Old Trafford نىڭ تارىخى
«چۈش تىياتىرخانىسى»
كونا تىراففورد مەيدانى(Old Trafford ) -مانچىستىر بىرلەشمە كوماندىسىنىڭ ساھىپخان مەيدانى،ئۇنىڭ بىر يېقىملىق ھەم ئوبرازلىق ئاتىلىشى بار ، ئۇ بولسىمۇ - «چۈش تىياتىرخانىسى» (The Theatre of Dreams). مانچىستىر بىرلەشمىسىنىڭ داڭلىق چولپىنى،ھازىرقى ئوبراز ئەلچىسى بوبى .چارلىتون ئەڭ ئاۋال شۇنداق ەەپ ئاتىغان. چۈنكى ئوتۈپ كەتكەن 100 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا بۇ «چۈش مەيدانى»دا سان-ساناقسىز ئىسىل،كەسكىن مۇسابىقىلەر، ئەڭ ياخشى پۇتبولچىلار، ئەڭ ياخىشى كوماندىلار ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى كەڭ پۇتبول مەستانىلىرىگە سۇنغان.
گىرمان قوشۇنلىرى تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.
مانچىستىرنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى كوماندىسى بولغان نىيوتۇن خىس كوماندىسى 1878 قۇرۇلغان. قۇرۇلغاندىن كىيىن نۇرغۇنلىغان پۇتبول مەيدانلىرىنى ئىشلىتىپ باققان . 1910-يىلى كونا تىراففورد ئۇلارنىڭ ساھىپخان مەيدانى بولغان. لىكىن، 2- دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە كونا تىراففورد مەيدانى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.1941. يىلى گىرمان ئارمىيىسىنىڭ بومباردىمان قىلىشى بۇ مەيداننى ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان.جەنۇبى كۆرۈش سۇپىسىدىن باشقا ھەممە يىرى ۋەيران بولغان. شۇنىڭ مانچىستىر بۇ مەيدان كۆچۈشكە مەجبۇرى بولغان ھەمدە مانچىستىر شەھەر كوماندىسىنىڭ ساھىپخان مەيدانىنى ئىجارىگە ئىشلەتكەن. 1949-يىلغا كەلگەندە كونا تىراففورد مەيدانى ئاندىن قايتا ياسالغان .
ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ چوڭ مەيدان
بۈگۈنكى كونا تىراففورد مەيدانى ئېنگىلادتىكى ئەڭ ئۇلۇغ،ئەڭ ياخشى كۇلۇپنىڭ ساھىپخان مەيدانى ،شۇنداقلا دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى پۇتبول مەيدانلىرىنىڭ بىرى.2005-2006 پەسىلدە 1705696 ئادەم \قېتىم بۇ مەيدانغا كىلىپ مۇسابىقە كۆرگەن .2006- يىلى يازا كونا تىراففوردنى كېڭەيتىش قۇرلىشى تاماملاندى ، شۇنىڭ بىلەن غەربى شىمال ۋە شەرقى شىمال كۆرۈش سۇپىلىرىغا تېخىمۇ كۆپ ئورۇندۇقلار سەپلىنىپ مەيدانىغا سىغىدىغان ئادەم سانى 76000 غا يەتتى . بۇ كونا تىراففورد نىڭ ئېنگىلاند بىرلەشمىسىدىكى ئەڭ ياخشى مەيدانلارنىڭ بىرى بولۇش ئۇلىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملاپ بەردى . (ئەسكەرتىش: ئەلۋەتتە ھازىر يىڭى ۋېنبۇر مەيدانى ئەڭ چوڭ)
كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيى
يىڭى كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيى 1993-يىلى ئىشلىتىشكە باشلانغان بولۇپ ، ئەسلىدىكى جەنۇبى كۆرۈش سۇپىسىنىڭ ئاستىغا جايلاشقان كونا كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىنىڭ ئورنىغا سېلىنغان. 23 پۇتبولچىنىڭ ئېھتىياجىدىن بىمالال چىقالايدۇ. كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىنىڭ ئىچىدە يەنە ئۇۋلاش ئۆيى، كىچىك كۆلچەك قاتارلىق يۇيۇنۇش ئەسلىھەلىرى بار. كىيىم يۆتكەش ئۆيىنىڭ يېنىدە كۆتۈۋېلىش ئۆيى بار بولۇپ پۇتبولچىلار بۇ يەردە ئۆزى ياقتۇرىدىغان تاماقلار بىلەن غىزالىنالايدۇ.
شانلىق تارىخ
1910- يىلدىكى كونا تىراففورد مەيدانى
1910- يلى كونا تىراففورد مانچىستىر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن رەسمى ئىشلىتىلىشكە باشلىغان بولۇپ ، 1909 - يىلى قۇرلۇش باشلانغان . ئەينى ۋاقىتتا بۇ مەيداننىڭ قۇرلۇشى ئۈچۈن 60 فوندىستىرلىڭ مەبلەغ سېلىغان بولۇپ ، ئەينى ۋاقىتتىكى تۇرمۇش سەۋيىسىگە ۋە ئىستىمال سەۋيىسىگە سېلىشتۇرغاندا بۇ بىر ئالامچە سان ئىدى. پۇتبول مەيدانىنىڭ ئۈچ تەرىپى ھالقىسىمان يوللۇق بولۇپ بۇ يەردە پەقەت ئۆرە تۇرۇپ مۇسابىقە كۆرگىلى بۇلاتتى ، پەقەت بىر تەرىپىدىلا ئورۇندۇقلار بار ئىدى. بۇ مەيداننى ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنياغا مەشھۇر شوتلاندىيەلىك قۇرلۇش لاھىيلىگۈچى Archibald Leitch لاھىلىگەن. كونا تىراففورد مەيدانى ئىشقا كىرىشتۈرلۈپ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە 76972 ئادام كىلىپ مۇسابىقى كۆرگەن . لىكىن بۇ «چۈش تىياتىرخانىسى» دىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە مانچىستىر بىرلەشمىسى لىۋىرپۇل كوماندىسىغا 4:3 ئۇتتۇرۋەتكەن.
1926-يىلدىكى كونا تىراففورد مەيدانى
1941- يىلى كونا تىراففورد مەيدانى گىرمانلار تەرىپىدىن ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندىن كىيىن مانچسىتىر شەھرىنىڭ Maine Road مەيدانىدا مۇسابىقە ئوينىغان . 1949- يىلى ئاندىن ئۆز ئائىلىسىگە قايتىپ كەلگەن.
1950-يىلدىن 1956 يىلغىچە بولغان ۋاقىتلاردىكى كونا تىراففورد
مەيداننى قايتا قۇرۇش خىزمىتى 2-دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن ئاندىن ئېلىپ بېرىلغان .41748 نەپەر پۇتبول مەستانىسى قايتا تىرىلگەن دىن لىيىنكى كونا تىراففوردتا تۇنجى مەيدەن مۇسابقىنى كۆرگەن. كىيىن مانچىستىر بىرلەشمىسى نىڭ ياۋروپادىكى شانلىق نەتىجىلىرى كۆزدە تۇتۇلۇپ كوماندىغا كىچىلىك چىراقلار بىكىتىلگەن.1964-يىلى كونا تىراففورد مەيدانى 1966- يىلىدىكى ئېنگىلاند دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسنىڭ مەيدانلىرىنىڭ بىرى بولغاچقا يەنە قايتا قۇرلۇش قىلىنغان.
1984-يىلدىكى كونا تىراففورد
60-يىلدىن 80 - يىلغىچە بولغان ۋاقىتتا كونا تىراففورد مەيدانى بىر قېتىمدە 58000 پۇتبول مەستانىسىنى سىغدۇرالايتتى. بۇ مەزگىللەردە مەيداننى ئاسراش، قوغداش خىزمىتى ئۈزلاپ قالمىدى. 80- يىللارنىڭ ئوتتۇرىغا كەلگەندە پۇتۇن مەيداننىڭ يامغۇردىن مۇدەپىيەلىنىش تۇرۇسى بار بولدى . مەيدان ئىچىگە پەلەمپەيسىمان كۆرۈش سۇپىسى ،ئۇنىڭ كەينىگە ئاندىن ئورۇندۇقلار سەپلەندى.
1990-يىلدىكى كونا تىراففورد
1989-يىلى Hillsbrough ۋەقەسى (يۈزگە يېقىن مەستانىلەر يەنجىلىپ ئۆلۈش ۋەقەسى) يۈز بەردى .شۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئېنگىلاندتىكى كۇلۇپلاردىن مەيدانىنىڭ ھەممىسى ئورۇندۇقلۇق بولۇش تەلەپ قىلىندى. شۇنداق قىلىپ مانچىستىرنىڭ سىغدۇرالايدىغان ئادەم سانى 44000 گە چۈشۈپ قالدى. كونا تىراففوردنىڭ ئۆزگەرتىپ قۇرۇش ئاياغلاشتى ، بۇ ۋاقىتلاردا سىز ھاۋا بوشلىقىدىن تارتىلغان سۈرەتتە كونا تىراففورد نىڭ نەقەدەر ھەيۋەت ئىكەنلىكىنى كۆرەلەيسىز. كىيىن مانچىستىر بىرلەشمىسى بارغانسىرى پۇتبول مەستانىلىرى تەرىپىدىن قارشى ئېلىنىشقا باشلىدى . لىكىن بۇ ۋاقىتتا كونا تىراففوردنىڭ كەڭ قوينى ، مانچىستىر مەستانىلىرغا ئاللىقاچان كىچىك كەپ قالغان ئىدى.
1993- يىلدىكى كونا تىراففورد
1994-يىلدىكى كونا تىراففورد
1995-يىلدىكى كونا تىراففورد
95-يىلى كونا تىراففورد يەنە كېڭەيتىپ ياسالدى. قۇرلۇش ئۈچۈن 19 مىلىيون فوندىستىرلىڭ مەبلەغ سېلىندى.
2000-يىلدىكى كونا تىراففورد
بۇ ۋاقىتتىكى كونا تىراففوردقا 68000 ئادەم سىغاتتى.
2006-يىلدىكى كونا تىراففورد
سىغدۇرالايدىغان ئادەم سانى 75000غا يەتتى.
يېقىن كەلگۈسىدىكى كونا تىراففورد
بۇ كېڭەيتىش پىلانىدا جەنۇبى كۆرۈش سۇپىسىنى كېڭەيتىش ئوتتۇرغا قويۇلغان بولۇپ سىغدۇرالايدىغان ئادەم سانى 90000 غا يەتكۈزىلىدۇ. لىكىن جەنۇبى كۆرۈش سۇپىسىنىڭ كېينىدە بوشلۇق ئاز بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ پىلان ھازىرچە ئورۇندالمىدى. لىكىن ھازىرقى كونا تىراففورد مەيدانى يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ كۆركەم . ئەڭ ياخىشى پۇتبول مەيدانلىرىنىڭ بىرى. ئىسمى جىسمىغا لايىق «چۈش تىياتىرخانىسى»
ئىچكى قۇرۇلمىسى
ئاخبارات ئىلان قىلىش زالى
مۇسابىقىدىن بۇرۇنقى ۋە كىيىنكى ئاخبارات ئىلان قىلىش ، مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىش .ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. 60 تىن كۆپ مۇخبىرلارنى كۈتەلەيدۇ. ئالدىنقى قاتاردا يەنە 10 ئادەم سىغىدىغان زىيارەت قىلىش رايونى بار. ئەسلەھەلىرى ئىنتايىن ئىلغار.
تارقىتىش ئۆيى
بۇيەردە مانچىستىرغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق تارقىتىش ، تەلىل قىلىش، خەۋەر قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ. ئىلغا سۈرەتكە ئېلىش ئەسۋاپلىرى ۋە تەجىربىلىك كەسپى خادىملار تۇلۇق سەپلەنگەن.
مەركىزى كىرىش يولى
بۇ يەردە مۇسەبىقىگە چۈشىدىغان ئىككى كوماندە يەنى بىزنىڭ مانچىستىر بىرلەشمىسى ۋە مېھمان كوماندا مەيدانغا كىرىدۇ. بىزنىڭ مەشقاۋۇل ھەم زاپاس ئەزالار مۇشۇ يونىڭ ئۈستىدىلا تۇرىدۇ . ئۇ يەر مەستانىلەر تەرىپىدىن مۇسابىقە كۆرۈشتىكى ئەڭ ياخشى رايون دەپ قارىلىدۇ.
كونتىرول قىلىش ئۆيى
بۇيەر «چۈش تىياتىرخانىسى» نىڭ ئىنتايىن مۇھىم بىر قىسمى. بۇ يەردە 16 دانە تېلىۋىزور ئېكرانى 13 دانە كامىراغا ئۇلانغان بولۇپ مەيدان ئىچىدە تۆتى مەيدان سىرتىدا توققۇزى بار . كونا تىراففوردنىڭ ھەر بىر بۇلۇڭ پۇشقۇقىنى تۇلۇق كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ يەر ئاساسلىق ئامانلىق خىزمىتىگە مەسئۇل.

پۇتبولچىلار كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيى
بۇ يەرنى بىز ھەرگىز مۇ ئويلاپ يىتەلمەيمىز . بۇ يەر 23 كىشلىك تىزىملىكتىكى بارلىق پۇتبولچىلارنى بىمالال سىغدۇرالايدۇ.
بۇ يەردە يەنە ئىككى ئىسسىق سۇ كۆلچىكى، بىر ساڭنا ، ئىكى يۇيۇنۇش ئۆيى بار.(مېھمان كوماندىنىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيى ئەلۋەتتە بۇنداق ياخشى ئەمەس )
ھەشەمەتلىك زىياپەت زالى
بۇ يەرمە كونا تىراففوردنىڭ ئىچىدكى بىر مۇھىم قىسمى. بۇ يەردە ئاساسەن سەنئەت كىچىلىكلىرى ، تۇغۇلغان كۈن كىچىلىكى، تەبرىكلەش پائالىيىتى،ھەمدە بىر قىسىم مۇھىم يىغىنلار ئۈچۈن .ئىشلىتىلىدۇ. ئەڭ كۆپ بولغاندا 500 ئادەم سىغىدۇ.
قىزىل ئالۋاستى قەھۋەخانىسى Red Cafe
بۇ قەھۋەخانىنىڭ باشقا قەھۋاخانىلاربىلەن پارىقلىنىدىغان ئاڭ چوڭ ئارتۇقچىلىقى -ھەممە ئۈستال ئورۇندۇقلار ھەتتە بارلىق ئەسلەھەلەرنىڭ ھەممىسىدە قىزىل ئالۋاستىغا مۇناسىۋەتلىك رەسىملەر بار.
ئايرىمخانا
كونا تىراففوردتا 149 ئايرىمخانا بولۇپ شىمالى سۇپىغا جايلاشقان. ھەربىر ئايرىمخانا ئايرىم خانا ئىگىسىنىڭ تەلىپىگە ئاسەسەن بىزىلىدۇ. ئايرىمخانا ئىچىدە يەنە تېلىۋىزور بولۇپ كىرگەن توپنى قايتىلاپ كۆرۈش ھەمدە باشقا مۇسابىقىلارنىڭ نەتىجىسىدىن خەۋەرلىنىشكە ئىشلىتىلىدۇ.
نۇمۇر ھېساپلاش تاختىسى
بۇ نۇمۇر ھىساپلاش تاختىسى پۈتۈن ئەنگىلىيە بويىچە تۇنجى ئىلىكتىرونلۇق نۇمۇر ھىساپلاش تاختىسى ھېساپلىنىدۇ.
پۇتبولچىلار ئارام ئېلىش ئۆيى
ئورنى كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدا، بۇ يەرنىڭ ئادەمگە ئەڭ تەسىر قىلىدىغان يىرى شۇكى - كوماندىدىكى ھەر بىر ئەزانىڭ دۆلەت كوماندىسىغا ۋاكالىتەن توپ تەپكەن قېتىم سانى بار ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە تاملارغا مانچىسىتىر تارىخىدىكى ئۇلۇغ شەخىسلەرنىڭ سۈرىتى ئېسىلغان. پۇتبولچىلار مۇسابىقىنىڭ ئالدى كەينىدىكى 3 سائەت ۋاقىتتا بۇ يەردە غىزالىناليدۇ. پۇتبولچىلارنىڭ بالىلىرى بۇ يەردە ئوينايدۇ.
ماگىزىن
كونا تىراففورد ئىچىگە جايلاشقان مانچىستىر مەسھۇلاتلىرى مەخسۇس سېتىش دۇكانلىرى
مۇزىي
ئەڭ ئاخىردا مانچىستىر مۇزىيى بىلەن تۇنۇشۇپ چىقايلى . بۇ مۇزىي 1998-ئاندىن سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن . بۇ يەردە قىزىل ئالۋاستىنىڭ 1878-يىلىدىن بۇيانقى بارلىق بوران-چاپقۇنلىرى بار . داڭلىق كىشىلەر خاتىرسى، لوڭقا ، مۇكاپاتلار ، دەڭلىق چولپان ۋە سادىق مەستانە دىگەنلارنىڭ ھەممىسى بۇ يەردە بار.
مانا بۇ «چۈش تىياتىرخانىسى» !!!!!!
مانا بۇ كونا تىراففورد!!!!!!
|