- تىزىملاتقان
- 2007-6-23
- ئاخىرقى قېتىم
- 2007-8-6
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 9
- نادىر
- 0
- يازما
- 9
|
29-چىسلا ۋېيفاڭ لوڭقىسىنى تالىشىش مۇسابىقىسى ئىككىنجى مۇسابىقە كۈنىگە قەدەم قويدى، لۇنېڭ كوماندىسى بىرىنجى مەيدان مۇسابىقىدە 2:1 نەتىجە بىلەن ئىران ياشلار كوماندىسىنى يەڭگەن ئىدى ، جۇڭگو ياشلار كوماندىسى بولسا 2:1 نەتىجە بىلەن ئۆزبىكىستان ياشلار كوماندىسىنى يەڭگەن ، 29-چىسلا بۇ ئىككى كوماندا ئۇچراشقان ، مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەنلا لۇنىڭ كوماندىسى مۇسابىقىنى كونتىرول قىلغان ، بۇ كوماندىدىكى بالىلار لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىدە ئۇزۇن مۇددەت مەشىق قىلغاچقا ئۆزئارا پاس ۋە ھەمكارلىق جەھەتتە دۆلەت ياشلار كوماندىسىدىن ئالاھىدە يۇقرى تۇراتتى ، ئۇزۇن ئۆتمەي لۇنىڭ كوماندىسى بىر توپ كىرگۈزۈپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى ، بىراق ئۇلار يەنىلا ھۇجۇمنى توختىتىپ قويمىغان ئىدى ، توپنى ئىككى قېتىم گارغا تەككۈزگەن ، قارشى تەرەپ ۋارتاسىنىڭ قائىدىگە خىلاپ قىلغانلىقى سەۋەبىدىن بىر نۇقتا توپقىمۇ ئېرىشكەن ، بىراق بۇ توپ كىرمەي قالغان ، جۇڭگو دۆلەت ياشلار كوماندىسى بۇ چاغدا چىدىيالماي قالغان ۋە ئالدىنقى يېرىم مەيداندىلا 3 ئادەمنى ئالماشتۇرغان . كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدىمۇ يەنىلا لۇنىڭ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ، بىراق مۇسابىقە ئاياغلىشىشقا ئۇزۇن قالمىغان ۋاقىتتا جۇڭگو كوماندىسى بىر پۇرسەتنى تۇتىۋېلىپ نەتىجىنى 1:1 قىلىپ ئۆزگەرتكەن ، بىراق مۇسابىقىنى كۆرگەن ھەرقانداق ئادەم كۆرەلەيدۇكى ئاتالمىش دۆلەت كوماندىسى لۇنىڭدىن ئىبارەت بىر كۇلۇبنىڭ ياشلار كوماندىسى ئالدىدا ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ناھايىتى سەتلەشكەن ئىدى ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ دۆلەت ياشلار كوماندىسىدىمۇ بىرقانچە لۇنىڭ ياشلار كوماندىسىدىن تاللانغان بالىلار بار ئىدى ، تېخىمۇ قىزىقى دۆلەت كوماندىسى ئۈچۈن نەتىجىنى تەڭلەشتۈرۈپ بەرگەن ماھىر دەل لۇنىڭ كوماندىسىدىن چىققان ئىدى ، شۇڭا بۇ مۇسابىقىدە كىرگۈزگەن ئىككى توپ لۇنىڭ توپچىلىرىنىڭ ئىدى.
ئەمدى بىزنىڭ پەرھاتقا كەلسەك بۇ قېتىملىق مۇسابقىدە ئۇنىڭ ئىپادىسى يامان ئەمەس بوپتۇ ، ئىككى مەيدان ھۇجۇمچى بولۇپ ئوينىدى ، بىراق توپ كىرگۈزەلمىدى ، مېنىڭچە پەرھاتنىڭ ئالدى مەيداندا توپ ئېلىپ قارشى تەرەپ بىكلىرىنى قايمۇقتۇرۇشىمۇ لۇنىڭ كوماندىسىنىڭ ياخشى نەتىجە ئېلىشىغا تۈرتكە بولغان.
تۆۋەندىكىسى ئۇنىڭ بۇ مۇسابىقىدىكى رەسىمى:

ئوڭ تەرەپتىكى ئاق كىيىم كەيگىنى پەرھات |
|