akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 6330|ئىنكاس: 28

20-ئەسىرنىڭ ھۆكۈمرانلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ چولپانلارنىڭ كوپنچىسنى سىزۋەمەن بىلدىغان چولپانلار~~~~~پۇتبول دۇنىيا تەنتەربىيەھەركىتىدە مەستانلىرى ئەڭ كۆپ ھەم دۇنيا تىنىچلىقىغاسىمۋوۋۇل قىلىنغان تەنتەربىيەتۈرنىڭ بىرى.تارىخدىن بۇيان مەيلى پېلى،مارادوناۋەياكى باستىن،فاچىدى قاتارلىق داڭلىق چولپانلارنىڭ نامى ،چىرايلىق ھەركەتلىرى ۋەقاپقىغاكىرگۈزگەن چىرايلىق توپلىرى تارىخ بىتىدىن مەڭگۈئوچمەيدۇھەم بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدامەڭگۈ نامايان بولۇپ تۇرىدۇۋەبىزگە ئۇلارنىڭ سىماسنى ئەسلىتىدۇ.

1-پېلى
پۇتبۇل ھاياتىداجەمئى1363مەيدان مۇسابىقەئويناپ1281توپ كىرگگۇزگەن گىگانىت چولپان؛
خەلىقئاراپۇتبۇلچىلاربىرلەشمىسى تەرىپدىن20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ پۇتبۇلچى شەرپىگەئىرشكەن.
خەلىقئارائولمپىك بىرلەشمىسى تەرىپدىن20-ئەسىردىكى ئەڭ ئۇلۇغ تەنھەركەتچى شەرپىگەئىرشكەن.
بىلىنىڭ مەۋجۇتلىقى نۇرغۇنلىغان مەشھۇرپۇتبۇلچىلىرىمىزئاتلاپ ئوتەلمەيدىغان تاغ،ھەم ئۇنىڭدىن ئىشىپ كىتەلمەيدۇخالاس.
3قىتىملىق دۇنياپۇتبۇل مۇسابىقىسنىڭ چىمپيونلۇقىغائىرشكەنلىكدىن ئىبارەت بۇنداق چوڭ ئىشلارنىمۇھازىرقى چولپانلارغاسىلشتۇرغىلى بولمايدۇ،ھەم ئۇنىڭ دۇنىياپۇتبۇل مۇسابىقىلىردەكىرگۈزگەن توپلىرنىڭ چىرايلىقلىقى ھەم ھەركەتلىرنىڭ نەپسلىكى بىلەن پۇتبۇل پادىشاھى ئاتىلىپ كەلگەن .

2-دىيگومارادونا
دىيگومارادونا ئارگىنتىنادۆلەت كۆماندىسنى كومانداباشلىقلىق ۋەزىپىسى بىلەن يىتەكلەپ1986-يىلدىكى دۇنياپۇتبۇل مۇسابىقىسدەچىمپيونلۇقغائىرىشكەن،،مارادونادۆلەت كۆماندىسغاۋاكالتەن91مەيدان مۇسابىقەئويناپ34توپ كىرگگۇزگەن،باتىستۇتادىن قالسىلا2-ئورۇنداتۇردۇ،مۇشۇنداق نەتىجىلەرگەئىرشكەن مارادونانىڭ ئۇچۇرغان ئوڭۇشسىزلىقلارمۇئازئەمەس،لىكىن ئۇنىڭ ئوڭۇشسىزلىقلىرى ھەرگىزمۇئۇنىڭ مەستانىلىرنىڭ كۆڭلىدىكى ئورنىغاتەسىركورستەلمەيدۇ،خۇددى تۆۋەندىكى بىرجۈملەسوزئۇنىڭ مەڭگۈ مەستانىلەرنەزىردىن چۈشۈپ كەتمەيدىغانلىقنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.ماردوناغانەپرەتلىندىغانلارنىڭ 10مىڭ تۈرلۈك بانا- سەۋەپلىرى بولىشى مۇمكىن لېكىن ئۇنى ياخشى كوردىغانلارنىڭ پەقەت بىرلا سەۋەبى باريەنى ئۇنىڭ پۇتبۇل مەيداندىكى نەپس ھەركەتلىرى ،ئېگىلمسەس سۇنماس روھى خالاس.

3-كىرويېف
كىرويېف-20ئەسىر پۇتبۇل ساھەسىدىكى بارماقتا سانىلىدىغان داڭلىق چولپانلارنىڭ بىرى،ئۇئىلگىرى-ئاخىرى بولۇپ5قىتىم گوللاندىيەپۇتبۇل ئەپەندىسى بولۇپ باھالانغان،3قىتىم ياۋروپاپۇتبۇل ئەپەندىسى بولۇپ باھالانغان ھەم ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغائىرشكەن.دۇنياپۇتبۇل ساھەسىدەبۇنداق شەرەپلەرگەئىرىشكەن يەنەبىركىشى پۇلادىنى.
1974-يىلى كىرويېف كۆمانداباشلىقلىق ۋەزپىسى بىلەن دۆلەت كوماندىسىنى يىتەكلەپ10-قىتىملىق دۇنياپۇتبۇل مۇسابىقىسدە2-بولغان،ئۇنىڭ تىرنىر بۇلۇپ تۇرغان مەزگىللىرىدەبارسلوناكوماندىسنى5قىتىم بىرلەشمەچىمپيونلۇقىغائىرشتۇرگەن،1قىتىم ياۋرۇپابىرلەشمەچىپيونلۇقىغا1قىتىم 2-لىككەئىرىشتۇرگەن.1990-يىلى(دەرجىدىن تاشقىرى ئالتۇن توپ) مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.بۇمۇ بىزمەڭگۈئەسلەپ تۇردىغان چولپانلاردىن بىرسى.

4-سىدىفانو
پۇتبۇل شاھى بىلى ۋەمارادونادىن بۇرۇن پۇتبۇل ساھەسنى زىل-زىلگەسالغان بىرسەنەتكار.
ئۇ ئوزى يالغۇز20يىلى پۇتبۇل ساھەسنى تىترەتكەن ھەم كىشلەر تەرىپىدىن «پۇتبۇل سەنەتكارى»ھەم «ئالتۇن ئوق بىشى»دىگەندەك ئىسملاربىلەن ئاتىلىپ كەلگەن،
ئۇخانلىق مادىردكوماندسنى 5قىتىم بىرلەشمەلوڭقىسىغائىرشتۇرگەن،5قىتىم ياۋرۇپابىرلەشمەچىمپىيونلۇقىغاۋە1قىتىم قىتئەلەربىرلەشمەچىمپيونلىرى چىمپيونلۇقىغائىرشتۇرگەن.
ئۇخانىلق مادىرد كوماندىسدا510مەيدان مۇسابىقەئويناپ413توپ كىرگۇزگەن،ھەم 5قىتىم ياۋرۇپامەرگىنى بولۇپ باھالانغان،2قىتىم ياۋرۇپاپۇتبۇل ئەپەندىسى بولۇپ باھالانغان.
1957-يىلى ئۇ  ئىسپانىيە دۆلەت كوماندىسغا ۋاكالىتەن توپ ئويناپ شۇ چاغدىكى ئىككى دۆلەتكە ۋاكالىتەن توپ ئوينىغان بىر قانچىلا توپچىنىڭ بىرسى ئىدى .

5-بىكىنبور
بىكىنبورغەربى گىرمانىيەكوماندىسى ئۈچۈن103مەيدان مۇسابىقەئويناپ14توپ كىرگۈزگەن،ئۇكوماندائەزاسى سۇپتىدە1966-يىلى1970-يىلى ۋە1974-يىلى 3قىتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقىسگەقاتناشقان ھەم1974-يىلدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبۇل مۇسابىقەچىمپىيونلۇقىغائىرشكەن.1986-يىلىۋە1990-يىلى غەربى گىرمانىيەكوماندىسغاتىرنېربولۇپ دۇنيالوڭقىسى  مۇسابىقىسگەقاتناشقان ھەم1990-يىلى غەربى گىرمانىيەنى چىمپيونلۇقىقائىرشتۈرگەن،دۇنياتارىخىدامەيلى تەنھەركەتچى ۋەتىرنېربولۇپ دۇنيالوڭقىسغائىرشكەن بىردىن-بىر كىشى.ئۇمەيلى گىرمانيەپۇتبۇل ساھەسدە ،ياۋرۇپاپۇتبۇل ساھەسدە ۋەياكى دۇنياپۇتبۇل ساھەسدە بولسۇن نامدار شەخىس.

اشۇس
ماشۇس1932-يىلى17يىشىداتۇنجى قىتىم سىتوك شەھەر كوماندىسغا مەيدانغا چۇشكەن،شۇنڭدىن كىيىن پۇتبۇل كەسپى ھاياتدا جەمئى698مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان، دۆلەت كۆماندىسى ئۇچۇن 54مەيدان مۇسابىقەئويناپ11توپ كىرگگۇزگەن.
1956-يىلى ياۋروپا پۇتبۇل ئەپەندىسى شەرپىگە ئىگە بولغان.
ئەينى يىللرى خەلىقئارا پۇتبۇل مۇسابىقلىرنىڭ ئاز ئۆتكۈزدىغانلىقى سەۋەبىدىن ئۇ ئۆزنىڭ پۇتبۇلدىكى تالانتىنى دۆلەت كوماندىسىدا جارى قىلدۇرۇشقاپۇرسەت ئاز بولۇپ قالغان.
1963-يىلى48يىشدائەنگلىيە پۇتبۇل ئەپەندىسى شەرپىگە نائىل بولغان.
1963.-يىلى2-ئايدا ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئىلزابېت2نىڭ قوبۇل قىلشغا ھەمدە«بۇيۇك بىرتانىيە ئىمپېريس سىېر »دەپ نام بەرگەن.
شۇ يىلى 4-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۆزنىڭ يۇرتىدىكى ۋىدولىيە پۇتبۇل مەيدانداپۇتبۇل ھاياتى بىلەن خوشلاشقان.

گاررىنچا
1962-يىلدىكى دۇنىياپۇتبۇل مۇسابىقىسدە4توپ كىر گۈزگەن، يەنە ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن ھەم ئەڭ مۇنەۋۋەر تەنھەركەتچى قاتارلىق شەرەپلەرگە نائىل بولغان.
يەنە شۇنداقلا شۇ  قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى  پۇتبۇل مۇسابىقىسىى ئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكىلگەكىرگەن .
بىرازىلىيەخەلىقنىڭ نەزىرىدەمىللى قەرىمان بولغان.
ئۇدۆلەت كوماندىسغا  توپ ئوينىغان 60مەيدان مۇسابىقىدە  52مەيدان ئۇتۇپ 7مەيدان تەڭلىشىپ 1مەيدان  ئۇتتۇرغان ،12توپ كىرگۈزگەن.
1966-يىلدىكى پۇتبۇل مۇسابىقىسدە بىرازىلىيە3:1ۋىنگىرىيە كوماندسىغائۇتتۇرغان بولۇپ بۇ ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان دۆلەت كوماندىسغا ئەم ئۇنىڭ سېرىق سامبا كىيىمىنى كىيىپ توپ ئويناش ھاياتىدىكى بىردىن-بىر ئۇتتۇرشى ئىدى.

چارلىتون
چارلىتون ئۆزىنىڭ پۇتبۇل ھاياتىدا ئەنگىليە دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن جەمئى106مەيدان مۇسابىقەئوينىغان شۇنداقلا49توپ كىرگۈزگەن.
1966-يىلى ئەنگىليەنىڭ ئۆزىدەئۆتكۈزۈلگەن دۇنىيا لوڭقىسدا ئەنگلىيەكوماندىسى ئۈچۈن بىردىن-بىر بولغان ھازىرغىچە 2-قىتىم ئىلش پۇرسىتگەئىرشەلمىگەن دۇنياپۇتبۇل لوڭقىسىنى ئىلشتا چاردۇن ئەڭ ھالقىلىق رول ئوينىغان پۇتبۇلچى.
1965-يىلى مانچىستېر بىرلەشمە كۇلۇبىنى باشلاپ بىرلەشمەلوڭقىسغا ئىرىشكەن.
1968-يىلىمۇ مانچىستېربىرلەشمەكۇلۇبنى باشلاپ بىرلەشمە لوڭقىسغاھەم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسغا ئىرىشكەن.
1966-يىلى ياۋروپا پۇتبۇل ئەپەندىسى ھەم ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا نائىل بولغان.
ئۇ مانچىستېر بىرلەشمىسى ئۇچۇن850مەيداندىن ئارتۇق توپ ئوينىغان ھەم 600دىن كۆپرەك توپ كىرگۈزگەن.

يوۋشىبئوۋ
يوۋشىبئوۋ ئۆز كوماندىسنى باشلاپ  2 قېىتىم ياۋروپا  ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسغائىرشكەندىن سىرىت يەنە بىن فىكا كوماندىسنى 13قىتىم Aدەرجىلكلەر بىرلەشمەلوڭقىسغا،5قىتىم دۆلەت بىرلەشمە لوڭقىسغا،2قىتىم ياۋروپابىرلەشمەلوڭقىسغا 3قىتىم ئىككىنجىلكە ئىرشتۈرگەن.
ئۇنىڭ تالانتى بىن فىكا كۇلۇبىغازورئىقتىسادى ئۈنۈم  ياراتقان .شۇنىڭدىن باشلاپ  بېنفىكا كۇلۇبىمۇ كۈنسېرى كۈچەيگەن.
   يوشىبئوۋنىڭ دۇنياغا كېلىشىلا پورتۇگالىيە دۆلەت كوماندىسىنى بىر بالداق يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈرگەن. ئۇ   1966 -يىلى پورتىگالىيە دۆلەت كوماندىسنى باشلاپ پورتۇگالىيىنىڭ دۇنيالوڭقىسى تارىخدىكى ئەڭ ياخشى نەتجىسى بولغان3-لىكنى ئالغان،شۇنداقلا شۇقىتىملق  مۇسابىقىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەرمەرگەن شەرىپىگە نائىل  بولغان.

پۇلادىنى
1976-يىلدىن باشلاپ ئىتالىيەقان سىېتىمسدىن بولغان پۇلادىنى فىرانسىيە كوماندىسى ئۇچۇن جەمئى72مەيدان مۇسابىقەئوينىغان ھەم41توپ كىرگگۇزگەن،49قىتىم كوماندا باشلىقلىق ۋەزپىسى بىلەن توپ ئوينىغان،لىكىن فىرانسىيە كوماندىسىنى باشلاپ  دۇنيا لوڭقىسىغا ئېرىشەلمىگەن .بىراق ياۋروپا مۇسابىقلىرىدە ئۇ  ئۆزىنىڭ كارامىتىنى كۆرسەتكەن.
1984-يىلى ئۇ فىرانسىيەكوماندىسنى باشلاپ ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسدە بىرمۇ مەيدان ئۇتتۇرماي5مەيداندا 9توپ ئۇرۇشتەك رىكوتنى ياراتقان.

پۇسكاش
پۇسكاش خانلىق مادىرد كوماندىسنىڭ 5قىتىم چىمپىيون بولشى ئۈچۈن زور كۈچ چىقارغان پۇتبۇلچى.
ئۇ ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ 60-يىلى26توپ ،61-يىلى27توپ ،63-يىلى26توپ ،64-يىلى10 توپ كىرگۈزۇپ نومۇر ئېلىش شاھى بولۇپ  قالغان.
69-يىلى 40يىشدا23 يىلىلىق پۇتبول ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ مەيداندىن چىكىنگەن،ئۇۋېنگىرىيە دۆلەت كوماندىسغا84مەيدان مۇسابىقە ئويناپ83توپ كىرگۈزگەن.
خانلىق مادىرد كوماندىسى ئۈچۈن372مەيدان مۇسابىقە ئويىناپ324توپ كىرگۈزگەن،533مەيدان بىرلەشمەمۇسابىقىسدە511توپ كىرگگۇزگەن بۇ توپ ئۇرۇش نىسبىتى ياۋروپادىكى يۇقىرى نىسبەتنىڭ بىرسى~~~~~~(بۇنىڭ توپ  ئۇرمايدىغان مەيدىنى يامان ئاز ئوخشايدۇ)

ياشىن
26يىلىلق قاپقىچىلىق ھاياتىداياشىن جەمئى326مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان، روسىيە كوماندىسى ئۇچۇن78مەيدان مۇسابىقە ئوينىغان،1956-يىلى روسىيەكوماندىسىنى ئولمىپىك لوڭقىسغائىرشتۈرۈشكەزوركۈچ چىقارغان.1958-يىلى دۇنيالوڭقىسى مۇسابىقىسدە8-بولغان،شۇقىتىملىق مۇسابىقىدە ياشىن ئەڭ مۇنەۋۋەرقاپقىچى بولۇپ باھالانغان.
1960-يىلى سوۋېت ئىتتىپاقىنى ياۋروپاچىميونلۇقىغائىرشتۈرۈشكەتۆھپە  قوشقان.
1963-يىلى ياشىن ياۋروپاپۇتبۇل ئەپەندىسى شەرپىگە ئىرشكەن،بۇ ھازىرغاقەدەرقاپقىچىلارئىچىدەياۋروپاپۇتبۇل ئەپەندىسى بولۇپ باھالانغان بىردىن-بىركىشى
ياشىنىڭ ئادەمنىڭ ئىشەنگىسى كەلمەيدىغان لىكىن ئىشەنمسەبولمايدىغان رىكوتىدىن بىرسى بولۇپ بۇدەل ئۇنىڭ پۇتبۇل ھاياتىدىكى 98نوقىتا توپنى توسۇپ چىقىرۋىتشتەك رىكوتى،بۇ رىكوتنى ھازىرغىچە بىرەقاپقىچى بۇزالمىغان~~~~~~~~

باستىن
1988-يىلدىكى ياۋروپا پۇتبۇل مۇسابىقىسدە ئۇ ئوزنىڭ تالانتى بىلەن كىشلەر قەلبىدە ئۆچمەس ئىزنالارنى قالدۇرغان،شۇنداقلا شۇيىلى گوللاندىيە كوماندىسنى ياۋروپا لوڭقىسغا ئېرىشتۈرگەن ھەم شۇقېىتىمىلق مۇسابىقىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىسى نامغاۋە ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن شەرپىگە ئىرشكەن.
شۇ قىتىملىق مۇسابىقىدىن كىيىن باستىنACمىلان كۇلۇبىدا ئۆز دۆلتىدىن بولغان گۇللىت ۋە  رىجىكارد بىلەن ئۈچ شەمشەۋاز بولۇپ  تەشكىللىنىوپ كۇلۇب تارىخىدىكى ئەڭ شانلىق نەتىجلەرنى قولغا كەلتۇرگەن.
باستىن2قىتىم ئىتالىيەبىرلەشمىسى ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن شەرپىگە،3قىتىم ياۋروپا پۇتبۇل ئەپەندىسى شەرپىگە ئىرىشكەن.
1992-يىلى پۇتىنىڭ يارلىنىش سەۋەبى بىلەن بىرنەچىچەقىتىملىق ئوپىراتسيەدىمۇ ساقىيالماي1995-يىلى يازدا يېشل چىملىق بىلەن خوشلاشقان.

بارېسى
بارېسى ئىتالىيە تارىخدىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۇداپىيەچىنىڭ بىرسى،ئۇ بىر ئۆمۈرACمىلان كوماندىسى ئۈچۈن توپ ئوينىغان،ئۇ شۇ مەزگىلەردە6قىتىم ئىتالىيە بىرلەشمەچىمپيونلۇقىغا،3قىتىم ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق لوڭقىسغا،2قىتىم تويوتا لوڭقىسغا ئىرىشكەن.
1982-يىلدىكى دۇنىيا لوڭقىسى مۇسابىقىسدەئىتالىيە كوماندىسنىڭ ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە دۇنىياچىمپيونلۇق لوڭقىسغائىرىشكەن،1994-يىلى دۆلەت كوماندىسى كاپتانلىق ۋەزپىسى بىلەن شۇ يىللىق دۇنيالوڭقىسى مۇسابىقىسنىڭ2-لىكىنى قولغا كەلتۈرگەن
1989-يىلىدىكى ياۋروپا پۇتبۇل ئەپەندىسى باھالاشتا2-بولغان،بۇ1976-يىلى بىكىنبور ئىرىشكەن نەتىجىلەردىن قالسىلا مۇداپىيەچىنىڭ ئارىسدا ئىرىشكەن ئەڭ ياخشى نەتىجە~~~~~

موللېر
1964-1965-يىلىدىن1977-1978-يىلىلق مۇسابىقە پەسلىگىچە بولغان15يىل جەرياندا موللېر بەيرىن كۇلۇبنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر نومۇر ئالغۇچسى بولۇپ،ئۇ جەمئى7قىتىم گىرمانىيە بىرلەشمىسنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگىنى بولۇپ باھالانغان،71-72-يىلىلىق مۇسابىقە پەسلىدە40توپ كىرگۈزۈشتەك رىكوتنى ياراتقان ئۇنىڭ بۇ رىكوتنى ھازىرغىچە بىرەسى بۇزالمىغان.427 مەيدان گېرمانىيە ئا دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسدە ئۇ 365  توپ كىرگۈزگەن.
1972-يىلى غەربى گىرمانىيە كوماندىسنى باشلاپ ياۋروپا لوڭقىسغا1974-يىلى دۇنىيا لوڭقىسغا ئىرشتۈرگەن.
1970-يىلدىكى مىكسىكادۇنيالوڭقىسى مۇسابىقىسدە مولىر«ئالتۇن كەش»مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن،شۇ قىتىمىلق مۇسابىقىدە10توپ كىرگۈزۈپ شۇقىتىملىق مۇسابىقىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەرمەرگەن مۇكاپاتىغائىرىشكەن.

فاچىدى
1965ۋە1966-يىلدىكى ئىككى قىتىملىق بىرلەشمەلوڭقىسغائىرىشكەن ئىنتېرمىلان كوماندىسنىڭ ئەڭ ئالتۇن دەۋرى بولۇپ،بۇنىڭدا فاچىدىنىڭ رولى زور،بىرلەشمىدە10توپ كىرگۈزۈش شۇ ۋاقتىلاردىكى پۇتبۇلچىلارنىڭ ھەممسى ئارزۇ قىلدىغان  بولۇپ مانا مۇشۇ فاچىدى بىرلەشمدەكىرگگۇزگەن.
1966-يىلدىكى دۇنيالوڭقىسى مۇسابىقسىدىكى مەغلۇبىيەتتىن كىيىن ئۇ كۆك كىيىم قوشۇنىڭ غەلبەمېۋىسنى تېتىشقا مۇيەسەر بولغان.
1970يىلدىكى دۇنيا پۇتبۇل مۇسابىقىسدە بىرازىلىيە كوماندىسنىڭ مەغلۇب بولغان بولسىمۇ ئەمما  1968-يىلدىكى ياۋروپا لوڭقىسدا ئىتالىيە كوماندىسى فاچىدىنىڭ زور تىرشچانلىقى بىلەن ئىتالىيە دۆلەت كوماندىسى تارىخدىكى تۇنجى ياۋروپا لوڭقىسغا ئىرىشكەنىدى~~~~~~~

زىكو
«ئاق تەنلىك پېلى» .فىلامىنگو كۇلۇبىدا16يىل توپ ئوينىغان زىكو مەيدان مۇسابىقىدە630توپ كىرگۈزگەن،1980-يىلى بۇ كوماندىنى بىرازىلىيە مەملىكەتلىك لوڭقىغا ئىرشتۈرگەن ھەم جەنۇبى ئامىرىكا ئازاتلىق لوڭقىسغا،تويوتا لوڭقىسغائىرشىشگەزورتۆھپە چىقارغان.1976-1977يىلىلىرى بىرازىلىيە ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىسى ۋە ئەڭ مۇنەۋۋەر مەرگەن نامىغا ئىرشكەن،1977-1981-1982-يىلىلىرى3قىتىم ئامىرىكاقىتئەسى بويىچە ئەڭ مۇنەۋۋەر تەنھەركەتچى بولۇپ باھالانغان.1983-يىلى ئەنگىليەدىكى«پۇتبۇل دۇنياسى»ژورنىلى تەرپىدىن دۇنىيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر تەنھەركەتچى بولۇپ باھالانغان،  12 - قېىتىملىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقەسىدەئەڭ مۇنەۋۋەر سەپ شەكىلگەكىرگۈزۈلگەن ،ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر ئارتۇقچىلىقى ئۇ بىر باللار دوختۇرى

جورجى بېست
بېسىت شىمالىي ئىرلاندىيە تارىخدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى،بېستنىڭ توپ كونتىرول قىلىشنىڭ قانچىلىك ياخشىلىقىنى سىز تەسەۋۋۇر قىلالمايسىز ، ئۇنىڭ ئوڭ ،سول پۇت شۇنداقلا كاللا توپ تېخنىكىسى ۋايىغا يەتكەن
ئۇ  مانچېستېردا 6يىل توپ تېىپىش جەريانىدا دەننىس لاۋ  ۋە چارلىتونلار بىلەن بىرلىكتە مانچېستېرنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق شانلىق دەۋرىنى ياراتقان .بىراق ئاشۇنداق شەرەپ ۋە ماختاشلارغا كۆمۈلۈپ  قېلىپ ئۆزىنى تاپالماي 27يېشىدىلا مانچېستېردىن ئايرىلشىقا مەجبۇر بولغان .

ماتىۋۇس
1990-يىلدىكى ئىتالىيەدىكى دۇنىياپۇتبۇل لوڭقىسى مۇسابىقىسدە كاپتانلىق ۋەزپىسنى ئۇسىتگە ئالغان ماتىۋۇس ۋە ئۇنىڭ كوماندىدىكى دوسلىرى  بىكىنبورنىڭ تىرنىرلىق بىلەن شۇ قىتىملىق دۇنىيا لوڭقىسغا ئىرىشكەن،ھەم شۇ قىتىم ماتىۋۇس«ئالتۇن توپ»مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن، ئۇنىڭ كۆپ يىلىلق ئارزۇسىمۇ شۇيىلى ئەمەلگە ئاشقان، شۇيىلى ئۇ يەنە دۇنىيا پۇتبۇل ئەپەندىسى بولۇپ باھالانغان.
ماتىۋۇس بەيرىن مىيۇنخىن كوماندىسىدىكى ۋاقتىدا3قىتىم گىرمانىيە بىرلەشمە لوڭقىسغا1قىتىمياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسغا ئىرىشكەن .
ئۇ 1979-يىلى دۆلەت كوماندىسغا قوبۇل قىلىنغاندىن تارتىپ چىكنگىچە بولغان20يىلدا  دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن جاپا چەككەن تەنھەركەتچى.

كانتوننا _مانچېستېر پادىشاھى
كانتوننانىڭ ئەڭ  نوچى ۋاقىتلىرى دەل مانچېستېردىكى ۋاقىتلىرى .ئۇ باشقىلار قەلبىدە بىر ئالۋاستى ،بىراق مانچېستېر مەستانىلىرى قەلبىدە بولسا ئۇ  بىر پادىشاھ ،ھەقىقىي مانچېستېر پادىشاھى .ئۇ  مانچېستېرغا كېلىپلا  1993،1994،1996،1997 يىللىق ئېنگىلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسنىڭ چېمپىيونلىقىنى ئالغان .ئېنگىلاد پۇتبول ئەپەنسىمۇ بولغان .1995-يىلى مانچېستېر چېمپىيون بولالمىغان چاغ بولسا دەل كانتوننانىڭ خىرۇستال ئوردا كوماندىسىنىڭ مەستانىسىنى جوڭگۇچە گۇمپا بىلەن ئۇچۇپ چىقىپ تېپىپ 80 كۈن مۇسابىقىدىن توختىلغان ۋاقتىدۇر .
گەرچە كانتوننانىڭ كۇلۇپتىكى كۈنلىرى ناھايىتى مول ھوسۇللىق بولسىمۇ ئەمما دۆلەت كوماندىسى پۈتۈنلەي ئەكسىچە ،ئۇنىڭدەك بىر مۇنەۋۋەر پۇتبولچى ھەتتا ئۆز دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىپ بىرەر لوڭقا ئېلىشقا ياردەم قىلالمىغان .

___zeperتەستىقى

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 5مۇنبەر پۇلى +130 يىغىش سەۋەبى
totti + 20 ئەجىر ........
shevchenko + 20 ياخشى يىزىلى ..
milan + 10 نادىر تېما
wolfcry + 30 نادىر تېما
مىلان مەرگىنى + 50 ئىسىل تىما

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-23 15:33:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت   ..... ناھايىتى ئەتراپلىق  يىزىپسەن ئاغىنە ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-23 16:06:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
20ئەسىرنىڭ ئۆكۈمرانلىرنىڭ قاتارىىدا رونالدو يوق بۇلۇپ قاپتۇغۇ....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-23 16:22:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى  يېزىپسەن   رەھمەت.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-23 16:32:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالان.شېر  قېپ  قاپتۇ
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-23 16:34:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چارلىتون ، بىسىت ، كانتونا  .....
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-23 16:38:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىرويىا  بىر   ئۇلۇغ   توپچى   مەن   كىچىكىمدە   بىر   كىتاپتا   ئۇنى   3.ئەۋلاد   پۇتپۇل  شاھى  دەپ  تەرىپلەپ   يازغىنىنى  كۆرگەن...........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-23 16:46:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋانباستىن يەنە بىرنەچچە يىل ئوينىغان بولسىچۇ ھە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-23 16:47:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا   ئاشۇ كانتوننا ،ماتتۋوس  كىرگەن يەردە  رونالدو بىلەن زىدانى كىرەلمىدىما    
ئۆزڭىز تىزىپ سىز دە
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-23 16:55:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىدانى رۇنالدۇلار  بۇندىن  كىيىنكىسىغا   كىرە...
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-23 17:10:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زىدانىي بىلەن رونالدو 21- ئەسىرنىڭكىگە كىرە زىدانمۇ 2006 چىكىنگەندىكىن
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-23 17:45:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرنىڭ ماۋزۇسىغا دىققەت قىلىڭلار،20-ئەسىرنىڭ دەپتۇ،زىدانىنىڭ شاش ۋاقتى 2000-يىلىدىن كېيىنگە توغرا كېلىدۇ،بەلكىم بۇندىن 100 يىل كېيىن نەۋرىلىرىمىز 21-ئەسىرنىڭ ھۆكۈمرانلىرى دېگەن تېما يازغاندا ئاندىن زىدانىنى قوشۇپ قويار  
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 13:48

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش