akyipakelan roni : 13999092457
كۆرۈش: 5561|ئىنكاس: 27

تۈركىيە بىرلەشمىسىنىڭ 50 يىللىق تويىغا مۇبارەك!!!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىق تويىغا مۇبارەك بولغاي!!!جەسۇر تۈرك روھى پۈتۈن دۇنياغا ئۆز نۇرىنى تاراتقاي!!!
تۈرك مىللىتىگە تەۋە بولغان بىز ئۇيغۇر پۇتبول مەستانىلىرىنىڭمۇ تۈركىيە بىرلەشمىسىگە نىسبەتەن ئانچەمۇنچە چۈشەنچە ھاسىل قىلىشى ئۈچۈن بۇ تېمىنى يازدىم،بۇندىن كېيىن ھەر ھەپتىلىك تۈركىيە بىرلەشمىسىنى قالدۇرماي يوللاش خىيالىمىز بار،مۇنبەر ئەھلىنىڭ بۇنىڭغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.



        تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى Turkey Super Luague   Türkiye 1. Süper Futbol  Lig



              تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى 1959 -يىلى تۈركىيە پۇتبولچىلار ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن رەسمىي بارلىققا كەلگەن ھەمدە شۇ ۋاقىتتا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان يەرلىك بىرلەشمىلەرنى بىرلىككە كەلتۈرگەن.مۇسابىقە پەسلى ئادەتتە 8-ئايدا باشلىنىپ 5- ئايدا ئاخىرلىشىدۇ،ئارىلىقتا بىر ئاي قىشلىق دەم ئېلىش ۋاقتى ئورۇنلاشتۇرۇلغان.بىرلەشمىدىكى 18 كۇلۇب بىر مۇسابىقە پەسلىدە ئۆز مەيدانىدا ۋە مېھمان مەيدانىدا بولۇپ جەمئىي 34 ئايلانما مۇسابىقە ئوينايدۇ.ئاخىرىدا نەتىجىسى ئەڭ كەينىدىكى ئۈچ كوماندا تۈركىيە 1-بىرلەشمىسىگە چۈشۈپ كېتىدۇ،ئۇنىڭ ئورنىغا تۈركىيە 1-بىرلەشمىسىدىكى ئالدىنقى 3 كوماندا چىقىدۇ.05-2006 يىلىدىن باشلاپ تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدىكى چېمپىيون  ۋە ئىككىنچى بولغان كوماندا ياۋروپا ئوزغۇنلۇقىنى تالىشىش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدىغان بولدى.3-بولغان كوماندا بىلەن تۈركىيە لوڭقىسى چېمپىيونى ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدۇ.
زىيارەت تور ئادرېسى:http://www.turkcellsuperlig.com
                  1990-يىللىرى مەخسۇس تېلىۋېزىيە تارقىتىش قاناللىرى تۈركىيەدە مەيدانغا كېلىشى بىلەن نەق مەيداندىن تارقىتىش ھوقۇقىنى تالىشىش جېڭى باشلىنىپ كەتتى،بۇنىڭ بىلەن بىرلەشمىنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمى يۇقىرىلاپ پۇتبول تەرەققىياتى زور دەرىجىدە يۈكسىلىشلەرگە ئىگە بولدى.ھازىرقى تارقىتىش ھوقۇقى Digiturk رەقەملىك سۈنئىي ھەمراھ تېلىۋېزىيە شىركىتىنىڭ قولىدا بولۇپ 2004-يىلى 135.85مىلىيون لىراغا بۇ ھوقۇقنى سېتىۋالغان (99مىلىيون ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر)،2010-يىلى توختامنىڭ ۋاقتى توشىدۇ.
2005-يىلى تۈركىيە پۇتبولچىلار ئۇيۇشمىسى Turkcell يانفون شىركىتى بىلەن 5 يىللىق ھەمكارلىق توختىمى ئىمزالاپ تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ نامىنى بەش يىلغىچە «Turkcell دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى دەپ ئۆزگەرتكەن.
          بىرلەشمىگە ئىلھام بېرىش يۈزىسىدىن Turkcell  شىركىتى 50مىلىيون لىرادىن ئارتۇق مەبلەغنى يېڭى توپچىلارنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن،ئاردا تۇران،مىلان باروس،گۆكخان ئۇنال،خاررى كېۋېل،فېرناندو مېيرا ھەم مۇشۇنىڭغا ئوخشاش دەرىجىدىن تاشقىرى چولپانلارمۇ شۇلارنىڭ ئارىسىدا بار.ئىقتىسادشۇناسلار پەرەز قىلىپ،تۈركىيە Turkcell دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىنىڭ 5 يىلدىن كېيىن دۇنيادىكى ئەڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈلىدىغان بىرلەشمىلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى تارىخىدىكى مەرگەنلەر:
1 خاقان شۈكۈر            249 توپ
2 تانجۇ شولاق             240توپ      
3 خەمى ماندىرالى        219 توپ
4 مېتىن ئوكتاي            217توپ
5 ئاكيۇت كوسامان       200 توپ


تۈركىيە دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقى گالاتاساراي كوماندىسى ۋە فەنەرباغچە كوماندىسى تەرىپىدىن مونوپول قىلىنىپ كەلمەكتە،ھازىرغا قەدەر بۇ ئىككىلا كوماندا 17 قېتىمدىن بىرلەشمىنىڭ چېمپىيونى بولدى،ئۇنىڭدىن قالسا بېشىكتاش كوماندىسى بولۇپ 12 قېتىم بىرلەشمىنىڭ چېمپىيونى بولغان.
تۆۋەندە تۈركىيە بىرلەشمىسىدىكى بۇ ئەنئەنىۋىي زەردارلار بىلەن قىسقىچە تونۇشۇپ  چىقايلى.

          گالاتاساراي كۇلۇبى


تولۇق ئىسمى:گالاتاساراي تەنتەربىيە كۇلۇبى Galatasaray Spor Kulübü       Galatasaray Sports Club
لەقىمى :ئارسلانلار     "Aslanlar"
قۇرۇلغان ۋاقتى:1905-يىلى
ئورنى:تۈركىيە ئىستامبۇل
ئۆز مەيدانى:ئەلى سەمى يەن توپ مەيدانى(23785ئادەم سىغىدۇ) Ali Sami Yen Stadium  
رەئىس:ئادنان پولات  Adnan Polat
ترېنىرى :مايكول سىكىببى    Michael Skibbe گېرمانىيەلىك
تۈركىيە بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن قېتىم سانى : 17
تۈركىيە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن قېتىم سانى : 14
توپ كىيىمى:
تور زىيارەت ئادرېسى:http://www.galatasaray.org.tr
گالاتاساراي تەنتەربىيە كۇلۇبى تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئىستامبۇلغا جايلاشقان بولۇپ،1905-يىلى ئەلى سەمى ھەمراھلىرى بىلەن بىرلىشىپ قۇرغان گالاتاساراي ئالىي مەكتىپى ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن بۇ كۇلۇب ئۆزىنىڭ پۇتبولى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر .ھازىرغىچە 17 قېتىم بىرلەشمىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن،2000-يىلى ياۋروپا بىرلەشمە لوڭقىسى ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى لوڭقىسىغا ئېرىشكەن.گالاتاساراي خەلقئاراغا داڭلىق تۈركىيە كۇلۇبى بولۇپ ئۇلارنىڭ ساھىبخان مەيدانى-ئەلى سەمى پۇتبول مەيدانىدا بۇ كوماندىنىڭ ئەسەبىي مەدەتچىلىرى ھەرقانداق رەقىبىگە ۋەھىمە ھېس قىلدۇرىۋېتىدۇ،ئۇلار دائىم مەيداندا غايەت زور بايراقلارنى چىقىرىپ رەقىبىنىڭ «دوزاخ» قا كەلگىنىنى قارشى ئالىدۇ.

          بۇ كوماندىدا بىزگە تونۇشلۇق بولغان توپچىلاردىن ئېمرى گۈڭگۈر،شەرۋەت سېدىن،مەخمەت توپال،ئايخان ئاقمان،ئاردا تۇران قاتارلىقلار بار.بۇلار ئۆتكەن يىلى تۈركىيە كوماندىسىغا ئەگىشىپ ياۋروپا لوڭقىسىغا قاتناشقان.بۇندىن باشقا يەنە ھەسەن شاش،لىۋېرپۇلدا توپ تەپكەن خاررى كېۋېل،رىمدا توپ تەپكەن نوندا قاتارلىق توپچىلارمۇ بار.تۈركىيە داڭلىق توپچىسى خاقان شۈكۈر 2003 -يىلىدىن باشلاپ گالاتاساراي كوماندىسىدا توپ تەپكەن بولۇپ 2008-يىلى يازدا مۇشۇ يەردە شەرەپلىك ھالدا چېكىندى.


           فەنەرباغچە كۇلۇبى


تولۇق ئىسمى:فەنەرباغچە تەنتەربىيە كۇلۇبىFenerbahçe Spor Kulübü    Fenerbahçe Sport Club
لەقىمى :ئالتۇن سېرىنۇس قۇچقىچى  Sarı Kanaryalar-The Yellow Canaries
قۇرۇلغان ۋاقتى:1907-يىلى
ئورنى:تۈركىيە ئىستامبۇل
ئۆز مەيدانى:شۇكرى ساراسوغلۇ توپ مەيدانى (53586ئادەم سىغىدۇ) Sukru Saracoglu Stadium  
رەئىس:ئەزىز يىلدىرىم   Aziz Yıldırım
ترېنىرى :لۇيىس ئاراگونىس Luis Aragons ئىسپانىيىلىك
تۈركىيە بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن قېتىم سانى : 17
تۈركىيە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن قېتىم سانى : 4
زىيارەت تور ئادرېسى:http://www.fenerbahce.com/
توپ كىيىمى:

           19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى تۈركىيە تېخىچە ئىسلام پادىشاھلىق تۈزۈمىدىكى بىر دۆلەت ئىدى،شۇ ۋاقىتتىكى ئوسمان تۈرك ئېمپىرىيسى ئىستامبۇل،سۇدان قاتارلىق جايلارنى ئىدارە قىلىپ تۇراتتى ۋە خەلقنى پۇتبول ئويناشتىن چەكلىگەنىدى،شۇنداق بولسىمۇ بەزى كىشىلەر يوشۇرۇنچە توپ تېپىشەتتى.
1899-يىلى بىر تۈركۈم پۇتبول ھەۋەسكارلىرى بىرلىشىپ  ئىستامبۇلدا “Black Stockings” (قارا پايپاقلىقلار) دېگەن پۇتبول كۇلۇبىنى قۇرغان،بۇ كۇلۇب ھازىرقى فەنەرباغچە كۇلۇبىنىڭ ئۇل تېشى بولۇپ قالغان.كېيىنچە سۇدان ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەجبۇرىي تاقىۋېتىلگەن،لېكىن 8 يىلدىن كېيىن “Black Stockings” نىڭ غوللۇق ئەزالىرى يەنە بىر كۇلۇب قۇرۇپ ئىستامبۇلدىكى فەنەرباغچە رايونىدىكى بىر ماياكنىڭ نامى بىلەن فەنەرباغچە پۇتبول كۇلۇبى دەپ نام قويغان.(فەنەر سۆزى تۈركچە ماياك دېگەن مەنىدە)

              تۈركىيەدە مۇنداق بىرگەپ بار «سىز ھېچقايسى پارتىيەگە كىرمىسىڭىزمۇ مەيلى،لېكىن چوقۇم بىر كۇلۇبنى تاللىشىڭىز كېرەك».تۈركىيەدە توپ مەستانىلىرى ئەڭ كۆپ بولغان ئىككى كۇلۇپ ھەر ئىككىلىسى ئىستامبۇلدا :گالاتاساراي ۋە فەنەرباغچە.ئۇلارنىڭ مۇسابىقىسى «تۈركىيە دۆلەت دېربىيسى » دەپ قارىلىدۇ.گالاتاسارايغا قارىغاندا فەنەرباغچىنىڭ ياۋروپا پۇتبول مەيدانىدا كۆزگە چېلىققۇدەك نەتىجىسى بولمىسىمۇ لېكىن دۆلەت دېربىيسىدا ئۇلار ئۈستۈنلۈكتە تۇرىدۇ.2002-03 مۇسابىقە پەسلىدە ئۇلار گالاتاساراي كوماندىسىنى 6-0 نەتىجە بىلەن سۈپۈرۈپ تاشلىغانىدى،بۇ ئىككى كوماندا تۇتۇشۇش تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ نەتىجە پەرقى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بۇ كوماندىدا بىزگە تونۇشلۇق چولپانلاردىن ۋولقان دېمىرېل،روبېرت كارلوس،ئېمرى بلوزئوغلى،سەمىخ چىنتۈرك،ئۇغۇر بورال قاتارلىقلار بار،چېلسىدىكى ئانېلكامۇ ئىلگىرى مۇشۇ يەردە بىرمەزگىل تۇرغان ئىدى،كوماندىنىڭ ھازىرقى ترېنىرى داڭلىق ئاراگونىس.
.

         بېشىكتاش كۇلۇبى

      
تولۇق ئىسمى:بېشىكتاش گىمناستىكا كۇلۇبى Beşiktaş Jimnastik Kulübü      Beşiktaş Gymnastics Club
لەقىمى : قارا بۈركۈتلەر  Kara Kartallar
قۇرۇلغان ۋاقتى:1903-يىلى
ئورنى:تۈركىيە ئىستامبۇل
ئۆز مەيدانى:بېشىكتاش توپ مەيدانى (32145ئادەم سىغىدۇ) Beşiktaş İnönü Stadium  
رەئىس:ئىلدىرىن دېمىرورىن Yıldırım Demirören
ترېنىرى :مۇستافا دەنزىل   Mustafa Denizli
تۈركىيە بىرلەشمە چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن قېتىم سانى : 12
تۈركىيە لوڭقىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن قېتىم سانى : 7
تور زىيارەت ئادرېسى:http://www.bjk.com

          بېشىكتاش كۇلۇبى تۈركىيەدىكى تۇنجى تەنتەربىيە كۇلۇبى بولۇپ 1903-يىلى يەنى تۈرك ئوتتومەن ئېمپىرىيىسىنىڭ كېيىنكى مەزگىللىرىدە 22 نەپەر ياشنىڭ ھەر ھەپتىنىڭ مۇقىم كۈنلىرى بېشىكتاش رايونى ئەتراپىدىكى بىر يەرگە يىغىلىپ بەدەن چېنىقتۇرۇشىدىن تەرەققىي قىلىپ قۇرۇلغان. بۇ تەنتەربىيە كۇلۇبىدا دەسلەپتە تاق تورنىك،قوش تورنىك،بوكىس،چېلىشىش،ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ۋە گىمناستىكا قاتارلىق تەنتەربىيە تۈرلىرى بار ئىدى.

            
          ئۇلارنىڭ «قارا بۈركۈتلەر» دېگەن نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا مۇنداق بىر ھېكايە بار:1940-41 يىللىق مۇسابىقە پەسلىدە بېشىكتاش كوماندىسىنىڭ ئىپادىسى ئالدىنقى ئىككى يىلدىكىگە ئوخشاشلا ناھايىتى ياخشى بولۇپ ئۇدا 3-يىل چېمپىيون بولۇش قەدىمىنى راۋرۇس ئېلىپ كېتىپ باراتتى.1941-يىلى1-ئاينىڭ 19-كۈنى بۇ يىلقى مۇسابىقە پەسلى ئاياغلىشىدىغانغا يەنە بەش ھەپتە قالغاندا سۇلايمانىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.مۇسابىقە جەريانىدا بېشىكتاش كەينى كەينىدىن ھۇجۇمغا ئۇچراپ كېتىدۇ،بۇ ۋاقىتتا تاماشىبىنلار سەھنىسىدىن بىرەيلەن توختىماي «ئالغا،قارا بۈركۈتلەر!ھۇررا،قارا بۈركۈتلەر!» دەپ ۋارقىراشقا باشلايدۇ،باشقا مەدەتچىلەرمۇ بۇ ئادەمگە قوشۇلۇپ تەڭلا ئۈنلۈك ۋارقىرىشىپ بېشىكتاش كوماندىسىغا مەدەت بېرىدۇ.كوماندا ئەزالىرى قايتىدىن جانلىنىپ تۇشمۇ تۇشتىن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ رەقىبىنى مەغلۇپ قىلىدۇ.شۇنىڭدىن باشلاپ قارا بۈركۈتلەر دېگەن نام بېشىكتاش كوماندىسىنىڭ يەنە بىر نامىغا ئايلانغان.
      بۇ كوماندىدا بىزگە تونۇشلۇق توپچىلاردىن رۇستۇ رەھبەر،گۆكخان زان قاتارلىقلار بار.



ماۋۇسى بىر مەيدان تۈركىيە دېربىيسىنىڭ كۆرۈنۈشلىرى ئىكەن،ھوزۇرلانغايسىز!




ئىسىملارنى تەرجىمە قىلىشتىكى خاتالىقلارنى ئەپۇ قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 2مۇنبەر پۇلى +30 يىغىش سەۋەبى
milan + 20 نادىر تېما
ئېرپان + 10 ئەجىرلىك تېم ..

باھا خاتىرىسى

پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-17 15:51:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا  يەنە  بىر   ياخشى   تېمىدىن  بىرنى  يوللاپسىزدە.   ياخشى   باشلىق  مەن  ئوقوپ  باقاي.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2009-3-17 15:56:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1 - قەۋەتتىكى kaka'22 نىڭ 2009-03-17 15:51 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى  :
مانا  يەنە  بىر   ياخشى   تېمىدىن  بىرنى  يوللاپسىزدە.   ياخشى   باشلىق  مەن  ئوقوپ  باقاي.
باشلىق دېمىسەڭچۇ كۆنەلمەيدىكەنمەن،ھەم كۆنەلمەيمەن.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-17 15:57:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بولىدۇ   باشلىق  دىمەي   ئەمسە.   تۇرۇكلەرگە  مەنمۇ  ئامراق   تۇرۇكلەر   توغرىسىدا  بىزنى  شۇنداق   ياخشى  تېمىلار   بىلەن   تەمىنلىگەنلىكىڭ   ئۈچۈن   ساڭا   كۆپ  تەشەككۈر.
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-17 16:01:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باشلىق ئازىراق خاتالىق باردەك
تۈركىيەنىڭ باشكەنتى ( پايتەختى ) ئەنقەرە

ئىستانبول تۈركىيەنىڭ ئەڭ  چوڭ سودا ، ساياھەت شەھرى
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-17 16:01:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنبەر باشلىقى بولاپ خىلى ئالامەت تىمىنى يوللاتىسەن جۇما!
       بۇرۇنراق باشلىق بوساڭ بوپتىكەن!
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2009-3-17 16:04:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4 - قەۋەتتىكى پورلى نىڭ 2009-03-17 16:01 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى  :
باشلىق ئازىراق خاتالىق باردەك
تۈركىيەنىڭ باشكەنتى ( پايتەختى ) ئەنقەرە

ئىستانبول تۈركىيەنىڭ ئەڭ  چوڭ سودا ، ساياھەت شەھرى
خوپ پېشقەدەم باشلىق،مەن ھازىرلا ئۆزگەرتىپ قوياي
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-17 16:05:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4 - قەۋەتتىكى پورلى نىڭ 2009-03-17 16:01 دە يوللىغان يازمىسى نەقىل قىلىندى  :
باشلىق ئازىراق خاتالىق باردەك
تۈركىيەنىڭ باشكەنتى ( پايتەختى ) ئەنقەرە

ئىستانبول تۈركىيەنىڭ ئەڭ  چوڭ سودا ، ساياھەت شەھرى
پورلى  ياۋاشنىڭ   دېگىنى  توغرا  .ئىستانبۇل  دېسە  پايتەخىتتەك  ئاڭلانغان  بىلەن ئەنقەرە ھەقىقىي  پايتەخىت .نىيويورك بىلەن ۋاشىنگىتوندەك
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-17 16:11:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېما    ئىگىسىگە  رەخمەت
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-17 16:19:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر نادىر تېما ،  تۈركىيە بىرلەشمىسىنىڭ 50يىللىقىغا مۇبارەك بولسۇن .
ۋولىف ئاداش بولسا مۇشۇ تۈركىيە بىرلەشمىسىنىڭ خەۋىرىنى ئۆزىڭىزلا ئۈستىڭىزگە ئېلىپ قىلىۋەتسىڭىز بەك ياخشى بولاتتى .
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-17 16:21:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايتىپ كەلدىگىنىڭىزنى قىزغىن تەبركلەيمىز، بۆرە باشلىق
قايتىپ كەلگىنىڭىزنى تەبرىكلەپ سىز ئەڭ ئامراق شاكىلات تورتىدىن پىشۇرۇپ قوياي
ئەمدى يەنە كېتىدىغان بولسىڭىز .........
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
ۋاقتى: 2009-3-17 16:32:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركىيە بىرلەشمىسىىگە توغرۇلۇق خېلى چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇم ، بولسا بۇندىن كېيىن تۈركىيە بىرلەشمىسىگە ئائىت خەۋەرلەرنى يوللاپ تۇرسىڭىز
پۇتبول كۇلۇبى پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ ئىللىق ماكانى ! كۇلۇبنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلايلى !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

QQ|رەسىمسىز نۇسخا|يانفون نۇسخىسى|قاماقخانا|پۇتبول كۇلۇبى ( 新ICP备14001194号-1  

Powered by Discuz! X3.2(نۇرقۇت ئەترىتى ئۇيغۇرچىلاشتۇردى، ئارزۇ ئىشخانىسى تېخنىكىلىق ھەمكارلاشتى) © 2001-2013 Comsenz Inc. GMT+8, 2015-4-26 16:10

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش