akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 3363|ئىنكاس: 18

10 داڭلىق پۇتبول كۇلۇب ناخشىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
10داڭلىق پۇتبول كۇلۇب  ناخشىسى
            نۇرغۇن دوستلىرىمىز 10 چوڭ كۇلۇبتا ھەرخىل ناخشىلارنىڭ بارلىقىنى بىلىشى مۇمكىن، ھەتتا بەزىلەر بۇ ناخشىلارنى پىششىق بىلىشىمۇ مۇمكىن، تۆۋەندە ئۇلارنىڭ كۇلۇب ناخشىسى بىلەن تونۇشۇش ئارقىلىق ئۆزىمىز ياخشى كۆرىدىغان كۇلۇبقا بولغان مەدىتىمىزنى بىلدۈرەيلى!
        بۈگۈن تونۇشتۇرماقچى بولغان كۇلۇب ناخشىلىرى ئاساسلىقى مانچېستېر، ئارسېنال، لىۋېرپۇل، چىلسى،AC مىلان، ئىنتېر، بارسا، خان جەمەتى مادرېد، بايرىن مىيۇنخېن قاتارلىق بۈگۈنكى دۇنيا ياۋروپا پۇتبولچىلىقىدىكى ئون چوڭ كۇلۇبنىڭ ناخشىلىرى، بۇ كۇلۇبلارنىڭ ھەرخىل ناخشىلىرى ئىچىدىن ئۇسلۇبى ئۆزگىچە بولغان 10 ناخشىنى تاللاپ مەستانە سەبداشلار بىلەن بىرلىكتە ھوزۇرلىنىشقا سۇندۇق!

         ئىنگىلاند
مانچېستېر بىرلەشمىسى ـــــــــ United We Love You
                 مۇزىكىسىنىڭ كۈچلۈك جەلپ قىلىش كۈچى بۇ ناخشىنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى، ھەربىر رېتىمدىن قايناق ھېسىيات ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، ئەگەر سىز مانچېستېر مەستانىسى بولسىڭىز «United We Love You»غا ئاشىق بولۇپ قالىدىغانلىقىڭىزغا ئىشنىمەن، مانچېستېر بۇ پەسىللىك مۇسابىقە سەركەردە بولۇش سۈپىتى بىلەن بار كۈچى بىلەن غەلىبىگە قاراپ ئاتلانماقتا، بىر ناخشا، كىچىك بىر تەبرىك...قىزىل ئالۋاستى مەستانىلىرى بار ئاۋازى بىلەن «United We Love You»نى ئېيتىپ غەلىبىنى كۈتمەكتە! غەلىبە ساڭا مەنسۈپ~~~!

ناخشا ئادرېسى:
http://www.cnball.net/html/62/player-catid-90-4862-mid-4.html

               ئارسېنال ـــــــــKings of London
        لوندون شاھى- نېمىدېگەن جەزبىدار ئىسىم! ھازىر لوندون شاھلىقىنى تالىشىش رىقابىتى ئارسېنالنى ئوڭۇشسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇزۇن مەزگىللىك زەردارلىق تارىخى ئۇلارنىڭ يەنە بىر قېتىم قەددىنى رۇسلىشىغا تۈرتكە بولدى، بۇ «Kings of London»دىن ئارسېنال مەستانىلىرىنىڭ ئارسېنالنىڭ قايتىدىن باش كۆتۈرۈپ «لوندون شاھى»لىق ئورنىغا چىقىشىغا بولغان تولۇپ تاشقان ئىشەنچسى ۋە مەدىتىنى كۆرىۋالالايمىز.

ناخشا ئادرېسى:
http://www.cnball.net/html/62/player-catid-90-4862-mid-6.html

            لىۋېرپۇل ــــــــWe are Liverpool
  پارلاپ تۇرغان قۇياش، لىق ئادەم بىلەن تولغان پۇتبول مەيدانى، بىر مەيدان لىۋېرپۇل ئاساسى مەيدان مۇسابىقىسى، ئەگەر سىزمۇ نەق مەيداندا بولغان بولسىڭىز نېمىنىڭ ھەقىقىي مەستانە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلالايسىز.
         «We are Liverpool»باشتىن- ئاخىرىغىچە قايناق ھېسىيات بىلەن يۇغۇرۇلغان! ناخشا ئادرېسى:
http://www.cnball.net/html/62/player-catid-90-4862-mid-3.html

چىلسى ـــــــــ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيى ناخشىسى
              ئىنگىلاد كوماندىلىرىغا نىسبەتەن كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيى مۇقەددەس ھەم دەخلى- تەرۈزسىز جاي ھېسابلىنىدۇ، ئەينى يىلىدىكى گوللاندىيىلىك جوستام مانچېستېر كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىدىكى بىر قىسىم كىچىك ئىشلارنىمۇ ئاشكارىلىغانلىقى سەۋەپلىك فۇگسىننىڭ غەزىپىنى قوزغاپ، كوماندىدىن ھەيدىلىشتەك ئېغىر ئاقىۋەتتىن كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى چۈشىنىۋېلىش تەس ئەمەس، شۇ سەۋەپتىن چىلسىنىڭ بۇ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيى ناخشىسى تېخىمۇ سىرلىق تۈس ئېلىپ، كىشىلەرنىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە بولغان قىزىقىشىنى تېخىمۇ ئاشۇرغان!

ناخشا ئادرېسى:
              http://www.cnball.net/html/62/player-catid-90-4862-mid-5.html

                ئىتالىيە
AC مىلان ـــــــــForza Milan
           ناخشا ئىسمىدىن قارىغاندا بۇ ناخشا AC مىلاننىڭ كۇلۇب ناخشىسى بولۇشقا ئەڭ لايىق كېلىشى مۇمكىن، گەرچە «Forza Milan»جۇڭگودا «milan milan»دەك زور ئالقىشقا ئېرىشمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭمۇ «milan milan»دىكى جۇشقۇنلۇققا ئوخشىمىغان ئۆزىگە خاس پۇرىقى بار، ئۇ قويۇق ئىتالىيە پۇرىقى بىلەن بېزەلگەن، ئاپېننېنىس ئەسلى خاسلىقى مۇجەسسەملەنگەن نادىر مۇزىكا.

ناخشائادرېسى: http://www.cnball.net/html/62/player-catid-90-4862-mid-9.html

              ئىنتېر مىلان ـــــــــ يېڭى كوماندا ناخشىسىPazza Inter
  بۇ ئىنتېرنىڭ كونا كوماندا ناخشىسىغا سېلىشتۇرغاندا تېخىمۇ تەسىرلىك، رېتىمىمۇ تېز. خۇددى ناخشا رېتىمىدەك ئىنتېرمۇ كوماندا تەرەققىياتى ئۈچۈن داۋاملىق ئالغا قاراپ يۈرمەكتە!
ناخشا ئادرېسى:
http://www.cnball.net/?action-player-catid-90-itemid-4862-mid-10

يۇۋېنتۇس ـــــــــForza Juventus
                يەنە بىر Forza دىن باشلانغان كۇلۇپ ناخشىسى، ھەرقانداق بىر مەستانە ئۆزلىرى ياخشى كۆرگەن كۇلۇبنىڭ ھەر ۋاقىت زەردارلىق، ئۇزغۇنلۇق ھالىتىدە تۇرۇپ، داۋاملىق يورۇق يۇلتۇزدەك چاقنىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ، Forza بەلكىم بۇ ئارزۇ- ئارمانلارنىڭ ئەڭ تىپىك ۋەكىلى بولالىشى مۇمكىن.
ناخشا تېكىستى:
http://www.cnball.net/html/62/player-catid-90-4862-mid-2.html


       ئىسپانىيە
          بارسېلونا ـــــــــ(Dale Barcelona (original
           قۇيۇق ئىسپانىيە پۇرىقى بىلەن تولغان بۇ ناخشىنىڭ رېتىمىمۇ قۇيۇق مىللىي پۇراق بىلەن بېزەلگەن، ئۇنىڭغا ئورۇنلىغۇچىنىڭ يۇقىرى ماھارىتى ۋە جەلىپكار ئاۋازى قوشۇلۇپ، كىشىنى مەستخۇش قىلغۇدەك سېھرىي كۈچكە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە بىزگە بارسانىڭ سەنئەتلىك پۇتبولنىمۇ نامايەن قىلىپ بەردى.
ناخشا ئادرېسى:
http://www.cnball.net/html/62/player-catid-90-4862-mid-7.html

خان جەمەتى مادرېد ـــــــــYo te quiero dar
        «Yo te quiero dar»خان جەمەتى پىلاستىنكىسىدىن ئېلىنغان بولۇپ، 20- ئەسىردىكى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ كۇلۇب. توققۇز قېتىملىق چىمپىيۇنلۇق لوڭقىسىغا ئېرىشىشتەك پارلاق تارىخقا ئىگە مادرېد ھەر بىر مەستانىسغا چەكسىز ئىپتىخارلىق ۋە ئۈمىد ئېلىپ كەلدى، بۇ ناخشا مادرېدنىڭ مەستانىلىرىغا قىلغان سوۋغىسى!
ناخشا ئادرېسى:
http://www.cnball.net/html/62/player-catid-90-4862-mid-1.html

گىرمانىيە
بايرىن مىيۇنخېن ـــــــــ Ole Ole Ole FCBrequest
  ئاڭلىماققا بۇ ناخشا مەشھۇر مەستانىلار ناخشىسى «Ole-Ole»غا ئوخشىشىپ قالىدۇ، لېكىن زەن سېلىپ ئاڭلىسىڭىز “Ole Ole……” دىن كېيىن “bayern” دەپ ئېيتىلغانلىقىنى ئاڭلايسىز.
«Ole Ole Ole FCBrequest»پۈتۈنلەي بايرېن مەستانىلىرىنىڭ ناخشىسى، ئۇ بايرېننىڭ «مەڭگۈلۈك بىرىنچى»«جەنۇپ يۇلتۇزى»دىن ئىبارەت ئىككى كوماندا ناخشىسىغا سېلىشتۇرغاندا مەستانىلار ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان شۇنداقلا تارقىلىشى ئەڭ كەڭ بولغان كۇلۇب ناخشىلىرىنىڭ بىرى.
ناخشا ئادرېسى:
http://www.cnball.net/html/62/player-catid-90-4862-mid-8.html

قالغان ناخشىلارنى شىۋچىنكونىڭ پۇتبول ناخشىلىرى(تولۇق نۇسخىسى) دىگەن تىمىسىدىن كۆرىۋالغايسىلەر.

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 3مۇنبەر پۇلى +76 يىغىش سەۋەبى
wolfcry + 22 چىرايلىق تېم ..
شەمشاد + 5
بەخىت + 49 pazza i

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-23 20:54:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    چىلسىينىڭ يىرىمى گەپ قىلىپ يىرىمىدا بىر نەچچىنى توۋلاپ قويىدىكەنغۇ ؟؟؟؟؟  





  مانچىستىرنىڭ پىچەتكەن دىسە ،.......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-23 22:03:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما  مۇنبىرىمىزنىڭ  گۈلى  تىما  يوللاشتا   خېلىلا  تەرەققى   قىلىپ  كېتىپتو  جۇما.  تېخمۇ  كوپ  يوللاڭ  خان.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-23 22:09:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك يىقىملىق ناخشىلاركەن ھەممىسى....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-23 22:31:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا بەك ياقىدىغىنى مىلان بىلەن بارىسلونانىڭ ناخشىسى.  رەھمەت سىزگە .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-23 22:43:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ما ناخشلارنىڭ ھەمىمسنى ئاخشام تىخى تىلفۇنۇمغا چۇشۇرۋالغان ئىدىم بۇگۇن مۇنبەرگە چىقىپتۇ دىسە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-23 23:28:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لىۋېرپول كۇلۇپ ناخشىسى!


You′ll Never Walk Alone
When you walk through a storm  

Hold your head up high,  

And don′t be afraid of the dark.  

At the end of a storm,  

There′s a golden sky,  

And the sweet silver song of a lark.  

Walk on through the wind, Walk on through the rain,  

Though your dreams be tossed and blown...  

Walk on, walk on, with hope in your heart,  

And you′ll never walk alone... You′ll never walk alone.  

Walk on, walk on, with hope in your heart,  

And you′ll never walk alone...  

You′ll never walk alone.  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-23 23:57:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-24 07:05:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مادىرىدنىڭ ناخشىسىنىڭ مەنىسىنى بىلسەمچۇ كاشكى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-24 07:21:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خان جەمەتى مادرىدنىڭ ناخشىسى بولىدىكەن .......
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-24 10:27:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۇتبول ناخشىلىرى مۇشۇنىڭ بىلەن ئىككى تىمىدا بولدى ، باشقا ئەزالارنىڭ قايتا يوللاپ قويماسلىقىنى سورايمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-24 10:32:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چېلسىنىڭ  ئاجايىپكەن  دىسە  .....  ( ۋو !!........  ۋو !!!.........)        
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-7 18:27

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش