3-ئاينىڭ 31-كۈنى ئەنگىلىيە ۋاقتى سائەت 8 (بېيىجىڭ ۋاقتى 3.31 سائەت 16) دە، ئەنگىلىيە ۋە ياۋرۇپا پۇتبولچىلار جەمىئىتى مۇنداق قارارنى رەسمى ماقۇللىدى. بۇ قارار ماقۇللانغىنىغا بىر سائەتتىن ئاشمىغان بولسىمۇ پۇتۈن دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى.
3-ئاينىڭ 12-كۈنى ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى سەككىز كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىلىرىدىن پۇتۇن دۇنيا دىققىتىنى تارتقان مۇسابىقىلەردىن مانچىستىر 0:2 ئېنتىر مۇسابىقىسى ئەڭ ئاخىرىدا مورىنىئونىڭ فۇرگىسىنغا ئۇتتۇرۇپ قويىشى بىلەن ئاخىرلاشتى . مۇسابىقىدىن كېيىن ياۋرۇپا پۇتبولچىلار جەمىئىتىنىڭ تەرتىۋى بويىچە مۇسابىقىگە قاتناشقان 28 ئەزانىڭ «بەدەن تەكشۇرۇش » ى ئېلىپ بېرىلدى.
ياۋرۇپا پۇتبولچىلار جەمىئىتنىڭ باياناتچىسى فۇرلاند . كىراك نىڭ بۇگۇنكى مۇخپىرلارنى كۈتىۋىلىش يىغىنىدا ئېيتىشىچە :« بىز مۇسابىقىدىن كېيىن بەدەن تەكشۇرۇش ئارقىلىق مانچىستىر ئەزالىرىدىن فەندىرسار بىلەن كىرىستىيان.رونالدونىڭ سۈيدۇكى تەركىبىدە مەلۈم مىقداردىكى قۇۋۋەتلەندۇرۇش دورىسىنىڭ ئېلىمىنتى بارلىقىنى بايقىدۇق. بۇ مۇسابىقە ئادەتتىكى مۇسابىقە بولمىغانلىقتىن ئۇلارنى خاتا جازالاپ قويۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بۇ خەۋەرنى پۇتۈنلەي مەخپى ھالدا تۇتتۇق ھەمدە ئامىرىكا خىمىيە ئالىمى كارلىس . جون نى بۇ ئىشنى تەكشۇرۇشكە تەكلىپ قىلدۇق . بۇ بىر قاتار مەخپى تەكشۇرۇشلارنىڭ نەتىجىسى تۇنۇگۇن چىقتى . نەتىجىدە مۇسابىقىدە فەندىرسار بىلەن رونالدونىڭ شۇ قېتىملىق مۇسابىقىدە قۇۋۋەتلەندۇرۇش دورىسى ئىستىمال قىلىپ مۇسابىقىگە قاتناشقانلىقى ئىسپاتلاندى. »
ياۋرۇپا پۇتبولچىلار جەمىئىتى بۇ ئىشتىن قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن ھەمدە بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرىشىنى كەلگۇسى 36 سائەت ئىچىدە قايتا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقى ھەمدە بۇ ئىككى ئەزاغا قاتتىق جازا قوللىنىش بىلەن بىللە ئەنگىلىيە پۇتبولچىلار جەمىئىتىنىڭمۇ بۇ ئىشقا چېتىلىپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۇرۇپ ئۆتتى .
ئەمما خوش خەۋەر بولا مۇشۇنداق بولا ھە .....  .... خوشلىقىمنى قانداقمۇ ئىپادىلەرمەن ئەمدى ..... 
چوقۇم بۇ خەۋەرنىڭ مەنبەسىنى ئىزدەۋاتىسىز ... ئەمىسە مۇناسىۋەتلىك رەسىم ، مۇناسىۋەتلىك فىلىم ۋە ياۋرۇپا پۇتبولچىلار جەمىئىتى تەمىنلىگەن مەنبە ئارقىلىق بۇ تەلىۋىڭىزنى قاندۇرۇپ قويىمەن .... يوشۇرۇپ قويدۇم ، ئىنكاس يېزىپ كۆرۈڭ ھە .... 
سەيياھ ئەگەر بۇ تېمىدىكى يوشۇرۇن مەزمۇننى كۆرمەكچى بولسىڭىز، ئىنكاس يېزىڭ |