akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 3592|ئىنكاس: 19

بىزنىڭ فابىئو چوڭ بولدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                                                    بىزنىڭ فابىئو چوڭ بولدى

  شىنلاڭ تەنتەربىيىسى خەۋىرى، ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدا مانچېستېر كوماندىسى 1:4 نەتىجە بىلەن ئېچىنىشلىق ھالدا لىۋېرپۇل كوماندىسىغا ئۇتتۇرۋەتكەن بولسىمۇ، لېكىن مانچېستېر تەييارلىق كوماندىسى ئۆز كۈچىنى كۆرسەتتى، ئۇلار مانچېستېر رايونىدىكى لانكاشىر لوڭقىسىنى تالىشىش4/1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە فابىئو كىيگەن قالپاققا تايىنىپ 4:1 چوڭ پەرق بىلەن رەقىبى روچدال كوماندىسىنى يېڭىپ، يېرىم ھەل قىلغۇچى مۇسابىقىگە غەلبىلىك كىردى.
  بىرازىيىلىك قوش كېزەكلەرنىڭ چوڭى فابىئو بۇيىل ئاران 18 ياشتا بولۇپ، مەيداندا سول بېك، رافائىل بولسا ئوڭ بېك ئوينايدۇ. روچدال كوماندىسى بىلەن ئوينىغان بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ ئالدىنقى يېرىم مەيدانىدا قارشى تەرەپ ئالدى بىلەن بۇلۇڭ توپ ئارقىلىق مانچېستېر تەييارلىق كوماندىسىغا بىر توپ ھۇجۇم قىلدى، 21 مىنۇت بولغاندا مانچېستېر تەييارلىق كوماندىسى نۇقتا توپ پۇرسىتىگە ئېرىشتى، ئەپسۇسلىنارلىقى فابىئو بۇ ياخشى پۇرسەتنى قولدىن كەتكۈزۈپ قويدى. 26 مىنۇت بولغاندا فابىئو ئۆزى كەتكۈزگەن بوشلۇقنى تولۇقلاپ ئىككى تەرەپ نومۇرىنى تەڭلەشتۈردى، 41 مىنۇت بولغاندا فابىئو بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى 2- توپنى كىرگۈزۈپ، مانچېستېر تەييارلىق كوماندىسىنى مۇسابىقىدە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈردى، 48 مىنۇت بولغاندا ئۇ يەنە بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى قالپاق ماھارىتىنى ئىنتايىن چىرايلىق تاماملىدى، ئاخىرىدا ۋېلبېك 4- توپنى كىرگۈزۈپ، 4:1 نەتىجە بىلەن مانچېستېر تەييارلىق كوماندىسىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.
  بۇ فابىئونىڭ تۇنجى قېتىم بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىشى ئەمەس، 3- ئاينىڭ 5- كۈنىدىكى مىدىلسبۇرگ بىلەن بولغان مۇسابىقىدە تولۇقلىما مۇسابىقىنىڭ 3- مىنۇتىدىلا نۇقتا توپ ئارقىلىق بىر توپ كىرگۈزگەن، قىسقىغىنە 22 مىنۇتلۇق مۇسابىقىدە فابىئو يەنە قالپاق ماھارىتىدىن پايدىلىنىپ ئۆز كۈچىنى كۆرسەتكەنىدى، بۇ ماھارەتلەرنى ئورۇنداشنىڭ بىر يان بېكقا نىسبەتەن قانچىلىك مۈشكۈل توختايدىغانلىقى ھەممىمىزگە ئايان، فابىئو بۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ ئۆزىنىڭ بۇ ماھارىتىنى ئىزچىل نامايەن قىلىپ كەلگەن، 2007- يىلى 17- نۆۋەتلىك دۇنيا ياشلار مۇسابىقىسىدا فابىئو بىرازىلىيە دۆلەت ياشلار كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقلىق سالاھىيىتى بىلەن مۇسابىقىغا قاتنىشىپ 3 توپ كىرگۈزۈپ، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدىكى بىرازىلىيە سەركەردىسى بولۇپ قالدى.
  2007- يىلى 2- ئايدا مانچېستېر تېخى 18 ياشقىمۇ تولمىغان فابىئو، رافائېل بىلەن تەييارلىق توختىمى تۈزدى، 2008- يىلى 7- ئاينىڭ 9- كۈنى دەل فابىئو، رافائېلنىڭ 18 ياشقا تولغان تۇغۇلغان كۈنى، 2008- يىلى 8- ئاينىڭ 4- كۈنى مانچېستېر بىلەن پېتېربۇرگ ئوتتۇرىسىدىكى پەسىللىك مۇسابىقىدا فابىئو كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدا ئېۋرانىڭ ئورنىغا ئالمىشىپ، 2:0 نەتىجە بىلەن مانچېستېرنىڭ غەلىبىسىگە زور كۈچ چىقارغان.
  مۈرىسى يارىلانغانلىقتىن بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە فابىئو مانچېستېرغا ۋاكالىتەن ئىنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە چىقالمىدى، بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە ئۇنىڭ مانچېستېرغا ۋاكالىتەن قاتناشقان بىردىنبىر رەسمىي مۇسابىقىسى 2009- يىلى 1- ئاينىڭ 24- كۈنى ئېلىپ بېرىلغان پۇتبولچىلار جەمئىيىتى لوڭقىسى مۇسابىقىسى تۆتىنچى ئايلانمىسىدىكى مانچېستېرنىڭ توتېنھام كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقە، بۇ فابىئونىڭ مانچېستېرغا ۋاكالىتەن تۇنجى قېتىم مەيدانغا چۈشىشى، لېكىن 53 مىنۇت بولغاندا پۇتى يارىلىنىپ مەيداندىن چۈشۈشكە مەجبۇر بولدى.
   بۇ مۇسابىقە پەسىلىدە مانچېستېرغا ۋاكالىتەن 20 مەيدان مۇسابىقىگە چۈشۈپ، بىر توپ ئۇرغان  ئىنىسى رافائېل، يەنە فابىئو ماھارەت ۋە تېخنىكا ئۇستىلىرى يىغىلغان مانچېستىردا ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرغىدەك ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشەلمىگەن بولسىمۇ، لېكىن فابىئو فورگسىنغا ئۆزىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن تالانتقا ئىگە ماھارەتلىك سول بېك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.
مەنبە : http://sports.sina.com.cn/g/2009-03-17/16014274840.shtml
  (بۇ خەۋەرنى تەرجىمە قىلىشقا ياردەم قىلغان كاكاغا كۆپ رەھمەت )
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-23 16:57:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

(stars_gmg) نىڭ يازمىسىغا ئىنكاس

بۇ كىچىك بولسىمۇ ئەمما ياراملىق پۇتپولچى  ئۇنىڭ كەلگۇسى تېخىمۇ  پارلاق   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-23 16:58:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكەن  قېتىم  سېتىۋالغان   قوشكىزىكى  شۇغۇ؟؟؟؟يامان  گۇي   بىرازىلىيەلىككەن  ئەمەسما.....   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-23 16:59:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ  بۇنىڭ  تۇنجى  مەيدانغا  چىققان (مانچىستىردا)  ۋاقتىنى  كۆرگەن.  مەن  شۇ  چاغدىلا  بۇنىڭ  ياراملىق  بىر مۇداپىيەچى  بولوپ  چىقىدىغانلىقىغا  كۆزۆم  يەتكەن.  بۇئاكا-ئۇكىنىڭ  بۇنىڭدىنكى  ئىشلىرىغا  ئوڭوشلوق  تىلەيمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-23 17:13:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوشماقلار بىرى سول بىرى ئوڭ ...  لىكىن فابىئو  ئۇ مۇسابىقىدە سول كىراي ئويناپ رولنى ياخشى جارى قىلدۇردى . خىرمەت تەقسىماتىدا ئۆزگۈرۈش بولمىسا بۇلاتتى بۇندىن كىيىن ،،، ئۇنىڭ بېك بوپ يىتىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-23 17:18:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى باللىلار ئىنكاسنى سەل ئويلىنىپ يېزىڭلا ھە؟؟؟؟

ئاغىزىمغا كەلدى دەپ يازغان بىلەن ،تەسىرى ياخشى بولمايدۇ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-23 17:23:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي ئىست   بىزگە شۇنداك پۇرسەت يوق بىزدىن 1يېرىم ياشتەك كىچىككەن مانا  ،  

ئىشلىرىڭ ئۇتۇقلۇق بولسۇن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-23 17:32:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۇنيا لىقتا بىر لا قىزىمىز بار ، ئۇناق چاق چاق قىلماڭلا ...   
  مەنغۇ بۈگەن كۆردۇم تېخى   
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-23 17:34:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككى قېتملىق مەغلۇبىيەتكە تەسەللى بوپتۇ  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-23 17:35:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قوشماق ئاكا ئۇكىلار نېۋىل ئاكا ئۇكىلارنىڭ ئىزىنى باسىدىغان بولدى،ئۇلارنىڭ چوڭ بولغاندىمۇ مانچېستىردىن ئايرىلماشلىقىنى بەك ئۈمىد قىلىمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-23 17:41:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-23 18:14:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنىڭغا بەخىت تىلەيمەن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-5-7 12:28

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش