- تىزىملاتقان
- 2007-7-16
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-9-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1057
- نادىر
- 9
- يازما
- 1057
|
تارىختا سان – ساناقسىز جەڭلەر بولۇپ ئۆتكەن ، ئاشۇ جەڭلەرنىڭ ئىچىدە ئۆزىدىكى ئاجايىپ نورمالسىزلىق بىلەن باشقا جەڭلەردىن پەرىقلىنىپ تۇرىدىغان بىر جەڭ بار ، بۇ جەڭ 1337-يىلدىن 1453-يىلغىچە ساق 116 يىل ئىلىپ بىرىلغان " ئەنگىلىيە – فىرانسىيە " ئۇرىشى يەنى بوۋىسى تىرىغان جىدەلنى نەۋرىسىمۇ بوۋاي بولغىچە ئىلىپ بارغان ھەقىقى مارافونچە ئۇرۇشتۇر ؛ ئۇرۇشنىڭ كىلىپ چىقىش سەۋەبىگە كەلسەك فىرانسىيە پادىشاھى فىرانسىيە زىمىنىدا ئەنگىلىيەنىڭ تەسىرىنى پۈتۈنلەي تازىلاش مەخسىتىدە ، تىخىچە فىرانسىيەنىڭ غەربى جەنۇبىدا ئۆزىنىڭ ئاخىرىقى قەلئەسىنى ساقلاۋاتقان ئەنگىلىيە ئەسكەرلىرىنى چىكىندۈرۈپ چىقىپ كىتىشىنى تەلەپ قىلىدۇ ، لىكىن ئەنگىلىيە بولسا ئاخىرىقى قەلئەسىنى تىخىمۇ چىڭداپ ئەينى چاغدا ئاللىبۇرۇن كونتىرولىقىنى يوقۇتۇپ قويغان فىرانسىيەنىڭ نورماندىيە ، ماين ، ئانژۇ قاتالىق جايلىرىغا قايتا تىخىمۇ كۆپ تەسىر كۆرسىتىپ ، فىرانسىيەنى تىخىمۇ قاتتىق كونتىرول قىلىش مەخسىتىدە فىرانسىيەنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىدۇ ، بۇ ئىش فىلاندىر مەسلىسىدە ( فىلاندىر ئەينى يىللىرى شەكىل جەھەتتىن فىرانسىيەنىڭ زىمىنى لىكىن ئەمىلىيەتتە ئۇ بىر مۇستەققىل ھاكىمىيەت يەنە كىلىپ ئۇنىڭ ئەنگىلىيە بىلەن بولغان قويۇق سودا مۇناسىۋىتىمۇ بولغان يەنى ئەنگىلىيەنىڭ قوي يۇڭلىرى فىلادىردىكى توقۇمچىلىق كەسىپلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارنىڭ ئاساسلىق خام ماتىريالى ئىدى ، شۇڭا ئەنگىلىيە فىلادىرنىڭ فىرانسىيەنىڭ قولىغا چۈشۈپ كىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن پۈرسەت تاپسىلا فىرانسىيەنىڭ فىلادىرغا بولغان تەسىرىنى تازىلاشقا ئۇرىناتتى ) ئاللىبۇرۇن دەز كەتكەن ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى سەۋىر يىپىنى ئۈزىۋىتىپ مارافونچە ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشىغا سەۋەپ بولىدۇ ، ئەمىلىيەتتە بۇ قىتىملىق ئۇرۇشتىنمۇ ئۇزاق تارىخقا ئىگە "جەڭ"مۇ بار ئۇ دەل پۇتبول ؛ رۇسلان ئىيقاندەك پۇتبۇل ئۇقۇمى بارلىققا كىلىشتىن بۇرۇنلا دۇنيادا جەڭ ئۇقۇمى بار ئىدى ، بىر مەيدان مۇسابىقىنىڭ باشلىنىپ ئاخىرلىشىشىغا 116 يىل كەتمىسىمۇ لىكىن پۇتبۇل جىڭى ئوقۇمىنىڭ بارلىققا كەلگىنىگە ، ئىس تۈتەكسىز جەڭ تۈسىنى ئالغىنىغا 116 يىلدىن ئۇزاق ۋاقىت بولدى دىسەك خاتالاشمايمىز شۇنداقلا بۇ ئۇرۇشنىڭ مەڭگۈ تۈگەپ كەتمەسلىكىنى ، تىخىمۇ كەسكىن ، تىخىمۇ ئۇزاق ئىلىپ بىرىلىشنى سىز ۋە مەن ئارزۇ قىلىمىز ئەلۋەتتە ؛ بۈگۈن مەن جەڭ خاتىرلىرى ئىچىدىن كوللىماتسىيە نۇقتىسىغا چىقىپ " ئىس تۈتەكسىز " جەڭنى قويۇق ئىس تۈتەك بىلەن بىزىگەن بىر قانچە مەيدان نادىر جەڭلەرنى تونۇشتۇرماقچى ؛
ئەسكەرتىش مەزكۇر تەرتىپنى ئۆزۈم تۈزۈپ چىققان ئىلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ئىناۋەتسىز ، تەرتىپنى تۈزۈشتە كۆرۈنۈش بار يوقلىقى ئاساس قىلىندى، بىرقىسىم تىخىمۇ يارقىن جەڭلەرنىڭ سىنئالغۇ لىنتىسى بولمىغاچقا قالدۇرۇلدى ؛
1. سەن دەپ باقە ، قىنى كىم قىرى مىكيان ؟ (1994-يىلى )
رومارىئو VS سىمونى
" بىز ھەممىمىز ئارگىنتىنالىقلارنى ئوبدان چۈشىنىمىز ، ئاۋۋال سىمونى مىنى تەپكەن كىيىن مەن ئۇنى بىر مۇش ئۇردۇم ئاندىن رىپىر مىنى مەيداندىن چۈشۈرىۋەتتى ، بۇنىڭ نەرى خاتا ؟ " مانا بۇ تەنھا بۆرىنىڭ بارسا بىلەن سىۋىللا ئوتتۇرسىدىكى مۇسابىقىدە نىمە ئۈچۈن قارشى تەرەپ ئەزاسى سىموننى بىر مۇش قويغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن چاغدا قىلغان ئاددى سۆزى ؛ فىلامىنگو كۇلۇبىغا يۆتكەلگەندىن كىيىن يەنى 2002-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە سەپدىشى ئاندىرى ناھايتى ياخشى پۇرسەتتىن بىرنى كەتكۈزۈپ قويغىنىدا " دوست – دۈشمەنلەر " نىڭ ئالدىدا سەپدىشىنىمۇ ئاياپ قويماي بىر كاچات سىلىپ ، شەخسى ئادۇكاتىنىڭ تۆھپىسى بىلەن قانۇننىڭ جازاسىدىن قۇتۇلۇپ قالغان بولسىمۇ ، قولى قىچىشىپ تۇرىدىغان رومارىئو ئارىدىن تىخى 1 يىل ئۆتمەستە بىر قىتىمىلق مەشىقتە ئۆزىنى قىرى مىكيانغا ئوخشاتقان مەستانىنى ئىككىلەنمەستىن كۆرۈش سەھنىسىگچە قوغلاپ بىرىپ ئاغزى بۇرنىنى قان قىلىۋىتىدۇ ، " مىنىڭ مەھەللەمدە مىنى زاڭلىق قىلىش ئىككى خىل ئاقىۋەت ئىلىپ كىلىدۇ بىرى قارشى تەرەپ دوختۇردا ياتىدۇ ، ئىككىنچىسى مەن سولاقتا " مانا بۇ 37 ياشلىق تەنھا بۆرىنىڭ سۆزى .
2.سىرىبلار + كىرودىيلىكلەر = ھەقىقى جەڭ ( 1999- يىلى )
سىربىيە VS كىرودىيە
تەقدىر بەزىدە راستىنلا قىززىقچى ، 2000-يىللىق ياۋرۇپا لوڭقىسىنىڭ سالاھىيەت مۇسابىقسىدە ئىككى سىياسى رەقىب بىر گورۇپپىغا بۆلىنىپ قالىدۇ ، زاگرىپتىكى بىر مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككى كوماندا بىر مەيدان غەلبە ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ياۋرۇپا لوڭقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيتىنى مۇستەھكەملەشنى ئويلىشىۋاتقاندا ، پىشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ لوزۇنكىغا يىزىپ كىرگەن ئىچكى ئۇرۇش شۇئارلىرى بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ چوقۇم ئىس تۈتەكسىز بولمايدىغانلىقىنى كوماندا ئەزالىرىغا ئەسكەرتتى ، ئالدىنقى يىرىم مەيدان مۇسابىقە ئاخىرلىشىشىغا ئاز قالغاندا كىرودىيەنىڭ يان ھۇجۇمچىسى جانى سىرىبىيەنىڭ بىكى مىركوۋىچ بىلەن توپ تالىشىۋاتقاندا قائىدىگە خىلاپلىق قىلىپ رىپىرنىڭ پۈشتەك چىلىشىغا سەۋەپ بولىدۇ ، ئىغىر بىسىقلىقى بىلەن مەھشۇر بولغان مىركوۋىچ كىرودىيلىكلەرنىڭ بىرسىنىڭ بولسىمۇ " ئۇرۇقى " نى قۇرىتىۋىتىشنى ئويلىدىمۇ قانداق ئورنىدىن قوزغۇلۇپلا جانىنىڭ جان يىرىنى قاتتىق سىقىۋىتىدۇ ۋە رىپىرنىڭ قىزىل سوۋغىتىنى ئىلىپ مەيداندىن ئايرىلىۋاتقىنىدا تىرىنىرىنىڭ قوللىشىغا ئىرىشىدۇ ، مەيدان چىقىۋىتىپمۇ سىرىبلارنىڭ ئەنئەنىۋى قول ئىشارىتى ئارقىلىق مەستانىلىرىگە سالام بىرىشنى ئۇنىتمايدۇ ، بىلگىرادقا قايتقىنىدا بولسا ئىرىشكىنى قەھرىماننى قارشى ئىلىش .
3. بالقان يىرىم ئارىلىدىكى توقۇنۇش ( 1990- يىلى )
زىۋونىۋىر بوبەن VS سىربىيە ساقچىسى
بوبەن ئەينى يىللىرى تىخى پارچىلانمىغان يۇگۇسلاۋىينىڭ ئىمتۇسكى شەھرىدە تۇغۇلغان ،زاگرىپنىڭ دىپدىنامو كۇلۇبىدا كەسپى ھاياتىنى باشلىغان ، كىرودىيە شۇنداقلا مىلاننىڭ ئوتتۇرا مەيدان يادروسى ، يەنە كىلىپ ئۇ ئۇچچىغا چىققان مىللەتچى ( كىرودىيە تىخىچە يۇگۇسلاۋىيەنىڭ كونتىروللىقىدىكى چاغدىلا ، ئۇنىڭ ئىددىيسىدە كۈچلۈك مۇستەققىللىق قارىشى تىكلەنگەن ) ؛ مىللەتچىلىك كۆز قارىشىنىڭ كۈنسىرى كۈچيشىگە ئەگىشىپ ، توقۇنۇشنىڭ بولىشى پەقەت ۋاقىت مەسلىلسىلا بولۇپ قالغانتى خالاس ، بىراق ھىچكىممۇ مۇشۇ بىر مەيدان مۇسابىقىنى ، كىينىكى كۈندىكى ئىچكى ئۇرۇشقا باغلاپ سۆزلەشنىڭ كىيىنكى كۈنلەردە نورمال ئىش ھىساپلىندىغىنى ئويلاپمۇ باقمىغان ، ساقچىلارنىڭ ئوغۇرلۇقچە ئىلىپ كىرىلگەن تاش ۋە كىسلاتادىن مۇداپىيەلىنىش توسۇقىنى يىشىل مەيدانغا ئىلىپ كىرىشى ، مەيدان سىرتىدىكى مەستانىلەرنىڭ مۇددەتتىن بۇرۇن بەدەن قىزىتىشىنىڭ ئۆزىلا بۇ بىر مەيدان مۇسابىقىغا قويۇق مۇخ پۇرىقىنىڭ ئارلاشقىنىنى ئىسپاتلاشقا يىتەتتى ؛ 1990-يىلى بوبەن كۇلۇبىغا ئەگىشىپ يۇگۇسلاۋىينىڭ قىزىل يۇلتۇز كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشكىلى كىلىدۇ ، مۇسابىقە جەريانىدا مەيدان سىرتىدىكى مەستانىلەرنىڭ توقۇنىشى تۈپەيلىدىن مەيدان ئىچىدىكى مۇسابىقىنىمۇ نورمال ئىلىپ بىرىشقا مۇمكىن بولمىغانلىقى ئۈچۈن ، سىرىب ساقچىلىرى مەيداندىكى دىپدىنامۇ كۇلۇبى ئەزالىرىنى تارقىتىۋاتقىنىدا ، كوماندا باشلىقى شۇنداقلا كوماندا يادروسى بوبەن بىر سىرىب ساقچىسىغا تىپىك " جۇڭگۇ گۇمپىسى " ماھارىتى بىلەن ھۇجۇم قىلىپ بىر كىچىدىلا كىرودىيلىكلەرنىڭ مىللىي قەھرىمانىغا ئايلىنىدۇ .
4. ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك ( 2006-يىلى )
ئارگىنتىنا VS گىرمانىيە
" ئارگىنتىنا VS گىرمانىيە " بۇ خەتنى كۆرگەن ھەرقانداق كىشىنىڭ ئىسىگە ئالدى بىلەن 19 يىل ۋە 23 يىل ئىلگىرىكى دۇنيا لوڭقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى كىلىدۇ ، لىكىن 2006- يىلىدىكى بىر مەيدان 4 كۈچلۈككە كىرىش مۇسابىقىسىنىڭ جەريانى شۇنداقلا نەتىجىسى كىشىلەرگە بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭمۇ ئەستە تۇتۇش قىممىتىنىڭ بارلىقىنى ھىس قىلدۇردى ، ئەزەلدىن شاللاش باسقۇچىدىلا تۇتۇشۇپ كۆرگەن ئىككى زومىگەرنىڭ مۇددەتىن بۇرۇن 4 كۈچلۈكتە ئۇچۇرۇشىپ قىلىشى 06دىكى مۇسابىقىنى مۇددەتتىن بۇرۇن قىزىتىش بىلەن بىرگە ئىككى كونا رەقىبنىڭ تار يولدا ئىلىپ بارغان ئۇرۇشنى رەھىمسىز نۇقتا توپ بىلەن ئايرىشقا ئىلىپ باردى ، 4:2 نەتىجە بىلەن غەلبە قىلغان گىرمانىيلىكلەر غەلبىنى تەبرىكلەۋاتقىنىدا ، پامپاس بۈركىتدىكىلەر دەردىنى چەكتىن ئاشقان ھەركىتى بىلەن ئۇلارنىڭ چىشىغا تەگكەن بوروۋىسكىيدىن ئىلىش نىيتىدە ئۇنى ئىزدەۋاتقىنىدا ئارگىنتىنانىڭ ئەزەلدىن مەيدانغا چۈشۈپ باقمىغان زاپاس ئەزاسى كۇپىر كۆرۈش سەھنىسىنىڭ قاپ ئوتتۇرىدا نىمىسلارنىڭ ئوتتۇرا بىكى مىتساكىرنى تىپىپ قويۇپ " ئارا – نۇمۇس " نى ئاقلاش جىڭىغا پۈشتەك چالىدۇ ، پۈشتەك ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئىككى تەرەپنىڭ سەرۋاز لەشكەرلىرى بەدىنىنڭ تىخى سوۋۇپ كەتمىگەن پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ توقۇنۇشقا ئاكتىپ ئاۋاز قوشىدۇ .
5. تۇيۇقسىز زەربە ( 2007-يىلى )
ئىنتىر VSۋالۇنسىيا
2004-يىلىدىكى ئۇزغۇنلار لوڭقىسىنىڭ گورۇپپا مۇسابىقىسىدىلا بۇ مەزمۇندىكى ئىككى باش پىرسۇناژ تىرىپ قويغان ئاداۋەت ئۇرقى ئارىدىن 3 يىل ئۆتكەندىن كىيىن " مول ھوسۇل " بەردى ، يەنى 2007-يىللىق ئۇزغۇنلار لوڭقىسى 8كۈچلۈككە كىرىش ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىسىدە ۋالۇنسىيا مىھمان مەيداندا كىرگۈزگەن توپ ئۈستۈنلىكىگە تايىنىپ غەلبە قىلىش بىلەن بىرگە ئىنتىرغا كۆتۈرەلمىسە ساڭگىلتىۋىلىشنىڭ تەمىنى تىتىپ قويىدۇ ، مۇسابىقە ئاياقلىشىغا ئاز قالغاندا ئىنتىردىكىلەر ۋالۇنسىيا ئەزالىرىنىڭ يالغان يارلىنىپ ۋاقىتنى سوزغىنىغا قايىل بولمايدۇ ، مۇسابىقە ئاياقلاشقاندىن كىيىن ۋالۇنسىيادىكى ئىسپانىيلىك ماچنا قەستەن ئىغىۋاگەرلىك تىرىپ بۇردىسو بىلەن يەكمۇيەك تۇتۇشۇپ بىقىشقا بەل باغلىغىنىدا ئىككى تەرەپ كوماندا ئەزالىرى ئۇلارغا بۇ مەيدان مۇسابىقىنىڭ بوكىس مۇسابىقىسى ئەمەسلىكىنى ئىيتىپ ئۇلارنى ئايرىۋاتقان چاغدا ۋالۇنسىيادىكى ناۋارو ئىتىلىپ كىلىپ بۇردىسوغا تۇيۇقسىز زەربە بىرىپ " مول ھوسۇل " غا ئوغۇت بىرىدۇ ( ما گۇينىڭ قوزغىلىش تىزلىكى ھەقىقەتەن تىزكەن ، ئىنتىردىكى كىروس ، مايكون ، كىردوبا قوغلاپمۇ ، پۇتلاپمۇ يىتەلمىدى ) ، ئارقىدىنلا ئىككى تەرەپ ئەزالىرىرىنىڭ توقۇنىشى يۇقۇرى پەللىگە چىقتى ، مەيداندا سوقۇشۇپ قانمىغان ئىنتىردىكى تولدو ، فىگو ۋە كانبىياسولار ۋالۇنسىيانىڭ كىيىم ئالماشتۇرۇش ئۆيىگە كىرىپ " داۋلى " سۆزلەپ چىقىدۇ ، ئاخىرىدا ئىككى كوماندىنىڭ ئىرىشكىنى : ۋالۇنسيا ئۇزغۇنلار لوڭقىسىدا داۋاملىق ئالدىغا قاراپ مىڭىش بىلەن بىرگە ناۋارونىڭ 7ئاي مۇسابىقىدىن چەكلىنىشى ، ماچنانىڭ تۆت مەيدان ئۇزغۇنلار مۇسابىقىدىن چەكلىنىشى ، ئىنتىرنىڭ بولسا شاللىنىش بىلەن بىرگە بۇردىسو ، مايكون ، كىردوبا ، كىروسلارنىڭ ئايرىم ئايرىم ھالدا ئۇزغۇنلار لوڭقىسىدا بىر قانچە مەيدان چەكلىنىشى بىلەن ھوسۇلنى يىغىپ ئۆيلىرىگە قايتىش بولدى .
6.جۇڭگۇ تىياتىرى لوندوندا (2007-يىلى )
جۇڭگۇ ئولۇمپىك VS ئايال پادىشاھ باغچا كوماندىسى
2007-يىلى 6-ئايدا جۇڭگۇ ئولۇمپىك كوماندىسى يۈكسەك غايىۋى ئارزۇغا قاتتىق مەشىقسىمان مۇسابىقىنى بىرلەشتۈرۈپ ،2008- يىلى ياخشى نەتىجىنى يارىتىش مەقسىتىدە لوندونغا قونىدۇ ، لوندونغا كىلىپ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە چېلسىنىڭ زاپاس ئەزالىرى بىلەن بىرگە مۇسابىقە ئويناش جەريانىدا قارشى تەرەپ ئەزالىرى بىلەن توقۇنۇشۇپ قالىدۇ ، جۇڭگۇ كوماندىسىدىكىلەرنىڭ قورساق كۆپۈپى تىخى بوشىمىغىنىدا ، كىم بىلسۇن ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي لوندوندىكى ئىككىنچى مەيدان مۇسابىقىدە ئالدىنقى مەيداندا ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقى پۇت – قول تىخنىكىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئورۇندىيالمىغان جۇڭگۇ كوماندىسى بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئايال پادىشاھ باغچا كوماندىسىدىكىلەرگە ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگۇ گۇمپىسىنى تۇنۇتۇپ قويۇش غەرزىدە مۇسابىقە داۋاملىشىۋاتقىنىدا ئويۇننى باشلايدۇ ، ئويۇن باشلىنىشى بىلەن ئىككى تەرەپنىڭ تىرىنىرىدىن تارتىپ زاپاس ئەزاغىچە ئاكتىپ پوزىتسىيەدە بولىدۇ ؛لىكىن رەھىمسىز نەتىجە ئۇلارغا رەقىبىنى خاتا تاللاپ قويغانلىقىنى ھىس قىلىدۇ ، توقۇنۇشتىن كىيىن جۇڭگۇ كوماندىسىدىن چىن تاۋنىڭ باش ۋە كۆزى يىرىلىدۇ ، جىڭ تاۋنىڭ ئىڭىكى ئىغىر يارلىنىش بىلەن بىرگە نەق مەيداندا ھۇشىدىن كىتىدۇ ئۇنىڭدىن باشقا كوماندا ئەزالىرىمۇ ئوخشىمىغان دەرجىدى يارلىنىدۇ ، قارشى تەرەپتىن بولسا قان چىققىنىدىن بىرىمۇ يوق .( بۇلار راستىنلا خاتا تاللاپ قويغان چىغى بار ئەسلىدە قارشى تەرەپ مىيىپلار پۇتبۇل مۇسابىقىسىگە چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ قاتنىشىدىغانلار بولسا ، قورساق كۆپۈكى چىقىپمۇ قالاتتىكەن)
7.يامايكىنىڭ دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش " قىزغىنلىقى " ( ۋاقتى نامەلۇم )
2005-يىلى بىر يىل ئىچىدە مەزكۇر دۆلەتتە 1500ئادەم توقۇنۇش سەۋەبلىك ئۆلتۈرۈۋىتىلگەن ، يۇقۇرقى بىر جۈملە سۆزگە بۇ بىر مەيدان ئاددى دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش مۇسابىقە جەريانىدىكى ئىككى تەرەپ ئىشلەتكەن ھەركەت شۇنداقلا " سايمانلار " نى باغلاپ كۆرسىڭىز ، بۇ مەيدان مۇسابىقىنى قانداقلا قىلماڭ پۇتبۇل مۇسابىقىسىگە ئوخشىتالمايسىز ، شۇنداقلا 1500 دىگەن ئاۋۇ سانغا ھەيرانمۇ قالمايسىز؛
8. ئەڭ ئۇزۇن قوشۇپ بىرىلگەن ۋاقىتنىڭ بارلىققا كىلىشى (2004-يىلى )
يەرلىك يۇلتۇز VS موسكىۋا مەركىزى قۇرۇقلۇق ئارمىيسى
بۇ ئەسلىدە ئىنتايىن نورمال بولغان بىر مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقە ، لىكىن مەركىزى قۇرۇقلۇق ئارمىينىڭ ھۇجۇمچىسى جىرچىنكو ( كىيىنكى كۈنلەردە يەرلىك يۇلتۇزغا يۆتكەلگەن ) مۇسابىقە داۋاملىشىپ 88-مىنۇتقا كەلگەندە ئۇرغان ھەل قىلغۇچ بىر توپى ئىككى تەرەپ ئەزالىرىنىڭ قىنىنى قىزىتىپ قويدى ، ئىككى تەرەپ ئاران ئۆزىنى بسىپ تۇرغىنىدا رىپىرنىڭ يەرلىك يۇلتۇز كوماندىسىغا بىر مۇنازىرە تەلەپ قىلىدىغان ئىختىيارى توپ قويۇپ بىرىشى " ئوت ئۈستىگە ياغ چاچتى " ، ئىختىيارى توپ تىخى باشلانماستا جەڭگى – جىدەل باشلاندى ، مەزكۇر جىدەلنىڭ كۆلىمى چوڭ ، قاتناشقان ئادەم قىتىم سانى كۆپ ( تىرىنىردىن تارتىپ بىر قىسىم مەستانىلەرگىچە قاتناشقان ) ، ۋاقتى ئۇزۇن ( باشلانغاندىن ئاخىرلاشقىچە 20مىنۇتقا يىقىن ۋاقىت كەتكەن ) نەتىجىسىنىڭ كۈلكىلىك بولۇش ( رىپىر پەقەت 4لا ئادەمگە قىزىل كارتا بىرىپ مۇسابىقىنى داۋاملاشتۇرغان ) ، ئەڭ ئۇزۇن قوشۇپ بىرىلگەن مۇسابىقە ۋاقتىنى بارلىققا كەلتۈرۈشتەك ( 18 مىنۇت ) ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن پۇتبۇل جەڭلىرىنىڭ ئىچىدە ئالاھىدە ئورۇن تۇتىدۇ .
9.رۇخسەت سوراپ توي قىلىش (2000-يىلى )
پىنارول VS خەلق كوماندىسى
10 ئادەم بىلەن جەڭ قىلىپ بىر نۇمۇر ئىلىپ 99-00 ئۇراگىۋاي بىرلەشمىسىنىڭ چىمپىيونى بولغان پىنارول ئۇراگىۋاي بىرلەشمە دىربىسنىڭ ئەڭ يۇقۇرى دولقۇنىنى ياراتتى ، مۇسابىقە جەريانىدىكى بىر قىسىم كىچىك سۈركىلىشلەرنى ھىساپقا ئالمىغاندا بۇ مەيدان مۇسابىقە ھىساپتا نورمال ئىلىپ بىرىلغانتى ، جىدەلنى ئايرىپ ئۆزىنىڭ ئەزالىرى بىلەن غەلبىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن مەيدان ئىچىگە كىرگەن پىنارول كوماندىسى تىرىنىرى خۇرىئو لىباسنىڭ قارشى تەرەپ ئەزاسىنى بىر مۇش سىلىشى بىز ئالدىدا ئىيتىپ ئۆتكەن نورمال سۆزىنىڭ ئالدىغا " بى " خىتىنى قىتىشىمىزغا مەجبۇر قىلدى ؛ جەڭ باشلاندى ، باشلانغاندىمۇ ھەقىقى جەڭگە چۈشكەن جەڭچىلەردەك سۈر ھەيۋىسى بىلەن ئىككى تەرەپ ئەزالىرىنىڭ قاتتىق ئىلىشقانلىقىنى كۆرگەن نەق مەيداندىكى بىر فىدىراتسىيە سوتچىسى ئامالسىز بارلىق تەنھەركەتچى شۇنداقلا تىرىنىرلارنى قولغا ئىلىشقا بۇيرۇق قىلدى ، نەتىجىدى لىباس بىلەن بىرگە 9 نەپەر پۇتبۇلچى قولغا ئىلنىپ ھەپتە تۈرمىدە ياتتى ، ئۇلار تۈرمىدىكى چاغدا ئىككى تەرەپ مەستانىلىرى سوت سىرتىدا نامايىش قىلدى ، خەلق كوماندىسىدىكى مارىئو رىگىرو تۈرمىدىن بىر كۈنلۈك رۇخسەت سوراپ ئۆزىنىڭ تويىنى قىلىۋالدى ( بىچارە بايقۇش ).
10. مارادونانىڭ ئۆچ ئىلىشى ( 1984-يىلى )
بىرباد رىقابەت VS بارىسلونا
ئىلگىرى بارسادا نەتىجە قازانغان گىرمانىيلىك شۇستىر بىرباد رىقابەتكە مۇنداق باھا بىرىدۇ " ھەر قىتىم بىرباد رىقابەتنى ئۇچىراتقىنىمدا كورىيەگە بارغاندەك تۇيغۇغا كىلىمەن " ( بۇ خەنچە گەپنىڭ مەنىسىنى توردىن ئاختۇرسام ، ئەينى يىلى يەنى 1984-يىلى كورىيە تىخى يىڭىلا چاۋشەن ئۇرۇشى مەزگىلىدىن قالغان ھەربىيچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تۈزۈمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانكەن ، شۇستىرنىڭ كۆزدە تۇتقىنى ھەقىقى ئىچكى ئۇرۇش ئوخشايدۇ ) ، ئۇنىڭ بىرباد رىقابەتكە بۇنداق باھا بىرىشىدە ئۇنىڭ كۆزدە تۇتقىنى 1984-يىلىدىلى بىرباد رىقابەت بىلەن بولغان پادىشاھلىق لوڭقىسىنى تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ، شۇستىر ئاشۇ مەيدان جەڭدىكى بىر ئەزا لىكىن بۇ بىر مەيدان جەڭدىكى باش پىرسۇناژ باشقا بىرسى ئەمەس دەل مارادونا ؛ مارادونانىڭ ئىسپانىيگە كىلىپلا 106كۈن ئارام ئىلىشىغا يەنى ئۇنىڭ پۇتىنى سۇندۇرۋىتىشىگە سەۋەب بولغان كىشى دەل بىرباد رىقابەتتىكى گوگىرچا ( كىيىن بارسادا بىر مەزگىل توپ تەپكەن ) ، قايتا مەيدانغا قايتىپ كەلگەن مارادونا ھىچقاچان گوگىرچانىڭ بۇ كاتتا ئىلتىپاتىنى ئۇنتالمايدۇ ھامان پۇرسەت تىپىپ ئۇنىڭدىن ئۆچ ئىلىشنى ھەر ۋاقىت ئىسىدىن چىقارمىغان مارادوناغا تەڭرىم ئوبدان پۇرسەتتىن بىرنى يەنى پادىشاھلىق لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى يارىتىپ بىرىدۇ ، بۇنداق پۇرسەتنى غەنىمەت بىلگەن پادىشاھ توپ تالاشقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قارشى تەرەپ ۋارىتارسىنىڭ يۈزىگە بىرنى تىپىدۇ شۇنىڭ بىلەن مارادونانىڭ قورساق كۆپۈكىنى بوشىتىش جىڭىگە پۈشتەك چىلىنىدۇ ، نەتىجىدە بىرباد رىقابەت لوڭقىغا ئىرىشىدۇ ، بارسا بولسا ئۇرۇش غەلبىسىگە ؛ |
-
ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 180
باھا خاتىرىسى
|