش. 40 نەچچە يىل ئاۋالقى غالىبلار لوڭقىسىدا ئېرىشكەن لوڭقىمۇ مۇشۇنداق ئۇزۇن سەپەردە بۇزۇلۇپ كەتكەن.
ئەڭ دەسلەپتە ئازادلىق لوڭقىسىغا ھەربىر دۆلەتتىن بىردىن كوماندا قاتنىشىپ چېمپىيونلۇقنى تالاشقان. شۇ ۋاقىتتا ئاھالىسى 3 مىليون بولغان ئۇرۇگۋاينىڭ پېينالور كوماندىسى چېمپىيون بولغان. 66- يىلدىن باشلاپ ھەر بىر دۆلەتتىن 2 دىن كوماندا قاتناشقان. بۇنىڭغا نىسبەتەن بىرازىلىيە چوڭ دۆلەت بولغانلىقتىن بۇ تۈردىكى مۇسابىقىدىن چېكىنىپ قارشىلىق بىلدۈرگەن.  كېيىنكى بىر نەچچە يىلدا سانتوس كوماندىسىنىڭ چېكىنىشىگە ئەگىشىپ 69-70- يىللارغا كەلگەندە بۇ مۇسابىقىگە بىرمۇ برازىلىيە كوماندىسى قاتناشمىغان.

بۇ ۋاقىتتا «ئازادلىق لوڭقىسى» توپ مەستانىلىرىنىڭ مەيدان پارتلىتىش ۋە تەھدىتىگە دۇچ كەلدى، بىر قاتار ۋەقەلەردىن كېيىن ياۋروپا چېمپىيونى ۋە جەنۇبىي ئامېرىكا چېمپىيونى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان «قىتئەلەر لوڭقىسى» مۇسابىقىسىمۇ يامانلىشىشقا قاراپ يۈزلەندى. بۇ مۇسابىقە بولسا بۇرۇن برازىلىيە ئىنتايىن ئېتىبار بېرىدىغان مۇسابىقە بولۇپ، 62- يىلى پېلى سانتوس كوماندىسىنى باشلاپ پورتۇگالىيىنىڭ بېنفىكا كوماندىسىنى يېڭىپ چېمپىيون بولغان، بۇ مۇسابىقىمۇ پېلىنىڭ پۇتبولچىلىق ھاياتىدىكى مۇھىم مۇسابىقىلەرنىڭ بىرسى.
1980- يىلى «قىتئەلەر لوڭقىسى» مۇسابىقىسى بىر مەيداندىلا چېمپىيۇنلۇقنى بەلگىلەيدىغان بولۇپ ئۆزگىرىپ ياپونىيىدە قايتىدىن ئەسلىگە كېلىپ ئېلىپ بېرىلدى، بۇ برازىلىيە كوماندىلىرىنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىدى. شۇنىڭ بىلەن برازىلىيە كۇلۇبلىرى «توكيوغا ھۇجۇم قىلىش پىلانى» تۈزدى ھەم توكيودا لوڭقا كۆتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا ياۋروپانى مەغلۇب قىلىش مەقسىتىگەە يەتتى. توكيوغا بېرىش ئۈچۈن برازىلىيىكلەر ئالدى بىلەن چوقۇم ئازادلىق لوڭقىسىنى ئېلىشى كېرەك ئىدى، بۇنى قىتئەلەر ئارا مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش ئۈچۈن برازىلىيىكلەر ئازادلىق لوڭقىسىغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى. 92- ،93- يىللىرى سابپاۋلو كوماندىسى بارسېلونا ۋە مىلاننى يېڭىپ ئىككى قېتىم چېمپىيون بولۇپ برازىلىيىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكىلەرنىڭ ئازادلىق لوڭقىسىغا بولغان تەلىپىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى.
94- يىللىرى پۇل پاخاللىقى كېلىپ چىققان. بۇ برازىلىينىڭ ئىقتىسادىنى قالايمىقان قىلىۋەتكەن. ئەمەلىيەتتە پۇل پاخاللىقى سەۋەبىدىن نۇرغۇن پۇل بانكىغا ئېقىپ كىرگەن، پۇتبول كۇلۇبلىرى قەرزگە بوغۇلۇپ كەتكەن، بىرلەشمە مۇسابىقىمۇ پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈپ قالغان.
كېيىن بۇئىشلار برازىلىيە پۇتبولىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن، بىرازىلىيە پۇتبول تۈزۈلمىسىمۇ قالاقلىشىپ كەتكەن. بىر يىلدا 6 ئاي بىرلەشمە مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلگەن، يەنە بىرلەشمە مۇسابىقە باشلىنىشتىن بۇرۇن مەستانىلىرى كۆپ بولغان چوڭ كوماندا بىلەن مەستانىلىرى يوق دېيەرلىك بولغان كىچىكرەك كوماندىلار «جەلپ قىلىش مۇسابىقىسى» ئوينىغان.
بۇ خىل ئەھۋالنى داۋاملاشتۇرۇشقا بولمايتى، ئەمما دۆلەت چېمپىيونى بولغان كوماندا دۆلەت ئىچىدە زور سىياسىي تەسىرگە ئىگە بولىدىغان بولۇپ ئۇ خىل ئەھۋاللارنى پەقەت ئازايتقىلى بولسىمۇ لېكىن پۈتۈنلەي يوق قىلىۋېتىشكە مۇمكىن بولمىغان. لېكىن دۆلەت ئىچىدىكى چېمپىيۇنلۇقنىڭ ئازادلىق لوڭقىسىنىڭ چېمپىينلۇقىدىنمۇ مۇھىم بولۇشىدەك ۋەزىيەت ئاللىقاچان يوقالغان. شۇڭا قىتئەلەر لوڭقىسىنىڭ چېمپىيونى بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىش دۆلەت ئىچى چېمپىيۇنلۇقىغا ئەھمىيەت بېرىشتىن زور دەرىجىدە ھالقىغان ئىدى.
سىملىق تېلىۋىزىيىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئازادلىق لوڭقىسىنىڭ ئىقتىسادىي جەلپ قىلىش كۈچى زور دەرىجىدە ئاشتى. 98- يىلدىن باشلاپ مېكسىكا كۇلۇبلىرىنىڭ قېتىلىشى بۇ مۇسابىقىنىڭ تاماشىبىنلىرىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى، 2 يىلدىن كېيىن بۇ مۇسابىقە تېخىمۇ تەرەققىي قىلىپ 32 كوماندا قاتنىشىدىغان بولدى. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ قىسقا مۇددەتلىك قوشۇمچە سالاھىيەت مۇسابىقىسى قوشۇلۇپ ھېسابتا جەمئىي 38 كوماندا قاتنىشىدىغان بولدى.
برازىلىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ يۇقىرىقىدەك ئۆزگىرىشى ئۈچۈن بىر مەزگىل ۋاقىت كەتتى. مەسلەن 97- يىلى كرۇسەيلو كوماندىسى بىلەن پېرۇ ماھارەت كوماندىسىنىڭ بىرىنچى قېتىملىق مۇسابىقىسى برازىلىيە دۆلەت ئىچىدە تېلىۋىزىيىدە تارقىتىلمىدى. 5 يىلدىن كېيىن برازىلىيىلىك تاماشىبىنلار پەقەت ئەڭ ئاخىرقى ھەل قىلغۇچ باسقۇچنىلا كۆرەلەيتتى، ئوخشاشلا سانئايدېنو كوماندىسىنىڭ ھەل قىلغۇچتىكى بىرىنچى ئايلانما مۇسابىقىسىمۇ تارقىتىلمىغان.
لېكىن ھازىر بىرازىلىيىنمۇ باشقا رايونلارغا ئوخشاش تېلىۋىزىيە بىلەن قاپلىنىش دائىرىسى بار بولدى. يەرلىك تېلىۋىزىيە ئىستانسىسىلىرىمۇ شۇ يەردىكى كوماندىلارنىڭ مۇسابىقىسىنى تارقىتىشتا ئېتىبارغا ئېرىشىدۇ. يېڭى بىر خىل ۋەزىيەت ھازىرقى برازىلىيە بىرلەشمىسى ـــG4 كە يېتەكچىلىك قىلدى. يەنى پەسىللىك مۇسابىقىدىكى نەتىجىسى ئالدىنقى قاتاردىكى كوماندىلار ۋە بىرلەشمە لوڭقىنىڭ چېمپىيونى جەمئىي 4 كوماندا بولۇپ كېلەر يىللىق ئازادلىق لوڭقىسىغا قاتنىشىدۇ. G4 كە كىرىش دۆلەت ئىچىدىكى بىرلەشمىنىڭ چېمپىيونى بولۇشقا ئوخشاشلا مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.

يۇقىرىدا ئازادلىق لوڭقىسىغا مۇناسىۋەتلىك گەپ چىقتى، شۇڭا ئەمدى
ئازادلىق لوڭقىسى ھەققىدە



ياۋروپا چېمپىيونلۇق مۇسابىقىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ تەسىرىدە جەنۇبىي ئامېرىكا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىمۇ بىرلەشمىگە ئەزا 10 دۆلەتتىكى ئەڭ كۈچلۈك كۇلۇبلار ئارىسىدىكى جەنۇبىي ئامېرىكا چېمپىيۇنلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقە تۈزۈمىنى يولغا قويدى ھەم بۇنى «جەنۇبىي ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىنى ئازاد قىلغۇچىلار لوڭقىسى» دەپ ئاتالغان بولۇپ 1960- يىلى رەسمىي مۇسابىقە تۇزۈمى شەكلىدە مەيدانغا كەلگەن، ئەڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردا مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان كوماندىلار پەقەت ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىسىنىڭ چېمپىيۇن كوماندىسى ئىدى، 1966- يىلىدىن باشلاپ دۆلەت ئىچىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ چېمپىيون ۋە ئىككىنچى بولغان كوماندىسى قاتنىشىدىغان بولدى. مۇسابىقە تۈزۈمى كۆپ قېتىم ئىسلاھ قىلىنغاندىن كېيىن ئەينى ۋاقتىدا قائىدە تۈزۈملىرى تۆۋەندىكى تۈرلەر بويىچە بېكىتىلگەن
1. ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ تۆت كوماندىسى بىر گۇرۇپپا بولىدۇ، مۇشۇ بويىچە جەمئىي بەش كىچىك گۇرۇپپا بويىچە تاللاش مۇسابىقىسى ئېلىپ بېرىلىدۇ(ئىككى ئايلانما)  
2. كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىكى ئالدىنقى ئۈچ كوماندا ھەم ئالدىنقى قېتىملىق چېمپىيون كوماندا(چېمپىيۇن كوماندا گۇرۇپپا مۇسابىقىسىگە قاتناشماي بىۋاسىتىلا ئىككىنچى باسقۇچقا كىرىدۇ) بولۇپ جەمئىي 16 كوماندا ئوتتۇرىسىدا 8/1ھەل قىلغۇچ ، 4/1ھەل قىلغۇچ ، يېرىم ھەل قىلغۇچ ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلىدۇ، بۇ باسقۇچلاردا كوماندىلار ساھىبخان ۋە مېھمان ھالەتتە مۇسابىقىلىشىپ نەتىجىنى بەلگىلەيدۇ
60- يىللارنىڭ بېشىدا بۇ مۇسابىقىدە پۇتبول پادىشاھى بېلى باشچىلىقىدىكى بىرازىلىيە سانتوس كوماندىسى كۈچلۈك ئورۇندا ئىدى، لېكىن 60-70- يىللاردا ئارگېنتىنا ۋە ئۇرۇگۋاينىڭ كوماندىلىرى مۇتلەق ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن، بۇ ئەھۋال دۆلەت كوماندىلىرنىڭ «ئامېرىكا قىتئەسى لوڭقىسى» نى تالىشىشتىكى ئەھۋالى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش. 80- يىللارغا كەلگەندە بىرازىلىيە چولپىنى زىكو باشچىلىقىدىكى فلامېنگو كوماندىسى تۇنجى قېتىم چېمپىيون بولۇپ بىرازىلىيە كوماندىلىرىنىڭ كۈچىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى، كېيىن يەنە بىرازىلىيە چولپىنى مورېنا باشچىلىقىدىكى پېينىيالور كوماندىسى(ئۇرۇگۋاي)، رېناتو باشچىلىقىدىكى گېرىمىئو كوماندىسى (برازىلىيە)، بۇرۇچاگا، بېلرۇكتان، گوستىلار بولغان مۇستەقىل كوماندىسى (ئارگېنتىنا) قاتارلىق پۇتبولدىكى ئۈچ كۈچلۈك دۆلەتنىڭ كوماندىلىرى چېمپىيون بولدى، پەقەت 1989- يىلىغا كەلگەندىلا كولۇمبىيىنىڭ مادرېن مىللەتلەر كوماندىسى ۋاراتار ئىكىتانىڭ ئېسىل ئىپادىسىگە تايىنىپ تۇنجى قېتىم چېمپىيون بولدى(ئارگېنتىنا، ئۇرۇگۋاي، بىرازىلىيە كوماندىلىرىدىن باشقا تۇنجى قېتىم چېمپىيون بولغان باشقا دۆلەتنىڭ كوماندىسى). بۇ مۇسابىقە جەنۇبىي ئامېرىكا پۇتبول تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاستىگە ئايلاندى

60-يىللاردىكى سانتوس كوماندىسى  
  
ھازىر «ئازاد قىلغۇچىلار لوڭقىسى» چېمپىيون بولغان كوماندا ۋە كوماندا ماھىرلىرى تويوتا لوڭقىسى (ھازىر دۇنيا كۇلۇبلار لوڭقىسىغۇ دەيمەن، توغرىمۇ) مۇسابىقىسىگە قاتنىشالايدۇ ھەم ئۆزىنىڭ پۇتبول تالانتىنى نامايان قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدۇ  
ھازىر مۇسابىقىگە قاتنىشىش كوماندا سانى جەھەتتە برازىلىيە ۋە ئارگېنتىنادىن 5 تىن  كوماندا، قالغان توققۇز دۆلەتتىن ھەرقايسىسىدىن 3 تىن كوماندا مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ، چېمپىيون بولغان كوماندا دۆلىتىدىن قاتنىشىدىغان كوماندا سانىغا تەسىر كۆرسەتمەي بىۋاسىتە كېيىنكى قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ  
مۇسابىقە تەرتىۋى: مۇسابىقە قوشۇمچە بۇسابىقە، كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ۋە شاللاش مۇسابىقىسىدىن ئىبارەت ئۈچ باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدۇ،  ئاۋال 38 كوماندا ئىچىدىكى ئەسلى ئۆز دۆلىتىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىدىكى نەتىجىسى ناچارراق 12 كوماندا قوشۇمچە مۇسابىقە ئېلىپ بارىدۇ، بۇلار 6 كىچىك گۇرۇپپىىغا بۆلۈنۈپ ساھىبخان ۋە مېھمان مەيداندا مۇسابىقىلىشىپ غەلبە قىلغۇچى 6 كوماندا ۋە باشتىكى 26 كوماندا كىچىك گۇرۇپپا مۇسابىقە باسقۇچىغا كىرىدۇ، شۇڭا قوشۇمچە مۇسابىقە يەنە «بىرىنچى باسقۇچلۇق شاللاش مۇسابىقىسى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، قالغان مۇسابىقە ئادەتتىكى قائىدە بويىچە بولىدۇ  
تۆۋەندىكىسى ھەرقېتىملىق مۇسابىقىنىڭ چېمپىيون كوماندىلىرى، كوماندا ئىسىملىرى قولاشمىغان بولسا ئاستىدا خەنزۇچىسىمۇ بار  
ماۋۇ 2008- يىللىق چېمپىيون كوماندا 厄瓜多尔基多体育大学 كوماندىسى  
  

1960- يىلى پېينالور كوماندىسى (ئۇرۇگۋاي)
1961- يىلى پېينالور كوماندىسى (ئۇرۇگۋاي)
1962-يىلى سانتوس كوماندىسى (برازىلىيە)
1963- يىلى سانتوس كوماندىسى (برازىلىيە)
1964- يىلى مۇستەقىل كوماندىسى (ئارگېنتىنا)
1965- يىلى مۇستەقىل كوماندىسى (ئارگېنتىنا)
1966- يىلى پېينالور كوماندىسى (ئۇرۇگۋاي)
1967- يىلى رىقابەت كوماندىسى (ئارگېنتىنا)
1968- يىلى لاپلاتا ستۇدېنتلار كوماندىسى (ئارگېنتىنا)
1969-يىلى لاپلاتا ستۇدېنتلار كوماندىسى (ئارگېنتىنا)
1970-يىلى لاپلاتا ستۇدېنتلار كوماندىسى (ئارگېنتىنا)
1971- يىلى مىللەتلەر كوماندىسى (ئۇرۇگۋاي)
1972- يىلى مۇستەقىل كوماندىسى (ئارگېنتىنا)
1973- يىلى مۇستەقىل كوماندىسى (ئارگېنتىنا)
1974- يىلى مۇستەقىل كوماندىسى (ئارگېنتىنا)
1975- يىلى مۇستەقىل كوماندىسى (ئارگېنتىنا)
1976- يىلى كرۇسەيلو كوماندىسى (برازىلىيە)
1977- يىلى بوكا ياشلار كوماندىسى (ئارگېنتىنا)
1978- يىلى بوكا ياشلار كوماندىسى (ئارگېنتىنا)
1979- يىلى ئولېمپىيە كوماندىسى (پاراگۋاي)
1980- يىلى مىللەتلەر كوماندىسى (ئۇرۇگۋاي)
1981- يىلى فلامېنگو كوماندىسى (برازىلىيە)
1982- يىلى پېينالور كوماندىسى (ئۇرۇگۋاي)
1983- يىلى گىرېمىئو كوماندىسى (برازىلىيە)
1984- يىلى مۇستەقىل كوماندىسى (ئارگېنتىنا)
1985- يىلى ئارگېنتىنا ياشلار كۇلۇبى كوماندىسى (ئارگېنتىنا)
1986- يىلى دەريا قىنى كوماندىسى (ئارگنتىنا)
1987- يىلى پېينالور كوماندىسى (ئۇرۇگۋاي)
1988- يىلى مىللەتلەر كوماندىسى (ئۇرۇگۋاي)
1989- يىلى مادرېن مىللەتلەر كوماندىسى (كولۇمبىيە)
1990- يىلى ئولېمپىيە كوماندىسى (پاراگۋاي)
1991- يىلى كروكرو كوماندىسى (چېلى)
1992- يىلى سان پاۋلو كوماندىسى (برازىلىيە)
1993- يىلى سان پاۋلو كوماندىسى (برازىلىيە)
1994- يىلى ساسفېرد كوماندىسى (ئارگېنتىنا)
1995- يىلى گىرېمىئو كوماندىسى (برازىلىيە)
1996- يىلى دەريا قىنى كوماندىسى (ئارگنتىنا)
1997- يىلى كرۇسەيلو كوماندىسى (برازىلىيە)
1998- يىلى ۋاسكو داگاما كوماندىسى (برازىلىيە)
1999- يىلى پارمېلاس كوماندىسى (برازىلىيە)
2000- يىلى بوكا ياشلار كوماندىسى (ئارگېنتىنا)
2001- يىلى بوكا ياشلار كوماندىسى (ئارگېنتىنا)
2002- يىلى ئولېمپىيە كوماندىسى (پاراگۋاي)
2003- يىلى بوكا ياشلار كوماندىسى (ئارگېنتىنا)
2004- يىلى كالداس كوماندىسى (كولۇمبىيە)
2005- يىلى سان پاۋلو كوماندىسى (برازىلىيە)
2006- يىلى خەلقئارا كوماندىسى (برازىلىيە)
2007- يىلى بوكا ياشلار كوماندىسى (ئارگېنتىنا)
2008- يىلى جىدو تەنتەربىيە ئۇنۋېرسىتېت بىرلەشمە كوماندىسى (ئېكۋادور)

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +100 يىغىش سەۋەبى
shevchenko + 50 نادىر يازما
wolfcry + 30
شەمشاد + 20 پىچەت

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-4-1 22:30:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جاپا چىكىپسىز ھارمىغايسىز . سىزگە رەھمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-4-1 22:37:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  تېمىدىن  بىرسى  كەپتۇ،  راسلا  ياخشى  يىزىپسىز،  جاپا  تارتىپسىز،   رەھمەت  سىزگە،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-4-1 22:38:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىمىكەنغۇ بۇ ،بەك قالتىس بوپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-4-1 22:46:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېما بوپتۇ.  باللا راسلا ياخشى تېمىلارنى يوللايدىغان بوپ كەتتى.  قولۇڭلارغا دەرت بەمىسۇن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-4-1 22:46:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت  سىزگە،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-4-2 00:00:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھنەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-4-2 09:03:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ جاپا تارتىپسېز.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-4-2 10:31:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راسلا ياخشى تىما بوپتۇ،بەزىبىر بىلمەيدىغان ئىشلارنى بىلىۋالدىم.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-4-2 11:42:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جەنۇبىي ئامرىكا پۇتبولچىلىقىدىنمۇ خەۋەردا بولۇپ قالدۇق.......... رەھمەت سىزگە...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-4-4 15:14:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرازىليەنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى دۆلەت سىرتىدىكى مۇسابىقىلەرگە كۈچىمەي دۆلەت ئىچى مۇسابىقىلىرىگە كۈچىشى مانا ھازىرقى پۇتبولىنىڭ تىخمۇ يۇقىرى سەۋىيگە كۆتۈرلىشگە پايدىسى بولغان بولىشى مۇمكىن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-4-9 12:58:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالغا بىرىزىلىيە....................
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 02:04

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش