akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 5799|ئىنكاس: 29

غەلبىدىن ئەڭ يىراق كىشىلەر ...( ئىنزاگى )

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
     پۇتبول ھەركىتىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەقىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بەس بەستە خەلقئارا مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش ۋە دۇنيا پۇتبول پۇتبول مۇسابىقىسىنى ۋاستە قىلىش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ ئۇنۋىرسال كۈچىنى نامايەن قىلىپ ، تەسىرىنى كېڭەيتىپ ، خەلقئارادىكى تەسىرىنى كەڭەيتىۋاتىدۇ ... مانا مۇشۇنداق پەيىتتە نۇرغۇنلىغان كوماندىلار باش كۆتىرىپ چىقىپ دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىلىرىدە نەچچە رەت غەلبىنى قولغا كەلتۈرگەن دۆلەتلەر باردۇر ... بۇلارنىڭ پۇتبول ھەركىتى تەرەقىي قىلىپ مەلۇم سەۋىيىگە يىتىپ بولدى ... يەنە بىر قىسىم كىشلەر باركى ئۇلارنىڭ گىپى بويىچە پۇتبولنى ئۇلار كەشىپ قىلغان مىش ، ئۇلار پۇتبولنى كەشىپ قىلغانلىقىغا ئىسپات كۆرسىتىپ بىر ئۇچۇم تارىخىي ماتىرياللارنى ئويدۇرۇپ چىقاردى ... ئەمدى بىز ئۇلارنىڭ پۇتبول دۇنياسىدىكى ئىناۋىتى ياكى نەتىجىلىرىگە قارىساق كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئىلەشتۈردۇ ... ھەم ئەپسۇزلاندۇردۇ ! بۇ پۇتبولنى كەشىپ قىلغان دۆلەت مىللەتنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىسىما ؟ ئۇنداق ئەمەس! مانا بۇ بىر ئۇچۇم پۇتبولنى كەشىپ قىلغان شەرقىي ئاسىيادىكى غەلبىدىن ئەڭ يىراق كىشىلەردۇر ...


                                                             غەلبىدىن ئەڭ يىراق پۇتبول دۆلىتى  

    ئېلىمىز خەلقىمۇ پۇتبول ھەركىتى بىلەن خېلى بۇرۇنلا تۇنۇشلۇق ئىدى . يېقىنقى زاماندىلا سۆز ئاچىدىغان بولساق ، 1840 - يىلدىكى ئەپيون ئۇرۇشىدىن كىيىن ھازىرقى زامان پۇتبول ھەركىتى ئەنگىلىيىلىكلەر ئارقىلىق بۇ غەلبىدىن ئەڭ يىراق پۇتبول دۆلىتى جوڭگوغا كىرگەن ...
1908 - يىلى جەنۇبىي جوڭگو پۇتبول جەمئىيىتى قۇرۇلغان . 1931 - يىلى كونا جوڭگو خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىگە كىرگەن ...

                                

    1951 - يىلى تيەنجىندە ئۆتكۈزۈلگەن ئازاتلىقتىن كىيىنكى تۇنجى نۆۋەتلىك پۇتبول مۇسابىقىسى يىڭى جوڭگو پۇتبول ھەركىتىدە داغدۇغىلىق مۇقەددىمە بۇلۇپ ، ئىلىمىز پۇتبول ھەركىتىنىڭ تەرەقىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تۈركە بولدى . شۇنىڭدىن كىيىن مەملىكەت بويىچە ئىختىساد ئىگىلىرىنى يىتىشتۈرۈپ پۇتبول قوشۇنىنى تەرەقىي قىلدۇرۇش چاقىرىق قىلىندى . شۇ يىلى يەنى 1951 - يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ پۇتبول جەمئىيىتى قۇرۇلدى . 1953 - يىلدىن باشلاپ ئىلىمىزنىڭ ھەرقايسى تەنتەربىيە ئىنىستوتلىرى ، فاكۇلتىتلىرىدا پۇتبول دەرىسى ئۆتۈلدى . مەمۇرىي رايونلار ، سانائەت سېستىمىلىرى بويىچە << شەرقىي جوڭگو >> پۇتبول كوماندىسى ، << جەنۇبىي جوڭگو >> پۇتبول كوماندىسى ، << پاراۋۇز >> پۇتبول كوماندىسى ، << شەرقىي شىمال >> پۇتبول كوماندىسى ، << بىرىنچى ئاۋغۇست >> كوماندىسى قاتارلىقلار قۇرۇلدى ... مەملىكەتلىك پۇتبول جەئىيىتىنىڭ خىزمەت ئىشلىشى بىلەن بىر قىسىم ياش پۇتبولچىلار ۋېنگىريىگە ئەۋەتىلدى ۋە تېخنىكىسىنى قۇبۇل قىلدى ...
     1954 - يىلىغا كەلگەندە مەملىكىتىمىزنىڭ ھەرقايسى ئۆلكە ، ئاپتونوم رايون ۋە مەركىزىي شەھەرلەردە پۇتبول كوماندىلىرى قۇرۇلۇپ ، مەخسۇز مەشق قىلدۇرۇشنى باشلىۋەتتى ۋە ھەردەرىجىلىك پۇتبول مۇسابىقىلىرىنى قانات يايدۇردى ...
     1958 - يىلغا كەلگەندە دۇنيا سىياسىي سەھنىدە يۈز بەرگەن << ئىككى جوڭگو >> پەيدا قىلىش سىياسىتى پۇتبول ساھەسىگىمۇ ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكەنلىكتىن ، جوڭگو پۇتبول جەمئىيىتى خەلقئارا پۇتبول جەمئىيىتىدىن چىكىنىپ چىقتى . لىكىن بۇ دەۋىردە جوڭگو پۇتبول ھەركىتى پۇختا قەدەم بىلەن تەرەقىي قىلغان بۇلۇپ ، دۆلەت كوماندىسىنىڭ سەۋىيىسى ب دەرىجىلىك كوماندىلارنىڭ سەۋىيىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالغان ئىدى ...

                               

     1960 - يىللى يۈز بەرگەن ئۇدا ئۈچ يىللىق تەبىئىي ئاپەت سەۋەبىدىن ، خەلق ئىگىلىكى ۋاقىتلىق قىيىنچىلىققا چۈشۈپ قالدى . دۆلەت ئىچىدىكى مۇسابىقىلەرنىڭ ئازىيىشى ۋە پۇتبول كوماندىلىرىنىڭ تەڭشىلىشى تۈپەيلى مەملىكىتىمىز پۇتبول ھەركىتىنىڭ سەۋىيىسى تېزدىن شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ كەتتى ...
     1964 - يىلى خەلق ئىگىلىكى ئەسلىگە كىلىش بىلەن تەڭ ، دۆلەتلىك تەنتەربىيە كومىتېتى ، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ، ئىتىپاق مەركىزى ، مائارىپ مىنىستىرلىكى بىرلىكتە مەملىكەتلىك پۇتبل خىزمىتى يىغىنى چاقىردى .
     1966 - يىلدىن باشلانغان << 10 يىللىق مالىمانچىلىق >> پۇتبول ھەركىتىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى مەغلۇبىيەت گىردابىغا ئىتەردى ... 1972 - يىلدىن باشلاپ مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىكى پۇتبول ھەركەتلىرى سەل - پەل ئەسلىگە كىلىپ ، پۇتبول ھەركىتىنى جاللاندۇرۇش بىر مەسىلە بۇلۇپ ئولتۇرغا قۇيۇلغان بۇلسىمۇ ، لىكىن ئەمەلىي خىزمەتلەر ئىزچىل ئىشلەنمىدى . كۆزگە كۆرىنەۈدەك تەتىجىلەرمۇ ھاسىل قىلىنمىدى . پۇتبول ھەركىتى يەنىلا تۆۋەن دولقۇندا ئىدى ...

                                

     1977 - يىلى مەدەنىيەت ئىنقىلابىدىن ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئىلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىمۇ ياخشىلىنىشقا باشلىنىپ ، شۇڭلاشقا ئەگىشىپ پۇتبول مائارىپى ، پا.الىيەتلىرىمۇ قايتىدىن جاللىنىش بولدى ... پۇتبول ھەركىتىدىكى خەلقئارالىق مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش ئۈچۈن 1977 - يىلى بېيجىڭدا تۇنجى قېتىم خەلقئارالىق << دوتلۇق مۇسابىقىسى >> ئۆتكۈزۈلدى . شۇنىڭدىن باشلاپ جوڭگونىڭ خەلقئارالىق پۇتبول ھەركىتىتى قۇيۇقلاشتى . 1978 - يىلى مەملىكەت بويىچە ئا ، ب كوماندىلارنىڭ نۆۋەتلىشىپ يۇقىرىغا چىقىش ۋە تۆۋەنگە چۈشىشنى ئاساس قىلغان بىرلەشمە مۇسابىقىلەر تۈزۈمى ئەسلىگە كەلدى . بۇنىڭ بىلەن مەملىكەتلىك بىرلەشمە مۇسابىقىلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى . 1978 - يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئىلىمىز كوماندىسى ئۈچۈنچى بولدى ...
      1979 - يىلى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتىنىڭ پۇتبول جەمئىيىتىدىن چىكىنىپ چىققىلى 20 يىلدىن ئاشقان خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسىدىكى ئورنىنى ئەسلىگە كەلتۈردى . شۇندىن ئىتىبارەن ئىلىمىز پۇتبول ھەركىتى ئىسلاھات ئىچىۋىتىش دەۋرىگە قەدەم قويدى . كۇلۇپ قۇرۇشنىڭ دەسلەپكى خىزمەتلىرى ئىشلىنىپ بىر نەچچە كۇلۇپلار قۇرۇلدى . 12 - نۆۋەتلىك ئاسىيا تەنھەركەت يىغىنىنىڭ پۇتبول مۇسابىقىسىدە جوڭگو كوماندىسى كۈمۈش مىدالغا ئېرىشتى . ئۇنىڭدىن باشقا ئاسىيا تەۋەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ھەرخىل مۇسابىقىلەردە ئۆز كوماندىسىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى نامايەن قىلدى . 2000 -يىلى ئۆتكۈزۈلگەن ئاسىيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە جوڭگو كوماندىسىنىڭ يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە باسقۇچىغا كىرىشى ، 2002 - يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە تاللانىشى پۇتكۈل دۇنيا خەلقىنى تاڭ قالدۇردى ... جوڭگو كوماندىسىنىڭ ئاسىيادىن بۈسۈپ چىقىشى توختاۋسىز ئىلگىرلەۋاتقانلىقىنىڭ نامايەندىسى .
لىكىن شۇنىمۇ سەگەكلىك بىلەن كۆرۈپ يىتىشىمىز كېرەككى ، ئىلىمىز پۇتبول ھەركىتىنىڭ ھازىرقى سەۋىيىسى دۇنيا پۇتبول ھەركىتى سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەن باسقۇچىدا تۇرماقتا ...

                                  

      1998 - يىلى 8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى جوڭگو پۇتبول ھەركىتىدە دەۋىر بۆلگۈچ ئەھمىيەتكە ئىگە بىر كۈن بولدى . شۇ كۈنى فەن جىيى ، سۈن جىڭخەيدىن ئىبارەت 2 جوڭگولۇق پۇتبولچى ئىنگىلاندنىڭ ئا دەرىجىلىك پۇتبول كۇلۇبى بىلەن رەسمىي توختامنامە ئىمزالاپ ، دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقتى . شۇنىڭدىن كىيىن ياۋرڭپادىكى 5 چوڭ بىرلەشمىدە جوڭگولۇق پۇتبولچىلار كۆزگە چىلىقىدىغان بولدى .
                                  

                                  

       شۇ كۈنى فرانسىيىدىكى بىر پۇتبول كۇلۇبى لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ تيەنكۇ پۇتبول كۇلۇبى بىلەن كىلىشىم ئىمزالاپ ، 21 ياشلىق لى جىنيۈنى 500 مىڭ ئامىرىكا دوللىرى نەرخى بىلەن فرانسىيە بىرلەشمىسىگە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى . شۇنىڭدىن كىيىن ياڭ جىنمو ، دوڭ فاڭ جۇ ، جىڭ جى قاتارلىق پۇتبولچىلارمۇ بىر بىرلەپ دۆلەت بۇسۇغىسىدىن ئاتلىدى .
جوڭگو پۇتبول ھەركىتىنىڭ تەرەقىياتىغا نەزەر سالساق ئىلگىرىمۇ جوڭگولۇق پۇتبولچىلار 3 قېتىم دۆلەتتىن چىقىش دولقۇنى قوزغىغان ئىدى ...

       1950 - يىللارنىڭ ئولتۇرىدا جوڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى دۆلەت كوماندىسىنى ۋىنگىريىگە ئەۋەتىپ چەتئەللىك تېرنىر جۇسپنىڭ ترېنىېرلىقىدا پائالىيەت ئىلىپ بارغان ئىدى . كىيىن ئۇلار جوڭگو پۇتبول ساھەسىدىكى مۇھىم شەخىسلەر بۇلۇپ قالدى . بۇ جوڭگو پۇتبولچىلىرىنىڭ 1 - قېتىملىق چەت ئەلگە چىقىش دولقۇنى بولسىمۇ لىكىن شۇ چاغدىكى شەرت شارائىت ۋە مۇھىتتا بۇ پائالىيەت چەت ئەلگە چىقىپ مەشىق قىلىش دەپ ئاتالغان ...

       2 - قېتىملىق سىتقا چىقىش دولقۇنى 1990 - يىللارنىڭ بىشىدا باشلانغان بۇلۇپ ، بۇ چاغدا سىرتقا چىقىپ كەتكەن پۇتبولچىلارنىڭ ھەممىسى 1980 - يىللارنىڭ جوڭگو پۇتبول سەھنىسىدىكى مۇنەۋۋەر تەنھەركەتچىلەر ئىدى . ئۇلار چەتئەلگە چىقىپ ئىشتىن سىرتقى كوماندىلاردا توپ تەپتى . ئۇلارنىڭ خارەكتىرى يۆتكەپ ئىشلىتىش ئەمەس بەلكى شەخسىي چىقىش ئىدى .

       3 - قېتىملىق دولقۇندا جوڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتى << جەيەنلىباۋ >> ياشلار كوماندىسىنى برازىليىگە ئاپىرىپ مەشىق قىلدۇردى . ئۇنىڭدىن كىيىن شاڭخەي پۇتبول كۇلۇپلىرىمۇ جەنۇبىي ئامىركىنى مەشىق بازىسى قىلىۋالدى . ئارقىدىنلا << ۋەندا >> كوماندىسىمۇ ياش ئۆسمۈرلەرنى چەت ئەلگە چىقىپ تەربىيلەش ئارقىلىق ۋارىس يىتىلدۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرماقچى بولدى . بۇ قېتىملىق دولقۇننىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا ئۇزۇن مۇساپىلىك مەبلەغ سالدى ...

       4 - قېتىملىق دولقۇن 1998 - يىلى يازدا  فەن جىيى ، سۈن جىڭخەيدىن ئىبارەت 2 جوڭگولۇق پۇتبولچى ئىنگىلاندنىڭ ئا دەرىجىلىك پۇتبول كۇلۇبى بىلەن رەسمىي توختامنامە ئىمزالاپ ، دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىشىدىن باشلاندى ...

       1989 - يىللاردا جوڭگونىڭ ئا دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان پۇتبولچىلارنىڭ مۇئاشى ئاران 200 يۇەن ئىدى . لىكىن ھازىر بولسا يىلىغا ئاز دىگەندىمۇ 400 - 500 مىڭ خەلق پۇلىغا توغرا كىلىدۇ . فەن جىيى 1997 - يىلى 2 مىليون يۇەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغان ...

        1994 - يىلدىن ئىلگىرى پۇتبولچىلارنىڭ چەتئەلگە چىقىپ توپ تىپىشىدىن ئېغىز ئىچىشقىمۇ ناھايىتى تەس ئىدى . ھەتتا دۆلەت ئىچىدىكى كوماندىلارمۇ ئۆز ئارا يۆتكۈلۈشمۇ مەنئىي قىلىناتتى . مۇشۇ جەھەتتىكى دەۋا ئىشلىرىمۇ يۈز بېرىپ تۇراتتى . پۇتبولچىلارنىڭ چەتئەلگە چىقىش ئىشىكى ئېچىۋىتىلگەندىن كىيىن جوڭگو پۇتبول بازىرى خېلى ئاۋاتلىشىپ قالدى .

        مانا بۇ ئاتالمىش پۇتبول ھەركىتىنى كەشىپ قىلغان مىللەت ، دۆلەتنىڭ ھازىرقى زامان پۇتبول ھەركىتىدىكى تەرەقىي قىلىشى ، سىڭىپ كىرىشى ، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى يۇقۇردا ئېيتىلغاندەكلا ... مانا بۇ شەرىقتىكى ئەجدىرھا ئەۋلادى دەپ نام ئالغان خەلق يىشىل مەيداندىكى غەلبىدىن ئەڭ يىراق كىشلەردۇر ...


                                                           ئۇيقىدىكى بۆرە

        مانا مۇشۇنداق ئاتالمىش پۇتبولنى كەشىپ قىلغان دۆلەتنىڭ غەربىي قىسمىدا يەنە بىر قىسىم ئۆزلىرىنىڭ شانلىق تارىخىي نەتىجىلىرى ، باتۇرلۇق  ، ئاستىرونىمىيە ، تىبابەت ، تەنتەربىيە ، ناخشا - مۇزىكا ، ئۆزگىچە بولغان مىللىي ئۆرىپ ئادەت بىلەن دۇنيانى تاڭ قالدۇرغان يەنە بىر مىللەت بار ... بۇ بىر ئۇچۇم بۆرىلەرنىڭ تىنىچ ئۇيقىدا ئۇخلاپ ياتقىلى خېلى بولدى ... چۈنكى بۇلار بىھۇش دورىسىنىڭ تەسىرىگە خېلى ئۇچرىغان ئىدى ... ئۆز ۋاقتىدا بۇ بىر ئۇچۇم بۆرىلەرنىڭ ياراتقان شانلىق تارىىخىي نەتىجىلىرىنى سۆزلەپ تۈگەتكۈسىز ... چۈنكى ئۇلار تۈرۈك قەۋىمدىكى ئۇيغۇر مىللىتى ، تۇمىرىدا ئېقىۋاتقىنى ئارىيان قىنى ...

        ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاتاقلىق تىلشۇناسى مەھمۇد قەشقىرىنىڭ بۇنىڭدىن 900 يىل ئىلگىرى يازغان << تۈركىي تىللار دىۋانى >> دا : << ئولتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي قەۋىملىرىنىڭ قوزىنى تولۇمچىلاپ سويۇپ ، ئۇنىڭ ئىچىگە ھاۋا ( يەل ) تولدۇرۇپ ئىشلەنگەن توپنى تىپىش ئۇسۇلى بىلەن قارمۇ قارشى قەلئەلەرنىڭ ئىچىگە كىرىگۈزىدىغان ( تەپۈك ) ، ( تىپىش ) ناملىق بىر ئۇيىنى بار ئىدى >> دىيىلگەن . ( تۈرۈك قامۇسى 29 - توم 384 - بەت )

<< تۈرۈك مىللىي مەدەنىيىتى >> دىگەن كىتابتا << پۇتبول ، چەۋگەن ھونلاردىن بېرى تۈرۈكلەر ئارىسىدا ئوينالغان بۇلۇپ ، كۆك تۈرۈكلەر دەۋىرىدە جوڭگوغا يىيىلغان ئىدى >> دىيىلگەن .

       مانا يۇقارقى تارىخىي پاكىتلاردىن قارىغاندا ، پۇتبول ياكى توپ تۈركىي قەۋىملەر تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان . جۈملىدىن پۇتبول بىز ئۇيغۇرلارنىڭ قان - قىنىغا سىڭىپ كەتكەن . مانا بىز ھەقىقىي پۇتبولنى ياراتقۇچىلارمىز ... لىكىن ھازىرقى ھالىمىزغا ۋاي !

       19 - ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ ئاتۇش ئېكساقتىكى مەشھۇر سودىگەر ، مەرىپەتۋەر زات باۋۇدۇن موسابايوف شىنجاڭدا بىلىم - سەۋىيىگە ئىگە كىشلەرنىڭ بۇلۇشىنى ھېس قىلىپ << ھۆسەيىنە مەكتىپى >> قۇرغان ...
       1906 - يىلى باۋۇدۇن باي تۈركىيىدىن بىر تۈركۈم ئەپەندىلەرنى تەكلىپ قىلىپ ئوقۇتۇش ئىشلىرى بىلەن تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى جاللاندۇرغان . نەتىجىدە 1910 - يىلى تېرە ، لاتا ، يىپلاردىن ياسالغان توپلارنى يول ، ئىتىزلاردا قاپقا ياساپ ئويناشتەك ھالەتنى مەيدان بىلەن ئويناشقا ئۆزگەرتكەن . شۇنىڭ بىلەن ھەزرىتى ئەبىب قەبرىستانلىقى ئالدىدا رەسمىي پۇتبول مەيدانى ياسىلىپ ، پۇتبول كوماندىسى تەشكىللىنىپ ، مۇسابىقىلەر ئىلىپ بېرىلغان .

       1927 - يىلى ئېكساق دېھقانلار پۇتبول كوماندىسى 2 : 1 نەتىجە بىلەن ئەنگىلىيە كونسولخانىسىدىكى خادىملارنى ، 7 : 0 نەتىجە بىلەن شىۋىتسىيە داۋالاش پونكىتىدىكى خادىملارنى ئۇتۇپ غەلبە تەنتەنىسىنى ياڭراتقاندا ، ئەنگىلىيە كونسولى بىلەن شىۋېتسىيە كونسوللىرىنىڭ ۋاكالەتچىلىرى ئۇتتۇرۇپ قويسا بېرىدىغان كۈمۈش ئىگەرلىك ئات مۇكاپاتىنى بەرمەي قىچىپ كەتكەن . ( ئەينى زامانلاردا ئاتا - بۇۋىلىرىمىزنىڭ ئۇ ئەجنەبىلەرنىڭ كاللىسىنى تىنىدىن جۇدا قىلىپ ، توپ قىلىپ ئوينىغىنى ئىسىگە كىلىپ قالغان بولسا كېرەك ؟) . پەقەت سوۋىت ئىتىپاقى كونسولىلا يىپىلىش مۇراسىمى سۈپىدىلا << غالىپ كوماندا >> دەپ ئاتىغان .
       1930 - يىللاردا پۇتبول ھەركىتى كەڭ قانات يىيىپ ، غۇلجا شەھەر ئىچىدىكى ۋاڭ قادىرنىڭ بېغىدا ھەر ھەپتىدە 3 قېتىم پۇتبول مۇسابىقىسى ئۆتكۈزىلىپ تۇرغان .

       يىڭى جوڭگو قۇرۇلغاندىن كىيىن ، 1951 - يىلى 10 - ئايدا مۇرات ، جاپپار ، ئېزىز ، ھەمدۇل ... قاتارلىق 18 كىشى شىنجاڭ پۇتبول كوماندىسىنى يىتەكلەپ تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزىلگەن غەربىي شىمال پۇتبول مۇسابىقىسىدە چىمپىيون بولغان . 1952 - يىلى ۋە 1953 - يىللىرى ئالدىنقى 3 - لىكنى ساقلىغان .

       مۇشۇ يىللاردىن كىيىنلا بىزنىڭ پۇتبول ھەركىتىمىز بۈشۈكىدىنلا تۇنجۇقۇپ قالدى ... بۇنىڭدا زادى نىمە سەۋەپ بار ؟ سەۋەپ بىزدىمۇ ياكى ئۇلاردىمۇ ؟ بۇ بىر ئويلۇنىشقا تىگىشلىك مەسىلە دەپ قارايمەن ...

       نۇرغۇنلىغان پۇتبول سۆيەر ياشلىرىمىز ئۆسمۈرلىرىمىز بەلگىلىك شارائىتلارغا ئىگە بولالماۋاتىدۇ ، ئاتالمىش شىنجاڭ رايونلىرىمىزدا بىر قىسىم پۇتبول مەكتەپلىرى قۇرۇلۇپ ، ئىچكىرى ئۆلكىلەرنى چۆرگىلەپلا قايتىپ كېلىۋاتىدۇ ... پەقەت مۇشۇ بۈيۈك دۆلىتىمىز ئىچىدىلا چەكلىنىپ قېلىۋاتىدۇ ... ئىقتىسادتىن سۆز ئىچىش مۇمكىن ئەمەس ، ئەجىبا بۈيۈك دىيارىمىز شۇنچە نامرات يەرمىدۇ ؟ ياكى بولمىسا بۇ يەردىكى خەلق نانقىپىمىدۇ ؟ تەنتەربىيە ھۆجەيرىلىرى كامچىلمىدۇ ؟ مانا بۇ پۇتبولنى ھەقىقىي ياراتقان مىللەتنىڭ دەقدىرى !

        ئەي ئۇلۇغ بۆرە ، سەن بولدۇق بىۋۇش ، ئەقلىڭنى ئىتتىك تېپىپ قاچانمۇ ئويغۇنارسەن ؟ بولمىسا قۇرۇپ قاقشال بۇلۇپ قالىسەن !

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +80 يىغىش سەۋەبى
شەمشاد + 20 توغرا پىكىر
zeper + 10 نادىر يازما!
ئاتېللا + 50

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-27 00:55:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇ ئاتالمىش پۇتبول ھەركىتىنى كەشىپ قىلغان مىللەت ، دۆلەتنىڭ ھازىرقى زامان پۇتبول ھەركىتىدىكى تەرەقىي قىلىشى ، سىڭىپ كىرىشى ، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرى يۇقۇردا ئېيتىلغاندەكلا ... مانا بۇ شەرىقتىكى ئەجدىرھا ئەۋلادى دەپ نام ئالغان خەلق يىشىل مەيداندىكى غەلبىدىن ئەڭ يىراق كىشلەردۇر ...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-27 00:56:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىمىنىڭ ماۋزۇسىغا  قاراپلام  مۇشۇ خەقمىكىن دىگەنتىم ئۇيلىغنىمدەك چىقىپتۇ  
بۇلار  تەنتەربىيە  بىلەن سياسىنى  ئايرىم قىلسا  بۇ كۈنگە قالمايتى ....ھەي ئامال يۇق .....
پۇتبۇلغا ھاقارەت  قىلغىچە ئۇينىمايلام قۇيسا  بۇلىدۇ ... ....لاجى ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-27 01:04:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي  بەزى ئىشلارغا ئامال يوق
بىر مىليارد 400 مىليۇن ئادەمنىڭ ئىچىدىن 11 ئادەمنىڭ چىقمىغىنىغا ئەقلىم ھەيران
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-27 01:25:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

Re:غەلبىدىن ئەڭ يىراق كىشلەر ...( ئېبلىس)

بۇ توغۇرلۇق جىق سۆزلەر بولۇپ كەتتىغۇ .... خەنزۇچە توربەتلەردىمۇ يېزىلغان    جۇڭگو پۇتبولىنىڭ ئۈمۈدى غەرىپتە دىگەن تىمىلار ، يامان ئەمەس ئىنكاسلار چۈشكەننىمۇ كۆرگەن....ئامال قانچە ھازىر...

قەدىمى پۇتبولنىڭ ھەقىقى كەشىپ قىلغۇچىسى ئۇيغۇر دىگەننى باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغدا تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىمىز بىر كىتابتا ئوقۇپ بەرگەن ئىسىمدە ... كىيىن قەدىمى پۇتبول جۇڭگودا ئىجاد قىلىنغان دىگەننى خەلىقئارامۇ ئىتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن ، قەدىمدە پۇتبول ھەركىتى ئىچكىرىگە بىز ئۇيغۇرلاردىن كىرگەندۇ دەپ ئويلايدىغان بولدۇم .... لىكىنزە .......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-27 02:31:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇبىر ياخشى  تېما.  مەن بۇ تېمىنى  باشقا  توربەتتىن  كۆرگەنئىدىم.   ئاپتورى  بىر.   شۇچاغدىلا  ئوقوپ  چىقىپ  ناھايىتى  ياخشى  يىزىلغان  تىما  ئىكەنلىكىنى  بىلگەنئىدىم. زادى  بۇ خەنلارگە  گەپ  قىلغان  بىلەن  ئورنىغا  كەلمەيدۇ.  ھەي  يانىلا  بىزدە  ئامال  يوقتە.  دۇنيا  بويىچە  ئەڭ  كۆپ  ئادەم.  پەقەت  مۇشۇ  ئىشتا  تەرەققى  تاپالمايلا..........  بولدىلا  جىق  سۆزلىمەي  بولمىسا   خاتالىشىپ  قالماي.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-27 09:17:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىما يوللىنىپ بولغان مۇشۇ مۇنبەرگە  ، باشقۇرغۇچىلار ئوبدان قاراپ باقساڭلار ،
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-27 10:26:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداق دىمەڭلا،پۇتبڭلنى مۇشۇ خەق بارلىققا كەلتۈرگەن!ئۇلار دىگەن پۇتبولنىڭ ئىجادچىسى!     
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-27 10:30:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى خەۋەركەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2009-3-27 10:48:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
6 - قەۋەتتىكى sansiz.boy نىڭ 2009-03-27 09:17 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى  :
بۇ تىما يوللىنىپ بولغان مۇشۇ مۇنبەرگە  ، باشقۇرغۇچىلار ئوبدان قاراپ باقساڭلار ،


ئۇقۇشماسلىق بۇلۇپ قالمىسۇن ، مەن شۇ باشقا مۇنبەردىكى Inzaghi بولىمەن !!!
مەن ئەسلى بۇرۇندىنلا پۇتبول مۇنبىرىگە ئەزا ئىدىم ، باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ سورۇنغا نايىل بولالمىغان ئىدىم . ئەمدى قايتىپ كەلدىم !
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-27 10:55:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇلارغۇ غەلبىدىن ئەڭ يىراق كىشىلەركەن،ھازىرقى ۋاقىتتا بىز پۇتبولدىن ئەڭ يىراق كىشىلەرمىزمىكىن دەپ ئويلايمەن...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-27 11:15:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
9 - قەۋەتتىكى ئېبلىس نىڭ 2009-03-27 10:48 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى  :



ئۇقۇشماسلىق بۇلۇپ قالمىسۇن ، مەن شۇ باشقا مۇنبەردىكى Inzaghi بولىمەن !!!
مەن ئەسلى بۇرۇندىنلا پۇتبول مۇنبىرىگە ئەزا ئىدىم ، باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ سورۇنغا نايىل بولالمىغان ئىدىم . ئەمدى قايتىپ كەلدىم !

مەن مۇشۇ مۇنبەرگە ئەزا بولماستا مۇشۇ تىمىنى مۇشۇ مۇنبەردە كۆرگەندەك ئىسىمدە ، يا شىنجاڭ پۇتبول مۇنبىرىدە كۆردۈممۇ ئىشقىلىپ بەك ئوخشىشىدىكەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 18:45

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش