akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 7300|ئىنكاس: 47

ئـاشـۇ ئـۇنـتـۇلـمـاس مـىـنـوتـلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
     ياۋرۇپا چىمپىيونلۇق لوڭقىسى - دۇنيادىكى سەۋىيىسى ئەڭ يۇقىرى مۇسابىقىلەرنىڭ بىرى . 1955-يىلىدىن باشلانغان بۇ مۇسابىقە تۈرى تا ھازىرغىچە ئۇزۇن مۇساپىلەرنى بېسىپ ئۆتتى، ھەر قېتىملىق چىمپىيون ئوخشاش بولمىغان ئىسسق-سوغاقلارنى باشتىن كەچۈرگەن. تۆۋەندىكى رەسىملەر ئارقىلىق «ئاشۇ ئۇنتۇلماس مىنوتلار»نى بىرلىكتە ئەسلەپ ئۆتەيلى !


        1956-يىلى . خانلىق مادرىد
1956-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى فىرانسىيە پارىژ شاھزادىسى مەيدانىدا بىرىنچى نۆۋەتلىك چىمپىيونلۇق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد بىلەن فىرانسىيە زەردارى لېنىس ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى. نەتىجىدە خانلىق مادىرىد 4:3 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلدى، مۇسابىقىدە سىتىفانو ئىككى توپ ئۇردى. شۇنداق قىلىپ تۇنجى چىمپىيون «خانلىق مادرىد» لوڭقىنى ئېگىز كۆتۇرۇپ چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنىڭ شانلىق تارىخ بېتىنى ئېچىپ بەردى.


        1957-يىلى . خانلىق مادرىد
1957-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى بوناۋۇ مەيدانىدا ئۆتكۈزىلگەن ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە خانلىق مادرىد بارلىق رەقىبلىرىنى يىقىتىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىردى، ئۇلار ئىتالىيە فىئورىنتىنا كوماندىسىنى سىتىغانو ۋە ھىنتونىڭ توپىغا تايىنىپ 2:0 نەتىجە بىلەن يىڭىپ بىر يىلدىن كېيىن ياۋرۇپا سەھنىسىنىڭ شاھىدى بولدى.


        1958-يىلى . خانلىق مادرىد
1958-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى بىلگىيە بىرۇسسىل ھەيسىل توپ مەيدانى. خانلىق مادرىد ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىنىڭ بىر بېلىتىنى يەنىلا خانلىق مادرىد ئالدى. ئۇلارنىڭ رەقىبى ئىتالىيە مىلان كوماندىسى ئىدى، 90 مىنوتتا ئىككى كوماندا 2:2 تەڭلىشىپ قالدى، قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتتا ھىنتو بىر توپ ئۇرۇپ خانلىق مادرىدنى ئۇدا ئۈچىنچى قېتىم چىمپىيون بولدى. رەسىمدىكى دى.سىتىغانو


         1959-يىلى . خانلىق مادرىد
1959-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈنى گېرمانىيە سىتۇتگارت نېركات مەيدانىدا 4-نۆۋەتلىك چىمپىيون دۇنياغا كەلمەكچى ئىدى. نەتىجە 2:0 ، توپ ئۇرغانلار ماتىئاۋىس بىلەن دى.سىتىغانو ئىدى. يەنىلا خانلىق مادرىد رەقىبى لېنىس كوماندىسىنى ئۇتۇپ 4-قېتىم چىمپىيون بولدى.


         1960-يىلى . خانلىق مادرىد
1960-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى شوتلاندىيە دىلاسكو ھامپتون باغچىسى مەيدانىدا خانلىق مادرىد تارىختىكى ئەڭ شانلىق نەتىجىنى ياراتتى. ئۇلار ھەل قىلغۇچتا 7:3  نەتىجە بىلەن گېرمانىيە فىرانكىفورت كوماندىسىنى ئۇتۇپ 5-قېتىملىق چىمپىيون بولدى. مۇسابىقىدە سىتىغانو قالپاق كىيدى، پۇسكاش 4 توپ ئۇردى.


         1961-يىلى . بېنفىكا
1961-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى بېرلىن ۋانكىدوف مەيدانى . بارسېلونا 8/1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە 5 قېتىم چىمپىيون بولغان ئەشەددى رەقىبى خانلىق مادرىدنى شاللاپ ھەل قىلغۇچقىچە يىتىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ رەقىبى پورتۇگالىيە بېنفىكا كوماندىسى ئىدى. نەتىجىدە 2:3 ئۇتتۇرۇپ قويدى. بىنفىكادىن ئاگۇس،سانتانا ۋە كىلۇنالار توپ ئۇردى. ئاگۇس چىمپىيونلۇق تارىخىدىكى تۇنجى قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە توپ ئۇرغان كاپىتان بولۇپ قالدى.


         1962-يىلى . بېنفىكا
162-يىلى 5-ئاينىڭ 2-كۈنى ئامىستىردام ئولىمپىك مەيدانى . ئۇلار ھەل قىلغۇچتا 5 قېتىم چىمپىيون بولغان كۈچلۈك رەقىبى خانلىق مادرىدنى كۈتىۋالدى. خانلىق مادرىدتىن پۇسكاش قالپاق كىيگەن بولسىمۇ ئاخىرىدا 5:3 نەتىجە بىلەن بېنغىكاغا ئۇتتۇرۇپ قويدى.


         1963-يىلى . مىلان
1963-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى لوندون ۋىمبىلى مەيدانىدا مىلان كوماندىسى 2:1  نەتىجە بىلان بېنفىكا كوماندىسىنى يېڭىپ ئىتالىيە كوماندىلىرىنىڭ چىمپىيونلۇق لوڭقىسىدىكى ئىشىكىنى ئېچىپ بەردى. ئالاھىدە تەكىتلەپ ئۆتىدىغىنىمىز، مىلان كوماندىسىدىن ئارتافىن 14 توپ كىرگۇزۈپ بۇ مۇسابىقە مەرگەنلىرىنىڭ رىكورتىنى يىڭىلىدى.


         1964-يىلى . ئېنتىر
1964-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى ۋىئېنا پۇراتا پۇتبول مەيدانى . ھەل قىلغۇچتا ئىتالىيە ئېنتىر كوماندىسى بىلەن خانلىق مادرىد ! ئېنتىر تالانىتلىق توپچىسى مـازورا ئىككى توپ، ئوتتۇرا مەيدان قۇماندانى سۇيارىس بىر توپ كىرگۇزۇپ ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىنى 3:1 قىلىپ بېكىتتى. شۇنداق قىلىپ ئېنتىر تارىخىدىكى بىرىنچى چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى ئېگىز كۆتۈردى.


         1965-يىلى . ئېنتىر
1965-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى مىلان مىئاززا مەيدانىدا ئېنتىر ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بېنفىكا كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. ئۇلار ئۆز مەيدانىدا بېنفىكانىڭ قاتتىق مۇداپىئىسىگە ئۇچرىدى، يائىرنىڭ 43-مىنوتتىكى بىرلا توپ ئارقىلىق چىمپىيونلۇق لوڭقىسىنى مىلان مىئاززادا ئېلىپ قالدى.


         1966-يىلى . خانلىق مادرىد
1966-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى بىلگىيە بىرۇسسىل ھەيسىل توپ مەيدانى . تۇنجى قېتىم ھەل قىلغۇچقا كىرگەن بېلگىراند پارتىزانلار كوماندىسى خانلىق مادرىدقا يولۇقتى . پارتىزانلار كوماندىسى ئاۋۋال بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ خانلىق مادرىد 20 مىنوت ئىچىدە ئىككى توپ قايتۇرۇپ 6-قېتىم چىمپىيون بولدى.


         1967-يىلى . كېتلىقلار
1967-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى لىسسابۇن دۆلەت مەيدانىدا شوتلاندىيە كېتلىقلار كوماندىسى 2:1 نەتىجە بىلەن ئىتالىيە ئېنتىر كوماندىسىنى ئۇتۇپ چىمپىيونلۇق لوڭقىسىدا ئۆزىنىڭ ئىسمىنى قالدۇردى. مۇسابىقە باشلىنىپ 7 مىنوت بولغاندا ئېنتىردىن مـازورا بىر توپ كىرگۈزگەن بولسىمۇ ئاخىرىدا ئۇتتۇرۇپ قويدى.


         1968-يىلى . مانچىستىر
1968-يىلى 5-ئاينىڭ 29-كۈنى لوندۇن ۋىمبىلى توپ مەيدانىدا مانچسىتىر بىىرلەشمىسى كوماندىسى قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىت ئارقىلىق 4:1 نەتىجە بىلەن بېىنفىكا كوماندىسىنى يىڭىپ تارىختىكى لوڭقا كۆتۈرگەن ئىككىنچى ئەنگىلىيە كوماندىسى بولۇپ قالغان. مۇسابىقە پوبى.چارلىتون ئىككى توپ كىرگۈزگەن.


         1969-يىلى . مىلان
1969-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى مادرىد بوناۋۇ مەيدانى مىلان كوماندىسى 4:1 نەتىجە بىلەن ئاياكىس كوماندىسىنى يىڭىپ چىمپىيون بولغان. شۇ چاغدىكى مىلان تېرنىرى كىرو 63-يىلى پۇتبولچى سۈپىتىدە چىمپىيون بولغاندىن كېيىن مىلانغا قايتىپ كېلىپ تېرنىرلىق قىلىپ مىلاننى يەنە چىمپىيون قىلدى.


         1970-يىلى . فىيىنورىد
1970-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى مىلان سان-سىرو مەيدانى . گوللاندىيە فىيىنورىد كوماندىسى ئىتالىيىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە كېتلىقلار كوماندىسى بىلەن ئۇچراشتى، ئىككى كوماندا 90 مىنوتتا 1:1 تەڭلىشىپ قېلىپ قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىتقا كىردى، قوشۇپ بېرىلگەن ۋاقىت توشۇشقا 3 مىنوت قالغاندا  فىيىنورىد كوماندىسى بىر توپ ئۇرۇپ ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۇردى.
  

       1971-يىلى . ئاياكىس
1971-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى لوندۇن ۋىمبىلى مەيدانى . گوللاندىيە كوماندىسى ئاياكىس بىلەن گىرىتسىيە پاناشىناكىس كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇچرىشىپ چىمپىيونلۇق تارىخىغا ئايرىم يېڭى بەت ئاچتى . ئاياكىس كوماندىسى 2:0 نەتىجە بىلەن ئاخىرقى غەلىبىنى قولغا كەلتۇردى.


         1972-يىلى . ئاياكىس
1972-يىلى 5-ئاينىڭ 31-كۈنى روتتىردام فىيىنورىد مەيدانىدا ئېنتىر ئاياكىسنىڭ كۈچلۈك توسىشىغا ئۇچرىدى. ئالدىنقى نۆۋەتلىك چىمپىيون كوماندىغا ۋە كىرۇيىفنىڭ ئالاھىدە ئىپادىسىگە ئۇتتۇرۇپ قويدى. نەتىجە 2:0 بولدى.


         1973-يىلى . ئاياكىس
1973-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى بىرگىلاند قىزىل يۇلتۇز مەيدانى. ئالدىنقى قېتىملىق چىمپىيون ئاياكىس كوماندىسى 4-مىنوتتىكى بىر توپىغا تايىنىپ تۇنجى قېتىم ھەل قىلغۇچقا كىرگەن يۇۋىنتۇس كوماندىسىنى ئۇتۇپ ئۇدا ئۈچىنچى قېتىم چىمپىيون بولدى.
  

         1974-يىلى . بايرىن مىيونخىن
1974-يىلى 5-ئاينىڭ 15-كۈنى ۋە 17-كۈنى. بۇ ئالاھىدە بىر مەيدان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بولدى،شۇنداقلا مۇسابىقە جەمىئىي 210 مىنوت ئوينالدى. 15-كۈنىدىكى مۇسابىقىدە بايرىن مىيۇنخىن بىلەن مادرىد رىقابەت كوماندىسى 90 مىنوتتا 0:0 تەڭلىشىپ، 30 مىنوتلۇق قوشۇپ بېرىلگەن مۇسابىقىدە 1:1 تەڭلەشتى . ئامالسىز باشقا كۈنى قايتا مۇسابىقىلىشىدىغان بولدى. 17-كۈنىدىكى مۇسابىقىدە بايرىن مىيۇنخىن 4:0 نەتىجە بىلەن مارىد رىقابەتنى يىڭىپ چىمپىيون بولدى.
      

        1975-يىلى . بايرىن مىيونخىن
1975-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى پارىژ شاھزادە مەيدانىدا بايرىن مىيونخىن 2 كە قارشى نۆل نەتىجە بىلەن ئىنگىلاند لىز بىرلەشمە كوماندىسىنى ئۇتۇپ ئىككىنچى قېتىم چىمپىيون بولدى. بۇ مەيداندىكى رېپىر لىز كوماندىسى مەستانىلىرىنىڭ كۆز يېشىغا سەۋەبچى بولدى.


       1976-يىلى . بايرىن مىيونخىن
1976-يىلى 5-ئاينىڭ 12-كۈنى شوتلاندىيە دىلاسكو ھامپتون باغچىسى مەيدانىدا ئۈچىنچى قېتىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە كىرگەن بايرىن مىيونخىن كوماندىسى بىلەن فىرانسىيە سانىد.ئېيتىئىن كوماندىسى بىلەن ئۇچراشتى . گىراد.موللىرنىڭ ئىككنچى مىنوتتىكى توپى ھىساب قىلىنمىدى، لېكىن بايرىن مىيونخىن ئەڭ ئاخىرقى مىنوتتىكى بىر توپقا تايىنىپ ئۈچىنچى قېتىم چىمپىيون بولدى.
  

       1977-يىلى . لىۋىرپول
1977-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى رىم ئولىمپىك مەيدانىدا لىۋىرپول بىلەن مىنشىنگىلاندباخ كوماندىسى ئۇچراشتى، ئىككىلىسى ئۆز دۆلىتىنىڭ سەركىلىرى ئىدى. لىۋىرپول شۇ يىلى پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى لوڭقىسىدا مانچىستىرنى ئۇتۇپ چىمپىيون بولغان ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلار چىمپىيونلۇقنىمۇ ئۆزىگە تەۋە قىلدى. ئاخىرقى نەتىجە 2:1 بولدى.


        1978-يىلى . لىۋىرپول
1978-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى لوندۇن ۋىمبىلى مەيدانى. ئالدىنقى نۆۋەتنىڭ چىمپىيونى لىۋىرپول يېرىم ھەل قىلغۇچتا مىنشىنگىلاندباخ كوماندىسىنى شاللاپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە بىلگىيە بىرۇگگى كوماندىسىنى 1:0 نەتىجە بىلەن يىڭىپ چىمپىيون بولدى.


         1979-يىلى . نوتتىنھام ئورمان
1979-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى مىيۇنخىن ئولىمپىك مەيدانى . يىڭى تۇلپار نوتتىنھام ئورمان كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە شىۋىتسىيە مالمو كوماندىسىنى ئۇتۇپ ياۋرۇپا ئۇزغۇنى بولغان. ئالاھىدە دىيىشكە تىگىشلىكى، بۇ كوماندا 1977-يىلى A دەرىجىلىكلەر قاتارىغا قېتىلغان قىسقىغىنە ئىككى يىلدا ياۋرۇپا چوققىسىغا چىققان.


       1980-يىلى . نوتتىنھام ئورمان
1980-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى نوتتىنھام ئورمان كوماندىسى بوناۋۇ مەيدانىدا رەقىبى خانلىق مادرىدنى كۈتىۋالدى. مۇسابىقىدە نوتتىنھام ئورمان 7:1 نەتىجە بىلەن خانلىق مادرىدنى ئۇتۇپ چىمپىيون بولدى ھەمدە پۇتۈن بوناۋۇ مەيدانىنى ئىنگىلاندلارنىڭ خوشاللىق دىڭىزى قىلدى. نوتتىنھام ئورمان كوماندىسى تارىختا بىردىنبىر بىرلا قېتىم بىرلەشمە چىمپىيون بولۇش بىلەن ئىككى قېتىم ياۋرۇپا ئىگىز تاختىسىغا چىققان كوماندا.


       1981-يىلى .  لىۋىرپول
1981-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى پارىژ شاھزادە مەيدانى . لىۋىرپول بىلەن خانلىق مادرىد ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇچراشتى. ئىككى كوماندىنىڭ ھەل قىلغۇچتىكى ئۇچرىشىشى چىمپىيونلۇق تارىخىدىكى كۈچلۈكلەرنىڭ «ئۆزەڭگە سوقۇشتۇرىشى» بولۇپ نەتىجىدە لىۋىرپول 1:0 ئۇتقان .


       1982-يىلى . ئاستۇن ۋىللا
1982-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى روتتىردام فىيىنورىد مەيدانى . بايرىن مىيۇنخىن كوماندىسى ئاستۇن ۋىللا كوماندىسىنى كۈتىۋالدى. ھەممەيلەننىڭ قارىشىدا گېرمانىيە سەركىسى بۇ مەيدان چىمپىيون بولدى، دىيىلگەن شۇ ۋاقىتتا مىيۇنخىن ۋىللانىڭ زاپاس ۋارىتارىغا ئۇتتۇرۇپ قويدى. مۇسابىقە باشلىنىپ 10 مىنوتتا ئەسلى ۋارىتار يارىلىنىپ زاپاس ۋارىتار مەيدانغا چىققاندا ئۇ پۇتۈن مەيداندىكى چولپان بولىشىنى ئويلىمىغان بولسا كېرەك . شۇنداق قىلىپ ئاخىرىدا ئاستۇن ۋېللا 1:0 نەتىجە بىلەن ئۇتۇپ،ئەنگىلىيە كوماندىلىرىنىڭ ئۇدا 6 يىل چىمپىيون بولۇش تارىخىنى ياراتتى.


       1983-يىلى . ھامبىروگ
1983-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى ئافىنا ئولىمپىك مەيدانىدا ئۇدا 6 يىل چىمپىيون بولغان ئەنگىلىيە كوماندىلىرىنىڭ سايىسىمۇ كۆرۈنمىدى. ھامبىروگ بىلەن يۇۋىنتۇس كوماندىلىرى ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە 1:0 بىلەن مۇسابىقىنى ئاياقلاشتۇردى.


       1984-يىلى . لىۋىرپول
1984-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى رىم ئولىمپىك مەيدانىدا لىۋىرپول يەنە بىر قېتىم چىمپىيون بولدى. لىۋىرپولنىڭ رەقىبى بۇ مەيداننىڭ ئىگىسى بولغان رىم كوماندىسى ئىدى. ئىككى كوماندا 120 مىنوتتا 1:1 تەڭلىشىپ قېلىپ نۇقتا توپ ئارقىلىق چىمپىيونلۇقنى بەلگىلىدى. بۇ چىمپىيونلۇق لوڭقىسى تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق نۇقتا توپ ئارقىلىق چىمپىيون بەلگىلەش ئىدى.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1مۇنبەر پۇلى +40 يىغىش سەۋەبى
shevchenko + 40 نادىر يازما

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2009-3-26 20:30:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      1985-يىلى . يۇۋېنتۇس
1985-يىلى 5-ئاينىڭ29-كۈنى،بىرۇسسېلدىكى خەيسېل توپ مەيدانى،پلاتىنىنىڭ 58-مىنۇتتا ئۇرغان نۇقتا توپىغا تايىنىپ يۇۋېنتۇس كوماندىسى لىۋېرپۇل كوماندىسىنى يېڭىپ ئوزغۇنلۇققا ئېرىشتى.بۇ مەيدان مۇسابىقە توغرىسىدا كىشىلەرنىڭ كۆپرەك ئېسىدە قالىدىغىنى بولسا خەيسېل پاجىئەسى ئىدى،ئۇ كۈندىكى پاجىئە بەلكىم 1984-يىلىدىكى ئوزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى جەريانىدىكى ئىتالىيە مەستانىلىرى بىلەن ئېنگىلاند مەستانىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ داۋامى بولۇشى مۇمكىن،ئۇ ۋاقىتتىكى ئېنگىلاند مەستانىلىرىنىڭ كۆپىنچىسىمۇ لىۋېرپۇل كوماندىسىنىڭ سادىق قوللىغۇچىلىرى ئىدى.بىر يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە توقۇنۇش تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقىپ 38 ئىتالىيىلىك ۋە بىر بېلگىيەلىكنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلىشىغا،300دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلىنىشىغا سەۋەپ بولدى.پلاتىنى بۇ مەيدان توغرىسىدا ئەسلىگەندا«ئۇ كېچىنىڭ پۇتبول بىلەن مۇناسىۋىتى يوق»دېگەنىدى،ئۇمۇ تورىنغا قايتىپ كەلگۈچە چىرايىدا ھېچقانداق تەبەسسۇم ئىپادىسى بىلدۈرمىگەنىدى.مۇشۇ ئىش سەۋەبلىك ئېنگىلاند كۇلۇبلىرى ياۋروپا پۇتبولچىلار ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن 6 يىلغىچە ئوزغۇنلۇققا قاتنىشىشى چەكلەنگەن ئىدى.


      1986-يىلى . بۇخارېسىت يۇلتۇز
1986-يىلى5-ئاينىڭ7-كۈنى،ئىسپانىيە كوماندىسى ئۈچۈن ئېيتقاندا ئۆزىنىڭ مەيدانى بولغان سېىۋىلىيانىڭ پىزخۇئان توپ مەيدانىدا بارسېلونا كوماندىسى رومىنىيەدىن كەلگەن بۇخارېسىت قىزىل يۇلتۇز كوماندىسىغا يېڭىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقمىغان ئىدى.بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئېسىل يېرى 120مىنۇت ئىچىدە ئەمەس بەلكى نۇقتا توپ جېڭىدە بولدى.يۇلتۇز كوماندىسىنىڭ قەھرىمان ۋارتارى دۇكادام(سۈرەتتە لوڭقا كۆتۈرۈۋالغان ئادەم) بارسېلونا كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى ئۇرغان 5 نۇقتا توپنىڭ ھەممىسىنى توراپ چىقىرىۋېتىدۇ،يۇلتۇز كوماندىسىدىن بولسا پەقەت بارىنتى بىلەن راكتوسلا نۇقتا توپنى كىرگۈزەلىگەن ئىدى.نۇقتا توپ نەتىجىسى 2:0،شەرقىي ياۋروپالىقلار ئوزغۇن بولدى.


        1987-يىلى . پورتو
1987-يىلى5-ئاينىڭ27-كۈنى،ۋېيېنا پىراتېر توپ مەيدانى،پورتو كوماندىسى تۇنجى قېتىم چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىردى،رەقىبى بولسا گېرمانىيە زەردارى بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسى ئىدى،مۇسابىقىدىن بۇرۇن گېرمانلار ئۆزىنىڭ پورتۇگاللىقلارغا ئۇتتۇرۇپ قويىدىغانلىقىغا ھەرگىز ئىشەنمەيتتى.مۇسابىقە باشلاپ 25-مىنۇتتا كېگېل بىر باش توپ ئۇرۇپ بايرىن ئۈچۈن بىر نومۇر ئالدى.مۇسابىقە تۈگىگىلى 12 مىنۇت قالغىچە كىشىلەر بۇ يىلقى چېمپىيوننىڭ بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسى بولىدىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىپ بولغانىدى.لېكىن قەيسەر پورتۇگالىيىلىكلەر 78-مىنۇتتا ئالجىرىيەلىك ھۇجۇمچى ماجېرنىڭ كىرگۈزگەن ناھايىتى چىرايلىق بىر توپى ئارقىلىق نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۈۋالدى.ئىككى مىنۇتتىن كېيىنلا ماجېر گۇارېيغا بىر چىرايلىق بىر چىرايلىق ياردەمچى پاس چىقىرىپ بېرىپ بايرېن كوماندىسىدىن ئوزغۇنلۇقنى تارتىۋالدى.


         1988-يىلى . ئەييىنخوۋىن
1988-يىلى 5-ئاينىڭ25-كۈنى ستۇگارتتىكى كارنېل توپ مەيدانى،پورتۇگالىيىلىكلەر ئىككىنچى قېتىم چېمپىيونلۇق لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىردى،ئەمما بۇ قېتىم پورتو ئە،ەس بېنفىيكا كوماندىسى ئىدى.رەقىبى بولسا تۇنجى قېتىم ھەل قىلغۇچقا كىرگەن ئەييىنخوۋىن كوماندىسى.بۇ يىلى گۇلىت كوماندىدىن ئايرىلىپ مىلانغا بېرىۋالغاچقا بۇ ئىككى كوماندىنىڭ كۈچى تەڭ دېيەرلىك ئىدى.ئاجايىپ قىزىغان بۇ مەيدان مۇسابىقىدە كىشىنى بىردىنبىر ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى 120 مىنۇتتا بىرمۇ توپ كىرمىدى.ئىككى تەرەپ نۇقتا توپ تېپىشىپ،بېنفىيكا كوماندىسىنىڭ بېكى ۋېلوسونىڭ توپىنى ئەييىنخوۋىن ۋارتارى ۋەن برويىكلىن توراپ چىقىرىۋېتىپ ئوزغۇنلۇقنى قولغا كەلتۈردى.


         1989-يىلى . مىلان
1989-يىلى 5-ئاينىڭ24-كۈنى نوكامپۇ مەيدانى،بۇخارېسىت يۇلتۇز كوماندىسى يەنە بىر قېتىم ھەل قىلغۇچقا كىردى،رەقىبى بولسا ۋەن باستېن،گۇلىت ۋە لىجىكاردلار باشلاپ كەلگەن مىلان كوماندىسى ئىدى،بۇ گوللاندىيە ئۈچ قىلىچۋازىنىڭ قوشۇلىشى بىلەن مىلاننىڭ ھەيۋىسى تولۇپ تېشىپ تۇراتتى.مۇسابىقىدە گۇلىت بىلەن ۋەن باستېنلار ئىككىدىن توپ كىرگۈزۈپ 47-مىنۇتقا كەلگەندە بۇخارېست يۇلتۇز كوماندىسىنى ئۈزۈل كېسىل مەغلۇپ قىلىپ بولغان ئىدى.


         1990-يىلى . مىلان
1990-يىلى5-ئاينىڭ23-كۈنى،ۋېيېنا پىراتېر مەيدانىدا مىلانلىقلار يەنە بىر قېتىم ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان جەڭگە كىردى،رەقىبى بولسا ئىككى يىل ئىلگىرى ھەل قىلغۇچقا كىرگەن بېنفىيكا كوماندىسى ئىدى.بۇ پەسىلدە مىلان بىرلەشمىدە چېمپىيون بولالمىدى،ئوزغۇنلۇقتىمۇ ئاقساپ دىڭگوسلاپ دېگەندەك ئاران گۇرۇپپىدىن چىقىۋالغانىدى.بىر يىل ئىلگىرىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە توپ ئۇرالمىغان لىجىكارد بۇ قېتىم ئۆزىنىڭ ئارزۇسىغا يېتىۋالدى،68-مىنۇتتا ۋەن باستېن بەرگەن ياردەمچى پاسنى بېنفىيكا ۋارتارى سىلۋىنونىڭ دەرۋازىسىدىن ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ مىلاننى ئۇدا 2-يىل چېمپىيونلۇققا ئېرىشتۈردى.


          1991-يىلى . بېلگىراد قىزىل يۇلتۇز
1991-يىلى 5-ئاينىڭ29-كۈنى فىرانسىيەدىكى سانتا كلاۋۇس توپ مەيدانىدا بېلگىراد قىزىل يۇلتۇز كوماندىسى مارسېل كوماندىسى بىلەنھەل قىلغۇچتا ئۇچراشتى.ئۇ ۋاقىتتا L.پېتروۋىچ مەشقاۋۇللۇق قىلغان بېلگىراد قىزىل يۇلتۇز كوماندىسى ھەل قىلغۇچقا كىرىشتىن بۇرۇن ناھايىتى چىرايلىق ئويناپ كەلگەنىدى،لېكىن ھەل قىلغۇچقا كەلگەندە پاپىن بىلەن ۋادېل بار بولغان مارسېل كوماندىسى بىلەن چۈشكەندە ئاساسلىق مۇداپىيە قىلىپ ئويناپ ئالدىغا بىر پەنسەيفۇنى ھۇجۇمچى قىلىپ چىقىرىپ قويدى.120 مىنۇتتا 0:0 تەڭلىشىۋالغاندىن كېيىن نۇقتا توپ جېڭىدە 5:3 نەتىجە بىلەن غەلىبە قىلىپ بۇخارېسىت يۇلتۇز كوماندىسىدىن كېيىنكى ئىككىنچى قېتىم ئوزغۇنلۇققا ئېرىشكەن شەرقىي ياۋروپا كوماندىسى بولۇپ قالدى.شۇ ۋاقىتتىكى قىزىل يۇلتۇز كوماندىسىدىكى مىخايلوۋىچ،ساۋىچېۋىچ ۋە بوكسىچ قاتارلىق توپچىلار كېيىنچە داڭلىق چولپانلار بولۇپ يېتىشىپ چىققان ئىدى.


          1992-يىلى . بارسېلونا
1992-يىلى5-ئاينىڭ20-كۈنى لوندون ۋېمبىلىي توپ مەيدانى،ئىلگىرى ئىككى قېتىم ئوزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ جېڭىدە مىخقا ئۈسۈۋالغان بارسېلونا كوماندىسى يەنە بىر قېتىم ھەل قىلغۇچقا كىرىپ ئىتالىيەدىن كەلگەن سامپىدورىيە كوماندىسى بىلەن تۇتۇشۇپ قالدى.چېمپىيونلۇق لوڭقىسى مۇسابىقىسى تۈزۈمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى بۇ بىرىنچى مەيدان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە،كىرۇيىف ترېنىرلىق قىلغان بارسېلونا كوماندىسىدا چوڭ لاۋدىراپ،كومەن،گۇادىيولا قاتارلىق سەرخىل توپچىلار بار ئىدى،سامپىدورىيە كوماندىسىدىمۇ ۋىيالى،مەنچىنى ۋە لومباردو قاتارلىق ئىتالىيىلىك چولپانلار بار ئىدى.مۇسابىقە داۋاملىشىپ 112- مىنۇتقا كەلگەندە كومەن تەپكەن بىر ئىختىيارى توپ بۇ يىلقى ئوزغۇنلۇقنىڭ بارسېلونا كوماندىسىغا مەنسۇپ بولغانلىقىنى جاكارلىدى.


          1993-يىلى . مارسېل
1993-يىلى5-ئاينىڭ23-كۈنى،مىيۇنخېن ئولىمپىك توپ مەيدانى،بولىنىڭ 44-مىنۇتتا ئۇرغان توپى ئارقىلىق مارسېل كوماندىسى مىلاننى يېڭىپ ئوزغۇنلۇققا ئېرىشتى.ئەينى ۋاقىتتا مىلان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىن يېرىم ھەل قىلغۇچقا كەلگۈچە ھەممىسىدە رەقىبىنى يېڭىپ كەلگەنىدى،ھەل قىلغۇچتىمۇ بارېسسى،كوستا كۇتا،مالدىنى،تاسۇدى قاتارلىق پولات بېكلارنى مەيدانغا چىقارغان ئىدى،مارسېلدا بولسا دېسان،ۋوللېر،ئەنگىروما قاتارلىق چولپانلار بار ئىدى.ھالقىلىق توپنى كىرگۈزگۈچى بولى ئەسلىدە ئاشۇ مۇسابىقە پەسلىدە يارىلىنىپ مۇسابىقىگە قاتنىشالماي يۈرگەنىدى،ۋوللېرنىڭ چىڭ تۇرۇۋېلىشى بىلەن ئۇ ھەل قىلغۇچتا مەيدانغا چىقىدۇ ۋە بىر توپ ئۇرۇپ كوماندىسىنى ئوزغۇنلۇققا ئېرىشتۈرىدۇ.


           1994-يىلى . مىلان
1994-يىلى5-ئاينىڭ18-كۈنى،بۇ يىل ئوزغۇنلۇق مۇسابىقىسىنىڭ تۈزۈمىگە ئىككىنچى قېتىم ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلدى،بىر يىلنىڭ ئالدىدا قان يۇتۇۋالغان مىلان كوماندىسى يەنە بىر قېتىم ھەل قىلغۇچقا كىردى،رەقىبى بولسا ئىككى يىلنڭ ئالدىدا ئوزغۇن بولغان بارسېلونا كوماندىسى ئىدى.ئۇ ۋاقىتتىكى مىلاندا گوللاندىيە ئۈچ قىلىچۋازى يوق(گۇلىت ۋە لىجىكارد يۆتكىلىپ كەتكەن،باستېن يارىدار)،ئىككى ئاساسلىق بېكى توختىتىلغان،بارسېلونادا تەنھا بۆرە رومارىيو بارتى.لېكىن مۇسابىقە نەتىجىسى كىشىلەر پەرەز قىلغاندىكىدەك بولمايدۇ.ماساررو ئىككى توپ،ساۋىچېۋىچ ۋە دېسەيلىلار بىردىن توپ ئۇرۇپ 4:0 نەتىجە بىلەن بارسېلونا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئوزغۇنلۇققا ئېرىشىدۇ،بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن مىلان رەئىسى بىرۇسكېنى ئىتالىيە زۇڭلىسى بولىدۇ.


            1995-يىلى . ئاياكىس
1995-يىلى5-ئاينىڭ2-كۈنى،ۋېيېنا خاپېر توپ مەيدانى ئۇدا ئۈچ يىل ئوزغۇنلۇق تالىشىشنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرگەن مىلاننىڭ بۇ يىلقى رەقىبى گوللاندىيە بايراقدارى ئاجاكىس كوماندىسى ئىدى.ئۇ ۋاقىتتا سېدورف،كانۇ،دېبور قېرىنداشلار،ئاۋېيماس،دەۋىدس ۋە لىتمانىنلار بار بولغان ئاجاكىس كۇلۇبى ياۋروپادىكى ئەڭ ياش ئاۋانگارتلار كوماندىسى ئىدى.نەتىجىدە مۇسابىقىنىڭ84-مىنۇتىدا،زاپاس ئەزا ئورنىدا ئالمىشىپ چىققان كىلۇيۋېت بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى بىردىنبىر توپنى ئۇرىدۇ،ئۇ كۈنى تېخى 19 ياشلىق تۇغۇلغان كۈنىگە يەنە 38كۈن بار ئىدى.


           1996-يىلى . يۇۋېنتۇس
1996-يىلى5-ئاينىڭ22-كۈنى،رىم ئولىمپىك مەيدانىدا ئالدىنقى قېتىملىق چېمپىيون ئاجاكىس كوماندىسى يەرلىك كوماندا يۇۋېنتۇس بىلەن ئوزغۇنلۇقنى تالىشىدۇ.12-مىنۇتتا لاۋانېيلى ناھايىتى چىرايلىق توپتىن بىرنى كىرگۈزۈپ ئاۋۋال ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىدۇ.يېرىم مەيدان ئاخىرلىشىش ئالدىدا فېنلاندىيە توپ چولپىنى لىتمانىن بىر توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈرىدۇ.120 مىنۇتقىچە 1:1 نەتىجىنى ئۆزگەرتەلمىگەن ئىككى تەرەپ نۇقتا توپ جېڭىگە كىرىدۇئاجاكسنىڭ ئىككى نۇقتا توپى توسىۋېلىنىپ،«قېرى خوتۇن» ئوزغۇنلۇققا ئېرىشىدۇ.


           1997-يىلى . دورتىمۇند
1997-يىلى5-ئاينىڭ28-كۈنى،مىيۇنخىېن ئولىمپىك مەيدانىدا ئالدىنقى قېتىملىق ئوزغۇن يۇۋېنتۇس دورتمۇند كوماندىسى بىلەن دوقۇرۇشۇپ قالىدۇ.بۇ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە يۇۋېنتۇس كوماندىسى ئازراقمۇ ئەندىشە قىلمىغانىدى،چۈنكى ئۇ ۋاقىتتا يۇۋېنتۇستا زىدانى،ۋىيېرى،بوكسىچ قاتارلىق خىل ئەزالار بار ئىدى،قارشى تەرەپ ئەزالىرى ئارىسىدىكى پاۋىل سوسا،يورگىن كوللىر،موللېر ۋە رويىت قاتارلىق توپچىلار ئىلگىرى يۇۋېنتۇستا توپ تەپكەن.لېكىن مۇسابىقە نەتىجىسى ئىتالىيىلىكلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرۈپ قويىدۇ.گېرمانىيە كوماندىسى ئەزاسى رىدېل ئىككى توپ ئۇرىدۇ،ياش رىكېن 35 مېتىر يىراقلىقتىن بىر توپ ئۇرۇۋېتىدۇ،يۇۋېنتۇستىن بولسا پىيېرو بىر توپ ئۇرۇپ ئاخىرىدا 3:1 نەتىجە بىلەن دورتمۇند كوماندىسى ئوزغۇن بولىدۇ.


           1998-يىلى . خانلىق مادرېد
1998-يىلى 5-ئاينىڭ20-كۈنى،ئامېستىردام،بۇ ئۈچىنچى قېتىم قائىدە ئۆزگەرتكەندىن كېيىنكى تۇنجى قېتىملىق ھەل قىغۇچ مۇسابىقە.ئۇدا ئۈچ يىل ھەل قىلغۇچقا كىرگەن يۇۋېنتۇس كوماندىسىنىڭ بۇ قېتىمقى رەقىبى خان مادرېد كوماندىسى ئىدى.مۇسابىقىدىكى بىردىنبىر توپ 66-مىنۇتتا كىرىدۇ روبېرت كارلوسنىڭ يۇقىرى بېسىم بىلەن ئۇرغان توپىنى يۇۋېنتۇس بېكى رىيانو توسىمەن دەپ ۋارتار بىلەن مىياتوۋىچ ئوتتۇرىسىغا توختىتىپ سالىدۇ،مىياتوۋىچ چاققان كېلىپ توپنى ئۇرۇۋالىدۇ،مۇشۇ توپ بىلەن 32 يىل ئوزغۇنلۇققا ئېرىشەلمىگەن خان مادرېد قايتىدىن ئوزغۇن بولىدۇ.


            1999-يىلى . مانچىستىر بىرلەشمىسى
1999-يىلى5-ئاينىڭ26-كۈنى،بارسېلونا نوكامپۇ مەيدانى،مانچىستىر بىرلەشمىسى كوماندىسى بىلەن بايرېن مىيۇنخىېن كوماندىسى بىرلىكتە چېمپىيونلۇق لوڭقىسى تارىخىدا ئۇنتۇلماس بىر تارىخ ياراتتى.مۇسابىقىنىڭ6-مىنۇتىدىن تارتىپ 1:0 ئۈستۈنلۈكتە تۇرغان بايرېن مىيۇنخېن كوماندىسى ئەڭ ئاخىرقى ئىككى مىنۇتتا مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ ئىككى كورنىر توپىنى توسالماي كۆز ئالدىدىكى ئوزغۇنلۇقتىن مەھرۇم بولدى.1999-يىلى «مانچىستىر يىلى» بولدى،فورگىسىننىڭ كوماندىسى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا ئۈچ پادىشاھلىققا ئېرىشىپ ياۋروپانىڭ ئەڭ يۇقىرى شاش شەرىپىگە ئېرىشتى.


             2000-يىلى . خانلىق مادرېد
2000-يىلى5-ئاينىڭ24-كۈنى پارىژ سانت دەننىس فىرانسىس توپ مەيدانى،يېڭى ئەسىرگە قەدەم قويغان ئوزغۇنلۇق تالاشقۇچىلار سانى 32 كوماندىغا چىقتى،بۇ يىل ئىسپانىيىلىكلەر جاھان سورىغان بىر يىل بولدى،ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە خان مادرېد ۋە ۋالۇنسىيادىن ئىبارەت ئىككى ئىسپانىيە كۇلۇبى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى.مورىيېنتىس،مايكمانامان ۋە رائۇللار بىردىن توپ ئۇرۇپ 3:0 نەتىجە بىلەن ئوزغۇنلۇققا ئېرىشتى،بۇ مادرېدنىڭ 8-قېتىم ئوزغۇن بولۇشى ئىدى.


              2001-يىلى  . بايرېن مىيۇنخېن
2001-يىلى مىلان سانسىرو توپ مەيدانى،ئۇدا ئىككىنچى يىلى ھەل قىلغۇچقا كىرگەن ۋالۇنسىيە كوماندىسى بۇ قېتىم گېرمانىيە غوجىدارى بايرېن مىيۇنخېنغا تولۇقۇپ قالدى.ا ئايرىم ئايرىم ھالدا 2000-يىلى ۋە 1999-يىلىنىڭ ئەليۇل كۆزى بولغان بۇ ئىككى كوماندا بۇ كۈنى ئۆزىنىڭ ئۇزۇندىن بۇيانقى ئوزغۇن بولۇش چۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قاتتىق تىركەشتى.120مىنۇت مۇسابىقىدە1:1 تەڭلەشكەن ئىككى تەرەپ رەھىمسىز نۇقتا توپ جېڭىگە كىردى.كائىننىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشى بىلەن بايرېن مىيۇنخىېن ئاخىرى ئوزغۇنلۇققا ئېرىشىپ ۋالۇنسىيەنى نادامەتتە قويدى.


            2002-يىلى . خانلىق مادرېد
2002-يىلى5-ئاينىڭ15-كۈنى،گىلاسگوۋ خەمپىدون توپ مەيدانى،42يىل ئالدىدا مادرېد كوماندىسى بۇ يەردە گېرمانىيە كۇلۇبى لېۋىركۇسىننى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ چېمپىيون بولغانىدى،بۇ قېتىم ئۇلار يەنە ئوخشاش مەيداندا گېرمانىيىدىن كەلگەن يەنە بىر كوماندا لىۋېركۇسېننى يېڭىپ ئوزغۇنلۇققا ئېرىشتى.زىدانىنىڭ بۇ مەيداندا ئۇرغان ئاشۇ ئۇنتۇلماس باسما توپى مادرېد ئۈچۈن غەلىبىنى مۇقىملاشتۇردى،خانلىق مادرېد 9 قېتىم ئوزغۇن بولۇش نەتىجىسى بىلەن ھەقىقىي ياۋروپا خانلىق ئورنىغا چىقتى.


             2003-يىلى . مىلان
2003-يىلى5-ئاينىڭ28-كۈنى،مانچىستىر كونا تراففورد مەيدانى،2000-يىلىدىكى ئىسپانىيە كوماندىلىرىدىن كېيىن،بۇ قېتىم 3 ئىتالىيە كوماندىسى ئالدىنقى 4 كۈچلۈككە كىرىپ كەلدى،ئاخىرىدىكى ھەل قىلغۇچ مىلان بىلەن يۇۋېنتۇس ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى،مۇسابىقە جەريانى بەك زېرىكىشلىك بولۇپ تاماشىبىنلارغا ئازراقمۇ زوق ئاتا قىلالمىدى.120مىنۇتتا ئاق قەغەھ تاپشۇرغان ئىككى تەرەپ نۇقتا توپ تېپىش ئارقىلىق چېمپىيوننى بەلگىلەيدىغان بولدى،ئاخىرىدا بەخت قۇشى مىلانلىقلارنىڭ بېشىغا قوندى.


             2004-يىلى . پورتو
2004-يىلى5-ئاينىڭ26-كۈنى،گېرمانىيە گەيسىن شالك توپ مەيدانى.بۇ ياۋروپا ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى قائىدىسىگە يەنە بىر قېتىم ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى بىرىنچى مەيدان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئىدى.يېڭىدىن يولغا قويۇلغان 2 ئايلانمىلىق 8\\1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچى ئۇزۇندىن بېرى قولىنىلىپ كېلىۋاتقان ئىككىنچى باسقۇچلۇق گۇرۇپپا مۇسابىقىسى تۈزۈمىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىلگەنىدى.پورتو كوماندىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى جەڭگە كىرگىنى ھەممە ئادەمنى ھەيران قالدۇرغانىدى،تەلۋە مورىنىيو باشچىلىق قىلغان پورتو كوماندىسى 3:0 نەتىجە بىلەن موناگو كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئوزغۇنلۇققا ئېرىشتى.


     2005-يىلى . لىۋىرپول
2005-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى تۈركىيە ئىستانبول ئاتاتۈرىك مەيدانى . چىمپىيونلۇق لوڭقىسى 50 يىللىق تارىخى ۋاقىتتا لىۋىرپول بىلەن مىلان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە تارىخى «چىمپىيونلۇق» لوڭقىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىستانبولغا كەلدى. مۇسابىقە باشلىنىپ 52-سىكونىتتا مالدىنى بىر توپ كىرگۇزىشى بىلەن مىلان ئوموميۈزلۈك ھوجۇمغا ئۆتۈپ كىرىسپو ئارقا-ئارقىدىن ئىككى توپ كىرگۈزۈپ يېرىم مەيداندىلا 3 توپ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چىمپىيونلۇق لوڭقىسىغا بىر قولى تىگىپ بولدى. كىم ئويلىغان،قەيسەر لىۋىرپوللۇقلار 6 مىنوت ئىچىدىلا ئۈچ توپ قايتۇرىۋالدى. بۇنىڭ بىلەن روھى بېسىمغا دۇچ كەلگەن مىلان ئەزىمەتلىرى نۇقتا توپ جېڭىدە ئۇتتۇرۇپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن بىر مەيدان قىززىغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە بارلىققا كەلدى. ئۇلار ئېرىشكەن بۇ قېتىملىق لوڭقا ئۇلارنىڭ 5-قېتىملىق چىمپىيون بولغانلىقى ئۈچۈن لىۋىرپول كوماندىسى بۇنى ئۆمۈرلۈك ساقلاش ھوقوقىغا ئېرىشكەن.


       2006-يىلى . بارسېلونا
2006-يىلى 5-ئاينىڭ 17-كۈنى پارىژ سان.داننىس توپ مەيدانى . بارسېلونا بىلەن ئارسىنال كوماندىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇچراشتى. ھىنرىنىڭ 37-مىنوتتىكى ياردەمچى پاس بېرىشى ئارسىنالنى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۇردى. كېيىنكى مەيداندا لارسىننىڭ ئىككى ياردەمچى پاس بېرىشى مۇسابىقىنىڭ نەتىجىسىنى ئۆزگەرتتى. شۇنداق قىلىپ لىجىكارىد تېرنىرلىق قىلغان بارسا ياۋرۇپا چوققىسىغا چىقتى.


       2007-يىلى . مىلان
2007-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى ئافىنا ئولىمپىك مەيدانى . مىلان بىلەن لىۋىرپول ئىككى يىلدىن كېيىن يەنە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئۇچراشتى . بۇ قېتىم مىلان ئالدىنقى قېتىملىق قىساسىنى ئالىدىغان ئوبدان پۇرسەت كەلگەن ئىدى. ئالدىنقى مەيدان ئىنزاگىنىڭ بىر توپى مىلاننى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۇردى. كېيىنكى مەيدان پۇرسەت ئۇستىسى ئىنزاگى يەنە بىر توپ ئۇرۇپ مىلاننى ئىككى توپ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۇردى ھەمدە مىلاننى ئاخىرقى نەتىجە 2:1 بىلەن قىساسىنى چىقاردى. شۇنداق قىلىپ مىلان شۇ يىلى ئۈچ ئىنگىلاند كوماندىسىنى قارىتىپ قويۇپ يوغان قۇلاقنى ئېگىز كۆتۈردى.


        2008-يىلى . مانچىستىر
2008-يىلى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى موسكۇۋا لۇنىرىج مەيدانى . ئىنگىلاندتىن كەلگەن ئىككى كوماندا بۇ قېتىملىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدىكى باش پېرسۇناژلار ئىدى، ئۇلار چېلسى بىلەن مانچىستىر . چېىلسى كوماندىسىنىڭ غوجايىنى ئابلاموۋىچ ئۆز دۆلىتى موسكۇۋادا لوڭقا كۆتۈرۈشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلاتتى. مۇسابىقىدە كىرىستىيان.رونالدو بىلەن لەمپاردنىڭ توپى بۇ ئىككى كوماندىنى 120 مىنوت ئىچىدە 1:1 تەڭلەشتۇردى. رەھىمسىز نۇقتا يەنە كەلدى. ئەڭ ئاخىرقى تىررىينىڭ توپى كىرمەي قىلىپ ئىككى كوماندا 5 ئايلانمىدىن كېيىن 4:4 تەڭلىشىپ قالدى. ئەمدى قايسى تەرەپ كىرگۇزەلمىسە مۇسابىقە شۇ جايدا تۈگەيدۇ. ئانېركا .... مۇسابىقە ئاخىرلاشتى ! مانچىستىر چىمپىيون بولدى !!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2009-3-26 20:34:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىنقى قېتىم لىۋىرپول بىلەن مادرىد ئوينىغان چاغدا cspn دىكى خۇاڭ جىيەنشىياك بىلەن يەنە بىر خەن :« بۇ لىۋىرپول بىلەن مادرىدنىڭ تۇنجى قېتىم چىمپىيونلۇق لوڭقىسىدا ئۇچرىشىشى » دەۋاتاتتى....ئاڭلاپ ھەيران قاپتىكەنمەن،مۇنداقمۇ ئىش باركەن دەپ..... مانى كۆرەپ باقسا بوپتىكەن ، ئۇلار.......

     بىرازىلىيە بىلەن گېرمانىيىنىمۇ شۇنداق دەۋاتقان 2002-يىلى....تارىخ ئاقتۇرۇپ باقساق ئۇلارمۇ چىقىپ قالغۇدەك....

   ئىشقىلىپ بۇلارغۇ... بولدىلا، دىمەي.....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-26 20:35:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن  نادىر  تېما  بوپتو.  بىلمىگەننى  بىلىۋالدۇق  مانا.  جاپا  تارتىپسىلە   شە باشلىق.   بىزنىڭ  مىلەننىڭ  كۆپكەن  خېلى.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-26 20:38:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى بار دەتىتى بىرەيلەن ،،، يوللىماي تۇرۇپ باشقا گەپكە قايناپ كىتىپتا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-26 20:43:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر جەۋھەر تېما تەۋەللۇت بولۇش ئالدىدا
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-26 20:53:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادىرىت 9 قىتىم .
مىلان 7 قىتىم .
لىۋىرپول 5 قىتىم .
ئاجاكىس 4 قىتىم .
بەيرىن مىيۇنخىن 4 قىتىم .
مانچىستىر  3 قىتىم .

  

   1956- يىلدىن 2008- يىلغىچە  مۇشۇلارنىڭلا جىقكەن ........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-26 20:57:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
6 - قەۋەتتىكى مىخايلوۋىچ نىڭ 2009-03-26 17:23 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى  :
مادىرىت 6 قىتىم .
ئاجاكىس 3 قىتىم .
بەيرىن مىيۇنخىن 3 قىتىم .
لىۋىرپول 4 قىتىم .

.......


ئارام  ئالايلى  ئارام  ئالايلى  ..  بىردەم   ئارام  ئالايلى..
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-26 21:11:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كونۇپكا تاختىسىنى بىر بىردىن بىسىپ يىزىپ چىقىۋاتقاندۇ باللا ... تەخىر قىلايلى ...  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-26 21:12:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادرىت بۇرۇن راسلا بۇزەك قىلۋاپتىكەن ھە ،توتېنخام ئورمان دىگەن ھازىرقى ئېنگىلانت دەرجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسدىكى توتېنخام كوماندىسمۇ ،ئۇ بوپ قالسا راسلا ئۇلارنىڭمۇ راۋۇرۇس قايلاپ ئولتۇرغۇدەك 2لوڭقىسى باكەن جىمۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-26 21:12:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شە باشلىق ئۇلارنىڭ دىگىنى  91-يلىدىن باشىلاپ قىلپلاشىقان ئوزغۇنلۇق لوڭقىسى تارىخدا دىمەكچى ..
يەنە 91-يىلدىن باشىلاپ ئاندىن گۇرۇپىلار بويىچە مۇسابقىلىشش  تۇزۇمىنى ئورناتقاندىن باشىلاپ ..
   ئۇنىڭدىن بۇرۇن بۇنىداق ئوينىمايتى ...  بىر ماتىيالىدىن كۆرۇشمىچە <بەلكىم خاتا يادىمىدا قالغانىدۇ > ئالدنقى قىتملىق چىمپىيۇن بىۋاسىتە يىرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابقە قاتىنشاتتىغۇ دەيىمەن..!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-26 21:18:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1967-يىلى ئىنتر بىلەن كىلتلىقلار  ئوتتۇرسىدىكى ھايات ماماتلىق جەڭ بولدىغان كۇننىڭ ئالدىنقى كۇنى ئاخشىمى ئىنتىرنىڭ < شۇ ۋاقدتىكى ئەڭ داڭلىق بىك > بىكىنى  كىتلقىلار ئۇخلتىش دورسى بىلەن  ئۇخلتىپ قويۇپ ئەتىسى بۇ بىچارنىڭ قۇرسىقى ، ئاشىقازىنى دىگەندەك يەرلىرى ئاغىرىپ مۇسابىقە قاتنىشالمايىدۇ ، بۇ مەيىدانىدا مۇسابقىنىڭ ئۇتتۇرۋتىشگە بىۋاستىە تەسىر كۆرستىدۇ ...!


  ئىنترغا ئۇۋال بولاپ كەتىكەن ..!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-25 12:18

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش