ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 69 |
تۆھپىسى: سەر |
|
مورىنئو: مانچېستېرغا مەڭگۈ ياق دىيىشكە بولمايدۇ، قىزىل ئالۋاستىغا يېتەكچىلىك قىلىشنى كىممۇ رەت قىلالىسۇن؟
شىنلاڭ تەنتەربىيە خەۋىرى، فۇگىسىننىڭ ئوغلى دادىسىنىڭ كېلەر مۇسابىقە پەسلى ئاخىرلىشىپ، مانچېستېرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇسابىقىلەردىكى چىمپىيونلۇق سانى 19 قېتىمغا يەتكەندىن كېيىن پىنسىيىگە چىقىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. بۇ، مانچېستېر ئەگەر مۇشۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىدە چىمپىيۇنلۇقنى ساقلاپ قېلىش بىلەن بىرگە كېلەر مۇسابىقە پەسلىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىدىمۇ يەنىلا چىمپىيۇنلۇقنى قولدىن بەرمەي، لىۋېرپۇلنىڭ 18 قېتىم چىمپىيۇن بولۇشتەك رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىيالىسا فۇگسىننىڭ ئاندىن خاتىرجەم پىنسىيىگە چىقىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

مورىنئۇ 67 ياشلىق فۇگسىننىڭ ئەڭ مۇۋاپىق ئىز باسارى دەپ قارالماقتا، بۈگۈنكى«قۇياش گېزىتى》نىڭ خەۋەر قىلىشىچە مورىنئۇ ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە فۇگسىننىڭ ئورنىنى بېسىپ، مانچېستېر سەركەردىسى بولىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرگەن. ئەگەر فۇگسىن پىنسىيىگە چىققاندىن كېيىن مانچېستېر بىلەن بولغان تەقدىر باغلىنىشىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىتا مورىنئۇ مۇنداق جاۋاپ بەرگەن:
- كىممۇ ياق دىيەلىسۇن؟ ھېچكىممۇ ياق دىيەلمەيدۇ، مانچېستېر دۇنيادا ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان، رەت قىلىش مۇمكىن بولمىغان كۇلۇبتۇر، فۇگسىننىڭ 2010- يىلى مانچېستېردىن ئايرىلغاندىن كېيىنمۇ يەنىلا ساغلام ھەم خۇشال- خۇراملىق بىلەن تۇرمۇش كەچۈرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، ئەمەلىيەتتە مەنمۇ ئۇنىڭ ئايرىلماسلىقىنى، بۇ ئىشلارنى داۋاملاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. قانداق بولسا ئۇتتۇرىدىغانلىقى، قانداق قىلسا ئۇتىدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان مەسىلە، پورتو، چىلسى شۇنداقلا ئىنتىر مۇشۇلارنىڭ قايسىسى بولىشىدىن قەتئىينەزەر، مەيلى مەن ئۇتاي، مەيلى ئۇلار ئۇتسۇن ياكى تەڭلىشەيلى، 14 مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن بىز يەنىلا داۋاملىق ھۆرمەتلىشىپ ئۆتىمىز.
مورىنئۇ يەنە كەلگۈسىدە ئۆزىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت كوماندىسىغا يېتەكچىلىك قىلىش ئېھتىماللىقىنىڭمۇ بارلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:
- سىز بىر دۆلەت كوماندىسىنىڭ سەركەردىسى بولغان چېغىڭىزدا، ھەممە نەرسە ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، سەركەردە دېگەندىن (دۆلەت كوماندىسىدا) تەھلىلچى دېيىش مۇۋاپىقراق، بىر ئايدا پەقەت ئىككى قېتىملا مەشىق قىلدۇرالايسىز، تېخى بەزىدە ئىككى ئايدا بىر قېتىم مەشىق قىلدۇرىدىغان ئەھۋاللارمۇ بولىدۇ. سىز چوقۇم دۇنيا لوڭقىسىغا ئوخشاش بىر چوڭ تىپتىكى مۇسابىقىنى ساقلىشىڭىز كېرەك. كەلگۈسىدە مەن ئامېرىكا دۆلەت كوماندىسىغا قوماندانلىق قىلىپلا قالماي يەنە بىر كۇلۇبقىمۇ قوماندانلىق قىلىشىم مۇمكىن، ئامېرىكىدا مەيلى نىمە قىلىشىڭىزدىن قەتئينەزەر شۇنداق ئازادىلىك ھېس قىلىسىز، بۇ دۆلەتنىڭ دۆلەت كوماندىسىمۇ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە. |
|