ئومۇمى يازمىسى: |
ھوقۇق چېكى: 1 |
جۇغلانمىسى: 900 |
تۆھپىسى: سەر |
|
يۇز نەچچە يىللىق پۇتبول سەھنىسىگە قارايدىغان بولساق نۇرغۇن چولپانلارننىڭ يارىلىنىش تۇپەيلى توپچىلىق ھاياتىنىڭ زاۋاللىققا يۇزلەنگەنلىكىنى كۇرىمىز .
يېقىنقى 10نەچچە يىللىق 5چوڭ بىرلەشمىگە قارىساقمۇ رونالدو ،ئوۋېن دىگەندەك بىرمەھەل چىملىق ئۈسىتىدە دەۋىر سۇرگەن چولپانلارنىڭ قايتا -قايتا ئېغىر يارلىنىشى تۇپەيلى ئۇلارنىڭ چىملىقتىكى ھەيۋىتىنى يوق قىلدى.
2009-يىل ئەمدىلا 20ياشقا كىرگەن ئارسىنالنىڭ ئۇمۇدلىك ياش تالانتىلىق توپچىسى ۋالكوت بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 20-كۇنى مەشىق دەرىسى جەريانىدا بۇغۇم قايرىلىپ كىتىپ مەشىقتىن چىكىنگەن ،كوماندا دوختۇرىنىڭ دېيىشىچە كىچىك يولۋاس ئاز بولغاندىمۇ 5ھەپتە مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدىكەن .
ئارسىنالنىڭ كۇلۇپ دوختۇرنىڭ دىيىشىچە ۋالكوتنىڭ بۇغۇمىنى تۇلۇق تەكشۇردىغانلىقىنى ،ئەمما نۆۋەتتىكى ئەھۋالغا قارىغاندا ئازدىگەندىمۇ 5ھەپتە مەيدانغا چىقالمايدىغانلىقىنى ئېيتىقان .
بۇ پەسلىدىكى مۇسابىقىدە ئارسىنالنىڭ 3لىنىيەلىك مۇھىم مۇسابىقىلىرىدە ۋالكوت مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدۇ .يان تەرەپتىكى بۇ ياخشى ھۇجۇمچىنىڭ يارلىنىشى ۋېنگىرنىڭ ئۇزغۇنلاردىكى رەقىبى ۋىللارىيال ھەمدە ئۇيۇشما لوڭقىسىدىكى كۇچلۇك رەقىب چېلسى ئۇستىدىن غەلبە قىلىشغا يەنە بىر باش ئاغىرىقى ئېلىپ كەلدى.بەلكىم ۋالكوتنىڭ مۇھىم ۋاقىتتا يارلىنىپ قېلىشى كوماندا نەتىجىسىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ....
مىنىڭچە ئاساسلىق ئەزادىن بىرسى يارلانغان بولسىمۇ ئارسىنال ئاخىرغىچە تىرىشىدۇ ، چۇنكى لوڭقا كۆتۇرۇپ باقمىغىلى خېلى بوپ قالدى ئەمەسمۇ .........
 |
|